باش بەت | ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر | ناخشا MP3 | ناخشا MTV | تىما بېزەش رەسىمى | رومانتىك رەسىم | تور ئويۇنلىرى | QQ چىراي ئىپادىللىرى| دېھقانچىلىق مەيدانى

ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 521 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش
ئەللامە
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 1514 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 16
  شۆھرىتى: 3 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1160 يۈەن
  تۆھپە: 2 قېتم
  ياخشى باھا: 2 قېتىم
  ۋاقتى: 29سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-09-15
  كىرىشى: 2010-10-05
0قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-15 01:45 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-09-15)
                                ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش
تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ موھىم بىر تەركىبى قىسمى ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاساسلىق دىئاگىنوز قويۇش ئۇسۇلىنىڭ بىرى. ئۇ ئۇيغۇر تىۋىپلىرى ئۆزلىرىنىڭ نەچچە ئون ئەسىرلىك داۋالاش ئەمىلىيەتلىرى جەريانىدا توپلىغان ئەمىلى تەجىربىلىرىنىڭ ئىلمى يەكۈنى. ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ كىسەللەرنى تونۇش،ۋە ئۇنىڭغا باھا بىرىشتىكى موھىم ئۇسۇللى . ئۇ مىزاج، خىلىت ، قۇۋەتلەرگە توغرا باھا بپرىشتە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى كىسەللەرنى تونۇش ،ئۇنى داۋالاش جەھەتلەردىمۇ ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. Ld(NhB'7  
   قەدىمقى ئۇيغۇر خىلقى نەچچە ئون مىڭ يىللىق داۋالاش ئەمىلىيتى جەريانىدا تومۇر تۇتۇش ئارقىلىق بىمارلارنىڭ كىسەللىكلىرىدىكى قانۇنىيەتلەرنى تپپىپ چىقىپ تومۇر شۇناسلىق ئىلمىنى شەكىللەندۈرگەن. لىكىن تومۇر تۇتۇش ئارقىلىق بىمارلاردىكى بارلىق كىسەللەرنى تاپقىلى بولىدۇ،ئۇ بىردىن بىر ئاساسلىق ئۇسۇل دىيىش توغرا ئەمەس. چۈنكى تومۇر تۇتۇش ئارقىلىق قان ئېقىمىنىڭ تىز-ئاستىلىقى،يۈرەك ھەركىتىنىڭ ئۆزگۈرۈشى، قان تومۇر ئىلاستىكىلىقى، كىسەللەرنىڭ مىزاجى ،يۈرەكنىڭ رپتىمى ، قپتىمى،قان تومۇر ئىچىدىكى قاننىڭ ئاز-كۆپلىگى، قان تومۇر دىۋارىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئىنىقلىغىلى بولىدۇ. 4D"4zp7  
قان تومۇرلارنىڭ ھەركىتى يۈرەكنىڭ قىسقىراش- كىڭىيىش ھەركىتىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ ئۇ پۈتكۈل بەدەننى قان ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىللەيدۇ . يۈرەكتە بىرەر قانداق ئۆزگۈرۈش يۈز بەرسە تومۇر ھەركىتى يۈرەك ھەركىتى بىلەن بىردەك بولغاچقا تومۇر ھەركىتىدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولىدۇ. +a$|Sc  
تومۇرلارنىڭ ھەركىتىنى تۆۋەندىكى 3 خىل ئامىل پەيدا قىلىدۇ. v01#>,R  
1)          ئەزا ( ئالەت ) : يۈرەك قان تومۇرلارنى كۆرسۈتۈدۇ. #C*&R>IvY  
2)        پائالىيەت ( پائىل ) : تومۇرلارنى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچنى يەنى ھاياتلىق كۈچىنى، قۇۋىتى ھايۋانىنى كۆرسۈتۈدۇ. AK2WN#u@Z  
3)         ئېھتىياج ( ھاجەت ) : ئورگانىزىمنىڭ ساپ ھاۋا ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىپ بەدەندىن كاربون تۆت ئوكسىدىغا ئوخشاش كىرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلىشىنى كۆرسۈتۈدۇ.بۇ ئۈچخىل ئامىل ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ياخشى بولغاندىلا تومۇرلارنىڭ ھەركىتى نورمال بولىدۇ. ئەگەر پائىل كۈچلۈك  ( پائالىيەت ) بولسا تومۇر ھەركىتىمۇ كۇچلۈك بولىدۇ. تومۇرلارنىڭ ھەركىتى مۇشۇ ئۈچ خىل ئامىلغا باغلىق بۇ ئامىللار بىرسى بىرسىنى تەقەززا قىلىدۇ ،بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ، بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ. بىرسى كەم بولسا قالغانلىرىنىڭ خىزمىتى ماۋجۇت بولمايدۇ. ھاجەت قانچە كۆپ بولسا تومۇر ھەركىتىمۇ شۇنچە كۈچلۈك بولۇدۇ .ئەگەر ھالەتتە بىرەر قانداق ئۆزگۈرۈش بولسا يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كۈچىمۇ ئاجىزلاپ بەدەننىڭ ھەر خىل پائالىيەتلىرىمۇ ئاجىزلايدۇ. بۇلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە سەل قارىماسلىق لازىم . S_Z`so}  
ھاجەتنىڭ زىيادىلىگىگە تۆۋەندىكى سەۋەپلەر تۈرۈتكە بولىدۇ. $1 @,Qor  
1)          ئىسسىقلىقنىڭ كۆپلىگىدىن . 2) ئاغرىقنىڭ قاتتىقلىقى . 3) جىسمانى ھەركەتنىڭ كۆپلىگى . 4) قان تەركىۋىدىكى بۇزۇق ماددىلار ،بۇس بۇخاراتلارنىڭ كۆپلۈگى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. Z8&' f,  
  ئىنسانلارنىڭ بىر قپتىم نەپەس ئپلىپ بىر قپتىم نەپەس چىقىرىش جەريانىدىكى تومۇر ھەركىتىنىڭ يۈرەك ھەركىتىگە ماس ھالدا سپلىش قپتىم سانى تومۇر سىجىللىغى دىيلىدۇ. نورمال كىشىلەرنىڭ تومۇر سىجىللىغى 4-5 قپتىم بولۇدۇ، بالىلارنىڭ 7-8 قپتىمغىچە بولىدۇ. ئپغىر جىسمانى ئەمگەك قىلغاندا ،تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانغاندا ،جىددىلەشكەندە، قاتتىق ھاياجانلانغاندا تومۇر ھەركىتىدە تىزلىشىش بولىدۇ ، ئارام ئالغاندا نورماللىشىدۇ. fgCT!s7z  
  شىريان تومۇرلار ھەركەتلىك تومۇرلار بولغاچقا بەدەننىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدىكى شىريان تومۇرلارنى تۇتۇش ئارقىلىق يۈرەكنىڭ ھەركىتىنى بىلگىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ چىكە شىريان تومۇرى، تۆۋەنكى ئىڭەك شىريان تومۇرى، بىلەيزۈك بوغۇم شىريان تومۇرى، چوڭ يوتا شىريان تومۇرى، پۇت دۈمبە شىريان تومۇرى قاتارلىقلاردىن يۈرەك ئەھۋالىنى ئەڭ ئاسان بىلگىلى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىلەيزۈك بوغۇم شىريان تومۇرىنىڭ .ئورنى يۈرەككە يپقىن، تىرە ئاستى ماي توقۇلمىلىرى نىسبەتەن شالاڭ، تۇتۇشقا ئەپلىك، ھەر قانداق كىسەللىك ئەھۋالىغا، ھەر قانداق كىسەللىككە ماس كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەكتىن شاخلىنىپ چىققان ئائورتىنىڭ شاخچىسى سول بىلەك تەرەپكە شاخلىنىپ چىققاچقا يۈرەكتىكى ھەرقانداق ئۆزگۈرۈشلەر بىلەيزۈك تومۇردا ئىنىق ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا بىلەيزۈك بوغۇم شىريانىدىن تومۇر تۇتۇش دائىمىلىق ،قولايلىق تومۇر ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئورۇنلاردىكى تومۇرلاردىن تومۇر ھەركىتىنى بىلگىلى بولسىمۇ بىرئاز ئەپسىز ، بىمارنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ . WzlC*iv  
تومۇر تۇتقاندا تىۋىپ تۆت بارمىقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە جۈپلەپ بىمارنىڭ بىلەيزۈك بوغۇم شىريانى ئۈستىگە قويۇپ كۆرسەتكۈچ بارماقنى بپغىش تەرەپكە، چىمچىلاق بارماقنى يۇقىرى بىلەك تەرەپكە قىلىپ بەلگىلىك بپسىم بىلەن تۇتۇپ تومۇردىكى توم- ئىنچىكىلىك، كۈچلۈك- ئاجىزلىق، چوڭ- كىچىكلىك، تىز-ئاستىلىق، ئۈزە- چوڭقۇرلۇق، قاتتىق- يۇمشاقلىقىنى، بىمارنىڭ مىزاجىنى، يۈرەكنىڭ چىقىرىش مىقتارىنى، يۈرەكنىڭ ھەركەت ۋە جىملىق دەرىجىسىنىڭ قانچىلىكلىگىنى ئىنىقلىغىلى بولىدۇ. mEDpKWBk  
   تومۇر تۇتقاندا ئالدى بىلەن تۆۋەندىكىلەرنى ئىنىقلاش لازىم. FFzH!=7T?  
1)تومۇرنىڭ سۈرئىتى: نورمال كىشىلەرنىڭ تومۇرى مىنۇتىغا 60-100 قپتىمغىچە سالىدۇ. بالىلاردا نىسبەتەن تىزراق. ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن ئاستىراق ،كۈندۈزى كىچىگە قارىغاندا سەل ئاستىراق سالىدۇ. بەزى قىزىتمىلىق كىسەللىكلەردە تومۇر ھەركىتى تىزراق ،باش ئىچكى بپسىمى ئپشىپ كپتىش خارەكتىرلىك كىسەللىكلەردە سەل ئاستىراق سالىدۇ. flnVYQe  
2) تومۇرنىڭ رېتىمى: تومۇر سوقۇشنىڭ رىتىمى سول قىرىنچىنىڭ شىرياندىكى ئىنكاسىدىن ئىبارەت بولۇپ نورمال ئەھۋال ئاستىدا رىتىملىك، تەرتىپلىك بولىدۇ. ئەمما يۈرەكنىڭ خىزمىتى بۇزۇلغاندا يۈرەك رپتىمىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ تومۇر رپتىمسىزلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يۈرەك رىتىمسىزلىگى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن : يۈرەكنىڭ نۆۋەتتىن بۇرۇن سوقۇشتىن كىلىپ چىققان ئىككىلىك تومۇر ،ئۈچلۈك تومۇر قاتارلىقلار . DTY<0Q.  
3) تومۇرنىڭ جىددىلىك دەرىجىسى: شىريان تومۇرنىڭ جىددىلىك دەرىجىسى تومۇر قىسقىراش بپسىمىنىڭ يۇقۇرلۇق دەرىجىسىگە قاراپ بەلگىلىندۇ. بارماق بىلەن بىلەك ئارتىريە تومۇرىنى بىسىش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. تەكشۈرگەندە يۈرەككە يپقىن تەرەپتىكى بارماق ئۇچى بىلەن تەدرىجى كۈچەپ ئارتىريەنى باسقاندا يىراق تەرەپتىكى بارماققا تومۇر سوقۇش بىلىنمەيدۇ. يەنى يۈرەككە يپقىن تەرەپتىكى بارماقنىڭ ئارتىريە سوقۇشىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈچۈن كەتكەن بپسىم كۈچى تومۇر سوقۇشنىڭ جىددىلىگى دىيلىدۇ. '%7 Bxof  
4) تومۇر سوقۇشنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىگى، چوڭ- كىچىكلىگى: تومۇر سوقۇشنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى ۋە چوڭ كىچىكلىگى ئارتىريەنىڭ تولۇش دەرىجىسى ۋە ئەتراپ قان تومۇر قارشىلىغىغا قاراپ بەلگۈلىندۇ. شۇنداقلا يۈرەكنىڭ چىقىرىش مىقتارى، تومۇر بىسىمىنىڭ چوڭ كىچىكلىگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . يۈرەك چىقىرىش مىقتارى كۆپ بولۇپ ئەتراپ قارشىلىق كۈچى ئازراق بولسا تومۇر شۇنچە كۈچلۈك ھەم توم سالىدۇ. ئەكسىچە بولسا تومۇر شۇنچە كىچىك ھەم ئاجىز سالىدۇ. A3R#z]Ub  
5) شىريان تېمىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر: نورمال ئەھۋالدا تومۇر تپمى سىلىق، يۇمشاق بولۇپ بەلگىلىك ئىلاستىكىلىققا ۋە ئەۋرىشىملىككە ئىگە. ئەگەر تومۇر تىمىدا بىرەر قانداق ئۆزگۈرۈش بولسا قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىغى يوقاپ قاتىدۇ، ھەتتا ئەگرى بۈگرىلىشىپ قالىدۇ. S; /. %  
6) تومۇرنىڭ دولقۇن شەكلى: تومۇر دولقۇنى بولسا قان ئېقىمىنىڭ ئارتىرىيەدىن ئۆتكەندە ئىچىدىكى بېسىمنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن بولىشىنى تومۇر دولقۇنىنى ئۆلچەش ئاپاراتى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىققان ئەگرى سىزىقتىن ئىبارەت . ئارتىرىيە بېسىمىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈش سۈرئىتى سول قىرىنچا قىسقارغاندا قان سۈيۈقلىقىىنىڭ ئارتىرىيە ئىچىگە ئېقىپ كىرىش سۈرئىتى ۋە ئائورتىنىڭ ئىلاستىكىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. jP=Hf=:$  
قەدىمقى كىتاپلاردا خاتىرلىنىشچە ئۇيغۇر تىبابىتىدە تومۇرلارنىڭ شەكىللىرى 360 ئارتۇق بولۇپ ئۇلارنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ئوخشاش ئەمەس. لىكىن كىسەللىكلەرگە دىئاگۇنۇز قويۇشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ. تۆۋەندە كىلىنكىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تومۇرلاردىن بىر قانچىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز . <z0WLw0'z  
ئۇزۇن تومۇر: تىۋىپنىڭ بارمىقىغا تومۇرنىڭ ھەركىتى نورمالدىن ئۇزۇن بىلىنىدىغان ئۇزۇن، تەكشى سالىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. بۇ بىمارنىڭ بەدىنىدە ھارارەتنىڭ يۇقۇرلاپ كەتكەنلىگىنى بىلدۈردۇ، بەزى نورمال كىشىلەردىمۇ ئىپادىلىنىپ قالىدۇ. بۇ تومۇرنىڭ جايلىشىشىنىڭ ئۈزە- چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ بىلگىلى بولىدۇ. .-]R9KjR1J  
قىسقا تومۇر : تومۇر ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا نورمالدىن قىسقىراق   بىلىنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت بولۇپ تومۇر ھەركەتلىنىش ۋاقتىنىڭ  قىسقىلىقىنى بىلدۈرىدۇ، تومۇر ھەركىتى پەقەت بىرلا بارماققا ئۇرۇنىدۇ. qqOFr!)g  
توم تومۇر: كەڭ تومۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تومۇر ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا تومراق سېزىلىدۇ. بۇ بەدەندە سۈيۈقلۇقلارنىڭ كۆپەيگەنلىگىنىڭ ئىپادىسى. كۆپرەك بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەردە ئىپادىلىنىدۇ.بەلغىمى قىزىتمىلىق كىسەللىكلەردە ئىپادىلىنىدۇ. r>n"51*  
ئىنچىكە تومۇر : تومۇر ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا نورمالدىن ئىنچىكىرەك   بىلىنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت بولۇپ بەدەندە قۇرۇقلۇقنىڭ ئېشىپ، ھۆللۈكنىڭ ئازايغانلىقىنىڭ، تەبى ھارارەتنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنىڭ  ئىپادىسى.  قۇرغاق يىمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغان ۋە قۇرۇتقۇچى ،ئىسسىقلىق دورىلارنى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا جىنسىي ئالاقە بىلەن كۆپ شۇغۇللىنىش، جىسمانىي ھەركەت ۋە تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللانماسلىق  ، كېزىك، قەنت سىيىش كىسىلى، ياللۇغلىنىش خارەكتىرلىك كىسەللىكلەر، ( جىگەر، ئۆپكە ،ئاشقازان قاتارلىقلارنىڭ ياللۇغى )،يۈرەك زەئىپلىگى، كۆپ ئۇخلاش، ئۇزاق ۋاقىت ئۇيقىسىزلىق، ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك قاتارلىقلاردا كۆرلىدۇ. l]!B#{  
ئۈزە تومۇر : تومۇر ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا ئۈزە، لەيلەپ سالغاندەك بىلىنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ ئۈستۈن تومۇر ياكى لەيلىمە تومۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تومۇر بەدەندە ھارارەتلىك كىسەللىكلەرنىڭ بارلىغىدىن دىرەك بېرىدۇ. H^AE|U*-G  
چۆكمە تومۇر : چوڭقۇر تومۇر دەپ ئاتىلىدۇ. تومۇرنىڭ ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىغىغا چوڭقۇرلۇقتا سېلىۋاتقاندەك بىلىنىدىغان ،لەيلىمە تومۇرنىڭ ئەكسىچە بىلىنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. تەبىئى ھارارەتنىڭ تۆۋەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. g>j| ]6  
كۈچلۈك تومۇر : تومۇرنىڭ ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا كۈچلۈك ئۇرۇنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ روھى ھايۋانىنىڭ كۈشلۈكلۈگىدىن دىرەك بېرىدۇ. قان خېلىتى ۋە سەپرا خىلىتىنىڭ زىيادىلىگىدىن بولغان كىسەللىكلەردە كۆرلىدۇ. Q*jusm  
ئاجىز تومۇر : كۈچسىز تومۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.تومۇر ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا ناھايىتى ئاجىز، بىلىنەر بىلىنمەس ھالەتتە سالىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ كۆپۈنچە قۇۋۋىتى ھايۋانىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈردۇ. ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، ئۆز جىسمانىيتىدىن ئاشقان جىسمانىي ئەمگەك، قوراتقۇچى كىسەللىكلەر، ھۇشسىزلىق قاتارلىقلاردا كۆرلىدۇ. p]&j;H.  
تىز تومۇر : تومۇرنىڭ ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا ناھايىتى تىز ،ئارقىمۇ ئارقا بىلىنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت .تومۇرنىڭ ھەركىتى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردۇ. بەدەندە قۇۋەت ئاجىزلىغان، ھاجەت كۈچەيگەن، ئەزا ياكى قان تومۇرلاردا جىددىلىشى ،قاتتىقلىشىش پەيدا بولغانلىقى، بولۇپمۇ دەم سىقىلىش، قىزىتمىلىق كىسەللىكلەر، قاتتىق جىسمانىي ئەمگەك، جىددىلەشكەن ۋاقىتلاردا ئىپادىلىنىدىغان تومۇردىن ئىبارەت. `8g7q 5  
ئاستا تومۇر : بۇ خىل تومۇر تىز تومۇرنىڭ ئەكسىچە سالىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت بولۇپ تومۇر ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا ئىنتايىن ئاستا ئۇرۇنىدۇ. بۇ خىل تومۇر بەدەندە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك،  كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىش، قالايمىقان تاماق يىيىش، كەم قانلىق،بەدەن زەئىپلىگى، سوزۇلما ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلاردا كۆرلىدىغان تومۇردىن ئىبارەت . %s=Dj2+  
قاتتىق تومۇر : تىۋىپنىڭ بارمىقىغا نورمالدىن قاتتىق بىلىنىدىغان تومۇر بولۇپ  بەدەندە ھۆللۈكنىڭ ئازىيىپ ، قۇرۇقلۇقنىڭ  ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەنلىگىنى بىلدۈردۇ. بولۇپمۇ بەزگەك كىسىلى، ئۆپكە كىسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئىپادىلىنىدۇ. \k@$~}xD,  
يۇمشاق تومۇر : تومۇر ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا ناھايىتى يۇمشاق، مۇلايىم ئۇرنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ ساق كىشىلەردە ئىپادىلەنسە سالامەتلىكنىڭ ياخشىلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. كۆپۈنچە بەدەندە ھۆللۈك كۆپۈيۈپ كەتكەن، بولۇپمۇ نېرۋا ئەسەب كىسەللىكلىرىدە كۆپ كۆرلىدۇ. مەسىلەن پالەچ، لەقۋا، ئىستىرخا قاتارلىقلاردا . )u} Q:`9  
تولغان تومۇر : تولۇق تومۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تومۇر ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا لىقلاشقان ھالەتتە ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئارتىرىيە تومۇرىدا قاننىڭ كۆپلىگىنى بىلدۇردۇ. قان بېسىم يۇقۇرى بىمارلاردا كۆرلىدۇ. Z S|WnMH  
 ۋەزىندىن ھالقىغان تومۇر شەكلى :تومۇرنىڭ ھەركىتى ھەرقايسى ياش گورۇپپىدىكىلەرگە ماس بولمىغان ھالەتتە سوقىدىغان تومۇر شەكلىنى كۆرسۈتىدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ تومۇرىنىڭ چوڭ كىشىلەرگە ماس ھالدا سېلىشى . چوڭ كىشىلەردىكى تومۇرنىڭ كىچىك باللارغا  ماس سېلىشى . F:g=i}7  
 چاشقان قۇيرىغىسىمان تومۇر شەكلى : تومۇرنىڭ ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا خۇددى چاشقاننىڭ قۇيرىغىغا ئوخشاش تۈۋى توم، ئۇچى ئۇچلۇق، ئىنچىكە بولغىنىدەك دەسلەپتە توم ئۇرۇنۇپ ، كىيىن تەدرىجى ئىنچىكىلەپ ئاستا ئۇرىنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت . باشلىنىشتا سۈرئەت جەھەتتىن تىز باشلىنىپ كىيىن بارغانسىرى ئاستىلاپ ،دەسلەپتە قاتتىق ئۇرۇنۇپ كىيىن يۇمشاق ئۇرۇنىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. بۇ خىل تومۇر شەكلى تەبىئەتنىڭ بارغانسىرى ئاجىزلاپ كىتىۋاتقانلىقتىن دىرەك بېرىدۇ. 4_=Ja2v8;`  
ھەرە چىشىسىمان تومۇر شەكلى : تومۇر ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا ئارقىمۇ ئارقا خۇددى ھەرە چىشىغا ئوخشاش ئۇرنىدىغان تومۇر شەكلى بولۇپ تومۇر ھەركىتى بىر ئىگىز بىر پەس قاتتىق ئۇرنىدۇ. بۇ خىل تومۇر شەكلى ئىچكى ئەزالاردا ئۆتكۈر ياللۇغلۇنۇشنىڭ بارلىغىدىن دىرەك بېرىدۇ. بولۇپمۇ كۆكرەك پەردە ياللۇغى، مىڭە پەردە ياللۇغى، قاتارلىقلاردا كۆرلىدۇ. U~f4e7x*O  
دولقۇنسىمان تومۇر شەكلى : بۇ خىل تومۇر ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا خۇددى دەريا قىرغاقلىرىغا سۇ ئۇرۇلغىنىدەك دەسلەپتە كۈچلۈك، تىز ئۇرۇلۇپ كىيىن ناھايىتى تىزلا تومۇر ھەركىتى بىلىنمەي قالىدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئەھۋال قان تومۇرلاردا قىسقىراش بېسىمىنىڭ يۇقۇرى، كېڭىيىش بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. ئائورتا كىلاپان تولۇق يېپىلالماسلىق، قىزىتمىلىق كىسەللىكلەر، زەھەرلىك ئىچكى پوخاق، ئىستىسقا، پالەچ، سەكتە،ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەردە ئىپادىلىنىدۇ. YZwaD b  
چۈمۈلە ماڭغاندەك تومۇر شەكلى : تومۇرنىڭ ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا خۇددى چۈمۈلە ماڭغاندەك كىچىك، ئارقىمۇ-ئارقا ،قاتتىقراق، ئاستا، ئاجىز ئۇرۇندىغان تومۇر شەكلىدىن ئىۈارەت، يۇرەكنىڭ ساپ ئوكسىگىنغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى بىلدۈردۇ. ھاياتلىقنىڭ خەۋىپ ئاستىدا قالغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. a \5FAkI  
 ئالماشقان تومۇر :تومۇرنىڭ رېتىمى نورمال لىكىن تومۇر ھەركىتى تىۋىپنىڭ بارمىقىغا بىر كۈچلۈك بىر ئاخىز سولىدىغان ،ئالمىشىپ ئۇرۇدىغان تومۇر شەكلىدىن ئىبارەت. بۇ خىل تومۇر شەكلى يۇرەك مۇسكۇلىدا زەخمىلىنىشنىڭ بارلىقىنى يەنى يۇرەك خىزمىتى تولۇق بولماسلىق، يۇقۇرى قان برسىملىق يۈرەك كىسىلى، تاجىسىمان ئارتىرىيە قېتىش خارەكتىرلىك يۈرەك كىسىلى قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. MZ4c{@Tg  
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى چوققىلىق تومۇر، قوش باشلىنىشلىق تومۇر، بازغان ئۇرغاندەك تومۇر، تەرتىپسىز تومۇر تىترىگەن تومۇر قاتارلىق شەكىللىرىمۇ بار بۇلارنىڭ كىلىنىكىدىكى ئەھمىيتىگە سەل قارىماسلىق لازىم. c4mh EE-  
تومۇر تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى: c0- ;VZ'  
1)          تىۋىپنىڭ بارماق ئۇچىلىرى قاتمىغان، يۇمشاق بولىشى، سېزىملىرى ياخشى بولىشى، ئىسسىق سوغۇقلۇقى نورمال بولىشى، بارماقلار ئارلىقىدا بەلگىلىك بوشلۇق بولىشى لازىم . Nh!_l  
2)        تومۇر تۇتقاندا بىمارنىڭ بىلىكىدىكى سائەت، بىلەيزۈك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىلىتىپ تۇتۇش، كۆينەك ،چاپاننىڭ يەڭلىرى بىلەن بىلەكنىڭ بوغۇلۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش لازىم. <^R{U&Z@  
3)         تومۇر تۇتقاندا بىلەك ئەستىغا يۇمشاق ياستۇق قويۇپ تۇتۇش، تومۇرنىڭ بېسىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. _F(P*[[&  
4)         تومۇر تۇتقان قول بىلەن تومۇر ئارلىقىدا ھېچقانداق نەرسە بولماسلىقى لازىم بولمىسا تومۇردىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئىنىق ئايرىغىلى بولمايدۇ. p3951-D  
5)        تومۇر تۇتقاندا ھەر ئىككىلى قولنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ ئىككى قولدىكى پەرىقنى تېپىپ تۇتۇش لازىم. تومۇر تۇتۇش ۋاختى 3-5 مىنۇتقىچە بولىشى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم . 9.OA, 6  
6)         ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان، قاتتىق ھاياجانلانغان، ھاراق ئىچكەن ،تاماكۇ، زەھەرلىك چىكىملىك ئىستىمال قىلغاندا تومۇر تۇتماسلىق لازىم . ;/O#4]2*  
7)         زىيادە تويۇپ كەتكەن،ياكى ئاچ قالغاندا، قاتتىق ئۇخلىغان ياكى ئۇيقىسىز قالغاندا تومۇر تۇتماسلىق لازىم . 2?7(A  
8)         تومۇر تۇتقاندا تۇتۇش بېسىمى مۇئاپىق بولۇشى، ئورۇق كىشىلەرنى بوشراق بېسىم بىلەن، سېمىز كىشىلەرنى چوڭراق بېسىم بىلەن تۇتۇش لازىم . #(;<-7M2  
9)         تومۇر تۇتقاندا پۈتۈن دىققىتى بىلەن تومۇر تۇتۇش، تومۇردىكى ئۆزگۈرۈشكە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارنى سوراش، قالايمىقان سۇئاللارنى سورىماسلىق، كەمتەر، سەمىمى، ئەستايىدىل، ئېھتىياتچان بولىشى لازىم | }&RXD  
تومۇر سوقۇشقا تەسىر كۆرسۈتىدىغان ئامىللار: ?,knit2x  
تومۇر سوقۇشقا تەسىر كۆرسۈتىدىغان ئامىللار نۇرغۇن بولۇپ، ئۇنىڭ تومۇر تۇتۇپ دىئاگۇنۇز قويۇشتا ئەھمىيتى ئىنتايىن موھىم . بۇ ئامىللار تۆۋەندىكىچە : "?}uQ5f  
جىنسى ئايرىمىسىنىڭ تومۇرغا تەسىرى: ئىنسانلارنىڭ جىنسى ئايرىمىسى ئوخشاش بولمىغاچقا ئۇلارنىڭ تومۇر سوقۇشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن : ئەرلەرنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى ئاياللارغا قارىغاندا مۇستەھكەم، كۈچلۈك، ئىسسىقراق، بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاياللارغا قارىغاندا كۆپرەك جىسمانىي ئەمگەك ۋە پا.الىيەت بىلەن شۇغۇللۇنىدۇ، ئىستىمال قىلغان ئوزۇقلۇقلىرىمۇ كۈچلۈكرەك،قۇۋەتلىكرەك بولىدۇ. قۇۋىتى ھايۋانىسىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا تومۇرى كۈچلۈك ،توم سالىدۇ. تومۇرنىڭ كىڭىيىش تارىيىش ھەركىتىمۇ ئۇزۇنراق، جىملىق دەۋرىمۇ قىسقىراق بولىدۇ. ئاياللار بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە تومۇرى ئەرلەرگە قارىغاندا ئاستىراق، ئاجىزراق، سالىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردا ئايلىق ھېيىز كۆرۈش، ھامىلدارلىق رىيەكسىسى قاتارلىقلارمۇ تەسىر قىلىپ تومۇردا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدۇ.
 مىزاجنىڭ تونۇرغا بولغان تەسىرى: ئىنسانلارنىڭ مىزاجى ئوخشىمىغاچقا ئۇلارنىڭ تومۇرىدا ماس ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدۇ. تومۇردىكى بۇ خىل پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىۈان ئامىللار ئاساسلىقى يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كغچى، تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقى، قاننىڭ قويۇق سۈيۈقلۇق دەرىجىسى، ۋە ئەتراپ قارشىلىق كۈچتىن ئىبارەت. قارمۇ قارشى كەيپىياتلارنىڭ تەسىر قىلىشى تومۇرلاردا پەرىق پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن : قان مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ تومۇرىنىڭ توم ،دولقۇنلۇق سېلىشى ئۇلارنىڭ بەدىنىدە قان خېلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولغاچقا تەبىئى مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. ھۆللۈك ماددىلارنى يۇمشۇشتۇش، بوشۇتۇش، سىلىقلاشتۇرۇش، ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش تەسىرىنى بەرسە، ئىسسىقلىق ماددىلارنى قىزتىشئارقىلىق ھەركەت پەيدا قىلىش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق تەسىرلىرىنى بېرىدۇ. يۈرەك قان تومۇرنىڭ مىزاجى ھۆل ئىسسىق بولۇپ بۇ ئىككى خىل ھۆل ئىسسىقلىق ئۆز-ئارا تەسىر قىلىش ئارقىلىق ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ماددا ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ، قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ، يۇرەك موسكۇلىنىڭ قوزغۇلۇشچانلىقىنى ۋە قىسقىراشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ، يۈرەكنىڭ چىقىرىش مىقتارىنى ئاشۇرىدۇ، يۈرەك قىرىنچىسىدىن چىقىرىلغان قان ئىلاستىكىلىقى ياخشى بولغان قان تومۇر دىۋارىغا ئۇرۇلغاندا تومۇرنىڭ دولقۇنسىمان، كۈچلۈك سوقۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قان مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ قۇۋىتى ھايۋانىسى كۈچلۈك، قان تومۇر ئىلاستىكىلىقى شۇنچە ياخشى، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنرەك، ئەتراپ قارشىلىق كۈچى تۆۋەن ياكى يوق دىيەرلىك بولغاچقا تومۇرى توم، دولقۇنلۇق سالىدۇ. بەلغەم مىزاجلىق كىشىلەردە بولسا تومۇرى توم ئاستا سالىدۇ .ئۇلارنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولىدۇ.  بۇ خىل ھۆل سوغۇق كەيپىيات بىلەن يۈرەك قان تومۇرلارنىڭ مىزاجىدىكى ھۆل ئىسسىقلىق كەيپىيات  ئۆز-ئارا تەسىر قىلىش ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى تېخىمۇ كآچەيتىۋىتىدۇ..نەملىكنى ئاشۇرۇپ بوشىتىدۇ يۈرەك ھەركىتى ئاستىلايدۇ. يۈرەكنىڭ قىسقىراش كۈچى ئاجىزلاپ ئاستا سوقۇشقا باشلايدۇ.بونىڭ بىلەن ئاستا سوقىۋاتقان يۈرەك قىرىنچىسىدىن چىققان قان ئىلاستىكىلىق تېخىمۇ ياخشى بولغان قان تومۇر دىۋارىغا ئۇرۇلغاندا توم ،ئاستا سوقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق كۈچى ئاجىزراق، تومۇر ئىلاستىكىلىقى يۇقىرى، قاننىڭ قويۇقلىقى تۆۋەنرەك، ئەتراپ قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاچقا  تومۇرى توم، ئاستا سالىدۇ. Td\o9  
سەپرا مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ تومۇرىنىڭ تىز، ئىنچىكە سېلىشىدىكى سەۋەپ : ئۇلارنىڭ بەدىنىدە سەپرا خېلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولغاچقا مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق بولىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق كەيپىيات قان تومۇرلارنىڭ ھۆل ئىسسىق كەيپىياتىغا تەسىر قىلىش ئارقىلىق ھۆللۈك بىلەن قۇرۇقلۇق كەيپىيات ئىككىسى  بىر بىرىنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلەشتۈرىدۇ، قۇرۇقلۇق كەيپىيات ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ قان تومۇر ئىلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلەشتۈرىدۇ. ئىسسىقلىق كەيپىيات بەدەندىكى ھۆللۈكنى ئازايتىپ يۈرەك ھەركىتىنى تىزلەشتۈرىدۇ، تومۇرلارنىڭ سوقۇشىمۇ تىزلىشىدۇ. يۈرەك ھەركىتىدىكى تىزلىك بىلەن قان ئېقىمى تىزلىشىپ، سول قىرىنچىدىن چىققان قان ئېقىمى ئىلاستىكىلىقى تۆۋەن بولغان قان تومۇر دىۋارىغا ئۇرۇلۇپ تومۇرنىڭ تىز، ئىنچىكە سېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپرا مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كۈچى كۈچلىك، قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەن ، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرجىسى يۇقۇرى، ئەتراپ قارشىلىق كۈچ يۇقۇرى بولغاچقا تومۇرى تىز، ئىنچىكە سالىدۇ. PgM(l3x  
سەۋدا مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ تومۇرىنىڭ ئاستا، ئىنچىكە سېلىسىدىكى سەۋەپ ئۇلارنىڭ بەدىنىدە سەۋدا خېلىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن بولغاچقا مىزاجى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ. قۇرۇق سوغۇق كەيپىيات قان تومۇرلارنىڭ مىزاجىدىكى ھۆل ئىسسىق كەيپىيات بىلەن تەسىر قىلىش ئارقىلىق يۈرەك خىزمىتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ، يۈرەك قىرىنچىسىنىڭ قىسقىراش كۈچى تۆۋەنلەپ سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. قان تومۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئاجىزلايدۇ. ئاجىز سوققان يۈرەق سىقىپ چىقارغان قان ئىلاستىكىلىقى تۆۋەن بولغان قان تومۇ دىۋارىغا ئۇرۇلۇپ تومۇرنىڭ ئاستا، ئىنچىكە سېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ قۇۋىتى ھايۋانىسى تۆۋەنرەك، قان تومۇرنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنرەك، قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى يۇقۇرى، ئەتراپ قارشىلىق كۈچ يۇقۇرى بولغاچقا تومۇرى ئاستا ،ئىنچىكە سالىدۇ. دىمەك تومۇرلاردىكى بۇ پەرىقنىڭ پەيدا بولىشى يۈرەكنىڭ قۇۋىتى ھايۋانىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . يۈرەكنىڭ ھاياتلىق كۈچى قانچىكى يۇقۇرى بولىدىكەن قوزغۇلۇشىمۇ شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. قان تومۇر ئىلاستىكىلىقى قانچە ياخشى بولسا قاننىڭ قويۇق- سۈيۈقلۇق دەرىجىسى قانچە تاخشى بولسا ئەتراپ قارشىلىق كۈچ قانچە تۆۋەن بولسا تومۇر ھەركىتى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. ئۇنىڭ دىئاگۇنۇز قويۇشتىكى ئەھمىيتى ئىنتايىن موھىم .
ئۇيغۇر تېبابەت تەشخىس ئىلىمىدىن ئېلىندى..
AnaTuprakتەرىپىدىن تەستىقلاندى  
مىللىتىم ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن...كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە ئەڭ شىرىن بولىدۇ
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بۇلايمۇ؟ يىلتىزمۇ؟
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 289 
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 26
  شۆھرىتى: 2 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1470 يۈەن
  تۆھپە: 2 قېتم
  ياخشى باھا: 2 قېتىم
  ۋاقتى: 628سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-29
  كىرىشى: 2010-11-26
1قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-15 13:43 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بۇ تۇمۇر تۇتۇشمۇ نەچچە خىلغا بۈلۈنىدىكەن تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بۇلايمۇ؟ يىلتىزمۇ؟
ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 24 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە799دانە
  نادىر تىما: 9
  يوللانما: 799
  شۆھرىتى: 246 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 6850 يۈەن
  تۆھپە: 204 قېتم
  ياخشى باھا: 146 قېتىم
  ۋاقتى: 2993سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-07
  كىرىشى: 2010-11-27
2قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-15 18:18 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئۆزگىچە پايدىلىق تېما بىلەن باسقان قەدىمىڭىزگە مەرھابا ، يېڭى ساغلاملىق بىلىملىرىگە موھتاجمىز . تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
anatuprak
چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
‹‹يەتمەكلىك ئىرۇر مۈشكۈل،مەقسەتكە يېتەر كىم با ..
دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 741 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە131دانە
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 131
  شۆھرىتى: 51 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2525 يۈەن
  تۆھپە: 41 قېتم
  ياخشى باھا: 37 قېتىم
  ۋاقتى: 2388سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-08
  كىرىشى: 2010-11-25
3قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-15 20:19 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مەنمۇ يېقىندا تىبابەت توغۇرلۇق بىر نەرسە يوللاي دىگەن ئىدىم ،يوللاپ ياخشى قىپسىز،قېرىندىشىم، تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئەللامە
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 1514 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 16
  شۆھرىتى: 3 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1160 يۈەن
  تۆھپە: 2 قېتم
  ياخشى باھا: 2 قېتىم
  ۋاقتى: 29سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-09-15
  كىرىشى: 2010-10-05
4قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-16 00:21 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مەنمۇ مۇنبەر ئۇچۇن،بارلىق قېرىنداشلىرىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.... تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
مىللىتىم ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن...كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە ئەڭ شىرىن بولىدۇ
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 1575 
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 17
  شۆھرىتى: 2 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1150 يۈەن
  تۆھپە: 2 قېتم
  ياخشى باھا: 2 قېتىم
  ۋاقتى: 917سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-09-17
  كىرىشى: 2010-11-01
5قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-10 20:04 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ۋاي خۇدا بەزى ئىبارىلەر سەل ھاپ كېتىپ قالدىمۇ نېمە؟   " قەدىمقى ئۇيغۇر خىلقى نەچچە ئون مىڭ يىللىق داۋالاش ئەمىلىيتى جەريانىدا تومۇر تۇتۇش ئارقىلىق بىمارلارنىڭ كىسەللىكلىرىدىكى قانۇنىيەتلەرنى تپپىپ چىقىقان" va/m~k|i  
ci,+Bjc  
نەچچە ئونمىڭ يىل ئاتالغۇسى  خاتا بولۇپ قاپتۇ Xog/O i  
----- تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 1866 
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 35
  شۆھرىتى: 11 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1325 يۈەن
  تۆھپە: 9 قېتم
  ياخشى باھا: 5 قېتىم
  ۋاقتى: 246سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-10-06
  كىرىشى: 2010-11-21
6قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-10 22:18 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

  ئىملا خاتالىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بۇ يازمىدا سو  يوق .   كاتتا بىلىمدە بۇ !!!      تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئەگەر كۇچۇم يەتسە،QQنى ئىجاد قىلغان ئادەمنىڭ ، مىڭىسىنى چۇۋۋىتەتتىم .
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما