باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5416 
  •    ئىنكاس 
       27 

غېنى باتۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

قەۋەت ئاتلاش
deyanat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2156

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   48 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3579 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   137 (قېتم)
 تۆھپە:   76  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 28
 سائەت
دەرىجىسى:
28 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-01
ئاخــىرقىسى:2011-01-31

غېنى باتۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى gL wNHS  
/.m}y$@GV  
3T@`V FbE  
+|spC  
NJ!}(=1|K  
] iiB|xT  
غېنى باتۇرنىڭ دادىسى مۇھەممەت باقىر ئاكىنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەسلىدە خوتەن قاراقاشلىق، ئۇنىڭ ئىككىنچى بوۋىسى ئىمىننىياز مىراب چىڭ سۇلالىسى 1760- يىلىدىن 1767- يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇچتۇرپان، خوتەن، يەركەن قاتارلىق جايلىرىدىن ئىلىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئادەم كۆچۈرگەندە كۆچۈپ كەلگەنلەردىن بولۇپ، ھازىرقى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۈزى مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. غېنى ئاشۇ تۇردىيۈزى مەھەللىسىدە، كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. I g-VSQ  
غېنى مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە دادىسى ئۇنى مەكتەپكە بېرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئوقۇيالماي مەكتەپتىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئون ياشلارغا كىرگەندە، مەھەللىسىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. 15ياشقا كىرگەندە دادىسى بىلەن دېھقانچىلىق قىلىدۇ. غېنى كىچىكىدىنلا ئىشچان ۋە كۈچلۈك، غەيرەتلىك بالا بولۇپ، بالا ۋاقتىدا چېلىشىشتا داڭ چىقىرىدۇ. غېنى ئېگىز بوي، گەۋدىلىك، يوغان باش، كەڭ ۋە سوزۇق يۈزى قىپقىزىل، قوي كۆز، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ. $CL=M  
1918-يىلى كەچ كۈزدە مەھەممەت باقىر ئاكا ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن خامانغا ماڭاي دەپ تۇرغاندا، ھويلىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولىدۇ. مەھەممەت ئاكا ھويلىغا چىقىش بىلەن <<غېنى قايسىڭ؟>> دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. غېنى مەن دەپ ئالدىغا چىقىدۇ. غېنىنى چاقىرغان بىر چېرىك بولۇپ، چېرىك غېنىنى باغلىماقچى بولىدۇ. غېنى باغلاتماي <<ئېلىپ بارىدىغان يېرىڭگە ئېلىپ بار، ئەمما باغلىمايسەن>> دەيدۇ. غېنىنىڭ ئاتا-ئانىسى چېرىكلەرگە يالۋۇرىدۇ. غېنى <<مەن گۇناھسىز، بۇلارغا يالۋۇرماڭلار، مەن قايتىپ كېلىمەن>> دەيدۇ. غېنى ئون ئاي توققۇزتارا يامۇلىغا قامىلىدۇ. بۇ 10ئايلىق تۈرمىدە غېنى كۆرمىگەننى كۆرىدۇ، بىلمىگەننى بىلىپ، ياشاش يولىنى ئۆگىنىدۇ ھەم كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشىدۇ. X-oou'4<  
غېنى تۈرمىدىن چىقىپ كۆپ ئۆتمەي بىر كۈنى توققۇزتارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە <<مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۈرىگە كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ كەلسەم نېمە دەيسەن؟>> دەپ 150 مېتىر ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. قازاق يىگىت <<ئەگەر دېگىنىڭدەك قىلساڭ، ئاتنى ساڭا بەردىم، قىلالمىساڭ تورۇق ئېتىڭنى ماڭا بېرىسەن>> دەپ غېنىغا قول ئۇزىتىدۇ. غېنى بارغان پېتى ئاتنى كۆتۈرۈپ قاراياغاچتىن 100مېتىر نېرى يەرگە ئېلىپ بېرىپ، قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خەلق ھەيران قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن غېنىنىڭ گاڭگۇڭ (نوچى) دېگەن نامى ئىلى رايونىغا تارىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن زۇلۇمغا، جازانىخورغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىدۇ. ئۇلار زالىم بەگلەر، جازانىخور بايلار، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلاپ، يېتىم - يېسىرلارغا بېرىدۇ. شۇڭا غېنى 1944-يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۈرمىگە قامىلىدۇ. ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۈزۈپ تاشلاپ قاچىدۇ. ساقچى باشلىقى غېنىنى بىر قېتىم ئالتە ئادەمگە باستۇرۇپ ئۇرىدۇ. بىر قانچە قېتىم 100-200، ھەتتا 300 دىن تاياق ئۇرىدۇ. MV9{>xX  
غېنى 1941-يىلى توققۇزتارا يامۇلىدىن نۇراخۇن دېگەن دوستى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار شۇ قاچقان پېتى شىخۇنىڭ جۇجيەنلۇ دېگەن يېرىگە بېرىپ، داۋۇر، ھاشىم توكۇر دېگەن كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ بىر ئۆيگە كىرىپ، تۆت يامبۇ، بەش سەر ئالتۇن ئوغرىلاپ بېرىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۆلۈشىمىز، دەپ ماڭىدۇ. ئۇ ئىككىسى ئالتۇنلارنى ئېلىپ ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ، نۇراخۇن بىلەن غېنىنى تۇتۇپ بېرىدۇ. ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇرلار كۆرسەتكەن بۇ خىزمىتى ئۈچۈن توققۇزتارادا لوزۇڭ مەنسىپىگە ئېرىشىدۇ. b0LQ$XM>8  
نۇراخۇن بىلەن غېنى 12 كۈندىن كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ ئاتلىق يەنسىخەيگە كېلىپ، بىر قازاق ئۆيىدە تۇرغاندا، قوغلاپ كەلگەن چېرىكلەرگە ئۇچرايدۇ. غېنى ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتىۋېتىپ قاچىدۇ. شۇ چاغدا چېرىكلەرنىڭ ئاتقان بىر ئوقى غېنىنىڭ يانپېشىغا تېگىپ، ماڭالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غېنى تۇتۇلۇپ، ساۋەنگە ئەۋەتىلىدۇ. ساۋەندە توققۇز كۈن قاماقتا ياتقاندىن كېيىن چېرىكلەرنىڭ ئىككى ئېتىنى ئېلىپ قېچىپ، نۇراخۇن بىلەن تېپىشىپ، بىر موڭغۇل تونۇشىنىڭ ئۆيىدە قونىدۇ. كېيىن، ئۇلار ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇردىن ئۆچ ئالماق ئۈچۈن توققۇزتاراغا بارىدۇ. غېنى توققۇز تارادا تۇتۇلۇپ، ناھىيە تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. غېنىنى غۇلجا ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ قاچىدۇ. ئەتىسى غۇلجىغا كېرىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. غېنىنى غۇلجىدا 32كۈن سوراقسىز قاماپ، <<سەن بەش يىلدىن بۇيان ئون سەر ئالتۇن، 20 يامبۇ ئوغرىلاپسەن>> دەپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ، ئۈرۈمچىدە شېڭ شىسەينىڭ ساقچى باشقارمىسىنىڭ 4- تۈرمىسىگە قاماپ قويىدۇ، كېيىن 2-تۈرمىگە يۆتكەيدۇ. غېنى 1944-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەنە دۈشەنبە كۈنى 2-تۈرمە (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ئىدى) دىن قېچىپ، غۇلجىغا بېرىپ ھاشىم توكۇر، داۋۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار يوشۇرۇنۇپ قېچىپ يۈرىدۇ. غېنى ئىز بېسىپ ئۇلارنى قوغلايدۇ. 7ou2SL}k  
شۇ كۈنلەردە، نىلقا ئولاستايدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان، گومىنداڭ ئالتە ئوغرى دەپ ئاتىغان پاتىخ مۇسلۇمۇپ، ئەكبەر باتۇر، قۇربان بۇرھانىدوف، ئوسمان ئىبرايىموف، سېيت ئاۋان (ئەكبەرنىڭ ئىنىسى)، نۇر ئوبۇلۇپ، ھوشۇر مامىتوف، مۇساقان قۇربان، خەمىت مۇسلىمۇف، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە قاچقانلىقتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ-دە، غېنى پارتىزانلارغا قوشۇلىدۇ. پارتىزانلىق شىتابى قۇرۇلغاندا، پارتىزانلارنى ئۈچكە بۆلۈپ، 1-بۆلۈمگە ئەكبەر، 2-بۆلۈمگە غېنى، 3-بۆلۈمگە تۈگمەنچى رۇس ئىۋان مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىرىنىڭ قىسمىدا 200 دىن پارتىزان بولۇپ، نىلقىغا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە پارتىزانلار نىلقىغا باستۇرۇپ كېلىپ نىلقىنى ئازاد قىلىدۇ. CX CU5-  
غېنى شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى ئۇرۇشلاردا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ ئاتىلىدۇ. پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن ئون ماشىنىدا كەلگەن ئەسكەرلىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ، مازار رايونىغا كىرگۈزمەي يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ قورال-ياراغلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. سۇلتان ئۇۋەيىس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30 نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. قورال-ياراغ غەنىيمەت ئالىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ پاتىخ باتۇر بىلەن بىللە لەنجۇدا 1953-يىلىغىچە دەم ئالىدۇ. ئۇ 1981-يىىللاردا ئالمۇتادا ۋاپات بولىدۇ.

 
kurban.qaydu
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1193

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   438 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   143115 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1046 (قېتم)
 تۆھپە:   939  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 456
 سائەت
دەرىجىسى:
456 سائەت 84 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-28
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-05


deyanat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2156

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   48 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3579 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   137 (قېتم)
 تۆھپە:   76  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 28
 سائەت
دەرىجىسى:
28 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-01
ئاخــىرقىسى:2011-01-31
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-07

يۇشۇرغىنىڭىز نىمە مەزمۇن ؟
deyanat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2156

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   48 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3579 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   137 (قېتم)
 تۆھپە:   76  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 28
 سائەت
دەرىجىسى:
28 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-01
ئاخــىرقىسى:2011-01-31
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-07

توۋاااااااااااااااااااااااااااااااااااااااا بوجاھان نىم بوپ كەتتىي ئەمدي.
aksa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2972

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   54 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1700 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   116 (قېتم)
 تۆھپە:   85  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 25
 سائەت
دەرىجىسى:
25 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-07
ئاخــىرقىسى:2012-10-18
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-02

رەھمەت سىزگە ،قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن !
ئادەم دۇنياغا ئۈمىد بىلەن تۇغۇلۇپ،ئارزۇ بىلەن ياشاپ ،ئارمان بىلەن كېتىپ قالىدۇ .
0997wapadar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3164

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   98 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2251 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   155 (قېتم)
 تۆھپە:   125  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1687
 سائەت
دەرىجىسى:
1687 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-15
ئاخــىرقىسى:2011-02-19
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-02

يۇشۇرغىنىڭىز نىمە مەزمۇن
uygurogli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2768

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1180 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   63 (قېتم)
 تۆھپە:   33  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1617
 سائەت
دەرىجىسى:
1617 سائەت 83 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-28
ئاخــىرقىسى:2011-03-12
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-03
1(kurban.qaydu)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

نىمە ئۇ يۇشۇرغان
ئۇيغۇر ئوغلى ئەلنىڭ ئوغلى
تۈمەن
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3542

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   720 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   52 (قېتم)
 تۆھپە:   52  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 339
 سائەت
دەرىجىسى:
339 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-03
ئاخــىرقىسى:2012-11-26
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-03

مۇشۇنداق تارىخى شەخىسلەر ھەققىدىكى تىمىلارنى كۆرسەم كارامەت خوشال بوپ كىتىمەن.
taxna536
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3488

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1450 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   76 (قېتم)
 تۆھپە:   45  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 529
 سائەت
دەرىجىسى:
529 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-31
ئاخــىرقىسى:2011-03-30
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-03

مانا ېنكاس دېگەن
نامەلۇم
taxna536
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3488

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   25 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1450 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   76 (قېتم)
 تۆھپە:   45  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 529
 سائەت
دەرىجىسى:
529 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-31
ئاخــىرقىسى:2011-03-30
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-01-03

ئنكاس كەتتې
نامەلۇم
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى