باش بەت | ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر | ناخشا MP3 | ناخشا MTV | تىما بېزەش رەسىمى | رومانتىك رەسىم | تور ئويۇنلىرى | QQ چىراي ئىپادىللىرى| دېھقانچىلىق مەيدانى

ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 624 قېتىم كۆرۈلدى
بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بو  ..
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 42 
  جىنسى: ئايال
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە493دانە
  نادىر تىما: 8
  يوللانما: 493
  شۆھرىتى: 152 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 4359 يۈەن
  تۆھپە: 69 قېتم
  ياخشى باھا: 47 قېتىم
  ۋاقتى: 2721سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-08
  كىرىشى: 2010-11-27
0قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-12 16:17 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 كىچىككەن ئەقىل

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما sansiz0903 تەرىپىدىن نادىرلاندى(2010-09-12)
كىچىككەن ئەقىل
LzVvUVk  
a91Q*X%  
ھېكايە     1?(mE7H#  
~X;(m<f2  
'FBvAk6  
ئاپتۇرى: ساپتىلەك (ئىجادىي ئەسەر)
&%Hj.  
2|~& x~  
#k=!>%+E  
ظاخشام بۇ ظاۋات شەەەرگە كېلىپلا شەەەر مەركىزىگە جايلاشقان ەەيۋەتلىك مېەمانسارايدىن پۇلنىڭ كأزىگە قارىمايلا ظاچقۇزغان ەەشەمەتلىك ياتاقتىن ەوزۇرلىنىپ ظۇخلاپ ظارام ظېلىش تۇگۇل، ظالدىنقى كۈنىدىكى كأڭۇلسىزلىك تۇپەيلىدىن تەڭ كېچىگىچە تىگى يوق خىياللارغا بەنت بولذپ پەقەت تاڭ سذزذلگەندىلا ظاز-پاز كأز يۇمغاچقىمۇ كەيپىياتىم ظالدىنقى كۈندىكىدىنمۇ بەتتەر ظورنۇمدىن تۇردۇم. ظەسلىدە بۇ شەەەرگە ظالايىتەن بىر كۈن سوراپ دۇختذرخانىغا كېسەل كأرسەتكىلى كەلگەن بولساممۇ لىكىن قولۇم ەېچ ظىشقا بارمىغاچقا دۇختذرخانىغا كىرىشمذ خۇش ياقماي، ظاۋات بازارنى بىر ظايلىنىپ چېقىشنى قارار قىلدىم. يىرىم كۈن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ كىيىم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت بويىملىرى بازىرىنى يالغۇز ظايلىنىپ چىقتىم. مېنىڭ دۇستلىرىم، ظايال خىزمەتداشلىرىم  كۆڭلى پاراكەندە بولغاندا ظأزى خالىغان كىيىم ياكى زىننەت بويىمىنى سېتىۋالسا ياكى دۇستلىرى بىلەن ظەڭ ياخشى كأرىدىغان نەرسىلىرىنى يەپ، ظىچسە تۇرۇپلا بارلىق خاپىلىقلىرىنى ظۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئېدى. ظەپسۇس، مەن شۇنداق قىلىپ كأڭلۈمنى ظاۋۇندۇرامەن دەپ ظويلىغان بولساممۇ، شذ ظاۋات قايناق بازاردىكى  بىرەر نەرسىمۇ ماڭا يارىمىغاندەك سېتىۋىلىشقا كأڭلۈم بارمىدى. 10-ظاي مەزگىلى بولسىمۇ ظىسسىقنىڭ تەپتى تېخى تولۇق يانمىغان ظېدى. سەەەردە سۇغۇق، چۈش مەزگىلى ظىسسىق بولغاچقا كىيىۋالغان ظۇزۇن يەڭ كىيىمىممۇ ماڭا ظېغىر كىلىۋاتقاندەك ئېدى. كەيپىياتىمنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىنمۇ شذنچە چىرايلىق، پاكىز شەەەرمۇ زىرىكىشلىك، كۆرۇمسىز كأرۇنىۋاتاتتى.چۈشتە بىكەتنىڭ قارشى تەرپىدىكى ظاشخاندىن تاماق يەپ چىقىپ، ظىچىمدە تۇختىماي ظأتۇشۇپ تۇرغان ماشىنىلارنى مىڭنى تىللاپ تۇرۇپ يولنىڭ قارشى تەرپىگە ظأتتۇم. كىمدۇ بىرسىنىڭ چاقىرغاندەك ظاۋازىنى غىل-پال ظاڭلاپ ظارقىمغا ظأرۈلدۇم. راست بىر ناتۇنۇش ظەر مېنى چاقىرۋاتقان ظېدى. YA^9, q6u?  
       _تىچلىقمۇ؟ سىزمۇ xxx ناھىيىسىگە بارىسىزغۇ ەە؟ %h%r6EB1F  
       _شۇنداق، بىرە ظىش بارمىدى؟_دېدىم مەن سوغۇقلا. .: 7h=neEW  
       _ەە، مەن ظاۋۇ ماشىنىنى يېڭىلا سېتىۋالغان،_دېدى ناتۇنۇش ظەر بىكەتنىڭ يىنىدىكى بوش جايغا تۇختۇتۇپ قويغان قارا رەڭلىك ماشىنىنى كأرسۇتۇپ،_ماۋۇ ظىككەيلەن چىقىۋالماقچى بولغان، سىزمۇ چىقىۋالامسىز؟ ((dG<  
      _بولىدۇ، كىرا ەەققىچۇ، قانداق بېرىمەن؟_دېدىم مەن ظۇ ظەر كأرسەتكەن ظىككى كىشىگە قاراپ قويۇپ. <{-DYRiN  
      _ظاپتۇبۇسنىڭ ەەققىنى بەرسىڭىزلا بولدى. 1<R\V  
      _ظۇنداقتا بىكەتتىلا چۈشۈرۈپ قويمايسىز ەە، ظأيگىچە ظاپىرىپ قويىسىز،_دېدىم مەن. G8oQSo;D  
       ماشنىنىڭ يىنىك تەۋرىتىشى،  ئۈنئالغۇدىن چىقىۋاتقان لەرزان مۇھاببەت كۇيلىرى مېنى يەنە تېگى يوق خىياللارغا غەرق قىلدى. كۆزلىرىم ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن كۆرۇنۇپ تۇرغان يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى گىياھسىز زىرىكىشلىك چەكسىز سايلىققە تىكىلگىنىچە ئۆتكەن كۈنلىرىمنى ئەسلەشكە باشلىدىم. قەلبىمنى چۇلغىغان چەكسىز غىرىپلىق ئىچىمنىڭ ئۆرتەپ، ئاچچىق بىر سىزىم بىشىمدىن كىرىپ، تاپىنىمدىن چىققاندەك بولدى. ‹‹بولدىلا خىيال قىلماي›› دەپ ئويلىدىمدە كۆزلىرىمنى چىڭڭىدە يۇمدۇم. 'ZDa*9nkF  
      _ھەي، ھىلىقى ئاداشنى دەيمىنا، مەھەللىدە بىر ئوبدان ئەركەكتەك يەر تۇرسا تىرىماي، يەر ئاچتىم سەپ ئادەم بارمايدىغان سايلىقتىكى خۇتۇن خەقتەك يەرنى تىرىيمەن دېگىنىنى دەيمەن...... o!H"~5Trv!  
     ماشىنىنىڭ ئارغا ئورۇندىغىدا ئولتۇرغان سېمىز ئەر شۇپۇرغا شۇ گەپلەرنى دەۋەتقاندا، كۆڭلۈمدە ‹‹توۋا، يەرنىمۇ ئەرخەقتەك، ئايال خەقتەك دەپ ئايرىغىنىنى دەيمىنا›› دەپ ئويلۇدۇمدە، ئۆزەمچە كۆلگۈم كىلىپ، دېمىقىمنى يېنىك قىقىپ قويدۇم. \|&5eeE@  
     _سىزگە كۈلكىلىك تۇيۇلدى ھە بۇ گەپ،_ دېدى شۇپۇر. oL6_Ya  
     _شۇنداق، ئەمدى سىلەر ئەرلەر يەرنىمۇ ئايرىپ، ھۇسۇللۇق يەرنى ئەركەك، ھۇسۇلسىز يەرنى چىشى دەپ ئايرىپ ئولتۇرغىنىڭلارغا كۈلۋاتىمەن،_دېدىم مەن. "iydXV=Q  
     _چاخچاق، بىز شۇنداق قىزىقارلىق پاراڭلارنى قىلىپ ئولتۇرمىساق، سىز ئۇخلاپ قالىدىغاندەك تۇرىسىز، كېچىدىن ياخشى ئوخلىماپسىز ھە؟ _دەپ سورىدى شۇپۇر. G![1+2p:Tq  
     مەن ئۈندىمىدىم. (p2a{v}fEz  
     _كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەسكەن، شۇخ ناخشا قويۇپ ماڭاي ھە،_دېدى شۇپۇر ۋە ‹‹قارا كۆز›› دېگەن خەلق ناخشىسىنى ئۈنلۈك ياڭرىتىۋەتتى. ناخشىغا ئەگىشىپ كەيپىياتىم راستىنلا كۆتۇرلۇپ قالغان ئېدى. شۇپۇر بىلەن ھېلىقى سېمىز ئەر ئارقا ئورۇندۇقتىكى خەنزۇنى گەپكە سېلىشقا باشلىدى.  خەنزۇ يولداش ئىچكىرىگە قۇرۇق مىۋە يۆتكەش جەريانىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ئۇيغۇر تىلىدا شۇنچىلىك راۋان سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ قىزىقارلىق پاراڭلىرىغا قوشۇلۇپ بەزىدە كۆلۇپمۇ كەتتىم. سېمىز ئەر بىلەن خەنزۇ يولداش مەنزىلگە كەلگەن ئىدى. ئۇلار ماشىنىدىن چۈشۈپ قىلىپ شۇپۇر بىلەن ئىككىمىزلا قالدۇق. ماشىنىنىڭ ئىچىنى يەنە جىمجىتلىق باستى. +<|w|c  
     _گەپ قىلىپ ئولتۇرىڭە، شۇپۇرنىڭ يېنىدىكى ئادەم جىم ئولتۇرۋالسا ياكى ئۇخلىسا شۇپۇرنىمۇ مۇگدەك باسىدۇ،_ دېدى شۇپۇر. %q!nTG U~  
    _شۇنداقمۇ، ئۇنداقتا سىز گەپ قىلىپ ئولتۇرسىڭىزمۇ ئۇخشاشقۇ،_دېدىم مەن  سۇغۇقلا. ]zm6;/ S  
    شۇپۇر جىمىپ قالدى. تۇيۇقسىز تېلېفۇنۇم ئۇچۇر كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بەردى. ](ninSX1w  
    _ھە، ئۆيدىكىلەر سۈيلەپ ئۇچۇر قىپتىمۇ؟ _دېدى شۇپۇر. HvngjP{>  
    شۇپۇرنىڭ جىق گىپىدىن بىزار بولغان كەيپىياتتا ئوغلۇمنىڭ كەچلىك قۇرساقنىڭ غېمىنى قىلىپ يوللىغان ئۇچۇرىنى ئوقۇپ بولۇپ جاۋاپ ئۇچۇر يوللۇدۇم. S,v`rmI  
     _مېىنىڭ تىلفۇنۇمنىڭ ئۇچۇرى ئېتىك ئىدى، ئاچالاسىزمۇ؟ _دېدى شۇپۇر. TvP# /qGgG  
     _ئاچىمەن، كىملىكىڭىزنى بېرىڭ، _دېدىم مەن ۋە شۇپۇرنىڭ ئۇچۇرىنى ئاپتۇماتىك ئېچىپ كىملىكى بىلەن تېلېفۇنىنى قايتۇرۇپ بەردىم. yqU++;6  
    _ئىچىلدىما؟ ھەنىم بولسا، مەن ئۇچۇر يوللاپ باقاي ئەمسە، _دېدى شۇپۇر، ئاندىن ماشىنىنىڭ سۇرىتىنى ئاستىلىتىپ، بىر قولىدا ماشىنىنىڭ رولىنى تۇتۇپ، بىر قولىدا تېلىفۇنىغا ھەرىپ كۇنۇپكىسىنى بىسىشقا باشلىدى. nZ*P:K t:  
    _تېلېفۇن نۇمىرىڭىزنى دەڭە، _دېدى شۇپۇر. Q&J,"Vxw  
    مەن دەپ بەردىم، شۇ ھامان تېلىفۇنۇمغا ئۇچۇر كىردى. قارىسام شۇپۇر تىلفۇنۇمغا  ‹‹مۇرادىل›› دېگەن ئىسىمنى كىرگۇزۇپ قويغان ئىدى. قارىغاندا بۇ شۇپۇرنىڭ ئىسمىدەك قىلاتتى. ئۇ يول بويى قىزى، ئۆزى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى.  بىز مەنزىلگە كەلگەن ئىدۇق. مەن ماشىنىدىن چۈشكەچ 35.00 يۇئەن پۇلنى شۇپۇرغا سۇندۇم. شۇپۇر خېلى تۇزۇت قىلىپ ئاندىن پۇلنى ئالدى ۋە ماڭا ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتىسىنى سۇندى. fS ~.K9  
    _ماشىنا لازىم بولسا تارتىنماي تېلېفۇن قىلىڭ،_دېدى شۇپۇر. ![ QQF|  
7I|%GA_  
مەن شۇپۇرنىڭ گېپىنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ، ماشىنىدىن چۈشۈپ، ئۇدۇل ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.   GXfVjC31z  
    يەكشەنبە، ھاۋا ئۇچۇق ئىدى. چۈشتە بالىلىرىم ئۈچۈن ھەپتە ئارلىقىدا دەرھال ئىتىپ بەرگىلى بولمايدىغان تاماقلاردىن پىتىر مانتىغا جىددىي تۇتۇش قىلۋاتاتتىم. ]ok>PH]  
     _ئاپا، تېلىفۇن، _ئوغلۇم شۇنداق دېگەچ تېلىفۇننى ماڭا بەردى. 9<#D0hh$  
    _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كىم؟ zgqw*)C~  
    _بۇ مەن، مۇرادىل. a%dx\&K  
    _خاتا ئۇرۇپ قالدىڭىزمۇ؟ سىزنى ھەجەپ تۇنىيالمىدىم. ! Cl/=0$[L  
    _ھەجەپ تېز ئۇنتۇپ قاپسىز، مەن شۇپۇر مۇرادىل....  sD8S2  
    مەن مەڭدەپ تۇرۇپلا قالدىم. كۆلۈمدە ‹‹بۇ ئادەم تېلىفۇن نومىرىمنى قانداق ئۇققاندۇ›› دەپ ئويلۇدۇم. x/=j$oA  
    _سىز.....، تېلىفۇن نومىرىمنى قانداق ئۇقتىڭىز؟ IMza 2  
    _ھېلىقى ۋاقىتتا ئۇچۇر يوللاي دېسەم ئۆزىڭىز دەپ بەرمىدىڭىزمۇ. &r%*_pX  
    مەن ئۆزەمنىڭ ھاڭۋاقتىلىغىمدىن شۇنداق تېرىكتىم. >|)0Amt  
    _ھە، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى؟ )\-";?sYky  
    _ياق، ئەھۋال سوراي دەپ شۇ.... AiZFvn[n8  
    _ھە، رەھمەت. ئۇنداق بولسا خۇش. 5vf t}f  
    مەن تېلىفۇننى دەرھال قويۋەتتىم. دېمىسىمۇ شۇ كۈنلەردە قويغان، تۇتقىنىمنى بىلمەيدىغان، شۇنچىلىك چىچىلاڭغۇ، ئۇنۇتقاق بولۇپ كىتىپ باراتتىم. دائىم نەرسىلەرنى قولۇمدا تۇتۇپ تۇرۇپ شۇ نەرسىنى ئىزدەپ پىرە بولاتتىم ئارقىدىن ئۇ نەرسىنىڭ قولۇمدا ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ئۆز-ئۆزەمگە ‹‹توۋا، مەن نېمە بولغاندىمەن›› دەيتىم ۋە ئۆزەمدىن تۇرۇپلا ئەندىشە قىلىپ قالاتتىم. N@6OQ:,[F  
    ئائىلەمدىكى سۇغۇق كەيپىيات، خىزمەتتىكى بىسىم تۇپەيلىدىن بەكلا ھېرىپ، چارچىغان ئىدىم. تۇرۇپ مېنى ھېچ كىم تۇنىمايدىغان يېراق جايلارغا كىتىپ نەچچە ۋاق تۇرۇپ كەلگىم كىلەتتى. ئەمما نېمىشقىدۇر ئۇنداق قىلالمايتتىم. يەنە شۇ ئىككى بالام ماڭا ئاز-تولا تەسەللى بولاتتى. SDHc[66'  
     بىر كۈنى كەچتە بالىلارنىڭ دادىسى_ئەسئەتنىڭ دۇستى خالىقنىڭ يىڭى كۆچكەن ئۆيىنى تەبرىكلەپ بارلىق دۇست-يارەنلەر خالىقنىڭ ئۆيىگە يىغىلدۇق. ئولتۇرۇش تولۇمۇ كۆڭۈللۈك ئاياقلاشتى. خۇشلۇشۇپ ئىشىك ئالدىغا چىقتۇق. بىر قولۇمدا ئۇخلاپ قالغان قىزىمنى، بىر قولۇمدا سۇمكامنى  كۆتۇرۇپ، ئەسئەتنى كۈتتۇم. ئۇ دەلدۇگۇنۇپ تۇرۇپ بىزنىڭ مۇتىسىكىلىتنىڭ يىنىدكى كىمدۇر بىرىنىڭ مۇتىسىكىلىتىغا ئاچقۇچ سېلىپ قىيىشىپ تۇراتتى. *O> aqu  
     _ئەسئەت، ئەنە بىزنىڭ  مۇتىسىكىلىت،_دېدىم مەن. بىراق گېپىمنىڭ ئايىقى چىقىپ بولغىچە ئەسئەت ‹‹ئۆلتۇرۋىتىمەن، سەن قانجۇقنى›› دېگىنىچە ئىتىلىپ كەلدى. مەن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم. شۇ زامان ئۇنىڭ ساۋاقدىشى تۇرسۇن قولۇمدىكى بالىنى ئالدى. ئايالى ‹‹تېز مىڭىڭ مەلىكە›› دېگىنىچە مېنى تارتتى. ئەسئەتنىڭ بىر نەچچە دۇستتى ئۇنىڭغا ئېسىلۋالغان ئىدى. بىز نەچچە ئۇن مىتىر ماڭمايلا خالىقنىڭ ئايالىنى بىزنى چاقىرىپ تۇختاتتى. UMuuf6  
     _ۋاي خۇدايىم، بۇ ئەسئەتنىڭ تەلۋە مىجەزى قاچان تۇگە ھە، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ جىنىم، ئۇ بەك مەست بولۇپ كىتىپتۇ. بىز تۇتۇپ قالدۇق، بىرئاز يىشىلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆيگە چىقسۇن. قۇرقۇپ قالارسىزمۇ؟ _دەپ سورىدۇ خالىقنىڭ ئايالى. iN_D8dI  
    _قۇرۇقمايمەن، _دېدىم مەن ئەلەمدىن ئاۋازلىرىم تىتىرەپ. خالىقنى ئايالى بىلەن خۇشلۇشۇپ ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە تۇرسۇن بىلەن ئايالى خۇشلىشىپ قايتىشتى. ئۆيگە كېرىپ، قىزىمنى ياتقۇزۋىتىپ، ئوغلۇمنىڭ بوش تۇرغان  ياتاق ئۆيىگە كىردىم-دە، ئىچىمگە پاتماي قالغان ئەچچىق ئەلەملىرىم يىغا بىلەن بىراقلا پارتىلاپ چىقتى. ئاۋازىمنى قويۋىتىپ ئىچى-ئىچىمدىن سەلدەك يامراپ كەلگەن يىغىلىرىم ئۆينى بىرلا ئالدى. ئازاپ، ئەلەم، خۇرلۇق ئىچىمگە پاتمايۋاتاتتى. ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن ئىچىم سەل بوشاپ يىغىدىن تۇختۇدۇم. ئۇرۇن راستلاپ ئەمدىلا يېتىشىمغا ئىشىك ناھايىتى قوپال، ئەنسىز ئۇرۇلدى، ئارقىدىنلا: Pzp+I}  
     _ئىشىكنى ئاچە،_ دېگەن ئاۋازدىن قۇرقۇپ، تىتىرەپ تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئەسئەتنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بەكمۇ تەستە سالدۇردۇم. ئۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ ئەمدى يىتىشىمغا ئەسئەت: d:hL)x  
     _كىلە، مېنىڭ يىنىمدا ياتە، باشقا ئاياللارنىڭ يېنىدىن ئۆتۇپ بولغىچە مەزىلىك ئەتىر پۇرىغان، ساڭا قاچانلا قارىسا تۇرقۇڭ شۇ، شۇنداق بولسىمۇ كۆڭلۇڭنى بىر خۇش قىلىپ قوياي ھە، _دېدى چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن مەسخىرلىك كۇلۇپ. oD#>8Aws  
     ئەسئەتنىڭ پات-پات دەيدىغان بۇ ھاقارەتلىك سۆزلىرىنى يۇرىكىمنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك پارە-پارە قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ياتماي مۇمكىنمۇ. بىشىمدا ھەر ۋاقىت تېگىپ كىتىش ئىھتىمالى بولغان بازغاندەك مۇشت تۇرسا. مەن يەنە ئامالسىز خۇرلۇققا چىداپ ئۇنىڭ يىنىدا ياتتىم. كۆزلىرىمدىن ئۇنسىز ئەلەملىك ياشلار تۆكۇلمەكتە ئىدى. بىرنەچچە مىنۇتتىن كېيىن ئۇ ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى. مەن يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم. zLQ#GF  
     توۋا، ئۇلۇغ ئاللا ئايال كىشىنىڭ كۆزلىرىنى شۇنچىلىك ياشلىق قىلىپ يارتىپتىكەن. بولمىسا نەچچە يىلدىن بىرى تۇختاۋسىز تۇكۇلۋاتقان بۇ ئەلەملىك ياشلىرىممۇ تۇگەپ كىتەر ئىدى. مەن يىغىدىن  تۇختاپ، گىرىم ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئولتۇردۇم. ئەينەكتىن ئەينى چاغلاردا نۈرغۇن يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە ئوت ياققان قويۇق كىرپىكلەر ئاستىدىكى ئاھۇ كۆزلەرنىڭ ئورنىدا كۆز جىيەكلىرى قىزارغان، ئولتۇرۇشقان كۆزلەر، ئاپپاق، سۇزۇك مەرۋايىتتەك جۇلالىق تىرىلەرنىڭ ئورنىدا قۇرقۇق چۈشمىگەن بولسىمۇ ئەمما كىپەك ئۆرلەشكە باشلىغان تىرىلەر  نامايەن بولدى. نەچچە يىللار بۇرۇن ئوتۇمدا كۇيگەن ئەسئەت ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۋاتقان نەچچە يىگىتلەردىن غالىپ كىلىپ، مېنىڭدەك مەھەللىمىزنىڭ گۇلى بولغان رەنا سۈپەت گۈزەل بىر قىزنى ئەمىرىگە ئالغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، ئوغلۇمنى تۇغۇپ بولغىچە مەيدىسىنى كىرىپ يۇرگەن ئىدى. ئوغلۇمنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشى ئۇنىڭغا ئامەت ئېلىپ كىلىپ، ئىشلىرى تازا رۇناق تىپىپ، يانچۇقى تومپايغاندا ئەھۋال پۇتۇنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى. مانا ئانىنىڭ ئەتىۋارلىق، گۈزەل قىزى، ئەسئەتنىڭ ئەينى چاغدىكى پەخىرلەنگەن گۈزەل رەناسى شۇ ئەسئەتنىڭ قولىدا خۇرلىنىپ پايخان بولغان ئىدى. q^1aPz  
     تۇرمۇشتىكى تۈرلۇك كۆڭۈلسىزلىك بىلەن زىرىكىشلىك قىش پەسلى ئۆتۇپ، ئەتىيازمۇ كېتىپ، ياز كەلدى. تەبىئەت يېشىللىق بىلەن پۈركىنىپ، ئەتراپ رەڭگا-رەڭ گۈللەرنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن تولغان ئىدى. كىتابخانىدا تۇزۇكرەك خىرىدار بولمىغاچقا قولۇمغا چىققان بىر كىتابنى ئەمدى ۋاراقلاپ تۇرىشىمغا تېلىفۇنۇم سايراپ، ئالى مەكتەپتە بەش يىل بىر ياتاقتا، بارنى تەڭ يەپ، قىرىنداشلاردەك ئۆتكەن دۇستۇم ھەم ساۋاقدىشىم لالە يىللىق دەم ئېلىشىنى ئېلىپ، مېنى يوقلاپ كىلىدىغانلىقىنى ئىيتتى. بۇ خەۋەر مېنى شۇنچىلىك خۇشال قىلدىكى چۈشكىچە قولۇم ئىشقىمۇ بارمىدى. ئۇنىڭ كىلىدىغىنىغا يەنە ئىككى كۈن بولسىمۇ چۈشتىن كېيىن سوراپ، ئۆيلىرىمنىڭ بولۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە پاك-پاكىز تازىلاپ چىقتىم. گۆش ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋالدىم. مەن تەقازالىق بىلەن كۈتكەن كۈن يىتىپ كىلىپ، لالە بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ يۈز كۆرۈشتۇم. تەلىيىمگە لالە كىلىپ ئىككىنجى كۈنى ئەسئەت دۇستلىرى بىلەن ھەپتىلىك ساياھەتكە كىتىپ قالدى. شۇ كۈنى كەچتە تۇجۇپىلەپ چۈچۈرە ئەتتىم. تاماقنى يەپ بولۇپ، قول-قول تۇتۇشۇپ قازان-قۇمۇشلارنى يىغۇشتۇرۇپ، بالىلارنى ئۇخلۇتۇپ بولۇپ مۇڭدىشىشقا چۈشتۇق. مەن ئۆزەمنى شۇنچە تۇتىۋىلىشقا تىرىشقان بولساممۇ ئەمما كۆزلىرىمدىن تۆكىلىۋاتقان ياشلىرىمنى تۇختىتالمىغان ھالدا نەچچە يىلدىن بىرى تارتقان خۇرلۇقلىرىمنى ئىسەدەپ تۇرۇپ سۆزلەپ بىرىۋاتاتتىم. لالە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈپ ئولتۇرۇپ ئاڭلاۋاتاتتى. ئۆزىنى زادىلا تۇتىۋالالمىغان لالە مېنى چىڭ قوچاقالاپ ئۈن قويۇپ يىغلىۋەتتى. ئىككىمىز قۇچاقلىشىپ بىرھازا يىغلاشقاندىن كېيىن: x}&a{;  
     _جىنىم دۇستۇم، بىزنىڭ پەخىرىمىز، بىزنىڭ گۈلىمىز ئىدىڭغۇ. ئېسىت، مۇشۇ ناكەسنىڭ قولىدا شۇنچىلىك خۇرلىنىپسەنغۇ، بۇ دەرتلەرگە ھېلىمۇ چىداپسەن. شۇنچىلىك خۇرلانغىچە ئاجىرشىپ كەتسەڭ بولماسمىدى؟ _دېدى لالە قوللىرىمنى، يۈزلىرىمنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپ تۇرۇپ. Mf:M3H%YV+  
     _مېنى ئويلىمىدى دەمسەن، جىنىم دۇستۇم. مېنىڭ بىر گەپنى نەچچە ياندۇرۇپ دەيدىغان ئادىتىم يوقلىقىنى سەن بىلىسەن. شۇڭا مەن پەقەت ئىككى قېتىملا ئاجىرشىش تەكلىبىنى قويۇپ، گېپىمدە چىڭ تۇرۇپ باقتىم. بىراق ئەسئەت <ئىككى بالىنى ھەرگىزمۇ بەرمەيمەن، ئاجىراشساڭ شۇنداقلا چىقىپ كەت> دېگەن شەرتنى قويۇپ تۇرۋالدى. ئويلاپ باق، ئىككى يۈرەك پارەمنى تاشلاپ ياشاش مەن ئۈچۈن ھارام تۇرسا، مەن يەنە نېمىمۇ دىيەلەيمەن،_دېدىم مەن ئەلەم بىلەن. (+UmUx=  
     _ئەسلى ئەسئەتنىڭ سېنىڭدەك يۇۋاش، نېمە دېسە شۇنى بەجا كەلتۇرۇپ تۇرىدىغان خۇتۇننى قانداقمۇ قويۇپ بەرگىسى كەلسۇن، شۇڭا ساڭا سەن ئورۇندىيالمايدىغان شەرتلەرنى قويغان گەپ،_دېدى لالە. مەن ئىچى-ئىچىمدىن ئۆرتەپ تۇرۋاتقان ئەلەملىرىمنى ئارانلا بىسىپ ئولتۇرۋاتاتتىم. #_?TIY:h  
     _سەن بۇرۇندىن قانچىلىك كۆڭۈلسىزلىك تارتساڭمۇ ئۆزەڭنى تاشلىمايدىغان، يۇرۇش-تۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان بولغاچقا شۇنچە ئازاپ تارتىپمۇ مۇشۇنچىلىك تۇرۇپسەن، مەن بولسام ئالىقاچان تۇگىشىپ كىتەركەنمەن. بىراق مەلىكە، بۇنداق بولىۋەرسە كېسەل بولۇپ كىتىسەن، بۇرۇنقى خۇش پىچىم مىجەزىڭ يوقاپ، ھېچكىم بىلەن ئارلاشماس بولۇپ كىتىپسەن. كەچكىچە ئۆيگە بىكىنىپ ئەسئەتنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىدىلا يۇرسەڭ، ئۇ يەنە نېمىلەرنى قىلمايدۇ دەيسەن، بالىلىرىڭنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ، ئانچە-مۇنچە دۇستلىرىڭنى ئىزدە، چاي-پايلىغا قاتناش، باشقا جايلاردىكى ساۋاقداشلىرىمىزنى ئىزدە، بىر-ئىككى يىقىن ئادەملىرىڭگە ئىچىڭدىكىنى ئېيت، تۇرمۇشتا قىينالغان تەرەپلىرىڭ بولسا مەسلىھەت سورا. ئەسئەت سېنىڭ ئۆيدىن تالاغا چىقمايدىغان شۇ مىجەڭدىن سېنى نېمىلا قىلسام مەندىن ئايرىلالمايدۇ دەپ چۈشىنىپ، سېنى مۇشۇنداق بوزەك قىلۋاتقان گەپ، شۇڭا ئۇنىڭدىمۇ ئانچە-مۇنچە كۈندەشلىك ئوتىنى پەيدا قىل، ئەخلاقلىق، ئوبدان ئۆتىدىغان ئەر خىزمەتداشلىرىڭ، تولۇق ئورتىدا بىرگە ئوقىغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرىڭ  بىلەن تېلىفۇنلاش، ئەھۋاللاش. ئەسئەتمۇ ئاستا-ئاستا سېنىڭ مەۋجۇتلىقىڭنى ھىس قىلسۇن_دېدى لالە. بىز خېلى بىر كېچىگىچە مۇڭدىشىپ چىقتۇق. 5,-pBep<  
     لالە تۆت كۈن تۇرۇپ كىتىپ قالدى. ئۇ كەتكەندىن كىيىن جىق خىيال قىلىپ كەتتىم. تۇغرا بىر ۋاقىتتا ناھايىتى زور غەيرەت بىلەن ئاز-پاز بىشەملىك قىلىپ ئۇنىڭ تالاغا چىقىپ كەتكەن كۆڭلىنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدۇم، بىراق نەتىنجىدە مۇش-پەشۋانى يەتكىچە يىدىم. كىتابدا دېيىلگەن بويىچە مۇلايىم، ئىشچان، يۇۋاش-يۇمشاق بولدۇم، نەتىنجىدە ئۇ تېخىممۇ يۇغىناپ   ‹‹ گەپ قىلما تىلىڭنى كىسىمەن، قارىما كۆزىڭنى ئويىمەن›› دەيدىغان بولدى. شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەممۇ يەنە داۋاملىق خۇرلاندىم. شۇڭا ئەمدى باشقىچە يول تۇتۇپ بىقىش قارارىغا كەلدىم. لالە دېگەندەك دۇستلىرىمنى ئىزدىدىم. كەچقۇرۇنلاردا دۇستلىرىم بىلەن ئانچە-مۇنچە كوچا ئايلىنىدىغان بولدۇم. بۇرۇن مۇرادىل تېلىفۇن قىلسا ناھايىتى سۇغۇق ئالىدىغان بولسام، ھازىر ئۇنداق قىلمايدىغان بولدۇم. مۇرادىل بۇرۇن كۈن ئارلاپ تېلىفۇن قىلسا، ھازىر كۈندە بىرەر قېتىم تېلىفۇن قىلىدىغان بولدى. قىزىق يىرى بىز تېلىفۇندا ئۇنى-بۇنى دېيىشىپ پاراڭلاشساقمۇ لىكىن مەن ھازىرغىچە ئۇ  ئىسمىمنى، قاياردە ئىشلەيدىغانىمنى دەپ بەرمىگەچكە ئۇ تېخى بىلمەيتى. مەن ئۆزەمنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە  كىتاپخانىدا ‹‹ خانىم-قىزلارغا مەسلىھەت›› دېگەن كىتابنى ئوقۇپ ئولتۇراتتىم. kqD*TJA  
     _  ‹‹ قۇم باسقان شەھەر›› دېگەن رومان بارمىدۇ؟ _ دېدى بىرەيلەن. مەن بېشىمنى كۆتۇرۇپ ھاڭ-تاڭ قالدىم. ئالدىمدا مۇرادىل تۇراتتى.  ئارتۇق گەپ قىلمايلا روماننى ئىلىپ بەردىم. ئۇ ‹‹ئاخىرى سىزنڭ نەدە ئىشلەيدىغىنىڭىزنى بىلدىم›› دەپ ئاستا پىچىرلاپ، كىتابنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇرادىلدىن تېلىفۇن كەلدى. OxT}I  
      _ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەلىكەم، تېچلىقمۇ؟ gT(th9'+z  
      _ ۋەئەيكۇم ئەسالام، ئىسمىمنىمۇ سۇرۇشتۇرۇپ بىلىپ بوپسىزدە؟ SqXy;S@  
      _سۇرۇشتۇرمىدىم، سىلەرنىڭ رەسىمىڭلار، ئىش تەخسىماتىڭلار يىزىلغان تاختايدىن بىلىۋالدىم. 1mHwYT+  
      _سىزمۇ كىتاب ئوقۇيدىكەنسىز ھە؟ g.I(WJX0  
      _شوپۇرلارنى كىتاب ئوقىمايدۇ دەپ ئويلىغانما؟ مەن بىكار بولساملا كىتاب ئوقۇيمەن، ساخلاپ قويغان ھەر ئېسىل كىتابلىرىم بار. }_{y|NW  
     _شۇنداقمۇ؟  ‹‹ئىزدىنىش›› نىڭ دەسلەپكى نەشىرى بارمۇ؟ >vWEUE[  
     _بار، ئوقىسىڭىز سىزگە سۇغا قىلاي. 6exI_3A4jh  
     _ماقۇل، ئەمدى كەلگەندە ئالغاچ كىلىڭ. ^Xs%.`Gv/  
     _بولىدۇ، ئەمسە خۇش، كۆرۇشكىچە ئامان بولۇڭ. {(rf/:X!p  
     _ئامان بولۇڭ. VmN}FMGN  
     يەنە زىرىكىشلىك قىش پەسلى يىتىپ كەلدى. بۇ بىرنەچچە ئايدىن بىرى مىجەزىممۇ خىلى ئوڭشىلىپ، كەيپىياتىممۇ كۆرىنەرلىك ياخشىلىنىپ قالغان ئىدى. ئەسئەتنىڭ ماڭا دائىم كۆسىتىپ تۇرىدىغان نوچىلىقلىرى، ئورۇنسىز جىدەللىرى ئالدىدا بۇرۇنقىدەك ئۆزەمنى يوقىتىپ قويمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم. ئاياللار بىلەن ئوينايدىغان قاتار چايلىرىمنىڭ سانى كۆپەيگەن ئىدى. بىراق ئەسئەت مېنىڭ سىرىتلاردا يۇرىشىمنى پەقەت ياختۇرمىغاچقا بىرنەچچە قېتىم يۈزىمنى كۆكەرتىپمۇ بولدى. ئەمما مەنمۇ بولدى قىلمىدىم. مۇرادىلمۇ تېلىفۇن قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. ھەر قېتىم تېلىفۇن قىلغاندا بىرە قېتىم بولسىمۇ بىرگە تاماق يېيىشنى تەلەپ قىلاتتى. `-VG ?J  
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇ يەنە تېلىفۇن قىلدى. ئۇ بۇ قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلىپ بەكلا چىڭ تۇرۋالدى. قانداقلا كۆرسەتكەن بانايىمنى ئۇ ئۇرۇنلۇق گەپ بىلەن رەت قىلغاچقا ئاخىرى ئامالسىز تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشمەكچى بولدۇم. بىز ناھايە بازىرىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان چىرايلىق بىزەلگەن بىر ئارامگاھتا كۆرۈشتۇق. ئۇ بىر نەچچە قورۇما بۇيرىتتى. مەن شۇ جەرياندا ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم. ئۇ ھەقىقەتەن كىلىشكەن ئەر ئىدى. بىز تاماق يىگەچ ئولتۇرۇپ ئۇ يەر، بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. تۇرۇپلا پارىڭىمىز بىر مەھەل تۇختاپ قالدى. ئۇ ئارىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ مېنىڭ تۇرمۇشۇم تۇغۇرلۇق ئاڭلىغان، بىلگەنلىرىنى بىر-بىرلەپ سۆزلەشكە باشلىدى. ئازاپلىق كەچمىشلىرىم قايتا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى. @-0Fe9 n=  
      _يىغلىماڭ، مەن سىزنى يىغلىتىش ئۈچۈن بۇ گەپلەرنى دەۋەتمايمەن. سىزدىن بىسۇراق كەچۇرمىشلىرىڭىزنى باشقىلاردىن سوراپ بىلدىم، ئەسئەتنى مەن ئوبدان بىلىمەن. مەن دېگەن شوپۇر. سىزنىڭ كەچۇرمىشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ يۈرىكىم پىچاق تىققاندەك ئىچىشتى. سىزدەك ئېغىر-بىسىق، يۇۋاش، مۇلايىم، چىرايلىق بىر ئايالنىڭ بەختسىز بولۇپ قىلىشى كىمنىمۇ ئىچىندۇرمايدۇ دەيسىز. مەن سىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىلا خۇددىي بىر يىقىن تۇنىشىمدەك ماڭا تولۇمۇ يىقىملىق بىلىنگەن ئىدىڭىز. مانا بىر يىل بوپتۇ، سىز بىلەن ئۈچۈنجى قېتىم ئەسرا بوپتىمەن، راست گەپنى دېسەم دەردىڭىزگە دەرمان بولسام دەيمەن. سىز بىلەن كىيىنكى ھاياتىمدا بىرگە ئۆتۈپ، سىزنى بەختلىك قىلسام دەيدىغان ئارزۇيۇم بار، _دېدى مۇرادىل. مەن بۇ تاسادىبىلىقتىن نېمە دېيىشىمنى بىلمەي ئولتۇرۇپ كەتتىم. U+-F*$PO+  
      _ماڭا ھازىرلا جاۋاپ بېرىڭ دىمەيمەن، چۈنكى سىزنىڭ ئائىلىڭىز بار، ئۇ ئىشلىرىڭىزنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. مەن سىزنى ئىچى-ئىچىمدىن ياخشى كۆرگەچكە ھەم سىزگە بولغان ئۆمۇدۇمنى ئۇزمىگەچكە بىر ئاي ئىلگىرى ئاجىرشىپ كەتتىم. سىزنىڭمۇ ئۇ ئازاپلىق تۇرمۇشىڭىزنى بالدۇرراق ئاياقلاشتۇرشىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمەن. ئىككى بالىڭىز بىلەن خاتىرجەم ئائىلە قورۇپ سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بەختلىك ياشاشنى كېچە-كۈندۇز ئارزۇ قىلىمەن، _دېدى مۇرادىل ھاياجاندىن سەل تىتىرەپ. Hi^35  
      مانا شۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن كېيىن تۇرۇپلا ئىچىمگە پىچىر-پىچىر خىياللار كىرىپ، مېنى ئارامىمدا قويمىدى. دېمىسىمۇ قاچانغىچە خۇرلىنىپ ئۆتىمەن ھە،  مەن ئاخىرى ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ  ئاجىرشىپ كېتىش قارارىغا كەلدىم. چۈنكى ماڭا مۇرادىل تەرپىدىن بىرىلىۋاتقان چىن ۋەدىلەر، تاتلىق سۆزلەر مېنىڭ ئىرادەمنى تەۋرەتكەن ئىدى. BU`ckK\(  
      _بىز ئاجىرشىپ كىتەيلى، مېنىڭ بۇنداق ئۇزۇنغا سۇزۇلغان سۇغۇقچىلىقتا ئەمدى ياشىغىم يوق، _دېدىم مەن بىر كۈنى كەچتە ئەسئەت ئۆيدىكى چاغدا. wbb*nL|P  
      _نېمە دېدىڭ؟ دېگىنىڭ راستما؟ كۆزىڭ قىيامدۇ؟ $]C=qM28-  
      _قىيمايدىغان نېمىسى بار، راست دەۋاتىمەن. /0(%(2jIWl  
      _بىلىمەن، سەن قانجۇقنىڭ پۇچقىغىغا پىت چۈشكەنلىكىنىمۇ بىلىمەن، باشقىسىنى تىپىۋالدىڭ شۇنداقمۇ؟_دېدى ئەسئەت ئاغىزىنى بۇزۇپ. H<g 1m  
      _شۇنداق، تاپتىم قانداق، سەن........._ گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دېگىچە تارس قىلىپ تەككەن بىر شاپىلاق يۇزلىرىمدىن ئوت چىقىرىۋەتتى. ئارقىدىنلا تەككەن يەنە بىر مۇشت كۆزىمگە تىگىپ، كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى. ئەمدى مەن ئاجىرشىدىغان بۇ نىيىتىمدىن قەتئىي يانمايدىغاندەك قىلاتتىم. 'r\ 4}Ik  
     _بولىدۇ، ئەتە سوت مەككىمىسىگە بارايلى، ئالدىدىن دەپ قوياي، ئىككى بالىنى ئالىمەن دەپ خىيال قىلما، مەنمۇ سېنىڭدەك مەينەت خۇتۇن بىلەن ئەمدى ئۆي تۇتمايمەن، _دېدى ئەسئەت. @OzMiN  
     _ئىككى بالىنى دەستەك قىلما؟ ئالساڭ ئىلىۋە، مەن سەن بىلەن سوت مەككىمىسىگە بىرىپ، مۇرەسسەلىشىپ، نەچچە كۈنگىچە سۇرىشىپ يۇرگۇم يوق، خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىكى دۇستۇمغا تېلىفۇن قىلاي، شۇ يەرگە بىرىپ دەرھال بىر تەرەپ بولۇپ كىتەيلى،_دېدىم مەن زور غەيرەت بىلەن، ئاندىن خەلق ئىشلار ئىدارىسىدىكى دۇستۇمغا تېلىفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئىيتتىم. ئۇ مېنىڭ تۇرمۇش ئىشلىرىمدىن ئانچە-مۇنچە خەۋەردار بولغاچقا باشقا گەپ قىلمايلا بىر پارچە كىلىشىمنامە يىزىپ ئەتە سەھەردە كىلىشىمىزنى ئىيتتى. eIH$"f;L  
     شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئاجىرشىش گۇۋانامەمنى قولۇمدا تۇتقىنىمچە، ئۆزەمگە تىگىشلىك مال-مۆلكىمنى بىر كۇزۇپلۇق ماشنىغا بىسىپ، ئاپامنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەلدىم. _g~2R#2Q  
      _نېمە؟ بىر ئېغىز گەپمۇ قىلماي نېمىش بۇ؟ مەن ئاپىڭىزمۇ يە؟ قاراڭڭە بۇ قىلىقنى، ئىككى بالىنى تاشلاپ بىرىشكە ھەجەپ يۈرىكىڭىز چىداپتۇ ھە، ئېسىت، ئېسىت،_ئاپام قاينىغىنىچە ئاچچىق يۇتۇپ ھامامنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى. مەن ئېغىر بىر رۇھى بىسىمدىن قوتۇلغاندەك يەڭگىللەپ قالغان ئىدىم. نەرسە-كىرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ يىتىپ ئۇخلىغانچە ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇردۇم. بۇنداق تاتلىق ئۇخلاپ باخمىغىلى بەكمۇ ئۇزۇن بولغان ئىدى. بىراق بۇ يىنىكلىك پەقەت نەچچە كۈنلا داۋام قىلدى. ئاپانىڭ ئۆيىگە كىلىپ تۆتىنجى كۈنىدىن باشلاپ بالىلىرىم كۆزلىرىمگە كۆرۇنۇپ، پەقەتلا ئاراملىق بولمىدى. مەڭساممۇ، تۇرساممۇ، ياتساممۇ بالىلىرىمنىڭ سىيماسى. ئۇلارنى كۈندىن-كۈنگە سېغىنىپ چىدىماي قىلىۋاتاتتىم. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەن بىر كۈنى بالىلىرىمغا زادىلا چىدىماي، ئۇلارنى بىر كۆرىۋىلىش ئۈچۈن ئوغلۇم ئوقۇيدىغان مەكتەپنىڭ ئالدىدا دالدا بىر جايدا ئوغلۇمنى ساقلىدىم. ئالاھەزەل ئۇن مىنۇت ئۆتۈپ ئەسئەت ئوغلۇمنى تۆك ۋىلسىپىتكە مىندۇرۇپ ئەكەلدى. ئوغلۇم كۆز ئالدىمدىن يۇگۇرۇپ ئۆتۈپ، مەكتەپكە كىرىپ كەتتى. كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياش كۆز ئالدىمنى خىرەلەشتۇرگەن ئىدى. مەن يىغلىغان پىتى شۇ جايىمدا قانچىلىك تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. مەكتەپكە كىرىپ ئوغلۇم بىلەن كۆرۈشۈش نىيىتىگە كىلىپ يەنە بۇ خىيالدىن ياندىم. چۈنكى ئوغلۇم مېنى كۆرسىلا دادىسىنىڭ يېنىغا بارغىلى ئۇنمايدىغىنى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. بىر ئايدىن بىرى بالىلارنى سېغىنىش ئازابىدا ساراڭ بولاي دەپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە مۇرادىل تېلىفۇن قىلدى. 1fH<VgF`  
      _نەچچە كۈندىن تېلىفۇن قىلساملا ئالمايسىز، مىجەزىڭىز يوقمۇ؟ wPX*%0]  
      _ياق. le8 #Z}p  
      _بالىلارنى ئەسئەتتىن قايتۇرۇپ ئىلۋالغىلى بولماسمۇ؟ 0OnV0SIL  
      _ئۇ قەتئىي بەرمەيدۇ. uR$i48}  
      _كىيىنچە بىر داۋالىشىپ باقارمىز، كۆڭلىڭىزنى يىرىم قىلماڭ، چۇقۇم بالىلارنى قايتۇرۇپ كىلىمىز. ]A^4}CK^<  
      _رەھمەت. /&^W#U$4  
      _ئۇنداق تۇزۇت قىلماڭ. مەلىكەم، ئەتە، ئۆگۈن ئەلچى ماڭدۇراي دىگەن، سىزچە بولارمۇ؟ 36vgX=}  
      مەن ئۈندىمىدىم، شۇ تاپتا توي قىلىش دېگەن بۇ سۆز مەن ئۈچۈن تولىمۇ يات ئىدى. ,[e\cnq[  
       _گەپ قىلمايسىزغۇ؟ ئەگەر تېخى بالدۇر دەپ قارىسىڭىز، ئاۋال ئەلچى كىرگۇزۇپ قويۇپ، توينى كىچىكىپراق قىلساقمۇ مەيلى، _دېدى مۇرادىل سەمىمىلىك بىلەن. BUsV|e\  
       _ھازىرچە ماڭا توي تۇغۇرلۇق گەپ قىلماي تۇرۇڭ، مەن سەل ئۆزۈمگە كىلىۋالاي. LT VF8-v  
       مەن كۈندىن كۈنگە ئۆزۈمگە كىلىش تۈگۈل بالىلىرىمنىڭ پىراقىدا قولۇم ئىشقا بارماس، گىلىمدىن تاماق ئۆتمەس بولۇپ قالغان ئىدى. نەچچە رەت بۇرۇنقى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا پىرقىراپ يۇردۇم. بۇنى ئاڭلىغان ئاپام مېنى ئەيىپلەپ ھالىدىن كەتتى. ئاجىرىشىپ ئىككى ئاي بولمايلا مۇشۇنداق تۇگۇشۇپ كەتكەن ئىدىم. كىلىشىمنامىدە ئايدا بىر قىتىم بالىلارنى بىر كۈن ئىلىپ كىتىپ قارىسا بولىدۇ دىيىلگەن بولسىمۇ ئەمما ئەسئەت قىزىمنى شەھەردىكى ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋەتكەن ئىدى. ئوغلۇم بىلەن پەقەت ئاندا-مۇندىلا كۆرۇشتۇرۇپ قويغان ئىدى. يەنە بىر كۆرىشىدىغان ۋاقىتنى بارماق بىلەن ساناپ ئۆتكۇزىۋاتاتتىم. بىر كۈن خۇددىي بىر يىلدەك تۇيىلاتتى. _zMgoc7  
        ئەتىيازنىڭ شاماللىق بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن مىجەزىم يوق، ئۆيگە قايتىپلا ئۇخلاپ قاپتىمەن. قانچىلىك ئۇخلۇدۇم ئەيتاۋۇر ئەتراپقا قاراڭغۇلۇق يىيىلغان چاغدا شۇنداق قاتتىق چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتىم. بالىلىرىم چۈشۈمگە كىرىپ قالغان ئىدى. ياستۇق ئاستىدىكى بالىلىرىمنىڭ رەسىمنى ئېلىپ مەيدەمگە بىسىپ ھۆركىرەپ يىغلاپ ئۆزەمنى زادىلا باسالمىدىم. مەيدەمگە مۇشتلايتتىم، چاچلىرىمنى يوللاتتىم. يىنىكلىك بىلەن ئاجراشقىنىمغا مىڭ بىر پۇشايمان قىلاتتىم. ئاھ-پەريات چىكەتتىم. ماڭا تەلمۇرۇپ تۇرغان ئىككى بالامنىڭ سىيماسىنىڭ كەينىدە ئەينى چاغدىكى چۇڭقۇر مۇھاببەت بىلەن تىكىلىپ تۇرغان ئەسئەتنىڭ سىيماسىمۇ نامايەن بولماقتا ئىدى. ئەمدى ھېس قىلدىمكى ئەسئەتنى ھېلىھەم سۆيەتتىم.  ئۇنىڭغا بولغان مۇھاببەت ئوتلىرى قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدا يىلىنجاپ تۇراتتى. مېنىڭ ئازاپلىق پەرياتىمغا چىدىمىغان ئاپام مېنى چىڭ قۇچاقلاپ مەن بىلەن تەڭ ياش تۆكەتتى. =d)-Fd2li  
       _جىنىم بالام، يالغۇز بالا دەپ كۆزلىرىڭىزگە قاراپ چوڭ قىلسام، ھەجەپ بىتەلەي بولۇپ قالدىڭىز، بۇنچىلىك ئازاپلىنىدىغان ئادەم نېمە دەپ يۈرىكىڭىزگە قولىڭىزنى سېلىپ باخمىغان بولغىيتىڭىز؟ مەنمۇ سىزنىڭ تارتقان كۈنلىرىڭىزگە چىداپ، بوپتۇ مۇشۇ قىزىم ئۈچۈن چىداي دەپ كەلسەم، شۇنداق يىنىكلىك قىلدىڭىز ئەمەسمۇ، قىزىم. ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق، ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويغىلى بولمىسا يە؟ ئېسىت بالام، جىنىم بالام....،_ئاپام يىغىدىن مەندىن بەتتەر تۇگىشىپ كىتەي دەپ قالغان ئىدى. مەن يەنە ئاپامنىڭ ئالدىدا تۇرىۋىرىشقا چىدىماي يۈگىرگىنىمچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. 1:M@&1L Yp  
      يۈگۈرۈپ كىتىپ بارىمەن، كۆزلىرىمدە ياش، قەلبىمدە پەريات. ئەقلىم تولۇمۇ كىچىككەن ئىدى. ئازاپلىرىم بىلەن قوشۇلۇپ قاراڭغۇ  كوچىغا سىڭىپ كىرىپ كىتىپ باراتتىم. سىم-سىم يىغىۋاتقان يامغۇر سۇيى بىلەن كۆزلىرىمدىن قۇيۇلۋاتقان ئازاپ ياشلىرى يۈزلىرىمنى ياق قەلبىمنى يۇماقتا ئىدى.
hA1-){aw3q  
])}(k  
U#&7p)4(  
2L?!tBw?1  
ئەسكەرتىش: ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئەسەر ھۇقۇقۇمغا ھۆرمەت قىلىڭ. VVP:w%yW  
       -Go 7"j  
'6y}ZE[  
     bayawanتەرىپىدىن تەستىقلاندى  
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(bayawan) ئىجادىي
  • مۇنبەر پۇلى:+40(tanha230) ھەقىقەتەن ئو ..
  • بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمۈد بار.
    ئەمدى ھېچنىمە يازمايمەن!!
    دەرىجىسى: ئالىي باشقۇرغۇچى

      تىزىم نۇمۇرى: 238 
      جىنسى: ئەر
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2002دانە
      نادىر تىما: 11
      يوللانما: 2002
      شۆھرىتى: 400 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 954 يۈەن
      تۆھپە: 348 قېتم
      ياخشى باھا: 105 قېتىم
      ۋاقتى: 2959سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-24
      كىرىشى: 2010-11-27
    1قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-12 16:57 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    ھېكايىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم...داۋامى باردەكلا ھىس قىلىپ قالدىم. $!&*xrrNM  
     راستىنى دىسەم نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم. M1KqY:9E  
    ئىچىمدىكى ئويلىغانلىرىمنى بۇ يەرگە يازسام تازا مۇۋاپىق بولمىغىدەك... HRB<YmP@  
    نادىر تىما يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.. ai0XL}!+  
    كىچىككىنە تەكلىپ: ھېكايىنىڭ باش تەرىپىدە ئىملا خاتالىقى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن. قايتا بىر قاراپ باققان بولسىڭىز. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    ئۆزۈمنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇلۇشنى خالىمەيمەن. چۈنكى مەن دىگەن مەن!
    سْــــــــــــــــــــــمِ اﷲِارَّحْمَنِ ارَّ ..
    دەرىجىسى: ئالىي ئەزا
      تىزىم نۇمۇرى: 295 
      جىنسى: ئەر
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە501دانە
      نادىر تىما: 1
      يوللانما: 501
      شۆھرىتى: 378 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 6504 يۈەن
      تۆھپە: 280 قېتم
      ياخشى باھا: 176 قېتىم
      ۋاقتى: 3204سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-29
      كىرىشى: 2010-11-27
    2قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-12 17:19 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

         كونىلار <<ئالتۇنباش داداڭ بىلەن قالعۇچە پاخمىباش ئاناڭ بىلەن قال>> دەپ بىكارغا ئېيتمىغان. ga`3 (  
         تېمىڭىز بولۇپمۇ تېمىنىڭ خاتىمىسى ناھايىتى ياخشى چۈشۈپتۇ. ئادەتتە ياخشى يىزىلغان بىر پارچە ئەسەرنىڭ ئاخىرى ئوقۇرمەندە تەپەكۇرىنى قوزغايدىغان تالاي سۇئاللارنى تەبىئىيلا شەكىللەندۈرىدۇ. مىسالەن ئالايلۇق؛ تېمىنىڭ ئاخىرىدا <<مەن يەنە ئاپامنىڭ ئالدىدا تۇرىۋىرىشقا چىدىماي يۈگىرگىنىمچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم>> دا مەلىكەم نەگە يۈگۈردى؟ مۇرادىلنىڭ قىشىغىمۇ ياكى ئەسئەتنىڭ(ئۆزىنىڭ) ئۆيىگىمۇ؟ ئەسئەت يەنە بۇرۇنقى ئائىلە زوراۋانلىقىنى يەنە داۋاملاشتۇرامۇ؟ ئەگەر يەنە داۋاملاشتۇرسا مەلىكەم يەنە بۇ بۇرۇختۇرما تۇرمۇشقا <<ئەلھەمدۇلىللا>> دەمدۇ؟ <<كىچىككەن ئەقىل>> زادى قايسى ئەقىل...؟ dUhY\v oQ  
          ئىجادىيەتلىرىڭىز تېخىمۇ مول-ھوسۇللۇق بولغاي! تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    anatuprak
    نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
    AnaTuprak.com
    دەرىجىسى: شەرەپلىك ئەزا

      تىزىم نۇمۇرى: 168 
      جىنسى: ئەر
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1378دانە
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 1378
      شۆھرىتى: 133 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 8954 يۈەن
      تۆھپە: 127 قېتم
      ياخشى باھا: 30 قېتىم
      ۋاقتى: 388سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-15
      كىرىشى: 2010-11-27
    3قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-12 18:22 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    تىمىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم،ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز،لىكىن مەنمۇ بۇ ھىكايىنىڭ تۈگىگەنلىكىگە ئىشەنگۈم كەلمىدى. .P[ _<8  
    3Nq N \5B:  
    گەدەنكەشنىڭ ئىنكاسى بىلەن ئوخشاش چىقتى ئويلىغىنىم..نادىر تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس،لىكىن كىشىلىك ھاياتتا پۇل بولمىسا بولمايدۇ .
    ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
    دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

      تىزىم نۇمۇرى: 24 
      جىنسى: ئەر
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە799دانە
      نادىر تىما: 9
      يوللانما: 799
      شۆھرىتى: 246 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 6850 يۈەن
      تۆھپە: 204 قېتم
      ياخشى باھا: 146 قېتىم
      ۋاقتى: 2993سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-07
      كىرىشى: 2010-11-27
    4قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-12 18:59 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    ھېكايە قۇرۇلمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ، تەپسىلات تەسۋىرى ، ئىچكى ھېس-تۇيغۇلار راۋان ، جانلىق ئىپادىلىنىپتۇ ، ئاخىرى سەل بىمەزگىل چۈشۈپ قالدىمۇ -قانداق ؟ a@@)6FM  
    ئىجادىيەتلىرىڭىز روناق تاپسۇن ~ تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
    بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بو  ..
    دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

      تىزىم نۇمۇرى: 42 
      جىنسى: ئايال
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە493دانە
      نادىر تىما: 8
      يوللانما: 493
      شۆھرىتى: 152 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 4359 يۈەن
      تۆھپە: 69 قېتم
      ياخشى باھا: 47 قېتىم
      ۋاقتى: 2721سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-08
      كىرىشى: 2010-11-27
    5قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-12 21:19 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    ھېكايە ۋەقەلىكىنى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى يەنە يىزىپ، يەنە تۇزۇتۇپ يىزىش بىلەن بىرگە بەزى بايانلارغا كەلگەندە ئۆزەممۇ سەل ھاياجانلىنىپ قالغاچقا ئىملادا خاتالىق سادىر بوپتۇ. سەنسىزنىڭ تەكلىبىگە رەھمەت. 7"sD5N/>uh  
       41`n1:-]  
    ھېكايە ۋەقەلىكىنى مەن شۇنداق چۈشۈرۈشنى تۇغرا تاپتىم، چۈنكى مەلىكەمنى ئەسئەتنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بۇرۇختۇرۇملۇق تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يەنە تاشلاپ بەرگىم يوق. ئاپىسىنىڭ ئۆيىدە قالدۇرۇپ تېخىممۇ ئازاپقا قويغۇممۇ يوق. شۇڭا ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تىلەكلىرى بىلەن ھېكايىنىڭ داۋامىنى  تەسەۋۇر قىلىپ چىقىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمۈد بار.
    باش باھار
    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

      تىزىم نۇمۇرى: 1245 
      جىنسى: ئەر
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 184
      شۆھرىتى: 86 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 2060 يۈەن
      تۆھپە: 85 قېتم
      ياخشى باھا: 283 قېتىم
      ۋاقتى: 1593سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-08-30
      كىرىشى: 2010-11-22
    6قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-14 09:42 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    ھېكايە تىتىملىق چىقىپتۇ ، كىشىنىڭ تىلىنى ئۆزگىچە تەمگە ئېگە قىلىپ قويىدىكەن ... wo4;n9@I  
    U>YAdrx2a  
    كېچىككەن ئەقىلمۇ ياكى كىچىككەن ئەقىلمۇ ؟ تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    پەسىللەرنىڭ تاجىدۇر باھار ،
    كۆڭۇللەرنىڭ لىۋىدۇر باھار .
    دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
      تىزىم نۇمۇرى: 1638 
      جىنسى: ئايال
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 15
      شۆھرىتى: 0 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 1125 يۈەن
      تۆھپە: 0 قېتم
      ياخشى باھا: 0 قېتىم
      ۋاقتى: 194سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-09-21
      كىرىشى: 2010-10-16
    7قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-21 17:10 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    خۇدايىم ساقلىسۇن ئۇندا كۈنلەرگە قېلىشتىن!!! تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    دەرىجىسى: مېھمان
      تىزىم نۇمۇرى: 1612 
      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 2
      شۆھرىتى: 0 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 1065 يۈەن
      تۆھپە: 0 قېتم
      ياخشى باھا: 0 قېتىم
      ۋاقتى: 6سائەت
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-09-19
      كىرىشى: 2010-10-18
    8قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-10-10 01:00 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز . ئەگەر بۇ بىشىڭىزغا كەلگەن راس ۋەقە بولسا تىخىمۇ ياخشى ئويلىشىپ ئىش كۈرۇڭ . بالىنىڭ ئۇتى ھەقىقەتەن يامان لىكىن بالىنى دەپلا  يەنە ئىلگىركى تۇرمۇشىڭىزغا قايتسىڭىز مىنىڭچە ........ بولدىلا ،،،، بىشىغا شۇنداق ئىش كەلگەن مەندەك بىرەسى بىلەن ئەسرالىشىپ بىقىڭ خالىسىڭز چ چ رىمنى قىتىپ ماڭا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قۇيۇڭ . ? }Z1bH  
      1044950502 تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما