باش بەت | ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر | ناخشا MP3 | ناخشا MTV | تىما بېزەش رەسىمى | رومانتىك رەسىم | تور ئويۇنلىرى | QQ چىراي ئىپادىللىرى| دېھقانچىلىق مەيدانى

ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 3232 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تىما : كۈرەش رەجەپكە ئوچۇق خەت(يالقۇن روزى)
‹‹يەتمەكلىك ئىرۇر مۈشكۈل،مەقسەتكە يېتەر كىم با ..
دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 741 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە131دانە
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 131
  شۆھرىتى: 51 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2525 يۈەن
  تۆھپە: 41 قېتم
  ياخشى باھا: 37 قېتىم
  ۋاقتى: 2388سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-08
  كىرىشى: 2010-11-25
0قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-01 01:09 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 كۈرەش رەجەپكە ئوچۇق خەت(يالقۇن روزى)

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: بۇ يازما bayawan تەرىپىدىن قۇلۇپلاندى(2010-09-20)
كۈرەش رەجەپكە ئوچۇق خەت(يالقۇن روزى)
كۈرەش رەجەپكە ئوچۇق خەت Qd?P[xm  
K gX)fj  
Nb1lawC  
قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى، سىزنىڭ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 5-قانىلىنىڭ<<تەڭرىتاغ كۈيلىرى>> پىروگىراممىسىدا رىياسەتچى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىڭىزدىكى بىر بىمەنە قارىشىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ، ئاتايىتەن تېلىۋىزىيە ئىستانىسىغا بېرىپ سىزنى زىيارەت قىلغان 51-سان پىروگىراممىنى كۆرۈپ، كىشىلەرنى ئۆكۈندۈرگەن ھېلىقى قارىشىڭىزنى قۇرمۇ-قۇر خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ كەلدىم: .Ps;O  
رىياسەتچى: كۈرەشكا، سىز ئۇسۇل ئورۇنداش ياكى ئۇسۇل ئىجاد قىلىشتا بولسۇن ئۆز خاسلىقىڭىزنى يارىتالايدىغان سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنداقتا يىتىشىۋاتقان ياش ئۇسۇلچىلىرىمىزغا دەيدىغان قانداق گېپىڭىز بار ؟ c`QsKwa  
كۈرەش رەجەب: سىز بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر ئۇسۇلى ياكى باشقا مىللەت ئۇسۇلى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز شۇ ئىجاد قىلغان ئۇسۇلىڭىز، شۇ مىللەتكە تەۋە بولسۇن. بىر مىللەتنىڭ ئۇسۇل مەدەنىيىتى، ئۇسۇلنىڭ ھالىتى ئەبجەشلىشىپ كەتسە بۇنى تولدۇرۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. قوبۇل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى يوقىتىش ئورنىنى دەسسەپ قالسا، بۇ بىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىز. xWm'E2  
بىز ئاشۇ كىلاسسىك ئۇسۇللىرىمىزنى، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يارىتىپ بەرگەننى قۇچاغلاپ تۇرساق بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىقىنىڭ 10 تۈرىدىن باشقا قۇياش ئۇسۇلچىلىقى، قېلىچ ئۇسۇلچىلىقى، ئات ئۈستى ئۇسۇل قاتارلىق نۇرغۇن جەڭگىۋار ئۇسسۇللىرىمىز بار. ئەلۋەتتە ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، بەزى ئۇسۇللىرىمىز مۆمىن چىراي بولۇپ قالدى. ئاستا ئوينايدىغان ، كىيىملەر ئۇزۇن، باش كىيىمىمىز ئېغىر بولۇپ جەڭگىۋارلىقىمىز ئاجىزلاپ كەتتى. بىز ئاشۇ جەڭگىۋارلىقىمىزنى تەكىتلىگەن ئاساستا، ئۇسۇلىمىزنى بېيىتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك. ئۇسۇل ئىجادىيەتچىلىرى ئۇسۇللا بىلسە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، رەسسامچىلىقى، سەنئەتنىڭ تۈرىدىن باشقا، تولۇق مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە بولمىساق بولمايدۇ. ئۇيغۇر سەنئەتكارى بولدىكەنسىز، ئۇيغۇر ئۇسۇلچىسى بولىدىكەنسىز پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلىشىڭىز كىرەك. >> th)jEK;Z  
u@HP@>V  
قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى! سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىز ئۇيغۇر ئۇسۇل سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولغان ھايات. سىز بۇ ساھەدە مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىقى ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيىتىگە ئىگە شەخىس. مەن سىزنىڭ ئۇسۇل سەنئىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزغا رەددىيە بىرەلمەيمەن. چۈنكى ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ قائىدە-قانۇنىيىتىنى بىلمەيمەن. ئەمما، ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان پايدىلىق ياكى زىيانلىق تەسىراتقا خېلى ئىگە مەن. بۇ ئۇچۇق خەتتە سىزگە بۇ جەھەتتىكى تەسىراتلىرىمنى تولۇق ئاشكارلىغۇم يۇق. سىزگە بۇ ئوچۇق خەتنى يېزىشتىكى مەقسىدىم سىزنىڭ يۇقىرىقى جاۋابىڭىزدىكى بىمەنە چۈشەنچىڭىزگە رەددىيە بىرىش (جاۋابىڭىزدىكى لوگىكا ۋە گىرامماتىكىغا ياتىدىغان خاتالىقلارغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن. ) I2 dt#  
سىز <<ئەلۋەتتە ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، بەزى ئۇسۇللىرىمىز مۆمىن چىراي بولۇپ قالدى. ئاستا ئوينايدىغان، كىيىملەر ئۇزۇن، باش كىيىمىمىز ئېغىر بولۇپ جەڭگىۋارلىقىمىز ئاجىزلاپ كەتتى.>> دەپسىز . بۇ سۆزىڭىزدىن قارىغاندا، سىزنىڭچە ئەۋرەتلىرىنى ئىككى تال دەرەخ يوپۇرمىقى بىلەن توسىۋىلىپ، يۈز-كۆزلىرىنى ئالا-يېشىل بويىۋىلىپ، يالاڭ ئاياغ پۇتلىرى بىلەن يەرنى كۈچەپ دەسسەپ، ياۋايى ھايۋاندەك چىقىراپ، ئەسەبىيلىك بىلەن ئوينايدىغان ئافرىقىدىكى ئىپتىدائىي مىللەتلەر ئەڭ جەڭگىۋار بولسا كىرەك. ئۇلارنىڭ ئۇسۇل رېتىمىمۇ تېز، ئۇزۇن كىيىمىمۇ يوق، تېخى ئېغىر باش كىيىمىمۇ يۇق، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟! 5?O"N  
رىياسەتچى سىزدىن <<كۈرەشكا ھازىر بەزىلەر ئۇيغۇر ئۇسۇلى بۇزۇلۇپ كەتتى، ھەتتا پۈتۈنلەي تۈگەشتى دەيدىكەن. سىز شۇ قاراشقا قانداق قارايسىز ؟>> دەپ سورىغان سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە << قۇساقنى ئېچىپ كاسسىنى ئوينىتىپ پۈتۈنلەي چەتنىڭكىنى دورىغان. ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى پەقەتلا ئىقتىسادىي ئۈنۈملا قۇغلىشىپ قىلىۋاتقان نەرسە، بۇنداق نەرسىلەرگە بىز قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ بىزنىڭ ساپ سەنئىتىمىزگە كىرىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالمىساق بولمايدۇ >> دەپ سۆزلەپسىز . بۇ سۆزىڭىزدىن قۇساقنى ئېچىپ، كاسسىنى ئوينىتىپ ئۇسۇل ئويناشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئويغۇر سەنئىتىنى مۆمىن چىراي قىلىۋەتكەن <<ئاستا رېتىم>>، <<ئۇزۇن كىيىم >>،<<ئېغىر باش كىيىم>> قايسى ؟ سىز مۇشۇ ئۈچ نەرسىنى تىلغا ئاپسىزغۇ ؟ مېنىڭ بىلىشىمچە ئايال ئۇسۇلچىلارنىڭ ئەڭ ئېغىر باش كىيىمى ئاتۇشنىڭ كەمچەت تۇمىقى، ئەر ئۇسۇلچىلارنىڭ يېڭىسار تۇمىقى: ئايال ئۇسۇلچىلارنىڭ ئۇزۇن كىيىمى بېغىشىغىچە يېڭى بار، ھوشۇقىغىچە ئىتىكى بار كۆڭلەكلەر، ئەر ئۇسۇلچىلارنىڭ ئۇزۇن كىيىمى پىشى ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىۋىتىلىدىغان ئوخشىمىغان رەڭدىكى كۆڭلەكلەر، ئەڭ ئاستا ئوينىلىدىغان ئۇسۇل << تەزە ئۇسۇلى >> مىكىن دەيمەن. Rq*m x<HDX  
قاراپ باقسام مەيلى ئايال، مەيلى ئەر ئۇسۇلچىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىكىنى داۋاملىق قىسقارتىقىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇ تۇماقلارنىمۇ چۆرۈپ تاشلىۋەتكىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، ئاشۇ كىيىملەرلا بىزگە ھەققىي مىللىي ئوبراز بېغىشلايدۇ. ئۇسۇل ھەركىتىنى قارا-قۇيۇق تېزلىتىشىنىڭ زۆرۈريىتى يۇق بولسا كىرەك، دەپ قارايمەن . چۈنكى ئاستا ياكى ئىتتتىك ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسىلا ئېھتىياجغا بېقىپ ئۆز جايىدا زۆرۈرمىكىن؟! بۇ بەك ئەقەللىي ساۋات بولسا كىرەك. mF1oY[xa_  
مەن گېپىڭىزنىڭ ئورامىدىن <<ئۇسۇلچىلىرىمىزنى ئىسلامىيەت مۆمىن چىراي قىلىۋەتتى>>، <<جەڭگىۋارلىقىنى قويمىدى >> دىمەكچى بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم. چۈنكى سىزنىڭ قۇساقنى ئېچىپ ئوينايدىغان ئۇسۇلغا قارشى مەيدانىڭىز بىلەن ئۇزۇن كىيىمگە بولغان نارازىلىقىڭىز ئوتتۇرىسىكى، كاسسىنى چايقاپ تېز ئوينايدىغان ئۇسۇلغا قارشى مەيدانىڭىز بىلەن ئاستا ئوينايدىغان ئۇسۇلغان بولغان قارشى پوزىتسىيىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىق مېنى جىننىڭ قەستى شاپتولدا بولسا كېرەك دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويدى. قارىغاندا،<< گەپنىڭ تىگىدە گەپ باردەك، ساقالنىڭ تىگىدە خەپ باردەك>> تۇرىدۇ. سىز ئىىسلامىيەتنىڭ ئۆزىنى مۆمىن چىراي، ئۇ جەڭگىۋارلىقتىن مۇستەسنا ، دەپ چۈشنىدىكەنسىز. ھەتتا بۈگۈنكى ئارقىدا قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن كۆرىدىغاندەك قىلىسىز. 0jXIx2y  
قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى، ئەگەر راستنىلا مۇشۇنداق قارىغان بولسىڭىز تامامەن خاتا بولىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن نادان كىشىلەر دىن بىلەن تەرەققىياتنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ چۈشىنىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭچە، بۈگۈنكى دۇنيادا تەرەققىي تاپقان ئەل خەلىقلىرىنىڭ ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىنى ئىلغار، شۇڭا ئۇلارنىڭ جەمىيئىتى تەرەققىي قىلغان. ئىسلام دىنى قالاق، شۇڭا ئىسلام ئەللىرى ۋە ئىسلام ئېتىقادىدىكى مىللەتلەرنىڭ جەمىيئىتى قالاق. UY+~xzm  
قارايدىغان بولساق، بۈگۈنكى دۇنيادا چوڭ ھەم مۇھىم دىنلاردىن ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى ، بۇددا دىنى، ھىندى دىنى قاتارلىقلار بار. بۇ دىنلارنىڭ پەيدا بولغىنىغا نەچچە مىڭ يىللار بولدى. ئەمما، بۇ دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان دەۋىرلەردە گۈللىنىش، خارابلىشىش بولغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ خىل دولقۇنسىمان ئەھۋالدىن ناھايىتى كۆپ مىللەت ياكى دۆلەت خالىي ئەمەس. مۇشۇ مەنىدىن مۇتەپپەككۈرلار دىن بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇتلەقلەشتۇرۇپ پىكىر قىلىشقا قۇشۇلمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر قانداق بىر دىننىڭ پەيغەمبەر ئەۋلىيالىرى ئۆزلىرىنى ھەرگىزمۇ <<ئىلىم پەننىڭ ئەلچىلىرى دىگەن ئەمەس. ھەر قانداق بىر مىللەت تەبىئەت دۇنياسىنى ئۆزگەرتىپ، تەبىئىي پەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ تەلىماتىغا تايانغانمۇ ئەمەس. پەقەت ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى تېخنىكا ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىشتىكى نىشانىنى بىكىتىشتە ئۇلارنىڭ تەلىماتىغا مۇراجىئەت قىلغان خالاس. MMf6QxYf  
قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى ، سىز ئېيىتقان جەڭگىۋارلىقمۇ ئۇ دىندا بار، بۇ، دىندا يوق نەرسىمۇ ئەمەس. بىز ئالدى بىلەن جەڭگىۋار دىگەن سۆزنىڭ تىل تەۋەلىكى ۋە لۇغەت مەنىسىگە قاراپ باقايلى :<<جەڭگىۋار>> سۈپەت سۆزى بولۇپ، ئۇ پارىس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن. مەنىسى :1. جەڭ ۋە كۆرەش قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىغان، كۈرەش قىلغۇچى، كۈرەشكە قاتناشقۇچى، كۈرەشچان. 2. جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جەڭگە ئۆزىنى ئاتىغان. جەڭدىن قايىتمايدىغان، كۆچمە مەنىدە : كۈرەشكە تەييار ۋە كۈرەش روھىغا باي. جەسۇر. سىز <<ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن >> دېگەن سۆزنى تىلغا ئىلىش ئارقىلىق ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇسۇللىرىمىز جەڭگىۋار ئىدى، بىزمۇ جەڭگىۋار ئىدۇق، دىمەكچىدەك قىلىسىز. <Z&gAqj 2  
توغرا، بىز ئىلگىرىكى ھەر قايسى جايلاردا ۋە ھەر قايسى تارىخىي باسقۇچلاردا كۆك تەڭرىگە، شامان دىنىغا، مانى دىنىغا، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇسۇللىرىمىز تازا تەرەققىي قىلغان، شۆھرىتى ھەر ياققا تارالغان مەزگىل خەلقىمىز بۇددا دىنغا ئېتىقاد قىلغان دەۋىرگە توغرا كېلىدۇ. ئەجەبا، بىز بۇددا دىنىي جەڭگىۋار خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئۇسۇللىرىمىز تەرەققىي قىلىپ چاڭئەن شەھرىنى زىلزىلىگە سالغان، سۈي-تاڭ سۇلالىسىدىكى بەي جۈيى قارتارلىق شائىرلارنىڭ نەزىم بىيىتلەرنى تۇقۇشغا سەۋەب بولغان دەپ قارىساق بولامدۇ؟ ھىندىستانلىقلارنى جەڭگىۋار خەلق دەپ تۇنۇساق تارىخي ئەمەليەتكە ئۇيغۇن كىلەرمۇ ؟ ئۇنداقتا بۇددا دىنى پەيدا بولغان ھىندىستانغا بۇنىڭدىن 1000يىل ئىلگىرى مۇسۇلمان تۈركلىرىدىن بولغان داڭلىق پادىشاھ مەھمۇت غەزنەۋىينىڭ ئون يەتتە قېتىم غەلبىلىك يۈرۈش قىلغانلىقىنى قانداق چۈشىنىش كىرەك؟ سۇلتان مەھمۇت غەزنەۋىي ھىندىستانلىقلارنى بويسۇندۇرۇش ۋە ھىندىستاننى ئىستىلا قىلىشىنى گويا شىكارغا چىققاندەك پۈتكۈزگەن. پاكىستانلىق ئالىم سەئىد فەيياز مۇھمۇدنىڭ سۆزى بىلەن ئىيىتقانداق :<<بىر مەزگىل ئۇ ۋە ئۇنىڭ قۇماندان جەڭچىلىرى ھىندىستاننى ئىستىلا قىلىشنى ھەتتا يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان ئۇزۇن يوللۇق ساياھەت دەپ قاراشقان .>> vhg4E80Kr  
ئارىدىن 500يىل ئۆتكەندە، يەنى 1520-يىللىرى ئۇلۇغ ئىرادىگە ئىگە، جەسۇر شاھزادە، يەكەن خانلىقىنىڭ خانى سۇلتان سەئىدخاننىڭ نەۋرە ئاكىسى بابۇر ھىندىستاندا قۇدىرەتلىك بابۇريىلار سۇلتانلىقىنى، مۇشۇل ئىمپىريىسىنى قۇرغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تاكى 1850-يىللارغىچە بۇ ئىمپىريىنى داۋام ئەتكۈزگەن. ئۇلار ھىندىستان تارىخىغا ئۆزلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئىجادچانلىقى، مەدەنىيەت روھى بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. -LY_7Kg  
قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى، مەن يەنە سىزنىڭ سەمىڭىزگە سۇلتان مەھمۇت غەزنەۋىيدىن ئىمپىراتۇر بابۇرغىچە بولغان 500 يىللىق ئارىلىقتا ھىندىستانغا قارا بوراندەك باستۇرۇپ يەنە بىر كىرىپ، ھىندىستانلىقلارنىڭ ئاللا-توۋىسىنى چىقىرىۋەتكەن يەنە بىر بۈيۈك ئىمپىراتۇر ئەمىر تۆمۈرنىمۇ سېلىپ قۇيغۇم كېلىۋاتىدۇ. بۈيۈك ئىمپىراتۇر ئەمىر تۆمۈر ئەتىراپىدىكى ئالتۇن ئۇردا خانلىقى، ئوسمان ئىمپىرىيىسى، پىرىسىيە، ھىندىستان خانلىقلىرىنى دەھشەتلىك مەغلۇب قىلىپ، ياپراقتەك تىتىرەتكەن. يىلدا بىر قېتىم ئەتىراپىدىكى دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەنلىرىنى چەكسىز ۋەھىمىدە قۇيغان بۇ غالىب ئىمپىراتۇر يازدا ئىستېلا يۈرىشىگە ئاتلىنىپ، قىشتا پايتەخىت سەمەرقەنىتكە قايتىپ كېلەتتى. ناپالىئۇن ، گىتلىردەك شەخىسلەرنى ئېسىدىن چىقمايدىغان دەرىجىدە ھەسرەتتە قۇيغان موسكىۋا شەﻫرىگە بېسىپ كىرىپ، بىر يىل تورغاندى. تۆت ئەتىراپىدىن ئۆزىگە تەڭ كەلگۈدەك بىرەر دۈشمەن تاپالماي ئىچى پۇشقان ئەمىر تۆمۈر 1405-يىلى 1-ئايدا ئېتىنىڭ بېشىنى شەرىققە بۇراپ سەددىچىننىڭ ئىچىنى كۆرۈپ بىقىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. ئۇ ھەرگىزمۇ سەمەرقەنىتنىڭ سەنئەت ئۆمىكىنى باشلاپ <<ئات ئۈستى ئۇسۇلى>>نى ئويناپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقمىغان، بەلكى يېڭىلىش دىگەننى بىلمەيدىغان ئىككى يۈز مىڭ كىشىلىك جەڭگىۋار قۇشۇننى باشلاپ يولغا چىققان. بۈيۈك ئىمپىراتۇر ئەمىر تۆمۈرنىڭ بۇ زور قوشۇنى نەچچە كۈن يول يۈرۈپ ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتكەندە بۇ قابىليەتلىك ھۆكۈمرانغا تۇيۇقسىز كېسەل تىگىپ قازا قىلغان.  WsoB!m  
قىسقىسى، <<ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، بەزى ئۇسۇلىرىمىز مۆمىن چىراي بولۇپ قالدى >> دىيىش ئارقىلىق ئىلگىرىكى دىنىي ئىتىقادلىرىمىز شارائىتىدا ئۇسۇللىرىمىز جەڭگىۋار ئىدى، بىزمۇ جەڭگىۋار ئىدۇق، چۈنكى ئۇ دىنلار جەڭگىۋار دىنلار ئىدى دىمەكچى بولغانلىقىڭىز تامامەن خاتا. شۇنداقلا <<بىز ئىسلامنى قۇبۇل قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن تەراققىياتتا ئارقىدا قالغان >> دېگەن تۇنۇشتا تۇرۇپ ئويلىغان ئويلىرىڭىز قىلچە ئاساسسىز. چۈنكى، جەڭگىۋارلىق ھەر قايسى دىنىي ئېتىقادتىكى مىللەت-قۇۋۇملارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ئوخشىمىغان ئامىللار تۈپەيلى ئويغىنىدىغان بىر خىل يۈكسەك روھ. تارىختا تۈرلۈك ئېتىقادتىكى تۈرلۈك مىللەتلەر ئۆز ۋۇجۇدىدىكى بۇ خىل روھنى ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە، ئوخشىمىغان دەرىجىدە جەۋلان قىلدۇرغان. 7KEGTKfW  
قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى. بىزگە ئوخشاش تەپەككۈر تىپىدىكى ئەمەس، ھېسىيات تىپىدىكى مىللەتلەردە ئىلمىي روھ كەمچىل، قارىغۇلارچە قىزغىنلىق كۈچلۈك بولىدۇ. سىزنىڭ قاراشلىرىڭىز دەل مۇشۇنداق قارىغۇلارچە قىزغىنلىق بىلەن سۇغۇرۇلغان. سىز پۈتۈن دۇنياغا ئۇسۇلنىڭ كۆزى بىلەن قارايسىز.جەمىيئەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيسىنى ئۇسۇلنى ئۆلچەم قىلىپ ئۆلچەيسىز. پەقەت سىزلا ئەمەس، بىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسۇلنى مىللەتنىڭ بارلىقى دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا، نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسۇللىرىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونىتىۋاتىدۇ دەپ پەخىرلىنىشىدۇ. توغرا، سەنئەتمۇ مەدەنىيەتنىڭ بىر قانىتى. ئۇمۇ خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بىر بايلىقى. ئەمما بارلىقى ئەمەس!!! ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ئىقتىساد، ھاكىمىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا قاتارلىقلار جەمىيئەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىرلەمچى ئامىل. سەنئەت ئىككىلەمچى ئامىل. بىرلەمچى ئامىلنى شەكىللەندۈرگۈچىلەر پاراسەت تىپلىق بولسا، ئىككىلەمچى ئامىلنى شەكىللەندۈرگۈچىلەر ماھارەت تىپلىق بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا رىقابەت دۇنياسى ئىكەنلىكى ھەمىمىزگە ئايان. شۆھبىسىزكى، بىر مىللەتنىڭ نەغمە-ناۋا، ناخشا -ئۇسۇلى ھەر قانچە تەرەققىي قىلسىمۇ، مىللىي ئەزالىرى سەنئەت دېسە جېنىنى بەرگۈدەك پىداكارانە روھقا ئىگە بولسىمۇ، ئۇنداق مىللەت ئىككىنچى بىر مىللەتنىڭ نەزىرىدە رىقابەت ئوبىكتى دەپ تەن ئېلىنمايدۇ. ھەتتا ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللەت دەپمۇ تۇنۇلمايدۇ. ئىنسانىيەت جەمئيىتىدە بىر مىللەتنىڭ سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ياكى كۆلىمىنى رىقابەت كۈچى دەپ قارايدىغان ئادەت يوق. شۇڭا ناخشا-ئۇسۇل، نەغمە-ناۋانىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئىىجتىمائىي ھاياتىدىكى رولىنى بەك مۇبالىغىلەشتۇرۇپ چۈشىنىۋىلىپ<<سەنئىتىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونىتىۋاتىدۇ>> دەپ بىر تەرەپلىمە قاراشتا ھاياجانلىنىپ يۈرۈش نادانلىق. خەلقىمىز ھېسىيات تىپىدىكى خەلق بولغاچقا ناخشا -ئۇسۇل، نەغمە-ناۋاغا بەك ھېرىسمەن. ناخشا -ئۇسۇل، نەغىمە-ناۋا كىشىنى ئوڭاي ھاياجانلاندۇرىدۇ، ھەم ھوزۇر ھېس قىلغۇزىدۇ. بۇ ئۇنىڭ غىدىقلاش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بولغان. بىزگە ئوخشاش ھېسىيات تىپىدىكى مىللەت بۇنداق غىدىقلاشقا دۈچ كەلگەندە سۇنى كۆرگەن بېلىقتەكيايراپ ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ. خۇدىنى يۇقىتىپ مەستانە ھېسلارغا چۆمۈلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ خىل ھالەت ھازىر سېرىق سىزىقتىن ئۆتۈپ قىزىل سىزىققا يېقىنلاپ قالدى. ئىنىقىنى ئېيىتقاندا مىللىي روھىمىزنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئۆتكەن دانىشمەن بوۋىمىز ئەل فارابى <<پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى توغرىسىدا >> دېگەن كاتتا ئەسىرىدە پاسىق شەھەرنىڭ پۇقرالىرى ئۈستىدە توختىلىپ <<بۇ شەھەرنىڭ خەلقى تۇرمۇشنىڭ ماددىي ئىنتىلىشلىرىگە قۇل بولغاندۇر. يىمەك-ئىچمەك، شەھۋەتپەرەسلىك قىلماق، قۇرۇق خىيالغا بىرىلمەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ، بەزمە-مەشرەپ ، كۈلكە چاخچاقلارنى ھەممە نەرسىدىن ۋە ھەممە تەرەپتىن ئۈستۈن قويىدۇ >> دەپ كۆرسەتكەن. ئەل فارابىينىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىكى ئەھۋاللارغا بىر-بىرلەپ باغلاپ باقساق بىز ئۆزىمىزنىڭ پەزىلەتلىك شەھەر پۇقراسى ياكى پاسىق شەھەرنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىزنى دەرھال بىلىمىز. بىز مۇشۇ يىللاردا ئىككىلەمچى ئامىلنى، ماھارەت تىپلىق كىشىلەرنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىۋاتىمىز. بەزمە-مەشرەپلەردىن بېرى كېلەلمەيۋاتىمىز. مەنىسىز كۈلكە-چاخچاقلىرىمىز، بىزەپ يۇمۇرلىرىمىز، پاخپاق پاراڭلىرىمىز سورۇن-سورۇندا ياڭراپ تۇرۇپتۇ. ئاتالمىش ئۇسۇلچى قىزلىرىمىز شەمۇ-شەھەردىكى قاۋاق-قاۋاقلاردا غىلجىڭلاپ تۇرۇپتۇ. ھەر خىل نامدىكى سەنئەت كىچىلىكلىرىنى تۇشمۇ-تۇشتىن ئۆتكۈزۈپ، چوڭ-كىچىك سەنئەت چولپانلىرىمىزغا گۇيا كىۋەزگە سۇلياۋ يۇپۇق ياپقاندەك كەلسە-كەلمەس تون كىيگۈزۈشلەر مۇشۇ كۈنلەردە تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا شۇنداق يەكۈنگە كېلىشكە بولىدۇكى، بۈگۈنكى كۈندە نەغمە- ناۋاسى قانچە كۈچلۈك، تۇي - تۈكۈنى قانچە كۆپ مىللەتنىڭ ئۇزاققا بارمىغان كەلگۈسىدە قايغۇ ھەسرىتى شۇنچە كۆپ، يىغا زارىسى شۇنچە قاتتىق بولىدۇ. مەن بۇ ئارقىلىق مۇتەئەسسىپ مەيداندا تۇرۇپ نەغمە-ناۋانى تەرك ئىتەيلى دېمەكچى ئەمەس. بىرلەمچى ئامىل بىلەن ئىككىلەمچى ئامىلنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى چۈشنىەيلى، پاراسەت تىپلىق كىشىلەر بىلەن ماھارەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىممىتىنى پەرق ئېتىشنى بىلەيلى، نەغمە-ناۋا، ناخشا -ئۇسۇلنى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن قويىۋىلىپ سېرىق سىزىقتىن ئۆتكۈزۋەتمەيلى دېمەكچى. نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدىكى << تارىختا تالاي خان- پادىشاھلار ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، سەنئەتكارلار ئۇنتۇلمايدۇ >> دېگەن بىمەنە قاراش پەقەت بىزگە ئوخشاش نەغمە- ناۋا، ناخشا - ئۇسۇلنىڭ بەندىلىرىگە خاس قاراشتۇر. سەنئەتكە بولغان بۇنداق ئەخمىقانە مۇھەببەت ھازىر چېكىگە يەتتى. ئاگاھ بولىشىمىز كىرەككى، مىللىي پىسخىكىمىزدىكى بۇ خىل سەنئەت مەستانىلىقى لايىقىدا بولماي چەكتىن ئېشىپ كەتسە، خەلقىمىزنىڭ ھاياتىدا جەزمەن پۇشايمانلىق ئاقىۋەت شەكىللىنىدۇ. خۇددى خەلقارالىق تەسسىرگە ئىگە مىسىرلىق مۇتەپپەككۈر يۈسۈپ قەرزاۋى ئېيىتقاندەك <<نەغمە-ناۋا، ئۇسۇل-ناخشا مىللەتنى مۇھىم غايىلىرى ۋە چوڭ مەسسللىرى ئۈستىدە غەم يىيىشتىن گول قىلىدىغان خەتەرلىك قۇرال.>>دۇر. ff0B*0  
قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى، ئىلھامبەخىش سۆھبىتىڭىزنىڭ تۈرتكىسىدە سىزگە دەيدىغانلىرىم ھازىرچە مۇشۇنچىلىك. ئەركىن-سۆھبەت مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىمىزدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ دەپ ئىشىنىمەن. vuAjAeKm  
"ئىلى دەرياسى" ژورنىلى 2006-يىللىق 3-سانىدىن ئىلىندى.
AnaTuprakتەرىپىدىن تەستىقلاندى  
سىزگە بەخت تىلەيمەن!!!
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 760 
  جىنسى: ئايال
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە730دانە
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 730
  شۆھرىتى: 351 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 7177 يۈەن
  تۆھپە: 345 قېتم
  ياخشى باھا: 15 قېتىم
  ۋاقتى: 3397سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-09
  كىرىشى: 2010-11-27
1قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-01 02:59 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

  مەن بۇ ئوچۇق خەتنى بىرىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئوقۇپ چىققان ئىدىم،بۈگۈن مۇنبەردە كۆرۈپ توغرا ئىشلارنى قىلىدىغان مۇنبەردىشىم خاتالىقتىن بەكمۇ مەمنون بولدۇم،مۇنازىرە مۇنبىرى بولغاندىكىن مۇشۇنداق كەسكىن تىمىلار كۆپلەپ يوللانسا ،مۇنازىرە جەريانىدا سەۋىيىمىزمۇ خېلى ئۈسۈپ قالىدۇ.  قىنى،باشتا مۇنبەردىكى ئۆلىما  ،ئۇستازلار بىرنىمە دىسۇن. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
گۈزەل،پاكىز ،تەۋرەنمەس روھى دۇنيارىم_مىنىڭ بارلىقىم!
dil
كىسەل ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئىرادەڭگە باغلىق دىل& ..
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 113 
  جىنسى: ئايال
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1295دانە
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 1295
  شۆھرىتى: 366 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 10249 يۈەن
  تۆھپە: 298 قېتم
  ياخشى باھا: 184 قېتىم
  ۋاقتى: 4094سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-11
  كىرىشى: 2010-11-27
2قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-01 04:20 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مەن بۇ تىمىنى بىر قېتىم ئۇقۇغانتىم، %Qq)=J<H ;  
مۇنبەرگە يوللاپ بەكمۇ ياخشى قىلىپسىز قېرىندىشىم، Ysu/7o4  
[3Rj?z"S  
شۇ ۋاقىتتىمۇ، بەك ئويلاندۇرغان بۇ تىما، ھازىرمۇ شۇنداق تۇيغۇدا بۇلۋاتمان، تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
anatuprak
ئېرادەڭنى تاۋلا، بۇشاشما،
قىسمىتىڭدىن زارلانما. ئۆزگەرتىشكە تىرىش.
ھەممىسى ئانا تۇپراققا مەنسۇپ !
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 24 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە799دانە
  نادىر تىما: 9
  يوللانما: 799
  شۆھرىتى: 246 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 6850 يۈەن
  تۆھپە: 204 قېتم
  ياخشى باھا: 146 قېتىم
  ۋاقتى: 2993سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-07
  كىرىشى: 2010-11-27
3قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-01 06:57 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مەرھابا ، مۇشۇنداق ئىپتىخار تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدىغان تىمىلارنى مۇنبىرىمىزگە كۆپلەپ يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن . تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
چاقماق چاقىدۇ ئۆچىدۇ ، باھار كېلىدۇ كېتىدۇ . لېكىن تۇنجى مۇھەببەتتىن قالغان ھەسرەت مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ .
دەرىجىسى: مەستانە ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 430 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە354دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 354
  شۆھرىتى: 38 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2845 يۈەن
  تۆھپە: 37 قېتم
  ياخشى باھا: 17 قېتىم
  ۋاقتى: 2447سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-07-18
  كىرىشى: 2010-11-27
4قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-01 09:33 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

2006-يىلدىكى بىر نىمە ئىكەنغۇ  يازغۇچىمۇ بەكلا نام چىقارغۇسى بارمۇ نىمۇ ؟؟ h./vTNMc  
يەڭگىل ئويناش ئۇچۇن چوقۇم يىرىم يالىڭاش كىيىش كىرەكمۇ؟؟؟ئسلاملىقىنى ساقلىغان يەڭگىل كىيىملەرمۇ بارغۇ   % 3-\3qx*  
مۇشۇ ھازىرقى يازغۇچىلار نىم بولۇپ كەتكەن ئالدى كەينىنى ئويلاشماي (ئەسەر)يازدىغان بولۇپ كەتتى تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
يامان جۇما
دەرىجىسى: يېڭى ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 856 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 20
  شۆھرىتى: 4 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1185 يۈەن
  تۆھپە: 4 قېتم
  ياخشى باھا: 4 قېتىم
  ۋاقتى: 506سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-13
  كىرىشى: 2010-09-09
5قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-01 12:02 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

  بۇ ئەسەر گەرچە بەزى مۇنبەرداشلىرىمىزغا كونا كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئويلىنىپ بېقىشقا كېرەكلىك مۇھىم تېما ئىكەن. q+%!<]7X  
  ئەتىراپىمىزغا قاراپ باقىدىغان بولساق سەنئەتكارلارنىڭلا يېغىلىشى، تۈگىمەس كېچىلىكلىرى، ئولتۇرۇشلىرى.... ، ئۆزىمىزگە نەزەر تاشلىساق: شۇ سەنئەتكارلارنىڭ يېغىلىشىنى تەبرىكلىگۈچىلەرمىز؛ يەنە قارىساق شۇ كېچىلىكلەرنىڭ ئەزىز تاماششىبىنلىرى؛ تۈگىمەس تىتىقسىز ئولتۇرۇشلىرىنىڭ تېلېۋىزۇر ئالدىدىكى كۆرۈرمەنلىرى... بۇلار شۇنداق ھەممە ئىشنى تاشلاپ كۆرۈشكە ئەرزىمدۇ؟؟...! hBy*09Sv  
  بۇنداق دېسەم خاپا بولىشىڭلار ئېنىق، ئەمما ئويلىنىشقا تېگىشلىك. \(bj(any  
  ئۇيغۇر مىللىتى راستىنلا ھېسسىياتچان خەلق.  ئەگەر ئىشەنمىسەڭلار قىلىۋاتقان ئىشىڭلارغا مەسىلەن بىرەر ئىشقا يولۇققاندا شۇ ئىشنى قانداق بىرتەرەپ قىلغانلىقىڭلارنى كۆزۈتۈپ بېقىڭلار.! بەلكىم شۇ ئىشنى ھېچقانچە تەھلىل قىلمايلا قارار چىقىرىۋەتكەندۇرسىلەر. ^O \q3HA_4  
  نېمىشقا ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ يىغىلىشلىرى ئازلاپ كېتىدۇ؟ L!vWRwZwC  
  سەۋەبى شۇ ئىدىكى: بىز يەنە ئاۋام بولغۇچىلار ئۇلارنى قوللىمىدۇق. نەزەر تاشلاپ باقىلى. بىر سەنئەتكار سەھنىدىن چۈشىۋىدى ئالقىش سادالار، دەستە-دەستە گۈللەر تۇشمۇ-تۇشتىن تۇتۇلدى؛ بىر ئىلىم ئەھلى سەھنىدىن چۈشىۋىدى ھەمما ۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە پەرۋاسىزلا قاراپ ئولتۇرۇشتى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى Om6Mmoqh  
زامانىمىز ئىلىم-مەرىپىتىنىڭ باشلامچىسى ئۇلۇغ ئالىمىمىز ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىن بولسا كېرەك. vX 1W@s  
  ناخشا-ئۇسسۇل ئىنسان روھىيىتىنىڭ ئىچكى پارتلىشى. ئەمما بۇ پارتىلاشنىڭ سەۋەبى ھەممىمىزەە ئايان. يەنە شۇ كۆيدۈم-پىشتىم، ئۆلىمەن-تىرىلىمەن....! ھەيران قالىمەن 23k)X"5  
   hpas'H>J  
         8W@dtZ,d  
  بىزنىڭ سەتئەتكارلىرىمىز پۈتۈن ئۆمرىنى ئاشۇ ئاتالمىش ۋىسالسىز قالغان مۇھەببىتىنى كۈيلەش بىلەنلا ئۆتكۈزەمدىغاندۇ؟؟؟؟!!! ئۇلا رراستىنلا شۇنداق بىر ئۆمۈر ۋىسالسىز قالغانمىدۇ؟؟؟ ئۇلارغا يازىدىغان باشقا تېمىلار يوقمىدۇ؟؟؟؟ HoL~j({  
  بىزنىڭ ھازىرىقى سەنئىتىمىزنى مۇشۇنداق مىشچانلىققا سېلىپ قويغان شۇ سەنئەتكارلىرىمىز نېمىشقا بۇ روھى زەئىپلىشىپ كېتىۋاتقان خەلققە مۇشۇنداق مىشچان ئىجادىيەتلىرىمنى سوۋغا قىلسام(سوۋغا قىلىش ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكىدەك كۈندە بىر سەنئەتكارلار ئالدىدا بىر ئىدىئومغا ئايلىنىپ قالدى، شۇ ھەممە ئىش شۇ پۇل بىلەن) ئۇلار كۆز-ياشلىرى ۋە زەئىپ روھى بىلەن ئاڭلاپ كەتسە نېمە بولۇپ كېتەر دېگەننى بەلكىم قەتئىي ئويلاپ باقمىغاندۇ. ئەگەر سىز ئىشەنمىسىڭىز بىر مىشچان ناخشىلارنى ئاڭلاپ بېقىڭ؛ شۇ بىر كۈنلۈك تۇرمۇشىڭىز قانداق نەتىجە بېرىدىكىن! \#2s4RCji  
  شۇڭا گەپنىڭ خۇلاسىسى، ئۆزىمىزنى قايتا تونايلى. شۇ ئەرزىمەس كېچىلىكلەرگە سەرپ قىلغان شۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى، شۇ قىممەتلىك پۇلنى ئاتا-ئانىلار بالىلارغا سەرپ قىلىلى. ئاتالمىش ئۇ سەنئەتكارلار سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارنى تەربىيلەپ ياخشى ئادەم قىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەسقۇ! ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ بىلەن... تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
http://alptegin.blogbus.com/
ئانا تىلىمنى جېنىمدىن ئېزىز كۆرىمەن!
دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 92 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە163دانە
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 163
  شۆھرىتى: 70 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2455 يۈەن
  تۆھپە: 52 قېتم
  ياخشى باھا: 42 قېتىم
  ۋاقتى: 57سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-10
  كىرىشى: 2010-11-21
6قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-01 14:34 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مىنىڭچمۇ نادىرلاش تىز  بوپ كەتتمۇ قانداق،، تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
شۇنچىلىك ساداقەتكە شۇنچىلك مۇشاققەت،
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 655 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە97دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 97
  شۆھرىتى: 16 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1630 يۈەن
  تۆھپە: 14 قېتم
  ياخشى باھا: 5 قېتىم
  ۋاقتى: 120سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-04
  كىرىشى: 2010-11-27
7قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-02 13:59 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بەك ياخشى تىمىكەن مىنىڭچە بىز گە سەنئەتتىن باشقىمۇ قىلىدىغان ئىشلار نۇرغۇن . تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى ھەرگىزمۇ قورققانلىقى ئەمەس
بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بو  ..
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

  تىزىم نۇمۇرى: 42 
  جىنسى: ئايال
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە493دانە
  نادىر تىما: 8
  يوللانما: 493
  شۆھرىتى: 152 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 4359 يۈەن
  تۆھپە: 69 قېتم
  ياخشى باھا: 47 قېتىم
  ۋاقتى: 2721سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-08
  كىرىشى: 2010-11-27
8قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-02 18:34 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ماڭا ئۇنداق بەك ئالاھىدە تۇيۇلۇپمۇ كەتمىدى. @~JB\j9  
مېنىڭچە كۆرەش رەجەپ مۇخپىر زىيارەت قىلىش جەريانىدا سورىلىدىغان سۇئالنى، جاۋاپ بەرمەكچى بولغان سۆزلىرىنى يېزىۋىلىپ يادلاپ چىقمىغاندىن كېيىن، گەپ-سۆزدە ئېگىز-پەسلىك بولىدۇ، مۇنداقچە قىلغاندا بۇ پەقەت لوگىكىلىق خاتالىق خالاس. شۇڭا كۆرەش رەجەپنىڭ ئاۋال سورىغان سۇئالغا بەرگەن جاۋاپ بىلەن، كىيىن سورىغان سۇئالغا بەرگگن جاۋاپبى بىر-بىرگە زىت بولۇپ قالغان. O]c=Yyl  
مېنىڭچە يالقۇن روزى ئەپەندىمنى بىرسى زىيارەت قىلغاندا ئازماي قالارمۇ؟، بەلكىم ئازماس، چۈنكى ئۇ ئادەم شۇنچە يىلدىن بىرى يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتقان ئادەم. ئەمما كۆرەش رەجەپ ئۇنداق ئەمەس، بەلكىم ئۇ كىشى سۆزمەن، ناتىق بولمىسا كىرەك. 8dV.nO  
شۇڭا يازغۇچىلار بىرە ئادەمنىڭ ئىككى ئېغىز خاتا كەتكەن، بىر-بىرىگە زىت بولغان سۆزلىرىنى پىرىنسىپقا كۆتۇرۇپ، باشقىلارنى باش كۆتۇرگىسىز قىلىۋىتىدۇ. بۇنى ژورنالدىن ئۆتۈپ ئەمدى مۇنبەردىمۇ تەنقىتلەش زۇرۇرما؟ %M|Z}2qv  
مېنىڭچىمۇ نادىرلاش تېز بولۇپ كەتكەن. 5LDQ^n  
بىزنىڭ ھەر ساھە ھەر كەسىپتە بىز ئۈچۈن، مىللىتىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان پىشقەدەملىرىمىز قانچىلىك قالدى؟ نېمىشقا بىر-بىرىگە زىت بولغان ئىككى خېل قاراشلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىقىنىڭ تۆھپىكارى بولغان بۇ كىشىنى تۆۋە قىلدۇرۋىتىشنىڭ شۇنچىلىك زۇرۇريىتى بارمىدۇ؟ تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
بىر مىللەتتە ساپ ئەقىل، ساپ ئەخلاق، ساپ تىلەك بولغاندىلا شۇ مىللەتنىڭ كەلگۇسىدە ئۆمۈد بار.
پاك ياشا
دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 612 
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 135
  شۆھرىتى: 74 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2298 يۈەن
  تۆھپە: 65 قېتم
  ياخشى باھا: 59 قېتىم
  ۋاقتى: 3816سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-03
  كىرىشى: 2010-11-21
9قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-02 18:58 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئالامەت ئوغلان جۇمۇ بۇ يالقۇن روزى ، ئادەم دېگەندە خاتاغا بولغان قاراش مۇشۇنداق ئېنىق بولىشى كېرەك. h(C#\{V  
باشقۇرغۇچىنىڭ ھەقىقى كۆزى باركەن. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
ئوزىنى تونۇغان خۇدانى تونۇيدۇ
دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا
  تىزىم نۇمۇرى: 655 
  جىنسى: ئەر
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە97دانە
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 97
  شۆھرىتى: 16 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 1630 يۈەن
  تۆھپە: 14 قېتم
  ياخشى باھا: 5 قېتىم
  ۋاقتى: 120سائەت
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-08-04
  كىرىشى: 2010-11-27
10قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: 2010-09-02 19:57 بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ۋاقتىدا ئىتراز بىلدۈرۈش كىرەك       تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
قوچقارنىڭ كەينىگە يانغىنى ھەرگىزمۇ قورققانلىقى ئەمەس
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
«12345»Pages: 1/5     Go