سىڭلىم مېنى كەچۈرگىن =OU]<%
ھېكايە Dt8wd,B
پەرھات تۇرسۇن شەيدايى _I}rQfPJ
6 w:@i_2^
كەچكۈز پەسلى. تېرەكلەرنىڭ ئاخىرقى يۇپۇرماقلىرى سوغۇق شامالدا دىر-دىر تىتىرىشىپ، يەرگە چۈشۈشكە رايى يوقتەك بېغىغا مەھكەم يېپىشىشقا كۈچەيتتى. ئۆگزىلەرگە قىڭغىر-قىيسىق يۆلەنگەن پاسارلارغا، كېۋەز شادىلىرىغا، جىگدە شۇمبىلىرىغا قونىۋېلىپ چۇرۇقلىشىۋاتقان ئاق قۇشقاچلار نەچچە يېرىدىن ياماق سېلىنغان كونا ئۆتۈكىنى سۆرەپ، ئەسكى چاپاننىڭ يەڭلىرىگە قولىنى مىقتاپ تىقىپ، ئۇيەر-بۇيېرىنى كۈيە يەپ ئاقلاپ قويغان تەلپىكىنى چۆكۈرۈپ كېيىپ، داۋانغا يامىشىۋاتقان ئەبجەخ يۈك ماشىنىسىدەك ئېغىر پۇشۇلداپ كېتىپ بارغان مەمتىمىن ئاخۇننىڭ دەرت ئەلىمىدىن بىخەۋەر مەھەللىدىن چاڭ چىقىرىۋەتكەنىدى. قىزىرىپ پىشقان توقاچتەك تاۋلانغان قۇياش مەڭزىنى قىرارتىپ كۈلۈپ تۇرغان شەرقى ئۇپۇقتىن ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى. جۆيلۈپ قالغان خورازلار قىسقا چىللاپ، قوناققا تويۇنغان ھاڭگىلار ئوسۇرۇپ ھاڭراپ، موزايلار زىل مۆرەپ، ئورۇق ساغلىقلار ئالجوقا مەرەپ، تېخى ئويغانمىغان لالمىلارنى ھاۋشىتىۋېتەتتى. مەكتەپكە ماڭغان بالىلار مەمتىمىناخۇننىڭ نېمىشقا ھەركۈنى مۇشۇنداق كالاپشىپ نەلەرگىدۇر كېتىپ، مەكتەپتىن قويىۋېتىشى بىلەن تەڭ يەنە نەلەردىندۇر سۆرىلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالماي، ئاتا-ئانىلىرىدىن سورىشاتتى. كەچقۇرۇن مەمتىمىناخۇن مەھەللىگە كىرگەندە مويسىپىتلەر ياقىلىرىنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىشاتتى. i&dMX:fRd
مەمتىمىناخۇن بۈگۈنمۇ ئەتىگەندە تەلپىكىنى چۆكۈرۈپ كېيىپ، چىقىپ كەتتى. سۇپىدا ئاغزىنى ئېچىپ ياتقان خەمىت دادىسىنىڭ كەينىدىن مۆلدۈرلەپ قاراپ قېلىپ قالدى. ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىنى دەپ تارتىۋاتقان جاپاسىنى بىلەتتى. ئەمما ئۇنى يىنىكلىتىشكە ئامالسىز ئىدى. –دادا! مەندىن رازى بول! –دېگۈسى كېلەتتى. دېيەلمەيتتى. ئۇ ئۆلۈۋېلىشنىمۇ ئويلىدى. ئەمما ئۆلەلمەيتتى. ئاھ خۇدا! بەندەڭنى مۇشۇنداقمۇ بىقۇل بىچارە قىلغىنىڭ بارمۇ؟... lj o^ 2
خەمىت تامغا قاراپ بۇ بىر يېرىم يىل مابەينىدە ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئەسلەپ باغرى خۇن بولدى. -مېھرى، جېنىم سىڭلىم! نەدەسەن؟ -دەپ ئاھ ئۇردى. سىڭلىسى مېھرىگۈلنىڭ گۈزەل سىماسى، ئۇنىڭغا ئەركىلەپ سۇۋۇنۇشلىرى، كۆكۋاش پىشۇرۇپ تىقىپ قويۇپ، كەچلىرى يۇشۇرۇن تۇتقۇزۇپ قويۇشلىرى، كىرلەشكەن كېيىملىرىنى يۇيۇپ، چوغ دەزمالدا دەزماللاپ چىرايلىق قاتلاپ ئېلىپ قويۇشلىرى... ئاھ خۇدا!!!... ئۇ تېخى ئېچىلمىغان غۇنچە ئىدىغۇ! ئاھ خۇدا ئۇ تېخى بالىلىقى كەتمىگە مەسۈم ئىدىغۇ!... >4} 2~;
خەمىتنىڭ كۆزياشلىرى يۈز، بۇيۇنلىرىنى بويلاپ ياستۇق ۋە كۆرپىلەرنى ھۆل قىلىۋەتكەنىدى. 27 ياشقا كىرگەن ئېيىقتەك بەسىتلىك كۈچتۈڭگۈر بۇ يىگىت مانا بىر يېرىم يىلدىن بېرى ئۇ يانغا ئۆرۈپ قويسا بۇ يانغا ئۆرىلەلمەي، تەرىتىنىمۇ دېيەلمەي كۆزىنى چىمچىقلىتىپ ياتىدۇ. مېھرىگۈل بىلەن رۇستەم بىر چىقىپ كەتكەنچە ھېچقانداق خەت-خەۋىرى يوق سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقلا بولدى. بىچارە دادا نىمجان ئوغلىنىڭ قورسىقىنى، دورا پۇللىرىنى غەملىيەلمەي نەلەردە نېمە كويلاردا دىۋانە....؟ 4? a!6
* * * );.q:"
نادىر سوجاڭنىڭ يىراق-يېقىندا نامى بار ھەشەمەتلىك بېغى بۈگۈن كارامەت قىزىغانىدى. سوجاڭنىڭ ئوغلى ئەركىن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىنىڭ شەرىپىگە ھازىرلىغان كاتتا سورۇن ئاياقلىشاي دېگەنىدى. باغ 20مۇ كۆلەمدىكى تىكتۆتبۇلۇڭلۇق بىر تاختا يەر بولۇپ ئوتتۇرىسىدا بىرمودىن ئارتۇق كېلىدىغان بىر كۆل بارئىدى. كۆلنىڭ شەرىق، شىمال، غەرىب، جەنۇب تەرەپلىرىدىن باغنىڭ تۆت ئىھاتىسىگە ئېلىپ بارىدىغان تۆت تارام ئۈزۈم كارىدورى بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا ئىككى مېتىر كەڭلىكتە يول چىقىرىلغانىدى. ئۈزۈم كارىدورلىرىنىڭ بۆلىشىدىن ھاسىل بولغان تۆت تاختا يەرگە ھەرخىل ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالما، نەشپۈت، گىلاس، پورتخان، كۆك سۇلتان، سۇلتان سوخىنەك، قارىئۆرۈك، بېھى، بادام، ھېلىلە قاتارلىق ئېسىل مېۋە كۆچەتلىرى گىرەلەشتۈرۈپ سېلىنغان بولۇپ باغنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۆت تۈپ يوغان ياڭاق دەرىخى بارئىدى. باغنىڭ قورو تېمى تېخى بۇلتۇرلار يېڭىدىن قوپۇرۇلغان بولۇپ، تامنى بويلىتىپ نادىر ئەتىرگۈللەر يېتىشتۈرۈلەنىدى. باغنىڭ كىرىش ئىشىكى شەرىق تەرەپت بولۇپ ئۈزۈم كارىدورىدىن ئۇدۇل كۆلگە، كۆلدىن ئايلىنىپ كۆتۈرمە قىلىپ سېلىنغان، ئەتراپى قىيما شادىلاربىلەن توسۇلغان ئۈستى تاشپاختا قاتمىسى بىلەن يېپىلىپ شىمال جەنۇب ئىككى تەرەپتىن ياغاچ پەلەمپەي ئارقىلىق چىقىپ چۈشۈشكە بولىدىغان مېھمان كۈتۈش سۇپىسىغا بارغىلى بولاتتى. مېھمان كۈتۈش سۇپىسىنىڭ كەينىدە تاماق تاييارلايدىغان ئاشخانىسى بارئىدى. كۆلگە سوقۇنۇپ ياسالغان نەچچە يۈرۈش تاختا سۇپىلارمۇ كۆل بويىدىكى چوڭ سۇپىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسقىسى بولۇپ، كۆلگە قارايدىغان تەرىپى پەردىلەنگەن، بۇ يەردىن كۆلگە قارماق تاشلاپ بىلىق تۇتۇشقا بولاتتى. نادىر سوجاڭ باغنىڭ مېۋىلىرىدىنلا يىلىغا 30~40مىڭ يۈەن كىرىم قىلغاندىن سىرت، يىراق يېقىندىن كېلىدىغان تۈرلۈك مېھمانلار، ساياھەتچىلەرنىڭ چونتىكىدىنمۇ يىلىغا بىرەر يۈزمىڭ يۈەن پۇلنى سالدۇرىۋالاتتى. ناھىيىنىڭ ھاكىمى، ۋىلايەتنىڭ ۋالىلىرىمۇ ئېسىل مېھمانلىرىنى نادىر سوجاڭنىڭ بېغىغا ئەكىلىپ مېھمان قىلىشاتتى. نادىر سوجاڭمۇ بۇنداق چاغلاردا ئالدى-كەينىگە قاراپ ئولتۇرماي داستىخاننى نازۇنېمەتلەرگە ككمۈۋېتەتتى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق نازارەتلەردىن كېلىدىغان كاتتا ئەمەلدارلار بۇ سېخىلىقتىن تولىمۇ مەمنۇن بولاتتى-دە، ناھىيە ۋە ۋىلايەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە ياخشى باھا بېرىپ قايتىشاتتى. شۇ سەۋەبلىك ناھىيەدىكىلا ئەمەس ۋىلايەتتىكى ھەممە ئىدارە ئورگانلارنىڭ بىرىنچى قول ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا نادىر سوجاڭنىڭ يۈزى يورۇق، دېگىنى دېگەن بولاتتى. ئۆزى گەرچە بىر يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ مەسئۇلى بولسىمۇ، يىراق-يېقىندىن ئۇنى ئارىغا سېلىپ ناھىيە ۋە ۋىلايەت تەۋەسىدە ئىش بىجىرىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى. Oy!j `
ئەركىن نادىر سوجاڭنىڭ يالغۇز ئوغلى بولۇپ، شىنجاڭ قاتناش مەكتىپىنى مىڭ تەستە پۈتتۈرۈپ قىلغىلى ئىش يوق نەچچەيىل لاغايلاپ يۈرگەندىن كېيىن، سوجاڭ يۇقىرى-تۆۋەن يول مېڭىپ ئاخىرى يېزىلىق ساقچىخانىغا ئورۇنلاشتۇرىۋالغانىدى. a+CHrnU\;
-ئاغىنىلەر! –دەپ كاركىرىدى چالامەست بولۇپ قالغان ئەركىن، رومكىنى كۆتۈرۈپ. –كۈنمۇ كەچ بولۇپ قالدى. بۈگۈن ئاغىنەم رۇسلان بىلەن غەيۇرنىڭ قەدىمى بۇ يەرگە يەتكەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشال بولدۇم. سورۇنىمىزنىڭ ئاخىرىنى شەھەردە چۈشۈرسەك قانداق؟ پاختەكلىرى جىق يۇرت بۇ. قانداق رايىڭلار باردۇ؟ -ئۇ رۇسلان بىلەن غەيۇرغا قاراپ ھېجايدى. 3e g<)
-يەرلىك قۇشقاچلىرىڭ يوقمۇ ئاداش؟ -رۇسلان سوزۇنچاق يۈزىنى پۈرۈشتۈرۈپ ھېجايدى. سورۇننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقان بىرنەچچەيلەن تېتىقسىز كۈلكىلىرىنى تۆكتى. S)0bu(a`Z,
-دەپقاپسەن ئاغىنە، ئۇمۇ بار. ئۇنداقتا، مىجىت، سەن ئاغىنىلىرىمنى مېنىڭ ئورنۇمدا كۈتكەچ تۇر، مەن چىقىپ قۇچقاچ تۇتۇپ كىرەي. –دېدى ئەركىن يېنىدىلا سوڭدىشىپ ئولتۇرغان قاراماتاق پاكار دىقماق كەلگەن پور كۆتەكنىڭ دولىنى شاپاللاپ. MKdBqnM(F
-نېمە دەيسەنوي... –دەپ چاچراپ تۇردى مىجىت. –مەن تۇرسام سەن نەگە؟ cmIAWFj-)e
-ئاغىنىلىرىمنىڭ كۆڭلىدىكىنى سەن بىلەمتىڭ؟ -ئەركىن يۇمىلاق ئالابوز چىرايىنى سەپكۈن باسقان غەيۇربىلەن ئورۇق سوزۇنچاق يۈزىگە بۇرنى پەقەتلا ياراشماي بىر تەرەپكە قىيسىيىپ تۇرغان، ئورا كۆز رۇسلانغا قارىدى. –قانداق دېدىم ئاغىنىلەر. مەن چىقىپ كىرەي-ھە. Lj$yGd K<
-ھېلىقىدىن باردۇ؟ -غەيۇر كۆك كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ باش مالتىقىدا بېگىز بارمىقىنىڭ ئۇچىنى كۆرسىتىپ ئەركىنگە قارىدى. .Jz$)R
-مىجىت! ساڭىمۇ قىلىدىغان ئىش چىقتى. بول، ئىشخانىغا بىر بېرىپ كەل. ماۋۇ تاتمىنىڭ ئاچقۇچى. WG;1[o&
-ماقۇل ئاكا، بىر دەمدىلا كېلىمەن. hgE!)UE
بۇ دەمدە كەنتە مەسچىتىنىڭ مەئزىنى چىقىراپ ناماز شامغا ئەزان تولىدى. ئالدىراپ كەشىنى كېيىۋاتقان مىجىت ۋە باشقا ئالا-جوقا چۇرقىرىشىۋاتقانلار بىردەقىقە چىپپىدە توختاپ قېلىشتى-دە، بىر-بىرىگە قارىشىپ پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىشتى. .BXZ\r`
مىجىت ئەركىننىڭ ئىشخانىسىغا نەشىگە، ئەركىننىڭ يەنە بىرنەچچە ئاغىنىسى رۇسلان بىلەن غەيۇرنى يۆلەشتۈرۈپ دېگەندەك ئەدەپكە ماڭدى. ئەركىن ئاقلىدەك قالايمىقان "RH2%
چېچىلىپ بەزىسى ئۆرە بەزىسى يېنى يېتىپ مەسىت بولۇپ قالغان پىۋا بوتۇلكىرىغا پۇتلاشقاچ سۇپىدىن پەسكە چۈشۈپ، ماشىنىسىنى ھەيدەپ نەگىدۇر كېتىپ قالدى. _y)#N<
kRskeMr:Rd
-قىزىم، چاپىنىم بىلەن قول چىراقنى ئەچىقىپ بېرىڭا، كەچتە سۇتۇتقىدەكمەن. بۇ سۇمۇزە... داۋاملىق كېچىدە كېلىدىغان بولىۋالدى. –دەپ غودۇڭشىدى مەمتىمىناخۇن چۇخېيىنىڭ بوغقۇچىنى چىگكەچ. Z\xR+3
-مەنمۇ بىللە چىقاي دادا. ھېچبولمىسا قولچىراق تۇتۇپ بېرىمەن. !a3cEzs3
-بولدى قىزىم. ئۆزۈم چىقاي، ئېغىلدىكى جانۋارلارنىڭمۇ قورسىقى ناغرا چېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن. سىز شۇلارنىڭ قورسىقىنى غەملىگەچ، ئاچچىق-چۈچۈك قىلىپ بىر ئۈگرە ئەتكەچ تۇرۇڭ، نۆۋەت ساقلاپ قورساق ئېچىپ كېتىدۇ ھەرقاچان. 6@!<'l%z
-ماقۇل دادا. ئەمىسە بۇرۇنراق يېنىپ كىرىڭ. kAf:_0?6
-ماقۇل قىزىم. ئىشىكنى ئىلىۋېلىڭ. IZ3w.:A
مەمتىمىناخۇن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن مېھرىگۈل سامانلىقتىن بىر تاغارغا سامان تىقىپ ئېلىپ چىقىپ ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئېرىقتىن كولىۋالغان ئازگالدا توختاپ قالغان سۇغا چىلىدى-دە، ئېرىق بويىدىكى دوناي جىگدىنىڭ ئاچىسىغا ئىلىپ قويۇپ قوتانغا كىرىپ، ماللارنىڭ غۇلاقلىرىنى بىرقۇر ئادالاپ تۈزەشتۈردى. قونداققا قاراپ تۇخۇمچان مېكيانلىرىنىڭ تولۇق قايتقانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن ئىشىك ئالدىغا چىقىپ جىگدىگە ئىلىپ قويغان تاغارنىڭ ئاقتىمۇ-كۆكتىمۇ يوق تۇرغىنىنى كۆرۈپ، يۈرىكى جىغغىدە قىلدى. بۇ چاغدا ئۇ كەينى تەرىپىدىن بىر كۆلەڭگىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلا كېلىپ قالغىنىنى سەزمىگەنىدى... B4GgR,P@S
مەمتىمىناخۇن ئۆزى دەسسەپ پۇختا سالغان تۇغقا كەتمەننى كۈچەپ بىر سېلىۋىدى، سېرىق سۆگەتنىڭ بادىرىسىدىن بىرقوللۇق تاۋلاپ، قىرىپ ياسىغان مەزمۇت دەستە ‹‹قارس›› قىلىپلا سۇنۇپ يېرىمى قولىدا قالدى. of8/~VO
-ئاپلا! تازىمۇ يامان چاغدا سۇندى دېسە، ھوي رۇستەمجان بالام! –مەمتىمىناخۇن نېرىقى قىردا تۇغ سېلىۋاتقان سايىنى توۋلىدى. –بېرى كېلە. pF#nj`L
-نېمىش بولدى؟ -قارا سايە چەبدەسلىك بىلەن ئىككى تاقلاپلا مەمتىمىناخۇننىڭ يېنىغا ئۈندى. -GCGxC2u
-قارا بالام، دەستە ئىش تاشلىدى، مەن دىككىدە بېرىپ يەنە بىر كەتمەننى ئىلىپ كەلگىچە سەن ماۋۇ ئېچىقنى ئاۋۇ ئېتىزغا كۆندۈرگەچ تۇرامسەن. P$Xig
-بولدى ئاكا، مەنلا بېرىپ ئەكىلەي، سىلى يول مېڭىپ يۈرمىسىلە، مەن نېمىلا دېگەنبىلەن يىنىكرەك. –رۇستەم بۇ ەەپنى دەپ بولۇپ قىزىرىپ كەتكىنىنى ئۆزى تۇيۇپ قالدى. مەمتىمىناخۇنمۇ –ھە بوپتۇ. –دەپلا ئارتۇق گەپ قىلمىدى. ئۇمۇ رۇستەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەنىدى. )fpZrpLXE
رۇستەم كەتكەندىن كېيىن مەمتىمىناخۇن ئېچىقلارنى كۆندۈرۈپ قويۇپ، ئېرىقنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ، ئېتىزغا كىرەيمۇ-كىرمەيمۇ دەپ مەسلىھەتى پىشمايۋاتقان دوغاپتەك لاي سۇغا قاراپ خىيالغا كەتتى. 1'R]An BV
رۇستەمجان ئوغلى خەمىت بىلەن ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تەڭ چوڭ بولغانىدى. ئاتىسى تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن كېسەلچان ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، ئېتىز-ئېرىقنىڭ، مال-چارۋىلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىققاندىن تاشقىرى، ئارسال چاغلاردا شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ ھال-كۈنىنى ياخشىلاشقا تىرىشىپ يۈرىدۇ. ئۆزى كۆيۈمچان، ئاق كۆڭۈل، پاكىزە بالا. ئەل-يۇرت ئارىسىدىمۇ رۇستەم قارىم. –دەپ، خېلى ئىناۋىتىمۇ بار. ئۆزى ئېغىر بېسىق، مۇلايىم. ئېيىقتەك غولى بولغان بىلەن خەمىتتەك مىجەزى ئىتتىك ئەمەس. مېھرىگۈل بۇ بالىنىڭ قولىغا چۈشسە ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى خاتىرجەم بولىدۇ. مېھرىگۈلنىڭمۇ رۇستەمگە مەيلى بار. بۇنى ھۇشيار ئاتا خېلى بۇرۇنلا سەزگەن. ئايشىخان رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدىلا مەسلىھەتلىشىپ تويلىشىشقىمۇ كۆڭلىدە سان توختىتىپ بولغانىدى. ئەمما ناتىۋانلارنىڭ پېشانىسى تەتۈرمۇ، ياكى پەلەكنىڭ شۇنداق چاقچاق قىلغۇسى كەلدىمۇ، ئەيتاۋۇر رەھمەتلىك ئايشىخان بىرەر ئاي بىتاپ بولۇپ بىر كەچقۇرۇن تۇيۇقسىز جان ئۈزدى. مانا بىريىل بولاي دەپ قالدى. بۇ ئىككى بىچارە بىر-بىرىنى كۆرسە شەلپەردەك قىزىرىشىپ ئۇياتلىنىپ يۈرىشىدۇ. خۇدا خالىسا بۇيىل كۈزدىن قويماي مۇرادىغا يەتكۈزسەم، ئاندىن خەمىت دېگەن ساراڭ توپاقنى ئىندەككە كەلتۈرۈپ رىسالەت بىلەن قوشۇپ قويسام، ئانىسى رەھمىتىنىڭمۇ روھى ئارام تاپار ئىدى. بىراق خەمىتكە گەپ يېگۈزمەك ئۇنچە ئاسانمۇ ئەمەس. توۋا... ياش ۋاقىتلىرىمغا بەك ئوخشايدۇ. بەستىمۇ مېنى تارتقان. چىرايى ئانىسىغا ئوخشايدۇ. ئەمما مۇشۇ ئىتتىك كاج مىجەزى ھېچقايسىمىزدا يوقتى-دە.بىچارە بالام. كادىرلارنىڭ كۆزىگە سىغماي، يۇرتتا يۈرەكلىك يۈرەلمەس بولۇپ كەتتى. ھاي دېسەڭ يا كۆنمەيدۇ. ھە دېسە سىياسەتكە قارىشى قوپقان. بىرنېمە دېسە مۇشت كۆتۈرگەن. مۇشۇ كىتاپنى تولا ئوقۇغان بالىمۇ ئۆزىچە بىلەرمەن بولۇپ ئاينىپ قالىدىكەن دېسە...ئاھاي... ماۋۇ رۇستەمجان ئەجەپ كەلمىدىيا... –مەمتىمىناخۇن كوركىراۋاتقان قورسىقىنى سىلاپ، يولغا قاراپ چىكىلداپ قويدى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئېچىق، تۇغلارنى بىرقۇر كۆزدىن كەچۈرىۋېتىپ، غىپپىدە كىرىپ تاماق يەپ چىقاي. –دەپ ئويلىدى. بەلكىم رۇستەممۇ تاماققا كاشىلا بولدى ھەرقاچان. lycY1 lK
مەمتىمىناخۇن ئۆيگە كېلىپ ھەيرانلا قالدى. ئىشىكلەر ھاڭدەك ئوچۇق. مېھرىگۈل بىلەن رۇستەم ئاقتىمۇ يوق، كۆكتىمۇ يوق. بۇ ئىككىسىزە... ياق، بالىلار ھايالىق چوڭ بولغان. مەمتىمىناخۇننىڭ خىيالىغا سۇنغان كەتمەن دەستىسى كېلىشى بىلەن يۈرىكى ‹‹قارت››قىلدى-دە، نەپىسى تىزلىشىپ جىددىيلىشىپ قالدى. ئۇقولچىرىقىنى ياندۇرۇپ يۈگۈرۈپ ئىشىڭ ئالدىغا چىقتى. يەردە ھەررەڭ-سەررەڭ قالايمىقان ئاياق ئىزلىرى، يەنە رۇستەمنىڭ قولچىرىقى، نېرىراقتا ماشىنا ئىزى. مانالغان يەردىنن بىرسىنىڭ بىرى بىلەن پومداقلىشىپ چېلىشقانلىقىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى. مەمتىمناخۇننىڭ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالدى. زادى نېمىش بولغاندۇ؟...قىزىم! مېھرىگۈل...رۇستەمجان بالام!... سىلەر نەدە؟... fZ]Y
مەمتىمىناخۇن يەردىكى سۆرەلگەن، تېپىچەكلىگەن ئىزلارنى بېقىپ ئەللىك قەدەمچە نېرىدىكى قارا كۆلەڭگىنى كۆرۈپ يۈگۈردى. 7P?z{x':T
-خەمىت! كۆزۈڭنى ئاچ بالام! مېھرىگۈل قېنى؟ بالام كۆزۈڭنى ئاچ! سېنى كىم ئۇردى؟ ئاھ خۇدا بۇ نېمىش؟ رۇستەمچۇ؟ My76]\Psh
-دادا...-خەمىت قان ئۇيۇپ قالغان كۆزلىرىنى ئاچالماي زىئىپ پىچىرلىدى. –سى...سىز... مېھرى... ئۇ...ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىڭ... \eT0d<
-بالام! نېمىش بولدى؟ ئېنىق گەپ قىل! مېھرى قېنى؟ ib0M$Y1tIS
-...دا...دا... رۇستەم...رۇستەممۇ بار... تېز بېرىڭ... نا... ئەركىن...تېز... –خەمىت گېپىنىڭ ئاخىرىنى دېيەلمەي جىمىپ قالدى. ئاتا ھەيۋەت بەسىتلىك ئوغلىنى مىڭ تەستە كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزدى دە، ئوقتەك يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇ خەمىتنىڭ ئەركىن دېگىنىدىنلا ھەممىنى بىلگەنىدى. ئەركىن خېلىدىن بېرى مېھرىگۈلگە قانات سۆرەپ يۈرەتتى. مەمتىمىناخۇننىڭ كۆزىچىلا مېھرىگۈلنىڭ ئۇيەر-بۇيېرىگە قول تەگكۈزۈپمۇ قويغان. بۇ قاۋان ئاخىرى قىلغۇلۇقىنى قىپتۇ-دە! جېنىم قىزىم... [:
مەمتىمىناخۇن توپىلىق يولدا ھاسىراپ يۈگۈرۈپ، جىمجىت كېچە قوينىغا سىڭىپ غايىپ بولدى. Nj5Mc>_
* * * (Gp/^[.%&
نادىر سوجاڭنىڭ چوڭ قوروسى بىردىنلا ئۆرىتۆپە بولۇپ، ھاي-ھۇي، ئۇنى ئال، بۇنى قويلار بىلەن جىددى كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. نادىر سوجاڭ بۈگۈن ئەتىگەنلا ۋىلايەتكە بەش كۈنلۈك يېغىنغا كەتكەچكە، ئەركىننىڭ ئانىسى ئاينىيازخان بوغۇق ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ھېلى ئۇنىڭغا، ھېلى بۇنىڭغا بىر نېمىلەرنى دەپ جېكىلەيتتى. بىردىنلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ، كىملەرنىدۇر قارغاپ تىللايتتى. لەختە قانغا مېلىنىپ ياتقان تەۋەرۈك ئوغلى ئەركىننىڭ يۈز-كۆزلىرىدە ئۇيۇپ قالغان قانلارنى ھۆللەنگەن لۆڭگىدە سۈرتەتتى. نېرىقى كارۋاتتا ياتقان مىجىتنىڭ ھالى تېخىمۇ بەتتەر بولۇپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن يېنىپ قالغان ماغزاپ يۈز-بويۇنلىرىدىن كارۋاتقا سىرغىپ، كارۋاتتىن يەرگە يامراۋاتاتتى. فورما كېيگەن ئىككى ساقچى ئۇنىڭ يېرىلغان پېشانىسىدىن، كالپۇكىدىن، ماكچىيىپ تۇمشۇقىغا پېتىپ كىرىپ كەتكەن بۇرنىدىن تېخىچە تەپچىرەپ چىقىۋاتقان قاننى لۆڭگە بىلەن ئاۋايلاپ سۈرتكەچ، كىملەرنىدۇر غايىۋانە تىللاپ غوتۇلداۋاتقان ئاينىيازخانغا قاراپ جىددى ئېيتتى. G<# 9`
-خان ئاچا، مىجىت بولالمىدى. بۇنداق قىلساق ياخشى بولمايدۇ، ئۇلارنى دوختۇرغا ئاپىرايلى. GF*8(2h2
-راس شۇنداق قىلايلى. –دېدى، بىر چەتتە نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالغان رۇسلان سىڭايان بۇرنىنى تاتىلىغاچ. –زەربە ئىچىگە ئۆتۈپ كەتسە ياخشى ئەمەس. 7+0Kg'^+n
ئاينىيازخان پاختا تىققان باداڭدەك تۈپتۈزلا يوغىناپ كەتكەن خوتۇن بولۇپ، سېمىزلىكتىنمۇ ياكى ئەزەلدىنلا بوينى يوقمۇ ئۇنىڭ توختىماي ئۇيان بۇيانغا مىدرلاپ تۇرغان بېشى خۇددى تەكچىدە قويۇپ قپيغاندەكلا كۆرۈنەتتى. ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، دەرھال ماقۇللۇق بىلدۈردى. _HW~sz|
-ھە...ھە...شۇنداق قىلىلى، ئەمسە تېزرەك... نېمانداق باشتىلا ئېسىمگە كەلمىگەندۇ. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككىنى پىرقىراپ توختىغاندىن كېيىن، ناھىيىگە ئاپىرايلى، ئۈلگۈرەر-ھە! )y4bb^;z
-ئۈلگۈرىدۇ، ئەمىسە مەن ماشىنىنى ھويلىغىلا ئەكىرەي. –دەپ سىرتقا چاپتى، مىجىتنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغان فورمىلىق يىگىت. HT0VdvLw
ئاينىيازخان رۇسلان بىلەن غەيۇرنى –سىلەر ئۆيدە ئارام ئالغاچ تۇرۇڭلار. ئەتە يوقلاپ بارارسىلەر. –دەپ ئۆزى جابدۇندى. {+%|nOWV
* * * v W=$C
مەمتىمىناخۇن سۇپىدا ياتقان خەمىتنىڭ پېشانىسىدىكى لۆڭگىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ غولىنى يۆلەپ كەينىگە ياستۇق قويۇپ بەردى. مېھرىگۈل ھورى ئۆرلەپ تۇرغان ئاياقتىكى شوۋگۈرۈچتىن قوشۇقلاپ ئېلىپ ئۇنىڭغا ئىچۈردى. مېھرىگۈلنىڭ بوستان كىرپىكلىرى قورشىغان قاپقارا بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن توختىماي ياش قۇيۇلۇپ تۇراتتى. خەمىت سىڭلىسىغا قاراپ كۆڭلى بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ‹‹چىرايلىقنىڭ بەختى چولتا›› -دېگەن گەپ راست ئوخشايدۇ. قاراڭ. ئىنسان گۈزەل بولار، مېھرىگۈلچە بولار. تال چىۋىقتەك ئەبرىشىم بويى، سىزىپ قويغاندەك ئەگمە قاشلىرى، ئالمىدەك يۇمىلاق، قاشتېشىدەك سۈزۈك يۈزلىرى، گىلاستەك تاۋلىنىپ تۇرىدىغان لەۋلىرى يېمىرىلگەندە يالت-يۇلت نۇر چاقنىتىدىغان رەتلىك چىشلىرى... بولۇپمۇ ئوڭ قېشىنىڭ قۇيرىقىغا قونغان كىچىككىنە خالى، دادىسىنى تارتقان ئېگىز بوي، ئانىسىنى تارتقان گۈزەل رۇخسار، مۇلايىم خۇلىق... دۇنيا گۈزەللىرى نان تىلىسۇن. مانا بۇ تەكلىماكان بارخانلىرىغا كۆمۈلۈپ قالغان ئۇيغۇر قىزى. ئۇيغۇر گۈزىلى. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئەسلى ئۆزىگە نۇرغۇن شانۇ-شەۋكەت، بەخىت ۋە خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما يەكتاسى يوق بۇ گۈزەل غۇنچىگە شاھى بۇلبۇلگويالار ئەمەس، قانداقتۇر بىر يۈندە كاتىكىدە روھى چۈشۈپ قالغان قارا كۆڭۈل مەلئۇنلار قول سوزغىنى نېمىسى؟ خۇدا... ياخشىلارنى خار قىلمىغايسەن. N4]QmRX/j
-يىغلىما سىڭلىم. –دېدى خەمىت، ئاشنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن. –مەنلا بولىدىكەنمەن، سېنى ھېچكىم ‹‹تاك›› قىلىپ چېكەلمەيدۇ. .<7M4Z
مېھرىگۈل ياغلىقىنى كۆزىگە باستى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. قويلارنىڭ قارنىنى توقلاپ يېنىپ چىققان مەمتىمىناخۇن كېلىپ سۇپىنىڭ قىرىدا ئولتۇررۇپ، خەمىتكە قارىدى. b* k=
-بالام، بولغۇلۇق بولدى. ئەمدى نېمە دېگەننىڭ پايدىسى يوق. سەن بىر مەزگىل ئۆزۈڭنى دالدىغا ئېلىپ تۇرمىساڭ بولمىدى. $cjwY$6
-دادا! بۇ... –خەمىتنىڭ قىزىق قېنى دەرھال يۈزىگە تەپتى. –بۇ... نېمە دېگىنىڭ؟ بۇ مېنىڭ يۇرتۇم. كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن، ئانام كۆمۈلگەن، ئاتا-بوۋامنىڭ قان تەرى سىڭگەن ئانا تۇپراق. مەن نېمىشقا بۇ يەردىن كېتىدىكەنمەن. r&
-بالام، -دەپ سوزۇپ ئېيتتى مەمتىمىناخۇن ۋەزمىنلىك بىلەن، ئوغلىنىڭ خۇيىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ. –سەن ئۇنداق دېگەن بىلەن ھېلىمۇ تارتقان كۈلپىتىڭ ئاز ئەمەس. يەنە كېلىپ بۇ قېتىم يامان يەرنىڭ زىتىغا تېگىپ قويدۇق. نادىر سوجاڭ بولدى قىلغاندىمۇ ئەركىن دېگەن ئاختا ئېشەك ھەرگىز قويىۋەتمەيدۇ. تاش بىلەن ياڭاقنىڭ تەڭ بولغىنى نەدە بار بالام. RP[^1
-دادا. مۇشۇنداق چاغدا مەن سېنى، مېھرىنى تاشلاپ كېتىمەنما؟ مۇمكىن ئەمەس. كىم ياڭاق؟ كىم تاش؟ ھەممىمىز ئوخشاش پۇقرا. سوجاڭنىڭ بالىسى بولسا نېمە بوپتۇ؟ مەنمۇ مەمتىمىن پاششانىڭ شاھزادىسى. قانۇندا باشلىق خەقنى بوزەك قىلسا سورىقى يوق. دېيىلمىگەن. LX f r
-سېنىڭ قانۇن دېگىنىڭنى ئاشۇ نادىر سوجاڭ چىقىرىدۇ. نەچچە رەت بۇرنۇڭغا يېدىڭ. جېنىم بالام، ئەمدى كادىر خەق بىلەن تەڭ بولىمەن دېمە. zplAH!s5''
-دادا. خاتىرجەم بول. ئۇلار بىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ. مەندەك ئوغلۇڭ تۇرسا. نېمىگە تەشۋىشلىنىسەن؟ JG^fu*K
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. –قىزىشىپ مۇنازىرىگە چۈشكەن ئاتا بالا يېنىنى ئاياپ، دىڭگوسلاپ كىرىپ كەلگەن رۇستەمگە قاراپ تەڭلا سالام قايتۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى سۇپىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. <TN+-)H6
-ھە خەمىت، قانداقراق تۇرۇپسەن؟ gvzBV+3'
-خېلى ياخشى، مۈرەمگە بىر نېمە بىلەن قاتتىق ئۇرىۋېتىپتىكەن، سەل ئاغرىپ تۇرىدۇ. سەنچۇ؟ V2B@Lq"9`
-مەنمۇ ياخشى. شۇ سول يېنىمنى ئالالمايۋاتىمەن. يانپاشتىن چىقىپ كەتتىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. P~}Yj@2
-ئويلاپ قالدىم. –دەپلا يۈرەمسەن؟ دوختۇرغا باردىڭمۇ؟ P>U7RXe
-ياق تېخى. يېزىلىق دوختۇرخانىدا توك يوقكەن. ناھىيىگە بارمىساق رېنتىگىنگە چۈشەلمەيدىكەنمىز. شۇڭا... 7&`Yl[G
-ئەمسە ناھىيىگە بار. } *:H\GL
-خەمىتكا، شۇ... بىللە بارىلىمىكىن. دەپ... q2+`a;_S
-ماقۇل. مەنمۇ ئىككى-ئۈچ كۈننىڭ ياقى يېتىۋېرىپ زېرىكتىم. 61SbBJ6[
-ھە... شۇنداق قىلىڭلا باللىرىم. زەخمىنىڭ ئاسارىتى قالمىسۇن. سەنمۇ خەمىت، ھېلىقى رىڭتىگىڭغا چۈشۈپ باق. mYx6JU*`
-ماقۇل دادا. ئەمىسە بىز بېرىپ كېلەيلى. )+ (GE
-شۇنداق قىلىڭلار باللىرىم. كەچتە بالدۇرراق يانارسىلەر. ?B32,AS@
خەمىت بىلەن رۇستەم ناھىيىلىك دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈشلەرنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئەركىنگە تاماق ئېلىپ ماڭغان نادىر سوجاڭ بىلەن ئاينىيازخاننى يولۇقتۇرۇپ قالدى. 9,jFQb(),
-خەمىتكا، ئاڭلىسام مىجىت دېگەن پاناقنىڭ ئەھۋالى خېلى يامان ئوخشايدۇ. ئەركىننىمۇ ئون-ئون بەش كۈن يېتىپ قالارمىش دەپ ئاڭلىدىم. بۇ توخۇپوقلىرى دوختۇردىن چىقسا يەنە ئىش تېرامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن. h+DK.$
-بۇنى مەنمۇ ئويلىدىم. –دېدى ئاغرىۋاتقان مۈرىسىنى سىلاپ ماڭغان خەمىت ئۆتكۈر نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىپ. –راستىمنى ئېيتسام بۇ نىجىسلار بىلەن سەن-پەن دېيىشىپ يۈرمىسەك ياخشى ئىدى.ھەي... –ئۇ بىرنېمىدىن ئەنسىرىگەندەك خۇرسىنىپ قويدى. HVz|*?&6
-مەنمۇ شۇنداق ئويلاپ قالدىم. ئەمما بۇ دورەم بىزدىمۇ ئامال يوق. E#n=aY~u-
-ئۇغۇ شۇ. ئۇلار ئۆزلىرى قىچىشمىغان يەرنى تاتىلاپ قويدى. w6
-بولدىلا. بولغۇلۇق بولۇپ بولدى. كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان پاراڭلارنى قىلىشمايلى. بۇنىڭدىن كېيىن بەكرەك دېققەت قىلايلى. ~.$ca.Gf
-توغرا، دېققەت قىلمىساق بولمايدۇ. 83Tv-X
ئىككەيلەن بۇنىيڭدىن كېيىن مېڭىش-تۇرۇش، باردى-كەلدىدە دېققەت قىلىدىغان ئىشلارنى مەسلىھەتلەشكەچ، قايتىشتى. 19;Pjo8
UM}MK
aL|a2+P[`q
نەچچە كۈندىن بېرى چۈشى بۇزۇلۇپ، دادىسى بىلەن سىڭلىسىدىن ئەنسىرەپ، خەت-خەۋىرىنى ئالالماي يۈرگەن خەمىت شۇكۈنى كەچلەپ ئۆيگە قايتقانىدى. ئۇ ناھىيىدىن يانغۇچە سىڭلىسى ئامراق ئاچچىق-چۈچۈكلەرنى، ۋە دادىسىنىڭ يۆتىلىگە شىپا بولۇپ قالار دەپ، بىر جىڭ تاش ھەسەلنى كۆتۈرۈپ مەھەللىگە كىرگەندە ئاسمانغا قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ بولغانىدى. ئۇ ئۆيىگە ئېلىپ بارىدىغان زەيدان بويىدىكى توپىلىق يولغا كىرىپلا يۈرىكى ئەنسىز سېلىپ كەتتى. قەدەملىرى ئىختىيارسىز ئىتتىكلەپ، سىنچى كۆزلىرى بىلەن ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئەلەڭ-سەلەڭ ھەركەت قىلىۋاتقان كۆلەڭگىلەرنى بىر كۆرۈپ بىر كۆرمەي كەلمەكتە ئىدى. ئۇ بارغانچە يېقىنلاپ كەلگەندە بولسا بىرىنىڭ زەئىپ ئىڭرىشىنى ئاڭلاپ، يۈرىكى قارت قىلدى-دە، قولىدىكى سۇلىياۋ خالتىنى نەلەرگىدۇر چۆرىۋېتىپ، كۆلەڭگىلەرنىڭ ئۈستىگە بۆرىدەك ئېتىلدى. ئۇ سىڭلىسىنىڭ ئاۋازىنى تۇنۇپ قالغانىدى. Zvkb=
چالا كەيىپ بولغان ئەركىن ئىشخانىغا نەشىگە ماڭغان مىجىتنى ئەگەشتۈرۈپ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تۇتۇق بەر يۈرگەن مېھرىگۈلنى ‹‹ئوۋلىغىلى›› كەلگەنىدى. ئۇلار مەمتىمىناخۇننىڭ ئۆيىگە يېقىنلاشقاندا مېھرىگۈل بىر تاغار ساماننى دوناي جىگدىگە ئارتىپ قويۇپ، كىرىپ كەتكەنىدى. ئەركىن مىجىتنى بۇيرۇپ، ساماننى مەمتىمىناخۇننىڭ پاكار قورۇ تېمىدىن ھويلىسىغا تاشلاتقۇزىۋەتتى. بۇنداق قىلغاندا مېھرىگۈل تاغىرىنى ئىزدەپ سىرتتا ئۇزۇنراق تۇراتتى. دېگەندەك مېھرىگۈل تاغىرىنى تاپالماي تۇرغاندا، ئەركىن كەينىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ ئاغزىنى كاپلا تۇتتى-دە، كۈچلۈك بېلەكلىرى بىلەن ئۇنىڭ بېلىدىن قاماللاپ ئالدى. بۇ تۇيۇقسىز مۇدھىش ۋەقەدىن قورقۇپ كەتكەن مېھرىگۈل يۇلقۇنۇپ، تېپىچەكلەپ كۈچىگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلالمىدى. ئۇلار شۇنداق تىركىشىپ تۇرغاندا، خۇدا خەمىتنى ئەۋەتكەنىدى. Ey&gZ$|&
خەمىت ئۇيدەك ھۆركىرەپ بېرىپ ئالدى بىلەن مىجىتنى، كەينىدىن ئەركىننى مېھرىگۈلدىن ئاجراتتى. مېھرىگۈل قورقۇپ ئىمانىدىن ئادىشىپ قالاي دېگەنىدى. خەمىت ئۇنى بىريانغا ئەچىقىپ بولغىچە مىجىت ئۇنىڭغا ياماشتى. مىجىت پاكار، دىقماق بولسىمۇ خېلى كۈچتۈڭگۈر نېمە ئىدى. ئىككەيلەن يەردە پومداقلىشىپ كەتتى. نىيىتىدىن يانمىغان ئەۋەر بىرچەتتە چەكچىيىپ قاراپ تۇرغان مېھرىگۈلگە تاشلاندى. مېھرىگۈل ھۇشىنى يىغا-يىغماي ئۇدۇل كەلگەن بىر تەرەپكە قاچتى. ئەركىن قاراڭغۇدا ئۇنىڭ قايسى تەرەپكە قاچقىنىنى كۆرەلمەي يەردە پومداقلىشىۋاتقان ئىككى گەۋدىنىڭ قايسىسى مىجىت، قايسىسى خەمىت ئىكەنلىكىنى ئايرىيالماي، قارا قويۇق تېپىپ باقتى. ئۇلار ئاجرايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. '_l5Br73=
ئۇ نېرىراقتىكى ماشىنىدىن ئايرىمايدىغان قوغدىنىش كالتىكىنى ئېلىپ كەلدى-دە، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ساۋاشقا باشلىدى. بىر ھازادىن كېيىن نەدىن كەلدى، بىر پەشپا بىلەن كەينىگە تىك موللاق چۈشتى. قولىدىكى كالتەكمۇ نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى. ئۇ يەرنى سىپاشتۇرۇپ يۈرۈپ بىر تاشنى تاپتى، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان سايىنى خەمىت دەپ ئويلاپ بېشىغا راسابىرنى قويدى. سايە گۈپلا يېقىلدى. ئۇ ئەسلى مىجىت دىقماق ئىدى. شۇ ئەسنادا رۇستەم پەيدا بولۇپ، خەمىتنىڭ ھالىنى كۆرۈپ، ئەركىنگە ئېتىلدى. ئۇنىڭ قولىدىكى قول چىراقمۇ نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى. ئەركىن پىشانىسىگە تەگكەن مۇشتنىڭ زەربىسىدە نېرىقى ئېرىققا پالاقشىپ يېقىلدى. ئۇنىڭ كالتىكى قولىغا چىقىپ قالدى دە، خەمىتنىڭ بېشىنى يكلەپ ئولتۇرغان رۇستەمنىڭ دۈمبىسىگە، كەينىدىن يانپاشقا بىرنەچچىنى قويىۋىدى، رۇستەم جىمىپ قالدى. شۇندىلا ئۇنىڭ ئېسىگە ماشىنىنىڭ يېنىدا ياتقان مىجىت كېلىپ، ئۇنى مىڭ جاپادا سۆرەشتۈرۈپ ماشىنىغا چىقاردى-دە، يولنىڭ ھەممە يېرىدە قاتناپ يىراقلاپ كەتتى. بۇ چاغدا رۇستەم ئورنىدىن تۇرۇپ، ماشىنىنىڭ كەينىدىن: -مېھرى...مېھرى... –دەپ، بىر پۇتىنى سۆرەپ ئەگىشىپ كەتكەنىدى. تەلىيىگە مېھرىگۈل يىراققاكەتمەي، بىرتۈپ قېرى سۆگەتنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالغان، ئاشىقى رۇستەمنىڭ زەئىپ ئاۋازىنى تونۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا يۈگرەپ چىققانىدى. RYV:?=D7s
* * * 7e=s`j
ئارىدىن ئىككى ئاي تېنچ ئۆتۈپ كەتتى. ئەركىن بىلەن مىجىت ئىلگىرى كېيىن بولۇپ40كۈندە دوختۇردىن چىقىشتى. دېگەندەك ئەركىننىڭ يارىسىغا قارىغاندا مىجىتنىڭ زەخمىسى خېلى ئېغىر ئىدى. ئەركىن تاش بىلەن ئۇنىڭ ئەسلىدىنلا تايىنى يوق بۇرنىغا بىرنى قويۇپ، پانىقىنى تۈزلەپلىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭسىزمۇ قوغدىنىش كالتىكى بىلەن ساۋاپ خېلى بىريەرگە ئاپىرىپ قويغان بولۇپ، بىچارە ئۆلگىلى تاس-تاماس قالغانىدى. ئەركىن بىلەن مىجىت بۇ ئەلەمنى ۋاقتىنچە ئىچىگە يۇتماي بولمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇ ئىككى سولتەكنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ چىقمىغۇدەك بىر ئەدىپىنى بەرمەكنى نىيەتلىرىگە ئوبدان تۈگۈپ بولۇشقانىدى. بۇ ئويلارمۇ تۈنۈگۈندىن باشلاپ روياپقا چىقتى. %b>Ee>rdD
تۈنۈگۈن ئەركىن خېلىدىن بېرى خەۋىرى بولمايۋاتقان سادىق بىلەن كۆرۈشكەنىدى. سادىق بۇرۇن مۇشۇ مەلىلىك بولۇپ، قاتتىقچىلىقتا قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ ناللىرىنى كانتۇلاپ قويۇپ، ئەل ئالدىدا نامى سېسىپ كەتكەن بىر چىرىندى ئىدى. ئاخىرقى قېتىم ساقچىغا تۇتۇلغاندا، ئەركىن ئۇنى قاچۇرىۋەتكەن. ئۇ شۇ چىققانچە كۇلىغا بېرىپ ئىككى يىلدىن كېيىن لىڭڭىدە كۆتۈرۈلۈپ بېيىپ يۇرتتىكىلەرنىڭ كۆزىچە گىدىيىپ يۈردى. پات-پات يوقاپ كېتىپ بىر-ئىككى ئايدا پەيدا بولاتتى. بەزىلەر ئۇنى قاقچىلىق قىلىپ بېيىپتۇ دېسە، بەزىلەر ئاقچىلىق قىلىپ بېيىپتۇ دېدى. يەنە بىراۋلار يانچۇقچىلىق قىلىمىش، كۇلىدا يانچۇقچىلىق قىلسا تىز بېيىمىش دېسە، پوكۇنىلار بالا ئالداپ سېتىپ ھارامدىن پۇل تاپىدىكەن دېيىشتى. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ زادى نېمىش قىلىپ پۇلدار بولۇپ قالغىنىنى بۇ يۇرتتا بىر ئۆزى ۋە ئەركىندىن باشقا ھېچكىم ئېنىق بىلمەيتتى. ئادەتتە ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ-تۆت ئايدا بىر پەيدا بولۇپ، ئەركىننىڭ مەئىشەتلىرىگە كېتەرلىك ھارام پۇل بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان 35ياشلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا بوي، ئورۇقمۇ ئەمەس، سېمىزمۇ ئەمەس تەمبەل كەڭ يەلكىلىك يۇمىلاق يۈزلىرىنى ئالا قويماي ساقال كۆتەكلىرى قاپلىغان،كەڭ پېشانىسى مايلاپ قويغاندك پارقىراپ تۇرىدىغان، چېقىر كۆزلىرى كۈندۈزدە كوچىغا چىقىپ قالغان چاشقاننىڭ كۆزىدەك توختىماي پىلدىرلاپ تۇرىدىغان بۇكىشىنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى كۆپ ئوقۇغان داموللا ئوخشايدۇ. –دەپ ئويلاپ قالاتتى. uF\ ;m.
ئەركىن سادىققا ناھىيە بازىرىدىكى ئېسىل بىر رېستۇراننىڭ ئايرىم خانىسىنى نېئمەتلەر بىلەن تولدۇرۇپ مېھمان دوسلۇق قىلدى. ئۇلار ئېسىل شاراپلاردىن ئالدىرىماي ئوتلاپ ئۇزۇن مۇڭداشتى. ئاخىرىدا قۇلاقلىرىنى بىر-بىرىگە يېقىپ، ئۇزۇن بىر نېمىلەرنى دېيىشكەندىن كېيىن، سادىق ئەركىگە قاراپ، چىقىر كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ دېدى: Gg3<}(
-ئۇكا، بۇ قېتىم ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىپ، تەتەيدىنمۇ زېرىكتىم، قۇچقاچلىرىڭ باردۇ؟ "]hQ\b\O
-ۋاي ئاكا، سەندىن ئايلانسۇن، بەشمىنۇت ھە.. –ئۇ شۇنداق دەپ يانفۇنىغا بىرنېمىلەرنى دەپ جېكىلىگەندىن كېيىن، -جۈر ئەمىسە. –دەپ سادىقنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ كەتتى. u5A$VRMN
بۈگۈن ئەركىن ئىشخانىغا كېلىپلا، مىجىتنى چاقىرىپ، قۇلىقىغا ئۇزاق كۇسۇلدىدى، ئاندىن ئىككىسىنىڭ شۇملۇق يېغىپ تۇرىدىغان كۆزلىرى بىر-بىرىگە بېقىپ ھېجايدى. Pk^W+M_)~
-ئېسىڭدە بولسۇن، -دەپ پىچىرلىدى ئەركىن مىجىتنىڭ تۈزلىنىپلا كەتكەن پانىقىغا قاراپ كۈلىۋېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن باشقا ياققا تىكىلپ، -ئەگەر بۇ قېتىم ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمەي ئۇ قاۋانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالساڭ، بۇرنۇڭ ئەمەس، ئۆزۈڭ تۈگىشىسەن. شۇڭا بىرەرىنى ھەمراقىلىشقا، كۆزەتكە قويۇشقا بولمايدۇ. ئۆزۈڭ بېرىپ، ئۆزۈڭ كېلىسەن، جىننىمۇ چۆچۈتسەڭ تۈگەشكىنىمىز شۇ، بىلدىڭمۇ؟ :ywm 4)
-بىلدىم ئاكا! رۇستەم دېگەن جالاپنىڭ بالىسىنىڭ بۇرنىنى كېسىۋالمايدىغان بولسام. مىجىت پاناق بولماي كېتەي. -ئۇنىڭ ئاچچىقى كەلسە قۇيرىقى پەسكە ساڭگىلايدىغان ئۆزىدەك دۈگىلەك كۆزلىرى كىچىكلەپ، بىر نوقتىغا تىكىلدى. -بولمايمەن دېسەڭمۇ بولغۇلۇقۇڭ شۇ سېنىڭ. –دېدى، -بۇرنۇڭغا تاشنى پاتۇرغان رۇستەم دېگەن ھېجىقىز. –دەپ مىجىتنىڭ قۇلىقىغا سىڭدۈرۋەتكەن ئەركىن ئىچىدە. fvr|<3ojo
-ئەمىسە بۈگۈن كەچتىلا ئىشنى توغرىلا. مەن ئەتە ئەتىگەندىلا ناھىيىگە چىقىپ، ئىشنى پۈتتۈرىمەن. ئەتە كەچتە رىسالەت دېگەن قانجۇقنىڭ ئىنجىقىنى ئاڭلاپ يېتىپ ئۇخلايسەن. }\]J?I+ A
ئەركىن شۇلارنى جېكىلەپ، چىقىپ كەتتى. f~{4hVA
دېگەندەك شۇ كۈنى تۈن نىسبىدە دىقماققىنە بىر سايە مەمتىمىناخۇننىڭ پاكار قورۇ تېمىدىن ئارتىلىپ كىرىپ كېتىپ، ھايالشىمايلا يېنىپ چىقتى. ئاندىن ھەمراخان موماينىڭ چىتلىقىنىڭ تېگىدىكى سۈڭگۈچكىمۇ ئىككى قېتىم ئۆمىلەپ، نەدىن، قانداق كەلگەن بولسا شۇتەرىزدە غىپپىدە تىكىۋەتتى. خۇددى ئەركىن ئېيتقاندەك بۇ ئىشنى ھەتتا جىنلارمۇ سېزەلمىدى. ئەتە نېمىشلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىر خۇدا ئۆزى بىلىدۇ. بۇ مەلئۇنلار نېمىلەرنى پىلانلىدى، بۇمۇ ئۇلارنىڭ قارا كۆڭۈللىرىگىلا ئايان. بىز پەقەت خەمىت، مېھرىگۈل، رۇستەم، بىز تېخى ئىسمىنىلا ئاڭلاپ، ئۆزى بىلەن تۇنۇشمىغان رىسالەت قاتارلىق دوستلىرىمىزغا ئامانلىق تىلەش بىلەنلا چەكلىنىمىز خالاس. تەڭرى ئۇلارنى پاناھىدا ساقلىغاي. -P We
_qsg2e}n
iDV.C@
ev9ltl{
رىسالەت مەھەللە ئىمامىنىڭ يالغۇز نەۋرىسى. بىچارە قىزنىڭ ئانىسى تۇغۇتىدىلا تۈگىدى. ئاتىسى بولسا غەيرى تائىپىلەرگە ئارلىشىپ قېلىپ رىسالەت ئالتە ياشقا كىرگەندە ئېتىلىپ كەتتى. ھۆكۈمەت ئۇنىڭ جەسىتىنىمۇ بەرمىدى. ئانىسى بىچارە دۇنيادا بىرتاللا ئوغلىنىڭ دەردىدە ساراڭ بولۇپ سۇغا چۈشۈپ، ئىككىيىلدىن كېيىن كەتتى. بىچارە بالا كەلگۈندى چارىپايلارنىڭ ئېزىتقۇسىغا گوللانمىغان بولسا، مامۇتئاخۇنۇمنىڭ ئىزىنى بېسىپ مەسچىتكە ئىمام بولۇپ، قىزى رىسالەتكە ئاتا بولۇپ پانىيدىن كېتەرئىدى. ئىمام ئاخۇنۇممۇ يىگىرمەيىل بالا دەردىدە، تۇللۇقتا ئازاپلىنىپ ئۆتمەس ئىدى. &z?:s
بوۋاي رىسالەتنى بىرتاللا تەۋەرۈك. –دەپ يېنىدىن ئايرىماي بېقىپ قاتارغا قوشتى. رىسالەت ئانىسىنىڭ جىمى گۈزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان ھۆرسۈپەت قىز بولدى. ئانىسىمۇ يۇرتتا تەڭدىشى يوق گۈزەل ئىدى. ئىمام بىرتاللا ئوغلىنىڭ تاۋىنى چىگىشنى خالىماي، تاپقان-تۈگكىنىنىڭ ھەممىنى سەرىپ ئېتىپ، ئوغلىنى باي قىزىغا ئۆيلىگەن، ئەمما ئۆمرى چولتا كېلىنى ياندۇرقى يىلىلا ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانىدى. o>Q=V0?
مانا ئەمدى رىسالەت بويىغا يېتىپ، گۈزەللىكى كامالەت تاپتى. ئۇنىڭ ئېرىق بويىدىكى قىياقلاردەك ئۇزۇن كىرپىكلىرى ئارىسىدىن بۇلدۇقلاپ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان قاپقارا كۆزلىرى، قىيما قەلەمدەك قاشلىرى، ئۆزى ياسىۋالغاندەك خۇشپىچىم بۇرنى، ئانارنىڭ دانىسىدەك سۈزۈك، ئوتقاشتەك لەۋلىرى، ئەتلەس كۆينەك ئىچىدە تولغىنىپ ماڭىدىغان سەرۋىدەك بويى، تېقىمىدا سويلىغان بېلەكتەك ئىككى ئۆرۈم چىچى بۇ يۇرتتا ھېچكىمدە يوق. ئۇنى كۆرگەن يىگىتلەرلا ئەمەس، قېرى مومايلارمۇ ھەسەت ئوتىدا پۇچىلىنىپ نەچچە كۈن غەش يۈرىشىدۇ. I:edLg1T
تەڭرى بۇ گۈزەل قىزنىڭ مېھرىنى ئېيىقتەك قاۋۇل، بۇقىدەك كۈچلۈك، يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامدەك چىرايلىق، مىجەزى چوتتەك ئىتتىك خەمىتكە باغلاپ قويغانىدى. دېمىسىمۇ بۇ گۈزەل مۇشۇنداق قاۋۇل، چىرايلىق، تىرىشچان، يارەنلەرگە مېھرى دەريا، ناكەسلەرگە قەھرى ۋولقان، ئاپتاپتا قىزىرىپ پىشقان ھەقىقى دېھقان يىگىتىدىن باشقىغا زايا كېتىدۇ. خەمىت رىسالەت تېخى كىچىك چاغلىرىدىلا ئۇنى ئۆز سىڭلىسىنى قوغدىغاندەك قوغدايتتى. ئىمام بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيى قارىشىپ تۇرغاچقا، ئىشىكتىن چىقسىلا جىمجىت ئاقىدىغان زەيدان بويىدا رىسالەتنى كۆرەتتى. مەلىدىكى بالىلار بىرگە ئويناش جەريانىدا بىرەرى رىسالەتنى بوزەك قىلسا، خەمىت شۇنىڭ ئەدىپىنى بېرەتتى. شۇڭىمۇ ھېچكىم رىسالەتكە چىقىلالمايتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، رىسالەت تەبىئىيلا خەمىتكە تەئەللۇق بولۇپ قالدى. رىسالەتكە خەمىت بولمىسا بولمايتتى. يىتىم قىزنىڭ ھىماتچىسى، باش پاناھى خەمىت ئىدى. رىسالەت خەمىتتىن باشقىنى قوبۇلمۇ قىلالمايتتى. چۈنكى خەمىت ئۇنىڭ خىيالىدىكى چېن تۈمۈر باتۇر. Qgxpq{y
خەمىت شەھەردىن شۇ يانغانچە بارمىدى. ئېتىز-ئېرىقنىڭ، مال-كالىنىڭ ئىشى بىلەن ھەلەك يۈردى. ئىمام خۇپتەنگە كەتكەندە، ئۇ بۇلبۇلنى دوراپ رىسالەتنى زەيدان بويىغا چىللايتتى. رىسالەت بۇلۇتلار ئارىسىغا شۇڭغۇغان ئايدەك، ئۇياتلىنىپ چىقاتتى. خەمىت تېيىز زەيداننى كېچىپ ئۆتۈپ ئۇنىڭ يىنىغا باراتتى. ھايا، نۇمۇس بىلەن، بىر-بىرىنىڭ كۆزلىرىگە قارىيالماي، بىردەم مۇڭدىشىۋالاتتى. ئىمام مەسچىتتىن ئېگىلىلىپلا، يۆتىلىپ شەپەبېرەتتى. ئىككەيلەن ئەنە شۇ دەقىقىدىلا لاپپىدە بىر قارىشىۋېلىپ، تاتلىق كۈلۈشلەرنى قالدۇرۇپ، ئايرىلىشاتتى. رىسالەت مەمتىمىناخۇننىڭ ئۆيىگە كەمدىن-كەم كىرەتتى. kR65{h"gZT
بۈگۈن چۈشكە پولو ئەتكەن رىسالەت، خەمىتنىڭ پولوغا ئامراقلىقىنى، ئەسلەپ ئاشنى كۆپرەك قىلغانىدى. شۇڭا ئۇ تاۋاقنى پاك-پاكىزە قىلىپ، قىززىق چاينى ئالدىرىماي ئىچىپ ئولتۇرغان بوۋىسىغا قاراپ، =_Ip0FfK!
-ئاشنى جىقراق ئېتىپتىمەن، ئېشىپ قالدى. –دېدى قىزىرىپ. سەزگۈر بوۋاي ياشلارنىڭ قىلىشىپ يۈرگەن خۇپىيانىلىرىدىن خەۋەردار بولغاچقا، چاندۇرماي، .dKFQH iYJ
-خەمىت دېگەن بۇقا پولوغا ئامراق قىزىم. –دەپ قويدى. قىز ھويلىدا ئېچىلغان لەيلىدەك قىزىرىپ، تاۋاقنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كېتىپ، تەييارلاپ قويغان بىرچىنە ئاشنى كۆتۈرۈپ چىقتى-دە، -مەمتىمناخۇن دادام تېتىپ باقسۇن. دەپ يەردىن ئۈستۈن قارىماي چىقىپ كەتتى. m#`1.5%
-ھەي... –دەپ ئېغىر خۇرسىندى بوۋاي، -بۇ باللارنىڭمۇ مۇرادىنى ھاسىل قىلساق بولاتتى. كەينى-كەينىدىن كەلگەن مۇسىبەتلەر توينى كەينىگە سۈرىۋەتتى. خۇدا خالىسا بۇيىل كۈزدىن قويماي بېشىنى باغلاپ قويسام، مەنمۇ خاتىرجەم بولاتتىم، ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ روھى ئارام تاپاتتى. –ئىمامنىڭ يارەنلىرى يادىغا يېتىپ،كۆزىگە ياش كەلدى. fzZ`O{$8
رىسالەت ئاش كۆتۈرۈپ كىرگەندە، مېھرىگۈل پەشئايۋاندا گۈل تىكىپ ئولتۇراتتى.ئۇ رىسالەتنى كۆرۈپ قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى. Eal*){"<,?
-رىسالەت ئاچا، كېلىڭ. ئولتۇرۇڭ. ,f}u|D 3@
-بولدى مېھرى، مەن چىقاي. پولو ئەتكەن. –رىسالەت قىزىرىۋىدى، مېھرىگۈل كۈلدى. –نېمىگە كۈلىسىز مېھرىگۈل. مېھرىگۈل كېلىپ ئۇنىڭ قولىدىن چىنىنى ئالدى. ئىككى قىز بىر يەرگە كىلىۋىدى، قۇياش بىلەن ئاي بىريەرگە كەلگەندەك ئالەم بۆلەكچىلا يورۇپ كەتتى. ھويلىدىكى قېرى ئۆرۈكنىڭ يۇپۇرماقلىرى شىلدىرلاپ، قۇشقاچلار ۋىچىرلاشتى. باغقا چىقىپ كەتكەن خەمىتمۇ رىسالەتنىڭ ھېدىنى ئېلىپ، ئالدىراپ كىردى. qu%}b>
-ۋوي، رىسالەتقۇ بۇ؟ -قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەندۇ بۈگۈن. مېھرى، بول سىڭلىم، مېھمانغا كۆرپە سال. مېھرىگۈل قولىدىكى چىنىنى سۇپىغا قويۇپ، ئۆيدىن داستىخان بىلەن كۆرپە ئېلىپ چىقىپ راسلىدى. خەمىت قولىنى يۇيۇپ، پولوغا تۇتۇندى. @7`=0;g
-پولونى كۆرسە ئىماننىمۇ ئۇنتۇيدۇ مېنىڭ ئاكام. –دېدى مېھرىگۈل رىسالەتنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىگە ھەۋەس بىلەن تىكىلىپ. –مەن ئەتسەم بۇنچە تامشىپ يېمەيتتى. –رىسالەت ئۇياتلىنىپ قىزاردى. )jGB[s";)y
-باياتىنلا زىرە قارىمۇچنىڭ ھىدى كوچىنى بىر ئالغان، ئىشتەينى تەقلەپ تۇرىۋېدىم. –خەمىتمۇ شوخلۇق قىلىپ چاقچاق قىلدى. %<{1N|
-ھەراست، ھەدە، كىر يۇيىۋىدىم، قۇرىغانمىكىن، قاراپ باقاي. –مېھرىگۈل رىسالەتنىڭ قورۇنۇپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. ئەمدى ھويلىدا خەمىت بىلەن رىسالەت ئىككىسىلا قالغانىدى. "=,IbC
-ئەجەپ ئوخشىتىسىز پولونى، قاچانمۇ بىر لېگەندە بىرگە يەرمىز... 65U&P5W
-نېمانداق قېلىن گەپ قىلىسىز؟ نەدىمۇ قىز بالا ئەر كىشى بىلەن بىر تاۋاقتا ئاش يەيدۇ. nrKir
-ئەر-خوتۇنلار بىللە يەيدىغۇ. –خەمىت سەدەپتەك چىشلىرىنى چىقىرىپ ھېجايدى. EIF"{,m
-قېلىن، بەك قېلىنكەنسىز. ئەمدى بۇ ئۆيگە كىرمەيمەن. / "@cv{
-ئەمدى سەن كىرمەيسەن، مەن كۆتۈرۈپ ئەكىرىمەن. YI?tmqzt
-توۋا، بۈگۈن سىزگە جىن چاپلىشىۋالدىمۇ نېمەئ xE- _Fv9
-چاپلاشسۇن، ھېلىمۇ چاپلاشمايدىغان جىنكەن ئۇ. قاراڭ، -خەمىت ھويلىنىڭ غەربىدىكى ئىككى ئېغىزلىق يېڭى ئۆينى بۇرنىنىڭ ئۇچىدا ئىما قىلدى. –سىزنىڭ ئۆيىڭىز. B/I1<%Yk
-ئىشىڭىزنى قىلىڭ، مېنىڭ ئۆيۈم ئۇقاتتا. 2%vG7o,#
-ئۇ دېگەن ئىمامنىڭ ئۆيى. كىم رىسالەتنىڭ دەيدۇ ئۇ ئۆينى؟ 28>/#I9/]
-بۇ ئۆيمۇ سىزنىڭغۇ ئەمىسە. w d6+,B
-مەن سىزگە بېرىمەن. _8e0vi!~2
-تولا گەپ قىلماي ئېشىڭىزنى يەڭە، سوۋۇپ قالىدۇ. –رىسالەت بوشىغان پىيالىگە چاي قۇيىۋاتاتتى، توساتتىن ئۆينىڭ ئالدىدا بىر ماشىنا توختاپ، بىرنەچچە ساقچى ھويلىغا ئۈسۈپلا كىردى. كۆڭلى بىر ئەنسىزلىكنى تۇيغان خەمىت، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردى. -nY_.fp>
-خەمىت دېگەن سەنمۇ؟ -ئورۇق ئېگىز، خۇشپىچىم بىر ساقچى زەردە بىلەن سورىدى. dst!VO:M
-ھە، مەن. نېمىشكىن؟ -خەمىت تەمكىن ئاھاڭدا ئەدەپ بىلەن سورىدى. ئۆيۈڭنى ئاقتۇرىمىز، بۇ ئاقتۇرۇش بۇيرۇقى. –ساقچى شۇنى دەپ بولۇپ، ئەتراپىدىككىلەرگە بوينىنى شىلتىپ بۇيرۇق بەردى. ')ZZ)&U>z
ئىككى ساقچى ئۆيگە، ئىككى ساقچى باغقا ئاتلاندى. خەمىتتىن گەپ سورىغان ساقچى بىر قولىدا قورالىنى تۇتۇپ، خەمىتكە مىختەك قالدىلىپ تۇراتتى. xn anca
بىردەمدىن كېيىن باغدىن مېھرىگۈل تاتىرىپ يۈگىرەپ كىردى. tNljv >vI
-ئاكا، نېمىش بولدى؟ 0F 6~S
-خاتىرجەم بول، ھېچ ئىش يوق. رىسالەتنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ كەت. tc{Qd&"(
مېھرىگۈل بىلەن رىسالەت ئۆيگە مېڭىۋىدى، ئىشىكتە ساقچىلار بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئۆيدىن چىققان ساقچىلار -ھېچنەرسە يوق. –دەپ دولىنى قىسىشتى. تىتىلداۋاتقان خەمىت ئۆزىگە قادىلىپ تۇرغان ساقچىدىن سورىدى. YwZ]J
-نېمە مالتىلايسىلەر؟ نېمىشقا بىزنىڭ ئۆينى تەكشۈرىسىلەر؟ IEY\l{s
-باشلىق، تاپتۇق. –باغقا چىقىپ كەتكەن ساقچىلار بىر سىڭا پاي كونا خورجۇننى كۆتۈرۈپ كىرىشتى. ھېلىقى ساقچى خورجۇننى قولىغا ئېلىپ، قارىغاندىن كېيىن، -تۇتۇڭلار! –دەپ بۇيرۇق قىلىۋىدى، تۆت ساقچى تۆت تەرەپتىن يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ، خەمىتنىڭ قولىنى كەينىگە قىلدى. خەمىت غەزەپلىك ۋارقىرىدى. .>p.k*vU
-مېنى نېمىشقا تۇتىسىلەر؟ مېنى قويۋېتىش، توخۇپوقىلار. AsR}qqG
ساقچىلار گويا ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىمىغاندەك، گەجگىسىدىن ئىتتىرىپ ماشىنىغا چىقاردى. خەمىت ماشىنىغا چىقىپ تېخىمۇ ھەيران قالدى، ۋە ئىشنىڭ تېگىگە دەرھال يەتتى. ئۇ بۇنىڭ ئەركىن دېگەن جوھۇتنىڭ سۈيقەستى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلغانىدى. چۈنكى رۇستەمنىڭمۇ قولى كەينىگە قايرىلىپ ئۆزىگە ئوخشاش قولىغا كويزا سېلىنغانىدى. (V0KmNCW`
ماشىنا توپىلىڭ يولدا چاڭ توزىتىپ، كېتىپ قالدى. مېھرىگۈل بىلەن رىسالەت توپا-چاڭ ئارىسىدا غىل-پال كۆرۈندى، ئىككى ناتىۋاننىڭ ‹‹خەمىت!››،‹‹رۇستەم!›› -دەپ توۋلىغان ئاۋازىنى چاڭ-توزان تېزلا بېسىقتۇرىۋەتتى. خەمىت رىسالەت بىلەن مېھرىگۈلنىڭ ئۆزىنى چاقىرغىنىنى ئاخىرقى قېتىم ئاڭلاپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغانىدى. 1^2]~R9,9
* * * tg7QX/KX
h{^MdYJ
MHS|gR.c
G`f|#-}
ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش گۇررۇپپىسىدىكىلەر خەمىت بىلەن رۇستەمنى يېزىلىق ساقچىخانىىنڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ، قولغا چۈشكەن بەش كىلو نەشىنى ئېلىپ، شۇكۈنى كەچتىلا چىقىپ كېتىشتى. نادىر سوجاڭ ئۇلارنى باغدا ئويناپ، ئەتە كېتىشكە شۇنچە قىزىقتۇرسىمۇ، ئۇلار يەنە تەكشۈرىدىغان باشقا دىلولارنىڭمۇ بارلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن زەھەرگە قارىشى تۇرۇشتا، قاتتىق قول بولۇشنى جېكىلەپ قايتىشتى. سوجاڭ خەمىت بىلەن رۇستەمنى ئۆزى سوراق قىلدى. پاكار، دوغىلاق، يۈز، پېشانىلىرى مايلاپ قويغاندەك پارقىراپ تۇرىدىغان، 50تىن ئاشقان بولسىمۇ ئاق كىرمىگەن چاچلىرىنى كەينىگە رەتلىك تاراپ، ئادەتتە تولىراق فورمىسىز يۈرىدىغان، سەپرامىجەزىگە ئويناپ تۇرىدىغان كۆزلىرى ماسلاشمىغان بۇ كىشى، بۈگۈن ناھىيىدىن ئادەم كەلگىنىنى ئاڭلاپ، ساقچى فورمىسىنى قاتۇرۇپ كېيىپ، تېخىمۇ سۈرلۈك ۋە سۆلەتلىك بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ تەلەتىدىن مۇز ياغدۇرۇپ، بوراندەك گۈركىرەپ چىقىدىغان ئاۋازىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ساقچىخانىنىڭ يېڭىدىن مەخسۇس سېلىنغان سوراقخانىسىدا خەمىت بىلەن رۇستەمگە گۈركىرەكمەكتە ئىدى. +pe\9F
-ئېيتىشە؟ نەشىنى كىمدىن ئالغان؟ u $qazj
-ئەركىندىن. &UAYYH
-پوق يېمە، شېرىكلىرىڭ بارمۇ؟ CHDt^(oa!B
-بار. @*WrHoa2N
-كىم؟ نەدە تۇرىدۇ؟ u ^M'[<{
-ئەركىن نادىر، شاپتۇللۇقتىكى باغدا تۇرىدۇ. kJ)Z{hy
-ئاناڭنى كۇسپۇرۇچلار، دۈمبەڭ قىچىشىپ قاپتۇ-دە، ھەر قايسىڭنىڭ. –نادىر سوجاڭنىڭ ئاق، سېمىز يۈزلىرى غەزەپتىن قىزىرىپ، دىر-دىر تىتىرەيتتى. كېلىڭلار، بۇلارنى ئازراق سەگىتىپ قويۇڭلار. P.djR)YI
ئىككى مىنبىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توقماق ياغدۇرۇشتى. سوجاڭ سوراقتىن بۇرۇن ئۇلارغا، -ھەيۋە قىلىشقا بولىدۇ، ئادەم قىيناشقا بولمايدۇ. –دەپ ئەسكەرتىپ قويغاچقا، ئۇلار كالتەكنى ئېگىزش چۆرۈپ، بوش سېلىشاتتى. بۇ زەربىلەر خەمىت بىلەن رۇستەمگە ئانچى تەسىر قىلمىغانىدى. ئۇلار سوجاڭنىڭ ئەتەي ھەيۋە قىلىۋاتقىنىنى بىلىپ بولغانىدى. شۇڭا نېمە دېسە ‹‹ئەركىن›› تالاپ، بىر كېچىنى ئۆتكۈزىۋالسا، ئەتە ئازراق جەرىمانە قويۇپ، قويۇپ بېرىشىدۇ. sVe<l mL
نادىر سوجاڭ سۈرلۈك، ھەيۋەتلىك ئادەم بولسىمۇ، باغرى يۇمشاق، قانۇن ئىجرا قىلىشتا كەڭچىلىكنى ياقلاپ، تەربىيىنى ئاساس، جازانى قوشۇمچە قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغان، ئىشلارنى ئادىل بىرتەرەپ قىلىشقا ئىنتىلىدىغان ياخشى ئادەم ئىدى. ئۇ بەزى ساقچىلارنىڭ جىنايەتچىلەرنى قالايمىقان ئۇرىدىغان، قىيناپ مەجبۇرى ئىقرار قىلدۇرىدىغان قىلمىشلىرىنى قاتتىق چەكلەپ، ئۇلارنىڭ تاناۋىنى تازا تارتاتتى. شۇڭا ئۇ بۈگۈن خەمىت بىلەن رۇستەمنى ناھىيىدىكىلەرنىڭ قولىدىن ئەتەي سالدۇرىۋالغان، ئۇلارنى ناھىيىلىك سولاقخانىنىڭ بىر كېچىلىك دۇمبا-تېپىكىدىن قۇتقۇزۇپ قالغانىدى. ئەمما بۇ ئوغرىلار ياخشىلىققا يامانلىق قىلىپ، ھە دېسە ئوغلى ئەركىننىڭ ئىسمىنى ئاتاپ يېغىرىغا تېگىۋاتىدۇ. دېمىسىمۇ بۇ قىلىقنىڭ كىچىكىدىن يامان ئۆگىنىپ قالغان ئاشۇ تەنتەك ئوغلىنىڭ ئويۇنى ئىكەنلىكىنى ئۇ بىلىپ بولغانىدى. شۇ ڭىمۇ ئۇ بۇلارنى ناھىيىگە چىقارتمىغانىدى. نادىر سوجاڭ قىچىشمىغان يەرنى تاتىلاۋېرىشتىن زېرىكىپ، سوراقخانىدىن چىقىپ، خەمىت بىلەن رۇستەمنى قاماپ قويۇشنى تاپىلاپ، ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى. n^<J@uC
كەچتە ئەركىن ساقچىخانىغا كېلىپ، خەمىت بىلەن رۇستەمنى قايتا سوراق قىلدى. ئەمما بۇ سوراق بايىقىغا ئوخشىماي قالدى. ئەسلى سوراق دېگەندە، سۇئال سورىغۇچى، پۈتۈكچى، قاراۋۇل دېگەنلەر بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ھازىر خەمىت بىلەن رۇستەم سوراقخانىدىمۇ ئەمەس، كامىردا. ئۇلارنىڭ ئالدىدا مىجىت بىلەن ئەركىن بىر قولىدا بىردىن توك كالتىكىنى تۇتۇپ، دىۋەيلەپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۆتكەنكى ئىش ئۈچۈن ‹‹ھېساب›› ئالغىلى كېلىشكىنى ئېنىقلا. 9[[$5t`8
-ھە بايقۇشلار، ياخشىدۇ ...-دەپ ھېجىيىپ كەلدى ئەركىن خەمىتنىڭ ئالدىغا. –يامانغا چاقچاق قىلپ، يادىن موللاق ئاتتۇق دەڭلا. Y4[oa?G
-ئادەمدەك ئىش قىل، يىگىتتەك ئىش قىل. خۇمسىدەك ئادەمگە بەتنام چاپلىماي. –دەپ چەكچەيدى خەمىت بىر شۇملۇقنى كۆڭلى تۇيۇپ. ep{/m-h(!_
-ھاھ...ھاھ...ھاھ...، ماقۇل. يىگىتتەك ئىش قىلاي. سەل تۇرۇپ يىگىتنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى كۆرىشىسەن. –ئەركىن شۇنداق دەپ مىجىتقا كۆز ئىشارىتى قىلىۋىدى، مىجىت قولىدىكى توك كالتىكىنى رۇستەمگە ياقتى. شىردەك تەمبەل يىگىتنىڭ گۈرەن تومۇرلىرى كۆپۈپ، قاتتىق بىرنى ھۆركىرەپ، يەرگە دۈم بولدى. كەينىدىنلا رۇستەممۇ شۇ ئىشقا دۇچار بولدى. ئۇلار ھەر ئىككىسى ھۇشىدىن كەتكەنىدى. UYzNaw4/x
ئەركىن بىلەن مىجىت ئۇلارنى سۆرەپ ماشىنىغا ئېلىپ چىقىپ، نەگىدۇر ئېلىپ كېتىشتى. ساقچىخانىنىڭ دەرۋازىسىغا قارايدىغان گاچا بوۋاي بىرنېمىلەرنى غورۇڭشىپ ياقىسىنى تۇتۇپ قېلىپ قالدى. At&kW3(
رۇستەم كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنى ناتۇنۇش بىر ئۆيدە كۆردى. ئۆزى خەمىت بىلەن ئۆينىڭ تۈۋرۈكىگە قاڭتۇرۇپ باغلانغان، ئارقان پاتقان قوللىرى بىرنېمىنى سەزمەي، سىقىراپلا تۇراتتى. مىجىت خەمىتكىمۇ رۇستەمگە چاچقاندەك بىر نوگاي سۇ چېچىۋىدى، خەمىت ئاستا مىدىرلاپ، بېشىنى كۆتۈردى. بۇ دەمدە رۇستەم بوغۇلۇپ ۋارقىرىماقتا ئىدى. {:=]J4]
-ھۇ ھايۋانلار! ئىتنىڭ باللىرى! ئۇلارنى قويىۋەت! –ئانغىچە خەمىتمۇ ھۇشىنى يىغىپ، نېرىقى سۇپىدا ئانىدىن بەرەھنە سۇنايلىنىپ ياتقان مېھرىگۈل بىلەن رىسالەتنى كۆرۈپ، ئاللا توۋا سېلىپ، ھۆركىرەشكە باشلىدى. سىرتتىن يۈگرەپ كىرگەن ئەركىن مىجىتقا ئاچچىقلاپ: U#{(*)qr
-ئۆچۈر مۇنۇ توڭگۇزلارنىڭ زۇۋانىنى. بۇ ئىشنى ھەممە ئادەم كۆرسۇن دەمسەن يا! –دەپ گۆلەيدى. مىجىت پالاقلاپ كېلىپ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاغزىغا ماشىنا سۈرتىدىغان لۆڭگىلەرنى كەپلەپ تىقتى. شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىسى قانچە چىڭقىلىپ كۆرگەن بولسىمۇ ئۈنى ئىچىدىن تېشىغا چىقمىدى. رۇستەم بىلەن خەمىت ھەر تەرەپكە بۇلجىناتتى. ئاغزىدىكى لۆڭگىنى باركۈچ بىلەن چىشلەپ، بۇيۇنداپ كۈچىنەتتى. تۈۋرۈكلەر غىچىلدايتتى. كۈچلۈك پۇتلار يەرنى گۈسۈلدىتىپ تېپەتتى. ئۇلارنىڭ چىرايى قىزىلدىن ئۆتۈپ قارايغان، چاناقلىرىدىن چىقىپ كېتەي دېگەن كۆزلەر قىزارغان، قاپاقلارغا قان تولۇپ كۆ كەرگەن. غەزەپتىن يامرىغان ياشلار يۈز-بۇيۇن، ھەتتا كۆڭلەك ئېتەكلىرىنى ھۆل قىلغان. بۇئىشلاردىن خەۋەرسىز ئارقانلار پاتقان بېلەك، بېغىشلاردىن سىرغىپ چىققان قانلار ئۇلارنىڭ كۆينەك، ئىشتانلىرىنى بويىغان. بۇ دەھشەتلىك مىنۇتلارنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئانا تۇپراق مالىماتاڭ تىلغانغان. ndw&F'.r
خەمىت بىلەن رۇستەم كۆز ئالدىدىلا دەپسەندە قىلىنىۋاتقان سېڭلىللىرىغا، مەشۇقلىرىغا قاراشقا چىدىماي كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇشقان ھالدا ئۆزىنى ھەر ياققا ئۇرۇشاتتى. ئەركىن بىلەن مىجىت ‹‹ئولجا››لىرىنى ئالماشتۇرۇپ، قاقالاپ كۈلۈشمەكتە، تەڭرى يەنىلا سۈكۈتتە... h)s&Nqg1B
ئەركىن ئىشتىنىنڭ تاسمىسىنى ئەتكەچ، خەمىتنىڭ ئالدىغا كەلدى. خەمىت سۇغا شۇڭغۇپلا چىققاندەك چىلىق-چىلىق تەرلەپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنايتتى. رۇستەم باياتيىن بېرى جىمىپ كەتتى، بەلكى ھۇشىدىن كەتتى. Bq,MTzxD
-قانداق؟ يىگىتتەك ئىش قىلغاندىمەن. –دەپ خەمىتكە قاراپ ھېجايدى. خەمىت ئۇنىڭ چېقىر كۆزلىرىگە شۇنداق قادالدىكى ئەركىننىڭ تىنى شۈركىنىپ، كەينىگە ئىككى قەدەم داجىپ، -مىجىت! –دەپ توۋلاپ سالغىنىنى سەزمەي قالدى. تېخى ئەمدىلا ئىشىنى تۈگىتىپ، ئىشتىنىنى كېيىۋاتقان مىجىت –ھە! –دەپ تۇرىشىغا ‹‹ۋاراس›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ خەمىتنى باغلىغان ئارغامچا ئۈزۈلۈپ، رۇستەم بىلەن تەڭ يەردە تولغاندى. بۇنى كۆرگەن مىجىت تامغا يۆلەپ قويغان توك كالتىكىنى قولىغا ئېلىپ بولغىچە، خەمىت ئەركىننىڭ كانىيىنى بوغۇپ، كۆزلىرىنى پولتايتىپ بولغانىدى. مىجىت دەرھال يۈگىرەپ كېلىپ، توك كالتىكىنى خەمىتكە ياقتى، خەمىت بىر قانچە سىلكىنىپ، بىر يانغا قىيسايدى. تۇنجۇقۇپ قالغىلى تاس قالغان ئەركىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ياندۇردى. قېقىلىپ يۆتەلگەندىن كېيىن، -بىكارغا بۇقا دېمەيدىكەن بۇ ياۋايىنى، قارا ئارقاننى ئۈزىۋەتكىنىنى. –دەپ قولىغا كالتەكنى ئالدى. –تاس قالدا جېنىمنى ئالغىلى. مانا سىقە! مانا ھۆركىرە! مانا تىللا! جالاپنىڭ بالىسى. –دەپ تىللىغاچ، خەمىتنى ھارغۇچە ساۋىدى. ئاندىن رۇستەمنى ساۋىدى. قوللىرىدا ماغدۇر قالمىغاندا كالتەكنى چۆرىۋېتىپ، يانفۇنىنى ئالدى-دە، نۇمۇرنى توغرىلاپ باستى. ,[3}t%Da
-ۋەي، سادىقكا، مەن. مال تەيياربولدى، كونا جايدا سېنى ساقلايمەن. تېزراق كەل. B;nIKZ
ئۇ تېلىفۇننى قويۇپ، مىجىتقا ئالايدى. ^ Z3y
-ئاۋۇ قانجۇقلىرىڭنى كېيىندۈر. تۆشۈكتەك قاراپ تۇرماي. –مىجىت ھۇشسىز ياتقان ياتقان ئىككى ئاجىزەنى كونا پالازنى چۆرىگەندەك ئۇيان-بۇيان چۆرۈپ، بىر قۇرلا كېيىم كەيدۈردى. ئاندىن ئېھتىيات ئۈچۈن قوللىرىنى كەينىگە قىلىپ باغلىغاندىن كېيىن، ئاغزىنى پىلاستېر بىلەن يەملەپ تەق قىلدى. ھايالشىمايلا سىرتتىن ماشىنا ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاندىن ئۆيگە سادىق كىرىپ كەلدى. iO$ ?No
-ۋوي ئەركىن! –دېدى ئۇ ئۆي ئىچىدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ، -نېمىش بۇ؟ !E,|EdIr
-بولدى ئاكا، ئاۋۇ ئىككىسى شۇ. مىجىت ئاچىقىشىپ بېرىدۇ. –سادىق لېۋىنى چىشلەپ، بېشىنى چايقىدى، ۋە سۇپىدا سۇنايلىنىپ ياتقان ئىككى قىزغا قاراپ، مىجىتنى شەرەتلىدى. ئىككەيلەن ھاسىرىشىپ، ئىككى ناتىۋاننى قارا پىكاپنىڭ كەينى ساندۇقىغا تاپنى تىققاندەك مىقتاپ تىقىپ، ئەركىننىڭ قولىغا بىر باغلام پۇل تۇتقۇزۇپ قويۇپ غايىپ بولدى. Vddod
-بۇلارنى قانداق قىلىمىز ئاكا؟ -مىجىت خەمىتنىڭ بۇلدۇقلاپ قان چىقىۋاتقان بىشىغا قاراپ ئەندىكىپ سورىدى. M XuHA?
-مۇنۇ مەخلۇقنى ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتەيلى. ئاۋۇ ھېشىقنى ئاپىرىپ ئۆستەڭگە تاشلىۋەت. ئالدى بىلەن بۇ يەرلەرنىبىرقۇر يىغىشتۇرىۋېتەيلى. D;OPsNQ
ئىككەيلەن خەمىت بىلەن رۇستەمنى سۆرەشتۈرۈپ ماشىنىغا كەپلەپ تىقىشقاندىن كېيىن، ئەركىن مخقىتقا بىر باغلەم پۇلنى تەڭلەپ: 3@* ~>H
-بۇنى ئېلىپ ئەتىلا بۇ يۇرتتىن يوقال. قانچە يىراققا كەتسەڭ شۇنچە ياخشى، مەڭگۈ قايتىپ كەلمە. ;CuL1N#I
-سىزچۇ ئاكا؟ -دېدى مىجىت دوغالاق گەۋدىسىنى قىمىرلىتىپ، پۇلنى ئالغاچ. 5f75r
-مەنمۇ بىر ئامالىنى قىلىمەن. رازىمۇسەن؟ (l/i#
-رازى ئاكا، ئۆمرۈمدە قىز كۆرمەپتىكەنمەن. يەنەكېلىپ ساڭا ئەگىشىپ نى-نى راھەتلەرنىمۇ كۆرگەنمەن. جاپاغا كەلگەندە ييالتىيىدىغان ناچارلاردىن ئەمەلىكىمنى بىلىسە ئاكا. VeH%E.:
-بولدى. قىلغۇلۇقنى قىلدۇق،ئەمدى ساقچىنىڭ ئوقىغا ئۆزىمىزنى تۇتۇپ بېرىشنىڭ ئورنى يوق. ھېلىقى كىملىك يېنىڭدىدۇ؟ -سورىدى ئەركىن تاما تۇتاشتۇرغاچ. }ee3'LUPX
-يېنىمدا ئاكا، بۇنىڭدىن كېيىن مىجىتنى ئۇنتۇپ كەت. جۈر، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىۋېتەيلى. h}}7_I9
ئۇلار ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قېلىشتى. xX~m Fz0C
* * * UM'JK#P"
مەھەللە مەسچىتىنىڭ مەئىزىنىنىڭ چىرقىراق ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغانغان ئىمام ھاپىلا-شاپىلا تاھارەت ئېلىپ، رىسالەتنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى. ئۇ رىسالەتنىڭ يەنىلا يوقلىقىنى كۆرۈپ دەرھال كوچىغا چىقتى. نېرىدىكى تاختا كۆۋرۈككىمۇ ئۈلگۈرمەستىن زەيداننىڭ مۇزدە سۈيىنى كېچىپ ئۇقاتقا ئۆتتى. ئۇ مەمتىمىناخۇننىڭ ئۆيى ئالدىدا بىرىنىڭ تولغىنىپ ياتقىنىنى كۆرۈپ، كېچىچە شەيتاننىڭ سۈدۈكىنى ئىچىپ، ئۆيىنى تاپالماي يېتىپ قالغان بىرىمىكىن. –دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما يېقىن كېلىپ قاراپ قورقۇپ كەتتى. ئۇ كالىچىنى پالاقشىتىپ مەمتىمىناخۇننىڭ دەرۋازىسىنى تاراقشىتىپ توۋلىدى. YP{mzGdE&