باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3604 
  •    ئىنكاس 
       19 

قىزىمنىڭ يۈرەك سۆزلىرى(saptilak)

قەۋەت ئاتلاش
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33171 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3039 (قېتم)
 تۆھپە:   2748  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7072
 سائەت
دەرىجىسى:
7072 سائەت 328 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-01-19
— بۇ يازما AnaTuprak تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-11-18) —

(قىزىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىدىن)
ئاپتۇرى مۇنبىرىمىز باشقۇرغۇچىسى: ساپتىلەك
     ئىلاۋە: مۇنبەردىكى نۈرغۇن قىرىنداشلىرىمنىڭ پەرزەنتى بار، يەنە بەزىلەرنىڭ پەرزەنتى بولۇش ئالدىدا. شۇڭا مېنىڭ بۇ ئەسىرىمدىن پەرزەنت تەربىيلەش جەريانىدا پايدىلىنىشقا تىگىشلىك جايلىرىدىن پايدىلىنىشى ئۆمۈد قىلىپ بۇ ئەسەرنى يازدىم.  قىنى مەرھەمەت قىلغايسىلەر.  cLl~4jL  
      مەن ھەممە نەرسىدىن ماختىنىشقا ئامراق. يەنە كىلىپ قىزىمدىن ماختىنىشقا تېخىممۇ ئامراق. بۈگۈن ھاۋا شۇنچىلىك ئۇچۇقكى ھەتتا ئاسماندا ئالقانچىلىكمۇ بۇلۇت يوق ئىدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا كۆڭلۈممۇ خۇددىي ئاسماندەك ئۇچۇق ھەم يۇرۇق ئىدىكى خۇشاللىقىم ئىچىمگە سىغمايتتى. نەچچە كۈندىن ئۇچۇرغانلا ئادەمگە  «قىزىمغا بىيجىڭدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چاقىرىق كەلدى»  دەپ ماختانغان بولسام، مانا بۈگۈن خىزمەتداشلىرىمغا يۈزتۇرانە، ئۇچۇرتالمىغان دۇست ۋە ساۋاقداشلىرىمغا تېلىفۇندا قىزىمغا چىدىمىغاچقا ئۇرۇمچىدىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بەرگەنلىكىمنى ئاغزى-ئاغزىمغا تەگمەي ماختاندىم. نەچچە كۈن ئۆتۈپ قىزىمنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇرۇق-تۇققانلارنى، دۇست-بۇرادەرلەرنى ئۆيگە مېھمانغا چاقىرىپ ئۇلارنى خۇشاللىقىمغا  ئورتاقلاشتۇرماقچى ھەم قىزىمنى ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولدۇم ھەم دېگىنىمنى قىلدىم. بازاردىن نەچچە قور ئېسىل كىيىم-كىچەك سېتىۋىلىپ چامادانلىرىغا قاچىلىدىم. قىزىمنىڭ «ئاپا، بىزنى مەكتەپتە زىبۇ-زىننەت ئاسقىلى قويمايدۇ» دېگىنىگە قويماي، بىر دانا سېرىق ئالتۇن زەنجىر، بىر دانا سېرىق ئالتۇن ئۇزۇك، بىر دانە سېرىق ئالتۇن ھالقا ھەم بىر يۇرۇش قىزىل ئالتۇندىن زىننەت بويىمى ئېلىپ، قىممەت باھالىق سىپتە ئىشلەنگەن زىبۇ-زىننەت قاپچۇقىغا سېلىپ، ئۇنىمۇ چامادانغا قاچىلىدىم. قىزىم يولغا چىقار چاغدا مەكتەپتە ئېسىل كىيىنىپ يۇرىشىنى، ئۇرۇمچىلىك بالىلار ئالدىدا چېنىپ قالماسلىقنى، پۇلنىڭ تۇگەپ كېتىشىدىن ۋايىم يىمەسلىكنى، مەكتەپنىڭ ئوخشىمىغان تاماقلىرىنى يېمەي، سىرتتىكى تىز تاماقخانىلاردا ئوبدان تاماقلارنى يېيىشىنى، بالىلارغا بوزەك بولماسلىقنى قايتا-قايتا جىكىلىدىم. مەن نېمە دىسەم ماقۇل دەپ كۇنگەن، مەن بولمايدۇ دېگەن ئىشنى قايتا تىلغا ئالمايدىغان قىزىم يەنە ماقۇل دەپ تۇردى. ئاپدۇبۇس قوزغالدى. قىزىم بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ، يىنىشلاپ قۇچاقلىشىپ خۇشلاشتىم. دادىسىنى سىز ئاپىرىپ قويۇڭ دېگىچە ئۆزەم ئاپىرىپ قويۇپ كەلمىگىنىمگە بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم.   i4,p\rE0  
      ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۆي ماڭا تولۇمۇ «سۇرۇن» بىلىندى. قولۇمغا ھېچ ئىش بارمايتتى. قىزىمنى ھېلىتىن سېغىنىپ، ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردىم. ئۇ ياتقان ياستۇقلارنى پۇرۇدۇم. ئۇ ئىشلەتكەن كىتاپلارنى بىر قېتىم سېلاپ چىقتىم. توساتتىن كىتاپلار ئارىسىغا تىزىلغان نەپىس ئىشلەنگەن بىر خاتىرىگە كۆزۇم چۈشتى. خاتىرىنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ قىزىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى ئىدى. كۆڭلۈمدە «قىزىم بۇنى نېمىشقا ئۇنتۇپ قالغاندۇ؟ بۇنىڭغا نېمىلەر يېزىلغاندۇ؟» دەپ ئويلىدىم. بىر خېل قىزىقىش ئىچىدە خاتىرىنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم.   cd1G.10  
7n6g;8xE  
2003-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى (سەيشەنبە)
     بۈگۈن ھاۋا ئۇچۇق. مۇئەللىم بىزگە بۇنىڭدىن كېيىن كۈندىلى خاتىرە يېزىپ مىڭىشنى ئادەت قىلىشىمىزنى ۋە كۈندىلىك  خاتىرىنى قانداق يىزىش كېرەكلىكىنى ئۈگەتتى.  مۇئەللىمنىڭ دېيىشىچە كۈندىلىك خاتىرىنى كۈندە يېزىشىمىز زۇرۇر ئەمەسكەن، پەقەت بىزگە تەسىر قىلغان ئىشلارنى يېزىشىمىز كىرەككەن. مەن بۈگۈندىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يازىمەن.    a3<:F2=~\  
  /O}<e TR  
2003-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى (پەيشەنبە)
     بۈگۈن مەكتەپتە تەنتەربىيە مۇسابىقىسى بولماقچى ئىدى. مېنىڭ بۇ مۇسابىقىغا شۇنداق قاتناشقىم بار ئىدى، بىراق ئاپام «سىز بەك ئورۇق، ئۇنىڭغا قاتناشسىڭىز ئاغرىپ قالىسىز، شۇڭا قاتناشسىڭىز بولمايدۇ» دەپ ئۇنىمىدى. كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولسىمۇ ئاپامغا يەنە دىيەلمىدىم. چۈنكى قايتا دېسەممۇ ئاپام بەرىبىر ئۇنىمايدۇ. مەن مەيۇس ھالدا مەكتەپكە باردىم. تۇيۇقسىز مۇئەللىم ئاپىڭىزنىڭ يېنىغا بېرىڭ دېدى. مەن ئاپام مۇسابىقىمىزنى كۆرگىلى كەپتۇ دەپ بەك خۇش بولدۇم، لىكىن ئەھۋال ئۇنداق ئەمەسكەن. ئەسلى ئاپام مېنى ئىككى كۈنلۈك سوراپ، ئالغىلى كەلگەن ئىكەن. مەن ئاپامغا مۇسابىقىغا قاتناشمىدىم، پەقەت مۇسابىقىنى كۆرسەم بولدى دېگەن بولساممۇ ئەمما ئاپام ئاپتاپتا ئولتۇرۇپ ئاغىرىپ قالىسىز دەپ مېنى مەجبۇرى ئىشخانىغا ئەكەتتى. بىر كۈن كەچكىچە ئاپامنىڭ ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇق ئىشلىگەچ زېرىكىپ ئولتۇردۇم. كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ يىغلىۋىتەي دەپ قالدىم. شۇ تاپتا سىنىپتىكى دۇستلىرىم تازا خۇشال ئويناۋاتقاندۇ.   WA8<:#{e  
   U_(>eVi7F  
     قىزىمنىڭ يازغانلىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈمدە «ۋۇي، ئەخمەق قىزىم» دەپ ئويلىدىم.  C)z4Cn9#  
^;RK-)  
2003-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى (يەكشەنبە)
     بۈگۈن بىر كۈن رىستۇراندا ئاپامنىڭ كەينىدە يۇردۇم. كۆڭلۈمدە تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىسام مۇئەللىمدىن تەنقىت ئاڭلاشنى ئويلاپ قورقاتتىم. كەچ بولۇپ، ئۆيگە قايتتۇق. مېنىڭ شۇنداق ئۇيقۇم كىلىپ كەتتى، بىراق تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولمىسام بولمايدۇ-دە، ئىلاجىسىز تاپشۇرىقىمنى ئالدىم. تاپشۇرۇقنىڭ جىقلىقىنى كۆرۈپ، ئىشلەپ بولالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ يىغلاپ كەتتىم.  ئاپام مېنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇخلىسام بولىدىغانلىقىنى، تاپشۇرۇقىمنى ئۆزى ئىشلەپ قويىدىغانلىقىنى ئىيتتى.  بىراق مەن ئۇنداق قىلسام مۇئەللىم ئۇقۇپ قالسا تىللايدىغانلىقىنى ئىيتقان بولساممۇ ئاپام بىرلا توۋلاپ مېنى يېتىپ ئۇخلاشقا چىقىرىۋەتتى. مەن زادىلا ئۇخلىيالمىدىم. بىر ۋاقىتتا ئازراق ئۇخلاپتىكەنمەن، چۈش كۆرۈپ چۆچۇپ ئۇيغىنىپ كەتتىم. ئاپام تاپشۇرىقىمنى ئىشلەپ يېنىمغا قويۇپ قويۇپتۇ. مەن ئاۋاز چىقارماي ئاستا قوپۇپ، ئۇسەل چىرىقىنى ياندۇرۇپ، دەپتىرىمنى ئېچىپ ئاپامنىڭ چىرايلىق خەتلىرىنى بىرنى قويماي ئۆچۇردۇم ھەم قايتا ئىشلىدىم. تاپشۇرۇقنى تۈگۈتۈپ بۇ خاتىرىنى يازدىم. ئاپا، نېمانداق قىلىدىغانسىز ھە؟ سىزگە نېمىشقا كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دېگىلى قويمايدىغانسىز؟  @|SeabN^-  
     «ۋاي بىچارا قىزىم، شۇ كېچە ئۇخلىماپسىزدە»، كۆڭلۈمدە شۇلارنى ئويلاپ قىزىمغا ئىچىم ئاغىرىپ يۈرىكىم ئاغرىپ كەتتى. 3T)rJEN A  
2003-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى (چارشەنبە)
      بۈگۈن بايرام، مەن ئەتىگەن قوپۇپ، ئاپام ئېلىپ قويغان ئەتلەس كۆينەكنى خالتىسىدىن چىقاردىم، بىراق كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى. ئاپام نېمىشقا كەچكىچە مەن دېگەن ئىشنى ئەينەن قىلىپ بەرمەيدىغاندۇ؟ يا ئاپام مۇئەللىمگە بەك ئۆچمىدۇ؟ مۇئەللىم بىزگە سېرىق ئەتلەس كۆينەك كىيىڭلار دەپ شۇنداق كۆينەكنى مەكتەپكە ئەكىلىپ بىزگە كۆرسەتكەن تۇرسا. ئەمدى قانداق قىلارمەن، مۇئەللىم يەنە خاپا بولىدىغان بولدى. مەن قورقۇپ ھەم جىددىيلىشىپ يىغلاپ كەتتىم. ئاپام مېنىڭ نېمىشقا يىغلىغىنىمنى بىلەتتى. شۇڭا  «ۋۇي ئەخمەق قىزىم، شۇنىڭغىمۇ يىغلامدۇ، مەنچۇ بالام، بىر كىيىمنى ھەممە ئادەم خۇددىي بىر يەردىن تارقاتقاندەك كىيىشىنى ياقتۇرمايمەن، ئۇنىڭ ئۇستىگە سېرىق رەڭ ئادەمگە ئاچمايدۇ، يىغلىماي كىيىپ بېرىۋىرىڭ، قىنى مۇئەللىمىڭىز تىللاپ باقسۇننا، سىزدەك ئەلاچى ئوقۇغۇچىنى باشقا مۇئەللىملەر تالىشىۋاتقاندا شۇ تالاشقان مۇئەللىمنىڭ سىنىپىغا ئەچىقىپ قويىمەن» دېدى. مېنىڭ باشقا سېنىپقا ھەرگىز چىققىم يوق بولغاچقا ئامالسىز ئاپام ئىلىپ بەرگەن كىيىمنى كىيىپ مەكتەپكە باردىم. مۇئەللىم كەلگەنتى، بەك قورۇقتۇم. مۇئەللىم راستتىنلا خاپا بولۇپ ماڭا ئالايدى. كىيىن بىزنىڭ سىنىپنىڭ نومۇر كۆرسىتىش نۆۋىتى كەلگەندە مۇئەللىم باشقا سىنىپتىكى بىر قىزنىڭ كىيىمنى سوراپ ماڭا كەيدۇردى. سىنىپدىكى بالىلارنىڭ ئاپىسىمۇ شۇنداق قىلامدىغاندۇ ھە؟ مەن بۈگۈن پەقەت خۇشال بولمۇدۇم.  ki9&AFs2X  
  r%?-MGc  
      «ۋۇي، شۇ ئىشنى ھەجەپ ئۇخماپتىمىنا. ئېسىت، شۇ ۋاقىتتا ئۇققان بولسام، مۇئەللىمنى تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇراكەنمەن. ھەجەپ نەدىكى بىر يۇندىپۇرۇشنىڭ كىيىمنى قىزىمغا كىيدۇرۇپتا، كېسىلى بولسا يۇخمامدۇ، تېخى قىزىمغا ئالىيىپتۇ، خەپ» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
2003-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى (دۆشەنبە)
     بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. ئەتىگەندىلا ئاپام ئېلىپ بەرگەن ئېسىل كىيىملەرنى كېيىپ، بەك خۇش بولدۇم.   iPTQqx-m$7  
بۈگۈن ئاپام يەنە رىستۇرانغا مېھمان چاقىرغان ئىدى. مانا نۈرغۇن ئاپاش، داداشلار كېلىشكە باشلىدى. مەن يەنە ئاپامنىڭ دېگىنى بويىچە ھەممە ئاپاش، داداشنى سۆيۈپ قويىشىم كىرەك. مۇشۇ ئىشقا بەك بېشىم قاتىدۇ. بىرەر قىتىم تۇغۇلغان كۈنىمدە دۇستلىرىم بىلەن ئوينىغىلى قويسا نېمە بولار ھە؟ مەن بىر كۈن كەچكىچە چوڭلار بىلەن زىرىكىپ ئولتۇرىمەن. داداشلار ھاراق ئىچىپ يا كەتمىگەن. تېخى خوشلىشىدىغاندا داداممۇ مەس بولۇپ قالغان داداشلارنى سۆيۈپ قويۇڭ دېگەن، ئۇلارنىڭ ئاغىزىنىڭ سېسىسقلىقى. خەپ قاچانمۇ چوڭ بولارمەن، چوڭ بولسامغۇ ئاپامغا، دادامغا قىلغۇم يوق ئىشنى قورقماي دىيەلەيتىم.    ma~#E$i&  
'`P%;/z  
      قىزىمنىڭ خاتىرسىنى ئوقۇغانچە كۆڭلۈم بىرقىسما بولۇشقا باشلىدى. R ZY=c  
  2!^=G=H/  
2003-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى (سەيشەنبە)
      بۈگۈن مېنىڭ كۆڭلۈم ئەڭ يىرىم. بۇرۇنمۇ شۇنداق بولاتتى. دادام مەس كىلىپ ئاپام بىلەن ئۇرۇشتى. دادام ئاپامنى بەك ئۇرۋەتتى. ئاپاممۇ يىغلىدى، مەنمۇ يىغلىدىم. دادام نېمىشقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ؟ دادام قاچانمۇ ھاراق ئىشمەيدىغان بولار؟ بىچارە ئاپام مېنى قۇچاقلاپ خېلى ئۇزۇن يىغلىدى. مەن مۇشنداق ۋاقىتتا بىريەرلەرگە قىچىپ كەتكىم كىلىدۇ. مەن بۇ ئۆيدە تۇرغىلى بەك ئۆچ بولدۇم. دادام ھاراقكەش، ئۇرۇشقاق. ئاپام بولسا ماڭا كۆيدۇم دەپ مېنى ھىچنېمە قىلغىلى قويمايدۇ. ياق قىلاتتىم دېسەم ۋارقىراپ خاپا بولىدۇ. مېنىڭ پارتىدىشىم ئايزىبا نېمە دېسە ئاپىسى شۇنى قىلىپ بىرىدىكەن.  مەن كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ يەنە يىغلىدىم.  W`;;fJe  
      بۇ قۇرلارنى ئوقىۋىتىپ ئىخىتىيارسىز يىغلاپ تاشلىدىم.    :(n<c  
   ZRagM'K  
2003-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى (جۈمە)
     بۈگۈن ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى ئاچماقچى ئىدى. ئاپاممۇ دەل ۋاقتىدا كىلىپ بولدى. مۇئەللىم سۆزلەپ بولۇپ ئاخىرىدا «سىنىپىمىزدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى رەناگۈلنىڭ ئاپىسىنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى، ئۇ بىزگە قىزىنى تەربىيلەش جەريانىنى سۆزلەپ بەرسە» دېدى. ئاپام مېنى بىرھازا ماختاپ بولۇپ تۇرۇپلا دادامنى ئەيىپلەپ «بەك ھاراق ئىچىدۇ، تالا ئوينى كۆپ، بالا بىلەن زادى كارى يوق، مۇئاشىنىمۇ ئۆيگە ئەكىرمەيدۇ، شۇڭا بالىنى تەربىيلەش مېنىڭ زىمەمگە چۈشكەن، قىزىم شۇنداق ياخشى بولغىنى بىلەن مۇشۇ دادىسى دېگەن ھاراقكەش تۇزەلسە بولاتتى. ئۇ ۋاقىتتا تىخىممۇ ياخشى بولاتتى» دىمەسمۇ ئىزادىن ئۆلگىدەك بولدۇم. ئاپام نېمىشقا بۇنداق گەپلەرنى ساۋاقداشلىرىمنىڭ، نۇرغۇن ئاپاش، داداشلارنىڭ ئالدىدا دەيدۇ؟ مەن يىغلىۋەتتىم.   q-JTGCFl  
)   )7>GXZG>=  
     مەن بىئارام بولۇپ خاتىرىنى نەچچە بەت ئۆرۇدۇم. ئارلاپ ئوقۇپ ئىچىمنى مۇشۇك تاتلىغاندەك بولۇپ، قىزىمغا ئىچىم ئاغرىپ ياشلىرىم تۆكۈلۈشكە باشلىدى. بىچارە قىزىم.........    }iUK`e  
-tg|y  
2007-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى (پەيشەنبە)
بۈگۈن ئانىلار بايرىمى. مەن ئاپامغا نېمە ئالسام بولار؟ ئاخىرى ئاپامغا گۈل سۇۋغا قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. ئاپامغا گۈل سېتىۋىلىپ سۇۋغا قىلدىم. ئاپام گۈلنى كۆرۈپ مېنى قۇچاقلاپ، خۇش بولۇپ يىغلىۋەتتى. ئاپپاق قىزىم دەپ سۆيۈپ بىر قىلۋەتتى. مەنمۇ بەك خۇش بولدۇم. كەچتە ئاپاملارغا زىياپەت باركەن. ئاپام كەتتى. داداممۇ يوق. مەن يالغۇز قالدىم. بۇنداق يالغۇز قىلىش ئادەتتىكى ئىش. ئاپامنىڭ خەتنە توي، توي، گۈل چاي، بۆشۇك توي، زىننەت توي دەيدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ، يەنە تىخى بىر ئايدا تۆت قېتىم قاتار چايغا بارىدۇ. شۇڭا مەن دائىم ئۆيدە يالغۇز قالىمەن. بۈگۈنمۇ ئۇلار قاچان كېلىدۇ بىلمەيمەن. دادامنى، ئاپامنى ساقلاپ ئولتۇردۇم. دادام بەك مەس كىپتۇ. ئاپلا دادام مۇشۇنداق كەلسىلا ئاپام بىلەن ئۇرۇشاتتى. ئانامنىڭ ئۆيىگە كىتەلىگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقىنى زادىلا كۆرگۇم يۇق. بۈگۈن ئاپام بىلەن دادام يەنە ئۇرۇشتى. ئۇلار بەك سەت گەپ قىلىپ ئۇرۇشىدۇ. قولىقىمنى ئىتىۋالساممۇ ئامال يوق. ئاپام بىلەن ئىككىمىز يەنە كېچىگىچە يىغلاشتۇق.   lMFR_g?r  
y]j.PT`Cw  
2007-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى(دۆشەنبە)
     بۈگۈن بىر دۇستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. مېنىمۇ چاقىردى. بىراق ئاپامغا دېسەممۇ بەرىبىر بارماڭ دەيدۇ. ئاپام، دادام ئەزەلدىن مېنى ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئارلاشقىلى قويمايدۇ. شۇڭا تەتىلنىمۇ ئۆيدىن تالاغا چىقماي ئۆتكۈزىمەن. مېنىڭ دۇستلىرىمنىڭ ئۆيىگە شۇنداق بارغىم كېلىدۇ. مەنمۇ چوڭ بولدۇم. بىراق ئۇلار مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيدۇ-دە. ئاپام بىلەن دادام بالىلىق ۋاقىتلىرىنى قانداق ئۆتكۈزگەن بولغىيتى. بەزىدە بەك ھەيران قالىمەن. بوپتىلا، بەلكىم ئاپام بىلەن دادان مېنى ياخشى ئۈگەنسۇن، ياخشى بالا بولسۇن دەيدىغاندۇ.    9M96$i`P  
2007-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى (شەنبە)
     مەن تاماقمۇ ئىتەلمەيمەن، ھەتتا چاي قاينىتىش ئۈچۈن ئوچاق بېشىغا كەلسەم، ئاپام گازنى ئاچالمايسىز، بويىڭىزغا چاي تۆكۈپ كۆيدۇرۋالىسىز دەپ ئۇنىمايدۇ. بۈگۈن دۇستۇم گۈلچىھرە بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇ ئۆيدە گاڭپەن ئىتەلەيدىكەن. يەنە دائىم ئاپىسى، دادىسى بىلەن يىزىلارغا تۇقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كىلىدۇ. ئۇ ئىشلارنى ماڭا دەپ بەرگەندە كۆڭلۇم بەك يىرىم بولىدۇ. ماڭا ئاپام بەك ئامراق، بىراق مېنى چۈشەنمەيدۇ. مېنى خۇددىي قەپەستىكى قۇشتەك بىقىپ چوڭ قىلدى.   cJ4My#w  
    ئاپا، دادا، سىلەرگە شۇنداق دېگىم كىلىدۇ، مېنى سەل ئەركىن قويساڭلار، مېنى ئۆز ئالدىمغا مۇستەقىل ئىش قىلغىلى قويساڭلار. مەنمۇ سىلەرنى چۈشىنىمەن، بەلكىم مېنى يامان بالىلارغا ئارلىشىپ قالمىسۇن، دەرستە چېكىنىپ كەتمىسۇن دەپ ئەنسىرىيدىغانسىلەر.  مېنىڭ سىلەردىن ھەرگىزمۇ ئارتۇق نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغىم يوق. شۇ ماڭا كۆپرەك ھەمرا بولسىكەن، چايلارغا ئازراق بارسىكەن، ئۆيدە تاماق ئېتىپ ئۈچىمىز بىللە ئولتۇرۇپ يېسەككەن، يىزىلارغا بىللە بېرىپ تۇققانلارنى كۆرۈپ كەلسەك، ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىلەن بىرگە ئوينىسامكەن، ماڭا ئاددىي ئۆي ئىشلىرىنى قىلغىلى قويسىكەن، بەلەن بىر نەچچە دۇستلىرىم بىلەن باردى-كەلدى قىلغىلى قويسىكەن دەپ ئويلايمەن. جىنىم ئاپا، دادا، مەندىن خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن ھەرگىزمۇ چىكىنىپ كەتمەيمەن، تېخىممۇ تىرىشىمەن. يامان بالىلار بىلەن ئارلىشىپ قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس. سىلەر مېنى شۇنداق چىڭ تۇتقاچقا مانا شۇنداق زور شەرەپكە ئىرىشتىم. سىلەرگە كۆپ رەھمەت.   {iD/0q  
   uavATnGO{B  
      مەن قوللىرىم تىتىرەپ تۇرۇپ قىزىمنىڭ كۈندىلىك خاتىرسىنى ياپتىم. كۆزلىرىمدىن قۇيۇلۋاتقان ياش يىپى ئۇزۇلگەن مارجاندەك خاتىرە بەتلىرى ھۆل قىلىۋەتكەن ئىدى. مەندە قىزىمچىلىكمۇ ئەقىل يوق ئىكەن. قىزىمنى شۇنچىلىك ئەتىۋارلىدىم دەپ قانچىلىك بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدۇم-دە. قىزىم، سىز ئەقىلىق بالا، سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن.
saptilak خانقىز، تېمىڭىزنى رۇخسىتىڭىزسىزلا كۆچۈرۈپ ئەكەلگىنىمنى ئەيبكە بۇيرىمىغايسىز.
مەنبە: %ih\|jR t  
u[GZ~L  
saptilakنىڭ ئىجادىيىتى
[ بۇ يازمىنىgadankaxدە2010-11-19 18:16قايتا تەھرىرل ]

 
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
boran114

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.92

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   272 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10009 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   691 (قېتم)
 تۆھپە:   640  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2268
 سائەت
دەرىجىسى:
2268 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-10
ئاخــىرقىسى:2013-01-15
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

ۋاي خۇدايىم،،،تاغدەك بىر ئىشقۇ بۇ،،،
 
شۇنچىلىك ساداقەتكە شۇنچىلك مۇشاققەت،
nigar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.860

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1428 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   96384 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2917 (قېتم)
 تۆھپە:   2832  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1679
 سائەت
دەرىجىسى:
1679 سائەت 21 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2013-01-02
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ياش كەلدى . s#~VN;-I  
مەنمۇ نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئالىي مەكتەپكە يول ئالىدىغان چاغدا، ZrYRLg  
ئۆيدىكىلىرىم مېنىڭ " بولدى ھەممىڭلار چىقماڭلار، پەقەت دادام b#709VHm  
ئاپىرىپ قويسا بۇلىدۇ " دېگەن سۆزۈمگە ئۇنىماي ھەممىسى مەن بىلەن 0>Kgz!I  
بىللە چىققان ئىدى ،شۇ چاغدا ئۆيدىكىلىرىم ماڭا ئىسىل ماركىلىق ، قىممەت '<"%>-^Gn  
باھالىق كىيىملەرنى چامادانلارغا قاچىلاپ مەكتىپىمگە ئاپىرىپ قويغان . +MS*YpPW  
ساپتىلەك خانىم قىزى بىلەن ئايرىلىشقا چىدىمىغاندەك ئاپاممۇ /0L]Pf;  
كىتىدىغان چاغدا ماڭا ئېسىلىپ تۇرۇپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى. sI)jqHZG  
NR^Z#BU  
                                  *             *                  * ZA4sEVHW  
8LtkP&Wx  
   بۇ قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىكى ئىشلارنىڭ بەزىلىرى ]{-ib:f~  
  مەن بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارغا ئوخشايدىكەن . <l)I% 1T_c  
  مەن بۇ يىل 18 ياشقا كىرىپ قالدىم ،بىراق مۇشۇ كەمگىچە 0@!-+}i  
    بىرەر قازان ئاشنى ئۆزۈم مۇستەقىل ئېتىپ باقمىدىم .   بەلكىم مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئۇقۇپ ھەيرانلىق ھېس قىلىشىڭلار مۇمكىن . بىراق مەندە نېمە ئامال .  مەن ئاپامغا "ماڭا تاماق ئېتىشنى ئۆگۈتۈپ قۇيۇڭ " دېگەن بولساممۇ "سىز قىلالمايسىز ياكى بىر يېرىڭىزنى يارلاندۇرىۋالىسىز ، سىز M/6q^*  
تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىمەن دېمەي ئۆگىنىشىڭىزنى ياخشى قىلىڭ " دېگەندەك ]gb?3a}A  
سەۋەپلەر بىلەن مېنى تۇسۇپ قويدى . بەزى چاغلاردا قىز ساۋاقداشلار پاراڭلاشقان jivGkIj!8  
ۋاقتىمىزدا قىزلار ئۆزلىرىنىڭ قانداقتۇر تاماقلارنى ئېتەلەيدىغانلىرنى سۆزلەپ پاراڭلاشسا مەن بىر ئېغىزمۇ ئۈندىمەي ئۆز-ئۆزۈمدىن خىجىل بۇلۇپ قالىمەن . k8sjW!2  
  مەكتىپىمىزدە ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى يىنىك ئاتلىتكا $Jy1=/W&  
مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ .ئۆيدىكىلىرىم مېنى بۇ پائالىيەتكەقاتنىشىش 9<!Ie^o?  
ئەمەس ئەكسىچە مۇسابىقىنى كۆرۈش پۇرسىتىگىمۇ ئىگە قىلمايدۇ . z!\)sL/"  
   مەنمۇ بىرەر قېتىم ساۋاقداشلار يىغىلىشى ياكى بىرەر ساۋاقدىششىمنىڭ jTz~V&^  
تۇغۇلغان كۈن پائالىيىتى دېگەندەكلەرگە  قاتنىشىپ باققانلىقىمنى بىلمەيمەن . مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى ئۆيدىكىلەرگە ئېيتسام ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن مېنى تۇسۇپ قۇيىدۇ .مەنمۇ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمەن . ھەتتا بۇيىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ بۇلۇپ ،ئارزۇ تولدۇرۇپ بۇلۇپلا مېنى باشقا شەھەرگە  ساياھەتكە ئاپاردى .مەن ئۆزۈمنىڭ ئارزۇ تۇلدۇرۇش كارتىسىنى تۈزۈكرەك كۆرۈشكىمۇ ئۈلگۈرمەي باشقا شەھەرگە ئاتلاندىم . >uDE<MUC  
  ئوقۇش پۈتتۈرۈش رەسىمىگىمۇ چۈشمىدىم ، ھەر قېتىم شۇ رەسىمگە 1O;q|p'9  
قارىسام كۆڭلۈم يېرىم بۇلىدۇ . +dSO?Y]  
KdtQJ:_`k  
    بۇ مۇنبەردە بىزدەك كىچىكلەرلا بۇلۇپ قالماستىن بەلكىم چوڭلارمۇ   +/~;y{G..z  
بۇلۇشى مۇمكىن . مېنىڭ ئاشۇ ئاتا-ئانىلارغا دەيدىغىنىم بالىلىرىڭلارغا ئازراق ئەركىنلىك بەرسەڭلار ، ئۇلارمۇ كۆڭلىدىكى ئىشلىرىنى قىلىۋالغان بولسا ،ئۇلارغا بولغان تەربىيەڭلار يولىدا بولسا ، قانداقتۇر ئۇلارنى تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى باشقۇرغاندەك ھەدېسە كۈزىگە كىرىۋالمىساڭلار . كىچىكىدىن باشلاپ ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلالايدىغان ، مۇستەقىل خاھىشقا ئىگە بالىلاردىن قىلىپ يېتىشتۇرۈپ چىققان بولساڭلار !!!!!!              
 
كېچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرىبىر تاڭ ئاتىدۇ !!
saptilak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.42

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   539 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   6152 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   295 (قېتم)
 تۆھپە:   168  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6961
 سائەت
دەرىجىسى:
6961 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-08
ئاخــىرقىسى:2013-01-06
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-18

ئەسلى مەن ھەرقانداق بىر يازمىنى مىسرانىم بىلەن ئانا تۇپراققا تەڭلا يوللايتىم. بىراق مەن بۇ ئەسەرنى يېزىپ، مىسرانىم مۇنبىرىگە مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە قاتناشتۇرغانلىقىم ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە يوللىيالماي قالدىم. بۇ پائالىيەت تۇگىگەندىن كېيىن مەن بۇ ئەسىرىمنى ئانا تۇپراققا يوللاپ بولغىچە گەدەنكەش ئەپەندىم قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ، مېنىڭ رۇخسىتىم بىلەن  يوللاپ قويدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن گەدەنكەش ئەپەندىمگە رەھمەت ئېيتىمەن.
بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمۈد بار.
hatalik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.741

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   181 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4299 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   190 (قېتم)
 تۆھپە:   138  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5042
 سائەت
دەرىجىسى:
5042 سائەت 228 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-08
ئاخــىرقىسى:2012-06-11
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-19

مەن بۇ تېمىنى ئوقۇپ بىر قىسمىلا بولۇپ قالدىم. بەلكىم ئاتا-ئانا بولغۇچىلارمۇ ئازراق ئاشۇرۇۋېتىشىمىز مۇمكىن. بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا بالا بەرىبىر كىچىك. ئۇ كۆيۈنۈشكە مۇھتاج! چۈنكى ئۇ ،ئاتا -ئانا بولغۇچىنىڭ <بارلىقى> بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33171 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3039 (قېتم)
 تۆھپە:   2748  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7072
 سائەت
دەرىجىسى:
7072 سائەت 328 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-01-19
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-19

       مەن تېمىڭىزنى يىنىشلاپ ئوقۇپ چىقتىم. شۇ تاپتا مەنمۇ كەچمىشلىرىمنى، بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىمنى(ئەمەلىيەتتە بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى دەپمۇ كەتكىلى بولمايدۇ) قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. a 1~@m[  
     مەن كەزگەن ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، يۇرتىمىزنى دىيارىمىز بويىچە ئىقتىسادىي شارائىتى ئومۇمەن ياخشى بازار دەپ قارايمەن. مەن يۇرتىمىزدا كىچىكىدىن ئەتىۋارلىنىپ بېقىلغان كۆپىنچە بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندا بالا ئەمەس باشقا <<بالا>> بولغىنىنى كۆپ كۆرگەنمەن. شۇڭا مەن ئائىلە قۇرغاندىن باشلاپ ئۆز خاھىشىم بويىچە مۇنداق قىلغان ھەم قىلىپ كېلىۋاتىمەن. R:U!HE8j   
      مەن تۈنجى نىكاھىمدا 5 يىل <<يۈرۈپ>> ئالغان خوتۇن تويدىن كېيىن <<خامىليۇن>>لۇق قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ، چوڭلارنىڭ ئىززىتىنى قىلمايدىغان، تۈرلىك ئولتۇرۇشلاردىن بېرى كېلەلمەيدىغان، ئائىلە ئىشلىرىنىمۇ مەن بىلەن تەڭ قىلىدىغان، ھاكاۋۇر، ھازازۇل... خوتۇن چىقىپ قالغاچقا 1 ئايغا بارمايلا <<قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ>> <<شاگاڭ>> قىلىۋىتىپ، ئورنىغا ئەرنىڭ سۆزىگە <<خوپ>> دەپ ئىتائەت قىلىدىغان، مۇھىمى چوڭلارنىڭ ئىززىتى، خىزمىتىنى ئۆزىنى سوراپ قىلىدىغان ئىشسىز خوتۇن سەپلىگەن. قىسقىسى؛ مىنىڭچە ئائىلىدە ئەر ئەردەك، ئايال ئايالدەك بولغىنى تۈزۈك. <;fI*km  
      مەن ئادەتتە يانفۇن ئىشلىتىدىغان ئاياللارنىڭ ئىستىلىدىن گۇمانلىنىمەن. گەرچە بۇ ئويۇم مۇتلەق بولمىسىمۇ سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقمايدۇ دەپ كېممۇ ئىيتالىسۇن. كۈنسىرى زاۋاللىققا يۈزلىنىۋاتقان ئەخلاق قارىشى ۋە چىكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىزلىق جۈملىدىن ئاشنىدارچىلىق، پاھىشىۋازلىق...لارنىڭ قانچىسى يانفۇن بىلەن مۇناسىۋەتسىز؟!!! ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئائىلە ماجىرالىرىنىڭ قانچىسى  ئايالىنىڭ يانفۇنىدىكى غەيرىي نومۇرلار تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئائىلە ماجىرالىرى ئەمەس؟!!! مەن بۇنداق كومىدىيىلەرنى كۈندە دېگۈدەك كۆرۈپ تۇرىمەن. A>rN.XW  
      ئايالىم ھەددىدىن زىيادە پاكىز، <<شەرەنداز>> خوتۇن. مەن بولسام ئەلنەقى ئادەم. ئۇ ئادەتتە ماڭىغۇ ئارتۇقچە گەپ قىلالمايدۇ ئەمما بالىلار كىيىملىرىنى مەينەت قىلىۋەتسە، ئۆيگە ئايىغىنى سۈرتمەي كېرسە ... دەررىنىڭ كارامىتى تەييار. مەن ئادەتتە ئۆيدە بولساملا بالىلارنى ئەركىگە قويۇۋېتىمەن. خوتۇنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلالمايدۇ. Oe&gTXo  
      مەن بالىلارنى ئەركە بېقىشقا بەك ئۆچ. ئادەتتە بالىلىرىم سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا ئاۋۋال نەسىھەت، ئاندىن تەنبىھ بېرىمەن. بۇلارنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا يا ئاپىسىغا تۇتۇپ بېرىمەن ياكى ئۆزۈم ھويلىدىكى ئۈزۈم بارىڭىغا ئىسىش ياكى كىچىدە ئۆيگە چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ بىر نەچچە سائەتتىن بىر كىچىگىچە يالغۇز سولاپ قويۇش جازاسى بېرىمەن. يىقىندىن بۇيان بۇ جازالارنىڭ 2- بالامغا ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ، باشقىچە مۇۋاپىق جازا ئۈستىدە ئويلىشىۋاتىمەن. ئۇنىڭغۇ باشقا چوڭ گۇناھى يوق، بىراق شۇ مەن بەلگۈلەپ بەرگەن چەكتىن ھالقىپ ئۆزىچە يۈكسەك ئاپتونومىيىچە تەڭتۇشلىرىنى بوزەك قىلىپ قويىدۇ ھەتتا ئاچىسىنى؛ چوڭلارنىڭ قىشىدا نەسىھىتىمنى پەقەت ئاڭلىمايدۇ؛ ئاپىسى ياكى ماڭا ئېيتمايلا چوڭ ئۆيگە ياكى باشقا تۇغقانلارنىڭكىدە تۈنەپ مىنى بىسەرەمجان قىلىپ قويىدۇ... z`!f'I--!  
       مەن ئادەتتە بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تاپشۇرۇقىغا ئارىلاشمايمەن. ئاپىسى دائىم تاپشۇرۇقىڭنى ئىشلەڭلار، ئۆگىنىش قىلىڭلار... دەپ زورلايدۇ، مەن تاپشۇرۇقىمىزنى ئىشلەپ بولدۇق، تەكرار قىلىپ بولدۇق دېسىلا ئويۇنغا رۇخسەت بېرىمەن، كۆزىگە كېرىۋالمايمەن. ئەمما ئوقۇتقۇچىسىدىن پات-پات ئەھۋال ئىگەللەپ، يالغان سۆزلىگەن بولۇشسىلا ئەدىپىنى بېرىمەن. ئاساسەن يالغان سۆزلىمەيدۇ. j5m]zh5\J=  
       مەنمۇ بىر زامانلاردا يۇرتىمىزدا خىلى نامى چىققان <<زابوي>>لارنىڭ بىرى ھەتتا <<پېر>>ى ئىدىم. 1 جىڭ ھاراقنى بىر قىتىمدىلا كۆتىرىۋەتسەم بۇرۇتۇم لىڭشىمايتتى. بۇندىن 4 يىل مۇقەددەم بىر كۈنى ئۆيگە شىركەيىپ كەلسەم، باشلانغۇچ 3- يىللىقتا ئوقىيدىغان چوڭ بالام- دادا-، دەيدۇ، -ھە -، دېسەم؛ -سەن دائىم ھاراق ئىچىپ يۇرسەڭ كىشىلەر بىزنى <<ھاراقكەشنىڭ بالىلىرى>> دەيدىكەن، شۇنداق ئويلىسام بۇ ياخشى گەپ ئەمەسكەن-، دېمەسمۇ، بېشىمدىن بىر چىلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. ئەتىسى ئاپىسىدىن بالىلارغا سەن شۇنداق دېگۈزدىڭمۇ دېسەم قەسەم قىلىۋاتمامدۇ، مانا شۇ كۈندىن ئېتىبارەن بۇ كاساپەت بىلەن بولغان دېپلوماتىيىنى ٪99 ئۈزۈۋەتتىم. ئۆيگە كەيپ كېلىشتىن قەتئىي ساقلاندىم.  شۇنىڭ بىلەن بېرگە ئاتالمىش سورۇندىكى ئاغىنە، تۇرمۇشتىكى ناتونۇشلاردىنمۇ ئايرىلدىم، شۇنىسى ئېنىقكى؛- كۈنۈم ئوخشاشلا ھەتتا ئىلگىرىكىدىنمۇ ياخشى ئۆتىۋاتىدۇ. 

نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
tumars
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2574

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   57 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1830 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   113 (قېتم)
 تۆھپە:   78  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1627
 سائەت
دەرىجىسى:
1627 سائەت 73 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-22
ئاخــىرقىسى:2012-10-10
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-26

گەدەنكەش ئاكا بالىڭىزنى راستىنلا باراڭغا ئېسىپ قويامسىز؟  
ھەقىقى چىن ۋاپادار دوستۇڭ دوستلىرىڭ دوستلاشقاندىلا ئەمەس دوستلىرىڭ دوستلاشمىغاندىمۇ دوستلىشىدۇ!
islamkizi
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3928

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   220 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   22 (قېتم)
 تۆھپە:   22  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1082
 سائەت
دەرىجىسى:
1082 سائەت 108 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-18
ئاخــىرقىسى:2011-03-15
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-20

بەك ياخشى  يېزىپسىز ئاللاھ قۇلڭىزغا دەت  بەرمىسۇن
ilhamidin
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3976

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   158 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   16 (قېتم)
 تۆھپە:   16  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 41
 سائەت
دەرىجىسى:
41 سائەت 9 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-20
ئاخــىرقىسى:2011-01-22
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-22

قىزىڭىزغا بەكراق غەمخورلۇق قىلىڭ جۇمۇ
ئىلھامجاندىن ھەممىڭلارغا سالام بولسۇن....
jazbidar
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4329

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   200 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   20 (قېتم)
 تۆھپە:   20  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6
 سائەت
دەرىجىسى:
6 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-01
ئاخــىرقىسى:2011-02-01
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-02-01
ئاپتۇر (gadankax) نىڭ يازمىسىغا

راست ھەقىقەتەن بۇلدىكەن.ھازىرمۇ ىەتراپمزداشۇنداق ىشلاريوق؛؛؛ىەمەس
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى