باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       7299 
  •    ئىنكاس 
       7 

[زۇلپىقار بارات]نىيويورك ئەسلىمىسى:بۈگۈن كەچ جۇدۇن بولىدۇ

قەۋەت ئاتلاش
serhushfan
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19233

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   65 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   9 (قېتم)
 تۆھپە:   8  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 245
 سائەت
دەرىجىسى:
245 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2014-02-28
ئاخــىرقىسى:2014-03-18

yIhPB8QL  
نيويورك ئەسلىمىسى: بۈگۈن ئاخشام جۇدۇن بولىدۇ ,OWk[0/  
(1)
>TMd1? ,  
__بۈگۈن ئاخشام نيويوركتا جۇدۇن بولىدۇ،--دېدى مۇھەممەدجان ئاكا ئەتىگەنلىك چاي ۋاقتىدا تېلېفونىدىن ھاۋا رايى ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇغاچ ،- قېلىنراق كىيىنڭلار. چۈشتىن كېيىن يامغۇر يېغىپ قارغا ئايلىنىدىغاننىڭ گېپى بار. سوغۇق ئۆتۈپ قالمىسۇن. بۈگۈن ماڭا خىزمەت كۈنى بولغاچقا، سىلەرگە ھەمراھ بولالمايدىغان بولدۇم. f"RC(("6W  
      مۇھەممەدجان ئاكا ئۇيغۇر بولۇپ، نيويوركتىكى بىر ئۇنىۋېرستىېتىنىڭ دورا-تەتقىقات بۆلۈمىدە كاندىدات تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەيتتى. ئۇ تۈنۈگۈن بىزگە بىر كۈن ھەمراھ بولغان، ھەتتا شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ 40 كلومېتېر نېرىدا ئولتۇرىدىغان 80ياشلىق ئۇيغۇر بوۋاينىڭ يېنىغا ئاپىرىپ كۆرۈشتۈرگەنىدى. بۈگۈنمۇ ئاكىمىز ئشىقا مېڭشتىن بۇرۇن خەيرىخاھلىق قىلشىنى ئۇنتۇماي تاپىلاشقا تېگشلىك ئشىلارنى ئىنچىكە تاپىلىدى. بۇ 2012-يىل نويابىر ئېيىنىڭ باشلىرى بولۇپ، نىيويورك تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر شىۋىرغان ئاپىتىگە ئۇچرىغانىدى.  شەھەرنىڭ سوغۇقى ۋە ساياھەت دىشۋارچىلىقى تۈنۈگۈن ئاكىىمىزنىڭ ھەممە ئشىىنى تاشلاپ ھەمراھ بولۇشى، يول باشلىشى نەتىجىسىدە بىلىنمىگەنىدى. بۈگۈن ئۇيغۇر ئاكىمىز ئشىلەيدىغان بولغاچقا، بىز بىر ئائىلە كىىشلىرى تۈنۈگۈن كۆرۈشكە ۋاقتىمىز يەتمىگەن ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئۆزىمىز ئايلانماقچى بولدۇق. نىيوركتىكى  ئۇيغۇر تاماقلىرى چىقىرىلىدىغان ئارزۇ ئاشخانىسى ساياھەت پىلانىمىزدىكى تۇنجى بېكەت ئىدى.  شەھەرگە يېڭى كەلگىنىمىز، يول بىلمەسلىكىمىز سەۋەبلىك كۈتمىگەن ئاۋارچلىكلەرگە  يولۇقۇشىمىزمۇ مۇمكىن ئىدى. ئارىلىقتا ئايالىم  "يولدا ئېزىپ قېلىپ جاپا تارتىپ قالارمىزمۇ؟ جۇدۇندا قالارمىزمۇ؟"دەپ ئەنسىرىشىنى ئىپادىلەپمۇ ئۈلگۈردى. مەن "كۈتمىگەن ئۆزگىرىشى بولمىغان ھاياتنىڭ نېمە قىزىقى بولسۇن! بېشىمىزغا كەلگەننى كۆرىمىز" دەپ ئايالىمنى بەزلىدىم. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاغزىمدىن سائەت چىققانلىقى، ئايالىمنىڭ ئەنسىرىشىنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكى مەلۇم بولدى. 6@TU9AZS `  
                                                        (2) ?r KbL^2  
         28-يول ئاپتوبوسىغا چۈشۈپ  كۋېنىس رايونىدىن 7-يول مېترو بېكىتىگە كەلدۇق.  نيويورك مېتروسىدا قاتناش باشلانغىنىغا  130يىل بولغان بولۇپ دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندا  بۇ بەلكىم لوندون مېتروسىدىن  كېيىنكى  تارىخى ئەڭ ئۇزۇن مېترو بولسا كېرەك.  بايا ئۇقسام، 24 سائەت قاتنىاش ئۈزۈلمەيدىغان نىيويورك  مېتروسى ماكانسىزلارغا، كەمبىغەل ساياھەتچىلەرگە كېچلىك قونالغۇ ئىكەن.كاللامدا ئۈزۈك-ئۈزۈك خىياللار.  ئېھتىمال بۇ مېترولاردا مودرىنزىم شېئىريەت تارىخىدىكى "غەليان شئېرىيەت ئېقىمى"نىڭ پېشۋاسى،  شائىر گېنىسبېرگ ھەم  داڭلىق ئامېرىكا يازغۇچىلىرىدىن ئو . ھېنرى ، ھېرمان مىللىرلار ئولتۇرغاندۇ. 2004-يىلى ئۈرۈمچىدىكى چەت ئەل تىلى كىتابخانىسىدىن  گېنسبېرگنىڭ "ھۆركىرەش" ماۋزۇلۇق شېئىر توپلىمىنى ئالغان چېغىمدا، ئامېرىكا مودرنىزىم شېئىرىيىتىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى ۋولت ۋىتماننىڭ قەستكە ئۇچرىغان ئامېرىكا پرېزدېنتى  لىنكولىننى ئەسلەپ يازغان شېئىرىنى ئېنگلىز تىلىدا ۋەتەندە تۇرۇپ  ئوقۇغان چېغىمدا،  نەچچە يىللار ئۆتۈپ شۇ گىگانت شائىر ياشىغان شەھەردە زىيارەتت بولۇشۇمنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدىم. D6A u)1y=&  
     مېترو كەچمشىلەرگە باي، ئۇنىڭ ئادەمگە بەخش ئېتىدىغان ھېس-تۇيغۇلىرى مۇرەككەپ بولىدۇ. ساقلاش بېكتىدە تۇرغاندا،   پويىزنىڭ قارىسى كۆرۈنۈشتىن بۇرۇن كېلىۋاتقان گۈركىرەش ساداسى كىشىگە  ئۆزىنى ئۆڭكۈر ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك،  قاراڭغۇلۇقتىن ھېلىلا نامەلۇم مەخلۇق چىقىپ قالىدىغاندەك ئەنسىز  تۇيغۇ بېرەتتى. مېترو ئىچى ئاۋات، سۈرلۈك بولسىمۇ، نيوركنىڭ سۆلىتىگە ماس كەلمەيدىغان قارا-قۇرىلار ۋە مەينەتچلىكلەرمۇ ئانچە-مۇنچە كۆزگە چېلىقىپ قالاتتى. 1~ W@[D  
      يېڭى كەلگەن ئادەم  نەچچە قەۋەت ئارىلىقىدا  ئوبدانلا ھەرەج تارتاتتى.  ۋاشىنگتوندا مېتروغا چۈشكەندۇق. نىيوركتىكى مېترولارنىڭ بېلەت سېتۋېلىش، بېكەت ئالمىشىش تەرتىپلىرى ئۇ يەردىكىدىن ئوبدانلا پەرقلىنىدىغاندەك قىلاتتى. مېترو بېكىتىگە كىرىش ئېغىزىدا پىرقىرايدىغان تۆمۈر كالتەك بىلەن توسۇلغان  ھەرىكەتچان ئىشىك ئورنىتىلغان بولۇپ، مېترو كارتىسىنى  ئىشكتىكى ماگېنتقا سۈرتمىگۈچە، توسۇق ئورنىدا ئورنتىلغان پىرقىرىما كالتەك ئورنىدىن مىدىرىمايتتى. مېترو  باشقا دۆلەتتن، يات شەھەردىن تۇنجى  كەلگەن ساياھەتچىنى ئوبدانلا تەرلىتەتتى. مېترو بېكىتىدە بىر خىل جىدديىلىك ۋە يەنە بىر خىل مەڭدەش ھېسسياتى ۋۇجۇدمنى چىرمىۋالدى. مۇرەككەپ ھېسسياتلار ئىچىدە ئوغلۇمنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇردۇم. بالامنىڭ سوئاللىرى كۆپ، ھېلى ئانسىدىن ھېلى مەندىن بىر نېمىلەرنى سوراپ زېرىكمەيتتى. 30يىللار بۇرۇنقى بالىلىق چاغلىرىمنى ئەسلىدىم. مەنمۇ شۇ چاغلاردا ئانامنىڭ، دادامنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئاشۇنداق بىخارامان يوسۇندا سوئاللىرمنى سورايتتىم. ئەمدى كچىكلەر تەرىپىدىن  سوراقلىنىش نۆۋىتى ۋە  جاۋاب بېرىش مەجبۇريىتى بىزگە كەلدى. مەن بۇ مەجبۇرىيەتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلاتتىم. لېكىن، بەزىدە ئوغلۇمنىڭ سوئاللىرى ئىدراكىي دائىرىدىن خېلىلا ھالقىپ كېتەتتى. ھونولۇلۇدا مېترو بولمىغاچقا، نيويورك مېتروسى ئوغلۇمغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلدى. ئۇ  بىردە رىلىس يولىنى كۆرستىپ: "بۇ يەرە ماڭسا بولامدۇ؟" دەيتتى، بىردە كېتىۋاتقان مېترونى كۆرستىپ : "بۇ پويىز بىزنىڭ ۋەتەنگە بارامدۇ؟ ھاۋايغا بارامدۇ؟" دەپ سورايتتى. b3EGtC}^  
     ئوغلۇمنىڭ سوئالىنى ئاڭلاپ يەنە خىيالغا كەتتىم. بالىلاردا شائىرانە تۇيغۇ ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولىدىكەن. نېمشىقا بۇنداق تۇيغۇر يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خىرەلىشىدىغاندۇ. ئادىل تۇنياز:" شېئىر بىزنىڭ مەدەنييلىشىش داۋامىدا يوقىتىپ قويغان نەرتسىلىرىمىزنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ" دېگەنىدى. قارىماققا ئاددىي تۇيۇلىدىغان بۇ گەپنىڭ تېگىدە چوڭقۇر پەلسەپە بار. 20-ئەسرىدكى ئەڭ بۈيۈك غەرب پەيلاسوپلىرىنىڭ بىرى بولغان ھايدېگېرنىڭ "سەنئەت، تىل،ئوي" دېگەن كىتابىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدىيە ئادىل تۇنيازنىڭ شۇ قارىشى بىلەن جىپسلشىدۇ. 9j|vD  
       -بالىمىزدا شائىرانە تۇيغۇ خېلى كۈچلۈك. بۇ تۇيغۇ كېيىن تۇنجۇقۇپ قالمىسا بولاتتى،-دېدىم مەن "پويىز كېلۋاتامدىغاندۇ" دېگەن تەمەدە بوينىنى سوزۇپ قاراڭغۇ رېلس يولىغا قاراۋاتقان ئايالىمغا. h~7#$i  
-ئۇنداقمۇ بولماس، -دېدى ئايالىم رېلس يولىغا يېقىنلشىۋاتقان بالامنى كەينىگە تارتقاچ. H.\`(`6  
      چىنگىز ئايتماتوۋنىڭ "ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن" ناملىق رومانىنىڭ ھەر بىر بۆلۈمى "پويىزلار شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇپقا ئالمشىدۇ" دەپ باشلىنىدۇ. بىر-بىرىگە ئۇچقاشماي دېگۈدەك يولىغا راۋان بولۇۋاتقان پويىزلار خىيالىمنى ئايتماتوۋنىڭ شۇ قۇرلىرىغا ئېلىپ كەتتى. بۇ متېرونىڭ ئاخىرقى چېكى نەگە بارىدۇ ماڭا نامەلۇم. ئەمما قاراڭغۇلۇقتىن چىقىپ قاراڭغلۇققا كىرىپ كېتىدىغان  پويىزلار ئادەمگە يەڭگىل تۇيغۇ بېرەلمەيتتى. مەن خىيالىمدا نىيوركتىكى مېتورلارنىڭ ئالدىراش ھالىتىنى زامانىۋي دۇنيادا ئايىغى يەرگە تەگمەي ئالدىراش يۈرگەن ھەرىكەتچان ئادەملەرنىڭ ياشاش ھالىتىگە تەققاسلىدىم. h*%FZ}}`q  
    بىز ئەتىگەندە ئاۋۋال ئارزۇ ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق يېمەكچى، ئاندىن پۈتۈن دۇنيادا داڭقى بار مەركىزى باغچىنى  ئىككى كۈن ئايلانماقچى، ئاخىرىدا نيويوك زامانىۋىي سەنئەت گالېريىسىنى كۆرمەكچى ئىدۇق. تەتقىاتچى ئاكىمىز دەپ بەرگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ئارزۇ رېستورانىغا تېنىمەيلا كېلىۋالدۇق. يەر ئاستى يولىدىن چىقىشمىز بىلەن تەڭ شىۋىرغان چىقىشقا باشلىدى. ئايالىم بىلەن ئوغلۇمنى بىر دالدىدا تۇرغۇزۇپ قويۇپ 100 مېتىېر نېرىدىكى CVS دۇكىنىدىن ئىككى تال كۈنلۈك ئالدىم.  مۆلدۈر ئارىلاش  يامغۇر يېغىۋاتقان بولغاچقا، ئارزۇ ئاشخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بولغۇچە بسىمىللا دېمەي جاپا تارتتۇق. ئەپسۇس، ئاشخانا ئىگىسى ئشىكتىن كىرشىمىزگە "10:30 دا ئاچىمىز" دېدى. d!E_EoOi  
           شۇ گەپنى دېگەن ئايالنىڭ مىللەت تەۋەلىكىگە ھۆكۈم   قىلالمىدىم. بىر قارىسا،  روسلارغا  ئوخشاپمۇ قالاتتى. بۇ ئاشخانىنىڭ بىر خوجايىنى يەھۇدىي، يەنە بىر خوجايىنى ئوتتۇرا ئاسيادىن كەلگەن ئۇيغۇركەن  دەپ ئاڭلىغانىدىم. قارىغاندا ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئايال ئۇيغۇر ئەمەستەك  قىلاتتى، ھەم ئوزايدىن بىز بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ ئاشخانىدا تاماق چىققۇچە تۇرۇپ تۇرۇشىمىزنى خالىمايدىغاندەك كۆرۈنەتتى. قايتىپ چىقتۇق. تەليىمىزگە يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە ستارباكىس قەھۋەخانىسى كۆرۈندى. قەھۋەخانىغا قاراپ كېتۋاتقاچ، كەينمگە قايرىلىپ ئاشخانىنىڭ ۋېۋىسكسىغا قارىدىم. ئارزۇ  ئاشخانىسى دېگەن خەت سىلاۋىيان ، ئېنگلىز يېزىقلىرىدا يېزىلغانىدى. rz@q W2  
         ستارباكىس قەۋەخانىسدا ئىسىسق قەھۋە ئىچىپ ئازراق ئسسسىنغان بولدۇق. مەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن دۇنيا گېزتىچلىك ساھەسىدىكى داڭلىق ئەپكار "نويورك ۋاقتى" گېزىتىنى سېتۋالدىم. گېزىتنىڭ باش بېتىگە "بۈگۈن تارىخنىڭ يەنە يېڭى بىر بېتى ئېچىلدى" دەپ يېزىلغانكەن. ئەسلى بىلسەم، ئوباما يېڭى نۆۋەتلىك پرېزدېنت بولۇپ سايلىنپتۇ. تۈنۈنۈگۈن كەچتە خېلى ساقلىغان بولساقمۇ سايلام نەتجىسى چىقمىغانلىقى ھەم ئوبامانىڭ رىقابەتچىسى رومنىي ئۇتتۇرغىنىنى ئېتراپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇخلاپ قالغانىدۇق. نييوركتىكى لىبرال يەھۇدىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان نيوروك ۋاقتى گېزىىتى لوندون تايمىس گېزىتى، ۋاشنگتون پوچتىسى گېزىتلىرىدەكلا  دۇنياغا داڭلىق گېزىتلەرنىڭ بىرى ئىدى.  2008-يىلى ئوباما ئامېرىكىغا پرېزدېنت بولغاندا، مەن ھاۋايدا تۇرۇپ بۇ تارىخىي ۋەقەنى نۇرغۇن ياشلارغا ئوخشاش ھاياجان ئىچدە تەبرىكلىگەنىدىم. تۆت يىل جەريانىدا نۇرغۇن ئىش يۈز بەردى، مېنىڭ ھېسسياتىمدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئوباماغا قىزقماسلىق روھىيىتىمدە كۆرۈلۈۋاتقان ئاشۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى ئىدى. سىياسىي پەلسەپە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا سىياسىيىنىڭ ۋە سىياسىئونلارنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ئىچ-ئچىدىن بىلشكە ئۈلگۈرگىنىم ئۈچۈن، ھەر قانداق سىياسىي ۋەدىلەرگە، تاراتقۇلاردىكى ئىدىئولگىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئۇچۇرلارغا گۇمان بىلەن قارايدىغان بولۇپ قالغانىدىم. شۇڭا بۈگۈن گېزىتنى ئوبامانى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خاتىرە ئۈچۈنلا سېتۋالدىم. lFGuQLuqA{  
      ئوباما بىلەن رومنيىنڭ بىر-بىرىگە كەينىنى قىلىپ تۇرغان رەسىمىنى كۆرۈپ ئوغلۇم گېزىتنى قولۇمدىن تارتىۋالدى. >x{("``D0y  
-رومنىي ئەمەس، ئوباما ئۇتۇپتۇ،-دېدىم مەن ئوغلۇمغا. -NXxxK  
       -ياق، رومنىي ھەر ۋاقىت ئۇتىدۇ،—دېدى ئالتە ياشلىق ئوغلۇم مەن بىلەن تالىىشپ. w}gmVJ#p  
     ئوباما بىلەن رومنيىنڭ برىنچى قېتىملىق مۇنازىرەسىنى ھاۋاي ئۇنىۋېرستىېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار مۇلازىمەت مەركىزىدە ئوغلۇم بىلەن بىللە كۆرگەنىدۇق. نېمشىقىدۇ ئوغلۇمغا رومنىينىڭ قىياپىتى، تاقىغان گالستوكى يېقىپت قاپتۇ. يەنە كېلىپ شۇ كۈندىكى  تۇنجى قېتىملىق  مۇنازىرەدە رومنينىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگىنى راست ئىدى. شۇڭىمۇ، ئوغلۇم باشتىن ئاخىر رومنىينى ماختاپ ئولتۇرغانىدى. پرېزىېنت سايلىمىدا ئوبامانىڭ ئۇتقانلىقىنى دېسەم ئۇ ئشەنگىلى ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ ئېنگلىز تىلىدا ساۋادى چىققان بولسىمۇ، ئەمما تېخى گېزىت ماۋزۇسدىكى ھەر بىر گەپنى چۈشەنگىدەك ئەھۋالدا ئەمەس ئىدى. r,Uk)xa/^  
     بالامنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا  "ياق، رومنىي ھەر ۋاقىت ئۇتىدۇ" دېيىشى بىلەن تەڭ قەھۋاخانىدا ئولتۇرغانلار بىزگە قارىدى. --شاكىچىك ، سەن رومنىي مەستانىسى ئىكەنسەن-دە!- دېدىن يېنىمىزدا ئولتۇرغان ئاق تەنلىك ئايال. _K o#36.S  
-ئوغلۇمغا تۇنجى قېېمتلىق مۇنازىرەدە رومنىينىڭ گالستوكى يېقىپ قاپتىكەن، دېدىم مەن،--- ئۇ ئىزچىل ئوبامانى ئۇتتۇرىدۇ دەپ كەلگەنىدى. qD{1X25O  
ئامېرىكىقىلاركىشلىك ئالاقىدە مانا مۇشۇنداق دوستانە. تۇنجى قېتىملىق ئۇچرشىشىتا تونۇمايدىغان ئادەملەرنىڭ بۇ تەرزدە پاراڭلىششىشى ئامېرىكىدا ھەيران قالغۇچىلىكى يوق بىر ئىش ئىدى. E`.xu>Yyj  
  سائەت ئون يېرىم بولدى. بالامنىڭ پوسىمسى بىلەن شۈمشىيىپ ئولتۇرغان ھالىىتنى رەسىمگە تارتىۋالغاندىن كېيىن قەھۋەخانىدىن چىقتۇق. شىۋرغان توختىماپتۇ. ئارزۇ ئاشخانسىدا بىزنى ئوتتۇرا ئاسيادىن كەلگەنلىكى چىقىپ  تۇرىدىغان،  قاشلىرى قويۇق، قاڭشارلىق بىر كۈتكۈچى قىز كۈتۈۋالدى. E+aePoU  
قىزنى ئۆزبېك بولسا كېرەك دەپ ئويلغانىدىم. ئەمما ئالدىمىزغا چاي كۆتۈرۈپ كەلگەن قىز بىزگە قورۇما تىزىملكىنى كۆرسەتكەچ روسچە گەپ قىلدى. jVQy{8{G  
-بىز روسچە بىلمەيمىز،-دېدىم مەن،-سىز قايسى مىللەت؟ بولسا ئېنگلىزچە گەپ قىلسىڭىز بوپتىكەن-دېدىم مەن. J#I RbO)  
-مەن ئۆزبېك-دېدى قىز. BS9VwG <Z  
ئويلشىپ ئولتۇرمايلا: Dh8ECy5k<*  
-بىز ئۇيغۇر. بولسا ئۆزبېك تىلىدا سۆزلسىڭىز،-دېدىم. AELj"=RA  
-جۇڭگودىن كەلدىڭلارمۇ،- دېدى قىز بىز بۇيرۇتقان تاماقلارنى قولىدىكى تالونغا يازغاچ. قىزنىڭ ئسىمى مەرھابا ئىكەن. نيويوركقا كەلگىنىگە ئالتە ئاي بوپتۇ. iFd!ED  
     كاۋاپ، لەغمەن، پېتېر مانتا بۇيرۇتۇپ بولۇپ سورىدۇم: UzxL" `^7  
--بۇ ئاشخانىنىڭ بىر خوجايىنى ئۇيغۇر دەپ ئاڭلىغانىدىم. راستمۇ؟ 6KMO*v  
-ھەئە، قىرغىزستانلىق ئۇيغۇر،- دېدى مەرھابا ئۆزبېك تىلىدا ۋە نېرىدا-پۇل ئالىدىغان پوكەينىڭ يېنىدا تۇرغان بۇرۇتلۇق، تۇرقىدىن مەغرۇرلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان كىشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ دېدى،-ئاشۇ كىشى شۇ. gXxi; g  
   ئۇ كىشى بىزگە مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ئۆز ئشىنى داۋام قىلدى. پاراڭلاشقۇم كەلسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ تۇرقىدىن ۋە بەدەن تىلىدىن ئالدىراشلىقىنى ۋە سۆزلىششىنى خالىمايدىغاندەك بىر ئالامەتنى سېزىپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. ئاۋۋال بۇيرۇتقان كاۋىپىمىز چىقتى. كاۋىپى راست ئوخشايدىكەن. ئادەتتە تاماققا قېيىقلىق قىلىدىغان ئوغلۇم بىر زىق كاۋاپنى بىر دەمدىلا سوقۇۋەتتى. "مانتىغا بىر دەم ساقلايسىلەر" دېدى مەرھابا ئىككى قاچا لەغمەننى ئالدىمىزغا قويغاچ. تزىملىككە ئۇيغۇر لەغمنى دەپ يېزىلغانىدى، ئەمما ئالدىمىزغا چىققان بۇ تاماق لەغمەنگە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيتتى، سۈيى كۆپ بولۇپ سوزۇمەنگە ئوخشايتتى. چۆپتىن ئىككى چوكا  ئالدىم. بۇ تاماق ماڭا ئۇيغۇر لەغمىنىنى ئەمەس، 2002-يىلى ئۈرۈمچىدىكى  بودون ئاشخانسدا يېگەن توخۇرمەننى ئەسلەپ قالدىم. 2_q/<8t  
-بۇ ئۇيغۇر لەغمنى ئەمەسكەن،- دېدىم مەرھابانى چاقىرىپ كېلىپ،- سۇيقاش بىلەن چۆپ ئارىلقىدا بىر تاماق بوپتۇ. كاۋىپڭىلار ياخشىكەن. ئەمما لەغمەننى ئۇستا ئۇيغۇر ئاشپەز تېپىپ ئەتكۈزسەڭلار بولغۇدەك. YnEyL2SuU  
-بۇ يەردىن ئۇيغۇر ئاشپەز تاپماق تەس. ئچىىدە ئىشلەۋاتقان ئاشپەزلەرنىڭ ھەممىسى قىرغزىستاندىن  كەلگەن،-دېدى مەرھابا. ?()*"+N(ck  
   ئاڭغىچە مانتمۇ چىقتى. پېتېر مانتىسى ھەقىقەتەن ئوخشايدىكەن. لەغمەن دەپ ئات قويۇلغان تامىقىدىن تازا ھۇزۇرلىنالمىغان بولساقمۇ، كاۋىپى ۋە مانتىسى تېتىدى. يات بىر شەھەردە ئۇيغۇر تامىقى يېيىش  قالتىس ھۇزۇرلۇق ئىش ئىدى. }J#HIE\RG  
      تېلۋېزوردا روسچە خەۋەرلەر بېرىىلۋاتاتتى. يېنىمىزدىكى ئۈستەلدە بىردە روسچە، بىر دە ئېنگلىزچە سۆزلىگەچ تاماق يەۋاتقان  ئاق تەنلىك ئايالدىن مەركىزى باغچىغا قانداق بارىدىغالىقىنى سورىدۇم. ئايال دوستانلىك بىلەن جاۋاب بېرىپ بولۇپ، بۈگۈن نيويوركتا جۇدۇن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن باغچىنىڭ ئېچىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشكە  ئۈلگۈردى. ,b*?7R  
چىقىش ئالدىدا ئايال تەكلىپمىز بويىچە بىزنى رەسمىگە تارىتپ قويدى. تاماق پۇلىنى تۆلەپ، مەرھاباغا ئازراق چاي پۇلى تۇتقۇزۇپ ئاشخانىدىن چىقتۇق. يامغۇر  ئەمدى قارغا ئايلىنشقا باشلىغانىدى. مەركىزى باغچا بۈگۈن ھاۋارايى سەۋەبلىك تاقالغان بولغاچقا، كېيىنكى مەنزىلىمىزدە نيويورك شەھەرلىك زاامانىۋي سەنئەت سارىيىغا بېرىشنى پىلانلاپ مېڭىپ كەتتۇق. نيويوركنىڭ قار ئارىلاش يامغۇرى يەنە شۇ مىچىلداپ يېغىشلىرى بىلەن بىزنى مېتروغا چۈشۈپ كېتىدىغان پەلەمپەي ئالدىدا ئۇزىتىپ قالدى. Xdn&%5rI  
(3) sY;h~a0n  
جەۋھەر سەنئەت ئىنساننى سەرخۇش روھقا ۋە ئۈمىدكە  يېتەكلەيدۇ؛ سەرخۇش روھ ۋە ئۈمىد ئادەمنى ئەركىنلىككە باشلايدۇ. tm~9XFQ<  
     _نيويوركقا بارساڭلار، زامانىۋي سەنئەت سارىيىغا بارماي قايتماڭلار، بالا جىق نەرسە ئۆگىنىدۇ؛-دېگەنىدى ئوغلۇمنىڭ 60ياشلارنىڭ قارىسنى ئالغان، چاچلىرى ئۇشتەك ئاقارغان ئاق تەنلىك ئوقۇتقۇچىسى كەرول خانىم رۇخسەت سوراپ يېنىغا كىرگەن چېغىمىزدا،-ئۇ يەردە بالىنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان نۇرغۇن سەنئەت بۇيۇمى بار. بالا پىكاسسونىڭ ، ۋانگوكنىڭ رەسىملىرىنى كۆرسۇن. GHsDZ(d3.  
   جەمئىيەتشۇناسلىق فاكولتېتىدا ماڭا دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىم ئاساسەن ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇغاچقىمۇ، ئەيتاۋۇر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەنئەتكە چوڭقۇر ئشىياقى بار ئىلىمدالارنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلمەيتتىم. ئەمما مەن جەميئەتشۇناسلىق نەزەرىىيسىنى ئۆگىنىش جەريانىدا جەۋھەر سەنئەنىڭ قۇدرىتى ھەققىدىكى ئىزدىنشىمنى تاشلاپ قويمىدىم. جەمئيەتشۇناسلار خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان "پوئېتىك تەپەككۇر ۋە سوتسئولوگىيىلىك تەپەكككۇر" تېمىلىرى ۋە  ئىككى خىل تەپەككۇرنىڭ گارمونىك  بىرلىكى ھەققىدىكى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلاندىم.  بۇ جەرياندا بۇرۇن يېتىلگەن شېئىر  خۇمارىنىىڭ يېتەكلىشى بىلەن داڭلىق سەنئاتكارلاردىن گارسىيا لوركا، ئوكتاۋىىئو پاز، برودسىكى، سىماس ھېينىلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇدۇم؛ داڭلىق شائىرلارنىڭ شېئىر توپلاملىرىنى ئاتايىن ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇدۇم.  مەشھۇر ياۋروپا كومپزىتورلىرىدىن  موزارتنىڭ يۈرۈشلىك سىمفونيىلىرىنى، ۋاگنېرنىڭ "سېھىرلىك ئوت" قاتارلىق بىر يۈرۈش مۇزىكىلىرىنى، بېتخوۋېننىڭ "ئاينۇرى سوناتاسى"نى ، چايكوسسۋىكينىڭ "روس كۈيى"ىنى  قايتا-قايتا ئاڭلىدىم. ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرىدىن داۋۇت راۋابنىڭ "مېنىڭ راۋابىم"، ئەكرەم ئۆمەرنىڭ "مىڭ ئۆي"، نۇرمۇھەممەد تۇرسۇننىڭ "ئەجەپ يىللار" قاتارلىق مۇزىكىلىرى ئېغىر كۈنلەردە ماڭا ۋەتەننىڭ ھىدىنى ئەسلىتىپ كۈچ بەردى.  ئتالىيە مۇزىكانتى ۋىۋالدىنىڭ "تۆت پەسىل"، ئەرمىنيە ئسىكىرپكچىسى سىمانيۇل يېرمەنيىننىڭ "پارس كېچىسى" دېگەن مۇزىكىسى، ئسپان مۇزىكانتى گوۋېينىڭ "ھاۋانادا كۈن ئولتۇرۇش" قاتارلىق ئۇنتۇلماس مۇزىكىلىرى ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە، چەكسىز ھەسرەت ئىچىدە قالغان چاغلىرىمدا مېنى ئۈمىدكە يېتەكلىدى. ناخشىنى ئانچە ئاڭلاپ كەتمەيتتىم؛ ئەمما جۇشقۇن، يۇقىرى سەۋيىدە ئورۇنلانغان كلاسسىك مۇزكىلارغا ئالاھىدە ئىشياقىم بار ئىدى. كىلاسسىك مۇزىكىلارغا بولغان ئىشتياق مەندە 2001-يىلى ئۇيقۇىسىز كېسلىگە گرپتار بولۇپ بىر يىل قيىنالغان چېغىمدا ئويغانغانىدى. ئابدۇسالام ئابدۇسوپورنىڭ "شادلىق"، ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇسۇپور ئاكىنىڭ "چۆل يىراق"قاتارلىق  مۇزكىلىرىنى چەكسىز چۈشكۈنلۈك قاينمىغا پېتىپ ئازابلانغان چاغلاردا ئاڭلاپ ۋۇجۇدۇمغا مەلھەم ئىزدىگەنىدىم. T8S&9BM7  
   مودا سەنئەت ئەسەرلىرىنى دەۋرنىڭ سىنقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگىنى ئۈچۈن كۆرۈپ، ئاڭلاپ كەتمەيمەن. ئەمما، جەۋھەر سەنئەت باشقا نەرسە. بۈيۈك كامبىرىج پەيلاسوپى ۋىتتگېنسىتان "ئستېتىكا پەزىلەت دېمەكتۇر"دەيدۇ. ۋىتتنگىاسننىڭ ئستېتىكا پەلسەپىسىنى ئوقۇش داۋامىدا ئۇچراتقان بۇ گەپ مېنى ئۇزۇن ئويلاندۇردى. "ئستېتىكا قانداقسىگە پەزىلەت بولسۇن؟" دەپ ئويلايتتىم. ئەمما، 2012-يىلى ا تولا ئاڭلىغان "راۋابىم"، "ئەجەپ يىللار"، "قار تېكىن" قاتارلىق ئۆلمەس، جۇشقۇن ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى، ۋىۋالدىنىڭ "تۆت پەسىل" دېگەن مۇزكىسى ماڭا بۇ پەيلاسوپنىڭ گېپنىڭ راستلىقىنى ئسپاتلاپ بەردى. مەن بارلىق بۈيۈك مۇزىكانىتلارنى، خۇدىنى يوقاتىمىغان، بىر قەۋمنىڭ ئورتاق قىمەت قاراشلىرىغا قارشى چىقمىغان بارلىق بۈيۈك سەنئەتكارلارنى شۇڭا چوڭقۇر ھۆرمەتلەيتتىم. ئېسىل سەنئەت ئەسىرى ئادەمگگ تەسىر قىلغاندا، ھەتتا تۇپراقنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكەن روھلارمۇ ھايات ئادەمنىڭ خاراپ روھىغا سەنئەت ئارقىلىق مەلھەم بولۇۋاتقان بولىدۇ.ئارىدا زامان، دەۋر چەكلمىسى يوقايدۇ. ئەقلىم بۇنىڭغا تاڭ قالىدۇ. ھەممىلا يەردە سىىياسئونلار نەپرەت ئۇرۇقى تېرىۋاتقان، ئادالەتسزلىك ئادالەتنىڭ ياقىسىغا ئېسلغان بىر دەۋردە، ئاجىزلارنىڭ يىغىسىغا، ئاھۇ-پەريادىغا ھېسسياتىسىز تەرزدە قاراپ تۇرغان بىپەرۋا دۇنيادا جەۋھەر سەنئەت ئادەمگە يەنە بىر خىل ئەركىنلىك بەخش ئەتسە كېرەك. [U&k"s?  
                                                        (4) B~v6_x  
   مېترودىن چىقىپ،  ھىندى تەلەپپۇزى قويۇق سالاپەتلىك بىر ئەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن نويورك زامانىۋي سەنئەت سارىيىغا كېلىۋالدۇق. ھەشىمەتلىك زال ئچىدە ئادەملەر سانجاق-سانجاق ھالەتتە ئۆچۈرەت كۈتۈپ تۇراتتى. كۆنۈككەن ئادىتى بويىچە، ئايالىم بالىنىڭ قولىنى چىڭڭىدە تۇتتى. ئوقۇغۇچىلارغا يېرىم باھا ئىكەن. ئايالىم بىلەن بالام ئۈچۈن ئىككى تال بېلەتنى 40دوللارغا سېتۋالدىم. ئوقۇغۇچىلىق كېنشىكەمنى كۆرسەتسەم ماڭا 10 دوللار ئالدى. HxO+JI`'3  
سەنئەت سارىيىنى قايسى قەۋەتتىن  باشلاپ ئايلىىنش كېرەكلىكىنى  بىلمەي ، مەسلىھەت بېرىش بېرىش ئورنىدىكى ئايالدىن كۆرسەتمە سورىدۇم. ئايال قانداق مېڭىش، ئاۋۋال نېمىنى كۆرۈش، بالىلارغا لايىق سەنئەت ئەسەرلىرىنى نەدىن تېپىش ھەققىدە ئىنچكە مەسلىھەت بەردى. ئايالنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئاۋۋال بالىلار سەنئەت رايونىدىن باشلاپ ئايلىنىشنى باشلىۋەتتۇق. ئوغلۇم 1-قەۋەتنىڭ بىر بۈرجىكىدە تۈجۈپىلەپ زىننەتلەنگەن، ھەر خىل سەنئەت بۇيۇملىرى  قويۇلغان رايونىنى كۆرۈش بىلەنلا ئانىسىنىڭ قولىنى قويۇۋېتىپ يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ھالىتىنى رەسىمگە تارتىۋالدىم. كىرىش پەلەميىنىڭ  تۈۋىدە ئوماق بالىلار يەردىلا ئولتۇرۇپ بىر نەرسىلەرنى قوراشتۇرۇپ، چۇۋۇپ ئويناۋاتتى. نېرىدە بىر ئىككى ئايال بىر ئائىلە كىشلىرى ئوپچە ئورۇندايدىغان سەنئەت مەشىقى تۈرىنى قانداق قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىۋاتاتتى.  بىر ئائىلە كشىلىرى ھەمكارلىشىپ سىزىدىغان رەسىم تۈرى مېنىڭ قىزىقشمنى قوزغىدى. ئاۋۋال بوياقنى بالام ئېلىپ بىر ئادەمنىڭ بېشى كېلىدىغان يېرىنى كۆزنەك شەكلىدە ئېچىلىدىغان ئاق مەرمەر تاشقا سىزدى؛ ئاندىن ئۇ مەرمەر تاشنى يېپۋېتىپ  ئانسىغا بوياقنى بەردى.ئايالىم رەسىمنىڭ قورساق قىسمىنى سىزىپ، مەرمەر تاشنى ياپتى. نۆۋەت ماڭا كېلىپ، بۇ رەسمنىڭ بۇ تەرپىنى سىزىپ مەرمەر تاشنى ياپتىم.ئېچىپ قارىسام ئۈچ ئادەمنىڭ سىزشى بىلەن پۈتكەن بەتبەشرە بىر ئادەمنىڭ رەسىمى پۈتۈپتۇ. رەسىم سىزقا تازا ئېپىم بولمىغاچقا، رەسىمنىڭ مەن سىزغان پۇت  تەرىپى  ياخشى چىقمغانىدى. DGHSyB^+1  
       بىز ئايلىنىۋاتقان ھازىرقى زامان سەنئەت گالېريىسى دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل، تۈرى ئەڭ تولۇق سەنئەت گالېريىسى بولۇپ، 1929-يىلى قۇرۇلغان، 2006-يىلى ياپوپينەلىك لاھيلىگۈچى يوشىئو تانىگۇچى تەرىپىدىن قايتا لاھىيىلەنگەنىدى. ئالتە قەۋىتىدە  150مىڭ خىل سەنئەت ئەسىرى قويۇلغان. ئۇنىڭ ئچىىدە 20-ئەسر سەنئىتىگە تەۋە ئەسەرلەر كۆپرەك. ھەيكالتاراشلىق، رەسىم، باسما بۇيۇم، فوتوگرافىيە، تاراتقۇ سەنئىتىگە دائىر ھەر قانداق ئەسەر ئاساسەن تېپلىدۇ. 5-قەۋىتى رەسىم ۋە ھەيكالتاراشلىق ئۈچۈن ،3-قەۋەت ئارخېتكتورلۇق ۋە لاھيىەلەش كەسپى ئۈچۈن ئاجرتىلغان؛ 3-قەۋەتتە مان رېي، ۋالكېر ئېۋانىس قاتارلىق داڭلىق فوتوگرافلارنىڭ ئەسەرلىرى بار.  تاراتقۇلاردىن ئېلىنغان قىسقا فلىم كۆرۈنۈشلىرى، ئىماگلارمۇ  تېپىلىدۇ. -HF?1c  
ھەيكالتاراشلىق ئەسەرلىرى قويۇلغان قەۋىتىنى ئايلىنۋېتىپ بالزاكنىڭ ھەيكىلىنى ئۇچراتتىم. ھازىرقى زامان رەسىم رايونىنى ئاختۇرۇۋېتىپ ۋانگوكنىڭ (1853-1890) "بىر جۈپ ئاياغ"دېگەن رەسىمىنى ئۇچراتتىم. ئادىل تۇنيازنىڭ "ۋانگوكنىڭ ئايىغى" دېگەن شېئىرىنى ئوقۇغان بولغاچقا، بۇ رەسىمگە ئالاھىدە قىزىقىپ قارىدىم.  رەسىمدە بوغقۇچى ۋە قونجى پەسكە ساڭگىلىغان كالتە قونجىلىق ئۆتۈكنىڭ ئۆزىنى قويۇۋېتىپ تۇرغان ھالىتى سىزلىغان. رەسىم قارىماققا ناھايىتى ئاددى. چۈشەندۈرۈشىدە  رەسىمنى ۋانگوكنىڭ ھاياتىدىكى قيىن چاغلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن دەپ ئىزاھلاپتۇ. مەلۇماتتا دېيلىشچە،  دەسلەپتە سېتۋالغاندا ئاياغ ۋانگوكنىڭ پۇتىنى ئوبدانلا قسىتىغان؛ئەمما رەسسام ئاياغنى قېيشىپ كەيگەن.  بۇ رەسىم ئارقىلىق ناھايىتى جىمجىت بىر ھالەتنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. چۈشەندۈرۈشىدە "رەسىم مېھنەتكەش، جاپاكەش كشىلەرنىڭ مۈشكۈل ھاياتىغا سىمۋول" دەپ يېزىلغانىدى. uH89oA/H  
  ئادىل تۇنيازنىڭ  يېڭىدىن نەشىردىن چىققان "تاشقا سۆزلەۋاتقان ئادەم" دېگەن شېئىر توپلىمىدا "ۋانگوكىنىڭ ئايىغى" دېگەن شېىئرىدا مۇنداق مسىرالار بار: 5Ew( 0K[  
خۇدا ئىككى پۇت سىزدى، ]!TE  
ۋانگوكنىڭ جۈپ پۇتىنى. ;Rv WF )  
بىر جۈپ ئاياغ سىزدى ۋانگوك، "~VKUvDu  
مەشھۇر رەسسام ئاتىدۇق. ]G i&:k  
X+ Sqw5rH  
بىر جۈپ ئاياغ شۇ تاپتا Fx!D:.)/G  
رەڭسىز قاراپ تۇرماقتا. "EpH02{i  
چىدىيالماي قاراشقا، *C55DO^w  
بىر جۈپ كونا ئاياغقا. 3[Q7'\  
يۈرەك-باغرىم ئېزىلىپ @KM?agtlbl  
ئېلىپ ماڭدىم مايلاشقا fln[Q2zl  
رەسىمدىكى ئاياغنى. [Q:mq=<Z%  
 j=pg5T  
بەش  قەبىلىگە پارچىلانغان بىر پۇت، Jt}`oFQ5l  
دورىلىق ئوت-چۆپتەك پۇرىقى. J<L\IP?%  
تەر، مەھكۇملۇق، ئازاب پۇرىقى. p9jC-&:  
ئېگىزلىكتىن چۈشۈۋاتقان بەش شارقىراتما. rV\G/)xL  
ھەر قېتىمدا بەش قېتىم ۋاقىرىغان پۇت. i%!<9D~n  
ئەكىس ساداغا تولغان ئاياغلار. <#8}![3Q  
موزدوز قولىغا ئېلىپ-چۆرۈپ، [*u\S  
بېگىزنى تىقىپ قويغان ئاياغلار v6G1y[Wl  
..... 1?w=v|b:P)  
//N="9)@  
ۋانگوكنىڭ نىيويورك سەنئەت سارىىيغا قويۇلغان " يۇلتۇزلۇق  كېچە "ناملىق رەسىىمىدە كېچىنىڭ ئاسمان مەنزىرىسى ئارىلاشقان تەبىئەت كۆرۈنۈشى سىزىلغان بولۇپ، بۇ رەسىم ۋانگوكنىڭ  1899-يىلى روھىي كېسەل بولۇشىدىن بۇرن سىزغان ئەڭ مەشھۇر رەسىملىرىدىن بىرى ئىكەن. رەسىمنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئاسمانغا بوي سوزۇپ تۇرغان بىر ئارچا دەرىخىمۇ سىزىلغان. /$clk=  
پابلو پىكاسسو (1881-1973) ئىسپانىيەلىك داڭلىق رەسسام بولۇپ 20-ئەسىر مودرنىزىم سەنئىتىنىڭ داڭلىق پېشۋاسى . ئەسەرلىرىدە ھەر خىل تەلىمات ۋە ھەر خىل ئىدىيە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ ھېمىڭۋاينىڭ دەسلەپكى ئۇستىسى، مودرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ پېشۋاسى،ئامېركىلىق ئايال يازغۇچى گېترۇد ستايىننىڭ پورتېرتى سىزىلغان رەسمىگە ئۇزۇن قارىدىم. 1905-يىلى پارژزدا تۇرۇۋاتقان چېغىدا پىكاسسو يازغۇچى گېترۇد سېتەيننىڭ سەنئەت گالېريسىىدە تونۇلىدۇ. ستەيىن ئۇنى قوللايدۇ. كېيىن گرمان سەنئەت يىغىپ ساقلىغۇچىسى دانېل ھېنرى كانۋېيىلېرنىڭ يۆلىشى بىلەن پىكاسسونىڭو ئشىلىرى يۈرۈشۈپ كېتىدۇ. رەسىملەر قاتارىدا يەنە پىكاسسونىڭ ئاشۇ سەنئەت سودىگىرىنىڭ پورتېرتىنى ياراتقان رەسىمىمۇ قويۇلغان. dn}EM7:Z  
   سەنئەت ساريىدا ھەش-پەش دېگۈچە تۆت سائەت ئۆتۈپ كەتتى. 5-قەۋەتتىن سىرتقا قارىسام ھاۋا مۆلدۈر ئارىلاش قار ياغقىلى تۇرۇپتۇ. ئاللىبۇرۇن كەچ كىرىپ كەتكەنىدى. نەرسە-كېرەكلىرىمىزنى يىغشتۇرۇپ مېترو بېكتىگە ماڭدۇق. $@kOMT  
(4) uO]|YF  
       بىر ئاي ئۆتۈپ بىز زىيارەت قىلغان مېترو بېكىتىدە ئېچىشنلىق بىر تراگېدىيەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئامېرىكا تېلېۋېزىيسىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، نيويورك دائىرلىرى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ  30-كۈنى ئېرىكا مېنېدېز ئسىملىك 31ياشلىق ئايالنى "بىر مۇسۇلمانى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ  نەپرەت جىنايىتى ئۆتكۈزدى" دېگەن ئاساس بىلەن سوتلىغان.جاۋابكار سوتتا مۇنداق دېگەن: "مەن بىر مۇسۇلماننى مېترو بېكىتىدىن مېترو يولىغا ئىتتىرىۋەتتىم؛ چۈنكى مەن مۇسۇلمانلارغا ئۆچ. ئۇلارغا 2001-يىلدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بېرى نەپرىتىم بار".  سۇنادو سېن ئسىملىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ھىندىستانلىق مۇسۇلمان بولۇپ،  ئارقسىدىن ئىتتىرىلگەچكە، ئۆزىنى قوغداشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي مېترونىڭ رىلىسىغا چۈشۈپ كەتكەنىكەن. نيويورك شەھەرلىك ساقچى ئىدارسىنىڭ باياناتچىسى پاۋل بروۋىن بايانات بېرىپ بۇنداق ۋەھشىيانە قىلمشنىڭ مەدەنىي بىر دۇنيادا قوبۇل قىلشىقا قەتئىي بولمايدىغان ئېغىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندى. S@!_{da  
    خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىم بىز بىر ئائىلىنىڭ نيويوركتىن يېڭى قايتىپ  كەلگەن ۋاقتىم بولغاچقا، بۇ ئەھۋالدىن چۆچۈپ تاراتقۇلاردىن خەۋەر ئىزدىدىم. دېگەندەك، ئايالنىڭ نەپرەت جىنايىتى پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئەيبلەش سادالىرى  تاراتقۇلارنى بىر ئالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇھەممەد ئەلەيھسىالام ھەقققىدە ئشىلەنگەن ھاقارەتلىك فىلىم ئامېرىكىدا تارقىلىپ پۈتۈن دۇنيادا زور زىلزىلە ھەم چۇقان پەيدا قىلغاندىن كېيىنكى  يەنە بىر چوڭ ۋەقە بولغاچقا، مەن بۇ ھەقتە ئويلانماي تۇرالمىدىم. T}z? i  
           مۇھەببەت ئەمەس، نەپرەت  ئۇرۇقى تېرىلىدىغان بىر دەۋردە كىشلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قاچان كېيىنكى قېتىملىق زىيانكەشلىك ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشى بىر ئاقىلانىلىك. بۇ ئامېركىلىق ئايالنىڭ قەلبدىكى ئۆچمەنلىك 2001-يىلدىكى ۋەقەدە بىخلانغان ۋە توپتوغرا 11يىلدىن كېيىن مېۋە بېرىپ تراگدىيە پەيدا قىلغان. يەنە قانچىلىغان ئامېركىلىق ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدە مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن قارشلىق ۋە نەپرەت تۇيغۇسىنىڭ باش كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلماننىڭ 2001-يىلدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسى بىلەن ئالاقىسى يوق. ئەمما، ھېىلىقى ئامېرىكىلىق ئايالنىڭ قەلبىدە بۇ دەرىجىدە كۈچلۈك ئۆچمەنلىك 11يىل بۇرۇنقى ئاخبارات خەۋەرلىرىدە بىخلانغان. ئەمدى ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يەنە قانچىلىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋە خرستىئان ئاشقۇنلىرىنىڭ قەلبىدە رېفلككېس ۋە دوراش پىسخىكىسى پەيدا قىلىدىغانلىقى، قانچلىىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدە ئۆچمەنلىك  بىخلىتىدىغانلىقىنى ھازىرچە پەرەز قىلىش تەس.ئەمما، شۇنسى ئېنقىكى پاجىئە بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ. بىر نەپرەتلىك ھەرىكەت تاراتقۇدا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن يوشۇرۇن ئاپەت ياكى كېيىن بىخلىنىدىغان ئۆچمەنلىك ھېسسسياتى پەيدا قىلىدۇ. بەلكىم ئۇ ئايال 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە قازا قىلغان بىرەسىنىڭ تۇققىنىدۇر ياكى تاراتقۇلاردىن شۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈۋېرىپ، مۇسۇلمانلارغا ئۆچ بولۇشقا مايىل بولغاندۇ. بۇ مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى،  نېمە ئۈچۈن مۇناسىۋەتسىز كشىلەرنىڭ نەپرەت جىنايىتىگە  چېتىلىپ زەنجىسرىمان ۋەقەلەرنىڭ قۇربانى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىش. يەنىمۇ مۇھىمى، دەۋرىمىزدە سۈنئىي ئۆستۈرۈلۈۋاتقان نەپرەت گۈلللىرى ھەققىدە ئويلىنىش. PSv 5tQhm  
"دۈشمىنڭنى سۆي!" گېگلنىڭ بىر پەلسەپە ئەسىرىدە مۇشۇنداق قۇرلار ئۇچرايدۇ. لېكىن، رېئاللىقتا ئادەمنىڭ ئۆز دۈشمىنى سۆيمكى ئاسان ئەمەس. ئۆچمەنلىك ئۇرۇقى قەلبىدە بىخلاپ چوڭ بولغان بىر ئادەمنىڭ بۇنداق قىلىشى تېخىمۇ تەس. ئەمما، ئىنسانلار  21-ئەسرىگە كىرىپمۇ ئەڭ پاجىئەلىك ۋەقەلەرگە شاھىت بولغان 20-ئەسردە نەپرەت تۈپەيلى پەيد بولغان ئېچىنشلىق تراگېدىيەلەردىن ساۋاق ئالمىدى. تراگېدىيە يۈز بېرىۋاتىدۇ. يەنە يۈز بېرىدۇ. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە ئاتا-ئانسىدىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان ئۆسمۈرلەر مانا ئەمدىلىكتە ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان بولسا، ئۇلارنىڭ قەلبدىكى نەپرەت تۇيغۇسى جەمئىيەتتىكى رىقابەت داۋامىدا ئۆز كۈچىنى كۆرستىدۇ. يەنە ئون يىللاردىن كېيىن يەنە نېمە جىنيات يۈز بېرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. prt(xr4@  
  نەپرەت ئۆگىىتلىدۇ، "5dke^yk0  
  نەپرەت ئېچىتىلىدۇ، %}H2  
تاراتقۇلار نەپرەت گۈلىنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ، F,)+9/S&  
نەپرەتنىڭ سېخمىسىنى سىياسئونلار لايھىلەيدۇ، ئۇنىڭ دەردىنى ئاۋام  تارتىدۇ. }D!tB  
  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2014-02-28, 20:16
serhushfan
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19233

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   65 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   9 (قېتم)
 تۆھپە:   8  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 245
 سائەت
دەرىجىسى:
245 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2014-02-28
ئاخــىرقىسى:2014-03-18
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 03-01

دوكتۇر زۇلپىقار بارات لېكسىيە سۆزلەيدۇ 2V% z=  
x~)~v?>T  
لېكسىيە ئىسمى: ھاياتنىڭ تارتىش كۈچى نەدە؟ jyF*JQjK4  
h4K Mhr  
لېكسىيە ئورنى: شىنجاڭ ئىلىم- پەن ئۇچۇر ئىنستىتوتى :+>7m  
RFS} !_t+|  
لېكسىيە ۋاقتى: 2014-يىل 3-ئاينىڭ 8-كۈنى شەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى 9:30دا Hicd-'  
Go:(R {P  
i"u|119  
bcT_YFLQ  
";&PtLe  

serhushfan
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19233

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   65 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   9 (قېتم)
 تۆھپە:   8  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 245
 سائەت
دەرىجىسى:
245 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2014-02-28
ئاخــىرقىسى:2014-03-18
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-01

خىزمەتچىلەر 180 يۈەن، ئوقۇغۇچىلار 90 يۈەن(كېنىشكا ئېلىپ كېلىدۇ). Z \ @9*  
s2N'Ip  
بىلەت زاكاس قىلىش ئورنى: ئۈرۈمچى 6-ئوتتۇرا ئۇدۇلىدىكى ئېلېكترون سارىيى 2-قەۋەت ئورخۇن چەت ئەل تىلى مەكتىپى j&A9 &+w  
zN+jn  

serhushfan
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19233

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   65 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   9 (قېتم)
 تۆھپە:   8  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 245
 سائەت
دەرىجىسى:
245 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2014-02-28
ئاخــىرقىسى:2014-03-18
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-01

ئۇندىن باشقا دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئېنگلىزچە دەرسلىرى (يىلللىق ئايلتىس، يىللىق ئاسپرانتىلىق، يىللىق بالىلار ئېنگلىزتىلى سىنپى، سەرخۇش 1-، 2-قىسىم) 3-ئاينىڭ 15-كۈنى شەنبە ئورخۇندا باشلىنىدۇ. +\PLUOk  
B=_5gZ4Y  
تېلېفون: 13899984822
serhushfan
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19233

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   65 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   9 (قېتم)
 تۆھپە:   8  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 245
 سائەت
دەرىجىسى:
245 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2014-02-28
ئاخــىرقىسى:2014-03-18
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-04
Re

ئانا تۇپراقتىكى دوستلارنىڭ ئىنكاس يېزىش قىزغىنلىقى سەل تۆۋەنمۇ قانداق؟
JAHA
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19362

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4 (قېتم)
 تۆھپە:   3  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2014-03-13
ئاخــىرقىسى:2014-03-13
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-13

مەن بەك ياقــــۇرۇپ  ئاڭلايمەن...
yawuzbag

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2506

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1496 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3948 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4214 (قېتم)
 تۆھپە:   4020  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 29216
 سائەت
دەرىجىسى:
29216 سائەت 34 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2014-09-20
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-14
Re:Re

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  serhushfan كە 2014-03-04 12:17ئەۋەتىلدى Re : 'AJlkLqm#>  
ئانا تۇپراقتىكى دوستلارنىڭ ئىنكاس يېزىش قىزغىنلىقى سەل تۆۋەنمۇ قانداق؟ )0p7d:%mV  
|sklY0?l(  
يۇمۇر يازسىڭىز بەك قىززىيدۇ.مۇنبەردىكى باللىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئىستىمالىدا مەسىلە خېلىلا ئېغىر. hTK6N  

ھايات ھاقارەتلىك ئۆتسىمۇ،ئىككى كۈزىمىز پارقىراپ تۇرسىلا بۇلىدىغان بولدى.
otyurak0999
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15429

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   130 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   14 (قېتم)
 تۆھپە:   13  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-05-06
ئاخــىرقىسى:2014-03-25
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-25

ئېسىل تېما . بىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنياغا چوڭقۇر نەزەر سالمىساق بولمايدۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى