«خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەر لۇغىتى» ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ
Bw.&3efd
جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىن توققۇزنى تەشكىللەپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق تەرجىمە كەسپى ئىشلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈردى. تەكشۈرۈش جەريانىدا ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى تەرجىمانلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار «يېڭى سۆزلەر لۇغىتى» تۈزۈپ يېڭى سۆزلەرنىڭ تەرجىمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مۇشۇ تەلەپ ئاساسىدا، تەرجىمە ئىدارىسى تۈزۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى تولۇق ئاڭلاش ئاساسىدا تولۇق تەييارلىق كۆرۈپ، 2002-يىلى «يېڭى سۆزلەر لۇغىتى» تۈزۈش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى. مەزكۇر لۇغەت شۇ تۈرنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە روياپقا چىقتى. :* b4/qpYv
«خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە يېڭى سۆزلەر لۇغىتى»گە دۆلىتىمىز قۇرۇلغان 1949-يىلدىن بۇيانقى، بولۇپمۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن يېڭى سۆزلەر يەنى ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىكى سۆزلەر، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان پەن-تېخنىكا سۆزلىرى، يېڭى مەنە يۈكلەنگەن كونا سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى يېڭى سۆزلەر لۇغىتى»(جۇڭگو قامۇس نەشرىياتى)، «يېڭى سۆزلەر چوڭ لۇغىتى» (شاڭخەي لۇغەتچىلىك نەشرىياتى)، «شىنخۇا يېڭى سۆزلەر لۇغىتى» (سودا باسمىخانىسى)، «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى» (سودا باسمىخانىسى)، «قىسقىچە خەنزۇچە يېڭى سۆزلەر لۇغىتى»(تىل-ئەدەبىيات نەشرىياتى) قاتارلىق لۇغەتلەر ئاساسىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم يىغىنلىرىنىڭ ھۆججەتلىرىنى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلار توپلاملىرىنى تەرجىمە قىلىش داۋامىدا توپلاپ رەتلەنگەن يېڭى سۆزلەر، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى تەرجىمە ئورۇنلىرى تەمىنلىگەن يېڭى سۆزلەر، شۇنىڭدەك ھازىر بار بولغان يېڭى سۆزلەر ئىمكانقەدەر تولۇق جەملەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزىدىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلار ۋە ئۇلارنىڭ پوچتا نومۇرى، دۇنيادىكى مەملىكەتلەر، رايونلار، پايتەختلەر ۋە پۇل ناملىرى، ئاساسىي قانۇن-نىزام ۋە خەلقئارا شەرتنامىلەر مۇندەرىجىسى، جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى جىنايەت ناملىرى، خىمىيىۋى ئېلىمېنتلار جەدۋىلى، كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىلىرىنىڭ ناملىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ناملىرى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنچىلىق گېزىت-ژۇرناللىرى ۋە نەشرىياتلىرى قوشۇمچە قىلىپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قوللىنىشچانلىقى، بىلىمچانلقى كۈچلۈك، قېلىپلاشتۇرۇلغان، نوپۇزلۇق لۇغەت ھېسابلىنىدۇ. تىل-يېزىق، تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ۋە سىزگىمۇ ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ. بۇ لۇغەت 2008-يىلى 5-ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، 2000 تىراژدا بېسىلغان. (سانى چەكلىك) [t{#@X
لۇغەت 16 فورماتلىق، قاتتىق مۇقاۋىلىق، سىپتا تۈپلەنگەن، جەمئىي 1919 بەت. ئەسلىي باھاسى 182 يۈەن. ھازىر 60% لىك ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ، پوچتا ھەققىنى ئۆزىمىز چىقىرىپ ئەۋەتىپ بېرىمىز. !#1A7[WN
سېتىۋالغۇچىلارنىڭ تېزدىن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز. a<TL&
Ag0_^
ھۆرمەت بىلەن جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى ئۇيغۇر بۆلۈمى &\|<3sd(
iLcadX
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدۇللا غاپپار h\*rv5\M
تېلېفون: 15810800251 IC.<)I
6259-62555131-010 (ئىشخانا) Ja=70ZI^6
([dL:Fb