باش بەت | ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر | ناخشا MP3 | ناخشا MTV | تىما بېزەش رەسىمى | رومانتىك رەسىم | تور ئويۇنلىرى | QQ چىراي ئىپادىللىرى| دېھقانچىلىق مەيدانى

ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 567 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : «ھەزرىتى موللام   —مەھمۇد كاشغەرى» بولۇشنىڭ ئالدى ــ كەينىدىكى يېزىلغان ــ يېزىلمىغان ئىشل
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 1596 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 5
  شۆھرىتى: 6 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1115 يۈەن
  تۆھپە: 5 قېتم
  ياخشى باھا: 5 قېتىم
  ۋاقتى: 225سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-09-18
  كىرىشى: 2010-09-23
0قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-18 19:39 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 «ھەزرىتى موللام   —مەھمۇد كاشغەرى» بولۇشنىڭ ئالدى ــ كەينىدىكى يېزىلغان ــ يېزىلمىغان ئىشل

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن تارىخقا نەزەر بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2010-09-20)
«مەھمۇد كاشغەرى ــ ھەزرىتى موللام»  بولۇشنىڭ
ئالدى ــ كەينىدىكى يېزىلغان ــ يېزىلمىغان ئىشلار 0!!z'm3  
,"Nfo`7  
ــ  مەھمۇد كاشغەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىلىقىغا بېغىشلايمەن XAf,k&f3  
.W)%*~ O!;  
 20 – ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرى تولىمۇ خاسىيەتلىك يىللار بولدى. بۇ يىللاردا، خەلقىمىزنىڭ ماددىي – مەنىۋىي تۇرمۇشىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسىلىش بارلىققا كېلش بىلەن بىللە، ئىلىم - پەن، تارىخ ــ تەزكىرە تەتقىقاتىدىمۇ ئاجايىپ زور ئۈتۈقلار قولغا كەلدى . ئەنە شۇ ئۈتۈقلىرىمىزنىڭ بىرى‹‹ھەزرىتى موللام مازىرى›› نىڭ ‹‹مەھمۇد كاشغەرى قەبرىگاھى››، ‹‹ھەزرىتى موللام›› نىڭ ‹‹مەھمۇد كاشغەرى›› بولىشىدۇر. -l# h^  
B5iVT<:a  
  بۈگۈنگىچە ئۆتكەن 25 يىلدا ، ئەينى چاغدا مۇشۇ ئىش ئۈستىدە ئۇزۇن يىل ئىزدەنگەن ۋە تۇنجى بولۇپ چۇقان سېلىپ، ئالىم – تەتقىقاتچىلارنىلا ئەمەس، پارتىيە – ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىمۇ ‹‹ھەزرىتى موللام مازىرى›› غا نەزەر ئاغدۇرۇشقا سەۋەبچى بولغان ئاددىي پۇقرالار بىلەن ئەمەلىي قول سىلىپ ئىشلىگەن رەھبەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بىزدىن ئايرىلىپ كەتتى. قالغانلىرىنىڭمۇ ئۆمرى بىريەرگە باردى. مەن «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق  قازغۇچىنى  ئۇنۇتما» دېگەن ئەقىدە  بويىچە،  كەتكەنلەرنىڭ روھىنى خاتىرجەم قىلىپ، قالغانلارغا ھۆرمەت بىلدۇرۇش، شۇنداقلا، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان يازمىلارغا تولۇقلىما؛ ئۇنتۇلغان ياكى ئۇنتۇلۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان رىۋايەت، ئۇچۇر – مەلۇماتلارنى يىل، ئاي، كۈن تەرتىپى بويىچە قەلەمگە ئېلىش ئارقىلىق، كىيىنكىلەرگە خاتىرە قالدۇرۇش نىيتىگە كەلدىم. چۈنكى 20 – ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىنىڭ بېشىدىلا، ‹‹ھەزرىتى موللام مازىرى›› نىڭ تەزكىرىسى يىغىۋىلىنىپ يوقىتىۋېتىلگەن ھەم  ‹‹خۇراپاتلىقنىڭ ئۇۋىسى›› دىيىلىپ، شەيخلىرى تەقىپ ئاستىغا ئېلىنغان. كاخانە‹‹نەۋرۇز ئېشى›› ۋە ھەپتە – ئايلارنىڭ  خاسىيەتلىك كۈنلىرىدە ‹‹ خەيرى – ئېھسان ئېشى›› ئېتىلىدىغان ئۆي – ئاشخاناسى  تاقىتىۋىتىلىپ، زىيارەتچى – تاۋاپچىلار تەزدۇرۈلگەن. ئەتراپىدىن توپا قېزىلىپ، سەيناسى يىلدىن – يىلغا تارلاشتۇرۇۋىتىلگەن... ‹‹ئىسلاھات -ئېچىۋىتىش›› نىڭ باھار شامىلىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئالەمشۇمۇل قامۇس ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› نىڭ بىرىنجى تومى نەشىردىن چىقىپ، خەلقىمىزگە بايرام بولدى، يەنى ‹‹دىۋان›› دىكى ئۇچۇر – مەلۇماتلارنىڭ يۇرتىمىزۋە تۇرمۇشىمىزدىكى ئىزىنى ئىزدەش دولقۇنى قوزغالدى. تېخىمۇ ئېنىق ئېيىتسام، ‹‹‹دىۋان› غا كىرىش، ‹دىۋان› دىن چىقىش››  نىڭ تۇنجى قەدىمى باشلاندى. بۇقەدەم بىزگە ئالىمنىڭ ئانا يۇرتى بىلەن قەبرىگاھىنى تېپىپ بەردى. بۇ قەبرىگاھ  يەريۈزىدىن غايىپ بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ‹‹ھەزرىتى موللام مازىرى›› بولدى. بۇ قەبرىگاھنىڭ ئۆتمۈشىۋە بۈگۈنكى ھالەتكە كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان ئامىللار ۋە شەخسلەر توغرۇلۇق ئاز – تولا چۈشەنچىگە ئېگە بولۇشنى خالىسىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلارغا بېقىڭ : ,XJXw(LM  
X pH]CF  
‹‹ھەزرىتى موللام مازىرى›› دىكى سىرلار O_u2V'jy9  
!X5~!b^*  
ۋە ئۇلاردىكى روھى كۈچ ve [*t`  
sSM^net0  
  تۇققۇز يۈز يىل – توققۇز ئەسىر – تولىمۇ ئۇزۇن تارىخ. بىزدە توققۇزىنچى بوۋىسىنىڭ قەبرىسى نەدە ۋە قايسىلىقىنى بىلىدىغانلارغۇ ئاللا قاچان تۈگەپكەتكەن، ئۇلارنىڭ ئېتىنى دەپ بېرەلەيدىغانلارمۇ قالمىغىلى تۇردى. لېكىن بىر قەبرە ــ غەربتە ئاقباش پامېر، شىمالدا ‹‹موللام تېغى›› باغرىدا، يەر يۈزىدىن 40 – 50 مېتىر ئېگىزلىكتىكى يار ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توپا قۇرۇلمىلىق بىر ئىمارەت، ياق، بىر قەبرىگاھ توققۇز يۈز يىلدىن بېرى كىشىلەرنىڭ زىيارەتگاھى، ئۇ يەردە ياتقان زات  تەڭرىنىڭ  بۇ يۇرتقا قويغان ‹‹مۇئەككىلى›› دەك كىشلەر قەلبىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئېلىپ، شائىرلارنىڭ ئىلھامىغا ئىلھام بېغىشلىغان.بەزىسى ئۇنىڭ ئېتىنى ئاتاشنى ‹‹ھۆرمەتسىزلىك›› بىلىپ، سۈپىتىنى ئەسەەرلىرىگە گۈل تاج قىلىپ،بەزى ھۆكۈمرانلار دۈچ كەلگەن قىسمەتلەرنى ئاشۇ قەبرىگاھنى ‹‹تاۋاب قىلمىغانلىق›› بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۇرگەن. مەسىلەن: نەۋرۇز ئاخۇن كاتىپ زىيائى 1842 – يىلى لۈكچۈندە يازغان ‹‹مىر زوھۇرىددىن مەلامەت تەرىقىدە ئۆز نەفسىگە تەنبىھ ئېيىتقانى›› ناملىق شىئېرىدابۇ شىئېر نەزارىغا تەئەللۇق قىلۋىتىلگەنقەشقەرنى ئاخىرەتلىك ماكان قىلغان خان – خاقان ، ئالىم – ئۆلىمالارنى بىر- بىرلەپ تىلغا ئېلىپ: dW32O2@-  
h83;}>  
‹‹ئوفالدا ياتىپتۇر ھەزرەت مەۋلەۋى ، W[5a'}OV  
U_/sY9gz(  
كى، موللام  ئاتاپ ھەەر زەئىفۇ قەۋى ... mSn>  
P@ gVzx)M  
تەۋاف ئەتمەدىڭ قەدىردانلىق بىلە ، {K\l3_=5qb  
G ZxM44fP  
كى ئەجىز ئەتمەدىڭ ناتەۋانلىق بىلە ... j]-0m4QF  
DtXQLL*fl(  
بۇلار قەدرىنى ئەمدى بىلمەك كېرەك ،  8*nv+  
@uh^)6i]/  
                    كى ئىخلاس ئىلە قىل ئۇلاردىن تىلەك››، {gL8s  
Ci-CY/]s  
                                __ ‹‹ نىزارى داستانلىرى ›› 75-77 – بەتلىرىدىن . +vr|J:  
;hV-*;>  
دەپ خىتاب قىلغان بولسا ، 20 –ئەسىرنىڭ 30 –يىللىرىدا ، شائىر قۇتلۇق ھاجىم شەۋقى ‹‹كاشىغەر›› ناملىق غەزىلىدە : 9df GV!Z  
J $^"cCMr  
‹‹ كۆرمىگىل كاشىغەرنى كەم ،  بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر، X|'[\v2ld  
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغرايى قائانلار ياتۇر ... 3rj7]:Vr  
>aAsUL5W  
 يادكار ئەيلەپ جاھانغا ، يازدى ‹ دىۋانۇ لۇغەتت تۈرك ›، ROJ=ZYof  
       مەھمۇدىل كاشىغەر كەبى ئەھلى شەرەپ -  شانلار ياتۇر ... ›› 4C }#lW9  
               ــ ‹‹ قەشقەر ئەدەبىياتى ›› 1980 – يىل 3- سانىدىن . ' 7H"ezt  
دەپ يېزىپ، ئاۋامخەلق ‹‹ھەزرىتى موللام››، ‹‹ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم›› دەپ ئىخلاس قىلىپ كېلىۋاتقان بۈيۈك زاتنىڭ ئېتى ‹‹مەھمۇد كاشغەرى››، قەبرىسى كاشغەردە ئىكەنلىكىنى مەتبۇئات يۈزىدە جاكارلىغان. ئەينى چاغدا، بۇ جاكا، يەنى ‹‹ھەزرىتى موللام – مەھمۇد كاشغەرى›› دىگەن  جاكا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرگە ئەزەلدىن تونۇش سۆھبەت تىمىسى بولغان بولسىمۇ(‹‹تارىم ›› 1984 – يىل 3- سان 17 – بەتكە قاراڭ)، ئاۋام خەلق يەنىلا بۇ زاتنى ئۇلۇغلاپ، ‹‹ھەزرىتى موللام›› دەپ ئاتاپ، قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىپ، تىلەك تىلەشنى ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتۈرگەن ئىلىم ئاشىنالىرى ئۇنى ‹‹ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم›› دەپ سېغىنىپ، بۇ قەبرىگاھدا ئايلاپ -  يىللاپ ئېتكاپتا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ كۈتۈبخانىسىدا ئەسىردىن – ئەسىرگە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان شاھانە كىتابلارنى ئوقۇپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن. ھەر يىلى‹‹نەۋرۇز›› كۈنلىرىدە،  يۇرت – يۇرتتىن كەلگەن ئالىم - ئۆلىمالار بىلەن بىرلىكتە، ‹‹نەۋرۇز بۇلاق›› بويىغا يىغىلىپ ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ‹‹نەۋرۇزنامە›› لىرىنى ئاڭلىغان ۋە ئۆزلىرى يازغان ‹‹نەۋرۇزنامە›› لەرنى ئوقۇپ بەرگەن، ھەتتا  بەزىسى ئېگەللىگەن بىلىمىنى نامايەن قىلىپ، ‹‹موللا›› لىققا ‹‹ئېرىشادنامەدىپلوم(›› ئالغان. ئاۋام خەلق 4 - ئاينىڭ باشلىرىدا ‹‹ئىماملىرىم›› مازىرىدا باشلىنىپ، شۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈگەيدىغان ‹‹نەۋرۇز سەيلىسى›› نى تۈگىتىپلا داغدۇغا بىلەن بۇ يەرگە يىغىلىپ، ‹‹ھەزرىتى موللام سەيلىسى – ئۈژمە سەيلىسى›› نى باشلىغان. بۇ سەيلە ئەمەليەتتە ‹‹نەۋرۇز سەيلىسى›› نىڭ داۋامى بولۇپ، قويۇق دىنىي تۈس ئالغان دۇئا - تىلاۋەتتىن سىرت، ھەر شەنبە كۈنى كىشىلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك، ئادەمگەرچىلىك، ئەدەپ – ئەردەم، مېھىر - ۋاپا، خەيرى – ئېھسان، خالىسلىق، راستچىللىق- سەمىمىيلىك، باتۇرلۇق، ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئۈندەيدىغان قەدىمىي يازمىلارنى ئاساس قىلغان كىتابخانلىق، مەدداھلىق، داستان– قوشاقچىلىق؛ قونچاق ئويۇنى كۆرسىتىش، چېلشىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىش بىلەن بىللە، كاخانىدا داش قاينىتىلىپ، 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا نەزىر بېرىلگەن. يىراق - يىقىندىن كەلگەن ھۈنەرۋەن – كاسىپلار يۇرتلىرىغا قايتىپ ئۆز ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، دېھقان سەيلىچى – تاۋابچىلار يازلىق يېغىم – تېرىم  تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتكەن. باشقا چاغلاردا بولسا، سوقا چۈشتى كېلىپ تۇرىدىغان ھاجەتمەن – تەلەپكارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن . lvH} 8 lJ  
g'NR\<6A  
نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ ؟ #'97mg  
))6YOc  
خەلقىمىز ‹‹ھەزرىتى موللام›› غا بولغان ئىخلاسى تۈپەيلى، ئۇنى ‹‹ئەۋلىيا››، قەبرىسىنى ‹‹ھايات مازار›› دەپ تاۋاپ قىلىپ، دەردىگە داۋا،رەنجىگە شىپاھ تىلەشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن. چۈنكى سۇ ئېگىزدىن تۆۋەنگە ئاقسا، بۇلاق يەر ئاستى سۈيى يۇقىرى يەردىن ئېتىلىپ چىقىدۇ (قورام تاشتىن تۈزۈلگەن تاغلارنىڭ ئاراچلىرىدىن سىرغىپ چىقىدىغان سۇلار – بۇلاقلار يەنە باشقا گەپ). ‹‹ھەزرىتى موللام›› ئاخىرەتلىك ماكان قىلغان بۇ دۆڭلۈك – يارنىڭ قۇرغاقلىقىدىن،  يانتاقتىن بۆلەك ھېچنەرسە ئۈنمەيدىغان قاقاسلىق. مانا مۇشۇ قاقاسلىقتا  900  يىلدىن بېرى قىش – ياز سۈيى ئۆكسۈمەي ئېتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان ‹‹چەشمە زىلال (سۈزۈك بۇلاق(›› دىيىلدىغان بىر بۇلاق بار بولۇپ، ئۇنىڭ بويىدا غايەت زور كۈنلۈكتەك  بىر تۈپ قاپاق تېرەك سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئېتى ‹‹ھاي – ھاي تېرەك››. ئۇنىڭ ئادەم بېلىدەك توم يىلتىزلىرى تەبىئىي چاچاپقا ئوخشاش، بۇلاقنىڭ قېشىنى قارماپ تۇرغاچ، بىرسىقىم تۇپراق تۆۋەنگە ئېقىپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئېرىقىنى كىم، قاچان چاپقان؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن بۇ ئېرىق يا چوڭقۇرلاپ تەشكەك بولماي، يا دۆڭلىشىپ تىنىپ كەتمەي، يىلبويى بىرخىل رېتىمدا تۆۋەنگە قاراپ ئېقىۋىرىدۇ ۋە پەستىكى ‹‹زەر بۇلاق›› (بۇ بۇلاققا تازا سىنچىلاپ قارىسا، ئاستىدا كېپەك ئالتۇن يالىلداۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ(، ‹‹مارجان بۇلاق›› لارنىڭ سۈيى بىلەن قوشۇلۇپ، يىراق – يېقىندىكى ئېتىزلار، باغلارنى سۇغۇرىدۇ. ئەقىدىچىلەرنىڭ رىۋايەت قىلىشچە، ‹‹ھەزرىتى موللام›› مۇئەككەل بولۇپ تۇرغان مۇشۇ ئۈچ بۇلاق ئوپال تۇپرىقىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان سان – ساناقسىز بۇلاقلارنىڭ ئانىسى، يىلتىزى – مەنبئى ئىكەن. قاچانكى ‹‹چەشمە زىلال›› ئېقىشتىن توختايدىكەن، ئوپالدىكى بارلىق بۇلاقلارمۇ قۇرۇپ، پۈتۈن يۇرتنى قۇرغاقچىلىق قاپلايدىكەن.... دىمىسىمۇ، كەلكۈن كەلمىسىلا، ئوپالنىڭ ئېرىق– ئۆستەڭلىرىدە  قىش – ياز  قارا سۇ – بۇلاق سۈيى ئاقىدۇ (‹‹قىزىل جىلغا›› ئۇنىڭ سىرتىدا). مانا بۇ، خەلقىمىزنىڭ ‹‹ھەزرىتى موللام›› قەبرىگاھىنى 900 يىلدىن بېرى ‹‹ھايات مازار›› دەپ ئىخلاس قىلىپ، ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد تاۋاپ قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىكى تۈنجى ئامىل. j9R+;u/!  
%GGSd0g  
ئىككىنچىسى، ‹‹چەشمە زىلال›› بىلەن ‹‹ئەجدەرھا غارى›› غا دائىر ھەرخىل رىۋايەتلەر. ئۇلاردىن بىرى مۇنداق: ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ‹‹ھەزرىتى موللام›› ناماز تەئەدجۇت (كېچىلىك ناماز) نى ئاداقىلىپ بولۇپ ئېتىكابخانىسىدىن چىقسا، قۇلىقىغا ‹‹ئوش كە.... قىرتاپ›› دىگەن ئۈن ئاڭلىنىپتۇ. ئۇ  ھەيران بولغىنىدىن سىرتقا چىقىپ تۆۋەنگە قارىسا، كۆز يېتىم يەردە بىر چىراغ ئۇياندىن – بۇيانغا مېڭىپ يۈرگىدەك. ئارىلاپ – ئارىلاپ ھېلىقى ئۈنمۇ ئاڭلانغۇدەك. ‹‹ھەزرىتى موللام›› بۇ غەلىتە ھادىسىنىڭ تېگىنى بىلمەك بولۇپ، بىربېسىپ - ئىككى بېسىپ چىراغقا يىقىنلاپ بارسا، 19 - 20 ياشلاردىكى بىر يىگىت مۈڭگۈزىگە ساپال چىراغ ئېسىلغان بىرجۈپ ئۇينى توختىماي سۈرۈپ، ئالدىراش قوش ھەيدەۋېتىپتۇ. ‹‹ھەزرىتى موللام›› ئۇنىڭدىن : A]MX^eY  
a&Me#H{  
-ئوغلۇم، نېمىشقا كېچىدە قوش ھەيدەيسەن؟ - دەپ سوراپتىكەن، يىگىت كۆزىگە ياش ئېلىپ : ~&D5RfK5f  
$49;\pBZl  
-  مۇشۇ ئۇدۇلدىكى تاغدا بىر ئەجدەرھانىڭ ئۇۋىسى بار. ئۇ ھەر يىلى ئەتىكى كۈندە بىرئادەمنى يەپ ئۇۋىسىغا كىرىپ، كېلەر يىلى شۇ كۈنگىچە ئۇخلايدۇ . يۇرتىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە، بۇ يىل ئۇنىڭغا يەم بولۇش نۆۋىتى ماڭا كەلگەن.... بىر تۇل، كېسەلمەن ئانام بار. بۇ يەرنى ھەيدەپ تېرىۋەتمىسەم، ئۆزى تېرىيالماي ئاچ قالىدۇ. تۆنۈگۈن ئوسىسى كېلىشىپتىكەن، كەچكىچە ھەيدەپ يېرىمدىن كۆپرەكىنى تېرىدىم. بۈگۈن بامداتقا ئەزان چىققىچە قالغىنىنى تېرىۋەتسەم،  مەن ئەجدەرھاغا يەم بولغاندىن كىيىنمۇ  ئانام  ئاچ – توق قالمايدۇ،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ‹‹ھەزرىتى موللام›› بۇ يىگىتنىڭ بۇنچىۋالا قەيسەر، ئانىسىغا شۇ قەدەر كۆيۈمچانلىقىدىن سۆيۈنگىنىدىن ۋۇجۇدى سىمابدەك ئېرىپ ، مۇنداق دەپتۇ : 4JL]?75  
MC1&X'  
-ئوغلۇم، ئەجدەرھاغا يەم بولۇشتىن غەم يىمەي، ئۆيۈڭگە بېرىپ ئاناڭغا ھەمراھ بول. بېشىڭنى ئېگەم ئوڭلايدۇ، - دەپ، يىگىتنى كەتكۈزىۋېتىپتۇ. ئاندىن، ھوجرسىنىڭ تېمىغا ئېسىقلىق بىرجۈپ قىلىچنى بېلىگە توغرىسىغا باغلاپ، ئەجدەرھا ئۇۋا قىلغان غارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. بامداتقا ئەزان چىقارغا يىقىن، ئەجدەرھا كۆزىنى ئېچىپلا ‹‹ھەزرىتى موللام›› نى كۆرۈپ بىر دەم تارتقان ئىكەن، ئۇ ئۇنىڭ ئاغزىدىن كىرىپ ، ئۇنى ئىككى يارتا قىلىپ ، قۇيرۇقىدىن چىقىپتۇ. #'I<q  
A~;+P  
يۇرت ئەھلى بۇئىشتىن خەۋەر تېپىپ، تۇش – تۇشتىن ئولىشىپ كېلىپ قارىسا، ‹‹ھەزرىتى موللام›› ھۇشسىز ياتقۇدەك. ئۇنى قول – قول كۆتۈرۈشۈپ ‹‹چەشمە زىلال›› نىڭ بويىغا ئېلىپ چىقپ، ‹‹ھاي -  ھاي تېرەك›› نىڭ سايىسىغا تۆشەك راسلاپ ياتقۇزۇپ ھۇشىغا كەلتۇرۇپتۇ. ئەمما تېنىگە ئەجدەرھانىڭ زەھىرى ئۆتۈپ كەتكەچ مېدىرلىيالماپتۇ . e!w#{</8Q  
,qIut|C*  
- ئەنسىرىمەڭلار، - دەپتۇ ‹‹ھەزرىتى موللام›› كۆپچىلىكنىڭ چىرايىدىكى ئەنسىزلىكنى كۆرۈپ، - بىرئاز كۆك ئىنەكنىڭ سۈتىنى تېپىپ كەلسەڭلار، شۇنىڭدا بىر يۇيۇنساملا ئەجدەرھانىڭ زەھىرى چىقىپ كېتىدۇ .... ]376F7  
_+<AxE9\  
       كۆپچىلىك تەرەپ – تەرەپكە چېپىپ، بىر تەڭنە سۈت تەييارلاپ ‹‹ھەزرىتى موللام›› نى  يۇيۇندۇرغان  بولسىمۇ  كار  قىلماپتۇ.  كۈن  ئۆتۈپ،  ھەپتە  ئۆتۈپ، ئۇنىڭ بەدىنى يىرىڭداپ، قۇرتلاشقا باشلاپتۇ. ئۇ قۇرتلار ئەييۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىدە پەيدا بولغان قۇرتقا ئوخشايدىكەن. ‹‹ھەزرىتى موللام›› ئۇنىڭغا زادى چېقىلمايدىكەن، ھەتتا بىرەر تېلى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى ئېلىپ ئورنىغا قويۇپ قويىدىكەن....... >iI_bcqF  
e'~<uN>  
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ‹‹ھەزرىتى موللام›› جان  ئۈزۈپتۇ. سۈرۈشتۈرسە، بىر تۇل خوتۇن ‹‹ھەزرىتى موللام›› غا بولغان ئىخلاسمەنلىكىدىن، كۆك ئالا ئىنىكىنى سېغىپ، باشقا سۈتلەرگە ئارىلاشتۇرىۋتكەن ئىكەن. جامائەت ئۇنىڭغا بىرمۇنچە كايىپتۇ. ئاندىن، جۇۋا – تەلپەكلىرىنى تەتۈر كىيىپ، كۆك تاياقتىن ھاسا ياساپ تايىنىپ، يەرۇ – كۆك لەرزىگە كەلگۈدەك ھازا ئېچىپتۇ. ئالىمنى يەرلەپ بولۇپ قارىسا ، ھېلىقى قۇرتلار ‹‹چەشمە زىلال›› ئىچىدە لومىلدەپ ئۈزۈپ يۈرگىدەك. بىرەيلەن بۇلاق سۈيىدە قولىنى يۇغان ئىكەن، نەچچە ئايدىن بېرى ساقايمىغان يارىسىدىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ . باشقىلارمۇ ئۇنى دوراپ باققان ئىكەن، ئوخشاش مۆجىزىنى كۆرۈپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ، كىشىلەر ئۇ قۇرتنى ‹‹ھەزرىتى موللامنىڭ بەدىنىدىن چىققان قۇرت›› دەپ ئۇلۇغلايدىغان؛ يۇرت – يۇرتتىن كېلىدىغان تاۋاپچىلار ساقايماس كېسەللەرگە << چەشمە زىلال >> نىڭ سۈيىنى ئىچۈرۈپ ، ئاقما جاراھەتلىرىنى يۇيۇپ داۋالايدىغان بولۇپتۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەجدەرھانىڭ قېنى ‹‹موللام تېغى›› نىڭ ئاستىغا سىڭىپ بىرقەۋەت گىل قاتلىمى ھاسىل بولغان ئىكەن. ئۇ گىلنى چاپسا پۇت ئاغرىقى، ئۇششاق بالىلارنىڭ بەزى كېسەللىرى ساقىيىدىكەن..... يەنە بىر رىۋايەتتە، ئەجدەرھانى ئۆلتۈرگەن كىشى ‹‹ھەزرىتى موللامنىڭ  شاگىرتى  ئىمام  مالىك  ئەجدەر›› ئىكەنلىكى  ھىكايە قىلىنىدۇ. ‹‹خورزاتاي›› ئاتلىق  كىشى ‹‹سان تۇغلۇق (سۇتۇق) بۇغراخاننىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن يېزىشقا كىرىشتىم›› دەپ باشلىنىدىغان، 1919 – يىلى كۆچۈرۈلگەن چاغىتايچە نۇسقىسى قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك باشقارمىسىدا ساقلىنىۋاتقان ‹‹دەستۇرى كاف – دۇنيا ئىلىمىدىن بايانلار›› ناملىق كىتابقا كۆچۈرگۈچى خەتتات تەرىپىدىن ئۇنىڭ مەھمۇد كاشغەرىگە  دائىر قىسىمىغا قىلىنغان قىستۇرمىدا يۇقىرىدىكى رىۋايەتلەر پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنغان ۋە مۇنداق رىۋايەت سۆزلەنگەن: ئالىم باغدادتىن ئوپالغا قايتقاندا، يۇرتداشلىرى  ئىنتايىن  ساراسىمە  ئىچىدە  ياشاۋاتقان  ئىكەن. ئالىم نېمە  ۋەقە  يۈزبەرگەنلىكىنى سورىسا، ئۇلار:  نەچچە  يىلدىن  بېرى، ھەر يىلى ئوخشاش بىر كۈن، ئوخشاش بىر سائەتتە ئاۋال قۇلاقنى يارغۇدەك جاڭگۇر – جۇڭگۇر ئاۋاز چىقرىپ، ئاندىن ئاغزىدىن ئوت پۈركۈپ بىر يالماۋۇز يۇرتقا بېسىپ  كېلىدىغانلىقى؛  ئۇنى كۆرگەن يۇرت ئەھلى ئۆيلىرىنى تاشلاپ، ئۇششاق بالىلىرىنى كۆتۈرۈپ - يىتىلەپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئېتىزلىق – ئورمانلىقلارغا يوشۇرۇنىۋالىدىغانلىقى؛  بامداتقا ئەزان چىققۇچە ئۆيلەردىكى بېسات – كېچەك، توخۇ – تۇخۇمغىچە  يالماپ بولغان يالماۋۇز قانداق تۇيۇقسىز پەەيدا بولغان بولسا، يەنە شۇنداق تۇيۇقسىز غايىپ بولىدىغانلىقى؛ ئالىم بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، بىر مەزگىل ئۇ سىرلىق مەخلۇقنىڭ ئىزىنى ئىزداپ، ئاخىرى ئۇنىڭ قانداقتۇ يالماۋۇز ئەمەس، بەلكى ھەر يىلى ئوخشاش بىر كۈندە تۈكلىرىگە قوڭغۇراق ئېسىلغان جۇۋىلارنى تەتۈر كىيىپ، بىر قولىدا مەشئەل، بىر قولىدا قوقاس توشقۇزۇلغان چېلەكلەرنى كۆتۈرۈشۈپ، تۈن تەڭ بىلەن يۇرت ئىچىگە بېسىپ كىرىپ، بىرتەرەپتىن قوڭغۇراق - چېلەكلەرنى جالدىرلاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەتراپقا  قوقاس چېچىپ  يۇرت ئەھلىنى ‹‹يالماۋۇز كەلدى›› دىگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ  ئۆيلىرىدىن سىرتقا چىقىرىۋېتىپ، ئېگىسىز قالغان ئۆيلەردىكى بېسات - كېچەكلىرىنى بىخارامان ھالدا ئۇلاغلارغا ئارتىپ، قوي – كالىلارنى ئالدىغا  سېلىپ ئېلىپ كېتىدىغان قاراقچىلار توپى ئىكەنلىكىنى بايقىغانلىقى؛ ئاندىن، يۇرتداشلىرىنى قوزغاپ، ئۇ قاراقچىلار توپىنى يوقىتىپ، يۇرتقا مەڭگۈلۈك تىنىچلىق ئېلىپ كەلگەنلىكى ھىكايە قىلىنغان. لېكىن بۇ رىۋايەت كىتاب يۈزىدىلا قىلىپ، ئەل ئىچىگە تارالمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ‹‹ھەزرىتى موللام›› مەھمۇد كاشغەرى ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن...... 33NzQb  
C <H$}f  
يۇقىرىدىكى رىۋايەتلەردە ئەكىس ئەتكەن ۋەقەلەر باشقا – باشقا بولسىمۇ، ئوخشاشلا بىرمەزمۇن، يەنى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بارلىق ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئالىملار ئەمەس، بەلكى ئىسمى – جىسمىغا لايىق ئالدىن بىلەر ئەۋلىيالىقى،  شۇنداقلا  يۇرت  سۆيەر، ئەل سۆيەر،  ئەل – يۇرتنىڭ  تىنىچ – ئامانلىقى ئۈچۈن ئەزىز جېنىنىمۇ ئايىمايدىغان مەردۇ – مەردان ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مەزمۇننى يورىتىپ بەرگەن...... تازا باش قاتۇرۇپ ئويلانسىڭىز، ئالدىنقى ئىككى رىۋايەتتە  مۇنداق ئىككى يوچۇق بارلىقىنى سېزىسىز: بىرىنجى رىۋايەتتە، ئالىمنىڭ ‹‹مەدرىسە مەھمۇدىيە›› دە سەككىزيىل دەرس ئۆتكەن تۇرۇقلۇق، ئۆزى تۇرغان يەردىن نەچچە يۈز ماڭدام نېرىدىكى غارنى ماكان قىلغان ئەجدەرھا توغرۇلۇق ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھېچ نېمە ئاڭلىماسلىق مومكىنمۇ؟ يەنى بۇ رىۋايەت كىشىگە ‹‹ئالىم كىشلەردىن ئايرىلىپ زاھىت – دەرۋىشلەردەك ياشىغان ئىكەن›› دىگەن تۇيغۇ بېرىدۇ (بۇ رىۋايەتنى 1945- يىلى كۈزدە، ئوپال قومباغ‹‹ئازىق›› دىكى ئۆگەي چوڭ دادام ھۈسىيىن ئاخۇن باينىڭكىگە سەيلىگە چىقىپ ‹‹ھەزرىتى موللام›› نى تاۋاپ قىلغاندا ، شۇ چاغدىكى شەيخنىڭ سۆزلەپ بەرگىنى  بويىچە قەلەمگە ئالدىم. ھازىرقى شەيخلەر ‹‹ئىمام مالىك ئەجدەر رىۋايىتى›› نى كۆپرەك سۆزلەيدۇ ). X`7O%HiX/`  
q^b12@.  
 ئىككىنچى رىۋايەتكە  كەلسەك، ‹‹ئىماملىرىم مازىرى›› ئىمام مالىك ئەكبەر بىلەن ئىمام مالىك ئەسقەردىن ئىبارەت ئاكا – ئۇكىنىڭ قەبرە گاھى بولۇپ، شەيخلەرنىڭ ئاغزاكى مەلۇماتلىرىدىن قارىغاندا، ئۇلار تۆتىنجى خەلىپە  ھەزرەت ئەلى كەرىمۇللاھۇ ۋەجھۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن(ھەزرەت ئەلىنىڭ ئەۋلادلىرى ‹‹ئىمام›› دىگەن سۈپەت بىلەن مەشھۇر). ئۇلار سەككىزىنجى ئەسىردە، سەركەردە قۇتەيبە بىلەن بىللە ئىسلام ئېچىشقا ئاتلىنىپ، ئاشۇ يەردە بولغان جەڭدە شەھىد بولغان ۋە شۇ يەرگە دەپن قىلىنغان. ئۇلارنىڭ مۇلازىمى (مەھرەمى) شاھ تالىپ زەرمەس ئاتلىق پارىس (ئەجەم) ئۇلارنىڭ قەبرىگاھى يېنىدىن ماكان تۇتۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە داش قاينىتىپ، شەيخلىق قىلغان. ۋاپات بولغاندا ‹‹ئىماملىرىم›› يەرلەنگەن تۆپىلىكنىڭ يېنىغا دەپىن قىلىنغان. بۇ كىشىنىڭ قەبرىسىمۇ ‹‹شاھ تالىپ زەرمەس ئاتام›› دەپ ئۇلۇغلىندۇ. تېخىمۇ موھىمى:  ھەريىلى ‹‹نەۋرۇز بايرىمى›› غا ئۇلىشىپلا يېتىپ كېلىدىغان ‹‹نەۋرۇز سەيلىسى›› مۇشۇ قەبرىگاھدا باشلىنىپ، توپتوغرا بىرئاي داۋاملىشىدۇ. يۇرت – يۇرتتىن كەلگەن مىڭلىغان – تۈمەنلىگەن سەيلىچىنى ئۆزىگە تارتىپ، باش – ئايىغىغا كۆز يەتمەيدىغان بۇ قېقىر دالىنى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندۇرېۋىتىدۇ. بۇ يەردىكى ‹‹سەيلە›› نىڭ ئاياغلىششىغلا ‹‹ھەزرىتى موللام سەيلىسى – ئۈژمە سەيلىسى›› باشلىنىدۇ. دىمەك، مەيلى تارىخ نۇقتىسىدىن  ياكى مىللەت  نۇقتىسىدىن  ئويلىنايلى، ‹‹ھەزرىتى موللام›› بىلەن ‹‹ئىماملىرىم›› ئوتتۇرىسىدا ‹‹ئۇستاز - شاگىرتلىق مۇناسىۋەت بولغان›› لىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، خەلقمىز ئالىمغا بولغان ئىخلاسى، ھۆرمىتى يۈزىسىدىن يۇقىرىدىكى رىۋايەتلەرگە چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىپ، ئۇنىڭ قەبرىسىنى تاۋاپ قىلىشنى ئىنتايىن ‹‹ ساۋاپلىق ئىش›› سۈپتىدە ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغاندىن سىرت، ئاشۇ رىۋايەتلەردە سۆزلەنگەن ئاجايىپ – غارايىپ ھادىسلەرنى ئاساس قىلىپ،  مۇنداق ‹‹ئىرىم›› لار بىلەنمۇ شۇغۇللانغان: u9{Z*w3L7  
.FvIT] k-  
   بىرىنچى، پەرزەنت تىلەش: ياتلىق بولۇپ ئۇزۇنغىچە قورساق كۆتۈرمىگەن بەزى ئاياللار ‹‹ھەزرىتى موللام›› نىڭ روھىغا ئاتاپ، جانلىق مالدىن يۇقىرىسى قوي،  تۆۋىنى خورازغىچە ياكى مەلۇم مىقداردا ئۇن، گۈرۈچنى ‹‹نەزىر›› گە تەييارلاپ، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ بۇ قەبرىگاھقا كېلىشەتتى. ‹‹نەزىر›› نى شەيخكە تاپشۇرۇپ دۇئا ئالغاندىن  كىيىن، ‹‹چەشمە زىلال›› نىڭ  سۈيىدە  تاھارەت  ئېلىپ پاكلىنىپ،  تىلاۋەتخانىغا  كىرىپ  تىلاۋەت  ئاڭلايتتى  ياكى  ئۆزى بىلگەنچە  تىلاۋەت  قىلاتتى.  دۇئادىن  كېيىن  سىرتقا  چىقىپ، قەبرىگاھنىڭ تېمىدىكى تۆشۈكلەرنىڭ بىرىگە ‹‹بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم›› دەپ ئوڭ قولىنى تىقاتتى ۋە قولىغا نېمە چىقسا ‹‹بىسمىللا›› دەپ ئاغزىغا سېلىپ، ‹‹چەشمە زىلال›› نىڭ سۈيىدىن قانغۇدەك ئىچەتتى – دە، قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ يەنە بىرقېتىم تىلەك تىلەپ، تاكى تۆپىلىكتىن پەسكە چۈشكۈچە كەينىچە مېڭىپ، ‹‹ھەزرىتى موللام›› بىلەن خوشلىشاتتى. بەزى ئاياللار مۇشۇ ‹‹ئىرىم›› بىلەنلا قورساق كۆتۈرۈپ قالغاچ، بۇ قەبرىگاھتىن پەرزەنت تىلەپ كېلىدىغان ئاياللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. /re0"!0y  
-9(nsaV  
ئىككىنچى، كېسەلگە داۋا تىلەش: پالەچ ياكى ئاقما جاراھاتكە گىرىپتار بولۇپ ئۇزۇنغىچە ساقايمىغانلارنىڭ ئۇرۇغتۇغقانلىرى مەلۇم مىقداردا ‹‹نەزىر›› تەييارلاپ، بىمارنى ھارۋا ياكى جىرغا (نوسۇلكا ، دەنجيا) غا سېلىپ ‹‹ ھەزرىتى موللام ›› غا ئەكېلىپ، يۇقىرىدىكى رەسمىيەت - يوسۇنلارنى تولۇق ئۆتىگەندىن كىيىن، ئۇنىڭ بېلىنىڭ تۆۋىنى ياكى جاراھات ئېغىزىنى ‹‹چەشمە زىلال›› نىڭ سۈيى بىلەن يۇياتتى، ‹‹ھەزرىتى موللامنىڭ بەدىنىدىن چىققان قۇرت›› نى ئېزىپ چاپاتتى. قايتىدىغان چاغدا، شۇ بۇلاقنىڭ سۈيى بىلەن قۇرتلارنى قاپاق،  كوزىلارغا قاچىلاپ ئالغاچ كېتىپ، بىمارنىڭ تېنى ياكى يارا ئېغىزىغا كۈندە بىرقېتىم  سۈركەيتتى ۋە ‹‹ھەزرىتى موللام›› نىڭ روھىغا ئاتاپ ياغ پۇرىتاتتى، ‹‹دۇت›› سالاتتى(ھال - كۈنى ياخشى، شۇنداقلا ئوپالدا يېقىنلىرى بار كىشلەر شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ داۋالىناتتى). نەتىجىدە، بەزى بىمارلار ساقىيىپمۇ قالاتتى. تېخى بەزىلەر ‹‹ ھەزرىتى موللام›› نى تاۋاپ  قىلغىلى كەلگەندە، ھەجگە بارغان ھاجىلار ‹‹زەم – زەم›› نى تۇغقانلىرىغا سوۋغا قىلىپ ئېلىپ كەلگەندەك، ‹‹چەشمە زىلال›› نىڭ سۈيىنى قاپاق، كوزا، شېشلەرگە  قاچىلاپ ئېلىپ كېتىپ، ئائىلە ئەزالىرىغا بىريۇتۇمدىن ئوتلىتىپ قوياتتى. ئاشقىنىنى ئېگىز، سۆرۈن يەردە نەچچە يىللاپ ساقلاپ، يارا ئېغىزلىرىغا سۈرگەندىن سىرت، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ‹‹قىرىق سۈيى›› دىن چىقىرىلغاندىن كىيىن، ‹‹بۇۋاق ساغلام، ئەقىللىق چوڭ بولۇپ، ھەزرىتى موللامدەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ›› دىگەن ئەقىدە بويىچە، ئۇنىڭ تېنىگە ئاشۇ سۇنى سۈركەپ قوياتتى. مەن 1945- يىلى ‹‹چەشمە زىلال›› دا مىڭلاپ يانتۇ قۇرت (ئۇششاق راك) نىڭ لۆمشىپ ئۈزۈپ يۈرگىنىنى كۆرگەن. چوڭلار سۈيىنى  قانغۇدەك ئىچىپلا قالماي، شېشىلەرگە قاچىلاپ ئېلىپ كىرگەن.  1983 – يىلى زىيارەتكە چىققاندا، ‹‹زەر بۇلاق›› تا ئۈزۈپ يۈرگەن نەچچە تال قۇرتنى كۆرگەن بولساممۇ ‹‹چەشمە زىلال›› دا بىرنىمۇ كۆرمىدىم. سۈرۈشتۇرۇپ سەۋەبىنىمۇ ئۇقالمىدىم. 1999 - يىلدىكى زىيارەت – تەكشۈرۈش جەريانىدا مۇنداق ئەھۋالنى بىلدىم: 1950 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىكى بىرقېتىملىق كەلكۈن سۇ نۇرغۇن بېلىقنى دەريادىن قىرغاققا چىقىرىۋېتىپتۇ.  كىشلەر  چوڭلىرىنى  تۇتۇپ  پىشىرىپ  يەپ،  نەچچە  يۈز تال ئۇششاق بېلىقنى سېۋەتكە ئېلىپ، ‹‹چوڭ بولۇپ قالسۇن›› دىگەن نىيەتتە ‹‹چەشمەزىلال›› بىلەن ‹‹مارجان بۇلاق›› قا قويىۋەتكەن ئىكەن. كىيىن قارىسا، ئۇ بېلىقلارمۇ، قۇرتلارمۇ غايىپ بولۇپتۇ.  يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ‹‹ھەزرىتى موللامنىڭ بەدىنىدىن چىققان قۇرت›› رىۋايىتىنى بىلىدىغانلارمۇ قالمىغىلى تۇرۇپتۇ. ئەمما ‹‹زەربۇلاق›› نىڭ سۈيى تەبىئى مېنىرال سۇ ئىكەنلىكى بايقىلىپ، مېنىرال سۇ ئىشلەش زاۋۇتى قۇرۇلۇپتۇ. بۇ مازاردىكى ئۈچ بۇلاقنىڭ ئېرىقلىرىدا ‹‹ھەزرىتى موللامنىڭ بەدىنىدىن چىققان قۇرت››  لار ھازىرمۇ ئانچە – مۇنچە كۆزگە چېلىقىدۇ. ?aU-Y_pMe  
}SGb`l  
 دىمەك، خەلقمىز بۇ يەردىكى بۇلاقلارنىڭ سۈيىنىڭ خېمىيەلىك تەركىبىنى بىلەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇ سۇنىڭ ‹‹كېسەلگە داۋا بولىدۇ ›› غانلىقىنى نەچچە يۈز يىل بۇرۇن بىلىپ ، ئۇنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن. يەنىە بىر ‹‹سېھرى ھېكمەت›› شۇكى: بۇنىڭدىن 50-60 – يىل بۇرۇن ‹‹ ئەجدەرھا غارى ›› نى نەچچە يۈز كۆك كەپتەر ماكان قىلغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنى ‹‹ھەزرىتى موللامنىڭ كەپتەرلىرى›› دەپ ئۇلۇغلاپ ھەرگىز چىقىلمايتتى. تەپ (بەزگەك)، قىزىتما، پالەچ كېسەللىرىگە  ئىشلىتىش ئۈچۈن، ئۇ غاردىن گىل ئېلىپ چىقىشقا كىرىدىغانلار ئالدى بىلەن تاھارەت ئېلىپ، غارنىڭ سىرتىغا 4-5 جىڭ يىرىك داننى چىچىپ، ئىچىدە ‹‹دۇرۇت›› ئوقۇغاچ، كەپتەرلەرنىڭ دانلىشىنى  تاماشا قىلاتتى. ئاندىن ‹‹ھەزرىتى موللام›› نىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ، ئاۋايلاپ غار ئىچىگە  قەدەم  باساتتى  ۋە  تاكى ئۇ يەردىن ئۆزىگە كېرەكلىك گىلنى ئېلىپ يېنىپ چىققۇچە ‹‹بىسمىللا›› نى ئۈزمەي تەكرارلايتتى. ئاياغ ئاستىدا دېگۈدەك تۇخۇم بېسىپ ياتقان، باچكىلىرىغا دان بېرىۋاتقان كەپتەرلەر  نېمە ئۈچۈندۇ ئۇلاردىن ئۈركمەيتتى. ئادەتتە، ئۇيغۇر تىبابىتىدە گىلمۇ دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن خەلقىمىز ‹‹ئەجدەرھا غارى›› دىن چىقىدىغان گىلنى ‹‹ھەزرىتى موللامنىڭ گىلى›› دەپ ئۇلۇغلاپ، يىراق يۇرتلاردىن كېلىپ ئېلپ كېتىپ، كېسەللەرگە ئىشلەتكەندىن سىرت، ئۆيلىرىدە ‹‹تەۋەرۈك›› قىلىپ ساقلايتتى. بۇنداق قىلىش تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ‹‹ھەزرىتى موللام›› نىڭ ‹‹ئۇلۇغ ئەۋلىيا›› لىقىغا باغلاپ چۈشىنىشتىن كەلگەن بوسا كېرەك. چۈنكى يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، يەر ئاستى سۈيى يۇقىرى يەرلەردە بۇلاق پەيدا بۇلىدۇ. ئەكسىچە ‹‹ھەزرىتى موللامنىڭ بۇلىقى – چەشمە زىلال›› گىياھ ئۈنمەيدىغان قاقاس تۆپىلىكتە. سۇ يۈزى ‹‹زەر بۇلاق››، ‹‹مارجان بۇلاق›› لارنىڭكىدىن تەخمىنەن 40-50 مىتىر ئىگىز. ئۇنىڭ بويىدا ‹‹ھاي-ھاي تېرەك›› سايە تاشلاپ تۇرغاندىن سىرت، سۇيىدە ‹‹ھەزرىتى موللامنىڭ بەدىنىدىن چىققان قۇرت›› لارنىڭ لۆمشۈپ ئۈزۈپ يۈرۈشى ۋە بۇ قۇرتلارنىڭ باشقا بۇلاقلاردا ئاساسەن كۆزگە چېلىقمايدىغانلىقى ‹‹ھەزرىتى موللام›› نىڭ يېتۈك ئالىملا ئەمەس، بەلكى ‹‹ئۇلۇغ ئەۋلىيا›› لىقنىڭ بەلگۈسى سۈپىتىىدە خەلقىمىزنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۇنىڭ قەبرىسىنى مەڭگۈلۈك تاۋاپگاھ، ئۇنىڭغا تېۋىنىشنى ‹‹مۇشكۈلاتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى››، ئۇنىڭ نامىدىكى بۇلاقنىڭ سۇيىنى ‹‹ھەممە كېسەلگە شىپالىق دورا›› دەپ ئەتىۋالايدىغان ئىخلاسمەنلەرگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن. تېخى ‹‹ئەجدەرھا غارى››دىكى كەپتەرلەرنى دىمەيسىز!... ئادەتتە، كۆك كەپتەر ‹‹ياۋا كەپتەر›› ياكى ‹‹ياۋا››مۇ دېيىلىدۇ.ئەگەر ئۇلار كىچىكىدىن كۆندۈرۈلمىسە، ئادەمدىن قاتتىق ئۆركىدۇ، يەنى  ئادەمنىڭ قارىسىنى كۆرۈپلا ئۆزىنى كۆككە ئاتىدۇ. ‹‹ھەزرىتى موللامنىڭ كەپتەرلىرى>>چۇ؟ ئۇلار  ئۆي كەپتىرى (قارا كەپتەر) گە ئوخشاش، ئادەمنىڭ ئايىغى يېنىدا دانلاۋېرىدۇ، ھەتتا قولدا دان بېرىلسە، قىلچە قورۇنماي يەۋېرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى ‹‹ھەزرىتى موللامنىڭ روھى مۇشۇنداق ئۆگەتكەن›› ....... nk+9 J#Gs  
_@sSVh$+  
ئۈچىنجى، ئىلىم تىلەش: ‹‹ھەزرىتى موللام›› دىن ئىلىم تىلەيدىغانلار دىنىي ئىلىمدە ساۋاتسىز ياكى چالا ساۋات كىشلەر بولماستىن، بەلكى تۆۋىنى قارىخانلاردا ئوقۇپ ‹‹قۇرئان كەرىم›› نى يادا ئېلىپ بولغان ‹‹قارى›› لار ئىدى. ئۇلار ئىلىمگە  بولغان ھېرىسمەنلىكى، ‹‹ھەزرىتى موللام›› غا بولغان ئىخلاسمەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنى ‹‹ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم __ ھۆدىگەرلىك بىلەن ئىلىم ئۆگىتىدىغان ئۇستاز›› دەپ چوقۇنۇپ، يۇرت – يۇرتتىن كېلىپ، بۇ قەبرىگاھنىڭ ھوجرا (تۈنەكخانە) لىرىدا  يىللاپ – يىللاپ  يېتىپ – قوپۇپ،  دۇئا – تىلاۋەت قىلغاچ، ئالىمنىڭ  روھىدىن مەدەت  تىلەپ،  قارىخانە – مەدرىسەلەردە   ئوقۇغان دەرسلەرنى تەكرارلايتتى – پىششىقلايتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئېتىكابخانە (ئەمىليەتتە كۈتۈپخانە) دا نەچچە يۈز يىللار ساقلانغان شاھانە كىتابلارنى ئوقۇپ، بىلىم قۇرۇلمىسىنى تولۇقلايتتى – ئۆستۈرەتتى....... بەزى يىللىرى ‹‹تالىبۇلئىلىم (ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى ئوقۇغۈچى)›› لارنىڭ كۆپلىكىدىن ھۆجرىلارغا پېتىشماي، بەزىسى شەيخلەر ۋە شۇ ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە يېتىپ - قوپۇپ ئۆگەنسە، بەزىسى قەبرىگاھ ئورۇنلاشقان تۆپىلىكنىڭ ئەتىراپىغا قاچاندۇر بىر چاغدا، كىملەر تەرىپىدىندۇ كولانغان گەمىلەردە يىتىپ - قوپۇپ  ئۆگىنەتتى. دىنىي ساۋادى يوق تاۋاپچىلارغا ۋاكالىتەن ‹‹قۇرئان›› تىلاۋەت قىلىپ ‹‹ساۋاپ›› تاپاتتى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قىلىدىغىنى: ئۇلار يېپىنچا – سېلىنجا ۋە مەلۇم مەزگىل يەتكۈدەك ئوزۇق – تۈلۈك ئېلىپ كەلگەندىن سىرت بىر داڭقان، بىر چۆگۈنمۇ ئېلىپ كىلىپ، بەزىسى بىرلىشىپ تاماق ئېتىپ يىسە، بەزىسى ئۆزى يالغۇز ئېتىپ يەيتتى. ئۇلارنى ھېچكىم باشقۇرمايتتى. دەرس بېرىدىغان مۇدەررسسىمۇ يوق ئىدى. ‹‹مەدرىسەئى مەھمۇدىيە›› نىڭ قاچان تاقالغانلىقى ۋە قاچان يەريۈزىدىن غايىپ بولغانلىقىغا دائىر  يىپ ئۇچى تىپىلمىدى. قىياسىمچە، مەنچىڭ ھۆكۈمىتى 19 – ئەسىرنىڭ 30 يىللىرى (‹‹جاھانگىر خوجا يىغىلىقى›› دىن كىيىن)‹‹ھەزرىتى موللام›› غا يېقىن جايغا لەڭزە (چېرىك تۇرا، گازارما) ياساپ ئەسكەر تۇرغۇزۇش بىلەن بىرگە، ‹‹ئەجدەرھا غارى›› نىڭ ئالدىغا بۇتخانە ياساتقان. بۇنىڭ بىلەن‹‹مەدرىسەئى مەھمۇدىيە›› نىڭ تالىپلىرى تېزىشكە باشلاپ، ئاخىرى مەدرىسەمۇ تاقالغان؛ يىللارنىڭ بوران – چاپقۇنى ئۇنىڭ تام - تورىسىنى ۋەيران قىلىپ، ئاخىرى  يەر يۈزىدىن يىتتۈرگەن بولسا كېرەك. مەن 1945 – يىلى ئۇ بۇتخانىنىڭ خارابىسى بىلەن ‹‹موللام تېغى›› غا يانداپ ياسالغان قىزىل راۋاقنىمۇ كۆرگەن. تالىبۇلئىلىملار  ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش __ بىرى بىرىنى يېتەكلەپ، بىللە يۇقىرى  ئۆرلەشنى قوشۇمچە  قىلاتتى.  مۇنداقچە  ئېيىتساق،  تالىبۇلئىلىملار ‹‹ھەزرىتى موللام›› نى چىن كۆڭلىدىن ‹‹ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم›› دەپ ئىشىنىپ ئىخلاس قىلىپ، قارىخانە-مەدرىسەلەردە ئۆگەنگەنلىرىگە قانائەتلەنمەي، تېخىمۇ يۈكسەككە ئۆرلەپ، ئىسمى- جىسمىغا  لايىق‹‹موللا›› بولۇشقا  بەل باغلىغان ئىلىمخۇمار كىشلەر ئىدى. ئەكىسچە، بۇ قەبرىگاھدىن باشقا مازار-ماشايىخلارنى ئۆمۈرلۈك ماكان قىلىدىغانلارنىڭ ئازبىرقىسمى كېيىنكى ئۆمرىنى تائەت-ئىبادەتكە بېغشلغان خۇداگوي زاھىدلار بولسا،مۇتلەق كۆپچلىكى ئاشۇ مازارلانىڭ كاخانە (داشقازان ئورنىتىلغان ئۆي) لىرىغا تۇشمۇ-تۇش كېلىپ تۇرىدىغان ‹‹نەزىر›› بىلەن جان بېقىشنى مەقسەت قىلىغان ھورۇنلار ۋە راست-يالغان تەركىدۇنيا ئاشىق- دەرۋىشلەر ئىدى. شۇڭا ‹‹ھەزرىتى موللام›› قەبرىگاھىنى ئىلىمخۇمار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ‹‹ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ، بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى›› دىيىشكە بولىدۇ. بۇيەنە ئۆز نۆۋىتىدە، خەلقىمىزنىڭ بۇقەبرىگاھنى بۈگۈنگە قەدەر‹‹ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم ›› دەپ ئۇلۇغلاپ كېلىشىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنىمۇ چۈشەندۇرىدۇ. چۈنكى 20 - ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغىچە، بۇقەبرىگاھ خەلقىمىزنىڭ ‹‹ھاجەتراۋا تاۋاپگاھ ›› ى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ‹‹ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ بىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى›› بولۇشتەك ئالاھىدلكىنىمۇ جارىي قىلىپ كەلگەن. شۇيىللاردا باشلانغان ‹‹خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇپ، ئاتىئىزىم تەربىيسى ئېلىپ بېرىش  ھەرىكىتى›› دە تۇنجى قەدەم قازىخانىلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قارىخانە - مەدرىسەلەرنى تاقاش، سوپى - ئىشانلارنىڭ زىكرى - سۆھبەت  سورۇنى __ خانىقالارنى تاقاش ۋە بۇ مۇئەسسەسىلەرگە قاراشلىق ۋەقپە يەرلەرنى مۇسادىرە قىلىش بىلەن بېسلغان بولسا، ئىككىنچى قەدەم مەشھۇر مازار-ماشايىخلارنىڭ ۋەقپە يەرلىرى بىلەن تەزكىرىلىرىنى يىغىۋېلىپ، شەيخلىرىنى چەتكە چىقىرىپ، ھەپتىدە بىركۈن ‹‹شىلەڭ›› قايناپ، يۈزلەپ – مىڭلاپ ئىخلاسمەننى تويغۇزىدىغان داشقازانلىرىنى قايناشتىن توختىتىشتىن ئىبارەت بولدى.  ‹‹ھەزرىتى موللام›› ئەنە شۇ مازارلارنىڭ بىرى ئىدى (ئافاق خوجا مازىرىنىڭ داشقازىنى قاينىماس بولغان بولسىمۇ، شەيخلىرى ئۆز ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋەردى. ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى›› يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنى يەر يۈزىدىن يوقاتتى). لېكىن بۇ تەدبىرلەر تالىبۇلئىلىملارنى بۇ قەبرىگاھنى ماكان قىلىپ ‹‹ئىلىم تىلەش›› تىن تەزدۈرگەن بولسىمۇ، ئاۋام خەلق بۇ ‹‹ھايات مازار›› نى تاۋاپ قىلىش، ئۇنىڭدىن دەردىگە داۋا تىلەشنى ئاشكارە – يوشۇرۇن داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئاخىرقى شەيخلەرمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇ قەبرىگاھنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۇيىدە ئېقىپ، نۇرغۇن قارا قۇيۇنلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قالدى (خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، باشقۇرۇش رايونىنىڭ ئۇيغۇر باشلىقى گۇڭشې ئەزالىرىنى مەجبۇرلاپ، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئانىسىنىڭ قەبرىگاھى ‹‹بۇبى رابىئە بەسىرىم›› نىڭ پىششىق خىش، كاھىش – گەج قۇرۇلمىلىق رەۋزى مەرىكىم، گۈمبەز، ئېتىكاپخانە، ھەپتىدە بىركۈن زىكرى – سۆھبەت بولىدىغان خانىقالىرىنى يەر يۈزىدىن يوقىتىپ، شۇ قەبرىگاھقا دەپن قىلىنغان سەلەي چاققان ۋە ئۆنىڭ دادىسى ھالاۋىددىن ئاخۇن قاتارلىق يۈزلىگەن كىشىنىڭ قەبرىسىنى تۈزلىتىپ بولغاندا، گۇڭشې پارتكوم شۇجىسى ليۇبياۋ تۇيۇقسىز كېلىپ قېلىپ، قەبرە چېقىشنى توختاتقان ۋە رايون باشلىقىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا قاتتىق تەنقىد قىلغان. گەرچە ھازىر مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئانىسىنىىڭ جەسىتى نەدىلىكىنى ئېنىقلاش مۇمكىنچىلىكى بولسىمۇ، ئوپال خەلقى بۇ قەبرىستانلىقنى بۇرۇنقىدەكلا «بۇبى رابىئە بەسىرىم مازىرى» دەپ ئۇلۇغلايدۇ، ھەتتا ئۇيەردىن ئۆتكىچە، مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ). ئوخشاشلا، خەلقىمىز «ھەزرىتى موللام مازىرى» نى ئاشكارە – يوشۇرۇن تاۋاب قىلىش – دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا تىلەشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. چۈنكى بۇ يەردىكى ئېگىز تۆپىلىكتە ئوپالدىن ئىبارەت سىرلىق يۇرتقا «مۇئەككەل» بولۇپ تۇرىۋاتقان «ھەزرىتى موللام» ۋە نۇرغۇن كېسەلگە داۋا بولىدىغان «ھەزرىتى موللامنىڭ بۇلىقىنىڭ سۇيى» بىلەن «ھەزرىتى موللام نىڭ گىلى›› بار ئىدى (ھازىر «ئەجدەرھا غارى» غا كىرىسڭىز، ئالدى بىلەن يېرىم مېتىر چامىسىدا گىل قاتلىمى كۆزىڭىزگە تاشلىندۇ. «موللام تېغى – ھەزرىتى موللامنىڭ تېغى» دىيلىدىغان بۇ تاغنىڭ ئاستىدا گىل كېنى بولسا كېرەك. ئاۋام خەلق بۇنى ھېلىمۇ «ئىلاھى  ھېكمەت» دەپ قارايدۇ)...... 7@ mP;K0  
8-q4'@(  
« ھەزرىتى موللام – مەھمۇد كاشغەرى » ئىكەنلىكى X1GM\*BE  
c 4L++u#  
ھەققىدىكى يازما ئۇچۇرلار ~ tqDh(  
=%9j8wHX  
1. مەرھۇم قۇتلۇق ھاجىم شەۋقى بىلەن زامانداش، مويسىپىت قەلەمكەشلەرنىڭ ئاغزاكى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شەۋقى 1937-يىلى 10- ئايدا مەخپىي ئۆلتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى (مەرھۇمنىڭ جەسىتى نېمە قىلىنغانلىقى نامەلۇم. شۇڭا قەبرىسى يوق)، ئۆزى مەسئۇل مۇھەررىرلىكنى ئۆتەۋاتقان «كاشغەر شىنجاڭ گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قېلىپ، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ھاياتى ۋە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن (ئەپسۇسكى، شۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان گېزىتنى تېپىش مۇمكىن بولىمىدى). شەۋقى يەنە شۇ يىللاردا «كاشىغەر» ناملىق غەزەل ئېلان قىلىپ «مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسى قەشقەردە» ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن. ~)iQbLI  
f=nVK4DuZ  
1957- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىينىڭ خادىمى ئىسمائىل جېلىل ئوپالدا ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا يازغان خاتىرىسدە تۇنجى بولۇپ « ھەزرىتى موللام – مەھمۇد كاشغەرى بولۇشى مۇمكىن» لىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تاكى 1983- يىلغىچە ئۇنىڭ بۇ قىياسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلمىغان. ~7Jj\@68  
|8YP8o  
1980-يىلى، مەرھۇم پىشقەدەم شائىر، تارىخچى مۇھەممەتئىمىن قۇربانى(ئىشقى) ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى›› نىڭ3-سانىدا ئىلان قىلغان ‹‹قۇتلۇق شەۋقى›› ناملىق ماقالىسىغا قىستۇرما قىلىنغان، شەۋقىنىڭ 1930 -يىللىرى ئىلان قىلىنغان ‹‹كاشىغەر›› ناملىق شئېرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزدى ۋە ‹‹مەھمۇدىل كاشغەر كەبى ئەھلى شەرەپ-شانلار ياتۇر›› دىگەن مىسرا ئۈستىدە توختالغاندا، ‹‹باتۇر›› دىگەن رادىپنى ئاساس قىلىپ ‹‹مەھمۇد كاشغەرىنىڭ قەبرىسى قەشقەردە›› دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردى- يۇ، ‹‹قايسى قەبرە شۇ›› ئىكەنلىكىنى بېكىتەلمىدى، ۋە بۇ قاراش ئىلمي تەتقىقات ساھەسىدىكلەرنىڭ دىققىتنى تارتمىدى. ~ GW8|tw  
)Mj$/  
1981-يىلى، مەرھۇم پروفىسور ئابلىمىت روزى ‹‹شىنجاڭ داشۆ ئىلمي ژورنىلى(ئىجتىمائى پەن قىسمى)›› نىڭ 1-سانىدا ‹‹ئالىم مەھمۇد كاشغەرى ۋە ئۇنىڭ دىۋانۇ لۇغات تۈرك ناملىق كىتابى›› ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىپ، ‹‹ھەزرىتى موللام مازىرى-مەھمۇد كاشغەرى ياكى ئۇنىڭ دادىسنىڭ قەبرىىسى بولۇشى مۇمكىن›› دىگەن قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. $=-Q]ld&]  
,LHQ@/}A C  
1981-يىلى ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى››نىڭ 1-تومى نەشىردىن چىقتى. ئوپال يېزىسنىڭ ‹‹ئازىق››كەنىتىدە ئولتۇرۇشلۇق پىشقەدەم مائارىپچى، ئىغىر كىسەل ياتقان قاسىم رەھىم ئۇنىڭ 86-بېتىدىكى ‹‹ئازىغ›› قا بېرىلگەن‹‹ھازىرقى ئاتۇش ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدە ‹‹ئازاق›› دەپ ئاتىلدىغان يېزا بار. مەھمۇد كاشغەرى بۇيېزىنى ‹بىزنىڭ يۇرتنىڭ نامى›دەپ شەرھىلگەن.›› دىگەن ئىزاھاتنى كۆرۇپلا قولىغا قەلم ئالدى-دە، ‹‹ئازىق مەھەللىسى توغرىسىدا›› ناملىق ماقالە يېزىپ، ناھىيلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى، ‹‹كونىشەھەر ئەدەبىياتى››نىڭ مەسئۇلى مەرھۇم ئىسمائىل ئىبراھىمغا تاپشۇردى. ماقالىدا ‹‹ئازىغ›› ئوپالدىكى ‹‹ئازىق (قۇمباغ، موللامبېغى)›› كەنتى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلشتۇرۇلگەندىن سىرت، ‹‹ھەزرىتى موللام - مەھمۇد كاشغەرى›› ئىكەنلىكمۇ سۆزلەنگەن ئىدى. ماقالىنى تەھرىر ھەيئەتلىرىدىن مەرھۇم شائىر ئەسقەر ھۈسەيىن، ئابدۇكېرىم ئەھمىدى، تۇرام ئىسلام قاتارلىقلار قايتا - قايتا ئوقۇپ،ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىدى. ھەممەيلەننىڭ ئۇنى شۇ پېتى ئېلان قىلۋەتكىسى بار ئىدى. كۈتۈلىمگەندە، ئەسقەر ھۈسەيىن بۇخارادا ‹‹مەھمۇد كاشىغەرنىڭ قەبرىسى›› دىىيىلدىغان بىر قەبرە بارلىقىنى ئاڭلىغانلىقنى ئېيتىپ، بۇئىشتا يەڭگلىك قىلماسلىقنى تەكتلىدى. دىمسمۇ، مەھمۇد كاشغەرى دۇنياۋى ئالىم، ئۇنىڭ قەبرىسنى بېكتىشمۇ دۇنياۋى مەسىلە بولۇپ، سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا، خەلقئارادىكى مەھمۇدكاشغەرى تەتقىقاتىغا ئەكىس تەسىر بىرەتتى.  مەدەنىيەت -  مائارىپ،  سەھىيە – ساقلىقنى  ساقلاشقا  مەسئۇل  ھاكىم  روزى  ئابدۇللا  ئەسقەر  ھۇسەيننىڭ   پىكرىنى  قوللىدى. چۈنكى، بۇ ئىشتا كىچىككىنە ناھىينىڭ ژورنىلى قاراملىق قىلسا بولمايتتى. ئاخىر ماقالىنىڭ ‹‹ھەزرىتى موللام - مەھمۇد كاشغەرى›› دىيلگەن  قىسمى  قىسقارتىۋېتىلىپ،  ژورنالنىڭ  شۇ  يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلندى. قاسىم رەھىم بۇئىشتىن قاتتىق نارازى بولدى...
                                                                                 داۋامى بار
(3=(g  
#89h}mp'  
داۋامىنى بۇ ئۇلانمىدىن كۆرگەيسىز ~ J9LS6~7  
/read.php?tid=3623
[ بۇ يازمىنىbayawanدە2010-09-20 17:23قايتا تەھرىرلى ]
dilتەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ياپراق01
ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 24 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە799دانە
  نادىر تىما: 9
  يوللانما: 799
  شۆھرىتى: 246 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 6850 يۈەن
  تۆھپە: 204 قېتم
  ياخشى باھا: 146 قېتىم
  ۋاقتى: 2993سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-07
  كىرىشى: 2010-11-27
1قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-19 00:06 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

داۋامىنى تېزرەك يوللاڭ دوستۇم ، بۇنى مۇنبىرىمىزدىكى بىر ئابىدىگە ئايلاندۇرايلى ~ مەھمۇت كاشغەرىي ۋە ئۇ ئىجاد ئەيلىگەن " تۈركى تىللار دىۋانى " شاھانە ئەسىرى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق جەھەتتە قەدىمىيلىكى ۋە ئەسەر ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن موللۇقى جەھەتتىن مۇتلەق نوپۇزغا ئىگىدۇر . بىز ئۇيغۇر خەلقى بۇ سەۋەبلىك زور ئىپتىخارغا ئىگىمىز ، مۇنبەردىكى دوسىتلارنى چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ھەزرىتى مەھمۇد كاشغەرىي مەقبەرىسى جايلاشقان ئوپال ئازىققا بېرىپ كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئەينى دەۋىر 11-ئەسىردە تېخى ياۋروپا قىتئەسىدىكىلەر سۈت ئۇيقۇسىدا ئورمانلىقلاردا ياشاپ يۈرگەندە ، مەدەنىيەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىدىمۇ كۆرمەي يۈرگەندە خەلقىمىز مەدەنىيەت ئاسمىنىدا چاقناپ تۇرغان چولپان يۇلتۇزغا ئايلىنىپ ، باشقا مىللەتلەرگە مەدەنىيەت جەھەتتە ئۇستاز بولغان پارلاق دەۋىر ئىدى .دوسىتلار داۋاملىق ئىزدىنەيلى ، تارىخ ئۆگىنەيلى ~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
ئەمدى ھېچنىمە يازمايمەن!!
دەرىجىسى: ئالىي باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 238 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2002دانە
  نادىر تىما: 11
  يوللانما: 2002
  شۆھرىتى: 400 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 954 يۈەن
  تۆھپە: 348 قېتم
  ياخشى باھا: 105 قېتىم
  ۋاقتى: 2959سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-24
  كىرىشى: 2010-11-27
2قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-19 10:50 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

توغرا، تارىخ ئۆگىنەيلى! #'x?) AS  
كونىلار: تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىقتىن دېرەك بىرىدۇ دەپتىكەن. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
anatuprak
ئۆزۈمنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇلۇشنى خالىمەيمەن. چۈنكى مەن دىگەن مەن!
dil
كىسەل ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئىرادەڭگە باغلىق دىل& ..
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 113 
  جىنسى: ئايال
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1295دانە
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 1295
  شۆھرىتى: 366 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 10249 يۈەن
  تۆھپە: 298 قېتم
  ياخشى باھا: 184 قېتىم
  ۋاقتى: 4094سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-11
  كىرىشى: 2010-11-27
3قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-19 12:17 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ھازىر كۆپلىگەن ياشلىرىمىز،  تارىخنى  ئانچە  ئېتبارغا  ئېلىپ كەتمەيدۇ، #}7m'F  
تارىخقا  نەزەر تاشلاش  ئەڭ  ئاقىلانىلىك، yr9A0F0  
داۋامىنى كۈتمىز، Ym{%"EB  
5rA!VES T  
باياۋان  ئەپەندىمنىڭ كۆزى  بار جۇمۇ. نادىرلاپ قويغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت؛ تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئېرادەڭنى تاۋلا، بۇشاشما،
قىسمىتىڭدىن زارلانما. ئۆزگەرتىشكە تىرىش.
غەلبە ئۈچۈن چەككەن مۇشەققەت مۇقەددەستۇر!!!
دەرىجىسى: مەستانە ئەزا

  تىزىم نۇمۇرى: 1620 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە324دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 324
  شۆھرىتى: 21 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2915 يۈەن
  تۆھپە: 21 قېتم
  ياخشى باھا: 19 قېتىم
  ۋاقتى: 953سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-09-19
  كىرىشى: 2010-11-24
4قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-20 12:15 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

تارىخى نى ئۇگۇنۇش شەرەپ ،ئۇنتۇش نۇمۇس......... تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
سەندەك ۋاپاسىزنى كۆزۇم كۆرمىسۇن!!!
boyka
دەرىجىسى: مەستانە ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 597 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە353دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 353
  شۆھرىتى: 46 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 3176 يۈەن
  تۆھپە: 47 قېتم
  ياخشى باھا: 171 قېتىم
  ۋاقتى: 796سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-02
  كىرىشى: 2010-11-18
5قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-03 21:41 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

شۇنداق تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
بويكا
دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 1193 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 137
  شۆھرىتى: 118 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2490 يۈەن
  تۆھپە: 105 قېتم
  ياخشى باھا: 19 قېتىم
  ۋاقتى: 84سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-28
  كىرىشى: 2010-11-27
6قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-11-10 14:00 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئاتا-بوۋىلمىزنىڭ خوشالىقى بىزنىڭ خوشالىغىمىزدۇ، ئازابىمۇ  بىزنىڭ ئازابىمىزدۇر.. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما