باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       418 
  •    ئىنكاس 
       1 

پارلاق كەلگۈسى ئىستىقبالغا قانداق ئېرىشىش كېرەك؟

قەۋەت ئاتلاش
بۇرچ01
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19328

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   110 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   12 (قېتم)
 تۆھپە:   11  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 358
 سائەت
دەرىجىسى:
358 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2014-03-10
ئاخــىرقىسى:2014-04-08

پارلاق كەلگۈسى ئىستىقپالغا قانداق ئېرىشىش كېرەك؟
E)f9`][  
4[MTEBx  
فېردون ھەسەن بۇرچى EltCtfm`  
z,7;+6*=L  
سىز جەمئىيەتتىكى ئورنىڭىزنى تاپالىدىڭىزمۇ؟ aR('u:@jHi  
نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز؟ نېمىلەرگە ئېرىشتىڭىز؟ N-knhA  
ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭىزغا ئېرىشەلىدىڭىزمۇ؟ LL)t)  
ئۆزىڭىزنى قانداق ئادەم بولدۇم دەپ قارايسىز؟
9p3~WA/M@  
c$L1aZo  
بەلكىم قەلبىڭلاردا كەلگۈسىگە نىسبەتەن نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلار، گۈزەل مەنزىرىلەر ھەم ئۇلۇغ نىشانلار كۆمۈلۈپ ياتقان بولۇشى مومكىن ياكى ۋاقتى كەلگەندە كۆرەرمەن دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشۇڭلارمۇ مومكىن ۋە ياكى ئەمدى نېمە ئىش قىلارمەن دەپ ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرگەن بولۇشۇڭلارمۇ مومكىن. بۇ جەمئىيەتكە يېڭى قەدەم قويغان ھەر قانداق بىر ياش قەلىبتە بولىدىغان نورمال ھېسسىيات ۋە ئوي-خىياللار، خالاس. F ]Zg  
جەمئىيىتىمىزدىكى كارخانىلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كۆڭلىدىكدەك خىزمەتكە ئېرىشەلمەي، ئۈمىدسىزلىنىپ يۈرمەكتە. سىتاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭدىكى مەمۇرلار ئېمتىھانىغا قاتنىشىۋاتقان ستودىنتلارنىڭ سانى نەچچە ئون مىڭغا يەتسىمۇ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %2كە يەتمەيدىكەن. يەنە كېلىپ، بۇ %2كە يەتمىگەنلەرنىڭ ئىچىدە ناھايىتى ئاز قىسمى ئاز سانلىق مىللەت ستودىنتلىرى ئىكەن. بىز بۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي خادىمى بولۇش رىقابىتىنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچى بولۇش رىقابىتىدىن نەچچە ئون ھەسسە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. *AGf'+j*z  
چوڭ كارخانىلارغا كىرىپ، يۇقىرى مائاش ھەم تەمىنات ئېلىپ ئىشلەشنى ھەممەيلەن ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، شۇنىڭغا يارىشا ئىقتىدار، جاپاغا چىدايدىغان روھ ۋە ئىشەنچ بولمىسا، ئۇ يەردە ئىشلەش تۈگۈل، كىرىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. كىچىك كارخانىلاردا بولسا، مۇئاش تۆۋەن، ئىش مىقدارى كۆپ، ئىش تەقسىماتى ئېگىز-پەس، باشقۇرۇشى قالايمىقان، ئادەمنى جايىدا ئىشلىتىش ئىقتىدارى ئاجىز، قائىدە-تۈزۈملىرى مۇكەممەل ئەمەس، ئىشقىلىپ ئادەمگە گۈزەل كەلگۈسى ئىستىقپالنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا، بىزدە تولۇپ-تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ LP|YW*i=IQ  
مەن تۆۋەندە 98-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى ئۆتكۈزگەن، بىر كارخانا خوجايىنىنىڭ كەچۈرمىشىنى قىسقىچە بايان قىلىش ئارقىلىق، يولىنى تاپالماي، گاڭگىراپ قالغان ياشلارغا بىر چىقىش يولى كۆرسىتىپ بەرمەكچى. /V/NL#(R  
بۇ ئۇ كارخانىچىنىڭ ئېغىزچە بايانى بولغاچقا، بىۋاسىتە «مەن» دەپ ئېلىۋەردىم. سۆزلىگۈچىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىنى قوغداش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، شىركىتىنىڭ نامى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنمىدى. HF_8661g  
«ئالىي مەكتەپنى يېڭى پۈتتۈرگەندە، مېنىڭمۇ نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلىرىم ھەم ئۇلۇغ نىشانلىرىم بار ئىدى، ھەتتا قىلىدىغان ئىشلىرىمنىمۇ تەپسىلىي پىلانلىۋالغان ئىدىم، كەلگۈسىدە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى يارىتىپ، چوڭ ئىشلارنى قىلىمەنغۇ، مېنىڭ قىلالمايدىغان ئىشىم يوققۇ، دەپ ئۈزۈمگە ئىنتايىن ئىشىنەتتىم. چۈنكى مەن ئالىي مەكتەپتە ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان ئىدىم، ئاساسىي كەسىپتىكى نەتىجەممۇ ئىنتايىن ياخشى ئىدى (سودا-سانائەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان). ئۇدا 4 يىل سىنىپ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، مۇنەۋۋەر سىنىپ كادىرىمۇ بولغان. مېنىڭ تەشكىللەش، باشقۇرۇش ھەم مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىممۇ يۇقىرى ئىدى. ئەمما، جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەسقاتمىدى، ئەينى چاغدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىم، تەسەۋۋۇرۇمدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر ھەم پۇختا تۈزگەن پىلانلىرىمنىڭ ھەممىسى بەربات بولدى. ]H}2|~c  
مەن ئەسلىدە، جەمئىيىتىمىزدىكى بىرەر شىركەتكە كىرىپ، پۈتۈن ئىقتىدارىمنى ئىشقا سېلىپ، ياخشى ئىشلەش بىلەن تەڭ، كارخانىنى قانداق قۇرۇش، قانداق باشقۇرۇش ۋە قانداق تىجارەت ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى ئەمەلىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللەپ، نەچچە يىلدىن كېيىن، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەيمەن دەپ پىلانلىغان ئىدىم. ئەمما، تۇنجى ئىشلىگەن شىركەتتىلا چوڭ زەربىگە ئۇچرىدىم (قايسى شىركەتلىكىنى تىلغا ئالمىدى). مېنىڭ نەزىرىمدىكى تەرەققىيات ئىستىقپالى بار، مىللىتىمىزنىڭ پەخرى بولغان بۇ شىركەت، مەن ئويلىغاندەك ئۇنداق ماڭا نەپ بېرەلەيدىغان ھالەتتە چىقماي قالدى، ھەتتا مۇئاش تۈزۈلمىسىمۇ كۆڭلۈمدىكىدەك بولمىدى، باشقۇرۇش ۋە تۈزۈملىرىمۇ ئېگىز-پەس، خادىملار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، ئىتتىپاقلىقمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. باشقۇرغۇچىلىرى بولسا مەنمەنچى، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەيدىغان ئادەملەر ئىدى. مەن بۇ ئەھۋاللارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن، باشقۇرغۇچى بىلەن شىركەت خوجايىنىغا ئۆزۈمنىڭ پىكىرى ۋە كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەتراپلىق ياخشى پىلانلارنى سۇنغان بولساممۇ، ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەتمىدى (بەلكىم ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەي قالغان بولۇشى مومكىن)، بۇ ئىش بىر قانچە قېتىم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنى خۇددى ئارتۇق ئىشقا ئارلىشىۋالغاندەك، ئېتىبارغا ئېلىنمىغاندەك ھېس قىلىپ، ماڭا تولىمۇ ھار كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئاشنىڭ تۆۋەنلىكىگە باقماي، ئىش مىقدارى كۆپ، خىزمەت ۋاقتى ئۇزۇن ھەمدە مۇئاش بېرىلىش ۋاقتى ئېگىز-پەس بولغاچقا، مەندىكى ئوتتەك خىزمەت قىزغىنلىقى بارا-بارا سوۋۇشقا باشلىدى. ئاخىرىغا كېلىپ خىزمەتكە سەل قارايدىغان، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزۈمنى ئېلىپ قاچىدىغان، ھەتتا، سەككىز سائەت ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋالساملا بولدى دەيدىغان بولۇپ قالدىم. كېيىن، بۇنداق ئۆتۈپ كېتىۋەرسەم، ئۆزۈمنى تۈگەشتۈرۈۋالىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ، بۇ شىركەتتىن ۋاز كېچىپ، ئىككىنچى بىر شىركەتكە كىردىم. بۇ شىركەتنى ئىلگىرىكى شىركەتكە قارىغاندا، سەل ياخشىدەك ھېس قىلدىم، مۇئاشى ئىلگىرىكى شىركەتتىن سەل يۇقىرى، ئىشلىرىمۇ ھەر ھالدا تەرتىپلىك ئىدى. شىركەت خوجايىنى گەرچە كۆپ ئوقۇمىغان بولسىمۇ، باشقۇرۇش ۋە تىجارەتكە ماھىر ئادەم ئىدى. ئەمما، ئادەم ئىشلىتىشكە كەلگەندە، بىزنىڭ نېمە ئىش قىلىشىمىز ياكى نېمىگە مەسئۇل بولۇشىمىز بىلەن كارى يوق، ئۆزىنىڭ خىيالىغا كەلگەنچە ئىشلارغا سالاتتى. مەن بۇ شىركەتكە ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىگە مەمۇرىي ئىشلارنى قىلغىلى كىرگەن ئىدىم، مېنىڭ مال سېتىش، بازار ئېچىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن خوشۇم يوق ئىدى، ئىشخانىدا ئولتۇرۇپلا ئىش قىلسام دەيتتىم. شىركەتكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، خوجايىن مېنىمۇ بازار ئېچىشقا ھەم مال سېتىشقا چۈشۈردى. مەن بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوبۇل قىلالمىدىم. مەندە يەنە ئۆزگىرىش يۈز بەرگىلى تۇردى. بۇ شىركەتنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى، رەھبەرلىك قاتلىمى، باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى، خىزمەت تەرتىپى ھەم خوجايىننىڭ ئىدىيىسى دېگەنلەر كۆزۈمگە سىغمايدىغان، ئۇلاردىن پۇتاق ئىزدەيدىغان، ئاغرىنىدىغان، ھەتتا شىركەتنى مەنسىتمەيدىغان بولۇپ قالدىم. خىزمەت قىزغىنلىقىم يەنە سۇسلاشتى. بۇ ئىككى قېتىملىق زەربە مېنىڭ كەلگۈسۈمنى غۇۋالاشتۇردى، مىللىي كارخانىلارغا بولغان ئىشەنچىمنى سۇسلاشتۇردى، ھەتتا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنىمۇ بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. نەگىلا بارسام جاھاننىڭ قۇلىقى تۆتتەكلا بىلىندى. مەن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق، ئاخىرى بۇ يەردىنمۇ چىقىپ كېتىپ، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش قارارىغا كەلدىم. مەن بىر ياقتىن پىلان تۈزگەچ، بىر ياقتىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەردىن قەرز يىغدىم. شېرىكىم بىلەن ئىككىمىز يىغقان پۇللارنى بىر يەرگە جەملەپ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كومپيۇتېر مەتبەئەچىلىكى ئورنىدىن بىرنى ئاچتۇق. شېرىكىم ئىككىمىزنىڭ كېچە-كۈندۈز جاپالىق ئىشلىشى ئارقىسىدا، تىجارىتىمىز خېلىلا ياخشى بولۇپ قالدى. ئانچە-مۇنچە پۇلمۇ تاپتۇق. ھەتتا، خىزمەت ئورنىمىزنى كېڭەيتىپ، شىركەت قىلىپ ئەنگە ئالدۇردۇق، بىر قانچە خادىمنى كەينى-كەينىدىن قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزدىكى يۈكنى سەل يەڭگىللەتتۇق. ئەمما، بۇ يەڭگىللىك بىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردى. خادىملىرىمىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كىرىمىمىز چىقىمنى كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، شېرىكىم بىلەن ئىككىمىز شۇنچە ئاماللارنى قىلىپ باققان بولساقمۇ، يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىدى. بىز خادىملار بىلەن بىللە بىر قانچە قېتىم كوللېكتىپ يىغىن ئېچىپ، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىدۇق، خادىملار ناھايىتى ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى. ئەمما، ئۇلار بەزى ئىچكى ئەھۋاللارنى تولۇق بىلمىگەچكە، ھەمدە بۇ كەسىپكە بولغان چۈشەنچىسى ئاجىز، تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، ئوتتۇرغا قويغان تەكلىپ-پىكىرلىرى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرتەلمەيتتى، شۇڭا، شېرىكىم ئىككىمىز كۆپ مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، خادىملارنىڭ مۇئاشىنى تۆۋەنلىتىشكە ھەم خادىملارنى بازار ئېچىشقا سالماقچى بولدۇق. ئويلىمىغان يەردىن بۇ ئۇسۇلىمىز پۈتۈنلەي ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ، خادىملارنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەتتە خادىمدىن ئىككەيلەنلا قالدى. بۇ ئىككەيلەن ئىستېپا بەرگەنلەرگە قارىغاندا، تىرىشچان، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلالايدىغان، ئۆز نىشانى بار، ياراملىق بالىلار ئىدى. ئۇلار گەرچە ئىچكىرى ئۆلكىدىكى داڭلىق مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن، ئىدىيىسى ئىلغار، ئالىي مەلۇماتلىق ياشلار بولسىمۇ، بىزنىڭ بەرگەن مۇئاشىمىزنى ئاز كۆرمەي، ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز بويىچە، بازار ئېچىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇلار كۈندە 10 سائەت ئەتراپىدا ئىشلەيتتى. بىز بىرەر ئىش قىلماقچى بولساق، ئۇ ئىككەيلەن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئاندىن قىلىدىغان بولدۇق، بىز بىر قانچە قېتىم مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، ئاخىرى يېڭىچە بىر يولنى تۇتۇپ، تىجارىتىمىزنى خېلىلا ياخشىلىۋالدۇق، كىرىمىمىزمۇ ئاشتى. بىزدىن ئايرىلماي، بىز بىلەن بىللە جاپا تارتقان بۇ ئىككى خادىمغا مۇھىم خىزمەتلەرنى تاپشۇردۇق، ھەتتا يېڭى قوبۇل قىلغان خادىملارغا مەسئۇل قىلىپ، كۆڭلىدىكىدەك مۇئاشنى بېكىتىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئېشىپ، بىزگە كۆپ مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزدى. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتتى، ئارىسىدىكى بىرەيلەن ئىستېپا بېرىپ، بىر قانچە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى، بىزمۇ ئۇلارنى قوللىدۇق ھەم ياردەم قىلدۇق. ھازىر ئۇنىڭ شىركىتى ناھايىتى ياخشى كېتىۋاتىدۇ. يەنە بىرەيلەن شىركىتىم تاكى ۋەيران بولغىچە، ناھايىتى سادىقلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ بەردى. شىركەت ۋەيران بولغاندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ، ئىگىلىك تىكلەپتۇ. ھازىر ئۇنىڭ ئىشىمۇ ناھايىتى ياخشىكەن. :DNI\TmhJ  
2003-يىلى شېرىكىم بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدا ئېغىر زىددىيەت كۆرۈلۈپ، شىركىتىمىز ۋەيران بولدى. بۇ جەرياندا، تاپقان-تەرگىنىمىز تۆگەپ، بىرمۇنچە قەرزگە بۇغۇلدۇق. ئۇ كۈنلەر مەن ئۈچۈن قاباھەتلىك كۈنلەر بولدى. ئىگىلىك تىكلەپ، شىركەت قۇرۇشنىڭ بۇنچىلىك مۇشەققەت ھەم خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى پەقەتلا ئويلىماپتىكەنمەن. مەن بىر يىل نېمە قىلىشىمنى بىلمەي، بىكار يۈرۈپ كەتتىم. شۇ چاغلاردا بىشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار توغرىسىدا كۆپ ئويلاندىم. ئەينى چاغدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆز ئالدىمدىن بىردىن-بىردىن ئۆتكۈزۈپ چىقتىم. ئاخىرى، بۇ مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچراشتىكى ئاساسلىق سەۋەبكارنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. مەن پۈتۈنلەي ئۆزۈمنىڭ ھېسسىياتى، ئۆزۈمنىڭ مەيدانى ھەم ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى بويىچىلا ئىش تۇتۇپ كەپتىمەن. مۇھىتنى ۋە باشقىلارنى ئۆزگەرتىشكە، بىراقلا چوڭ ئىشنى تەۋرىتىشكە بېرىلىپ كېتىپتىمەن. ھە دېسىلا مۇھىتتىن، ۋەزىيەتتىن ھەم باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا يۈرۈپتىمەن. ئۆزۈمنىڭ زادى قانچىلىك ئىش قىلالايدىغانلىقىم، قانچىلىك ئىش قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىم ھەم قىلىپ بەرگەن ئىشىمنىڭ ئۇلار ئارزۇ قىلىدىغان ئىش ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدا بىر ئازمۇ ئويلىنىپ باقماپتىمەن. مەن ئەينى چاغدا مەنسىتمىگەن، ئىشلەشنى خالىمىغان، ھە دېسىلا پۇتاق ئىزدىگەن شىركەتلەر چوڭ تەرەققىياتلارغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ھەر ھالدا ناھايىتى ياخشى كېتىۋېتىپتۇ، مەنچۇ، مەن شۇ ئەينى چاغدىكى تەكەببۇرلۇقۇم، بىلەرمەنلىكىم بىلەن ئىگىلىك تىكلەپ، ۋەيران بولۇپ، مانا ھازىرقىدەك ئوسال ئەھۋالغا قېلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. Dv/7 w[F  
مەن قايتا-قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، ئىشنى ئاۋۋال ئۆزۈمنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاشقا ئىرادە باغلىدىم، يەنى بىرەر شىركەتكە كىرىپ، مەيلى نېمە ئىش بولۇشىدىن ھەم نېمە ئىش قىلىشىمدىن قەتئىينەزەر، ئىگىلىك تىكلىگەن چاغدىكى ئاكتىپ پوزىتسىيەرىم بويىچە، پۈتۈن زېھنىم بىلەن، شىركەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا، ياخشى ئىشلەش قارارىغا كەلدىم ھەم شۇنداق قىلدىم. مەن بۇ شىركەتتە مال توشۇغۇچى، مال ساتقۇچى، بازار ئاچقۇچى، سېتىش بۆلۈمى دېرىكتورى، باش دېرىكتور ياردەمچىسى، مالىيەنى باشقۇرغۇچى، ھەتتا مۇئاۋىن باش دېرىكتور قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدىم. شىركەت خوجايىنى مېنىڭدىن بىرەر نەرسىنى كۆرۈپ يەتتىمۇ بىلمىدىم، ماڭا %20 پېيىنى ئايرىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ پايچېكى قىلىۋالماقچىمۇ بولدى. مەندە ئەسلىدىلا ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى كۈچلۈك بولغاچقا، خوجايىننىڭ ياخشى كۆڭلىنى چىرايلىق رەت قىلدىم. ئۇمۇ مەندىن رەنجىمىدى، ئەكسىنچە پەخىرلەندى، ماڭا مەدەت بەردى. 0 D'^:  
2009-يىلى مەن بىر قانچە شېرىكلىرىمگە باش بولۇپ، ئۆزۈم قايتىدىن شىركەت ئاچتىم. بۈگۈنكى كۈندە، 50كە يېقىن ئىختىساسلىق خىزمەتچى-خادىملىرى بار، يىللىق كىرىمى 100 مىليوندىن ئاشىدىغان، تىجارەت دائىرىسى بىر قانچە دۆلەتلەرگە كېڭەيگەن ھاللىق شىركەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندىم. ;YQB  
مېنىڭ بۈگۈنكى ياشلىرىمىزغا دەيدىغىنىم، كۆز ئالدىڭىزدىكى ئاشۇ، سىزگە ئۆزىڭىزنى چېنىقتۇرۇش پۇرسىتى بېرىۋاتقان مۇھىتنى قوبۇل قىلالماي ھەم ئۇنىڭغا ماسلىشالماي تۇرۇپ، قىلىۋاتقان ئاشۇ خىزمىتىڭىز ھەم ئىشىڭىزنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالماي تۇرۇپ، يولۇقۇۋاتقان ئاشۇ كىچىككىنە قىيىنچىلىقلىرىڭىزغا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بېرەلمەي تۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسى ئىستىقپالىڭىزدىن ھەرگىزمۇ ئۈمىد كۈتمەڭ. ئۇ كۈنلەرگە ھەرگىز ئېرىشەلمەيسىز. چۈنكى خىزمەت قىلىش بىلەن ئىگىلىك تىكلەش ماھىيەتتە ئوخشاشلا بىر ئىش، ھەممىسىگە مەلۇم نىسبەتتە بەدەل تۆلىشىمىز كېرەك. چوڭ بەدەل تۆلىسىڭىز، چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشىسىز، كىچىك بەدەل تۆلىسىڭىز، كىچىك مەنپەئەتكە ئېرىشىسىز. مانا بۇ تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇقەررەر قانۇنىيەت. ``:[Jr &  
يەنە بىر قانۇنىيەتنىمۇ بىلىپ قېلىڭ، ئەگەر مۇشۇ ئارزۇ-ئارمان، كۈچ-قۇۋۋەتلەرگە تولغان ھەم كاللىڭىز ئوچۇق بولغان ياشلىق دەۋرىڭىزدە بەش يىل ۋاقتىڭىزنى پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن جاپالىق ئۆگىنىش، تىرىشىپ ئىشلەش ۋە نەتىجە يارىتىشقا ئاجراتسىڭىز، كېيىنكى ئۆمرىڭىزدە شۇنىڭ ئەجرىنى كۆرۈپ، بەختلىك ياشايسىز، بولمىسا، بىر ئۆمرىڭىز قايغۇرۇش، ئاغرىنىش، پۇشايمان ھەم جاپا-مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىدۇ». 'r%(,=L  
مانا بۇ، بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ غەيرىتى ۋە جاسارىتى بىلەن چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بىر ستودىنتنىڭ يۈرەك سۆزلىرى.  'F.P93  
ئەمدى سىزدىن سوراپ باقاي: Q. O4R_H  
سىز بۇنىڭدىن نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟ ئاشۇ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشتىكى مەخپىيەتلىكلەرنى بىلگىڭىز كېلىۋاتامدۇ. ئەمىسە قولاق سېلىپ ئاڭلاڭ: pY)x&uM!  
1.     ئۆگىنىش 0q-lyVZ^X  
بۇ ئۆگىنىش ھەرگىزمۇ كىتاب ئوقۇپ، نەزىرىيەنىلا ئۆگىنىڭ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى خىزمەت ئورنىڭىزدىكى كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك بارلىق بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلىگەندىن سىرت، مۇھىتقا ماسلىشىش، كەسپىي ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈش، شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، ئۆزىمىزگە مەدەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال ئۆگىنىشلەرنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ھې، ھې، بەلكىم بۇلارنى ئوقۇپ، «ۋايۋۇي، نېمىدېگەن كۆپ نەرسە بۇ» دەپ قېلىشىڭىز مومكىن. قارىماققا نۇرغۇن ئىشتەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك ئاۋارىچىلىق ئەمەس. بۇنى بىرەر ئىگىلىك تىكلەشنى ئۆگىتىدىغان كۇرسلارغا، مەخسۇس خىزمەتچى-خادىملارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدىغان كۇرسلارغا (شىركىتىمىز يېقىندا مەخسۇس ستودىنت ھەم خىزمەتچى-خادىملارغا قارىتا «يېڭى زامان ئىگىلىك تىكلەش ئۇسۇلى» بىلەن «كەسپىي ئىقتىدارنى تېزلىكتە يېتىلدۈرۈش تاكتىكىسى»نى ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر خىل تەقلىدىي ئۇيۇنلار ئارقىلىق تەربىيىلەش ئېلىپ بارىدىغان كۇرسقا تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ، قىزىققۇچىلار بولسا، مۇشۇ سەھىپىگە سۆز قالدۇرسا ياكى ئالاقە نومۇرىنى قالدۇرسا بولىدۇ) قاتنىشىش ياكى مەخسۇس خىزمەتچى-خادىملارنىڭ كەسپىي ساپانى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان كوت-كوت توپلىرى، تور بېكەتلىرى ھەم ئۈندىدار توپلىرىغا قاتنىشىش ئارقىلىقمۇ يېتىلدۈرۋالغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ISTIKPAL SAHNISI ئۇندىدار توپى، ئىگىلىك تورى، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى، KARHANA ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسى قاتارلىقلار سىزگە چوڭ مەنپەئەتلەرنى يەتكۈزىدۇ. بىز ئۆگىنىشلەر ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىدىيىمىزنى ئۆزگەرتىپ، كەلگۈسى ئىستىقپالىمىزغا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارىشىمىز كېرەك. r2.w4RMFua  
2.     ئۆزگىرىش l~]] RgU  
جەمئىيىتىمىزدىكى ئىشسىز يۈرگەن نۇرغۇن ستودىنتلىرىمىزدا تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك، ئىشنى كىچىكتىن باشلاشنى خالىماسلىق، تۆۋەندىن باشلاپ چېنىقىپ چىقىشنى خالىماسلىق، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا كۆرۈۋېلىش، ئۆز مەيدانىدا تۇرۇپلا ئانالىز قىلىش، ئاسان ئىشقا بېرىلىش، جۈرئەتسىزلىك، ئالدىراڭغۇلۇق، سۆزلەشنىلا بىلىپ، ھەرىكەتلىنىشنى خالىماسلىقتەك ئىللەتلەر مەۋجۇت بولغاچقا، دائىم دېگۈدەك ئۆزلۈكىنى نامايەن قىلىش ھەم ئۆزىگە خاس بىر كىشىلىك ئورنىنى تىكلەش پۇرسەتلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتماقتا. ROQ]sQpk  
شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىز ھەر قانچە ئىقتىدارلىق بولساقمۇ، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنى ئۆزگەرتىمەن دەپلا ئۆزگەرتەلمەيمىز، ئاۋۋال ئۇنىڭغا ماسلىشىپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئۆزگەرتىشتىن باشقا چارە يوق. شۇڭا كونىلار «سەن زامانغا باقمىساڭ، زامان ساڭا باقماس» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى قالدۇرغان. بۇ بىزنى «ئىشنى ئۆزگەرتىشتىن ئاۋۋال، ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت» دەيدىغان پرىنسىپقا يېتەكلەيدۇ. بۇ پرىنسىپقا چوقۇم بويسۇنۇشىمىز كېرەك. @XzfuuE]  
3.     نىشان O]=jI  
نىشان سىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇشىڭىزنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. ئۇ سىزگە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ھەم ئېگىلمەس ئىرادە ئاتا قىلىدۇ. نىشانىڭىز ئېنىق بولسا، ئەتراپىڭىزدىكى ئوڭۇشسىزلىقلارغا، قايمۇقتۇرۇشلارغا پىسەنت قىلمايسىز، ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن بار كۈچىڭىزنى ئىشلىتىسىز. شۇڭا، ئۆزىڭىزگە ناھايىتى روشەن بولغان، ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزگە ماس كېلىدىغان نىشاندىن بىرنى بېكىتىڭ، ئاندىن ئۇنىڭغا يېتىش لىنىيىڭىزنى تۈزۈۋېلىڭ، شۇ بويىچە ئىش كۆرۈڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، بۇ جەمئىيەت سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق گۈزەل، داغدام ئەمەس. سىزنىڭ تۈزگەن لىنىيىرىڭىز ھەر ۋاقىت توسالغۇغا ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇ ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇنى ھەل قىلىپ، داۋاملىق يولىڭىزغا قاراپ مېڭىۋېرىڭ، شۇنىڭدا مۇرادىڭىزغا يېتىسىز. dB4ifeT]  
4.     ھەرىكەت K\U`gTGc  
بار ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ھەرىكەتكە باغلىق. پىلان ھەم نىشان ھەر قانچە مۇكەممەل ھەم روشەن بولسىمۇ، ھەرىكەت بولمىسا، ئۇ يەنىلا قەغەز يۈزىدىكى خىيالى نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، خىزمەت ئورنىڭىزدا، ئىمكانبار ئاز سۆزلەپ، كۆپ ھەرىكەت قىلىڭ، ئەگەر بىرەر پىلان ياكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىڭىز، چوقۇم ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق، ئۇنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاڭ. شۇنىڭدىلا باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىز. OH2IO  
5.     ئىرادە O5p$A @  
بۇ توغرىلىق كۆپ سۆزلىمەي، چۈنكى بۇ توغرىلىق گەپ-سۆز ۋە بىلىملەر ئىنتايىن كۆپ، بۇ ھازىر ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان، ئۇتۇق قازىنىش يولىدىكى ئەڭ كۆپ تەكىتلىنىدىغان بىر ئۇقۇم. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، كۆز ئالدىڭىزدىكى ئىشنى ئاخىرغا ئېلىپ چىقماي تۇرۇپ، ھەرگىز ئىككىنچى ئىشقا تۇتۇش قىلماڭ. چۈنكى ئۇ ئىشنىمۇ ئاخىرغا ئېلىپ چىقالمايسىز. «نەگىلا بارساڭ، قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» دەيدىغان گەپ بار، مەيلى نەگىلا بېرىڭ، قايسى ئىشنى قىلىڭ، ئوخشاشلا شۇ قىيىنچىلىق ھەم مۇشەققەتلەرگە دۇچ كېلىسىز. شۇڭا، غەيرەت قىلىڭ، ئىشىڭىزنىڭ ئاخىرىنى چوقۇم چىقىرىڭ.

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2014-03-11, 09:56
wisaliya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12553

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   76 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3017 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   313 (قېتم)
 تۆھپە:   313  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 368
 سائەت
دەرىجىسى:
368 سائەت 72 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-16
ئاخــىرقىسى:2014-04-21
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 03-12

مەن جاۋاپنى ئۆزەمگە دەپ بولغىلى 20 يىل بولغان ، شۇ ئاساستا مېڭىۋاتىمەن ، يوللىرىمدا  گەرچە سەل تىكەنلەر پۇتۇمغا كىرسىمۇ ئەمما يالاڭ ئاياق قالمىدىم ، شۈكرى قىلىپ ، يەنىلا تېرىشۋاتىمەن . بەختلىك تۇرمۇشۇمدىن سۈيۈنگەچ ، ئەتراپىمدىكى بەزى ئىشلارغا لېۋىمنى چىشلەپ قۇيۇپ يەنىلا يولىمنى داۋام ئېتىۋاتىمەن . ھاياتلىق مۇشۇ بولسا كېرەك ، باشقىلارغا ئۇۋال بۇلىدىغان ئىشلارنى قىلماي ، ۋىجدانىمغا ئاسىيلىق قىلماي ، ئاياللىق مەسئۇليىتىمنى ئۇنتۇپ قالماي ، ئاللا يولىدا زېكرى قىلىپ ياشاپ كىلىۋاتىمەن . . .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى