dn~k_J=p ئىمان باغچىلىرىدىن خۇشپۇراق گۈللەر
---nurul---
(يازغۇچى نۇرۇل.ئا)

ئەسسالامۇئەلەيكۇم Y"5FK
مەن« ئىمان باغچىلىرىدىن خۇشپۇراق گۈللەر»ناملىق بۇ ئەسەرنى سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى،بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللارنىڭ ۋە بىلىمىمنىڭ يېتەرسىز بولۇشىغا قارىماستىن يېزىپ چىقتىم.ماتىرىياللارنى تەييارلاشقا بىرنەچچە يىلدىن بېرى ئىزدەنگەن بولساممۇ،تولىمۇ كۆپ يېتەرسىزلىكلىرىم تۈپەيلىدىن پەقەت مۇشۇنچىلىكلا يازالىغىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن.چۈنكى ئەسەردە ئەكىس ئەتتۈرىلگەن مەزمۇن سۇتۇق بۇغراخان ياشىغان ئۇيغۇر قارىخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى ئىسلامنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا تارقىلىشى ۋە شۇ دەۋىردە ياشاپ ئۆتكەن،ئىسلامنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن بېھىساب قۇربانلارنى بەرگەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىز-ئاياللىرىدىن يۇلتۇز،ھەدىيە تۈركەن،قىزىلچى خېنىم،بۈمەريەم خېنىم،نۇرئەلانۇرخان قاتارلىق ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە ھايات پائالىيەتلىرى ئۈستىدە كېتىۋاتقىنى ئۈچۈن،بۇ تارىخقا مۇناسىۋەتلىك،بولۇپمۇ مەندەك بىلىمى ۋە سەۋىيەسى،ئىقتىدارى يېتەرسىز قىزنىڭ بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشى ئەسلى مۇۋاپىق كەلمىگەن بىر ئىش ئىدى.لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ئاشۇ تارىختا ئۆتكەن ئىمان-ئېتىقاد بىلەن مىسلىسىز شەرەپلىك مۆئمىنەلىك ھاياتىنى ياشىغان ئاشۇ ھەمشىرىلىرىمگە بولغان ھۆرمەت،سېغىنىش،قايىللىق تۇيغۇلىرى ئىچىدە يەنىلا يېزىپ چىقىشنى نىيەت قىلدىم.بەلكىم كۆپ سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلارنى سادىر قىلغان بولۇشۇم مۈمكىن. شۇڭا يازمام ھەققىدە بېرىلگەن ھەرقانداق بىر پىكىرنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سىلەردىن كۈتىمەن.بىزگە نىسبەتەن كۆپ ئېنىقسىز ئۇ تارىخنىڭ ھەقىقىتىنى بىلگۈچى بىر ئاللاھتۇر،ئاللاھ ئەڭ ئالىمدۇر.

ئاجىز بەندىلىرىنى ئىمان نېئمىتى بىلەن رىزىقلاندۇرغان ئاللاھتائالاغا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن! F$v ^S+Ch
JvT#Fxj k
ئىنسانىيەتنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا چىقىرىشقا سەۋەپچى بولغان كائىناتنىڭ پەخرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە دۇرۇت ۋە سالام بولسۇن! ,!AYeVq
Z~q="CA4
مېھرىبان ئاللاھ، ئۇلۇغ يولباشچىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ بۈيۈك نېئمىتى قۇرئان ۋە ھېكمەت بىلەن خۇش بېشارەت بېرىپ،مۇقەددەس مەككىدە ئىسلام نۇرىنى چاقنىتىپ ئۈچ ئەسىىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن،ئۇيغۇر دىيارىدا ھەم ئىماننىڭ گۈزەل نۇرلىرى پارلاشقا باشلىدى.تاكى ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىن قاراخانىيلار چىگرالىرىغا قەدەر ئىسلام چوڭقۇر يىلتىز تارتقان شۇ دەۋىرلەرگىچە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ-شىمالىدىكى بۇ كەڭ زىمىندا بۇددا ۋە مانى دىنىنىڭ قاباھەتلىك ئىس-تۈتەكلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى.خۇددى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى باشقا بارلىق قەۋملەردىكىدىن پەرىقلەنمەيدىغان بۇدقا ئىبادەت قىلىش ۋە باشقا تۈرلۈك ئېتىقاد گۈمراھلىقىدىن تارتىپ،بۇزۇق،ناچار ئىجتىمائىي ئۆرۈپ-ئادەتلەرگىچە بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت ئىدى.بۇ يەردە چۈشەندۈرمەكچى بولغان مەزمۇنغا ماس ھالدا،ئاياللار ۋە نىكاھ ھەققىدىكى بەزى كىچىك تەپسىلاتلارنى قىستۇرۇپ ئۆتسەك كۇپايە: q 3,p=ijJ
'Um\m
تارىخىي خاتىرىلەردە مەلۇم بولۇشىچە ناھايىتى ئۇزۇن دەۋىرلەردىن تارتىپلا ئىنىنىڭ يەڭگە بىلەن توي قىلىش ئادىتى ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە ئېقىپ يۈرگەن ئەھۋالنىڭ بىرى ئىدى.ئىنى بولغۇچى ئۆلۈپ كەتكەن ئاكىسىنىڭ خوتۇنىنى ئۆز ئەمرىگە ئالسا بولىيۋېرەتتى.دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئوغۇل ئانا بولۇپ تۇرغانلاردىن بىرى بىلەن توي قىلسا-يەنى ئۆگەي ئانىسى بىلەن توي قىلسا بولىيۋېرەتتى.ھەتتا، ئۆز ئېرىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى ياكى ئۆگەي ئوغۇللىرىغىلا ئەمەس،ئۆگەي نەۋرىلىرىگىمۇ ياتلىق بولاتتى.خالىغانچە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى مەۋجۇت ئىدى.ئاياللار جەمىئىيەت ئىچىدىكى قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈلۈپ پايدىلىنىدىغان بۇيۇم ھېسابلىناتتى.بۇ يەردە ئەڭ تىپىك مىسالدىن بىرى شۇكى،سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى بازېر قاراخان ئۆلۈپ كەتكەندىن سۇتۇقنىڭ ئانىسى تۈركان خاتۇننى بازېر قاراخاننىڭ ئىنىسى ئوغۇلچاق خوتۇن قىلغان ئىدى.ئىنسانلارنى كۇفرىنىڭ زۇلمىتىدىن ئىماننىڭ يورۇقلىقىغا چىقىرىدىغان ھەقىقەت نۇرى ئىسام مانا مۇشۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى سان-ساناقسىز ئەخلاقسىز،چىركىن ئىجتىمائىي ئۆرۈپ-ئادەتلەر ۋە ئاياللار خورلۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ پاك-پاكىزە بىر ئىسلام دىيارىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن بۇ گۈزەل دىياردا چاقناش ئالدىدا تۇراتتى. k~Y_%#_
XC[AJ!q`
13-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشى قەشقەرىيە خان جەمەئەتى كۇتۇپخانىسىدىن تاپقان 11-ئەسىردە ياشىغان ئاتاقلىق ئەرەب لۇغەتشۇناسنىڭ ئەسىىر«سوخھاھ»نىڭ قوليازما نۇسخىسىغا ئاساسەن،ئىزاھلىق لۇغەت «سۇرراھ لۇغىتى»نى تەرجىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ.كېينكى بىر مەزگىلگە كەلگەندە قەشقەردىكى دىننىي ساھە زاتلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن«سۇرراھ لۇغىتىنىڭ تولۇقلىمىسى»نى يېزىپ چىقىدۇ.مانا مۇشۇ ئەسەردە ئىسلام دىنىنىڭ قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ پايتەختى قەشقەرگە تارقىلىش ئەھۋالى سۆزلەنگەن بىر ۋەقە بايان قىلىنىدۇ: .GDYJ9vi
"Bn]-o|r
9-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر رايونى تەۋەسىدە ئىككى كۈچلۈك ھاكىمىيەت باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ.بۇنىڭ بىرى بۇددا ۋە مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان قاراخانىيلار خانلىقى،يەنە بىرى ئىسلام دىنىغا ئېىقاد قىلىدىغان سامانىيلار سۇلالىسى بولۇپ،دەسلەپكى چاغلاردا بۇ ئىككى تەرەپ ھۆكۈمرانلىرى ئوتتۇرىسداخەت-ئالاقىلەر ئۈزۈلمەي،ئالاقە خېلى قويۇق بولىدۇ.كېينكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە سامانىيلار سۇلالىسى بارغانچە كۈچىيىپ،قاراخانىيلار سۇلالىسىغا جىھاد ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىدە بارا-بارا يامانلىشىش كېلىپ چىقىدۇ.قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 3-ئەۋلاد خانى ئوغۇلچاق ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان مەزگىللەرگە كەلگەندە،ئوغۇلاق سامانىيلار سۇلالىسى بىلەن باردى-كەلدى ئالاقىسىنى ئۈزىدۇ ھەمدە پەرمان چۈشۈرۈپ،قاراخانىيلار خاندانلىقى تەۋەسىدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشنى،ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ.مىلادى 893-يىلى سامانىيلار سۇلالىسى قاراخانىيلار دۆلىتىگە يەنە بىر قېتىم جىھاد قىلىپ،قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ 2-پايتەختى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جامبۇل شەھىرىنى يەنە بىر قېتىم بېسىۋالىدۇ؛ئوغۇلچاقنىڭ خوتۇنى ۋە 15مىڭ لەشكىرىنى ئەسىرگە چۈشۈرىدۇ ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى 10مىڭ ئەسكەرنى ئۆلتۈرىدۇ.ئوغۇلچاق پايتەختنى قەشقەرگە يۆتكەشكە مەجبۇر بولىدۇ.ئۇزاق ئۆتمەي سامانىيلار پادىشاھلىقىدا ئىچكى ماجرا يۈز بېرىدۇ.بۇ ئىچكى ماجرادا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان شاھزادە ئەبۇ ناسىر ئىبنى مەنسۇر(رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئەبۇ ناسىر سامانىنى كۆرسىتىدۇ)سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ،قاراخانىيلار خانلىقىغا قېچىپ بېرىپ سىياسىي پاناھلىق تىلەيدۇ.ئىسلام دىنىغا ئەزەلدىن ئۆچمەنلىك قىلىپ كەلگەن ئوغۇلچاق سامانىيلار پادىشاھلىقىنىڭ ئىچكى ماجراسىدىن پايدىلىنىپ،بۇ كونا رەقىبىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش ئۈچۈن،بۇ مۇسۇلمان شاھزادىنى كاتتا زىياپەتلەر بىلەن كۈتىۋالىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا«سىز بۇ يەرنى ئۆز ئۆيىڭىزدەك بىلىڭ،ئىنىڭىز سىزگە رەھمىسزلىك قىلغان بولسا،مەن سىزگە دوستلارچە مۇئامىلە قىلىمەن»دەيدۇ.ئوغۇلچاق ئۇنى ئاتۇشنىڭ ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەيدۇ. Wf *b"#
q'[yYPDX5x
شاھزادە ئەبۇ ناسىر ئاتۇشنىڭ ئەمەلدارى بولغاندىن كېيىن،ئاتۇش ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرى توپلىنىدىغان جايغا ئايلىنىدۇ،كارۋانلار بۇخارا ۋە سەمەرقەنتلەردىن بۇ يەرگە كۈندىلىك بۇيۇملار ۋە رەخت-گەزماللارنى توپ-توپى بىلەن ئەپكېلىپ توشقۇزىۋېتىدۇ.بۇ مۇسۇلمان سودىگەرلەر ئاتۇشقا سودا بۇيۇملىرىنى ئەكىلىپلا قالماي،بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.شاھزادە ئەبۇ ناسىر ۋە مۇسۇلمان سودىگەرلەر ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئاتۇشقا بىر مەسچىت سېلىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.بۇ نىيەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن،شاھزادە ئەبۇ ناسىر ئوغۇلچاققا ئۇ ياخشى كۆرىدىغان تاۋار-دۇردۇندىن تىكىلگەن كىيم-كېچەك،قۇمشېكەر قاتارلىق نەرسىلەرنى سوۋغات سۈپىتىدە پات-پات ئەۋەتىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كۈچىنىڭ بارىچە خۇشامەت قىلىپ،ئوغۇلچاقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن شاھزادە ئەبۇ ناسىر پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ،بىر مەسچىت سېلىپ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش مەقسىتىدە ئوغۇلچاقتىن بىر پارچە كالا تېرىسى چوڭلۇقتىكى يەرنى بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.ئوغۇلاق ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا«ساڭا قايسى يەر لازىم بولسا شۇ يەرنى ئىشلىتىۋەر»دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن شاھزادە ئەبۇ ناسىر ئۆزىنىڭ«كالا تېرىسى پىلانى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كىرىشىپ كېتىدۇ.ئۇ بىر كالىنى سويۇپ،ئۇنىڭ تېرىسىنى ئىنچىكە تىلىپ بىر-بىرىگە ئۇلاپ ئۇزۇن ئارغامچا ياسايدۇ ۋە بۇ ئارغامچا بىلەن ئاتۇشتىكى ياخشى بىر پارچە يەرنى تام سالغاندەك ئوراپ كۆرۈپ،شۇ جايغا بىر مەسچىت سالدۇرىدۇ.ئوغۇلچاق بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگە بولسىمۇ،بىراق شاھزادە ئەبۇ ناسىرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە غەيرىتىدىن ھەيران بولىدۇ.كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە بۇ يەردە ئوغۇلچاق ۋە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ،جۈملىدىن پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.ئوغۇلچاقنىڭ جىيەن ئوغلى سۇتۇق بۇغراخان شاھزادە ئەبۇ ناسىرنىڭ قوللىشى ئارقىسدا ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشى قىلىپ،ئوغۇلچاقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى قاراخانىيلار خانلىقىنى مەركەز قىلىپ،ئۇيغۇر رايونىنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىلىشقا باشلايدۇ. ZnB|vfL?
L5>.ku=T
ئەلۋەتتە،سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ،قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھوقوقىنى قولغا ئېلىشى ئۇنچىلىك ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ.بۇ جەرياندا ئۇ ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان ھەمراھلىرى قاتتىق توسقۇنلۇق ۋە مۈشكۈلاتلارغا ئۇچرايدۇ.ئۇلانىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلگەن ئوغۇلچاق ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ.سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن ئوغۇلچاق ئارىىسدا كەسكىن جەڭلەر بولۇپ ئۆتىدۇ. O7Awti-X
G0$,H(]~
ئەنە شۇ چاغدا ئىسلامنىڭ گۈزەل نۇرلىرى ئاستا-ئاستا يورۇتۇشقا باشلىغان شەرىق ئاسمىنىدا بىر نۇرانە يۇلتۇز ۋاللىدە چاقناپ ئۆتىدۇ.

ئۇنتۇلغان يۇلتۇز

ئىسلام تارىخىدا ئىسلام بەرگەن ئەزىزلىك ۋە ئىماندىن كەلگەن كۈچلۈك تەقۋادارلىق بىلەن ھاياتىنى بىزەپ،نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى كىشلەر تەرىپىدىن ھۆرمەت-ئېھتىرام بىەلن تىلغا ئېلىندىغان تالاي شەرەپلىك مۆئمىنەلەر ئۆتكەن ئىدىكى،ئۇلارنى ھەر ئەسلىسەك جېنىمىزغا جان قوشسا،ھەر سۆزلىسەك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇغان قەلىبلەرگە ئاچچىق سوئاللارنى باشلايدۇ. >RT02Ey>
ئەسلەش لازىم،ئاشۇ ھەر ئەسلىسەك قېنىمىزغا قان،روھىمىزغا جاسارەت قوشىدىغان گۈزەل ھاياتلىرى بىلەن بىزگە دەرس سۆزلەيدىغان ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ تارىخىنى تەكرار ئەسلەش لازىم.ئۇلار شۇقەدەر سەبىر-تاقەتلىك ئىدى،ئۈستىلىرىگە بىرەر مۇسىبەت ياكى قىيىنچىلىق كەلگىنىدە،بۇ پەقەت ئاللاھ يولىدا»دەيتتى.ئاللاھقا بولغان ئۈمۈد ۋە ساۋابقا بولغان قىزىقىش ئۇلارنى كىچىككىنىمۇ ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپ،پارلاق ئېتىقاد يوللىرىدىن ۋاز كەچتۈرەلمىگەن ئىدى. كۆرۈڭ،مانا بۇ سۈمەييەنىڭ ھاياتى!ئۇ ۋە ئۇنىڭ يولدىشى،ئوغلى مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبلىك مۇشرىكلار تەرىپىدىن مەككىنىڭ سىرتىدىكى تاشلىققا ھەيدەپ ئېلىپ چىقىلىپ،ساينىڭ تاشلىرى راسا قىزىغاندا،يالىڭاچلىنىپ تاشقا ياتقۇزۇلۇپ ئازاپلىناتتى،تېخى ئۈستىلىرىگە قىزىغان تاشلارنى ئەكىلىپ دۆۋىلەپ قويۇلاتتى.ئۇلارنى مۇشۇنداق ئازاپلىغان ۋاقىتلىرىدا V,Br|r$l(
ئۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان رەسۇلىللاھ ئۇلارغا سەۋىرنى تەۋسىيە قىلغاچ جەننەت بىلەن خۇشخەۋەر بەرگەنىدى.«سەۋىر قىلىڭلار ياسىر ئائىلىسى!جەننەت سىلەرنى كۈتمەكتە» 6tmn1:
s5ddGiZnBT
راستىنلا ئۇلار ئۆز ئېتىقادلىرىدا چىڭ تۇرۇپ،ئاخىر سۇمەييەنىڭ يولدىشى ياسىر ئاشۇ ئازاپ ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.قىيناپ ئۆلتۈرۈشتە جېنى چىقماي قالغان سۇمەييەنىڭ ئەۋرىتىگە ئەبۇ جاھىل نەيزە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن ئىدى.ئۇ ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى شەھىدە(ئايال شېھىد)ھېسابلىنىدۇ.ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن. +3D3[.n
y"SVZ} ;|
يەنە سەفىيەنىڭ سەبىر ۋە جاسارىتىگە قاراڭ!ئۇ ھىجرەت قىلغۇچى؛مۇجاھىدە؛ئىسلامىيەتتە مۇشرىك ئۆلتۈرگەن تۇنجى مۇسۇلمان ئايال؛مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا قېلىچ كۆتۈرگەن تۇنجى ئاتلىق مۇجاھىدنى تەربىيەلەپ،مۇسۇلمانلار سېپىگە قوشقان لاياقەتلىك ئانا! hK&/A+*
miZ&9m
ئۇ ئۆزىنىڭ بىر تاللا بالىسىنى ئىلام ئۈچۈن ئايىماي تەقدىم قىلىپ،ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل ئانا بولسىمۇ بالىسىنى جاپاغا چىداملىق،ياراملىق،باتۇر بىر جەڭچى قىلىپ ئۆستۈرگەن.ئوق ئېتىشنى مەشىق قىلىش ۋە قورال ياساشنى ئۈگىنىش ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئويۇنلىرى بولغان.سەفىيە بالىسىنى ھەرقانداق خەۋپلىك ئورۇنلارغا كىرگۈزۈش،ھەرقانداق خەتەرگە ماڭغۇزۇشنى ئادەت قىلغان بولۇپ،ئەگەر ئوغلىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى ياكى ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسە،ئۇنى قاتتىق ئۇراتتى،ھەتتاكى ئۇ مۇشۇ ئىش توغرىسىدا زۇبەيىر (ئوغلى) نىڭ تاغىلىرى تەرىپىدىن ئەيىپلىنىپ: *L.+w-g&&
-بالىنىمۇ شۇنداق ئۇرغان بارمۇ؟!سىز ئۇنى بەكلا قاتتىق ئۇرىسىز،ئانىدەك ئۇرمايسىز،دېگەندە سەفىيە جاۋابەن: dRXF5Ox5K}
-مېنى بالامغا ئاچچىقلىدى دېگەن ئادەم خاتالاشتى،مەن ئۇنى ئەقىللىق يېتىلسۇن،جەڭدە غەلبە قىلىپ،غەنىمەت ئېلىپ كەلسۇن،دەپ ئۇردۇم،ئۇنى ئۇرغىنىم ئۇنىڭغا كۆيۈنگىنىم،دېگەن مەنىدە شېئىر ئوقۇيدۇ.ئۇ ھەققىدە ئۇنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا تارخ نەم تىللىرى بىلەن ئەجەپلىنىپ،ھۆل تىللىرى بىلەن ماختاپ سۆزلەيدىغان مەيدانلىرى بار،دېيىلىدۇ.ھالبۇكى،بۇ ھۆرمەت ۋە ئېھتىراملار ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ رەسۇلىللاھنىڭ ھاممىسى بولغىنى ۋە كېلىپ چىقىش ئېسىللىقىدىن بولغان ئەمەس. V'4sOn
P'6eK?
ئۇ باشقا ھەمشىرىلىرى بىلەن بىللە جىھاتقا چىقاتتى.مۇجاھىدلارغا ئۇرۇش داۋامىدا سۇ يەتكۈزۈپ،ئوق ياچاقلارنى ئوڭشاپ رىمونتلايتتى.ئوھود كۈنىدىكى مەغلۇبىيەتتە،ئاتمىش ياشقا كىرىپ قالغان بۇ خانىم بىر قانچە كىشىدىن باشقىلارنىڭ رەسۇلىللاھتىن ئايرىلغانلىقىنى،مۇشرىكلارنىڭ رەسۇلىللاھقا يېتىپ بېرىپ،ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تىرىشىۋاقانلىقىنى كۆرىدۇ.ئۇ قولىدىكى سۇ قاچىسىنى يەرگە چۆرىۋېتىپ،بالىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان چىشى يولۋاسقا ئوخشاش ئېتىلىپ بېرىپ،قېچىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بىرىنىڭ قولىدىن نەيزىسىنى تارتىۋېلىپ،سەپلەرنى يېرىپ نەيزىسى بىلەن يۇزلەرگە ئۇرۇپ مۇسۇلمانلارغا«ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى تاشلاپ قويامسىلەر»دېگىنىچە جەڭ مەيدانىغا كىرىپ كەلگەنىدى.خەتەرلىك ۋە ئېچىنىشلىق ئۇرۇش مەيدانى ئۇنى توسۇپ قالالمايتتى. o'Byuct
@e_ bG@
خۇددى ئەنە شۇلاردەك ئىسلامنى تۇتقا قىلغان،ئىمان بىلەن قەلبى يورۇغان بىر ئۇيغۇر قىزى ھەم بىزگە ئاللاھ ۋە ئىسلام يولىدا ئۆز قېنى ۋە ھاياتى بىلەن يېزىپ چىققان گۈزەل بىر ھېكايىنى تاشلايدۇ! WBgS9qiB
((}T^
ئۇنىڭ ئىسمى يۇلتۇز بولۇپ،سۇتۇق بۇغراخاننىڭ تاغىسىنىڭ قىزى،سۇتۇقنىڭ ۋەدىلەشكىنى،سۇتۇقتىن قالسىلا شۇ دەۋىردە قەشقەردە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن سۇتۇقتىن قالسا ئىككىنچى بولۇپ،ئاياللار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر قىزىدۇر.ئۇ سۇتۇق بىلەن بىللە ئوغۇلچاق قاراخانىيلار تەۋەسىدە ئىسلامنى تارقىتىش ۋە پۇقرالارنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى قاتتىق چەكلەنگەن قىيىن شارائىت ئاستىدا مۇسۇلمان بولغان.ئەمما ئوغۇلچاق بۇددىستلىقتا تاشتىنمۇ قاتتىق،ئەشەددىي بۇددىست بولۇپ،ئۇ سۇتۇقنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلگەندى كېيىن ئۇلارنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ.شۇڭا يۇلتۇز قىز سۇتۇق ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى ئوغۇلچاق لەشكەرلىرىدىن قاچۇرۇپ،ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇپ قويىدۇ.كېيىن ئۇلار سېزىلىپ قالغاندىن كېيىن،ئامالسىز چېكىنىپ ئاتۇشنىڭ شىمالىدىكى بۇلاق تار دېگەن بىر جىلغىغا يوشۇرىنىۋالىدۇ.كيىن ئوغۇلچاق لەشكەرلىرى ئىز قوغلاپ بۇ يەرگىمۇ باستۇرۇپ كېلىپ،سۇتۇق ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن قاتتىق جەڭلەر قىلىدۇ.يۇلتۇز دەسلەپتە قېرىنداشلىرىغا تاماق يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.كېيىن ئۇمۇ قولىغا قېلىچ ئېلىپ جەڭگە كىرىدۇ ۋە قانچىلىغان كاپىر ئەسكەرلەرنى چېپىپ تاشلايدۇ.ئاخىر قىز كۆكسگە تەگكەن يا ئوقىدا زەخمىلىنىپ ئاتتىن يىقىلىدۇ.قىزنىڭ باتۇرلارچە جەڭ قىلىشى ۋە ئۆلۈمى سۇتۇق بىلەن ئۇنىڭ ھەمرالىرىغا جاسارەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلاپ،ئاخىرىغىچە جەڭ قىلىپ دۈشمەننى جىلغا ئىچىدىن سۈرۈپ چىقىدۇ.بۇ جەڭدە شېھىت بولغان يۇلتۇز قىزنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يىگىتلەرنى بۇلاق تارنىڭ ئىچىگە يەرلىككە قويىدۇ. W0&NX`m
QQUYWC
شاھزادە سۇتۇق يۇلتۇز قىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈدىغان بولۇپ،ئۇنىڭ ئۆزىدىن كېينلا مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىكەن.ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن بىلەن بىرگە جەڭ قىلىپ،جەڭدە شېھىت بولغانلىقى تېخىمۇ قايىل قىلغان ئىكەن.بۇلاق تارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى قېتىم ئەزان ئاۋازى ياڭرىغانلىقى ئۈچۈن،شۇنداقلا دىننىڭ بىرىنچى مەسچىتى ۋە بىرىنچى شېھېتلەر جايى دەپ قاراپ،شۇنداقلا شاھزادە سۇتۇق ياخشى كۆرگەن قىز،دىننى قوغداپ شېھىت بولغان بىرىنچى مۇسۇلمان قەھرىمان قىز دەپنە قىلىنىپ ياتقان جاي بولغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ،بۇ بۇلاق تارنىڭ نامى كېيىن«جايى پەچچىم»گە ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن. 90oG+T4
b Z0mK$B
سۇتۇق غەلىبە قىلىپ تاغىسى ئوغۇلچاقنى يەڭگەندىن كېيىن،بۇ يەرگە يىلدا بىر قېتىم چىقىپ،ئىبادەت قىلىپ قايتىدىغان بولغان.شۇ سەۋەپلىك جاي پەچچىم ھازىرغا قەدەر ئۇلۇغلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ،بۇ جاينىڭ نامى«جاي پەچچىم»،«جاي ئانام»،«ئۇلۇغ يەر» دەپ ئاتىلىپ ئەزىزلىنىپ تاۋاپ قىلىدىغان يەر بوپ قالغان. 'a`cK;X9F
6px(]QU
ئەنە شۇ قىزنىڭ ئىسمى يۇلتۇز ئىدى.ئۇ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى ئىچىدىكى تۇنجى ئايال مۇسۇلمان؛تۇنجى ئايال مۇجاھىدە ۋە تۇنجى ئايال شېھىت بولغان ئىدى. Wm{Lg0Nr
7cTDbc!E-
ئۇنىڭ جەننەتتىكى ئورنىنىڭ ئىسلامدىكى ئىمان يولىدا جېنىدىن ئايرىلغانغا قەدەر ئازاب-ئوقۇبەتكە بەرداشلىق بېرىپ،مۇسۇلمان ئاياللىرى ئىچىدە تۇنجى شەھىدە بولغان سۇمەييەنىڭ(ئۇنىڭ ئېرى ھەزرىتى ياسىر 8X,dVX5LT
تۇنجى شېھىد ھېسابلىنىدۇ) ئورنى بىلەن ھەم شۇنداقلا ئىسلام ئۈچۈن قولىغا قورال ئېلىپ كاپىر يەھۇدىينى ئۆلتۈرگەن تۇنجى ئايال مۇجاھىدە سەفىيەنىڭ ئورنى بىلەن تەڭ بولىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمىز E-Nc|A
1 PL2[_2:
!ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ۋە ئۇنى رازى قىلسۇن!ئۇ ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى ئىمان ئاسمىنىدا پارلىغان تۇنجى بىر گۈزەل ۋە نۇرانە يۇلتۇز بولغان ئىدى! _?"P<3/iF
ئۇنىڭ ئىزىدىن

تارىخ ئۆزىنىڭ نۇرلۇق بەتلىرىگە كۆڭۈللەر تەلپۈنگۈدەك شەرەپلىرى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان شەرەپلىك ساھابە ئاياللار پەقەت بىرنەچچىلا ئەمەس ئىدى.ئۇلار ئاللىقاچان گۈزەل ھېكايىلەر،جاسارەتلىك ئابىدىلەر،يۈكسەك ئېتىقاد-پەزىلەتلەرگە تولغان ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى بىزگە قالدۇرۇپ كېتىپ قالغان بولسىمۇ،ئاشۇ مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ تەڭداشسىز ئۈلگىسى ۋە ئاجايىپ نەمۇنىسى بولغان ھەم ئەرلەرنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغان تۇرمۇش ۋە ئۇرۇش مەيدانىدىكى قورقماس،سەبىر-تاقەتلىك،ئەقىللىق،باتۇر كۆرۈنۈشلىرى بىلەن دىللىرىمىزدا ۋە تىللىرىمىزدا،قەلەملىرىمىزدە ۋە كىتابلىرىمىزدا ھاياتتۇر.ئۇلار ئۆز ھاياتى بىلەن ئۆزلىرىنى يېزىپ چىققان بىر گۈزەل شئىر،بىر گۈزەل ناخشا؛ئاشۇ شېئىرلارنى ئەبەدىي ئوقۇپ قانمايمىز،ئاشۇ ناخشىلارنى ئەبەدىي ئوقۇپ ھارمايمىز.ئۇلار بىز ئۈچۈن چاقىرىق،ئاگاھلاندۇرۇش،ئۈلگە ۋە دەرس!ئاشۇ چاقىرىق، ئاگاھلاندۇرۇش،ئۈلگە ۋە دەرسلەر ئەينەك بولۇپ بىزنىڭ ئۆزىمىزگە،ھاياتىمىزغا ۋە ئەتراپىمىزغا شۇنداقلا كەلگۈسىمىزگە قاراپ بېقىشىمىز ئۈچۈن تاشلانسا......بەلكىم بارماقلىرىمىزنى چىشلەپ،باشلىرىمىز چۈشۈپ كېتىدۇ.شۇنداق،ئۇلار كىم بولغان ئىدى ۋە بىز كىم؟ 5G!0Yy['
(gY3?&Ok*
ئەنە ئوھۇد كۈنىسى رەسۇلىللاھنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەرنىڭ بىرى.ئۇرۇش مۇسۇلمانلارنىڭ زىنىيىغا يۈز تۇتقان شۇ ۋاقىتتا،رەسۇلىلاھنى قوغداپ ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ قالىدۇ.ئۇ مىسىلىسىز پىداكارلىق بىلەن رەسۇلىللاھنى دۈشمەننىڭ زەربىسىدىن قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇستا كىشى ئىشەنگۈسىز قەھرىمانلىق كۆرسىتىدۇ.ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەي قالاي دېگەندە.....ئۇلار يېنىغا توپلانغان بىر بۆلۈك مۇسۇلمان ئەزىمەتلەر ئىچىدە ئېھتىرام بىلەن تىلغا ئېلىنغانلار قاتارىدا ئۇممۇ ئەممارە(ئەسلى ئىسمى نەسىبە بىنتى كەئەب مازىنى)مۇ بار ئىدى. cR'l\iv+
(_h=|VjK(I
نەسىبە بىر توپ مۇسۇلمان ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە مەلئۇن ئىبنى قەمىئە بىلەن تۇتۇشۇپ قالىدۇ.ئىبنى قەمىئە نەسىبەنىڭ مۈرىسىگە قىلىچ ئۇرۇپ،جاراھەتنىڭ كاتەك ئىزلىرىنى قالدۇرىدۇ.نەسىبە ئىبنى قەمىئەنى بىرنەچچە قېلىچ ئۇرغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇ قوش ساۋۇت كىيىۋالغاچقا قېلىچ ئۆتمەيدۇ.نەسىبە يەنىلا داۋاملىق ئۇرۇشۇپ،بەدىنىنىڭ 12يېرى ئېغىر يارىلىنىدۇ. *3.K; Ic;
T_\Nvzb}
ئۇنىڭ ھەققىدە رەسۇلىللاھ ئوھۇد كۈنى مۇنداق دېگەن« اللە بىلەن قەسەمكى،مەن ئوڭ ۋە سول يانلىرىمغا قارىسام،ئۇنىڭلا مېنى قوغداپ جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم» nHAET
O+iNR9O
ئاندىن رەسۇلىللاھ ئۇنىڭغا ئەڭ شەرەپلىك ئوردىن تاقىغانلىق قاتارىدا ئۇنىڭ ھەتتا باشقا ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: j<"@Y7
JVfSmxy.
«كەئەبنىڭ قىزى نەسىبەنىڭ بۈگۈنكى دەرىجىسى پالانى ۋە پالانى ئەرلەرنىڭكىدىنمۇ ياخشى» p**Sd[|
2VpKG*!\
مانا،رەسۇلىللاھنىڭ شۇقەدەر مەدھىيەلىنىشىگە سازاۋەر بولغان بۇ ئايالنىڭ پىداكارانە كۆرۈنىشلىرىدىن بىر ئايالنىڭ ئىمانىنىڭ قۇدرىتىنى ۋە ئاللاھ ھەمدە ئۇنىڭغا رەسۇلىغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنىڭ قۇدرىتىنى قانغۇچە تاماشا قىلىڭ! n["Gry
>m:;.vVY
`T'[H/
شۇ قاتارلىق جاسارەتلەر بىلەن مۆئمىنلەر ۋە مۆئمىنەلەرنىڭ ئاخىرقى بىر نەپەس قالغۇچە ئېلىشىشى نەتىجىسىدە ئوھۇد ئۇرۇشى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان ئىدى.مۇشۇ سائەتلەردە بارلىق مۆئمىن ۋە مۆئمىنە ئەزىمەتلەرنىڭ داۋاملىق جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ يولىدا ئۆلۈمگە قانچىلىك پىسەنت قىلمايدىغانلىق ئىرادىسىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى كۆرۈنۈشتىن بىرى،يەنىلا شۇ ئاياللار مەيدانىنىڭ كۆرۈنىشى بولغان ئىدى! 7%j1=V/
aB_~Vh
ئۇرۇش ئاخىرىلىشىۋاتقاندا بىرمۇنچە مۇسۇلمان ئاياللار ئوھۇد جەڭ مەيدانىغا يېتىپ كەلدى.ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ«مەن ئائىشە(مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى)ۋە ئۇممۇ سۇلەيىملەرنىڭ پۇت-قوللىرىنى شىمايلاپ(ھەتتا ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنىڭ ھالقا-مونچاقلىرىمۇ ئېچىلىپ قالغان ئىدى)سۇ تۇلۇملىرىنى يۈدۈپ سۇ ئەكىلىپ،يارىلانغان ۋە ھالىدىن كەتكەنلەرنىڭ ئېغىزىغا سۇ تېمىتىۋاتقانلىقىنى،سۇ تۈگىسە يەنە بېرىپ ئەكىلىپ ئەسكەرلەرنى سۇغىرىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم»دېگەن.ئۆمەر ئىبنى خەتتاب«ئۇممۇ سەلىت(ئايال)ئوھۇد كۈنى بىزگە تۇلۇمدا يۈدۈپ سۇ توشۇپ بېرەتتى»دېگەنىدى. %I^schE*
]F{F+r
شۇ باتۇر ئانىلار-ئاياللار ئىچىدە ئۇممۇ ئەيمەنمۇ بار ئىدى.ئۇ ئەسلىدە مەدىنىدە قالغان بولۇپ،قىسمەن مۇسۇلمانلارنىڭ مەدىنىگە چېكىنىپ قېچىپ كىرىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يۈزىگە توپا چېچىپ«مېڭىش،تېزدىن ئۆيۈڭگە كىرىپ يىپ-يىڭنە ۋە يىك-چاقلارنى قولۇڭغا ئېلىش!قېلىچنى بىزگە بەر،ئۇرۇشقا بىز چىقىمىز»دەپ ئەيىبلەيدۇ.ئاندىن ئۇ ئىنتايىن تېز سۈرئەت بىلەن ئوھۇد تېغى جەڭ مەيدانىغا يېتىپ كېلىدۇ ۋە مۇسۇلمان ئاياللار بىلەن بىرلىكتە يارىدار ۋە ھالسىزلارغا سۇ بېرىشنى باشلىۋېتىدۇ.ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭغا ھىببان ئىبنى ئەرقە ئىسىملىك بىر كاپىر ئەبلەخ ئوق ئېتىپ يىقىتىۋېتىدۇ ۋە كيىمىدىن ئايرىلىپ يالىڭاچلىنىپ قالىدۇ.ئاللاھنىڭ دۈشمنى ھىببان بۇنى كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىدۇ.ئۇنىڭ يولسىزلىقى رەسۇلىللاھقا قاتتىق ھار كېلىپ،يېنىدىن بىرتال تىغسىز ئوقنى سەئەدكە ئۇزىتىپ«مانا!بۇنى ئاۋۇ ئەبلەخكە ئات!»دەيدۇ.ئۇنى سەئەت قولىغا ئېلىپ ئاتقاندا ئوق ھىبباننىڭ يۈرىكىگە نەق تېگىپ،ئۇنى يىقىتىدۇ ۋە ئۇيان-بۇيان دومىلاپ-پۇچىلىنىپ موزايدەك يالىڭاچلىنىپ قالىدۇ.بۇنى كۆرگەن رەسۇلىللاھ كۈلۈپ كېتىدۇ،بەلكى كۈلگەندىمۇ قاقاقلاپ كۈلىدۇ ۋە ئاندىن«يارايسەن سەئەد!ئۇممۇ ئەيمەننىڭ قىساسىنى ئېلىپ بەردىڭ،ئاللاھ دۇئايىڭنى ئىجابەت قىلسۇن»دەيدۇ. fw&cv9X(IU
(X?HuWTm
}j)][{i*x
ئەنە شۇ جىھاتقا چىقىشى پەرز قىلىنمىغان،بەلكى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا بولغان مۇھەببىتى خەتەرسىز ئۆيلىرىدىن،يۇمشاق-راھەت تۆشەكلىرىدىن خەتەرلىك ۋە ئېچىنىشلىق جەڭ مەيدانلىرىغا،قېلىچ-نەيزە بىسىغا ۋە ئۆلۈمگە باشلاپ بارىدىغان مۇشەققەتلىك يوللارغا چۈشكەن مۆئمىنە ئاياللارنىڭ سۈرىتى! qdPmTaak
$6l^::U
بۇ سەفىيەنىڭ، بۇ نەسىبەنىڭ،ئۇممۇ ئەيمەننىڭ ۋە ئاۋۇ سۈرەت يۇلتۇز قىزنىڭ......ئاشۇ سۈرەتلەر كەينىدىن ھېچبىر خاتىرىلىگۈدەك سۈرەتلەر ئىز بېسىپ كەلمىگەن دەمسىز؟قېنى يۈرۈڭ،مۆئمىنلەر ئانىلىرى ۋە ساھابە ئاياللار ھەمدە يۇلتۇز قىزنى ئۈلگە قىلىپ زەپەردەست قەدەملىرى بىلەن جىھاد مەيدانلىرىغا يۈرۈپ كەتكەن خاقانىيە قىزلىرىنىڭ يولىغا!گەرچە تارىخ ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى ئەينەن خاتىرىلىيەلمەي،كىچىككىنە ئىزلارنىلا قالدۇرغان بولسىمۇ كېرەك يوق.بىز ئۇلاردىن ئۇيغۇر مۆئمىنە قىز-ئاياللىرىنىڭ قەھرىمانلىقى،جاسارىتى ۋە كۈچلۈك ئېتىقاد-ئىمانىنىڭ سۈرەتلىرىنى يەنىلا كۆرۈپ يېتەلەيمىز. Y=?Tm,z4
xeB-fy)5+
ئۇلار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قىزلىرىدىن نۇرئەلانۇرخان،بۈۋىمەريەم خېنىملاردۇر؛ئۇلار سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئوغلى ھۈسەيىن بۇغراخاننىڭ مەلىكىسى ھەدىيە تۈركەن خېنىم ۋە ئۇنىڭ قىزى قىزىلچى خېنىمدۇر. GU0[K#%

مىلادى 970~ 1006-يىللار ئەتراپىدا قاراخانييلار سۇلالىسى بىلەن ئەشەددى جاھىل بۇددىست ئېلى ئۇدۇن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان شىددەتلىك ئۇرۇشلار بولغان.كۆلىمى چوڭ بولغان ئۇرۇش جەمئىي توققۇز قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىك بولغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش بەشىنچى ۋە ئالتىنچى قىملىق ئۇرۇشتۇر. 5oe{i/#di
g_3Ozy
مۇشۇ ئۇرۇشلاردا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ جىيەن ئوغلى ئەلى ئارسلانخان، قاراخانىيلار خانلىقى قوشۇنلىرىنىڭ مۇھىم قوماندانلىرىدىن بىرى ھەم سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئوسمان،تۆتىنچى ئوغلى مۇھىم قوماندان ھۈسەيىن ۋە ئىككىنچى ئوغلى يۈسۈپ،ئەڭ ئاخىرىا شۇ چاغدىكى خاقان ئەبۇ ھەسەن(ئەبۇ ھەسەن ئەلى بىننى موسا) ۋە ئۇنىڭ ئاچىسى بولغان نۇرئەلانۇرخانلار كەينى-كەينىدىن شېھىت بولۇپ كېتىدۇ.بۇ ئۇرۇشلارنىڭ مىسلىسىز كەسكىن،شىددەتلىك بولىشى ۋە ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىشى،تۆلەنگەن بەدەللەرنىڭ كۆپلىكى ۋە بەلكى ئىماننىڭ تۈرتكىسىدە ئۇدۇن بۇددىستلىرى بولغان جەڭگە قاراخانىيلار خانلىرىنىڭ تۈركان خاتۇنلىرىدىن تارتىپ مەلىكىلىرىگىچە پىداكارلىق بىلەن قاتنىشىدۇ.مەلۇماتلارغا قارىغاندا،نۇرئەلانۇرخان باتۇرلۇقتا تەڭدىشى يوق،ئەلەم ۋە قەلەمدە كامالەتكە يەتكەن ئايال قوماندان دېيىلگەن.ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلگەن ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇش-6-قېىملىق ئۇرۇشتا شېھىت قىلىۋېتىلگەن. % !>@m6JK
Bun^EJ)
ئۇنىڭ ھەمشىىرىسى بولغان بىبى مەريەم خېنىممۇ ئۈچ ھەمراھى بىلەن جىھاتقا قاتنىشىپ ھازىرقى قەشقەر كونا شەھەر بەشكېرەم يېزىسى ئەتراپىغا كەلگەندە كاپىرلار تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىغان. ?>1wZ
@rv)J[7Y&
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئوغلى ھۈسەيىن بۇغراخاننىڭ ئايالى بولغان ھەدىيە تۈركەن خېنىم مىلادى 997-يىلى ھۈسەيىن بۇغراخان شېھىت بولغاندىن كېيىن،پۈتۈن سەپ بويىچە چېكىنگەن ئىسلام قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش مەيدانىدىن ھازىرقى يېڭىسار ناھىيە بازىرى ئەتراپىغا چېكىنىپ كەلگەندە،كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن بۇددىست قوشۇنلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان ھەم شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.ئۇنىڭ ھۆرمەت ناملىرى« سۇلتان دەرىجە خېنىم»،«مەلىكە خېنىم ياكى ئوردا خېنىم» دەپ ئاتالغان بولۇپ،بەزى رىۋايەتلەردە ئۇنىڭ باتۇرلىقىغا تەڭ كېلەلمىگەن سۈيقەتستچى كاپىرلار ئۇنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ناماز ئوقىۋاتقان پەيتىدىن پايدىلىنىپ ئۆلتۈرگەن دېيىلىدۇ. ro+8d
!S'!oinV
ھەدىيە تۈركەن خېنىمنىڭ گۈزەللىك ۋە باتۇرلۇقتا نامى چىققان قىزى قىزىلچى خېنىممۇ كاپىرلار بىلەن بولغان جەڭدە شېھىت بولغان.ئۇنىڭ قەبرىسى ئاتۇش بىلەن بەشكېرەم ئارىسىدىكى قومال تاغنىڭ ئىچىدىكى ئاتۇش بىلەن بەشكېرەمنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى تار ھەم ئۇزۇنلۇقتا مەشھۇر تاغ يولى-ئىت يولىدا.ئۇ شۇ قېتىملىق غازاتتا بىرقانچە ھەمراھى بىلەن بۇددىستلار تەرىپىدىن شېھىت بولغان.يەنە بىر رىۋايەتتە مەلىكە ئۆزھەمراھلىرى بىلەن ئىسلام دەئۋىتى قىلىپ يۈرگىنىدە كاپىرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلگەن دېيىلىدۇ.ئۇنىڭ ئاشۇنداق باتۇرانە ھاياتى پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئەل ئارىسىغا يەنە بىر گۈزەل رىۋايەت تارقالغان بولۇپ،كىشىلەر ئۇنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئېيتىپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن.مانا بۇ شۇ تەپسىلاتلاردىن پارچە: x9o(q`N
k*rG^imX
ئوردا خېنىمنىڭ چىرايلىقلىقتا كۈن بىلەن بەسلەشكۈدەك،ئەۋرىشىملىكتە ئايدىن قېلىشمىغۇدەك،جىگەرلىك،باتۇر بىر قىزى بولۇپ،ئۇنىڭ ئىسمى قىزىلچى خېنىم دېيىلىدۇ. t9.| i H
:7*9W|e
ئوردا خېنىم ئۇدۇن كاپىرلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە قىزىلچى خېنىممۇ باشقىلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئۆزىنىڭ كېنزەكلىرىنى باشلاپ،قولىغا قېلىچ،نەيزە-قالقان ئېلىپ كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلىدۇ. sVHw\_F$
Z-L }"~
قىزىلچى خېنىم جەڭدە ئەرەنچە ياسىنىۋالىدۇ.ئۇنىڭ باھادىر،غەيرەتلىكلىكى،ئۇرۇشتىكى چېۋەر-چەبدەسلىكى ھېچبىر ئەردىن قېلىشمايدۇ.ئوردا خېنىم ئۆز قىزىنىڭ تولىمۇ ياخشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنۈپ تەھسىن ئوقۇيدۇ،مۇسۇلمانلارمۇ بارىكاللاھ ئېيتىشىدۇ.كاپىرلار ئۇرۇش مەيدانىدا مۇنداق بىر باتۇرنىڭ بولۇشىدىن كۆپ ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.قىزىلچى خېنىم ئۆز سېپىگە ھەرقېتىم باستۇرۇپ كەلسە،قىرىق قەدەم ئارقىسىغا چېكىنىدۇ.قىزىلچى خېنىمنى بالدۇرراق كۆزدىن يوقتمىسا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇش مەيدانىدا غەلىبە قىلالىشىغا كۆزى يەتمىگەن كاپىرلار قوشۇنى،ئۇنىڭغا قاپقان قۇرماقچى بولىدۇ. `NyO|9/4
>x]ir
قىزىلچى خېنىم جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ،كاپىرلارنى لاغ-لاغ تىترىتىشى مۇسۇلمانلارنى چەكسىز شاتلاندۇرغان بولسا،كاپىرلارنى قايغۇغا سالىدۇ.قىزىلچى خېنىم ئۆزىنىڭ دۈشمەننىڭ كۆزىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،ئۆزىنى بىرەر قېتىممۇ چەتكە ئالماي دۈشمەن سېپىگە ئۈزلۈكسىز ئىچكىرىلەپ كىرىيۋېرىدۇ.كاپىرلار كۆرۈنۈشتە كەينىگە چېكىنگەن بولىۋېلىپ،ئىككى مەرگەن قىزىلچى خېنىمنىڭ ئىككى قولىنى قارىغا ئېلىپ ئوق ئۈزىدۇ،شۇئان قىزىلچى خېنىمنىڭ قولىدىكى قىلىچ-نەيزە چۈشۈپ كېتىدۇ.ئۇ بىر ئاماللار قىلىپ قىلىچىنى چىشلىۋېلىپ،كاپىرلار بىلەن يەنە بىر قەپەس ئېلىشىپ،ئاستا-ئاستا سەپتىن چېكىنىپ،ئۆز سېپىەە قايتىپ كېلىۋاتقاندا،كاپىرلار باستۇرۇپ كېلىشكە باشلايدۇ. jw)c|%r>
قىزىلچى خېنىمنىڭ قولىغا سانجىلغان يا ئوقلىرى زەھەر بىلەن سۇغۇرىلغان بولغاچقا،ئۇنىڭ بەدىنىگە زەھەر ئۆتۈپ ھوشسىزلىنىشقا باشلايدۇ.قىزىلچى خېنىم توساتتىن ئاتتىن يىقىلىپ چۈشىدۇ.مۇسۇلمانلار سېپى يىرقتا بولغاچقا،ئۇنى دەماللىققا قۇتقۇزىۋالغىلى بولماي قالىدۇ.لېكىن كاپىرلار بولسا داۋاملىق يوپۇرۇلۇپ كېلىشكە باشلايدۇ. Z?qc4Cg
I5]58Ohx
قىزىلچى خېنىم كاپىرلارنىڭ قان تېمىپ تۇرغان قىلىچىغا ۋە ياۋۇز قىياپىتىگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ،ئورنىدىن تۇرۇشقا شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ،جايىدىن مىدىر-سىدىر قىلالمايدۇ.دۈشمەننىڭ ۋەھشىي قولىغا چۈشۈپ كېتىش خەۋپى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالىدۇ.كاپىلار قولىغا چۈشۈشنى نومۇس بىلگەن قىزىلچى خېنىم نېمە قىلارىنى بىلەلمەي،ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ دۇئا قىلىدۇ.شۇ پەيتتە توساتتىنلا يەر يېرىلىپ قىزىلچى خېنىمنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ،يەنە يېپىلىپ قالىدۇ.كاپىرلار بۇ مۆجىزە-كارامەتنى كۆرۈپ،ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ ھەم غەزەپلىنىپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كېىپ قالىدۇ... KvjH\;78
_y:aPn
مانا مۇشۇنداق ئىسلام غازىتى داۋامىدىكى ئۇرۇش ۋە دەئۋەتلەگەا،قاراخانىيلار خانلىقىدىكى ئوردىغا مەنسۇپ تۈركان خاتۇن،مەلىكىلەردىن ئاددى كېنزەكلەر ۋە باشقا قىز-ئاياللارغىچە قاتناشقان بولۇپ،بۇغراخانلار ۋە شاھزادىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش مەيدانلىرىدا بىر-بىرلەپ شېھىت بولغان.خاتىرىلەردە ئۇدۇن بۇددىستلىرى بىلەن بولغان جىھاد ئۇرۇشى مىلادى-970يىلىدىن تاكى1006-يىلى بۇددىست ئۇدۇن دۆلىتى تارمار بولغىچە بولغان ئۇزۇن ۋاقىتقا سوزۇلغان.ھەتتا قاراخانىيلار پايتەختى قەشقەر بىرنەچچە قېتىم كاپىرلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىۋېلىنىپ،مۇسۇلمانلار قوشۇنلىرى زور تالاپەتكە ئۇچرىغان.ئەبۇ ھەسەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن خاقان بولغان يۈسۈپ قادىرخان(ھارۇن قادىرخان ياكى يۈسۈپ بىننى ئەل ھەسەن دېيىلىدۇ،تولاراق يۈسۈپ قادىرخان ئىسمى بىلەن مەشھۇر)ئۆزى بىۋاستە قوشۇن باشلاپ ئۇدۇنغا بارغاندىن كېين مىلادى 1006يىلى قىش پەسلىدە ئۇدۇن بۇددىستلىرى ئۈزۈل-كېسىل تارمار بولغان.ھەدىيە تۈركەن خېنىم كەبى تالاي جاسارەتلىك،باتۇر مۆئمىنە قىزلار شۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلاردا كەينى-كەيندىن ئىسلام يولىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن.تۈركان خاتۇن ياكى مەلىكە بولغانلىقلىرى ئۇلارنى ئاللاھ يولىدىكى جىھاتلاردىن توسۇپ قالالمىغان.ئەپسۇسكى ئۇلار ھەققىدە خاتىرىلەردە كۆپ مەلۇماتلار قالدۇرىلمىغان،لېكىن ئۇلارنىڭ ئاتۇش،قەشقەر،يېڭىسار قاتارلىق جىھات مەيدانلىرىدىكى ئۆزلىرى شېھىت بولغان جايغا دەپنە قىلىنغاندىن كېينكى قەبرىلىرى تاكى ھېلىغىچە ئۇلارنىڭ جىھات مەيدانىدىكى باتۇرانە كۆرۈنۈشلىرى ۋە پائالىيەتلىرى بىلەن تولغان ھېكايە-رىۋايەتلىرى بىلەن بىرگە ئەل تەرىپىدىن ئۇلۇغ تاۋاپگاھ سۈپىتىدە ئۇنتۇلماي زىيارەت قىلىنىپ كەلگەن. `ghNS
U%K gLg#
سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان دەۋرىگە ئائىت ئوردا ئاياللار قەبرىسىدىن پەقەت پەقەت ئاتۇش مەشھەد ئىچىدىكى بۇد تەركەن خېنىم(سۇلتۇن سۇتۇق بۇغراخان قىزى)ۋە سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىنىك ئانسى بۈۋى ئانام دەپ ئاتالغان ئوردىدىكى ئۆلىما ئايالنىڭ قەبرىسىنىڭلا بولۇشىمۇ بەلكى جىھات مەيدانلىرىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئاشۇ باتۇر شەھىدەلەرنىڭ ئۆزلىرى جىھات قىلىپ شېھىت بولغان جايلارغا دەپنە قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن،ئەجەبلىنەرلىك ئەھۋال بولمىسا كېرەك.(ئاللاھ بىلگۈچىدۇر ۋە ئەڭ ئالىمدۇر) L>rW S-
91ec^g
U8eU[|-8O/
خەتەرلىك جەڭ مەيدانلىرىدا ئەرلىرى ۋە قېرىنداشلىرىغا-بەلكى ئىسلامغا ياردەم بېرىپ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن مۇشەققەت تارتقان،ھەتتا جىھاتلارغا كىرگەن مۆئمىنلەر ئانىلىرى ۋە ساھابە ئاياللارنى ئۈلگە قىلغان خاقانىيە قىز-ئاياللىرىنىڭ ئۇلار ئىزىدىن مېڭىشى ھېچ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس!چۈنكى ئاشۇ ئۇرۇشلاردىن جەننەتنىڭ ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ.شېھىت بولغۇچىغا بېرىلىدىغان ساۋابلار ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى تەلپۈندۈرىدۇ.جىھاتنىڭ مۇشەققىتى ۋە بەدەللىرىدىن جەننەت يولى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.ئاشۇ بىزلەرگە ئىسلامنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن شېھىت بولغان،جاپا-مۇشەققەتلەر تارتقان قەيسەر خاقانىيە قىز-ئاياللىرىنىڭ ئەجىرلىرىنىڭ ساۋابىنى ئاللاھ ھەسسىلەپ بەرسۇن ۋە ئۇلاردىن رازى بولسۇن!

قۇرۇماس بۇلاق
زۇلمەت قاراڭغۇلىقىدا قالغانلار ئۇ بۇلاقتىن ئۈمۈد شولىسىنى تاپىدۇ.ئۇنىڭدىن ئىچكۈچىلەرگە خۇش بېشارەت بار.قاچانكى ئۇ بۇلاق ئېقىپ چىققىنىدىن تارتىپ كېچە ئاخىرلاشتى.قاراڭغۇلۇقتا قالغانلار زۇلمەتنىڭ يوقالغىنىنى،نۇرنىڭ تۇغۇلغىنى كۆرۈشتى. [bEm D
E6xWo)`%5s
قېنى گاڭگىراپ قالغانلار ۋە ئېزىققانلار كەينىمدىن مېڭىڭلار،بەلكى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار.سىلەرنىڭ ۋە كۇللى مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان يىگانە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئېقىپ كەلگەن ئۇ بۇلاق بويىغا مەن باشلاپ بارىمەن!،دەيتتى بىر نۇرلۇق مەشئەلنى كۆتۈرگەن يولباشچى. Mvk#$:8e
V6b)
شۇنداق،ئۇ بۇلاق-ئىسلامدۇر!ئۇنىڭدا پەيغەمبەرلەرنىڭ گۈلتاجى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە تۇنجى ۋەھى نازىل بولۇشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا تۈنجى بولۇپ ئىمان كەلتۈرگەن سادىق،ئىشەنچلىك مۆئمىنلەر ئانىسى خەدىچە رەزىيەللالاھۇ ئەنھانىڭ رەسۇلىللاھ قۇرئاننىڭ تۇنجى ئايەتلىرىنى ئوقۇپ«ماڭا كىم ئىشىنىدۇ؟»دېگىنىدە«باشقىلار ساڭا ئىشەنمىسىمۇ مەن ئىشىنىمەن...قورقما،ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى،ئۇ سېنى رەسۋا قىلمايدۇ،چۈنكى سەن ئۇرۇق-تۇغقانلارنى يوقلايسەن،مېھماننى كۈتىسەن،كەمبەغەلەنى تويغۇزۇپ،موھتاجلارغا ياردەم قىلىپ،زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا ياريۆلەك بولىسەن»دەپ مەدەتكار بولغان سۆيۈملۈك پىچىرلىشى بار.ئاشۇ بۇلاقتىن ئىچىپ ھەتتا بەدىنىگە بىر تال يىڭنە كىرىپ كېتىشىدىن قورقىدىغان سۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا(ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)بەدىنىگە قىزىتىلغان تۆمۈر بېسىلغاندا ئۇنىڭدىن كەلگەن مەنىۋى لەززەتنىڭ كۈچى بىلەن بەرداشلىق بېرىپ،ئىسلامدا تۇنجى ئايال شېھىتلىك مەرتىبىسىگە ئېرىشكەن ئىدى.ئۇنىڭدا ئىسلام ئەزىزلىكى بىلەن ھۆرمەتلەنگەن ۋە يۇقىرى مەرتىبىلەنگەن ئاياللار ئائىلىنىڭ گۈلى،پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋە خەلىپىلەرنىڭ ھۆرمەتلىك ياردەمچىلىرى،مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇستاز-ئالىمە،قارىيەلىرى بولۇپ چىققان ئىدى.ئىنسانىيەت دۇنياسنىڭ يەنە قايسى يېرىدىن ۋە ۋاقتىدىن شۇلار كەبى شەرەپلىك شېرىن تامچىلارنى چېلىقتۇرالايمىز؟ u2 U4MV1C
=@k3*#\
|bmc6G[
ئاللاھنىڭ رەسۇلىللاھنىڭ،ئاتا-ئانا ۋە ئەرلىرىنىڭ ھەمدە ئۆز ۋەتەن-خەلقىنىڭ ئۈستىلىرىدىكى ھەقلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن راھەت-پاراغەتكە ئېرىشىش ئەمەس،بەلكى جانلىرىنى قوغداپ قېلىشنىمۇ ئويلاپ قويماستىن ئىككىلەنمەي ئۆلۈمنى تاللىغان،پاك،قەيسەر،ئىپپەت-دىيانەتلىك قىز-ئاياللارنىڭ سان-ساناقسىز گۈزەل سىماسى ئاشۇ بۇلاقتىن ئۈزۈلمەي جىلۋىلىنىپ تۇرماقتا.مانا ئىپارخانا،مايىمخن،مايسىخان-غۇنچە قىز باشلىق يەتتە قىز،نوزۇگۈم،ھېمىدىخان،ئايشەمخانلار كەبى قىز-ئاياللار شۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى.ئۇلار ئىلگىرىكى تەقۋادار،سالىھ،پەزىلەتلىك ھەمشىرىلىرىنىڭ كەينىدىن ئاشۇ بۇلاقنى قوغداپ قانداق زەپەردەست قەدەملەر بىلەن ئىز بېسىپ كەلگەن-ھە؟! gR{.0e
dYhLk2
ئۇلار بىلەن ئىپتىخارلىنىمىز! .w)T2(
qzu%Pp6If
ئۇلار بىزگە ئۈستىمىزدىكى ھەقلەرنى قانداق ئادا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى غۇبارسىز ھاياتى ۋە قېپقىزىل قانلىرى بىلەن سىزىپ بەردى.كۆمۈلگەن قەلبىمىزنى ئويغاتتى.ئۇلار كەبى ياشاپ ئۆتكەن بىراۋنىڭ كېيىنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرى ئۈچۈن ھەسرەتلىنىش كېرەك ئەمەس.چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەركىتى ئۆلگەن روھلىرىمىزنى تىرىلدۈرىدۇ،پاك ۋىجداننىڭ نېمىلىكىنى بىزگە ئەسلىتىدۇ ۋە دەپسەندە بولغان غورورىمىزنى ھايات-ماماتى بىلەن تىكلەپ،بىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.شۇقاتارلىق جاسارەتلىك ھەمشىرىلىرىمىزدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن خەنزۇ شائىرى يەنچىك ئىپارخان ھەققىدە يازغان شېئىرى بۇنىڭ مىسالى ئەمەسمۇ؟ 1H,hw
a<{+JU5
باھار نۇرلىرىدا جانلانغا دالا، \J^|H@;(@
جىگدىلەر چۆمۈلدى چاچقان پۇراققا. zXg/.z]
گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى، ppM^&6x^
ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كېتەر يىراققا. NYZI;P1DA
ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس، *G0r4Ui$
قەشقەردىن چىققانتى بىر ئۇيغۇر قىزى. a"0'cgB}
ئىسمىدۇر ئىپارخان گۈزەللىكتە ئۇ، )|@UY(VZ^
پۇراقلىق ئېچىلغان چېچەكنىڭ ئۆزى. &za~=+
بوزەك قىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى BpKgUwf;C
ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.
5zH?1Z~*
ئەگەر ئىپارخان ھاياتىي دۇنيانىڭ كىچىككىنە نازۇ-نېمەتلىرىنى ئېتىقاد-ئەركىدىن مۇھىم بىلسە ئىدى،ئۆز زىمىنىنى ئاياغ-ئاستى قىلغان ئىشنكىرۇ(چىيەنلۇڭ)لەشكەرلىرى بىلەن بولغان جەڭلەرگە قاتناشقان،ئەسىرگە چۈشۈپ قالغىنىدا ئىشىنكىرۇغا خوتۇن بولۇشنى ھاقارەت ۋە دىنىمىز چەكلىگەن ھارام دەپ بىلىپ ھاياتىدىن ۋاز كېچىشنى تاللىغان بولارمىدى؟ ;1 02ddRV
<C_FI` wk
ئەركسۆيەر نوزۇگۇم بىزنىڭ ئېگىلمەس غورورىمىزنى ئىپادە قىلغان ئىدى!زۇلۇم ئالدىدا ئاسانلا بوي ئەگكەن نازۇك قىز-ئاياللاردەك قانلىق شىكايەت قىلماستىن،ئاداققىچە ۋاز كەچمەي كۈرەش قىلغان،ھاياتىنى ئاخىرقى نەپەسلىرىگىچە ساقلاشقا تىرىشىپ،پۇرسەتلا بولىدىكەن قولىغا قورال ئېلىپ ئازادلىق،ئەركىنلىك ئۈچۈن دۈشمەنلىرى بىلەن ئېلىشقان ئىسيانكار نوزۇگۈمدىن شۇقەدەر تەسىرلەنگەن شائىر موللا بىلال نوزۇگۈم قىسسىنىڭ ئاخىرىدا: Ng3 MfbFG
ئېنىڭدەك بولسا خوتۇنلار سالىھى پاك )d6Ya1vJH
بۇ مانجۇلار زۇلۇمى ئاڭا نىدۇر باك m,U`hPJ
بۇنىڭدەك بولدا خاتۇنلەر پەئالى <j.bG 7
تاپار جەننەتلەردىن كامالى WeTs va+
نوزۇگۈم روھىغا ھەق رەھمەت ئەتسۇن pU*dE
شېھىت ئالى مەقامى ئۆزرە يەتسۇن
... "oYyeT,?
?1(' s0s\,
دەپ يېزىپ ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىغا ئاپرىن ئوقىغان ۋە شېھىتلىكتەك ئالى مۇقامغا يېتىشىنى تىلىگەن ئىدى. 3~4e\xL
i(JBBE"
سادىر پالۋاننىڭ تۇنجى ئايالى ھېمىدىخانچۇ؟ دەۋرانقۇل،ئاللاقۇل،تۆرەمقۇل ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇلغا ئانا بولۇپ،سادىرنىڭ پۇتىغا پۇت،قولىغا قول بولغان ۋە كېيىن سادىر ئۈچۈن جان بەرگەن(مانجۇلار سادىردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۆلتۈرىۋەتكەن)ھېمىدە خانىم يولدىشى ۋە ئەركىنلىكى بوغۇلغان خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن قىلغان قوزغىلاڭلىرىغا ياردەم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن شېھىت بولغان.سادىر پالۋاننىڭ ئۇنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ،قوشاقلىرىغا قاتقان مىسرالىرى ئۇنى شۇنداق سېغىنىش ۋە ئېھتىرام بىلەن بىزگە ئەسلىتىدۇ:
ئاتىسىدىن يېتىم قالغان، |wZ8O}O{E
ئانىسدىن يېتىم قالغان، ":*PC[)W
يېتىم قالغاندا مەن ئالغان، ~n84x
ھېمىدە ئاتلىق ئامان بارمۇ؟ 9LGJ -gL
K^k1]!W=
ئاق بوز ئاتقا يەم بەرگەن، *tjE#TW
تورۇق ئاتقا چۆپ بەرگەن A?3hNvfx
سادىر ئۈچۈن جان بەرگەن، /b20!3
ھەمىدە ئاتلىق ئامان بارمۇ؟
j[yGfDb رىزۋانگۈلدەك ئازادلىق يولىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ شېھىت بولغان ئايشەمخاننى ھېچ ئۇنۇتمايمىز! EW1L!3K
7Rj!vj/
ئايشەمخان 1945-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى جەنۇبىي يۆلىنىش ئارمىيىسى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا باي ناھىيەسىدىن ئۆتكەندە،باي ناھىيەسىدىن زۇلۇمغا قارشى ئۆزلۈكىدىن ئارمىيەگە قاتناشقان.ئارمىيە ئاقسۇدىن چېكىنگەندە، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان.گومىنداڭچىلار ئايشەمخاننى خائىن بولۇشقا ئۈندىگەن،ئەمما ئايشەمخان قەتئىي رەت قىلغان.شۇنىڭ بىلەن ئايشەمخان ئۇيغۇر ئاسىيلار تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا چېپىپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەن ئىدى ... FZnkQ
t(CdoE,6
ئەنە شۇلار ئىسلام باغچىلىرىدىن كۆكلەپ چىقىپ،ئىمان بۇلىقىدىن سۇ ئىچىپ بەرىق ئۇرۇپ ئېچىلغان خۇش پۇراق گۈللەردۇر.ئۇلار ئىمان-ئېتىقاد يولىدا تاۋلىنىپ،ئىسلام بىلەن ئەزىزلەنگەن پاك-پاكىزە ئەل-ۋەتىنىنى پاسىق باسقۇنچىلارنىڭ ئىپلاس ئاياغلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈزۈپ تاشلانغان ئىدى.لېكىن ئۇلارنىڭ يىلتىزى ئەسلا قۇرۇپ باققان ئەمەس ھەم ئەبەدىي قۇرۇمايدۇ،چۈنكى ئۇ يىلتىزلار بىر قۇرۇماس بۇلاق ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە چىڭ تۇتاشقان.ئۇلار شانلىق تارىخنىڭ ئالتۇن بەتلىرىدىنلا ئەمەس،بىزنىڭ قەلىبلىرىمىزدىن،روھىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان نۇرانە يۇلتۇزلار ۋە ئىپار ھىدلىق چېچەكلەردۇر.ئۇلار ئىماننىڭ لەززىتى بىلەن ئىىسلام بەرگەن ئاياللىق قەدىر-قىممەتلىرى ۋە ھەقلىرىنى تونىغان ئىدى،شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھاياتىي دۇنيانىڭ دەقىقە ئىچىدە يېنىپ ئۆچىدىغان كۆپۈكتەك تۇراقسىز جىلۋىلىرىگە مەپتۇن بولماستىن،پاك-ھالال ياشىغانىدى. t-lWvxXe
q~r)B}
«ئۇ كۈنى(ھېچ كىشىگە)مال ۋە ئوغۇللار پايدا يەتكۈزەلمەيدۇ.پەقەت(ئاللاھنىڭ دەرگاھى)غا پاك قەلىب بىلەن كەلگەن ئادەمگىلا پايدا يەتكۈزۈلىدۇ»(سۈرە شۇئەرا-88~89-ئايەت.دەپ خىتاپ قىلغان ئاللاھنىڭ سۆزىدىن كېيىن ئاشۇ ھەمشىرىلىرىمىزگە ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمەت-مەغفىرەتلەر بېرىشىنى بىزلەرنى ھەم ئۇلاردەك ئىمان-ئېتىقاد بىلەن ياشاپ ئۆتكىلى نېسىپ قىلىشىنى تىلەپ،تۈركىيەنىڭ مەشھۇر ئىسلام ئالىمى ئوسمان نۇرۇ توپباش غوجا ئەپەندىنىڭ «قۇرئان ۋە سۈننەت ئىقلىمىدا ئىسلام،ئىمان،ئىبادەت»ناملىق كىتابىدىكى مۇنۇ گۈزەل ئىبارىلەر بىلەن بۇ ئەسىرىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن: h/`OG>./
U}6'_ PRQ
قەلبىگە ئىماننىڭ ۋەجدىنى،كۆكسىگە قۇرئاننىڭ روھىنى،ۋىجدانىغا گۈزەل ئەخلاقنىڭ پاكلىقىنى قويۇپ،ئەبەدىي سائادەتنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس مەنىۋى خۇشاللىقى ئىچىدە ياشايدىغان مۆمىنلەرگە خوشخەۋەرلەر بار!...... R*E/E

`Qv7aY