تاتارلارغا ئۇۋال بولدى : بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن
C4 &1M مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئوركىشىنىڭ يوللانمىسىنى ، كۆچۈرۈپ قويدۇم بۇ يوللانمىدا تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇلغان .
4M&6q(389 eh-/,vmRa قىرىمدىكى %95 ئاۋاز بەرگۈچى روسىيەگە قوشۇلۇشنى قوللىدى
#Cda8)jl( جۇڭگو ئاخبارات تورى 17-مارت تېلگىراممىسى. [نۇر تورى تەرجىمىسى]
4Y[uqn[ ئوكرائىنا قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى شۇ يەر ۋاقتى 16-مارت ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئۆتكۈزۈپ، روسىيە فىدراتسىيەسىگە كىرىش-كىرمەسلىكنى قارار قىلدى. قىرىم ئەمەلدارى شۇ كۈنى، قىرىم ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنىڭ تولۇق بولمىغان نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن %95.5 ئاۋاز بەرگۈچىنىڭ قىرىمنىڭ روسىيەگە قوشۇلىشىنى قوللىغانلىقىنى جاكارلىدى . بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىرىمدىكى ئومومىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
Gmi w(T روسىيە كېرمېل سارىيى 16-مارت، روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ شۇ كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكىنى. پۇتىننىڭ ئوباماغا، قىرىمدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنىڭ «خەلقئارا قانۇنغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن»لىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئومومىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كۈنى، قىرىم پايتەختى سىمفېروپولدا ئاز دىگەندىمۇ 15 مىڭ ئادەم شەھەر مەركىزىدىكى لېنىن مەيدانىغا يىغىلىپ، ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنى تەبرىكلىدى. روسىيە ۋە قىرىمنىڭ بايرىقىنى كۆتىرىۋالغان كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشتە «ھەل قىلغۇچ غەلبە»گە ئېرىشتۇق، قىرىم روسىيەگە قوشىلىدۇ دەپ قاراشتى.
{[ j+y قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى سېرگېي.ئاكشىيانوۋ، قىرىمنىڭ ئامالنىڭ بارىچە ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە روسىيەگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاكشىيانوۋ، ئۆزىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 17-مارت قىرىم پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ روسىيەگە بېرىپ، روسىيە فىدراتسىيەسىگە رەسمىي قوشۇلۇش ئىلتىماسى سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاكشىيانوۋ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، مۇشۇ ھەپتىدىن باشلاپ، روسىيە روبلىسىنىڭ ئوكرائىنا پۇلى بىلەن ئوخشاش ھالدا قىرىمدا ئوبوروت قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
x>^r%<WbX قىرىم رايونىدىكى ھەرقايسى ئاۋاز بېرىش پونكىتلىرى شۇ يەر ۋاقتى 16-مارت سەھەر سائەت سەككىز (گرېنۋىچ ئۆلچەملىك ۋاقتى سائەت ئالتە) دە ئېچىۋېتىلدى، تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ نەپەر سالاھىيىتى ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاۋاز بەرگۈچى 12 سائەت ۋاقىت ئىچىدە بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بەردى. ئاۋاز بېرىش شۇ يەر ۋاقتى 16-مارت كەچ سائەت سەككىزدە ئاياقلاشتى. قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى سېرگېي.ئاكشىيانوۋ، ئاۋاز بېرىش نىسبىتىنىڭ %85 كە يەتكەنلىكىنى ئېيىتتى. روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئاۋاز بېرىش پونكىتىنىڭ ئېغىزىدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %93 ئاۋاز بەرگۈچى قىرىمنىڭ قايتىدىن روسىيەگە تەۋە بولىشىنى قوللىغان. قىرىمنىڭ سېۋاستوپولدىكى تاتارلارمۇ ئاۋاز بېرىشكە قاتناشتى، روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ شۇ يەردىكى تاتارلار رايونى ۋەكىلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوكرائىنانىڭ شەرىقى قىسمىدىكى دونتسېك، خاركوۋ ۋە لوگانسك قاتارلىق شەھەرلەردە روسىيەپەرەس ئامما نامايىش ئۆتكۈزۈپ، قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىكى ئومومىي خەلق ئاۋاز بېرىشنى قوللىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، روسىيەنى قوللايدىغان نەچچە مىڭ ئېتراز بىلدۈرگۈچى ئوكرائىنانىڭ شەرىقى قىسمىدىكى دونتسېكتا تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان پائالىيەتچى زاتلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
g_\U-pzr ئامېرىكا قىرىمدا ئېلىپ بېرىلغان ئومومىي خەلق ئاۋاز بېرىشنى قاتتىق ئەيىپلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ «ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش مەيداندا» ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. لېكىن، ئەنگلىيە تاراتقۇسىنىڭ ئامېرىكا ۋاشىنگىتوندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى، ھازىرقى ھالقىلىق مەسىلىنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ قانداق كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرىشىدە، ئۇلارنىڭ روسىيەگە قارىتا قانداق جازالاش تەدبىرى قوللىنىشىدا ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى.
H=OKm ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېروننىڭ باياناتچىسى، ئەنگلىيەنىڭ قىرىمدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنى، ئاۋاز بېرىشنىڭ نەتىجىسىنىمۇ ئېتراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە تەرەپ روسىيەنى ئوكرائىنا بىلەن سۆھبەتلىشىپ، خەلقئارا قانۇن بويىچە كىرزىسنى ھەل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئىلگىرى ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە ئوكرائىنا بىلەن قىرىم مەسىلىسىگە ئائىت قارار لايىھەسى سۇنۇپ، 13 ئەزا دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق روسىيەنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى، قىرىمدىكى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشنىڭ «خەلقئارا قانۇن ۋە ئوكرائىنا ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ» ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئاۋاز بېرىش ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلسە، ئۇلارنىڭ روسىيە ئەمەلدارلىرىغا قارىتا قاتتىق جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. روسىيە دىپلۇماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ شۇ يەر ۋاقتى 14-مارت ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررې بىلەن بولغان مارافونچە سۆھبىتىنى ئاياقلاشتۇرغاندىن كېيىن، موسكۋانىڭ «قىرىم خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىدۇ»غانلىقىنى ئېيتقان.
^d! (8vh 3_JxpQg http://www.nur.cn/news/2014/03/160359.shtml 8}FZ1h24 )]"aa_20]