1tHTjEG4^3
\/I@&$"F
1 . تىلەمچى سىزدىن ئاش تىلىسە پۇل ، پۇل تىلىسە ئاش بېرىڭ . '9>z4G*Td
2. ئاممىۋى ئاپتوبۇسدا قېرى ، ئاجىز ، كېسەلچان ، مېيىپ ۋە ئىككى قات ئاياللارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن بېرىڭ . قارشى تەرەپنىڭ رەھمىتىگە كۈلۈمسىرەپ قويسىڭىزلا بولدى . ئورنىڭىزنى بوشىتىپ بەرگەندىن كېيىن ئاپتونوستىن چۈشىدىغان قىياپەتتە ئۇ كىشىدىن يىراقراق تۇرۇڭ . شۇنداق قىلسىڭىز ، ئورنىڭىزدا ئولتۇرغان كىشى ئوڭايسىزلىنىپ قالمايدۇ . 6H\3
3. ھاۋا سوغۇق ياكى يامغۇر ، قار ياغقان كۈنلەردە كۆكتات ، مىۋە - چېۋە ، گېزىت - ژۇرنال سېتىۋاتقانلارغا ئازراق بولسىمۇ سودا قىلىپ بېرىڭ ، بۇ ئۇلارغا قىلغان ياردىمىڭىز . MQ9 9fD$
4. يولدىن ئېزىپ قالغان بالا ياكى بوۋاي - مومايغا يولۇققىنىڭىزدا ئامال بار ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇڭ . ئەگەر ئۆيىگە ئاپىرىپ قويالمىسڭىز ئاپتوبوسقا سېلىپ قويۇڭ ، ساقچىخانىغا ئاپىرىپ قويسڭىزمۇ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېلېفون بېرىپ ئۇچۇر بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ . ?u{y[pI6
5. يولدىن ئېزىپ قالغانلارنىڭ باشقىلاردىن يول سوراۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالسىڭىز ، ئۇلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يادەم قىلىڭ . n,SD JsS^
6. بىرەرسىنىڭ پورتمىلىنى تېپىۋالسىڭىز ، دەرھال ئىگىسىگە قايتۇرپ بېرىڭ . ئەگەر پۇلغا بەكلا ئېھتىياجلىق بولسىڭىز ، ئىچىدىكى نەق پۇلنى ئېلىپ قېلىپ ، پورتمالنىڭ ئىگىسىگە تېلېفون قىلىپ « پالانىچى يەردىن تېپىۋالدىم » دېسىڭىزمۇ بولىدۇ . ئۇنىڭدىكى ئىناۋەتلىك كارتا ، كىملىك ، پراۋا قاتارلىقلارنى ئۆز پېتىچە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسىڭىز ئۇ كىشى يوقالغان ئازراق پۇل ئۈچۈن ئانچە قىلىپمۇ كەتمەيدۇ . بىراق سىز ئۇنىڭ ئادرېسىنى يېزىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . كېيىنچە پۇل تاپقاندا ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ . [vV]lWOp'
7. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قامداش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى قەدىرلەشكە تېگىشلىك روھ ، ئوتتورا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ، بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرەر ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى نەرسە - كېرەك سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭىزدە چوقۇم ئۇنىڭغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ ، ئەگەر ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بولمىسا ھەرگىزمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلمايدۇ . ئۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەيرىتىگە بارىكاللا ! ئۇلارغا كۆپرەك ئىلھام بېرىپ كۆيۈنۈش كېرەك . 6|+I~zJ88
8. كېچىلىك بازاردا يايما يايغانلاردىن ئازراق بولسىمۇ نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىڭ . ئۇلارنىڭ سېتىۋاتقانلىرى ئەرزان باھالىق نەرسىلەر ، شۇڭا ئارتۇقچە باھا تالىشىپمۇ ئولتۇرماڭ . ئەگەر ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولسا ، ئۇلار شۇ كېچىدە ، شۇ سوغۇقتا توڭلاپ يايما يېيىپ ئولتۇرارمىدى ؟ A I}29L3C
9. ئەگەر ئىقتىسادىي ئەھۋالىڭىز ياخشى بولسا ، پۇللىرىڭىزنى ئەيشى - ئىشرەت ، كەيپى - ساپاغا ئىشلەتمەستىن ، بىرەر خەيرلىك ئىشقا سەرپ قىلىڭ ، يەنى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ . ئۆزىڭىزنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىسىڭىز ، قىلغان ئىشىڭىز تېخىمۇ ساۋابلىق بولىدۇ . '+LC.l M
10. ئەگەر شارائىتىڭىز يار بەرسە ، ھەم يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئاساسىي بار ، دەپ قارىسىڭىز ، ئۇلارنى باشقىلارغىمۇ يەتكۈرۈپ قويۇڭ ، چۈنكى ئىناقلىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيەتتە ياخشىلار كۆپەيسە ، ھەممىمىز بەخت ئىچىدە ياشايمىز .
سۇ بوي
AnaTuprakتەرىپىدىن تەستىقلاندى  |