يارقىن ئوبراز نامەيەندىسى -ئابدۇرېھىم راخمان
fnudu0k ئاپتۇرى -پەرھات مۇھەممەتئىمىن
(يىتىلىۋاتقان ياش سەنئەتكار، ئوبراز يارىتىشتا ئۆزگىچىلىك بىلەن تۇنۇلىۋاتقان چولپان ،شىنجاڭ -ئوپېرا تىياتېرىنىڭ ياراملىق ئارتىسى -ئابدۇرېھىم راخماننىڭ سەنئەت ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ قىممىتى ۋە بەدىئىيلىكى ھەققىدە ئويلىنىش)
pt-1>Ui مەنىۋى ئېھتىياج بىلەن ماددىۋى ئېھتىياجنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئادەمنىڭ ئىنسانچىلىق پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىككى خىل ئاساس بۇلۇپ، بۇ ئاساسنىڭ ئۈزىگە مۇجەسسەملىگەن ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىپادىسى يەنىلا خاسلىق بىلەن ئۆلچەملىشىىش قەدىمىنى بېسىپ ئۆتكەن بۇلىدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلىرىدە بىشىدىن كەچۈرگەن ،ھەر قانداق كەچۈرمىشى ۋە نەتىجىسى ھامان شۇ خىل دەۋىرىنىڭ ئەمىليىتىدە پىشىقلىنىپ ، شۇ دەۋىرىگە كىرەك بولغان ئادەملەر تۇپىنىڭ تەستىقىدىن ئۈتۈشكە ھامان ئېھتىياجلىق.
بېشىدىلا تىلغا ئالغان مەنىۋىلىك بىلەن ماددىۋىلىق ئادەملەرنىڭ مۇھىم ئاساسى بولىمىش ئىجدىمائى ھايات مەناسىنى ھاياتلىق كارتىنىسىدا ئۆز فونكىسىيىسى بۇيىنچە ئەندىزىلەپ ، سىزىپ چىقىدۇ. ئەمدى مۇشۇنىڭ ئىچىدە ئادەملەرنىڭ ھاياتلىق مەناسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مەنىۋى سېزىم ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ، بۇ بىر ھىسابتا ئادەملەرنىڭ باشقا ھاياتلىقتىن پەرىقلىنىدىغان مۇھىم بەلگىسىگىمۇ تەخىرسىز ھالەتتە تەققاسلىنىدۇ.
مەنىۋىيلىك- مەزمۇن قارالمىسىنىڭ مۇھىم بۇلىشى بىلەن بىرگە دائىرىسنىڭ كەڭرىلىكى بىلەنمۇ، يەنە شۇنى ھىس قىلغۇچى خەلق تۇپىنىڭ بىر پۈتۈن مەدىنىيلىكىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھىس قىلىدىغان بولساق، مەنىۋىيەت قاتلىمى بىلەن مەدىنيەت ئۆلچىمى ھامان جىپسىلاشقان ھالەتتە بىر-بىرىنىڭ تۇلۇقلاشقا تىگىشلىك زۈرۈيىتىنى تولدۇرۇپ ماڭغان بۇلىدۇ.
ئوي-ھىسيات بىلەن بىرگە ئىپادە قىلىنىدىغان مەنىۋىيەتتە ،ئىنسانلار كۆپىنچە،ئۆز ئەتىراپىدىكى تۈرلۈك -تۈمەن ھادىسىلەرنىڭ ئەسلى ھالىتى بىلەن كۆچمە ھالىتىنى ئوخشىمىغان ھالەتتە كۈزىتىپ، ئوخشاش بولمىغان يىغىندى ئەقلى ھۈكۈم بىلەن ھىسىىسى ئۇقۇم ئىجادلاپ ھەر خىل باھالارنى ،قاراشلارنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مەنىۋىيەت ھادىسىنى بىر پۈتۈنلۈك جەھەتتىن ئىزاھلايدىغان بولساق ،بۇنىڭ ئىنىقلىمىسى ئىنتايىن يىتۈك مەزمۇن ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگە دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى ئۇقۇمغا ئىگە بۇلىدۇ. شۇنداق بۇلۇش سەۋەبىدىن بۇ خىل يىتۈكلۈككە بىر پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى ئوخشاش بولمىغان خەلق تۇپى ئوخشاش بولمىغان پۇزىتسىيەنى تۇتىدۇ.
مۇشۇ خىل مەنىۋىيلىكتە <سەنئەت>تىن ئىبارەت يىگانە بىر باب بۇلۇپ، دەپ ئۆتكىنىمزدەك ھەر خىل قوۋىملارنىڭ تۇنۇشى ھەرخىل بۇلىدۇ. بۇ ئىنكار قىلىش قىيىن بولغان ھەقىقەت. بۇ يەردە ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغىنىمۇ دەل سەنئەتكارلار بىلەن سەنئەتكار ۋەكىللىك قىلغان خەلق مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى بۇلۇپ، بەزىدە بۇ مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ھەقىقى ئورنىنى تاپالماي قارىغۇلارچە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
مۇشۇ جەھەتتە بىز نەزىرىمىزنى ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا يۆتكەيدىغا بولساق ، بىزنىڭ زادى ھىس قىلىش، كۈزىتىش، توغرا ھۈكۈم چىقىرىش ، ھەقىقى ھۇزۇرلىنىش بىلەن ئەملى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش تەخىرسىز بولغان نۇرغۇنلىغان سەنئەت ۋارىيانىتلىرىنىڭ ئىنتايىىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىشىمىز تۇرغانلا گەپ .
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر جەمىيىتىدە يەنە بىر خىل ئادەمنى چۆچىتىدىغان ھەقىقى رىئاللىق مەۋجۇد بۇلۇپ، بۇنىڭ دەلىلى <دوگما ھاقارەتشۇناس>لىق بۇلۇپ، ئۆز خەلىقىمىزنىڭ تۈرلۈك تۈمەن ژانىردىكى سەنئەت ھەققىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش قىيىنغا توختايدۇ. بۇ يەردە ئۈزىنى ئىنتايىن بىلىملىىك سانايدىغان ھاقارەتچى ئىلىم ئەھلىلىرى سەنئەت ھەققىدىكى پىكىرىنى ، بىر بىلەت بىلەن ئىنكار قىلىپ ، بۇنىڭغا ئونۋېرسال تەرەققىياتتىن ئىبارەت ۋەزنى ئېغىر بولغان ھۈكۈمنى زورلاپ كىيگۈزۈپ . سەنئەت پىكىرىنى روياپقا چىقارغان پىكىر ئەھلىنى جىنايەتچى قاتارغا ئۆتكۈزىۋىتىدۇ. ھەتتا ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق ئىنتايىن ئېغىېر سېسىق گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەپ ، ئۈزى ياقتۇرسا توغرا خالىمىسا خاتا بولغان ، پىكىر مىتودىنى چىقىراپ تۇرۇپ بازارغا سالىدۇ. قىسقىسى ئەقەللى پىكىر قىلىش مىتودىنىمۇ قەتئى كۆزگە ئىلماي ، سەنئەت بىلەن تەرەققىياتنى، پەن بىلەن سەنئەت نەتىجىسىنى قارىمۇ-قارشى ئىككى قۇتۇبقا ئايرىۋىتىدۇ.
مەن شۇنداق قارايمەنكى ئىلىم -پەن. سىياسى- ئىقتىساد، سودا-سانائەت، پەلسەپە، تارىخ، ئىتىقاد ، مەدىنيەت چۈشەنچىسى ، ئىتىقاد، ھەربى تېخنىكا، زىمىن پۈتۈنلۈك، ئەدىبىيات-سەنئەت، ماتىماتىكا، .. قىسقىسى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ھەممە نەتىجىسى ھەرگىزمۇ بىر-بىرگە قارشى ھالەتتە ئۆز قىممىتىنى تاپمايدۇ.
توغرا بىزنىڭ تېخنىكا، ئىلىم-پەن، پەلسەپە، ماتىماتىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئاجىز ھالەتتە ئىكەنلىكىمىزنى مەنمۇ ئىتىراپ قىلىمەن. ھەم ئۈزۈممۇ ماتىماتىكا ئىلمىدە ئۇقۇپ تا ھازىرغىچە مۇشۇ ئىلىمدىن ئۇقۇغۇچى تەربىلەپ كىلىۋاتىمەن. لىكىن مەن شۇنىمۇ ئىتىراپ قىلىمەنكى يۇقۇرقى ساھەلەرنىڭ نەتىجىسىگە سەنئەت سەۋەبكار ئەمەس.
شۇ ۋەجىدىن بۈگۈن مەن قانداق سەۋەب بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەزكۇر تىمىدا پىكىر قىلىشنى توغرا قارىغانئىكەنمەن، چۇقۇم مۇشۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ ،ئۆز قاراشلىرىمنى تۈۋەندىكى بىر قانچە تەرپلەردىن تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1-ئۇيغۇر ئىتوت سەنئىتىدە بارلىققا كەلگەن يىڭى دەۋىرىدىكى نەمۇنىلىك ئوبرازلار ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر.
ئىتوت سەنئىتى بولسا سەنئەت چوڭ بېغىدىكى ئۈزىگە خاس بىر خىل ژانىر بۇلۇپ ، ئۇ سەھنە ، ئاكتىيور، ماھارەت، كۆلكە، ئىبىرەت، تەربىيە، ئۇرۇنداش ئىستىداتى، بېغىشلاش، بەدىئى- زوق،ئىستىتىك لەززەت، تىل قابىليىتى، مەدىنيەت چۈشەنچىسى، مۇھاكىمە. قاتارلىق بىر قانچىلىغان مۇھىم تەرەپلەرگە چېتىشلىق بولغان تۈر ھىسابلىنىدۇ. ئەمدى بۇ يەردە ھەل قىلغۇچ ئۈچ ئامىل بۇلۇپ ، نادىر ئىتوت ئەسىرى ، ئوبراز ياراتقۇچى ئاكتىيور . ھۇزۇر ئالغۇچى كۈرۈرمەن قاتارلىق مۇھىم ۋاستىلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىردەكلىشىىشى بىلەن ھەقىقى ئىتوت . ئىتوت سەنئەتكارى ۋە بۇنى ئىتىراپ قىلغۇچى ئەلنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بۇ خىل شەكىلەنگەن ھەقىقى سەنئەتتە بىر پۈتۈن ئاۋامنىڭ دىلىدا قالىدىغىنى يەنىلا يارقىن ئوبراز بۇلۇپ ، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئىتوتچىلىقىدىمۇ بىز ياقتۇرغان يۇقارقى شەرىتلەرنى تۇلۇق قانائەتلەندۈرگەن ئوبرازلار بارلىققا كەلدى.
بۇ ئوبىرازلار دىن-،نەسىرىدىن ھىسام، سايىم نوچى، بالۇن قاپىيە، ھەۋەسكار، چوڭ ئەيسا ، كىچىك ئەيسا،ھاشىمەك ، شەيتان پېرىم، داۋۇد پالتا. ئايپاتەم. قادى كىتاب، زىۋەر(كىنولاردىكى ئالىمجان بۇلۇمسىز ، رېجەپ توپاق ،تۇرسۇن تىكە، ئابدۇل تېرە، ئوسمان داڭگال) رېھىم قان، بالاڭزا، تۈرەك.. قاتارلىقلارنى مىسال قېلىش مۇمكىن . ئەمدى بۇ ئوبرازلارنى روياپقا چىقىرىشتا ۋاستىلىك ھەم بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن تۆھپىكار شەخىسلەرمۇ ھەم بار .
بۇ يەردە پەخىرلىنىش بىلەن ھىسام قۇربان ،يۈسۈپ سالى، ئاپېرىل سەمەت ،ئابدۇكېرىم ئابلىز، ئادىل مىجىت، خالمۇرات ئۈمەر، ئابلىكىم كەلكۈن،قەييۇم مۇھەممەت ،خەيرىگۈل ھەسەن، خاسىيەت قۇربان. نىجات نىياز ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، تۈمۈرخان روزى، يالقۇن قۇربان ، ئۆمەرجان ،جۈرئەت ۋاھىت ، ئىسلامجان ۋارىس، قاھار نىياز، ئابلىز توختى ، ئابدۇرېشىت توختى ،دىلشات راھىدىن،ئابدۇرېھىم راخمان، ئەنۋەر ئابلىز، رۇقىيە ئۇبۇلقاسىم، مەمەتجان -رۇزى سايىت، قۇندۇزئاي تاش، راھىلە ،ئەكرەم،ھەمدە ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان كۈلكە تۈھپىكارلىرىنى شەرەپ بىلەن تىلغا ئالالايمىز. بۇلار ھەر قىتىم سەھنىگە يۈزلىنىپ ئوبراز ياراتقاندا شۇنچىلىك خاسلىق ياراتتىكى ، ئۈزى ئالغان رول مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن ، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن خەلق ئالدىدىكى بۇرىچى بىلەن مەسئۇلىيتىنى بىرەر مىنۇتمۇ ئىسىدىن چىقىرىپ قويمىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇلار ياراتقان ھەر قانداق خارەكتىردە ياراتقان ئوبېراز لار مەيدانغا كىلىشى بىلەنلا ئۇيغۇر سەنئىتىدىكى ئۈزىنىڭ ھەقىقى جىلۋىسىنى نامايەن قىلىپ، خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالدى. خەلقنى بۇ خىل سەنئەتتىن ھەقىقى نەپكە ئىرىشتۈردى. قىنى ئىيتىپ بېقىڭ بۇ يەردە مەن يەنىلا ئۈزۈمنىڭ ھىسياتىنى بازارغا سېلىۋاتىمەنمۇ ؟
بۇ يەردە تىمىمىزنىڭ ھەقىقى ئېھتىياجى يۇقۇرقى شەرەپلىك شەخىسلەر ۋەكىللىك قىلغان يارقىن ئوبىرازلارنىڭ ھەممىسىنى تۇلۇق ئىزاھلاش بولمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ،مۇشۇ تارماق تىمىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈنلا مۇشۇنچىلىك توختىلىمىز. ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆزگىچە خاسلىق بىلەن تۇنۇلغان ئابدۇرېھىم راخمان ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ،بالاڭزا ،رېھىم قان ئوبىرازىنى سۈزۈپ ئېلىپ ، شۇ نىشان بۇيىنچە مۇلاھىزىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىپ باقىمىز. ۋە ئاساسى مەقسىدىمىزنى ئوخشىمىغان نوقتىدىن تەھلىل قىلىپ ئۈز ئېيتىملىرىمىزنىڭ نىشانىغا يەتمەكچىمىز.
2- ئابدۇرېھىم راخمان ۋە ئۇ ياراتقان ئوبېرازنىڭ خەلق قەلبىدە شەكىللىنىشىدىكى سەۋەب.
مەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشتىن بۇرۇن ،ھەقىقى بىر ئەسلىمىنى ئەسلەپ ئۆتمەكچىمەن.
(2009-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت سەككىزدە خوتەن دىيارىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى تېياتېر كۇلۇبىغا ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوپېرا تېياتېرىنىڭ ئەلگە تۇنۇشلۇق خەلق سەنئەتكارلىرى توپلاشقانئىدى ، بۇ يەردە ئەل سەنئەتكارلىرىمىزدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، ئادىل مىجىت، خالمۇرات ئۈمەر، تۇرغۇنكام،ھەم ياش ئارتىسلىرىمىزدىن ئابدۇرېھىم راخمان، ئەنىۋەر ئابلىز، قۇندۇز ئاي، سابا -مۇزىكا ئەترىتىدىكى مۇزىكانىت ياشلار توپلاشقانئىدى، مىنىڭ شۇ ۋاقىتلاردا كۆزگە كۈرۈنگەن تور مۇنبىرىدە ئىلىم ئالماشتۇرۇۋاتقان ۋاقتىم بولغاچقا بۇ چوڭ يېغىلىشنى ئىختىيارى خەۋەر قىلىش ۋەزىپىسى نىسىپ بولغانئىدى. شۇ ۋەجىدىن بۇلار بىلەن بىۋاستە ئۇچىرىشىش ئىھىتىياجى تۇغۇلدى. مەن قانداق ئۇچىرىشىشنى كۆپ ئويلاپ باش قاتۇرۋاتقان ۋاقتىمدا دەل ماڭا تۇنجى بۇ ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىنى دەل مەزكۇر ئوغلان ئابدۇرېھىمجان بولدى. مەن تۇنجى قېتىم بۇ ياشىنى ئىكىران رۇلى بىلەن ئەمەس، ھۆسىنخەت ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا ئۇچىراتتىم . ۋە ناھايتى قىسقا، ئەھمىيەتلىك قىزغىن سۆھبەت ئاساسى ياراتتىم. مەن شۇ ۋاقىتتا ھىس قىلغانكى بۇ ياشنىڭ پەزىلىتى ئۇنداق ئاسان تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايدىغان ھەقىقى پەزىلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنئىدىم )
توغرا بۇ ھەقىقى بىر رىئاللىق ۋە ئەمىليەت ئىدى. مىنىڭ بۇ يەردە تىمىدىن سەل چەتنىگەن ئەسلىمە ئارقىلىق دىمەكچى بولغان قارىشىمنى بەلكىم توغرا ئىپادىلەش نىسىب بولمىسىمۇ لىكىن ئابدۇرىھىم راخماننىڭ سەھنىدىكى ئوبىرازى بىلەن ھەقىقى ئوبىرازىنى سېلىشتۇرۇپ ئىزدىنىشتە ئازىراق بولسىمۇ ھەقىقى ئۈنۈم كۆرسىتىشى راسىت ئىدى.
ئەسلى سۈزىمىزگە قايىتساق بۇ يەردە ئوتتۇرغا قۇيۇلغان نىشانىمىز بولغان مەزكۇر ئوغلان ۋە ئۇ ياراتقان نەتىجىلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتا ، ئاۋۋال بۇ سەنئەتكەرنىڭ كىملىكى ۋە ئۇ ياراتقان ئوبىرازنىڭ ئەل قەلبىدە شەكىللىنىشى سەۋەبىنى تارماق كىچىك تىمىغا بۈلۈپ ئوتتۇرغا قويماقچىمەن.
1) ئابدۇرېھىم راخمانننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
باشقىلار بۇ مەزمۇننى كۈرۈپ سەل باشقىچە ئويلىشى مۇمكىن. مەيلى نىمە بۇلۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ يەردە بۇ ئوغلاننىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىرىش ئارقىلىق باشقا ئۇچۇرلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ۋە تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەكرار بولسىمۇ بىرىشنى توغرا قارىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەسكەرىتمەكچىمىز. ۋە قىستۇرۇشنى مۇۋاپىق قارايمەن.
تالانتىلىق ياش ئاكتىيور ئابدۇرېھىم راخمان 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 26-باشلانغۇچى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1994-يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتوتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1998-يىلى مەركىزىي تىيارتى ئىنىستىتوتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئوپىرا-تىياتىر ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان. f3HleA&&
2001-يىلى «ئارتىس تاللاش» ناملىق ئېتوتى بىلەن تۇنجى سەھنە ئەسىرىنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن «فىلىم ئىشلەش»، «MTVئىشلەش»، «پۇلۇمنى بېرىۋەت»، «غەيۋەت قىلغىنىم ئەمەس»، «يانفون»، «مېھمان 8»، «مېھمان 9»، «مېھمان 10»، «ھەمراھ»، «يىغلىماڭ قوزام»، «تۇيغۇ باتۇر»، «ھالال»، «قىزىل تۇخۇم»، «مەن سىزنى سۆيىمەن»،«غەيرىي كېسەل»، «قەغەز يولۋاس»، «شەيتان» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا 1999-يىلى «دوزاخقا سەپەر» فېلىمدا تۇرسۇن ئوبرازىنى، شىياڭگاڭلىق داڭلىق رېژىسسور شۈ كېنىڭ رېژىسسورلىقىدىكى كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى «七剑下天山» دە ئەترەت باشلىقى ئوبرازىنى، 2002-يىلى 1-ئاۋغۇست كىنو ئىستودىيەسىي ئىشلىگەن «مىللىي ئەترەت مارشى» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا ئازاد ئوبرازىنى، «قاناس قەلئەسى سىرى» فېلىمىدا قوش كېزەك قاتارلىق ئوبرازلارنى ناھايىتى ئۇستاتلىق بىلەن يارىتىپ، ئاكتيورلۇق ساھەسىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئابدۇرېھىم راخمان ئاكتيورلۇق كەسپىدە ئوبرازلارنى ئۆزىگە خاس ماھارىتى بىلەن يارىتىشتىن باشقا يەنە «يانفون»، «پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر» ناملىق ئىككى ئېتوتقا قەلەم تەۋرىتىپ، مۇۋاپپىقەتلىك سەھنىگە ئېلىپ چىقتى.
2) ئابدۇرېھىم راخمان ياراتقان ئوبىرازنىڭ خەلق قەلبىدە شەكىللىنىشىدىكى ئاساس.
مىنىڭچە ئابدۇرېھىم راخمان ياراتقان ئوبىرازلار ئىچىدە ئادەمنى ئەڭ سۈيۈندۈرىدىغان ۋەكىل خارەكتىرىگە ئىگە پېروتىپلاردىن ، (بالاڭزا، رېھىم قان، توختى ئاخۇن) قاتارلىقلار بەر. بۇنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىمۇ ناھايتى ئۆزگىچە بۇلۇپ ، بۇنىڭغا قارىتا ، بۇ سەنئەتكارىمىزنىڭ ئۆز ئاغىزىدىن چىققان ئاساس بىلەن مەن ھىس قىلغان تەرەپلەرنى تەڭ ئوتتۇرغا قۇيۇش ئارقىلىق جاۋاپ ئىزدىسەك بىر قەدەر تۇلۇق بۇلىدۇ.
ئالدىنقى نۆۋەت باس-باس تورىنىڭ ،قەلىب كۆزنىكى پېروگىراممىسىدا زىيارەت قىلىنغان ئابدۇرېھىم راخمان ئۈزى ياراتقان سەھنە ئوبىرازى ھەققىدە سۆز بۇلۇنغاندا ، بۇنىڭ ئارىسىدىكى بىر تىپنى يەنى بالاڭزا تىپىنى مىسال قىلىپ ئۆتتى. ھەم ئۇنىڭ ئاساسىنى مۇشۇ خارەكتىر يارىتىلغان ئەسەرنىڭ ھەقىقى ئىھىتىياجى بىلەن ئۈزىنىڭ ماس كەلگەنلىكى ،ھەم تەكىرار ئۇرۇنلاپ نەتىجە قازانغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن ئازىراق ئۇچۇر بەردى.
مىنىڭچە يۇقارقى ئاساسمۇ بىر سەنئەتكارنىڭ ئۆز نەتىجىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك پاكىت . ئەمدى مەن بۇنىڭغا تۇلۇقلاش كىرگۈزۈشنى تېخىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن .
بىرىنجى - ئابدۇرېھىم راخمان ياراتقان ئوبىرازلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇۋەپىقىيەتلىك چىققان بۇلۇپ ، مەن بۇنىڭغا پەقەت بالاڭزا بىلەن چەكلەنمەستىن ، رېھىم قان ، توختى ئاخۇن قاتارلىق تۈرلەرنىمۇ سىڭدۈرمەكچىمەن. يۇقارقى ئوبىرازلارغا قارايدىغان بولساق ، سەنئەتكار ئابدۇرېھىم راخمان ئوينىماقچى بولغان رولنىڭ خام ھالەتتىكى چوڭ نۇپۇزى بىلەن ھىسابلاشماستىن . شۇ رولنى روياپقا چىقىرىش جەرياندىكى مۇھىم زۈرۈر شەرىت ئۆز تالانىتىنى ھەقىقى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن، بۇ جەھەتتە بىر ئارتىسنىڭ سەھنىدىكى بىر پۈتۈن ئۇرۇنلاش قابىليىتى زادى قانداق يۇسۇندا خەلق بىلەن ئۇچىراشقاندا ھەقىقى تەسىر پەيدا قىلىش ئىمكانىيتى پەيدا قىلىدۇ؟ دىگەن مۇھىم بۇرىچ سۇئالىغا جاۋاپ تاپقان.
ئىككىنجى - ئۈزى ياراتماقچى بولغان ئوبىرازغا بىجاندىل سېڭىپ كىتىش ئەمىليىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، رول بىلەن ئارتىسىنىڭ ھەقىقى مۇناسىۋىتىنى توغرا ھەل قىلغان. مۇشۇنداق دىيىلسە بەلكىم باشقىلار سەل مۇبالىغە قىلىندىمۇ قانداق؟ دەپ سۇئال بىلەن ياندىشىشى مۇمكىن. بىراق بۇنى تېخىمۇ چىن مەنىدىن ئەقلى كۆز بىلەن كۈزەتسە ،يەنىلا ئۆز سۇئالىغا جاۋاپ تاپالايدۇ.
ئۈچىنجى- بىر ئارتىستا يىتىلىش زۈرۈر بولغان ئونۋېرسال ساپا يەنى ،تىل، ئىنكاس، ھەرىكەت، تەسىر، مىمىكا ، قاتارلىق زۈرۈر ئىقتىدارنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن.
تۆتىنجى - رىئاللىقتىكى ئۆز ئوبىرازى بىلەن سەھنە ئوبىرازى پەيدا قىلغان بىر قاتار قۇلايسىزلىقلارغا قەتئى ئىككىلەنمەي توغىرا مۇئامىلە قىلغان. تاكى خەلق بىلەن بىردەك قاراش يىتىشتۈرگىچە ئۆز پەزىلىتى بىلەن دادىل يۈزلىنىش ئەمىليىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
بەشىنجى - ھەمكارلىق، سەنئەت ئەخلاقىنى يارىتىشتا خاس پەزىلەت يىتىشتۈرگەن. بۇنىڭغا مەزكۇر چولپاننىڭ سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇمايدىغان پەزىلىتىنى مىسال قىلىش مۇمكىن . يەنى بۇنىڭغا يەنىلا باس-باس تورى رادىئو پېروگىراممىسىدا ئېيىتقان سەنئەت ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن ، دوستى ،ساۋاقدىشى يىتىلىۋاتقان رېژىسور جۆرئەت ۋاھىتقا يىنىشلاپ ئېيىتقان تەشەككۈرىنى مىسال قىلىشىمىز مۇمكىن.
ئالتىنجى - تىنىمسىز تىرىشىىش ، بىرەر نەتىجە بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق پەزىلىتى يىتىلگەن. بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ ئۇستازلارنى ئۈلگە تۇتۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى مىسال بۇلالايدۇ. بۇنى يۈسۈپ سالى ئاكام بىلەن چىقارغان پېلاستىنكىسىنىڭ ئەھۋالى ئىسپاتلاپ بىرەلەيدۇ.
دىمەك مۇشۇنداق بىر قانچىلىغان ھەقىقى ئىقتىدارنى، تىرىشچانلىقنى ، ھەمكارلىقنى، ئۈزىنى بىغىشلاشنى ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزگەن ئابدۇرېھىم راخمان خەلق قەلبىدىكى يارقىن ئوبىرازنى ياراتتى، ياش تۇرۇپ بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلدى.
3-مەزكۇر ئوغلان سەنئەت نەتىجىسىنىڭ بەدىئى قىممىتى ۋە ئەھمىيتى .
بىر نەتىجە ۋۇجۇدقا چىققان ئىكەن چۇقۇم ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە ئۆز ئورنىنى تاپقان ھەقىقى قىممىتى مەۋجۇد بۇلىدۇ. ۋە مۇشۇ قىممىتى بىلەن ئەھمىيەتلىك سانىلىپ ئورتاق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ، ئىتىراپ قىلىشقا ئاساس يارىتىدۇ. شۇنداق بولغانئىكەن بۇ ھەقتە پىكىر قىلىشىمىزنىڭ ئاساسى تۇرغۇزىلىدۇ.شۇڭلاشقا بۇ يەردە مەزكۇر ئوغلان روياپقا چىقارغان سەنئەت نەتىجىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك دەپ قارالغانلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ،سەنئەت نوقتىسىدىن ھەم كەسىپ نوقتىسىدىن ئىزاھلاپ چىقىشقا ئىنتىلمەكچىمىز.
سەنئەتتە ئەزەلدىن بار بولغان بىر خىل ھەقىقەت بار. ئوبولسىمۇ سەنئەت ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ مەلۇم كارتىنىسىنى سۈزۈپ ئېلىپ ئۇنى بەدىئى تۈستىكى ئىستىتىك تىل بىلەن باشقىدىن جانلاندۇرۇپ ،ئىجىتىمائى تۇرمۇشنى بىر خىل مەناغا ئىگە قىلىشتىكى يىڭىچە ئاڭ فورماتسىيسىنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا بىر نادىر سەنئەت نەتىجسىنىڭ بارلىققا كىلىشىدە ئىجتىمائى تۇرمۇش ئاساسى مەنبە بۇلىدۇ.
قارايدىغان بولساق ئابدۇرېھىم راخمان ۋەكىللىك قىلغان سەنئەت نەتىجىلىرىدە «MTVئىشلەش»، «پۇلۇمنى بېرىۋەت»، «غەيۋەت قىلغىنىم ئەمەس» «تۇيغۇ باتۇر»، «مىھمان 9»، «يېغلىما قۇزام » قاتارلىق ئوبىرازلار ئالاھىدە گەۋدىلىكتۇر.
بىز مۇشۇ ۋارىيانىتلارغا ئاساسەن ، نەتىجىنىڭ قىممىتى بىلەن ئەھمىيتى توغىرىسىدا تەھلىل يۈرگۈزۈپ باقايلى .
1) يۇقارقى سەنئەت نەتىجىسىنىڭ ھەقىقى قىممىتى .
بۇ سەنئەت نەتىجىلىرىگە قارايدىغان بولساق ، بۇ ئىتوتلاردا مۇنداق بىر خىل ئورتاق مەۋقە ئاساس قىلىنغانلىقىنى ھىس قىلىمىز.
بۇ ئىتوتلاردا ئەڭ تەسىر پەيدا قىلغىنى 2009يىللىق رۇزى ھىيىت سەنئەت كىچىلىكىدە بىز بىلەن ھەقىقى يۈز كۈرۈشكەن «MTVئىشلەش» تىمىسىدىكى ئىتوتتا سەنئەت مۇھىتىنى ئەخلەتلەشتۈرىۋاتقان بىر قىسىم ئەقىلسىز ياشلارنىڭ ئەمىليىتىنى سەھنىگە ئىلىپ چىقىش ئارقىلىق ، جەمىئەتتە ھەقىقى نادىر سەنئەت ئەسەرلىرىنى قوغداش مەسئۇلىيتىنى شەكىللەندۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ، ھەقىقى قىممەتكە ئىگە جەمىئەتنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. ئەلۋەتتە بۇ قىممەتلىك نەتىجە مۇشۇ ئىتوتنى ئۇرۇنلىغان ھەممە سەنئەتكارغا تەۋە بولسىمۇ . بۇنىڭدىكى گەۋدىلىك رولدىكى ئابدۇرېھىمنىڭ بالاڭزا رۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي تۇرالمايمىز. نەزىرىمىزنى يەنە بىر ئىتوت «پۇلۇمنى بېرىۋەت» كە ئاغدۇرساق بۇ ئىتوتتا يەنە ئۆزگىچە بولغان شەكىل بىلەن ،جەمىيتىمىزدە ئورتاق شەكىللىنىۋاتقان ئۆتنە-يېرىم قىلىشتىكى ئىشەنچىسىزلىكنى ،ئالدامچىلىقنى ئادەم ئەقلىگە كەلتۈرمەيدىغان زامان ۋە ماكان بىلەن روياپقا چىقىرىپ، ھەممە ئادەمنىڭ بۇخىل تويماسلىقتىن بىزار ئىكەنلىكىنى ، ئورىنى كىم كولىسا شۇنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ. ئىجتىمائى ئەخلاق قىممىتىنى يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. بۇنىڭدىكى توختى ئاخۇن رۇلىدىنمۇ بىز بۇ خىل چاقىرىققا يىتىشىمىز تەس ئەمەس. ئەمدى نەزىرىمىزنى مىسالىمىزدىكى ئۈچىنجى ئىتوتقا قارىتىدىغان بولساق «غەيۋەت قىلغىنىم ئەمەس» دىگەن ئىتوتتا بىز يەنە ئەڭ تەخىرسىز بولغان . جىددى ئۆزگەرتىشىمىز زۈرۈيىتى تۇغۇلغان پەس قىلمىش ، پەزىلەتسىزلىك غەيۋەتخورلۇققا بولغان جەمىئەت ئىنكاسىنى روياپقا چىقارغان. ئەمدى مۇھىم بولغان يەنە بىر ئىتوت «مىھمان 9» ياكى لايىق تۇنۇشتۇرۇشقا قارايدىغان بولساق، بۇ رولدا ئابدۇرېھىم راخمان -داۋۇد پالتىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچى ئىنىسى بولغان رېھىم قان ئوبرازىنى ئاجايىپ مۇۋەپىقىيەتلىك يارىتىپ، تۈۋەن قاتلامدىكى ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسىنى سىزىپ چىقىشتىكى يانچى كاتالىز رۇلىنى ئۆز قىممىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى چۈشىنىۋالاليمىز.
يەنە بىر ئىتوت «يېغلىما قۇزام » غا قارايدىغان بولساق ، بىر بالىنى چوڭ قىلىشقا يۈزلەنگەن يىڭى تۇرمۇشلۇق بولغانلارنىڭ ، بالا ئۈچۈن ئاتا-ئانىنىڭ قانداق جاپا تارتىدغانلىقىنى ھەقىقى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
دىمەك قىممەت يارىتىش مەنىسى ۋەزىن جەھەتتىن بىر قەدەر ئېغىر بولغان مەسئۇلىيەت بۇلۇپ ، ئۇ پەقەت مەشغۇل بولغۇچى ياكى ئىجادلىغۇچىنىڭ ئىقتىدارى بىلانلا ئەمەلگە ئاشماستىن ، بەلكى قانداق بىر خىل ئىستىدات بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ۋۇجۇدقا چىقرالىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مانا بۇ ھەقىقەت دەل قىممەت يارىتىشتىكى مۇھىم قەدەم. بۇ قەدەمنى ياخشى بېسىپ كىتىۋاتقان بۇ سەنئەتكار تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنالامدۇ ياكى قازىنالمامدۇ؟ بۇ تامامەن قاراڭغۇ. ئەمما بىز چۇقۇم داۋاملىشىىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
2) يۇقارقى سەنئەت نەتىجىسىنىڭ بەدىئىيلىكى بىلەن ئەھمىيتى .
يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نەتىجىلەردە بىز ئاساسلىقى قىممىتى توغىرىسىدا توختالدۇق . ئەمدى بەدىئىيلىكى توغىرىسىدا پىكىر قىلىشمۇ ھەم مۇھىم. بۇنىڭدا پىكىرىمىزنى ئورتاق ھاسىل قىلىنغان ، بەدىئى ئىستىداتنىڭ ئەمىليىتى بىلەن ئىسپاتلىماقچىمىز.
بىرىنجى - بۇ ئوغلانىمىز رول ئالغاندا باشتىن ئاخىرى شەكىللىنىدىغان بىرخىل بەدىئىيلىك بۇلۇپ، ئۇ بولسىمۇ قىزىىق گەپلەرنى چۈچۈكتىل بىلەن ناھايتى تەبىئى دىيىش ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىنى ئۈزىگە تارتىدۇ. مەسىلەن «MTVئىشلەش» دىگەن ئەسەردىكى -( ئوخخو بالاڭزا . بىز ۋاغۇ دابىليوۋ،دابىليوۋ،دابىليوۋ، جودا كومدا ئوينايدىغانلاردىن جۇمۇ؟ ئوق چىقمىدا خان، )دىگەن سۆزلەرنى سەنئەت تىلى بىلەن ئۇرونلىشى تىل گۈزەللىكىنى يۇقىرى كۈتۈرسە، بۇ ئىتوتتا ئوينايدىغان ئۇسۇل بىلەن ، ھەرىكەتلەر ،ھەرىكەتتىكى قىزىقارلىق تۈسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۈتۈرگەن.
ئىككىنجى- ھەجىۋىيلىك بىلەن مەنا قوغىلىشىىشمۇ بۇنىڭ بەدىئىيلىكى بىلەن ئەھمىيىتىنى ئاشۇرغان. يەنى «پۇلۇمنى بېرىۋەت» دىگەن ئىتوتتىكى توختاخۇن راستىنلا ئادەمنى كۈلكىگە قىستايدىغان ئەمىليەتنى شەكىللەندۈرسە، ئۇلىشىپلا ئالماشقان باي تۈسى راستىنلا قىزىقارلىق تۈس بىلەن ئەمىليەت ياراتقان.
ئۈچىنجى - ئىتوت ئۇرۇنلاش جەريانىدىكى ياراتقان ئۆزگىچىلىك ۋە بىشىدا دەپ ئۆتكەن ئونۋېرساللىقمۇ دىمەكچى بولغىنىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. مەسىلەن لايىق تۇنۇشتۇرۇش رۇلىدىكى رېھىم قاننىڭ ، چوڭ ئەيسانى يالاپ مىڭىشى ئادەمنى تېخىمۇ ئۆزگىچە تۇيغۇغا بېغىشلايدۇ.قىسقىسى بەدىئىيلىك بىلەن شەكىللەنگەن ئەھمىيەتلىك روللار بىزنى راستىنلا مەنىۋى ئۇزۇق بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.
4- تىلەك ۋە خاتىمە
يۇقۇردا ئۆز بىلىشىمچە ئەتىراپلىق بولمىسىمۇ بىر قاتار قاراشلىىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم. بۇ يەردە ئەلۋەتتە ياخشى قاراشنىڭ ياكى بۇنىڭ ئەكىسىنىڭ چىقىشى تۇرغانلا گەپ. ھەم نۇرغۇنلىغان كۈرۈرمەنلەرنىڭ رەت قىلىپ زەربە بىرىش يۇلىنى تۇتىشىمۇ ، ھەم مەۋجۇد. چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ بىلىشى ،چۈشىنىشى، قىزىقىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ھەم ئۇچۇق شۇنىمۇ دىگۈم كىلىدۇ. بۇ يەردە مەن ئۇيغۇر تۆھپىكارلىرىنى دەرىجىگە تىزمىدىم. ھەم تىمىنىڭ باش قەھىرمانىنى ئەڭ نوچى دەپمۇ ئېيىتمىدىم. باشقىلارنى چۈشۈرمىدىم،پەقەت شۇ سەنئەتكارنىڭ سەنئەت نەتىجىلرىنى بىر قۇر ئۆز بىلىش تارازامدىن ئۆتكۈزدۈم. شۇڭلاشقا بۇ يەردە تىلەكلەر سەمىمى بولسا دىگەن ئۈمىدىمەن.
بىز ئابدۇرېھىمجاننىڭ تىلغا ئالمىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بۇلۇپ ، خاس خارەكتىردىكى رىياسەتچىلىكى بۇلۇپ، بۇنىمۇ تاشلىۋەتمىسە. شۇنچە جاپالار بىلەن كۈچىگەن بولساقمۇ سەۋىيە ئاسارىتىنىڭ تۈۋەنلىكى بىلەن بۇ تىمىدا خاتالىقلارغا سەۋەنلىكلەرگە يول قويغان بۇلىشىمىز ئىنىق. ئەمما ئىلىم پۇزىتسىيەسىدىن ئالغاندا بۇلانىڭ ھەقىقى سەۋىيە ئەھلىنىڭ تۇلۇقلىشى بەك زۈرۈر. بۇ جەھەتتە ئاياناماي تەكلىپنىڭ بۇلىنىشىنى ھەقىقى ئۈمىد قىلماقچىمەن.
مەن بولسا ھەممە دوسلارنىڭ تېخىمۇ ئەقىل كۈزى بىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ھەر ساھە يارقىن تىپلارنى ئىزدىنىشىنى سەمىمى تەۋسىيە قىلىمەن. ھەممە ئىلىمنىڭ سەمىمى ھەمكارلىشىپ تەرەققى قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ھەمدە يىتىلىۋاتقان سەنئەتكارىمىز ئابدۇرېھىم راخماننىڭ تېخىمۇ تىرىشىپ، ئۇستازلاردىن ياخشى ئۈگىنىپ ئۇيغۇر سەنئەت ئاسمىنىدا تېخمۇ چاقنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تىلەكلەر ئاددى . ئەمما مەنىسى ئاددى ئەمەس. ھەم باشقا دوسلارنىڭمۇ ھەممە ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەش بىلەن بۇ تىمىنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن.
{kp^@ AnaTuprakتەرىپىدىن تەستىقلاندى