ئۇيغۇر نەشىرياتىدا ئەسەر چىقىرىش ھەقىقەتەن قىيىن V*~Zs'L'E
.ئاپتۇرى : پەرھات مۇھەممەتئىمىن. ,~._}E&9I
Tyck/ EO ]~Z6; ئادەملەردە ئەڭ مۇھىم تۇغما يىتىلىدىغان مۇنداق بىر چۈشەنچە بار. ئۇ بولسىمۇ< چۇقۇم قۇرساق ئاچقاندا تاماق يىيىش كىرەك. ئۇسسىغاندا سۇ ئىچىش كىرەك. > . ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئادەمنىڭ بۇ دۇنيادىكى كۆزىگە، كۆڭلىگە بىۋاستە قادالغان، كاتتا ھىسابلىنىدىغان ، بەدەن ئىھتىياجى ،يەنى گال، نەپسى قارارلار قانائەت تاپمايدۇ دە، ھاياتلىق سۈزىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ.
SV(]9^nW بۇنداق چۈشەنچىلەرنى ھەممە مىللەت جەمىيتىدىن بەكرەك، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئۇمۇمى جەمىيتىدە تۇتقان ئورنىنىڭ تېخىمۇ ئىنىقلىقى، چۈشىنىشلىكى ،ئاشكارە بىلگىلى بۇلىدىغان ئەمىليەتلىكىنى، ھەممەيلەن ئۇيغۇر بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھىس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. شۇ سەۋەبلىك يىيش ،رىسىقلىنىش مەسىلىسىنى ئويلىنىشقا كۈچىگەن قەلبىمىزدە، سىزىش ،بىلىش مىتودىنى ئويغىتىشقا ، قەلىب خورجۇنىمىز تار كىلىۋاتىدۇ. مەتبە دىگەن سۆزنى كىملەر چۈشىنىدۇ؟ كىملەر بىلىدۇ؟ كىملەر مەتبە، قەلەم ،كىتاب بىلەن يۈكسەك پەللە ياراتتى؟ دىگەن ئەڭ زۈرۈر ۋىجدانى سۇئالنى سۇرايدىغان كۈچلۈك سۇراقچىلار ، تەكشۈرگۈچىلەر كەم بولغاچقا ، مەسئۇلىيەت يوق خىزمەتكە، ئىزدىنىش يوق ھىكمەتكە ئايلىنىپ قىلىۋاتقان بىر قاتار مىللى ئىلىمكارلىق خىزمىتىمىزدە ، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرىدىغان ، بىلىم خىيانەتكارلىقى ۋە ئىلىم سودىسى ئەۋىج ئالماقتا.
\7*`}& ئېيبۇ ياقۇپ ئاكىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تەسىس قىلىنغان ،تۇنجى بىر پۈتۈن شىنجاڭ دىيارىدىكى نەشىرى ئەپكارلاردا مۇئەييەن ئەمگەكلىرى ئىلان قىلىنغان يازغۇچىلار تورىنىڭ قۇرىلىشى دەل ھازىرقى كۈڭۈلدىكى پاراڭلارنى ئېيتالمايدىغان ۋەزىيەتكە ئاز-تۇلا خاتىمە بىرىۋاتىدۇ. بۇ بەت ئېچىلغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئادەم كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان ، نۇرغۇن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ۋە ھەر ساھەدىكى دوسلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كىلىۋاتىدۇ. شۇنداقكەن بىر قاتار سەۋەبلەرنى، ئاچچىق گەپلەر بىلەن سۆزلەرۋەرسەكمۇ ، ئىپادىلىمەكچى بولغان ھەقىقى مەخستىمىزبۆھتان ھىسابلىنىشى مۇمكىن. ھەم بۇ تورىمىز قانداقتۇر باشقا مۇنبەر چۈشەنچىلىرىدەك ئەركىن ھالەتتىكى مۇلاھىزە قىلىدىغان، تىللىشىدىغان سۇقۇشىدىغان جاي بولمىغاچقا ، پىقىرمۇ كۆزۈمنى قىسمىسام بولمايدۇ.
=yy5D$\ دىمەك لازىمكى بىر مىللەتتە پەيدا بولغان نەشىرى ئەپكارلارنىڭ سانى بىلەن سۈپىتى شۇ مىللەت مەدىنىيلىكى بىلەن ئىلىم ئىختىراسىنىڭ ،ئەمىلى ئەھۋالىنى مۇئەييەن جەھەتتىن ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ. ئەگەر بىر جەمىئەتنىڭ بۇنداق نەشىرى ئەپكارلىرى كۆپ ، سۈپەتلىك، ئادىل بۇلۇپ، بىۋاستە مەقسەدنىڭ كونكىرىت ئەمىنلىشىشىگە ئەمەل قىلىپ ،ئىش تۇتىدىغانلا بولسا چۇقۇمكى ، بۇ خىل ھالەتتە ئىلىم بازىرىنىڭ ئاۋاتلىشىپ ، ئىلىمكارلارنىڭ ئىزدىنىش رۇھى پارىتلايدۇ ، نەتىجىدە يىڭىچە ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بىرىشى تۇرغانلا گەپ. مۇشۇ جەھەتتىن مەن ئۆز جەمىيتىمىزنىڭ ئاساسى بۇلىمىش نەشىرىيات ساھەسى ھەقىقىدە ئويلىغانلىرىمنى ، بىر پۈتۈن قەلەمكەشلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئىلىمكار ئۇستازلار بىلەن ئازىراق بولسىمۇ ، ئۇمۇملىشىشى مەقسىتىدە ئوتتۇرغا قويماقچىمەن.
=xS+5( 1- ئۇيغۇر نەشىرياتىدا ئەسەر ئىلان قىلىش ئاجايىپ قىيىن.
;{[.Zu نىمە سەۋەبتىن قىيىن ؟ بۇ مەنمۇ كۆپ ئىزدىنىپ كىلىۋاتقان سۇئال. بىزنىڭ نەشىريات ساھەيىمىزدە ئاز كەم 50خىلغا يىقىن ژورنال ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ گىزىتلەر مەۋجۇد. ئەلۋەتتە بىر ژورنال ياكى گىزىتخانا تەھرىيىتىدە كەم دىگەندە 5تىن تۈۋەن خادىم بولمايدۇ. ئەڭ ئاز دىگەندە بەش نەپەر دەپ قارىساق ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ گىزىت- ژورنال چىقىرىدىغان ساھەسىدە 500گە يىقىن خادىم خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئويلايدىغان بولساق بۇلارنىڭ بىر ئايدىكى خىزمىتى قانداق ئايرىلار ؟ يەنى مۇھەرىر، ئالى مۇھەرىر ، تەھرىر قاتارلىق نەشىرىيات خىزمەتچىلىرىمىز خىزمىتى قانداق شەكىللىنەر؟ دىگەن ئوي مىنى نۇرغۇن قىتىم بۇجەھەتتە خىيال قىلىشقا ۋە پىكىر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئويلانغانسىرى ناھايتى قاباھەتلىك تۇيغۇلار ئادەمنى چىرمىۋالىدۇ. مەسىلەن مەلۇم بىر قانۇنلۇق نۇمۇر ئالغان ژورنال بۈلىمىنىڭ ، ژورنال چىقىشىغا ئىككى كۈن قالدى دىگەندە، 700يۈئەن كاپالەت ئېلىپ ئەسەر قۇبۇل قىلىپ ئىلان قىلىشى ،خىېلى ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ پەقەت ئىلان قىلىنماسلىقى ، بۇ يەردە سېلىشتۇرۇش زۈرۈر بولغان ، مۇنداق بىر چۈشەنچىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. يەنى ئەسەر ئىلان قىلىشتا ئۆلچەم نىمە ؟ مۇدىھىش سودا نەشىرياتقا يۈزلىنىۋاتىدۇ ، دىگەن زادى قانداق گەپ؟
mbueP.q[? ئۇنداقتا بۇنداق بۈلىملەر چۇقۇم ياخشى يامان ئەسەر دىگەن تۇنۇشنى ئۇنتۇپ كەتكەن بۇلۇپ، بۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى پەقەت گال پۇرسىتى ھىسابلىنىدۇ.قىززىق قانۇيەتتىن بىرى رايۇنىمىزدا ژورناللارنى چۇقۇم بازارلاشتۇرۇپ بىرىدىغان ئەھۋال تېخىچە مەجۇد. ئەسلى ناچار ئەسەر باسقان نەشىرىيات، تاش يىسىمۇ بۇلىرۋىرەتتى. ئەمما بىزنىڭ رايۇنىمىزدا ئۇنداق ئەمەسلىكى ھەممىگە ئايان .مىنىڭ مۇشۇ يەردە مۇنداق بىر ئەمىليەتنى سۆزلىگۈم كىلىدۇ. يەنى بۇندىن بىر يىل بۇرۇن ،مىنىڭ يېنىمغا ھەۋەس قىلغۇچى بىرزىيالى دوستۇم كەلدىدە بىر پارچە ماقالىسىنى كۆرسەتتى ، كۆرگەندىن كىيىن راستىنلا ياخشى يېزىلغانلىقىغا ئىشەنىچ قىلدىمدە ، ئەسىرىنى نەشىرياتقا سۇنۇپ بىقىش تەكلىۋىنى بەردىم. نەتىجىدە بۇ ئەسەر بىر نەچچە نەشىرياتقا يوللاندى. ئاقىۋەت ھېچ قايسى تەرەپتىن خەۋەر يوق نەتىجىلەندى. مەن راستىنلا كاپالەت بىرىمەنكى بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مەزمۇنلار خېلىلا ۋەزىنلىك بۇلۇپ، بۇ ئەسەرنىڭ سىياسىيغا ياكى باشقا چەكلىمىگە تاقىشىدىغان ھېچقانداق يىرى يوق ئىدى. پەقەت ئەقىل توغىرىسىدىكى تەھلىل ئاساس ئىدى. يىرىم يىلغىچە نەتىجە بولمىغاندىن كىيىن دۇستۇم نائىلاج بەزى نەشىرياتقا تېلىفۇن قىلىپ، ئاھانەت ئىشىتكەن تەرەپمۇ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان گەپ نىمە بولدى؟ ئەسەر يازىمەن دىگۈچە بىرىپ مال باقايچۇ ،،
9tqF8pb7v دىمەك بۇ يەردە نەشىرياتچىلىقىمىزدا ئەسەر ئەمەس ئادەم خىللايدىغان ئەمىليەتنىڭ راستىنلا مەۋجۇدلىقى ، تۇنجى قەدەمدە بىرەر پارچىمۇ ئەسىرى بولمىغان كىىشىلەر نەزەر دائىرىدىن چىقىرىپ تاشلىنىدىغان ئۇمۇميۈزلۈك ، قۇرۇق پىكىرچىلىك نەشىرياتچىلىقىمىزدا خېلى ئېغىر ھالەتتەمەۋجۇد. ئەسلىدە نەشىريات ئۇرۇنلىرى ئەسەر دىگەن نىمە ؟ ئەسەرنىڭ كونكىرىت ئەھمىيتى نىمە ؟ ئەسەر نىمىنى يارىتىدۇ؟ دىگەن ئەڭ مۇھىم ۋىجدانى بۇرىچنى تۇرغۇزىشى لازىم ئىدى. ئۇنىڭ ئورنىغا نەشىرياتچىلىرىمىز ئادەمنى ئالماشتۇرىۋەتتى، يەنى پالانچى كىم؟ ئەمەت قانداق يازىدۇ؟ مەمەت يازسا ياخشى؟ سەمەت يازسا ناچار ؟ دەيدىغان ئەسەر ئورنىغا ئادەم خىللاش شەكىللەندى. بۇنداق يۇچۇق بۇلۇش بىلەن بىرگە ، ئىلىم بىدىكلىرى شۇنچىلىك تىز سۆرئەتتە سۇقۇلۇپ كىردىكى ،پۇل بىلەن گۇپپاڭچىلىق قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئىددىيسىنى تېخىمۇ قايمۇقتۇرىۋەتتى. مۇشۇنداق ناچار قىلمىشلار تۈگىتىلمەي ئەزۋەيلەپ مېڭىۋاتقان مۇشۇنداق دەۋىرىدە ئاز ساندا ئۇچىراپ قالىدىغان ھەقىقى ئەسەرلەردىن سۈيۈنۈپ كىتىمەندە ، بۇ خىل ئەسەرنى چەيلىمەي پەرۋىشلىگەن، ھەقىقى ۋىجدانلىق نەىرياتچىلارغا ئاپىرىن ئۇقۇيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرىدا دەيمەنكى : ئۇيغۇر نەشىرياتىدا ئىسمى ئەسەر دىگۈدەك ئەمىليەتنىڭ بارلىققا كىلىشى ئاجايىپ قىيىن.
n9xAPB } 2- بارلىق يازغۇچىلار بۇ جەھەتتە قىزغىن پىكىرگە ئىگىمۇ ياكى ئىگەئەمەسمۇ؟
.?hP7;hhI ئالدىنقى نۆۋەتتە يازغۇچىلارنىڭ ئورنى توغىرىسىدا ئاز-تۇلا پىكىر قىلغانئىدىم. ئەمما پىكىرىمنى ئېيتقاندىن كىيىن ،يازغۇچىلارنىڭ تۇتقان پۇزىتسىيىسى مىنى راستىنلا ھەيران قالدۇردى.ئۇنىڭدىن كىيىنلا ئەنىۋەر مۇئەللىمنىڭ يازغۇچىنى چۈشىنىش ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى ئىلان قىلىندى، بۇ مەسىلىگە قارىتا ھەر ھالدا قىزىغان قەلەمكەشلىرىمىز ، يەنىلا ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشنى بەكرەك ئىستەيدىغان، ئۇرۇن مەرتىۋىنى ،ئاددىيسى ئۆزى ئىرىشىىش لازىم بولغان مەنىۋى ھۆرمەتنىمۇ تېخى تۇلۇق ئىتىراپ قىلمايدىغىنىنى ھەر ھالدا بىلىۋىلىش قىيىنغا توختىمىدى.
<(-hx+^ ئەمدى بىزنىڭ جەمىيتىمىز يېپىق جەمىئەت دەپلا ھويلا ئىچىگە كىرىپ يېزىرۋەرگەن بىلەن، يېزىقچىلىق ياكى نادىر ئەسەر بارلىققا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان بىر چۈش. بىزنىڭ بەزى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ راستىنلا قانداق بۇلۇپ يازغۇچى بۇلۇپ قالغىنىنى زادى بىلگىلى بولمايدۇ. يا ئۆز ئىددىيسى ھەققىدە ئىزدىنىش مەسىلىسىگە تۇتقان پۇزىتسىيىسىنى ياكى نىمىنى يازىدىغىنىنى ،قىسقىسى ئەسەرگە تۇتقان پۇزىتسىيسىنى راستىنلا بىلمەك قىيىن. چىڭراق پىكىر قىلىنسا ئىغىر كىتىدۇ، يۇمشاق پىكىر قىلىنسا تەسىر قىلمايدۇ. بەزىلەرنىڭ قۇرۇق سەپسەتىۋى ئەسەرلىرى يامغۇردەك ياغىدىيۇ، يەنى قىسمەن قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ ئەسىرى بۇسۇغىدىلا ئۇجۇقتۇرۋىتىلىدۇ. توۋۋا دەيمەن. ئەسەر دىگەن سۆزنىڭ ھەممە مەنىسى بىر ئەدىبىيات دىگەن ئىشمۇ؟ بىزنىڭ ئەشەددى خاتالىقىمىز يەنىلا ئەسەرنى يازغۇچى، شائىر بىلەنلا باغلاپ ،ئەدىبىيات قارىشىنى بەكرەك تەكىتلىشىمىزدۇر. ئەمدى پۈتۈن يازغۇچىلارغا دەيدىغىنىم ، يېزىش ئۆچۈن پەلسەپە ، تەبىئى پەن ، ماتىماتىكىمۇ لازىم بۇلىدۇ، بۇلار كىرەك قىلىنمىغان ئەسەر مىنىڭچە شەكلەن ئەسەر ھىسابلىنىدۇ، ئاجايىپ تىل نەمۇنىسى بىلەن كاتتا ئەدىبى مىراسلارنى يارىتىش ئەزىز مۆھتەرەملەرنىڭ قۇلىدىن كەلمىگەندىن كىيىن ، تەبىئى تەن بىرىشى لازىمكى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشىغەرى، ئەلشىر نەۋائى، فارابى، بىرونى ،ئىبىنسىنا قاتارلىق كاتتا بوۋىلىرىمىز يازغاندا بىر ئەدىبىياتنى تۇتمىغانلىقىنى ، ئۇلارنىڭ ھەممە پەنلەرنى ياخشى ئىگىللىگىنىنى ئىتىراپ قىلىشى بەرھەق. شۇڭا دەيمەن بىزدىنمۇ بىر ئەسەر دىگۈدەك ، نەشىرى ھادىسىلەر بىر چىقسا ، ئالەم تەتۈر بۇلۇپ كەتمەيدۇ. گەپنىڭ سېسىقىنى قىلغاندا بىر كۇپلىت قۇشاق ئۈچۈن بىر نەچچە ۋاراق چۈشەندۈرۈش يېزىش ، قۇشاقنى لاۋزىلاشتۇرغانلىقتۇر، بۇنى رۇياپقا چىقارغۇچى لاۋزىلاشتۇرۇچى، لاۋزا ئادەمدۇر.
v@d 3- ئەسەرگە يۈزلىنىش بىر پۈتۈن مۇھەرىرلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى .
_> *jH' بۇ سۆز مۇھەرىرلەر نەزىرىدە سەل كونا ياكى يىڭى ،ياكى بولمىسا ،مۇھەرىرلەر نەزىرىدىكى مىيىققدە بىر كۈلۈش، ياكى بولمىسا ئازىراق ئەمەس ھەقىقى ئويلىنىپ باقىدىغان مۇھىم بىر ئىش . شىنجاڭ مەدىنيىتى ژورنىلىنىڭ 4-سانىدا ، زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئىلان قىلغان <ئۇيغۇرلاردا ئىجدىمائىيەت ۋە ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىلىسى> ماۋزۇسىدىكى ئىزدىنىشىدە ناھايتى ئۇچۇق ، مۇپەسسەل توختالغان. بۇنى ھەممەيلەن بىلىپ تۇرىۋاتىمىز. لىكىن يەنىلا ئەمىلىيەتنى چىقىش قىلمىغان ، نەشىرىيات ئۇقۇمنى تازا ئىنىقلاشتۇرالمىغان مۇھەرىرىلەر بەكرەك ئاڭلىشى لازىمكى - سىز بىر ئىشخانىغا سۇلىنىپ ئولتۇرۇپ خەت ئىملا تەكشۈرىدىغان بىر ھەرىپ باھالىغۇچىسى ئەمەس، بەلكى سىزدىكى ساپا تېخىمۇ ئەمىلى، كۆپ تەرەپلىمە، ھەممە ئىلىمدىن خەۋەردار ، ئىشەنچىلىك ئىلىم يولباشچىسى ھىسابلىنىسىز . شۇنداق بولغانئىكەن، ئالدىڭىزدا زاھىر بولغان ئەسەرلەرگە كۆزىڭىزنى چاپىقىنى ياخشى ئىيتىۋىتىپ ئىنىق قاراڭ. دىلىڭىزنى كورلۇق نوقتىسدا قويماي ، بىر پۈتۈن ئالدىڭىزدا زاھىر بولغان ئورىگنالغا قۇيۇڭ. سىز بېسىلىپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ئىشخانا، خىزمەت، خەلقكە مەنسۇپ ئۇل- مۇئەسسە ھىسابلىنىدۇ، شۇڭا سىز بىر پۈتۈن ئاۋامدىن كەلگەن ئەسەرگە ۋەكىللىك قىلىسىز، قانداقتۇر قىسمەن شەخىسلەرنىڭ ۋەكىلى ئەمەس. ئەگەر راستىنلا شۇنداق قارىسىڭىز ، شۇلار بىلەن بىرلىشىپ ئۇقەت قىلىڭ. قىسقىسى ئالاھىدە تەكىتلەيدىغان زرۈرىيەت يەنىلا مۇھەررىرلەر ئەسەرگە ، ئىلىمگە يۈزلىنىش لازىم.
>:|q&|x- ئەمدى يۇقارقىدەك مەزمۇنغا قاراپ بەزىلەر بەلكىم ئالدىنقى قېتىم بۇ يازغۇچىلارنى كۆتۈرپ كىتىپتىكەن ،ئەمدى سېسىتىش بۇلۇۋاتامدۇ، دەپ چۈشىنىىپ قالماڭ ، ئالدىنقى قىتىم تىلغا ئالغان ۋە شۇ قاتاردىكى يازغۇچىلار ھازىرقى تىمىغا مۇناىسۋەتلىك ئەمەس. ئۇلارنى ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ياد ئىتىمەن، پەقەت ھازىرقى قىسمەن ناچار ئادەتلەرگە مەيدانىمىنى بىلدۈرۈپ قويدۇم. شۇڭلاشقا بۇ بىكەتكە كىرىدىغان ، مەندىن باشقىنىڭ ھەممىسى ھۆرمەتلىك ، مۆھتەرەم يازغۇچىلار ، بىر مەنلا ئۇنداق ئەمەس. شۇڭلاشقا بۇ قاراشلىرىمنى كۈرۈپ ،تەنىقىدى پىكىرىدە بۇلۇشىنى بۇ ئارقىلىق ھەقىقى ئەسەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىىگە پىكىر ئايىماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.
v*[.a#1^ $+I;oHWI ئاپتۇرى: قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا ھاجىغىل باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى .
.
[ بۇ يازمىنىikinدە2010-10-08 05:54قايتا تەھرىرلىدى ]