ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 560 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نام چىقىرىش  (ئۆزتېكىن)
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1114
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 3
ئومومىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
شۆھرىتى: 68 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2414 يۈەن
تۆھپە: 34 قېتم
ياخشى باھا: 22 قېتىم
توردا: 214(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-08-24
ئاخىرقى: 2011-02-12
باش تىما  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-02 00:07

نام چىقىرىش  (ئۆزتېكىن)

ئەسكەرتىش: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-10-02)
 
نام چىقىرىش SW (7!`  
ھېكايە THJ KuWy  
پەرھات تۇرسۇن شەيدائى
MVjc.^  
[w  
بۇيىل قىش سوغۇق راسا بولدى. بىزنىڭ ئۆي مەلىنىڭ دوقمۇشىدا ئىدى. تام قوشنام يالغۇز تۇرىدىغان ھادىل بوۋاي يىتىمچىلىقتا قىشنىڭ كالتا كۈنلىرىنى ئۆتكۈزەلمەي تولىراق بىزنىڭ ئۆيدە بولاتتى. ئەمما ئىككى ھەپتىدىن بېرى ئۆيگە كەم كىرىدىغان ھەتتا تۆت-بەش كۈنگىچە كىرمەيدىغان بولۇۋالدى. يېشىمۇ يەتمىشكە ئۇلىشىپ قالغان، يول-يول قورۇقلار بىلەن پۈرلەشكەن چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، پاكىزە قېرىغان بۇ كى بىزگە تۇغقاندەكلا بولۇپ قالغانىدى. كۈزدە سەھرادىكى يول مېڭىشى تەسلىشىپ قالغان دادامغا ھاسا ئالغاندا، ئۇكىشىنىڭمۇ بۇيىل بىراقلا قېرىلىق يېتىپ مۈكچىيىپ قالغىنىنى ئەسلەپ، بىرنى ئېلىپ بەرگەنىدىم. بوۋاي قەۋەتلا خۇش بولغان، ھەركۈنى شۇ ھاسىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، مەش تۈۋىدە ئېڭىكىگە تىرەپ ئولتۇرۇپ، تەتىلدە قىلغىلى ئىشى يوق زېرىكىپ ئولتۇرغان قىزىم بىلەن كىچىك ئەزىمەتكە چۆچەك ئېيتىپ، ئۆزىنىڭمۇ، بالىلارنىڭمۇ كۆڭلىنى خۇش ئېتىپ ئۆتەتتى. nuw90=qj!]  
بۈگۈن ئىشتىن يېنىپ، مەش تۈۋىدە ھادىلكامنىڭ يوقلىقىنى، بالىلارنىڭ تىلىۋىزورغا قاراپ كىنو كۆرۈپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ، ھادىلكامنىڭ بۈگۈنمۇ كىرمىگىنىنى پەملەپ، كۆڭلۈم بىرقىسما بولۇپ قالدى. cmt3ceCb  
-ھاي شەھلا، بۇياققا بىر قارىغىنا!ئايالىمنى توۋلىدىم بەزىبىر گۇمانلارنى يەشمەكنى ئىستەپ. ئايالىم بېلىدىكى پەرتۇققا قولىنى مىلىگەچ ئاشخانىنىڭ ئىشىكىدىن بېشىنى چىقاردى. <%JdQ82?  
-نېمەگەپ؟ قازاندا ماي قىزىپ قالغانىدى، ھېلى دېسىڭىز بولمامدا؟ $MKx\qx}  
-ھە، ئىشىڭنى قىلىۋەر، ھادىلكام بۈگۈنمۇ كىرمىدىما؟ ETH`.~%  
-ياق، چۈشتە ئەزىمەتنى چىقارتسام، ئىشىم بار، -دەپ كىرمەپتۇ. ئاخىرى تاماقنى ئۆزۈم ئېلىپ چىقىپ بەردىم. m4 E 6L  
-ساقمىكەن ئۆزى؟ &BG^:4b  
-بىر ئوبدان تۇرىدۇ، بىراق...-ئايالىم ئاشخانىدا ۋارقىراۋاتاتتى. قازان بىلەن چۆمۈچنىڭ جېدىلى باشلانغاچقا، مەن ئۇنىڭ گېپىنى تۈزۈك ئاڭلىيالماي ئاشخانىغا بېشىمنى تىقتىم. 7Yk6C5C  
-ھە... نېمە بىراق؟ داق-دۇق قىلىپ، كۆڭلىنى چىگىپ قويمىغانسەن-ھە، بىزمۇ قېرىيمىز خوتۇن. s]L`&fY]O  
-توۋا دەڭە بەھرام، مېنى بىلمەيدىغاندەك گەپ قىلىسىز مانا، ھېلىمۇ ئۆز پۇشتىنىڭ قىلمىغىنىنى قىلىۋاتىمىز، مەنمۇ بوۋاينى دادامدەك كۆرىدىغان تۇرسام، نېمە بولدىكىن كىرمەس بولۇپ قالدى شۇ. قارىسام بىرقىسمىلا ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەندەك قىلىدۇ. *Ei~2O}  
-قانداق دەيسەن؟ -سورىدىم قىزىقىپ. ?aSL'GI  
-رەخ-پۇرۇچلار تېرىلىپ كېتىپتۇ. قوللىرى ئالا-پۇلىماچ بۇيىلىپ قاپتۇ، تاڭەي نېمىشلىقىنى بىلمىدىم،-شەھلا پاكىزە يۇيۇلۇپ، چىرايلىق توغرالغان كۆتاتلارنى قازانغا تاشلاپ، ۋاژىلدىتىپ قورىغاچ ئېيتتى. {nryAXK  
-تاماق پىشسا گاچچىدە چىقىپ كىرىڭ، ئۆزىڭىز قاراپ بىرنېمە دېمىسىڭىز، مەن ئاڭقىرالمىدىم. Ug_zyfr  
مەن گەپ قىلماي يېنىپ چىقتىم. رەخ-پۇرۇچ بىلەن نېمە ئىشىدۇر بۇ ئادەمنىڭ. ئەسلىدىنلا بىر تۆمۈرچىغۇ،-دەپ ئويلىدىم، قىزىقسىنىپ. دېمىسىمۇ بۇ كىشى ۋىلايەتلىك پولات زاۋۇتىدىن دەم ئېلىشقا چىققان، مەن كەلمەستىلا ئايالى تۈگەپ كېتىپتىكەن. بىرتاللا قىزى قوشنا ناھىيىگە ياتلىق بولۇپ كەتكەچكە، ھېيت-ئايەمدىن باشقا چاغدا كۆرمەيتتىم. راستىنى دېگەندە قىزى سەل بىكۆيۈم چىقىپ قالغاچقا، بوۋايمۇ ئۇنىڭ گېپىنى كەمدىن-كەم قىلاتتى. ئۆيلىنىش تەكلىپىنى بەرسەك، گەپ قىلماي ئۆتكۈزىۋېتەتتى. D-ug$ZRg  
مەن ئوخشىغان لەڭمەننى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭكىگە چىقتىم. ئۆمرىدە كېچەيۇ-كۈندۈز ئىشىڭ تاقىمايدىغان بەندە، ئىشىكىنى ئىچىدىن ئىلىۋالغانىدى. مەن داراڭلىتىپ خېلى ئۇرغاندىن كېيىن ئاندىن چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ چىقىپ، ئىشىكنى ئاچتى. &[ 3y_,  
-ھە... بەھرام، سەنمىتىڭ. ئۆيگە كىرەمسەن يا؟...-ئۇ غەلىتىلا گەپ قىلدى. بىزدە نەدىمۇ ئۆيگە كەلگەن مېھماننى بۇنداق قارىشى ئالىدىغان ئىش بار؟ T]CvfvO5  
-كىرەي،-دېدىم سەل ئوڭايسىزلىنىپ، ئۇنىڭ راستىنلا ھەررەڭ-سەررەڭ بويىلىپ كەتكەن قوللىرىغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ.-نەچچە كۈندىن بېرى ئۆي تەرەپلەرگە ئۆتمىدىڭ، كۆرۈشۈپ چىقاي دېگەن. N1LR _vS"  
-ھە بوپتۇ. يېقىن يورۇقلارنى ئىزدەپ تۇرغۇلۇق، ھە كىرە،-دېدى ئۇ قېلىن مىلەڭزىنى بىر قولىدا قايرىپ،-شۇ كۈنلەردە مەنمۇ ئالدىراش دېگىنە.-قوشۇپ قويدى، ئۇ. y;<jE.7>  
مەن ئۆيگە كىرىپ راستىنلا ھەيران قالدىم. بوۋاي نەدىن تاپتى بىر كونا دېرىزىنىڭ كېشىكىگە بىر خەسىنى كېرىپ قويۇپ، رەسىم سىزىۋاتقاندەك تۇراتتى. vf5[x!4  
-ھوي، سەندە بۇنداق ھۆنەرمۇ بارمىتتى؟ ئەجەپ ماڭا دېمىگەنىدىڭغۇ؟-دېدىم ئۇنىڭ دېرىزە ئالدىدىكى ئۈستەلگە تىكلەپ قويغان «رەسىم جازىسى» غايېقىن كېلىپ قاراپ. F>^k<E?,C  
-ھەي شۇ مۇنداقلا سىزىپ قويدۇم، خۇدا خالىسا نادىر ئەسەر بولۇپ پۈتىدۇ. Xj !0jF33  
-ئەمما...، مەن ھېچنېمىنى پەرىق ئېتەلمىدىما، نېمە سىزاي دەيسەن؟-مەن ھەرقانچە سىنچىلاپمۇ، بىرنېمىنى ئىلغىيالمىغانىدىم. كېشەكتىكى خەسىدە ئۆز-ئارا ئارلىشىپ كەتكەن نۇرغۇن رەڭلەرنىڭ سىزىقچىلىرى بارئىدى. w'L;`k;Q  
-كىچىكىمدە ئوينىغان سەھرا بالام، سەن ئۇنى ئۇقالمايسەن. T*YdGIFO  
-راستىنلا ئۇقالمدىم، نېمە دەپ بۇكويلاردا بوپ كەتتىڭ؟ مەن تېخى بىزدىن رەنجىپ قالغان چېغى دەپتىمەن. zlSwKd(  
-رەنجىسەم رەنجىيمەندە، توۋا... مۇشۇ كۈنلەردە سەنمۇ ئاينىپ قېلىۋاتىسەن ھە؟ {?5EOp~  
-ھە؟!... -مەن بوۋاينىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنى بىلمىدىم. نېمە قىلىپ رەنجىتىپ قويغىنىمنى جىددى ئەسلەشكە باشلىدىم. ss,6;wfX  
-شۇ... نېمە دېسە ئاغزىنى ئېچىپلا تۇرغان، ئەنە ھاساڭ، ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتىم. A;2?!i#f  
-بۇنى بىلىمەن، دادا، ئەمما ساڭا بىر نېمە دېمىدىمغۇ، نېمىدىن رەنجىدىڭ زادى؟-مەن ئۇنىڭ پارقىراپ تۇرغان پېشانىلىرىگە، قاپاقلىرى خالتىلىشىپ، سالپىيىپ قالغان قارا كۆزلىرىگە ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم. :j9;P7&"?  
-بولدى بالام، گەپ جىق. نى زامانلار ئۆتۈپ كەتتى. كاپىراتسىيەنىمۇ كۆرگەنمەن. قوشنامنىڭ سەككىز ئايلىق بولغان بالىسىنى تارتىۋېلىپ، ماخوغا تاشلىۋېتىپ، بىچارەبالا بېگىز بارمىقىنى شوراپ سۆڭىكىنى چىرىۋېتىپ ئاندىن ئۆلۈپ قاپتىكەن. ئاشخانا زامانىسىدا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر ھازىر بولسىدى، چوقۇم بىزنى قارغىغان بولاتتى. شىڭ دۇبەننىڭ زامانىسىدا تاغارلاپ پۇل خەجلىگەن بالىتىم، ھېلىمۇ قەدىر ئەھۋال. ئەممازە تەرەققى قىلدۇق. ھەممىنىڭ كەينىدە بولسىمۇ تەرەققى قىلدۇق. سەنمۇ ئالدى بىلەن شەھلانى تەرەققى قىلدۇردۇڭغۇ دەيمەن. ياق دېسەڭمۇ ئۇنىمايدۇ ئۇ، ئەگرى قوۋۇرغىدىن تۆرەلگەن ئەگرى مەخلۇق. سىلەردەك ياشلار بەلەن كۈنلەردە چوڭ بولدۇڭلاردە. @8/-^Rh*  
-ئۇغۇشۇ.-دەپ قويدۇم ھېچبىر مەۋقەنى سېزەلمەي. cT.1oaAM0  
-شۇ-شۇ دەپلا تۇرامسەن؟ ئۇسسىغان بولساڭ چەينەكتە چاي بار، ئوتلاپ قوي. كۆڭلۈڭ تارتسا شىرەنىڭ تېگىدە دىيەنشىدە داڭلايدىغان ھاراقتىنمۇ بار. ئاتايەن ئەكەلدىم. ئىچىپ باقاي دېۋىدىم، ئالامەت سېسىق پۇرايدىغان يۇنداكەن ئۇ، يېقىنمۇ بارالمىدىم. توۋا دەيمەندە نى-نى شەربەتلىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كەتتى، ئاشۇ ھېشىق پۇرايدىغان زەرداپنى ئىچىۋالىمىز قانماي... B}*xrPj  
قېرىغاندا ئالجىدىمۇ بۇ ئادەم، دېدىم گاراڭلا بولۇپ. نېمىلەرنى دەپ كەتتى ئۆزى. 1}V_:~7  
-بالام، ھاڭۋېقىپ تۇرماي، ئاۋۇ پىچاقنى ئېلىۋەتكىنە.-بوۋاي سۇپىنىڭ قىرىدا يالتىرىغان قىڭراقنى شەرەتلىدى.-ھەيران قېلىۋاتىسەن-ھە، كۆزلىرىڭنى چەكچەيتمە. خوتۇن بولسا ئۆلدى، بالا-چاقا تەزدى. نېمەم بار دۇنيادا، ئۆلسەم، ئاچىقىپ كۆمىسىلەر، مەندىن نېمە قالىدۇ؟ تۆت كۈندە ئۇنتۇيسىلەر، ئۆلگىچە بىر ئىش قىلىۋالاي دېدىم. راستىمنى دېسەم بالام، ئۆمرۈمدە رەسىم سىزىپ باقماپتىكەنمەن،-ئۇ شۇنداق دېگەچ كېشەككە مىخلانغان خەسىنى كېسىشكە باشلىدى.-نەچچە كۈندىن بېرى ھەپىلىشىپ قاملاشتۇرالمىدىم. ئۇنداق قىلساممۇ بولمىغان، بۇنداق قىلساممۇ بولمىغان، ئەمدى بولدى مانا، تۇرسۇن ئۇياقتا. -بوۋاي كېسىلگەن خەسىنى قاتلاپ، بۇلۇڭغا ئاتتى.-ھە، كېلە بىردەم پاراڭ قىلايلى. زېرىكىپ تۇرىۋېدىم. -ئۇ مېنىڭ بېلىكىمدىن تارتىپ سۇپىغا ئەكەلدى. تامغا يۆلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، سىنچى قارا كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايراق تۇراتتى. _jnH!Mw  
-بالام، ئاڭلىسام ئانچە-مۇنچە بىرنېمە يازىدىكەنسەن، چىقىۋاتامدۇ گېزىتتە؟ &4B N9`|:  
-ئىشقىلىپ يارىغانلىرىنى بېرىۋاتىدۇ. &LYU#$sj  
-ھە بوپتۇ، مۇنداق قىلايلى، مېنى بىر يازغىنا، ھەممە ئادەمگە تونۇلۇپلا كېتەي. *+Q,b^N  
-نېمىڭىزنى يازىمەن؟ 9Y-s],2V  
-توۋا! شۇنىمۇ مەندىن سورا ئەمدى. قەلەم سەندە بولغاندىن كېيىن يازمامسەن ياز دېگەندىن كېيىن. بېشىغا ئىسمىمنى ياز يوغان قىلىپ ھادىلۋاي، دەپ. <Ep P;  
-ھە يازاي، يازاي. % ]  
-ھە... بولدىغۇ. ھېلىقى قوشاقلىرىڭنى يازما، ھازىر نېمە تولا، شائىر تولا. يازغان بىر نېمىسىنى ئۆزى چۈشەنمىسە ھېچكىم ئۇقالمايدۇ. روزى قوشاق بىلەن يېقىن ئىدۇق، بالدۇرلا كېتىۋالدى. ئادەمنى كۈلدۈرۈپ تۇرۇپ يىغلىتىدىغان بىرنېمە يازاتتى رەھمەتلىك نامى ئۆچمەيدۇ دېگىنە بالام. شۇڭا سەنمۇ خەقنى يىغلاتقۇدەك، يا بولمىسا كۈلدۈرگىدەك بىرنېمە ياز، ھېچ بولمىسا ئوقۇغىنىدىن پۇشايمان قىلسۇن، يا رازى بولسۇن كۆز نۇرىغا. بىزدىن تېخى ئۇنچىلىك بىرنېمە يېزىپ، جاھاننى تەۋرەتكەن بىرى چىقمىدىغۇ. ھە... شۇڭا مېنى ياز، سەنمۇ تونۇلىسەن. tZF G`'/  
-ماقۇل يازاي،-دېدىم كۈلىۋەتمەسلىككە تىرىشىپ. ئەمما بۇ كىشىدە يازغۇدەك نېمە بار؟ شۇ جىمجىتلا ئىشلەپ، جىمجىتلا پېىسىيىگە چىقىپ، جىمجىتلا ياشاپ تۈگىتىدۇ ھاياتنى. مانا يەتمىشكە كەلگۈچە مۇشۇ شەھەردىن چىقىپ باققىنى يوق. بىر قىزىدىن باشقا ئۇرۇق-تۇغقان دوست-يارەنلىرىمۇ يوق. tQUp1i{j\  
-بولىدۇ، سەن يېزىۋەر،-دەپ خىيالىمنى بكلدى بوۋاي.-ھەراست، نەچچە ياشقا كىردىڭ بالام؟ PsLuyGR.<  
-ئوتتۇز ئالتىگە. Q0nSOTQ  
-ھەي بۇ بولماپتۇ. سېنىمۇ كىم تونۇيدۇ بۇ يۇرتتا. ئابدۇللا، مۆمىنجان، ئابلاجان دېگەنلىرىڭ تېخى ئوتتۇزغا كىرمەي نام چىقارغانلار، ئۇلارنى دورۇپ قوي. ماڭ ئىشىڭنى قىل، مەنمۇ بىر ئىش قىلىشىم كېرەكتە، تولا ئويلاپ كاللام قاپاق دېگىنە. Po=)jkW  
-نېمە ئويلاۋاتىسىز؟ ,uuQj]Dac+  
-ئېشەكنى بولمامدۇ؟ ھەي ئېسىت، شۇ جانىۋارمۇ نەسىردىن ئەپەندىنى جاھانغا تونۇتقان دېگىنە، ئاڭلىسام ئەخمەتجان قاسىمىمۇ ئورۇستىن ئېشەككە مېنىپ كەپتىكەن دەيدىغۇ. بىزخەق شۇ ئېشەكنىڭ قەدىرىنى بىلمەي ئېتىزدىلا ئۆلتۈرىۋېتىمىزدە... tQ] R@i  
-قانداق دەيسىز؟ يا يېگىلى بولمىسا ئۇ جانۋارنى، شۇ كۈچىنى ھالاللاپ بېرىپتىكەن، شۇڭا ئىشلىتىدىغان گەپتە. _.wLQL~y  
- ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ بالام. ئېشەك دېگەن جەننەتتىن چىققان مەخلۇق، ئۇنى ھە دېگەندە ھارۋىغا قېتىپ، كالىنىڭ ئورنىدا قوشقا قېتىپ، ئانا-مانىسىنى قويۇپ تىللاپ، غۇلدا بىلەن ساغرىسىنى يېغىر قىلىپ، جېنىنى قىينىساق، قىساسى تۇتامدىكىن دەيمەن. مېنىڭچە چوقۇم تۇتىدۇ، بىر كۈنلەردە خۇدايىم بىزنى ئېشەككە قارام قىلىپ قويىدۇ. ئۇ چاغدا كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرىسەن. ئالدىرىما... bxEb2D  
-ۋاي توۋا! نېمە قىلىمىز دەيمەن ئۇ ئېشەكنى، ئۇنىڭدىن باشقا نېمىگە يارايدۇ؟ خۇدامۇ ئەزىز بەندىسىنى بىر ئەقىلسىز ئېشەككە قۇل قىلىپ بەرمەس. sDWX} NV  
-سەن خۇدا مىتىڭ؟ چوڭ گەپ قىلما، ئېشەكتىن نەرىمىز كەم؟ قۇلىقىمىز قىسقىراق شۇ، ئەمما قىغىنىمىز دەل شۇنىڭ خۇيى. WynHcxC  
-مەن ئۇنداق قارىمايمەن. ئېشەك دېگەن ئېشەك، ئادەم دېگەن ئادەم. 1 dI  
-بوش چاغلىما، قاراپ تۇر مەن ئاشۇ ئېشەك بىلەن نام چىقىرىمەن. op&,&  
-قانداق قىلىپ؟ 7f[nNng  
-بۇنى ساڭا دېمەيمەن. دېھقان دېگەن ھامان گالۋاڭ بولىدۇكەن. نېمە بار دەيمەن ئېشەكنىڭ قوڭىغا قاراپ سەھرادا، كەلمىسۇنمۇ بۇ شەھەرگە. سۇندۇرمىسۇنمۇ ئۇ كەتمەننى، دۇكانلارنى سېلىپ دۆۋلەپلا قويدى ھۆكۈمەت، ئاچمىسۇنمۇ بىرەردىن، ئېشەكلىرىنى يايلاققا قويىۋەتمىسۇنمۇ بىچارىنى قىيناۋەرمەي. ھېلىمۇ نە-نەدىن كېلىۋاتىدۇ. بىر تاختا يەردىن چىققىنى خالاغا ئاران ئۈلگۈرىۋاتسا، نېمە قىلىدۇ يەرنى قۇچاقلاپ. ھېچ بولمىسا ئېشەكلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ شەھەردە قاسساپچىلىق قىلسىمۇ بولىدىغۇ. t3v*P6  
-توۋا دە بوۋاي، ئېشەكنى سويۇپ ساتسا خەق نېمە دەيدۇ؟ xWn.vSos  
-شۇ... خەق نېمە دەيدۇ؟ خەقتىنلا قورقۇپ سەھرادىن چىقالمايدۇ بايقۇشلار. خەقتىن قورقۇپ سەنمۇ يازغۇڭ بارنى يازالمايسەنغۇ دەيمەن؟ بىچارە ئېشەكنى ئۇنداق قىيناپ ئۆلتۈرگىچە بىراقلا ئۆلتۈرىۋەتسە ھە... GAtK1%nPD  
-ھەي بۇمۇ گەپ بولدى ئەمدى.-مەن ھادىلكامنىڭ نېرۋىسىدىن چاتاق چىققانلىقىنى پەملىدىم. bo\|mvB~  
-ئۇھسىنما بالام، ئۇنىڭمۇ تايىنى بولمىغۇدەك، بىرەرسى ئېشىكىنى سويۇپ تېرىسىنى كوچىغا يېيىپ قويسا، ھەممىسى ئەگىشىدۇ، نېرى-بېرىسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ھەپسىلىسىمۇ يوق، نېمىشقا ئېشەك تېرىسىنى كوچىغا يېيىپ قويىمىز؟ دەيدىغىنىدىن بىرسى چىقىپ قالسا زاڭلىق قىلىپ كۈلىدىغان خەق بىز. تىجارەت دېگەن بوۋا بوۋامدىن قالغان كەسىپقۇ، خىيالىغىمۇ كەلمەيدۇ گەدەنكەشلەرنىڭ. مەيلى، سەنمۇ يازىدىغىنىڭنى ياز، مەنمۇ ئىشىمنى قىلاي، ئۆيۈڭگە چىقىپ كەت، بالا-چاقىلىرىڭ بار ئەمەسمۇ، ئەنسىرەيدۇ، مەن دېگەن مۇشۇنداق غېرىپ، يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالغانمەن. RE!MX>sOEq  
مەن ئۆيگە يېنىپ چىقىپ بوۋاينىڭ پەلىپەتىش گەپلىرىنى ئويلىنىپ ھېچ بىر داۋلىسىنى تاپالماي، يېشىنىپ ئۇخلاپ قالدىم. بەلكىم ئۇنىڭغا ئېشەكنىڭ جىنى چاپلاشقاندۇ. Nr3td`;  
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈۋىدى، بوۋاي دېگەندەك بىر ئېشەكنى ئەكىلىپ ھويلىسىغا باغلاپ قويدى. قوتۇر ئېشەك ياپا كېچىدە ھاڭراپ جانغا ئېكەگ سېلىشقا باشلىدى. ئۇيقۇ ئۇيقۇ بولامدىغان. بىركېچىدە كەم دېسە ئون قېتىم ھاڭرايدۇ. دەيمەندە، زادى نېمە كېلىدۇ شۇ ئېشەكنىڭ قولىدىن. ھاڭرىغان، يەنە ھاڭرىغان، دادام دەيدىغان، ئېشەك شەيتاننى كۆرگەندە ھاڭرايدۇ.-دەپ، شەيتاننىڭ بىرچىشلەم گۆشىمىشقۇ شۇ... q;tsA"l  
بىركۈنى كېچە خۇمارلىق چۈش كۆرۈپ، تاتلىق ئۇخلاۋاتسام، بوۋاينىڭ قوتۇر ئېشىكى جاھاندا ئۆزىدىن بۆلەك ھېچكىشى يوقتەك تازا ئوسۇرۇپ ھاڭراپ، پەيمانىمنى قىرىق گەز ئۇچۇرىۋەتتى. چاچراپ تۇردۇمدە، شەھلانىڭ توسۇشىغا قارىماي ھادىلۋاينىڭ ئىشىكىنى ئۇردۇم. ئۇ قول چىرىقىنى ياندۇرۇپ، ئىشىكنى ئاچتى. v#YO3nD  
-بىرەر ئىشىڭ بارمىتى بالام؟-ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۈلۈپ تۇراتتى. 9! gmS?f  
-ئېشىكىڭنى ئۇخلىغىلى قويساڭ... ئا..ھاي، نېمە دەيمەنوي، ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويساڭ بولمامدۇ؟ نېمە ئانچە ھاڭرايدۇ ئاۋۇ جانۋار. =u${2=  
-قايسىنى دەيسەن؟ . I{X  
-ئېشەكنىچۇ، ھېلىمۇ بوۋا ئون كۈندىن ئاشتى، كېچىدە بىرەرقېتىم ئارامىدا يېتىپ باقمىدۇق. ئۆتۈنەي سەندىن. قوشنا بولغانغا تويغۇزما ئۆمرۈڭ ئاز قالغاندا. ')Ozz<{  
-نېمە دەيدىغانسەن بالام، ئېشەك بۇرنا كۈنى ئۆلدى. ] A9Vh  
-ئەمىسە ھاڭرىغىنى نېمە؟ `lN1u'(:  
-مەن، قانداق ئوخشىغان ئوخشىمامدۇ؟ دېگەنتىمغۇ، ئېشەك بىلەن نام چىقىرىمەن دەپ. @<W"$_ r-  
-ھاڭراپما؟ توۋا دېگىن دادا، ئالجىمىغانسەن؟ +CX2W('  
-دېدىڭ-دە بۇ گەپنى، خەقنىڭ بىرى ناخشا توۋلىدى، بىرى ئەزان توۋلىدى، قۇشقاچنى، قاغىنى، كەپتەرنى، بۇلبۇلنى دوراپ نام چىقاردى، مەن ئېشەكنى دورىسام بولمامدىكەن؟ بۇنىڭدىن باشقا نېمە قىلالايمەن؟ قولۇمدىن كېلىدىغىنى شۇ بولغاندىن كېيىن، شۇنى قىلمامدىم. ئوھوش، كۆزۈڭگە ئۇخلا چىقىپ، -ئۇ شۇنداق دەپ ئىشىكىنى ياپتى. مەن نەچچىنى چۈشكۈرۈپ، ئۆيگە ياندىم. ئەتىسىدىن باشلاپ زۇكامنىڭ قىينىقىنىڭ دەردىنى تارتايمۇ؟ ئۇيقۇسىزلىقنىڭمۇ؟ ماۋۇ ئادەم قېرىغاندا راسلا ئەقلىدىن ئېزىپ قالغانىدى. ئېشەكنىڭ جىنى چاپلىشىۋاپتۇ، دەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن. بىچارىگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى. C.%iQx`  
بوۋاينىڭ ھاڭرىشى بېسىقىپ قالغىلى ئىككى كۈن بولدى. بالىلار تاماق ئاچىقسىمۇ ئىشىكنى ئاچقىلى ئۇنىماپتۇ. يەنە نېمە قىلاي دېدىكىن؟ بۈگۈن شەنبە بولغاچقا ئۆيدە بولغانىدىم، چۈشتە ئەتكەن پولو تازا ئوخشاپتىكەن، بىرچىنە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئىشىكىنى قاقتىم. ۋارقىرىدىم، سادا يوق، ئۆگزىگە قارىسام مورىمۇ جىمجىت، بىرگۇمان كۆڭلۈمگە سايە تاشلىدى. ئىشىكنى كۈچەپ ئىتتىرىۋىدىم، ئىچىلدى. ئىچكىرى ئۆينىڭ ئىشىكلىرى ھاڭغىرقاي ئوچۇق، دېگەندەك ھويلىنىڭ بۇلۇڭىدا يوغان بىر ئېشەك پۇت-قولىنى سۇنۇپ يېتىپ ئۆلۈپ قاپتۇ، ئۆيگە كىرىپ قارىسام ھادىلكام سۇپىدا سۇنايلىنىپ ياتقان پېتى قېتىپ قاپتۇ. 3`SLMPI  
قولۇم-قۇشنىلار ھە-ھۇ بىلەن ئۇنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى پاكىزە تۈگەتتۇق. ھېلىقى قىزى ئۈچ نەرزىسىدىن كېيىن بىر كېچىدىلا ئۆينى پاك-پاكىزە سۈپۈرۈپ ئەكەتتى. ئىشىككە «سېتىلىدۇ» دېگەن ئېلاننىمۇ چاپلاپ قويۇپتۇ. ئىشىككە سالىدىغان قۇلۇپقىمۇ چىقىنالمىدىمۇ ياكى بۇ قورونى ئالغۇسى بارلار ئىچىنى كۆرەلمەي قالمىسۇن دەپ ئەتەي شۇنداق قىلدىمۇ زەنجىرنىلا ئىلىپ قويۇپ كەتكەنىدى. بىزلەرگە جېكىپ قويسىمۇ قاراپ قوياتتۇق، ئەمما يادىغا كەلمىگەن بولىشى مۇمكىن. $M$oNOT}Y  
مەن ھادىلكامنىڭ ئۆيىگە كىردىم. ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى قۇلۇپلاقلىق ئىدى، ھويلىدا ھادىلكام ياز كۈنلىرى ئىشىك ئالدىدىكى سۆگەت تۈۋىدە سەگىدىگەندە ئولتۇرىدىغان كىچىك پەلتەڭ تۆت پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ، بۈگۈن تۆت كۈن بولدى، ئۇنتۇپ كەتسەڭلار بولىدۇ.-دېگەندەك ئوڭدىغەي ياتاتتى. كۈنچىقىش بۇلۇڭدا ھادىلكامنىڭ ھاسىسى بەلدىن سۇنغان ھالدا يېرىمى يەردە يېرىمى تامغا يۆلىنىپ تۇراتتى. ئۆپكەم ئۆرۈلدى، بېرىپ ھاسابىلەن پەلتەڭنى ئېلىپ ئىشىكنى زەنجىرلەپ قويۇپ ئۆيگە چىقىپ بۇ گەپلەرنى شەھلاغا دېۋىدىم، ئۇ: 3ZC to[Y  
-ھادىلكامنىڭ ئۆيىنى بىز ئالايلى، بۇ دېگەن دوقمۇش، كېيىنچە خېلى پۇل بولۇپ قالىدۇ.-دەپ مەسلىھەت كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ھادىلكامنى ئۇنتۇپ كەتكىنىنى ھېس قىلدىم. ئەمما بەزى چاغلاردا ئايال كىشىنىڭ كاللىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئۆتكۈرلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم.
pFGdm3pV  
wvxN6  
2010-يىلى25-ئىيۇن ]*sXISg1  
قارقاش.ياۋا JAmv7GL'6  
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : bayawan تەرىپىدىن تەستىقلاندى
-سىز كۆرۋاتقان تىما نام چىقىرىش  (ئۆزتېكىن),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
خەيىر-ھەممىدىن ۋاز كەچتىم!
دەرىجە: مۇنبەر مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 238
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 11
ئومومىي يازما: 2718
ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2718دانە
شۆھرىتى: 1235 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1490 يۈەن
تۆھپە: 1135 قېتم
ياخشى باھا: 143 قېتىم
توردا: 5364(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-06-24
ئاخىرقى: 2011-02-25

ھادى بوۋاينىڭ بەزى گەپلىرىنى ئاڭلاپ تازا كۈلۈپتىمەن. بەزى گەپلىرىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپتىمەن. DHaSBk  
ئىسىل تىما ئېلىپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر.
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
سىزگە بەخت تىلەيمەن!!!
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 760
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 1111
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1111دانە
شۆھرىتى: 796 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 12085 يۈەن
تۆھپە: 755 قېتم
ياخشى باھا: 30 قېتىم
توردا: 5975(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-08-09
ئاخىرقى: 2011-02-22
2 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-03 11:29

    ئادەمنىڭ كاللىسى ئاجايىپ -ھە! ' JsP9>)  
    ئاپتور ھادىل بوۋاينىڭ يالغۇزلۇق،تۇققانلىرى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلىشتەك مۇرەككەپ روھىي دۇنياسىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن.ھىكايىنىڭ ئاخىرىمۇ ئۇستىلىق بىلەن ياخشى چۈشۈرۈلگەن،يەنى ئايالىنىڭ تەكلىپى بىزگە ھازىرقى "بىز"نىڭ نىمە ئويلايدىغىنىمىزنى ،جاھاننىڭ قانداق بوپ كەتكەنلىگىنى شىۋىرلاپ ئېيتىپ بېرىدۇ... لۈشۇن ئەسەرلىرىنىڭ پۇرىقى بار بۇ ھىكايىدە،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي!
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
گۈزەل،پاكىز ،تەۋرەنمەس روھى دۇنيارىم_مىنىڭ بارلىقىم!
دەرىجە: مەستانە ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1114
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 3
ئومومىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
شۆھرىتى: 68 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2414 يۈەن
تۆھپە: 34 قېتم
ياخشى باھا: 22 قېتىم
توردا: 214(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-08-24
ئاخىرقى: 2011-02-12
3 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2010-10-03 20:55

گۈلبەشەكەر دوستۇم مۇنبەر ساھەسىدە تۇنجى قېتىم مەزكۇر ھېكايەمگە ئەڭ ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرغان تورداشتۇر. رەھمەت سىزگە.
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى
تارىخ تۇيغۇمىزدا خاتىرىلەنگەن
دەرىجە: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2506
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 5
ئومومىي يازما: 461
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە461دانە
شۆھرىتى: 652 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 62 يۈەن
تۆھپە: 496 قېتم
ياخشى باھا: 122 قېتىم
توردا: 3352(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش:2010-11-20
ئاخىرقى: 2011-02-25
4 - قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-01-30 17:51

ھاي تەنتەربىيچى   شائىر دوستۇم،سىنى قەلىمىنى بورتالادا تاشلىۋېتىپ كەلگەنچاغۋا دىگەنتىم،يىڭىدىن سېتىۋالدىڭما؟ mE+  
ھادىلكامغا ئىچ ئاغرىتقاندەك قىلىپ ئاخىرقى پايدىنى سەن ئاپسەندە{ئۆيىنى ئېلىۋاپسەن} cHO8%xu`  
مەزكۇر يازما باشقۇرغۇچى : تەرىپىدىن تەستىقلاندى