باش بەت | ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر | ناخشا MP3 | ناخشا MTV | تىما بېزەش رەسىمى | رومانتىك رەسىم | تور ئويۇنلىرى | ئانا تۇپراق تور ماگىزىنى| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 76 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى
گۈللە ئانا تۇپراق
دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى

  تىزىم نۇمۇرى: 24

  جىنسى: يىگىت
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە321دانە
ئۆسۈش: 6.42%
  نادىر تىما: 4
  يوللانما: 321
  شۆھرىتى: 72 قېتم
  مۇنبەر پۇلى: 2025 يۈەن
  تۆھپە: 41 قېتم
  ياخشى باھا: 41 قېتىم
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-07
  كىرىشى: 2010-08-30

 

0قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى

مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك يىتىشكەن تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرىدىن بولۇپ، ئائىلىسى مەرىپەتنى، ئېلىم پەننى ھىمايە قىلغۇچى ئائىلە ئىدى. مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار ھەممە يەرنى زۇلۇم قاپلىغان، ئىستىئېدات چەككە چىققان، خەلق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋر بولغاچقا، توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭمۇ نادان، قالاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن گۆدەك مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. يېڭىچە پەننىي مەكتەپتە ئوقۇش، ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئىلغار دۇنيا قاراش شەكىللەندۈرۈشىدەك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى . مەمتىلى ئەپەندى مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن 1920-1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا ۋە چۆچەك قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ.ئۇيەرلەردە كۈزى تېخىمۇ ئېچىلىپ جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تۈردە ئۇچىرشىدۇ؛ تېخىمۇ تىرىشىپ .ئۆگىنىپ ،كەڭ دائىرىدە ئېلىم تەھسىل قىلىپ ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئىرادىسىنى تىكلەيدۇ، ئۇچۆچەكتە كۆپ تەرەپلىمە مەلۇمەتلىق دىنىي زات، مەرىپەت ئۈچۈن .ئۆزىنى ئاتىغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە مېھرى چۈشۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنى تەربىيىلەيدۇ. .1924-يىلى ئابدۇقادىر دامۇللامنىڭ سۇيىقەستكە ئۇچۇرغانلىقىنى ئاڭلىغان مەمتىلى ئەپەندى چەكسىز قايغۇ -ئەلەمدە دېگەن شېئىرىنى يازىدۇ: ئوقىدى-ئاشتى باشقىلاربىزدىن،ئەي قەدىردانلار، كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھاتىنى قاينار ۋىجدانلار. ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇر باشقا مىللەتلەر، قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئۈممەتلەر. %`lJAW[  
بۇشېئىر كىشلەرتەرپىدىن كۆچۈرلۈپ تام – تاملارغا چاپلىنىپ كېتىدۇ،خەلق مەمتىلى ئەپەندىنى تېخىمۇ تونۇيدۇ . مەمتىلى ئەپەندى چۆچەك تەۋەسىدە تەسىرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياڭ زېڭشىننىڭ ماراقچىسى ئۇنى كېچە – كۈندۈز نازارەت قىلىدۇ. تەقىب ئىچىدە قالغان ياش شائىر ئۇستازى مۇرات ئەپەندىنىڭ سەمىمىي ئاتىدارچىلىقى بىلەن 1926- يىلى بىر كېچىدىلا چېگىردىن چىقىپ كېتىدۇ. يات ئەللەردىكى سەرسانلىق-سەرگەردانلىق شۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1928- يىلى بىر ئاق كۆڭۈل تۈرۈك قېرىدىشىنىڭ ياردىمى بىلەن قىرىم ئارىلى ئارقىلىق ئىستانبولغا بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1920- يىلى ئاتۇشتىن چىقىپ كەتكەندىن تارتىپ تاكى ئىستانبولغا يىتىپ بارغۇچە بولغان ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ھاياتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز جاپا-مۇشەئىتىنى تارتىدۇ، ھەرخىل ئىدىيە-ئېقىملار بىلەن ئۇچىرشىدۇ . خىلمۇ خىل كىشىلەر بىلەن ئۇچىرشىدۇ، دېمەك ئۇ ئوتتۇزياشقا قەدەم قويغۇچە پىشىپ يېتىلگەن بىر ئادەم بولۇپ چىقىدۇ.ئۇ تۈركىئىيگە تىتىپ كەلگەن يىللىرى، تۈركىيىنىڭ قانۇن تۈزۈملىرى يېڭىلىنىپ ،مەدىنيەت-مائارىپ ئىشلىرى گۈللىنىپ ،ئىقتىسادى كۈچىيىپ ، تەرەققىيات سۈرئىتى تىزلىشىپ تەرەققىي تاپقان ئەلگە ئايلىنىۋاتقان مەزگىل ئىدى . مەمتىلى ئەپەندى 1929- يىلدىن 1932- يىلغىچە بولغان ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدا، مەمتىلى ئەپەندى ھەقىقىي بىر لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاھىيەتنى ھازىرلايدۇ . ئۇ تۈركىيە گىزىتلىرىدە كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ،شىنجاڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرىدۇ، خەلىنىڭ تەقدىرى، يۇرتنىڭ ئىسىقبالىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قۇشۇنىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىگە ئۆتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۆۋەندىكى پارچىنى يازىدۇ: ئاڭلىدۇق ئەي ئانا دىيار سەندىن چۇقان، پارتلىدى زالىمغا قارشى ۋولقان. پاچاقلاشقا قۇللۇق كىشەن – زەنجىرىنى، ئالغا،ئارتقا قايتما جەڭدىن باتۇر ئىنسان.مەمتىلى ئەپەندى يۇررتىغا دەرھال قايتىش قارارىغا كېلىپ خەلقنى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاقارتىش ئېلىپ بېرىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ھېس قىلىدۇ ۋە يۇرتىغا ئاخىرقايتىپ كېلىدۇ. ئۇ بىر يىتىشكەن مەرىپەتچى سۈپىتىدە خەلق ئارزۇسىنى چىقىش قىلىپ مەرىپەت ۋە ئېلىم -ئېرپان ئىدىيىسىنى كەڭ تەشۋىق قىلدى. يېڭى مائارىپ ھەرىكەتلىرى ۋە3-قېتىملىق مائارىپ دولقۇنى ئاتۇشتا يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە ئاكتىپ تەشكىللىگۈچى ۋە پائالىيەتچى بولىدى. ئۇ تەشكىل قىلغان <> زۇلمەت دۇنيانى يۇرۇتقۇچى مەشئەل بولۇپ ياندى. ئۇ مەشئەل دىنىي چەكلىمە،فېئودانلىق تەرتىپ ۋە زۇراۋان كۈچلەرنىڭ قاتتىق ئىسكەنجىسىگە ئېلېنغان بولسىمۇ ئۈچۈپ قالمىدى. مەمتىلى ئەپەندى بۇ جەھەتتە مۇنداق يائىدۇ: بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز، خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز. تالاي يىللار زۇلمەتتە تېنەپ خار بولدۇق، ئېلىم -ئىرپان يۇلىغا شۇنچەزار بولدۇق. H=Cj/jE  
مەمتىلى ئەپەندى ئاتۇشنىڭ 24 كەنتىدە24 باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى .ئۇ قىلىۋاتقان .ئىشنىڭ ھەق ئىكەنىكىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھالدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ ،ئاتۇشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭىلاش ،ئاقارتىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈردى. مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا ئوخشاش فورما كىيگەن يۈز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ يەنى <<>> تەشكىللەپ ئۆزى باش بولۇپ . مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىپ پەيزىۋات، توقۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، ۋە قەشقەر شەھەر ئېتىراپىنى ئايلىنىپ .يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ، مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەرىكىتى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قوماندان ۋە مەرىپەت پەرۋەر مەھمۇت مۇھىتىئىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئىرشىدۇ. تالانتلىق ،ئوتيۈرەك شائىر مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن شېئىرلاربىلەن بىرگە <<>> سەرلەۋھىلىك چوڭ ھەجىملىك داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ. مائارىپ خىزمىتى مۇقەددەس خىزمەت دەپ چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي – تالماي كۆيۈپ -پىشىپ، ئەجىر سىڭدۈرگەن مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى تاللىۋالغان توغرا يول ئۈچۈن ياش ھاياتىندىن ئايرىلىدۇ–مەرىپەت دۈشمەنلىرى ئۇنى دەرىخانا مۇنبىرىدىن تۇتۇپ كېتىپ . 1937-يىلى30-ماي كۈنى ئۇ شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە قەتلە قىلىنىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كىيىن ، تىزپۈكمەس ئىرادىسى ۋە قەيسەرانە روھىنى نامايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازدۇ. ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدائىسيان ئېتەر، كۆندە مۇشتۇمدەك كىسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر. مەمتىلى ئەپەندى ئۆزنىڭ تارىختا ئۆچمەس مائارىپ پائالىيەتلىرى ۋە ئەدبىي ئىجائىيىيى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ.بىزئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ بۇ مەشھۇر ۋەكىلىنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىلىكىدە ئەسلەيمىز،ئۇ خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ھايات. =_@) KWeX$  
tgl 4pAc  
1937-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەتىگەندە،مەمتىلى ئەپەندى ئادىتى بويىچە سومكىسىنى ئېلىپ ئۇيۇشمىغا بارىدۇ.بۇ چاغدا،قەشقەر شەھىرىدىن كېچىلەپ يولغا چىقىپ،تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئاتۇشقا يىتىپ كەلگەن قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇبۇلقاسىم ئادەملىرى بىلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى.مەمتىلى ئەپەندى ئۇيۇشمىغا كىرىشى بىلەنلا،ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنى قولغا ئالىدۇ.بۇ مۇدھىش خەۋەرنى ئاڭلىغان مىڭلىغان ئامما ۋە ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار يۈگۈرۈشۈپ يولغا چىقىدۇ.ئۇلار ساقچىلارنىڭ قولىغا كويزا سېلىنغان مەمتىلى ئەپەندىنى بىر سوك-سوك يالىڭاچ ئاتقا مىندۈرگىنىچە ئارىغا ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.بۇنى كۆرگەن ئەر ئاياللار ئۈنسىز ئۇھ تارتىشىدۇ.ئوقۇغۇچىلار«ئەپەندىم!»دەپ ۋاقىراپ،ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كېتىدۇ.يالىڭاچ ئات ئۈستىدە مەھبۇس سۈپىتىدە ئولتۇرغان مەمتىلى ئەپەندى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن بېشىنى لىڭىشتىپ خوشلىشىدۇ.ساقچىلار مەمتىلى ئەپەندىنى ئوتتۇرغا ئالغان پېتى توختىماي مېڭىپ،قۇمالتاغ تەرەپكە كېتىپ قالىدۇ… ! jDopE0L  
مەمتىلى ئەپەندى ئۇدۇل قەشقەر ساقچى ئىدارىسىگە يالاپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن،ساقچى باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىلگەن.قادىر ھاجى مەمتىلى ئەپەندىنى كۆرۈپ،كۆرەڭلىك بىلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتكەن… ^f"|<r  
مەمتىلى ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدە قىسقا سوراق قىلىنغاندىن كېيىن،ياۋاغ تۈرمىسىگە ئېلىپ بېرىلىپ 14-كامېرغا تەنھا سولاپ قويۇلغان…مەمتىلى ئەپەندى ئۆزى يالغۇز سولانغان كامېرنىڭ جەنۇبى تېمىغا ئاتقا مىنگەن بىر ئادەمنىڭ رەسىمىنى سىزىپ ئاستىغا:«مەن1937-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى سەيشەنبە بۇ يەرگە كىردىم،مېنى ناھەق قولغا ئېلىشتى»دەپ يېزىپ قويغان. UH\{:@GjNO  
1937-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە،قەشقەر ياۋاغ تۈرمىسىگە قاماقلىق 300دىن ئارتۇق سىياسى مەھبۇس تۈرمە ھويلىسىغا يالاپ ئېلىپ چىقىلىپ،تۇتاش ئوققا تۇتۇلغاندىن كېيىن،بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرىۋېتىلگەن.قەشقەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قادىر ھاجىنىڭ باشقۇرىشىدىكى بۇ تۈرمىنى شۇ چاغدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ قەشقەرگە كىرگۈزگەن قىرغىز ئاتلىق قىسىملىرىنىڭ تۈئەنجاڭى مەۋلانوپ ئۈچيۈزدەك ئەسكىرى بىلەن ساقلايتتى. {7%HK2='  
1937-يىلى 12- ئايدا،شېڭ شىسەي ئومۇمەن ئىلگىرى تۆمۈر،ئوسمان،سابىت داموللام،ماخوسەن ۋە مەھمۇت مۇھىتىغا ئەگىشىپ پاراكەندىچىلىك سالغانلار بىردەك قولغا ئېلىنىپ تازلىنىدۇ،دەپ جاكارلىغان.قەشقەردە 5000كىشى قولغا ئېلىنغان.ئۇلار بىردەك«خائىن»دەپ جاكارلانغان ھەمدە مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان.12-ئاينىڭ 17-كۈنى قەشقەر رايۇنىدا«خائىنلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئېنىقلاش ھەيئىتى»قۇرۇلغان.شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىميىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە سىتالىندىن ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن،مۇشۇ باھانىدا،شىنجاڭ مىقياسىدا نۇرغۇن چوڭ بايلارنى قولغا ئېلىپ،ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلغان.يەنە بىر جەھەتتىن كۆزگە كۆرۈنگەن ئەمەلدارلارنى ۋە زىيالىلارنى قىرىپ تۈگەتكەن. L8 NZU*"  
ئەينى يىللىرى يەكەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ۋە يەكەننىڭ ھاكىمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە،(ياۋاغ تۈرمىسىنى ساقلىغۇچى)مەۋلانۇپ،تېرىسىگە سىغماي ھۆكۈرەپ يۈرگەن زامانلىرىدا،ئىنتايىن قەبىھ ئىشلارنى سادىر قىلغان ئىكەن.ئۇ بىر قېتىم،قۇربان ھېيتىدا قاتتىق مەس بولۇپ قېلىپ،دادقىباي دىگەن ئاغىينىسى بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتە بەسلىشىپ باقماقچى بولۇپ،باشقىلارغا بۇيرۇپ تۈرمىدىن 40 نەپەر مەھبۇسنى ئېلىپ چىقىپ،ئۇلارنى ئوڭ-سول قىلىپ قاتار ياتقۇزۇپ،يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ،باشقىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ:«مەن پىچاقنى بىر قېتىمدىن سۈرۈش بىلەن،بۇ ئوڭ تەرەپتىكىلەرنىڭ جېنىنى تېزلىك بىلەن ئالالايمەن،سول تەرەپتە ياتقۇزۇلغانلارنى دادقىباي بوغۇزلىسۇن»دەپ،جاللاتلىق ماھارىتىنى كۆرسەتكەنىكەن…شۇ زامانلاردىكى قانلىق ۋەقەلەرنىڭ ھازىر بار بولغان شاھىدلىرى مەۋلانوپنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى غەزەپ بىلەن ھېكايە قىلىشىدۇ.بۇنداق ھىكايىلەرنى تارىخچى ئابلىمىت رۇزى ماڭا كۆپ قېتىم قايناپ تۇرۇپ بايان قىلىپ بەردى. 0E(G1o'  
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ ئولۇغ مائارىپچىسى،تالانتلىق تەشكىلاتچىسى،ئوت يۈرەك كومپوزىتورى ۋە شائىرى،نامى مەڭگۈ ئۆلمەس ئوغلى مەمتىلى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقى ئالدىدا قان-قەرزگە پاتقان،خەلقنى زار-زار قاقشاتقان ئاشۇ مەۋلانوپ دېگەن جاللاتنىڭ قولىدا،1937-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تاڭ سەھەردە ئېتىپ تاشلىنىپ،ئارقىدىنلا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. 0,.|-OZ  
مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە قامالغاندىن كېيىن،14-كامېرنىڭ تاملىرىغا بىر نەچچە پارچە شېئىر يېزىپ قويغان: #kNp);  
V*Xr}FE  
نەچچە يىل كەزگەن ئىدىم بۇ دىيارى غۇربەتنى، 5tLbo  
كۆرمىگەنىدىم مۇنداق ئازابۇ-ئوقۇبەتنى. $MfRw  
ئاقىۋەت ۋەتەنگە كېلىپ،قىلىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت، =20+(<  
مۇكاپات ئورنىدا ئالدىم بۇ ئازارى كۈلپەتنى. zfg+gd)Z  
تاقىتىم تاق بولدى مۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن، :2C <;o  
قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن. p0]\QM l1  
گۇناھى نە ئىكەن بۇندا قامالغان نەۋقىرانلارنىڭ؟ -o!bO9vC  
ھەققە ئويغۇنى يوقتۇر تېڭىلغان شۇ گۇمانلارنىڭ. |3Oyg?2  
روھىم ئەجەپ قىسىلدى يالغۇزلۇقتا،تۇتقۇندا، #:/27  
سائەتلىرىم ئۆتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە. BI3fk  
يېشىم ئوتتۇز ئالتە ياش،تاشتىن بەتتەر قاتتى باش، M5t.l (  
ئادا بولار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ –ھەسرەتتە.
m.1-[2{8~  
مەمتىلى ئەپەندى قايناپ تۇرغان غەزەپلىك ھېسسىياتى بىلەن،كامېر تاملىرىغا شېئىرلارنى يېزىپ توشقۇزىۋەتكەن: _od /)#  
7iwck.*  
k3@d= k  
8]`s&d@GY  
بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى،يۇرتنى بۇلغىدى قاغا، q0Q[]|L  
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا. I]+zG  
بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت، e@0|fB%2  
ئادالەتكە ئىنتىلسەم قولغا ئالدى سىياسەت. ~/-SKGzo-  
خەلقىم ئۈچۈن ئىلىم-پەن،تەرەققىيات ئىزدىدىم، ,&=7ir14>R  
نىيىتىم ساپ،دىلىم ئاق،ئۆتكۈزمىدىم جىنايەت! &&P9T/Zks  
قادىر ھاجى كىرىپ كەلدى،يېنىدا گۇندىپاي ئالتە، (Z?f eUxp  
ھەقىقەت نە؟ئادالەت نە؟بىلمەيدۇ ئەقلى بەك كالتە. &ZC{ _t  
كىشەن قىستى سېنى تەۋپىق قىلما زەررىچە پەرياد، Y 'X!T8  
پىدا قىل قاننى سەن ئەمدى،بېشىڭغا كەلدى بۇ ئەرسات. h~Z &L2V  
ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسىيان ئېتەر، ej kUNCKQt  
كۈندە مۇشتۇمدەك كېسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر. RS}_cm0  
خۇدايىم بىلۇر بالىلىرىم قالدى دادۇ-پەريادتا،  wk8fa  
دېرىكىمنى ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەر ياقتا. "'Fvt-<^S7  
ئەل خائىنى ،مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق، i_AD3Jrs  
ھۆكۈمەتكە ئۈستۈمدىن خەۋەر بېرىپسەن ساختا.
3-:^mRPJ  
« ئەل خائىنى ،مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق»دىگەن مىسرادىكى مەمتىمىن 1930—1940-يىللىرى قەشقەر تەۋەسىدە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھاكىميىتى ئۈچۈن ئىشپىيۇنلۇق قىلىپ،ئىككى قولىنى نۇرغۇن خەلقپەرۋەر ئوغلانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويىۋالغان مۇناپىق مەمتىمىن ئاق كىرپىك دىگەن كىشىنى كۆرسىتىدۇ. n5A|Zjk;  
1937 – يىل 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى سەھەردە ياۋاغ تۈرمىسىدىكى ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئوققا تۇتۇلۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى بۇ مۇدھىش خەۋەر قەشقەر شەھرىگە ناھايىتى تېزلىك بىلەن تارالغان .شۇ چاغدا ،مەمتىلى(تەۋپىق) ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ ئون نەچچە ياشلىق ئوغلى رىشات قەشقەر شەھىرىدە ئىكەن .مەمتىلى ئەپەندى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ،نىزامىدىن ئەپەندى رىشاتنى ..،مەمتىلى ئەپەندىگە تاماق ۋە كىيىم – كېچەك يەتكۈزۈپ بېرىشكە بۇيرۇغان .شۇڭا ئۇ شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ھېيىتكاھغا كېلىپ ،كېچىچە بولغان جەڭگە ئائىت خەۋەرلەرنى بىلمەكچىبولغان .لېكىن ئۇنىڭ بىلگىنى «ساقچىلار ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويىۋىتىپ يېڭى شەھەرگە قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن شۇم خەۋەر بولغان .رىشات ھىچنىمىگە قارىماي موللا ئاكىسى (مەمتىلى ئەپەندىنى شۇنداق ئاتايدىكەن) نىڭ خەۋرىنى ئېلىش ئۈچۈن ياۋاغ تۈرمىسىگە كەلگەن .قارىسا بۇ يەر قىزىل قىيامەتنىڭ ئۆزىگە ئايلانغان بولۇپ ،كۆيۈپ چۈچۈلە بولۇپ كەتكەن جەسەتلەر ھويلىدا ،تامنىڭ تۈۋىلىرىدە ،كامېرلارنىڭ بوسۇغىسىدا دۆۋىلىشىپ كەتكەن .رىشات يۈگۈرگەن پېتى مەمتىلى ئەپەندى ياتقان كامېرغا بارغان .شۇ چاغدا ،بىرسى ئۇنىڭ مۆرىسىنى تۇتقان ،قارىسا دادىسى نىزامىدىن ئەپەندى ئىكەن ،يېنىدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شاگىرتى ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ،ئاغىنىسى ئابباس چوڭمۇ بىللە ئىكەن .ئەسلى ئۇلار ئابدۇنىياز قىسىملىرىنىڭ قەشقەرگە ھۇجۇمباشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ كېچىلەپ يول يۈرۈپ قاقسەھەردە قەشقەرگە يېتىپ كەلگەنىكەن .ئۇلار قەشقەرگە كېلىپلا تۈرمىگە ئوت قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ،شۇنىڭ بىلەن ھېچ نېمىگە قارىماستىن بۇ يەرگە كەلگەن .ئۇلار بىرلىكتە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىگەن .جەسەتلەر تونۇغۇسىز دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن بولغاچقا ،ئۇلار بەك ئىزدەپ كەتكەن .كېيىن رىشات مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پۇتىدىكى كۆيمەي قالغان كاراشناۋاي ئايىغىنى تونوۋالغان .ئۇ دادىسىغا: «مەن بۇ ئاياغنى تېخى بىرنەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئەكىلىپ بەرگەنىدىم» دېگەن .شۇنىڭ بىلەن نىزامىدىن ئەپەندى بىلەن ئابباس چوڭ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھەم كىچىكلەپ ،ھەم يېنىكلەپ كەتكەن جەسىتىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ كۆينەك ،چاپانلىرىغا ئوراپ ئاتقا ئارتىپ ،بەشكېرەمگە يېتىپ كېلىپ بىر يېقىن تۇنۇشىنىڭكىگە چۈشكەن .ئۇلار قاراڭغۇ چۈشكەندە ماڭماقچى بولۇشقان .رىشاتنى بولسا ئات بىلەن ئاۋۋال بېرىپ مەخپىي ھالدا يەرلىك تەييارلىتىپ تۇرۇشقا بۇيرىغان .ئۆزلىرى جەسەتنى تاغارغا سېلىپ ،ئاتقا ئارتىپ بەشكېرەمنىڭ ئىت يولى ئارقىلىق كېچىلەپ ئاتۇشقا قاراپ يول ئالغان .نىزامىدىن ئەپەندى ،ئابباس چوڭ ،ئابدۇغۇپۇر ئۈچەيلەن ئۈستىگە جەسەت ئارتىلغان ئاتنىڭ يېنىدا بۇقۇلداپ يىغلاپ ياش تۆكۈپ ماڭغان . ,WOCG 2h  
1934 – يىلدىن 1937 – يىلغىچە بولغان تۆت يىل جەريانىدا جەڭگىۋار ئىزچىلىرىنى باشلاپ ،نەي – بارانلارنى ياڭرىتىپ ،ناخشا – مارش سادالىرى بىلەن تاغۇ – تاشلارنىمۇ لەرزىگە سېلىپ ،قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى بۇ تار يولدا نەچچە ئون قېتىم ھەيۋەتلىك سەپەر قىلغان ،ھەم شۇ خاسىيەتلىك سەپەرلىرىدە مىڭلىغان – ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قەلب كۆزىنى يورۇتۇپ ،ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن پارلاق سەھىپىلەرنى ئاچقان بۇ مائارىپ سەركەردىسى ،بۈگۈنكى كۈندە كۆيۈپ چۈچۈلا بولغان ھالەتتە تاغارغا قاچىلىنىپ ،ئاتنىڭ ئۈستىدە قەشقەر بىلەن ئاتۇش ئارىلىقىدىكى بۇ يولدا ئەڭ ئاخىرقى سەپىرىنى بېسىپ كېتىۋاتاتتى . . . . . [Ca''JqrA  
p2b~k[  
x<!]#**;  
P(8Yz W  
جاھانغا پاتمىغان سەركە 2&:z[d}~H  
قازانغا قانداق پاتقاندۇ ! ,|\\C6s  
قازانغا پاتسا پاتقاندۇ ، wY\,b*x  
تۇۋاقنى قانداق ياپقاندۇ ؟
RLQ*&[A}  
5X];?(VTsb  
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتى ئەل ئايىقى بېسىققاندا بويامەتكە ئېلىپ كېلىنگەن .ئۇلار مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى ئىنتايىن مەخپىي پۈتتۈرگەن ،نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ھەتتا نىزامىدىننىڭ ئايالى زورىخانغىمۇ ئوقتۇرمىغان . CfrO1iF  
ئاخىرەتلىك پۈتكەندىن كېيىن ،سەككىز كىشى نىزامىدىن ،ئابدۇراخمان شائىر ،ئابباس بەگ (1936 يىلىدىن كېيىن ئاتۇشقا بەگ بولغان ،يەنە بىر ئىسمى ئابباس چوڭ) ،قۇۋان شەيخ ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى (تېجەنلىك مەرىپەتپەرۋەر باي قۇۋان ھاجىمنىڭ ئوغلى) ،رىشات ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يەرلىكىنى تەييارلىغان ئىككى نىمكار – تاشمەمەت ،ئىگەمبەردىلەر ئالدىراپ مەرھۇمنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ ئۇنى دەپنە قېلىشقان .ئېتىھات يۈزىسىدىن ھەتتا قەبرە ئۈستىگە ئېگىزرەك توپا دۆۋىلەشكىمۇ جۇرئەت قىلالمىغان . 4PS|  
مەرھۇمنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن .سەككىزەيلەن نىزامىدىننىڭ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ ،بۇ سىرنى ئەبەدىي ساقلاشقا ،تۇققۇزىنچى بىر كىشىگە بىلدۈرۈپ قويماسلىققا قەسەمياد قىلىشقان . p%bMfi*T  
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ تۈرمە تاملىرىغا يېزىپ قويغان شېئىر – قوشاقلىرى قانداق ساقلىنىپ قالغان ؟ سەمەر باينىڭ ئوغلى ئابدۇراخمان سەمەر مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئوڭئېرىقتىكى «ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش كۇرسى» نىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى،.. «ساقچىلار ياۋاغ تۈرمىسىگە ئوت قويىۋىتىپ يېڭى شەھەرگە قېچىپ كېتىپتۇ» دېگەن شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغان ئابدۇراخمان سەمەر ئۇستازىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ،ئەمەت مەخسۇم قاتارلىق بىرنەچچە ساۋاقدىشىنى باشلاپ دەرھال قەشقەرگە يېتىپ بارغان .ئۇلار يېتىپ كەلگەندە ،تۈرمىنىڭ ئىچى بىر قىزىل قىيامەتكە ئايلانغان بولۇپ ،ئۇرۇق – تۇققانلىرىنىڭ جەسىتىنى ئىزدەۋاتقان ۋە تاپقانلارنىڭ يىغا – زارى پەلەكنى قاپلىغانىكەن .ئابدۇراخمان سەمەر باشلىق بىرنەچچەيلەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ جەسىتىنى ئىزدىگەن .ئۇلار ئىزدەپ بىر كامېرغا كىرىپ ،تامدا مەمتىلى ئەپەندىنىڭ چالما بىلەن يازغان شېئىرلىرى تۇرغانلىقىنى كۆرگەن .ئۇلار پۇچۇركىسىغا قاراپلا ،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ شېئىرلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلغاندىن كېيىن ،ھەممىنى كۆچۈرۈۋالغان .ئۇلار كۆچۈرۈۋالغان شېئىرلار قىرىق كۇپلىت ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ شېئىرلارنى كېيىن ئابدۇراخمان سەمەر يادلىۋالغان. k??CXW  
1937 – يىل 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بۇ مىسلىسىز پاجىئەنىڭ مۇدھىش خەۋىرى بىر – ئىككى كۈن ئىچىدە پۈتۈن قەشقەر تەۋەسىگە پۇر كەتكەن . بۇ خەۋەر ئاتۇشتا كەڭ تارقالغاندىن كېيىن ،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بالىچىلاپ بېقىۋالغان مۇنەۋۋەر شاگىرتى مىرئەھمەت سېيىت دەرھال دادىسىدىن روخسەت ئېلىپ، تېجەنلىك سۇلايمان دىگەن بالا بىلەن ئىككى ئېشەككە مىنىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئالغان. ئۇلار قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئېشەكلىرىنى تۆشۈك دەرۋازىسىنىڭ تېشىدىكى بىر سارايغا قويۇپ ،ئازراق تاماق يەپ ياۋاغ تۈرمىسىگە يېتىپ بارغان .ئۇلار تۈرمىگە يېتىپ بارغاندا ،بۇ يەر ئاساسەن جىمىققان بولۇپ بوران ئۇچۇپ تۇرغانىكەن .بۇ ئىككىسى بارلىق كامېرلارغا كىرىپ ئاخىرى مەمتىلى ئەپەندى ياتقان تۈرمىنى تاپقان .ئۇلار تۆت تامغا ئالا قويماي يېزىلغان شېئىرلارنى خاتىرىلىرىگە بىر – بىرلەپ كۆچۈرۈۋالغان .ئۇلار بۇ كامېردىن چىقىپ ،يەنە باشقا كامېرلارنى ئايلانغان .قارىسا يەنە بىر كامېردىمۇ مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بىرنەچچە كۇپلېت شېئىرى يېزىقلىق تۇرغان .ئۇلار ئۇنىمۇ كۆچۈرۈۋالغان . e"sv_$*  
مىرئەھمەت سىيىت بىلەن سۇلايمان تۈرمىنىڭ ئىشىكىنى ساقلايدىغان گۇندىپاينىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئۇنىڭ مەمتىلى ئەپەندىگە ئائىت ئىشلارنى بىلىدىغان – بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغان .بۇ ئايال بۇ ئىككەيلەنگە:«مەمتىلى ئەپەندىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئەكەلگەن ،ئاۋۋال يالغۇز كامېرغا سولىغان ،كېيىن ھىسامىدىن ئەپەندى بىلەن بىر كامېرغا سولىدى .بۇلار مەمتىلى ئەپەندىنى بەك تولا سوراق قىلدى ،بەك قىينىدى . ھېلىقى مەۋلانبېك (مەۋلانوپنى دېمەكچى) دېگەن قىرغىز بەك تولا سوراق قىلاتتى .ھېلىقى كۈنىمۇ مەمتىلى ئەپەندىنى ئاشۇ ئۆز قولى بىلەن ئاتتى .بىز بىرنەچچە ئايال ئېتىشۋازلىقتا ئوق تېگىپ كېتىشتىن قورقۇپ ،بالىلىرىمىزنى ئېلىپ بىر ئۆيگە كىرىۋالغانىدۇق .شۇ ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ،تاڭ يۇرۇقىدا بولغان ئاشۇ قىزىل قىيامەتنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق ،دوزاقنىڭ ئۆزى بولدى ،خۇدا بەندىسىگە ئۇنداق كۈننى كۆرسەتمىسۇن .شۇ كۈندىن باشلاپ ئېغىزلىرىمغا قوقاق چىقىپ كەتتى . . .» دەپ سۆزلەپ بەرگەن .مىرئەھمەت سىيىت بىلەن سۇلايمان ئېشەكلىرىگە مىنىپ ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەن .مىرئەھمەت سىيىت شېئىر يېزىۋالغان دەپتەرنى بىرەرسىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ ،شېئىرلارنى يادقا ئېلىۋالغان .مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇققان ئاتۇش خەلقى قوشاق قېتىپ يىغلىغان : j<Pw0?~s6  
~qL/P 5*+  
&l-d_dh  
I}y6ke!  
ئىشىك ئالدىدا تۆت ئورۇس ، r0&LjH&R  
تۆتىلىسىدە پاپىرۇس . #E8?2]  
ئەپەندىمنى ئۆلتۈرگەن ، k{Y\YG%b  
قادىر ھاجى جا ئورۇس .
rfgsas{F  
مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ،پۈتكۈل ئاتۇشنى قاپلىغان مائارىپ ھەرىكىتىنى سۇسلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ،نىزامىدىن ئەپەندى ،ئابدۇراخمان شائىر ،ئەمەت مەخسۇم ،تاشاخۇنۇمنىڭ ئوغلى لىۋاھىدىن قارى ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ،ئىزچىلار سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن يار مۇھەممەت ،سۇلتان مامۇت قاتارلىق ئوننەچچەيلەن يىغىن ئېچىپ«مەمتىلى ئەپەندى تۈرمىدىن چىققۇچە،ئاتۇش مائارىپىنى ئاقسىتىپ قويمايلى» دەپ ،ئابدۇراخمان شائىرنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئورنىغا ئاتۇش مائارىپىغا مەسئۇل قىلىپ بېكىتكەن .بۇ ئاي – بۇ كۈنلەردە ،ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرغاچقا ،خائىن – مۇناپىقلارنىڭ ،ئىشپىيۇن – چېقىمچىلارنىڭ كۈنى تۇغۇلغان . ئۇلارنىڭ خورىكى ئۆسۇپكۆرەڭلەپ كەتكەن .مەمتىلى ئەپەندى قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن .ئەينى يىللىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ يېنىدا مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان كىشىلەر ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ دىققەت ئوبيېكتى بولۇپ قالغان … e+2lus,u6t  
ۋەزىيەت كەسكېنلەشكەنسىرى گۇناھسىز كىشىلەر ئۇشتۇمتۇت كېچىسى ئۆيىدىن چاقىرىپ ئېلىپ چىقىلىپ ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن .ئۇزۇن ئۆتمەي مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندى ،ئابباس چوڭ مۇئەللىملەردىن ئابدۇراخمان شائىر ،لىۋاھىدىن قارى ،ئەمەت مەخسۇم ،ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ،ئىزچىلاردىن يار مۇھەممەت قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن قولغا ئېلىنىپ كەتكەن .ئۇلارنىڭ شۇ پېتى ئىز – دېرىكى بولمىغان. -biw{  
مەمتىلى ئەپەندى كۆتۈرگەن مەرىپەت بايرىقىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان تالانتلىق ئوقۇتقۇچىلار خەلقپەرۋەر شەخىسلەر بىر – بىرلەپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ،ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولغان .دېمەك ئۇلار شېڭ شىسەينىڭ ئادەت قىلغان ئۇسۇلى بىلەن يوشۇرۇن ئۆتۈرۈلگەن . oOXJ7 |n  
1937 – يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ،ھەرقايسى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى بىر قەدەر چوڭراقلىرى مەكتەپلەردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىلغان .دائىرىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ كىچىكلىرىنى ئېلىپ قېلىپ ،ئۇلارنى ئۆز مۇددىئاسى بويىچە ئوقۇتقان .ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىمۇ باشقىدىن تۈزۈلگەن .مەمتىلى ئەپەندى ئۆگەتكەن ناخشا – مارشلارنى ئوقۇش چەكلەنگەن . ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى كۈنسېرى چېكىنگەن ۋە چاكىنىلاشقان . m<MN.R7  
مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان بىردىنبىر فوتو سۆرىتى قانداق ساقلىنىپ قالغان؟ 9(KffnE^  
مەمتىلى ئەپەندى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ قەشقەر قوغانلىق باجىسى ئوبۇل ھەسەن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئايالى مەلىكىزاتنى يېشىغا توشمىغان قىزى ئەدىبە بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ كەتكەن.شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۈركىيەدە ئوقىغان چاغدىكى ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مىراس قالغان نەرسىلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ،ھازىرقى سۆرەت شۇ كېنىشكىغا چاپلانغان ئىكەن.مەلىكىزات خېنىم بۇ قىممەتلىك مىراسنى ئەتىۋارلاپ ساقلىغان.ئەپسۇسكى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىلەن كېلىپ چىققان جۇدالىق ھەسرىتىنىڭ دەردىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن مەلىكىزات خېنىم ئۇزاق ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.قارا يىتىم بولۇپ قالغان يالغۇز قىزى ئەدىبەنى قەشقەر شەھىرىدىكى ھاممىسى خەلىچە خېنىم بېقىپ چوڭ قىلغان.ئەدىبە بويىغا يەتكەندىن كېيىن تۇرمۇشلۇق بولۇپ، تۆت پەرزەنتكە ئانا بولغان.1960—1970-يىللىرى «خائىننىڭ پۇشتى»دەپ چەتكە قېقىلىپ،ئەدىبە خېنىمنىڭ كۆرمىگەن كۈنى قالمىغان.شۇنىڭ بىلەن قەشقەردىن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن.ئۇ ھازىر غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرق مەھەللىسىدە ئولتۇرىدۇ.مەلىكىزات خېنىمدىن مىراس قالغان سۈرەتنى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ باجىسى ئوبۇل ھەسەن ساقلاپ،1960-يىللىرى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندىنىڭ پەرزەنتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.ئۇلار بۇ سۈرەتنى قايتا فوتوغا ئالغۇزۇپ،كۆپەيتىپ يۇيغۇزۇپ،ئۇرۇق تۇققانلىرىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدۇ.شۇ سۈرەتتىن بىر پارچىسى 1982-يىلى قۇربان باراتنىڭ شەخسى ئادېرسىغا ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.قۇربان بارات بۇ سۈرەتنى «بۇلاق»جورنىلىنىڭ 11-سانىدا ئېلان قىلىپ،جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى.شۇندىن بۇيان بۇ سۈرەت كۆپلىگەن كىتاپ-جورناللاردا ئېلان قىلىندى. V*6&GM&  
مەمتىلى ئەپەندى ناملىق بۇ كىتاپنىڭ ئاپتۇرلىرىدىن بىرى بولغان مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى 1923-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.1935-يىلى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ «ئىزچى ئەتىرىتى»گە قوبۇل قىلىنغان ھەم بارابانچى بولغان.1939-يىلى قەشقەر سىفەن مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنىپ،ئۈچ يىل ئوقىغان.ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋە ئاتۇشتا سەنئەتچى،ئوقۇتقۇچى ۋە ئىلمى مۇدىر بولغان.1949-يىلدىن كىيىن،ئاتۇشتا مەدەنى-مائارىپ خىزمىتىنى ئىشلىگەن.1959-يىلدىن1987-يىلغىچە،ئاتۇش ناھىيىلىك(شەھەرلىك)مەدەنىيەت يۇرتىدا ئىشلىگەن.مىرئەھمەت سىيىت ئەپەندى 1981-يىلى تۇنجى قېتىم «بۇلاق»مەجمۇئەسىنىڭ 3-سانىدا«شائىر تەۋپىق»ناملىق ماقالىسىنى ۋە «تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر»نى ئېلان قىلىپ مەمتىلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك مەلۇمات بەرگەن.1985-يىلى«ئاتۇش ئەدەبىياتى»دا«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 30-يىللاردىكى كومپوزىتورى مەمتىلى ئەپەندى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.ئۇ يەنە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ناخشا- مارشلىرىدىن 40 نەچچىنى رەتلەپ كىتاپچە ھالىتىدە نەشىرگە تەييارلىغان ۋە ئادەتتىكى ئۈنئالغۇ تەمبۇر بىلەن ئوقۇپ،ئىككى پىلاستىنكا قىلىپ خاتىرە قالدۇرغان.مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى يەنە1987-يىلى«ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى — مەمتىلى ئەپەندى»ناملىق ئەسلىمىسىنى تاماملاپ نەشىرگە تاپشۇرغان. 1991-يىل10-ئاينىڭ 18-كۈنى 68 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى — مەمتىلى ئەپەندى»ناملىق ئەسلىمىسى 1996-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسىدىكى كومپىئوزىتور مىھمانجان روزىنىڭ قولىدا ساقلىنىپ تۇرغان.كېيىن 1997-يىلى 8-ئايدا«مىرئەھمەت سېيىت،يالقۇن روزى،ئابلىكىم زۇردۇن»لارنىڭ نامىدا رەسمى نەشىردىن چىققان. "JYWsE  
$VxuaOTyVZ  
 GL&rT&  
R*vfp?x  
مەنبە : << مەمتېلى ئەپەندى >> دىن . lg jY\?  
@c,=c+-  
lWU? R  
توردىكى مەنبە : ئەلچى تورى
dilتەرىپىدىن تەستىقلاندى  
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(boyka) سىستىما ئەسك ..
  • بىلىم ئىگەللەش مېنىڭ بەختىم
    dil
    كىسەل ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئىرادەڭگە باغلىق دىل ..
    دەرىجىسى: باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 113

      جىنسى: قىز
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە860دانە
    ئۆسۈش: 8.6%
      نادىر تىما: 3
      يوللانما: 860
      شۆھرىتى: 188 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 5429 يۈەن
      تۆھپە: 122 قېتم
      ياخشى باھا: 122 قېتىم
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-11
      كىرىشى: 2010-09-01

     

    1قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    باياۋان ئەپەندى..! بىزنى بۇنداق ئىسىل ئەدىپلەر بىلەن. تۇنۇششۇش، پۇرسىتى ياراتقانلىقىڭىزغا، كۆپ رەھمەت. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    ئاياللىق ۋە  ئانلىق  بۇرچۇمنى شەرتسىز  ئادا قىلمەن.
    دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 860

      جىنسى: قىز
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە229دانە
    ئۆسۈش: 11.45%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 229
      شۆھرىتى: 32 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 1375 يۈەن
      تۆھپە: 32 قېتم
      ياخشى باھا: 41 قېتىم
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-08-13
      كىرىشى: 2010-08-31

     

    2قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    ئاتۇش يېڭى مائارىپىنىڭ باشلامچىسى  مەمتىلى ئەپەندىنىڭ bPo*L~xdk  
    A]mXV4RmI  
    تەرجىمىھالى  ئىكەنغۇ    بۇ !!! qC$h~Epp4  
    *q+z5G;O  
    بەك ياخشى تىما يوللاپسىز . yct^AN|%  
    UXN!iU)  
    رەھمەت  سىزگە..... تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    يىغلايمىز، قاقشايمىز  تۇرمۇش دېگەن شۇ،
    ئۆلىمىز، تۈگەيمىز ھايات دېگەن  شۇ.
    ساپتىلەك
    دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 42

      جىنسى: قىز
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە368دانە
    ئۆسۈش: 7.36%
      نادىر تىما: 6
      يوللانما: 368
      شۆھرىتى: 103 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 2234 يۈەن
      تۆھپە: 29 قېتم
      ياخشى باھا: 29 قېتىم
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-06-08
      كىرىشى: 2010-08-31

     

    3قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى nigarدە2010-08-30 20:27يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : ^"7tfo8  
    ئاتۇش يېڭى مائارىپىنىڭ باشلامچىسى  مەمتىلى ئەپەندىنىڭ [SgWUP*  
    3t22KY[`  
    تەرجىمىھالى  ئىكەنغۇ    بۇ !!! 'c<vjjIg  
    +N5#EpW  
    بەك ياخشى تىما يوللاپسىز . }c1Vu  
    ....... Mnyg:y*=  
    }1]/dCv  
    {Md xIp[  
    خاتالاشتىڭىز، ئاتۇشنىڭ مائارىپى ئەمەس، ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ بايراقتارى. گەپكە دىققەت قىلىڭ. Epj  
    fiz2544  
    تىما ئىگىسىگە رەھمەت. ھەر قىتىم ئېسىل تىمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمەن. كۆپ رەھمەت. تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    ساپ تىلەك
    boyka
    دەرىجىسى: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 597

      جىنسى: يىگىت
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە354دانە
    ئۆسۈش: 7.08%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 354
      شۆھرىتى: 45 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 1994 يۈەن
      تۆھپە: 46 قېتم
      ياخشى باھا: 171 قېتىم
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-08-02
      كىرىشى: 2010-08-31

     

    4قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    ئىشلىتىش
    بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى dilدە2010-08-30 18:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  : St,IWOmq"  
    باياۋان ئەپەندى..! بىزنى بۇنداق ئىسىل ئەدىپلەر بىلەن. تۇنۇششۇش، پۇرسىتى ياراتقانلىقىڭىزغا، كۆپ رەھمەت. /eDah3%d  
    "Nd$sZk=  
    شۇنداق رەھمەت تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    بويكا
    دەرىجىسى: مېھمان

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 1211

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
    ئۆسۈش: 2%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 2
      شۆھرىتى: 0 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 60 يۈەن
      تۆھپە: 0 قېتم
      ياخشى باھا: 0 قېتىم
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-08-29
      كىرىشى: 2010-08-30

     

    5قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: ئالدىنقى كۈنى بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    مەنمۇ رەخمىتىمنى بۇلدۇرىمەن *[Wh9 ,H  
    شۇزامان لاردا بولگان بولسام شىڭ شىسەى دىگەن بۇئەبلەخنى ئوزۇم جايلايدىكەن مەن )%;#~\A  
    شۇ ئىسلاھات چىلىرىمىز قەستلەن مىگەن بولسا .......؟ تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    ئىنساننىڭ .ئىززەت-ئابرويىنى قوغدىشىمۇ خاتالىقمى ..
    دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى

      تىزىم نۇمۇرى: 563

      جىنسى: يوشۇرۇن
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
    ئۆسۈش: 4.6%
      نادىر تىما: 0
      يوللانما: 23
      شۆھرىتى: 2 قېتم
      مۇنبەر پۇلى: 175 يۈەن
      تۆھپە: 2 قېتم
      ياخشى باھا: 2 قېتىم
      ھالىتى:
      تىزىم:2010-07-31
      كىرىشى: 2010-08-31

     

    6قەۋەت  يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
    • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
    يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

    مەمتېلى ئەپەندىدەك بۇنداق كىشىلەنىڭ تەرىپىنى قىلىپ يازغان ئەسەر لەرگە پەقەت رەھمەت دىيىشلا ئازلىق قىلىدۇ ....،قالغىنىنى ئىلاھىم ئەجرىڭىزنى بەرگەي ،    تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت باياۋان ئەپەندى ، تەرىپىدىن تەستىقلاندى  
    دۇنيا ئىبرەت بىلەن تولغان،شۇنداقلا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ كۆزياشلىرى بىلەنمۇ تولغان.
    ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما