باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       684 
  •    ئىنكاس 
       5 

ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئىسلامىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى

قەۋەت ئاتلاش
yawuzbag

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2506

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1453 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3413 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4163 (قېتم)
 تۆھپە:   3969  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 27002
 سائەت
دەرىجىسى:
27002 سائەت 738 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2014-03-24

:D7!6}%  
,S K6*tpI  
)O'<jwp$  
    (ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە ئىزدىنىش» تورىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى) كەڭ ئانا توپراقتىكىلەرنىڭ ئىلمىي مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن سۇنۇلدى. Vi~+C@96  
dXN&<Q,  
2(xKE_|  
0{uX2h  
ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئىسلامىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى ?Cl"jcQ*  
jt*@,+e|  
ئابدۇۋاھىد خۇدابەردى Qk?Jy<Ra  
o*8 pM`uw  
ئىسلامىيەت ساھەسىدە جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ خېلى كۆپ تەقۋادار ۋە بىلىملىك مۇسۇلمان ئالىم-ئۇلىمالار يېتىشىپ چىققان. ئۇلار قىسقىغىنا ھاياتىدا بىرىنچى قىلىپ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف بىلىملىرىنى، ئەرەب تىلى قائىدە- قانۇنىيەتلىرىنى پۇختا ئىگىلىگەن. ئاندىن باشقا تۈرلۈك بىلىملەرنى ئىگىلەپ ئۆز دەۋىرىدە يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. ئۇلار چەكلىك ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىش-پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانمىسۇن ياكى قانداق مەنىۋى مىراسلارنى قالدۇرمىسۇن، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف روھىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان. بىزدىن بۇرۇن ياشاپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان ئەنە شۇ بىر قاتار ئالىم-ئۇلىمالار ئىچىدە ئەلشىر نەۋائى مەيلى خەلقىمىز قەلبىدىكى ئورنى، شان-شۆھرىتى ۋە مەيلى يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن خۇددى زۆھرە يۇلتۇزىدەك روشەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. )]Rr:i9n  
A}O9e  
مەشھۇر ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر شائىر، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبلىرىمىزنىڭ پېشۋاسى نىزامىدىن ئەلشىر نەۋائى ھىجرىيە 844- يىلى رامىزاننىڭ 7-كۈنى (مىلادىيە 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى) ھىرات شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ھىجرىيە 906-يىلى جامادىيەل ئاخىرىنىڭ 12-كۈنى (مىلادىيە 1501-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى) ھىرات شەھىرىدە سەكتە (مېڭىگە قان چۈشۈش) كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. ئەينى چاغدا نەۋائىنىڭ ۋاپاتى ھىرات خەلقى ئۈچۈن شۇنچىلىك قايغۇلۇق ۋەقە بولغانكى، پۈتۈن ھىرات خەلقى نەۋائى ۋاپات بولۇپ يەتتە كۈنگىچە ھازا تۇتقان. KO7cZME  
2j|Eh  
ئەلشىر نەۋائى 60 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، 30 يىلغا يېقىن تۈرلۈك دۆلەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. گەرچە نەۋائى ئەينى چاغدا ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى بولمىسىمۇ، لېكىن ھۈسەيىن بايقارا ھاكىمىيتىدە ئىناۋەت- ئابرۇيى ۋە نوپۇزى سۇلتان بىلەن باراۋەر ھەتتا ئۈستۈن ئىدى. ئۇ دۆلەت ئىشلىرىغا بىۋاستە مەسئۇل بولغان، سىرتتىن ھەمكارلاشقان ياكى ھوقۇقتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزگەن چاغلىرىدا بولسۇن، پۈتۈن زىھنىنى ئىسلام دىنىنىڭ گۈللىنىشى، يەنى خەلقنىڭ ساپ ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن سەرپ قىلغان. نەۋائىنىڭ دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى، ئالىم ۋە ئۇستاز سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ ۋە خىلمۇخىلدۇر. ئۇنىڭ ھاياتىدا قىلغان پۈتۈن ياخشى ئەمەللىرىنى مۇنداق چوڭ ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن : بىرى، شۇ دەۋىردىكى خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋە ئىلىم- پەننىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن چەككەن جاپا- مۇشەققەتلىرى ۋە قىلغان خەير- ساخاۋەتلىرى؛ يەنە بىرى، ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان ئېسىل ئەسەرلىرىدۇر. ruLcu]  
$'wl{D"  
نەۋائى ئەينى چاغدا ئۆز ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ ھىرات ۋە پۈتۈن خۇراسان ئېلىدە ناھايىتى كۆپ بىنا، مەدرىس، شىپاخانا، كارۋان سارىيى، ئېرىق-ئۆستەڭ، كۆۋرۈك، يوللارنى بەرپا قىلغان. ئۇ نوقۇل دىنى مەزمۇندىكى «ۋەخفىيە» ناملىق ئەسىرىدە ( بۇ ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسىدە بىر مۇنچە ئايەت ۋە ھەدىسلەر نەقىل كەلتۈرۈلگەن) ئۆزىنىڭ قىلغان خەير- ساخاۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ: Vh&KfYY  
Z]CH8GS~<  
”… ئانچە- مۇنچە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللاندىم. بۇ ئىشىمدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە شەرىئەتنى نەزەردە تۇتتۇم ۋە ئىنساپنى ئەستىن چىقارمىدىم. ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن كۆپ مەسھۇلاتلار ھاسىل ۋە غەنىيمەتلەر مۇيەسسەر بولۇشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈمنىڭ تىرىكچىلىكى ئۈچۈن ئادەتتىكى كىشىلەردىن بىرىنىڭ تۇرمۇشى ئۆتكىچىلىك تەمىناتقا، يەنى ئىسسىق- سوغۇققا دال بولغۇچىلىك بىر قۇر كونا كىيىم ۋە شۇنىڭغا لايىق يېمەكلىككە قانائەت قىلدىم … مەدرىسنىڭ شەرقى ۋە غەربى سۇپىسىغا ئىككى مۇددەررىس تەيىنلەندى. ئۇلارنىڭ بىرى ئىسلام تەلىماتى قائىدىلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرھىسىنى، يەنە بىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئېيتقان ھەدىسلىرى ۋە ئۇنىڭ شەرھىلىرىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار تەشكىللەنگەن ھەر بىر دەرس سورۇنىغا رەسمىي مائاشلىق تالىپتىن ئون بىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سەمىمىي ئىخلاس بىلەن ياساتقان بۇ مەدرىسكە< ئىخلاسىيە > دەپ ئات قويۇلدى … ئىخلاسىيە مەدرىسنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇ خانىقانىڭ بىناسى ھەر خىل رىياكارلىق ۋە غەشلىكتىن خالاس ئىدى. كۆڭۈلنىمۇ ئارتۇقچە ئىككىلىنىشتىن خالاس قىلدى. شۇڭا بۇ خانىقاغا < خەلاسىيە > دەپ ئات قويدۇم.’ ئىخلاس قىلمىغىچە خالاس بولغىلى بولمايدۇ ‘ دېگەن سۆزنىڭ مەزمۇنى سائادەتكە ئېرىشتى. پايتەخت ھىراتنىڭ ئەتراپىدىكى بىر بۆلۈك غەللە- پاراق ئېكىنزارلىقلىرى، دۇكانلار، باغ، يەر ۋە كارىزلار ئۇ ھەزرەت ( ھۈسەيىن بايقارا ) زامانىنىڭ دۆلىتىدە پېقىرنىڭ مۈلكىگە ئايلانغانىدى. بۇلارنىڭ سودىسىدا شەرىئەت قائىدىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىنغانىدى. باھالىرىدىن بىر دىرھەم پۇلمۇ نېسى قىلىنمىغانىدى. ھەتتا بۇ ئەھۋالدىن ئىسلام پېشۋالىرى، بەلكى پۈتۈن خالايىق خەۋەردار ئىدى ۋە بۇ ھەقتە ئاپىرىنلار ئېيتىپ قايىل بولۇشاتتى. پېقىر بۇلاردىن بىر مەزگىل مۈلۈك سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كېلىۋاتاتتىم. ئەمدى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا يۇقىرىقى مەدرىس بىلەن خانىقاغا ۋەخپە قىلدىم. بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئىمارىتى، خادىملىرىنىڭ مائاشى ۋە كېتەرلىك بارلىق راسخوتلار مۇشۇ ۋەخپىدىن ھاسىل بولۇپ، شەرت قىلىنغان قائىدە بويىچە سەرپ قىلىنغاي. [)?3Dp|MH  
$fO*229As  
” كىشىگە ئەبەدىي دۆلەت ۋە دائىمىي سائادەت، ھاياتلىق بۇلىقىنىڭ خۇشخەۋىرى ۋە نىجاتلىق مەنزىللىرىنىڭ ئۈمىدى ئىسلامنىڭ بەش تۈۋرۈكلىك ئىشكىدىن كىرمىگىچە ھاسىل بولمايدۇ؛ بۇ مۇبارەك بەش پەنجىسىگە قول سالمىغىچە ھېچ ئىش نەتىجە بەرمەيدۇ. بۇ بەشنىڭ بىرى: تەۋھىد (بىرلىك) سۆزى. شۈكرى، ئۇنى جېنىم ئارىسىغا < ئەلىف > تەك نەقىشلىدىم. ئىككىنىچىسى : بەش ۋاق نامازدۇر. خۇداغا شۈكرى ئۇنى زېھىنىم ئارىسىدا < ھ > دەك مۇقىملاشتۇردۇم. ئۈچىنچىسى : رامىزان ئېيىدىكى ئوتتۇز كۈن روزىدۇر. ئاللاھقا تەشەككۈر، ئۇنى قەلبىمدە < لام > دەك يوشۇردۇم.تۆتىنچىسى : زاكاتتۇر. جېنىم دەسمايىسى ئاللاھ ئۈچۈن زاكات بولسۇن. ئاللاھ زاكات بېرىش مىقدارغا يەتكۈدەك مال يېغىش ھەۋىسىنى كۆڭلۈمگە سالمىدى. مىقدارغا يەتكۈدەك مالنىڭ زاكىتىنى ئايرىپ بولغۇچە ئۇ مال قولۇمدا قالمىدى. بەشىنچىسى : ھەجدۇر. بۇ ماڭا گويا بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ. ئادەمدىمۇ بەش خىل سەزگۈ بولىشى كېرەك. بۇ بەش خىل سەزگۈدىن مەندە تۆتى بار. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئىككى ئارزۇدىن بىرسى مۇشۇ مۇبارەك ھەج سەپىرىدۇر … “. 1lM0pl6M  
g*uOIF  
نەۋائى بۇ ئەسىرىدە يەنە ئىخلاسىيە مەدرىسى بىلەن خەلاسىيە خانىقاسىغا ۋەخپە قىلىنغان ئىمارەت، بىر مۇنچە دۇكان،مېۋىلىك باغ، تېرىلغۇ يەر، كارىز،كەنت، ساراي قاتارلىق مال- مۈلۈكلەرنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ. « ۋەخفىيە» ناملىق ئەسەر نەۋائىنىڭ روھى دۇنياسىنى، ئۇ ياشىغان دەۋرنى ۋە شۇ دەۋىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك يادىكارلىقتۇر. TgLlmU*qMU  
k-/$8C  
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن : ”سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا خەيرىلىك ئىشلارغا دەۋەت قىلىدىغان، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇپ، يامان ئىشلارنى مەنئىي قىلىدىغان بىر جامائە بولسۇن؛ ئەنە شۇلار مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىلەردۇر “ { سۈرە « ئال ئىمران » (3-سۈرە)، 104-ئايەت }. ' wEP:}  
eAj}/2y"  
ئابدۇللا ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :” شۈبھىسىزكى، ئادىل ھۆكۈمرانلار ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا نۇردىن بولغان مۇنبەرلەردە ئولتۇرىدۇ. ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، ئۆز ھۆكۈملىرى، ئۆز ئەھلى ۋە ئۆزى ئىگە بولغان نەرسىلەردە ھەققانى بولغان كىشىلەردۇر“ ( مۇسلىم رىۋايەت بولغان ). 'n=D$j]X  
gQ[4{+DSf  
نەۋائى ئايرىم ھاللاردا ئاھالىلەرگە سېلىنغان سېلىقنىمۇ تۆلەپ قويغان. يەنى، 1500-يىلى ھىرات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەردىن 100 مىڭ كېپاكى ( شۇ دەۋىردىكى پۇل نامى ) سېلىق يىغىشقا توغرا كەلگەن. ئۇنىڭدىن 50 مىڭ كېپاكىنى ھىرات خەلقىدىن ئېلىش كېرەك ئىدى. بۇ خەۋەر نەۋائىغا يەتكەندە، ئۇ :” ھازىرقى پەيتتە خەلققە ئورۇنسىز سېلىق سېلىش ساھىبقىران دۆلىتىگە مۇناسىپ كەلمەس، بۇ ئىش خەلق ئىچىدە نارازىلىق ئۇلغايتىدۇ “ دەپ، شۇنچىۋالا پۇلنى ئۆزى تۆلەپ تۈگەتكەن. خەلق بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە چەكسىز بەخت تىلىگەن. FpEdwzBb<  
_cB~?c  
نەۋائىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە قىلغان نۇرغۇن خەير-ئېھسانلىرى ئۆزى يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىدىن باشقا يەنە ئەينى دەۋردە ۋە نەۋائىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن روياپقا چىققان بىر مۇنچە تارىخ ۋە تەزكىرىگە ئائىت كىتابلاردا ئەينەن خاتىرىلەنگەن. تارىخچى ئالىم مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كورەگان « تارىخى رەشىدى » دېگەن كىتابىدا نەۋائىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازىدۇ :” شۇ ئەسىردىكى تەڭداشسىز ئالىم ۋە پازىل كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمىر ئەلشىرنىڭ تىرىشچانلىقى، تەربىيە ۋە پەرۋىشكارلىقى بىلەن كامالەت تاپتى. ئەمىر ئەلشىرنىڭ بايلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ھەممە مال-مۈلۈك، تەئەللۇقاتلىرىدىن ھەر كۈنى ئۇنىڭغا 18 مىڭ شاھرۇخى ( شاھرۇخ مىرزا نامىغا قويۇلغان ئالتۇن پۇل ) كىرىم بولاتتى. ئۇنىڭ ھەممىسىنى پەزىلەت ئىگىلىرى ئىچىدىكى مۇھتاجلارغا سەرپ قىلاتتى. بەزى كۈنلىرى ئازراق بىر نەرسە ئاشاتتى، بەزى كۈنلىرى ئون سەككىز مىڭ شاھرۇخى تولۇق سەرپ بولاتتى. قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە ھاجەتمەنلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلاتتى، پەزىلەت ئىگىلىرىنى پەرۋىش قىلاتتى. مال- مۈلۈك، تەئەللۇقاتلىرىنىڭ پۈتكۈل مەھسۇلاتىنى ئاللاھ يولىدا ياخشى ئىشلارغا خالىس سەرپ قىلدى. شۇ قەدەر تولا مەسچىت، لەڭگەر ۋە ئىمارەتلەرنى بىنا قىلدىكى، ئېھتىمال ئۇنچىۋالا كۆپ ئىمارەتلەرنى ئالەم سەھىپىسىدە ئانچە كۆپ كىشى بىنا قىلالمىغان بولغىيتتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ (نەۋائى ۋاپات بولۇپ 40 يىلدىن كېيىن) خۇراساندا ئۇ ئىمارەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ساقلىنىۋاتىدۇ. شۇ ئەسىردىكى پەزىلەت ئەھلى ئىچىدە ئۇنىڭ پەرۋىش قىلىشىغا ۋە ياردىمىگە ئىگە بولمىغان ھېچكىم يوق. ئەمىر ئەلشىرنىڭ نازۇكلۇقىدىن باشقا ئەيىبى يوق. ھەقىقەتەن پەزىلەتلىك، مەرد ۋە دۆلەتمەن كىشى ئىدى. پۈتكۈل ئۆمرىنى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن يەككە- يېگانىلىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى“. MD,-<X)Qy  
>_o_&;=`v  
نەۋائى بىلەن زامانداش ئۆتكەن، ھىندىستاننى فەتھى قىلىپ بۈيۈك موغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ ھىندىستانغا كەڭ تارقىلىشىغا زور تۆھپە قوشقان مەشھۇر پادىشاھ، ھەربىي ئالىم، ئەدىب زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر بۇ ھەقتە مۇنداق يازغان : ” ئەلشىر بەگ نەۋائى تەڭدىشى يوق ئادەم ئىدى. ئىلىم ۋە ھۈنەر ئەھلى ئۈچۈن ئەلشىر بەگكە يېتىدىغان تەربىيەتچى ۋە ھامىينىڭ بولغانلىقى مەلۇم ئەمەستۇر. ئۇ قىلغانچىلىك خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشقا ناھايىتى ئاز ئادەملەرلا مۇۋەپپەق بولغان بولۇشى مۇمكىن. مىرزىدىن ھېچنەرسە ئالمايتتى، بەلكى ھەر يىلى مىرزىغا نۇرغۇن مىقداردا مەبلەغ ھەدىيە قىلاتتى “. :MpCj<<[  
o7 kGZ  
كىشىلەر تالىشىدىغان تاج- تەختىمۇ، ھەشەمەتلىك ئوردا- قەسىرمۇ، بىھېساب مال-دۇنيامۇ ئۆتكۈنچى، ۋاقىتلىق نەرسىلەردۇر. نەۋائى ھاياتىدا بۇلارغا قىزىقمىدى. شۇنچە كاتتا بايلىق ئىگىسى، ھوقۇق ئىگىسى تۇرۇپ يەنە تاكى ئاخىرقى نەپىسىگىچە ئەل- يۇرتنىڭ غېمىنى يېدى، ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقتى. چۈنكى ئۇ ھەمىشە ئاللاھنىڭ چاقىرىقىنى ئورۇنداشقا ئالدىراشتى،ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەشكە تىرىشاتتى. lyyi?/W%  
IpWl;i`__  
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن :”( ئى مۇئمىنلەر!) ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار “{ سۈرە «بەقەرە» (2-سۈرە)، 148-ئايەت }؛ ” ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ “{ سۈرە«مەريەم»(19-سۈرە) ، 96-ئايەت }. QxK%ZaFZA  
"}n]0 >J  
ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى ئۇنى تىنىم تاپقۇزمايتتى. ئۇ بۇ يولدا ئۆز بېشىغا كەلگەن ھەر قانداق دەردى-بالا، غەم-كۈلپەتلەرگە سەۋر قىلاتتى. ئەل- يۇرتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلاتتى. ئۇ مۇنداق يازغان : MKbW^:  
7L!k9"X`0F  
ئادىمى ئېرسەڭ دېمەگىل ئادىمى، z:w7e0  
G  B15  
ئانىڭكى يوق ئەل غەمىدىن غەمى. J~= =<?j:  
u~K4fP  
يۈز جەفا كەلسە ماڭا بىر قەتلە فەرياد ئەيلەبان، hgm`6TQ  
;&iQNXL  
ئەلگە كەلسە بىر جەفا، يۈز قەتلە فەرياد ئەيلەرىم. 6%)dsTAB  
zgLm~  
نەپىڭ ئەگەر خەلققە بىشەكدۇرۇر، r t f}4.  
myH#.$=A  
بەلكى بۇ نەپ ئۆزۈڭگە كۆپرەكدۇرۇر. 8}4V$b`Z  
*vht</?J  
(ئەگەر ھەقىقىي ئىنسان بولساڭ خەلقنىڭ غېمىنى يېمەيدىغان ئادەمنى ئادەم دەپ قارىما؛ ماڭا تۈرلۈك جاپا- مۈشەققەت كەلسىمۇ بىرەر قېتىم زارلىنىمەن، ئەمما خەلققە بىرەر جاپا كەلسە مىڭ قېتىم پەرياد ئۇرىمەن. خەلققە ھەقىقىي ياخشىلىق قىلساڭ، ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆپرەك ئۆزۈڭ كۆرىسەن). /']Gnt G.  
zg[ksny  
نەۋائى ئۆز زامانىسىغا نىسپەتەن ئىلغار قاراشلىرى بىلەن باشقا ۋەزىر ۋە ئەمەلدارلاردىن تۈپتىن پەرق قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ۋەزىرلىكتە تۇرغان چاغلاردا ئىسلام مەدىنىيتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلارنى قىلدى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زور بىر تۈركۈم ئالىم، پەيلاسوپ، شائىر، ئەدىب-سەنئەتكارلار ۋە ھەر ساھەدىكى تالانت ئىگىلىرىنى ھىراتقا توپلاپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشتى، ئۇلارغا ھەر تەرەپلىمە ياردەم بەردى ۋە ئىجادى ئىشلىرىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىگە ئۆزى بىۋاستە رەھبەرلىك قىلدى. ئەينى چاغدا ئىخلاسىيە مەدرىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىدىغان 200 گە يېقىن ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇش تەمىناتىنى نەۋائى ئۆزىنىڭ شەخسى مال-مۈلۈكىدىن چىقىم قىلاتتى. نەۋائى ئابدۇراھمان جامى، پەھلىۋان مۇھەممەد كۇشتىگىر، سەيىد ھەسەن ئەردەشىر قاتارلىق بىر قاتار تەقۋادار مۇسۇلمان ئالىم ۋە شائىرلار بىلەن ئىككى دۇنيالىق دوستلۇق ئورنىتىپ، ئۇلار بىلەن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن كۈرەش قىلدى. بىر ئادىل ھۆكۈمران سۈپىتىدە ھەمىشە خەلقنىڭ ئەرز-ھالىغا يەتتى. نۇرغۇن قېتىم ئۆزى بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقىپ دۆلەتنىڭ پارچىلىنىپ چوڭ قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشنىڭ، ناھەق قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى، بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلىدى. ھىراتنىڭ، جۈملىدىن خۇراساننىڭ 15-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مەيدانغا كەلگەن قويۇق مەدىنىي مۇھىتى ۋە گۈزەل قىياپىتىنى ئەلشىر نەۋائىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. نەۋائى خۇددى ئۆزى يازغاندەك : 9"&HxyOfX  
s<n5^Vxy  
كىمكى ئەل خىزمىتىگە ئۆمۈرىنى سەرپ ئېتەر، hV_0f_Og  
=Bl#CE)X  
ئەگەرچە ئۆمرى كېتەر، مەڭگۈلۈك ئۆمۈرگە يېتەر. fZ$8PMZv  
IX$ $pdQ  
ھاياتىدا قىلغان ساناپ تۈگەتكۈسىز ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ياخشى نامى ئەل ئارىسىدا باقى قالدى. <Xv]Ih?@f`  
B]#0]-ua  
نەۋائى ياشلىق دەۋرىدە يازغان شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان دىۋانى «بەدايىئۇل-بىدايە» (گۈزەل باشلىنىش) نى تۈزگەندە ئۇنىڭغا مەخسۇس دىباچە يازغان. ئۇ ئاشۇ دىباچەدە ئۆزىنىڭ دىۋان تۈزۈشتە ئەمەل قىلغان قائىدىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:”مۇقەررەركى، ھەر بىر ئىشتا، ھەر نەپەستە پاك ۋە ئۇلۇغ ئاللاھنىىڭ مەدھىيسىدىن ياكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى( ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) نىڭ سۈپەتلىرىدىن يا بۇ ئىككىسىگە دالالەت بولغۇدەك بىرەر ئىشتىن غاپىل بولماسلىق ئەلادۇر“.  weKwBw  
nTyK Z(#u  
” كالامۇللا گەرچە باشتىن-ئاخىرغىچە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سۆزىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، قاراپ باق، ھەر بىر سۈرىنىڭ بېشى ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلانغان. Kb#py6  
5e6f)[}  
مۇشۇنداق خىيال كۆڭۈلگە كەلگەنلىكى ئۈچۈن ھەر بىر ھەرپ غەزەلىياتنىڭ بىرىنچى غەزىلى يا ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھەمدۇساناسى بىلەن ئىنشا قىلىندى، يا رەسۇلۇللاھ (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن) نىڭ سۈپەتلىرى بىلەن باشلاندى ۋە ياكى بۇ ئىككى ئىشتىن بىرىگە دەلىل بولىدىغان بىرەر پەندى-نەسىھەت بولغۇدەك بىرەر بېيىتمۇ چىقمايدۇ. مۇنداق دىۋانلارنىڭ يېزىلىشىنىڭ ئۆزى بەكلا بىھۇدە ئاۋارىچىلىق، بەلكى بىكارغا جاپا چەككەنلىك بولسا كېرەك. شۇڭا بۇ دىۋاندا ھەمدۇسانا، نەئىت ۋە پەندى-نەسىھەتتىن باشقا، ئاڭلىغاندا ئاي يۈزلۈكلەرنىڭ سەركەشلىكىگە سەۋەب، غەمكىنلەرنىڭ پەرىشانلىقىغا بائىس بولىدىغان ھەر بىر ئوتلۇق غەزەلدىن بىرەر-ئىككى نەسىھەتلىك ۋە پەند بولارلىق بېيىت مەقسەت قىلىندى“. _}8O15B|  
I5"Z  
نەۋائىنىڭ تۈركى خەلقلەر ئارىسىدا زور شۆھرەتكە ئىگە بولغان«چاھار دىۋان» («خەزائىنۇل مەئانى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ناملىق شېئىرلار توپلىمى كىشىنىڭ قەلبىنى سېھىرلەپ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرىدىغان ۋە كامىل ئىنسانلىققا دالالەت قىلىدىغان گۈزەل سۆز جاۋاھىراتلىرى بوستانىدۇر. دىۋاندىكى شېئىرلارنىڭ تىلى شۇنچىلىك پاساھەتلىك ۋە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بولۇپ، قانچە كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغانسېرى نەۋائىنىڭ شۇنچە تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىكىگە، ئىگىلىگەن بىلىمىنىڭ نەقەدەر مول، تەپەككۇر ئالەمىنىڭ نەقەدەر كەڭ ئىكەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايمىز. ئاللاھ ئىنسانلارغا رەھمەت يۈزىسىدىن تىلىغا ۋە دىلىغا ئاتا قىلغان بارچە گۈزەل سۆز-ئىبارىلەر نەۋائىنىڭ قەلىمىدە خۇددى مارجان تىزىقلىرىدەك ئۆز جايىدا سەپكە تىزىلىپ، ئوقۇغان كىشى جان-دىلى بىلەن مەھلىيا بولغۇدەك نەزم بولۇپ پۈتۈپ چىقىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى، پەيغەمبەر قىسسىلىرى ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بەزى رىۋايەتلەرمۇ نەۋائىنىڭ شېئىر مىسرالىرىدا پاساھەتلىك تىل بىلەن گۈزەل ئۇسلۇبتا بايان قىلىنىدۇ : )\8l6Gw  
sFsp`kf  
يوشۇرۇن قىلغان گۇناھلارنى كىشى بىلمەس دېسەم، An{`'U(l  
kl,I.2-  
چۇن گۇۋاھلىق بەرگۈچى قول بىرلە پۇت ئەزا ئىكەن. Tu"bbc  
_Ryt|# y  
ياراتتى ھەزرىتى ئادەمنى، جۈپتى ئەيلەپتۇ ھەۋۋانى، &`Oj<UyJY  
R*|y:T,H  
سېلىبان ئىشقى ئوتى يۈسۈپكە كۆرسەتتى زىلەيخانى. OGpy\0%  
SaceIV%(  
نىگاھى كىم ئەزەلدە لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلمىشتۇر، |Ii[WfFA|J  
GrPKJ~{6  
كې ئازەر ئوغلى ئىبراھىمگە نەمرۇد قىزى سارانى. X67^@~l  
q#s:2#=  
ئۆزۈڭنىڭ دوستىدۇر ھەم نۇرىدۇر ئول يار مەھبۇبىڭ، a@4Z x  
mW EaUi)Zz  
مۇھەممەدكە قىلىپ نىسبەت خەدىچە تاجى كۇبرانى. }9=X*'BO  
W;L<zFFbU)  
ئىلاھا، ئۇشبۇ بۇلبۇل گۈلنى-گۈلگە بەردىلەر ناسىپ، v<0\+}T1R  
:DWvH,{+&  
مۇناسىپ شەكىرىستان قىلدى، بۇلبۇل تاپتى گۇيانى. &k53*Wo  
-nK\+bTL}  
ئوشۇر ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىسىدە ئوشبۇ توي بولمىش، 0nOkQVMk>  
0c}pg:XT  
ئېلىيۇل مۇرتازاغا جۈپتى ئەيلەپ ئۇشبۇ زەھرانى، 9f=L'{  
<b.O^_zQF  
قەلەندەر بولسا بۇ تەنلەر، مۇئەللەقتە كەبۇ تەرلەر، t_xO-fT)  
SH ow~wxw  
كى دوست شادۇ-خۇررەم، دۈشمەن ئۆلدى زار گىريانى. "5wer5?t  
1`& Yg(  
مۇبارەك قىلغىلى لايىق نەۋائى ھىچ نىياز تاپماي، n=F|bW  
6lAHB*`  
كى ھەرنە بولسا بۇ لەفزىلە قىلدى تۆھپەنى جانى. D[H #W[  
zk++#rB  
ئۇنىڭ بۇ دىۋاندىكى ھەر بىر غەزىلى، ھەر بىر پارچە شېئىرى گويا بىر ھېكمەت خەزىنىسىدۇر، جانغا ھوزۇر بەخش ئەتكۈچى خۇشپۇراق گۈل غۇنچىسىدۇر. )JsmzGC0  
QKHAN{hJ  
نەۋائى«خەمسە» داستانلار توپلىمىدىكى 1-داستان بولغان «ھەيرەتۇلئەبرار»نىڭ 1-بېيىتىنى قۇرئان كەرىمدىكى ھەممە سۈرىلەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغان (9-سۈرە«تەۋبە» دىن باشقا) ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن مۇنداق باشلىغان : EEJ OJ<  
z)_h"y?H{%  
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم، umuE5MKY<  
&:?2IAe  
رىشتەغە چەكتى نەچە دۇررى يەتىم. O<>cuW(l  
(:r80:  
بۇ داستاندىكى پەندى-نەسىھەت تۈسىدىكى مىسرالار قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف روھىدىن قىلچە چەتنىمەيدۇ. 5fvY#6;  
p:Hg>Z  
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سىلەرنىڭ بېرىڭلارنىڭ ئوتۇن تىرىپ ئۆشنىسىگە بىر باغلام ئوتۇننى ئارتىپ كېلىپ ئۇنى سېتىپ جان باققىنى مەيلى بەرسۇن، مەيلى بەرمىسۇن، باشقىلاردىن بىر نەرسە تىلىگەندىن ياخشىراقتۇر“ ( بۇخارى، مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ). S{ fFpe-  
_Squ%z:D  
نەۋائى مۇشۇ مەزمۇندا مۇنداق مىسرالارنى يازغان : J ?^R 1  
3aUWQP2  
بىر دەرەم ئالماق چېكىبان دەست رەنج، "n%0L4J  
:lE_hY  
ياخشىراق ئاندىنكى بىراۋ بەرسە گەنج. PD $'~2  
)8&;Q9'o  
سەن داغى چېككىل بۇتىكەن مېھنەتىن، [ f;o3  
bmQ-5SE  
تارتماغىل ھاتەمى تەي مىننەتىن.  /C  
UUR+PfY  
(ئۆز مېھنىتىڭ بىلەن كەلگەن بىر تىيىن، باشقىلار بەرگەن خەزىنىدىن ئەلا. سەنمۇ بۇ تىكەننىڭ جاپاسىنى تارتقىنكى، ھەرگىزمۇ ھاتەم تەيدىن مىننەت كۆرمىگىن). %$[#/H7=W  
u"gtv  
نەۋائى چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلىرىدىن تارتىپ ئاددىي بىر پارچە مەكتۇبقىچە بولغان ھەر قانداق بىر ئەسىرىنى ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش بىلەن، ياكى ھېچبولمىسا قۇرئان كەرىمدىكى سۈرە «فاتىھە» نىڭ بىرىنچى ئايىتى بولغان ” بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم “ دېگەن ئاللاھنىڭ سۆزى بىلەن باشلالىغان. 2Y~nU(  
3eERY[  
ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئۇستازى ئابدۇراخمان جامى نوپۇزلۇق ھەدىس كىتابى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى» ۋە «سەھىھۇلمۇسلىم» دىن كىشىلىك ھاياتتا ناھايىتى زۆرۈر بولغان ئەدەپ-ئەخلاق تېمىسىدىكى قىرىق ھەدىسنى تاللاپ ئېلىپ، ئۇنى پارىس تىلىغا نەزمىي تەرجىمە قىلىپ «ئەربەئىن» (چېھىل ھەدىس) دەپ ئات قويغان بولۇپ، ئەلشىر نەۋائى بۇ ئەسەرنى گۈزەل تۈركى يىل بىلەن ئىككى كۈن ئىچىدە نەزمىي شەكىلدە تەرجىمە قىلىپ چىققان. ئالدى بىلەن ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام لەۋزىدىن چىققان ئەرەبچە تېكىستىنى بېرىپ، ئاندىن ئاستىغا تۈرك تىلدىكى نەزمىي تەرجىمىسىنى بەرگەن. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ ئەسەردىن نەمۇنەدۇر. O9ar|8y  
W2BZG(dm  
مۇئمىن ئېرسەڭ قىلىپ ئۆزۈڭنى شاد، =/Ph ]f9  
_=_<cg y1u  
ئەل بىلە رەۋشەن ئول نېچۈككىم شەمىئ. 722:2 {  
kRqe&N e  
نېگەكىم تەڭرى ھېچ مۇئمىندە، ha?M[Vyw4Q  
IictX"3lh  
بۇخلۇ بەدخۇيلىغىنى قىلمادى جەمىئ. m "96%sB  
^^B~v<uK  
(ئەگەر سەن مۇسۇلمان بولساڭ ئەل بىلەن كۆڭلۈڭنى شاد قىل، ئەل بىلەن گوياكى شامدەك يۇرۇغىن. چۇنكى ئاللاھ ھېچبىر مۇسۇلماندا بېخىللىق ۋە بەتخۇيلۇقنى راۋا كۆرمەيدۇ). &dG^M2g-F  
m*.+9 6  
ئەي خۇشا، ئولكى ئەيب كۆرمەك ئىلە، %j@@J\G!  
DTlId~Dyq  
يۈز ھۈنەرۋەر مەراتىبىن تاپغاي. yy Y\g  
8S7#tb@3  
يەئىنى ئۆز ئەيبى پەردەسى كۆزىگە، J0Gjo9L  
( k,?)  
ئۆزگە ئەل ئەيبى چېھرەسىن تاپغاي. E\ls- (,  
'50}QY_R.  
(ئۆزىدىكى ئەيىبنى كۆرگەن كىشى يۈز ھۈنەرۋەننىڭ مەرتىۋىسىنى تاپىدۇ. ئۆز ئەيىبىنىڭ پەردىسىنى ئاچالىغان كىشى ئۆزگىلەرنىڭ ئەيىبىنىڭ يۈزىنى ياپىدۇ). 74  &q2g{  
s94 *uZ(C/  
نەۋائى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرى «مەخبۇبۇلقۇلۇب» (كۆڭۈللەر دوستى) نى يېزىپ چىقتى. بۇ ئەسەر خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»، شەيخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان» ناملىق ئەسەرلىرىگە ئوخشاش، نەۋائى ئۆزىنىڭ 60 يىللىق ھاياتىدا يەكۈنلىگەن تۇرمۇش تەجرىبىلىرى، ھايات ھەقىقەتلىرىنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەرنى شەرھىلىگەن ئاساستا مۇسۇلمانلارغا ئىككى دۇنيالىق نەپ بەرسۇن ئۈچۈن يېزىپ چىققان پەندى-نەسىھەت خاراكتېرىدىكى قىممەتلىك ئەسەردۇر. q}!h(-y}5n  
|s;']  
«مەھبۇبۇلقۇلۇب» تىكى نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆزلەر، بايانلار ماھىيەتتە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ شەرھىسى ياكى يەشمىسىدىن ئىبارەت خالاس. مەسلەن تۆۋەندىكى بايانلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى : #IJe q0TVB  
]T'7+5w  
” سېنىڭ نېسىۋەڭنى باشقا بىراۋ يېمەس، باشقا بىراۋنىڭ نېسىۋىسىنى سېنىڭ يېيىشىڭ ھەم مۇمكىن ئەمەس. ئاللاھ تائالانىڭ رىزىق تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلگەن كىشى تۇرمۇشتىن تولا غەم يىمىگەي. ئول ئاللاھ پۈتكۈل جان- جانىۋارلارنىڭ رىزقىغا كېپىل ئىكەن، ساڭا رىزىق يەتكۈزۈپ بەرمەسمۇ؟ چۈمۈلىگە رىزىق يەتكۈزۈپ بەرگەن ئاللاھ ساڭا بەرمەسمۇ؟ ئەزەلدىن بەلگىلەنگەن قىسمەتنى زورۇقۇپ ئارتۇرىمەن دېيىش، قەلەمدە يازغاننى قايتۇرىمەن دېيىش— قۇرۇقلۇقتا كېمە ھەيدەش دېمەكتۇر“. g+5c"Yk+u~  
C$0g2X  
” سەۋرىنىڭ قاتتىقلىقىنىڭ يۈكىنى كۆتۈرگەن زاتلارنىڭ بىرى ئەييۇب نەبى (ئەييۇب ئەلەيھىسسالام)، يەنە بىرى مۇھەممەد ئەرەبى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) دۇر “. Le:(;:eL>t  
4"_`Mu_%  
”قايسى بىر كۆڭۈلدە ۋاپا ئورۇن ئالىدىكەن، ھايامۇ ئورۇن ئالغان بولىدۇ. دېمەك ۋاپا تېپىلغان يەردە ھايامۇ تېپىلىدۇ. ۋاپاسىزدا ھايا يوق، ھاياسىزدا ۋاپا يوق. قانداقكى كىشىدە بۇ ئىككىسى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئىمانى يوق. ھەر كىمدە ئىمان بولمايدىكەن، ئۇنىڭدا ئادەمگەرچىلىكتىن ئىمكان يوق “. :PtZKt;~X  
7Y R|6{@  
”ئىلىم ئۆگىنىشتىن مەقسەت تەقۋالىق ئۈچۈندۇر، دۇنيا يىغىش ئۈچۈن ئەمەس. خەيرىسىز باي يامغۇرى يوق بۇلۇتتۇر، ئەمەلسىز ئالىم كىتاب يۈكلەنگەن ئۇلاغدۇر“ . FJ-H;  
y)U ?.@  
”ئىلىم ئۆگىنىپ، ئۇنى ئىشلەتمىگەن كىشى قوش ھەيدەپ ئۇرۇق سالمىغانغا ياكى ئۇرۇق سېلىپ ھوسۇل ئالالمىغان كىشىگە ئوخشاشتۇر“. 76wNZv) 9  
/("7*W2  
”ياخشىلار قاتارىدا بولالمىساڭ، ياخشىلار ئەتراپىدا يۈر. Qr9;CVW  
xC,x_:R`  
ساقلىقنى تىلىسەڭ كۆپ يېمە، ئىززەت تىلىسەڭ كۆپ دېمە. #<S*MGp!=  
pK@=]K~l0  
ئېغىزغا كەلگىنىنى دېمەك ناداننىڭ ئىشى، !R"W2Z4h  
*y!O\-\S#>  
ئالدىغا كەلگەننى يېمەك ھايۋاننىڭ ئىشى. <;6{R#Tuh  
p 1'l D  
بىلمىگەننى سوراپ ئۆگەنگەن ئالىم، n7cy[%yT  
e@Lxduq  
ئارلىنىپ سورىمىغان ئۆزىگە زالىم. <w{?b'/q  
94rSB}b.O  
ئاز- ئازدىن ئۆگىنىپ ئالىم بولۇر، @up,5`  
bDkZU  
تامچە-تامچە يىغىلىپ دەريا بولۇر“.  :\\NK/"  
s-$ Wc) l  
”ئىلىمسىز مىللەت نادان قالىدۇ، ئىلىمگە تىرىشقان مىللەتتىن دۇنياۋى ئالىملار يېتىشىپ چىقىدۇ“. {^WK#$]  
Xp:A;i9  
” قايسى قەۋمنىڭ كۆرۈنىشى بىلەن كۆرۈنسەڭ، شۇ قەۋمدىنسەن. ئۇلار يامان بولسا سەنمۇ يامان، ئۇلار ياخشى بولسا سەنمۇ ياخشى“ f#0HiE!  
Ti%MOYNCv  
نەۋائى كىتابنىڭ ئاخىرىنى مۇنداق تاماملايدۇ: ” پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا شان-شەرەپلەر بولسۇن. بۇ ئەسەرگە قەلەم تەۋرىتىپ، ئەھلى دىل ئالدىدا «مەھبۇلۇلقۇلۇب» دەپ ئات قويدۇم. ئەي ئاللاھ، خەلق ئالدىدا ئەيىبلىك قىلمىغىن، كىم ئوقۇسا ئۇنىڭغا نېسىۋە بەرگىن“ YThVG0I =  
o,*m,Qc  
نەۋائىنىڭ ئەنە شۇ قاتارلىق ياخشى ئەمەللىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ئالەملىك مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان شۇنچە كۆپ ئېسىل ئەسەرلىرى ئۇنىڭ مۇتەپەككۇر شائىر بولۇپلا قالماي، بەلكى ئالدى بىلەن كامىل مۇسۇلمان، 15-ئەسىردە تۈركى خەلقلەر ئىچىدىن يېتۈك ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. uNN/o}Qx  
n-Iz!;q  
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلغانلارغا كەلسەك، پەرۋەردىگارى ئۇلارنى رەھمىتى دائىرسىگە كىرگۈزىدۇ، بۇ روشەن مۇرادقا يېتىشتۇر“ {سۈرە «جاسىيە» (45-سۈرە)،30-ئايەت}؛”ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، خەيرىلىك ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛ ئەنە شۇلار ياخشىلاردىندۇر. ئۇلار ھەر قانداق ياخشىلىقنى قىلسۇن، ئۇ بىكار كەتمەيدۇ، ئاللاھ تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ“{ سۈرە «ئال ئىمران» (3-سۈرە)،114-115-ئايەتلەر }. WqeWjI.2  
~H}Z;n]H  
ئەلشىر نەۋائى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ پاك ساھابىلىرىنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ، پۈتۈن ھاياتىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلارنىڭ بەخت- سائادىتى ئۈچۈن بىغىشلىغان تەقۋادار مۇسۇلمان ئىدى. خۇددى ئۆز قەلىمى بىلەن ”سۆزۈم سەۋەبى بىلەن سۆزۈم ئالى دەرىجىگە مۇشەررەپتۇر“ دەپ يازغاندەك، كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ساناپ تۈگەتكۈسىز ياخشى ئىش-ئەمەللىرى، خالىس ئاللاھ يولىدا قىلغان خەير-ساخاۋەتلىرى ۋە كۈچلۈك ئىسلام روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان بىر مۇنچە ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن ئۆز زامانىسىدىلا شۆھرىتى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا تونۇلغانىدى. ئۇ چەكلىك ماكاندا ۋە چەكلىك زاماندا ياشىدى. ئەمما ئۇنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە قالدۇرغان مىراسلىرى زامان ۋە ماكان چەمبىرىكىدىن ھالقىپ كەتتى. Bhv;l/K])  
QVT0.GzR  
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت شۇكى، ھاياتىدا قىلغان ياخشى ئەمەللىرى تۈپەيلى كېيىنكىلەر ئارىسىدا ياخشى نام قالدۇرۇشتۇر. >z<L60S  
iC#a+G*N_M  
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ : ” ھېكمەتنى(يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەندى-نەسىھەت ئالىدۇ “ { سۈرە «بەقەرە» (2-سۈرە)،269-ئايەت } o?a2wY^_  
x6/u+Urn  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : ”كىشىلەرنىڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن، ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر“ (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) YEv\!%B  
awzlLI<2p  
بۇ ھەقتە نەۋائىمۇ مۇنداق يازغان: ie1~QQ  
C6>_ wl]  
بۇ گۈلشەن ئىچرە يوقتۇر كۇللىگە سەبات، l"J#Pvi  
g0 Q,]\~  
ئەجەب سائادەت ئېرۇر چىقسا ياخشىلىق بىلەن ئات. Aw7N'0K9UN  
v} !lx)#  
(دۇنيا گۈلشەنىدە ھېچكىم مەڭگۈ قالالمايدۇ، ياخشىلىق بىلەن نام قالدۇرۇش بەختتۇر.) ^qL<=UC.  
4l0>['K&{  
نەۋائى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ساۋابى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقىلىرى ۋە يېزىپ قالدۇرغان ئەلگە پايدىلىق ئىلمى بىلەن مەڭگۈلۈك ساۋابقا ئىرىشتى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ياخشى ناملار مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تىللاردا داستان بولۇپ جاھانغا تارالدى. مۇھىمى ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە يازغان ئەسەرلىرى دەل قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف روھى بىلەن سۇغۇرۇلغانلىغى تۈپەيلىدىن دەۋر بوران-چاپقۇنلىرىنىڭ زەربىسىدە يوقىلىپ كەتمەي، 500 يىللىق تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، تولۇقى بىلەن كىتاب ھالىتىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلدى. ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئەجدادلىرىمىز نەۋائى ئەسەرلىرىنى تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇق سۈپىتىدە قوللانغان،ئۇنى قولمۇقول كۆچۈرۈپ ھەر بىر ئائىلىدە دېگۈدەك تەۋەررۈك بىلىپ ساقلىغان. شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى، يېقىنقى 500 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر خەلقىمىز ئەلشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزچىل ۋە ئومۇميۈزلۈك سۆيۈپ ئوقۇغان. ئەلشىر نەۋائى ئەسەرلىرى خەلقىمىز ئارىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان. شۇنىڭدەك تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا قەدەر ئەلشىر نەۋائى ئەسەرلىرى دىيارىمىزدىكى بارلىق مەدرىسلەردە ئاساسلىق دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلگەن. ھازىرمۇ دىيارىمىزدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىدە نەۋائى ئەسەرلىرى ئۆتۈلۈپ كەلمەكتە. ` 0 @m,  
;-JF1p7;  
نەۋائىنىڭ ھاياتى ۋە يېزىپ قالدۇرغان ئېسىل ئەسەرلىرى ھېلىمۇ بارلىق مۇسۇلمان تۈركى خەلقلەرگە ئىپتىخار تۇيغۇسى بەخش ئېتىدۇ ۋە ئۈلگە ھەم ئۆرنەك بولالايدۇ. شۇ قەدەر ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق شۇنچە كۆپ ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ئۇ زاتقا ئاللاھنىڭ سالامى ۋە رەھمىتى بولسۇن، ئامىن! +184|nJ<2  
GYtgw9 "Y  
مەنبە : جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى 2011-يىللىق 1-سان. +/_XSo  

تېما تەستىقلىغۇچى : sansiz0903
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2014-02-05, 19:03
ھايات ھاقارەتلىك ئۆتسىمۇ،ئىككى كۈزىمىز پارقىراپ تۇرسىلا بۇلىدىغان بولدى.
narat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7878

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   311 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13185 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1347 (قېتم)
 تۆھپە:   1347  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9144
 سائەت
دەرىجىسى:
9144 سائەت 306 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-17
ئاخــىرقىسى:2014-03-05
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 02-05

رەھمەت ياخشى تېما يوللاپسىز
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   428 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22581 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2022 (قېتم)
 تۆھپە:   1971  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 20150
 سائەت
دەرىجىسى:
20150 سائەت 640 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2014-03-28
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-05

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! /fr>Fd  
ھۆرمەتلىك ياۋۇز بەگ! w)R5P[b  
ناھايىتى قىممەتلىك ئەسەر يوللاپسىز! pN%&`]Wev  
مۇشۇنداق ياخشى ياز،ىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز...!
ئانا تىلىم -- جان تىلىم
marjanbulaq

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4834

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   705 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33171 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3298 (قېتم)
 تۆھپە:   3264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 17491
 سائەت
دەرىجىسى:
17491 سائەت 199 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-25
ئاخــىرقىسى:2014-03-28
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-07

  ئەسلىدە مەنچە، مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئېلىشىر ناۋايىلار دۇنيادىكى 100 مەشھۇر شەخىسنىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ئالىملار ئىدى. }3/io0"D  
    تۆۋىندىكى ناۋايىنىڭ يازغان خەمسە ئىسىملىك ئەسىرىدىن كۆرۈنۈش. «ئەسەرنىڭ ھەقىقى كۆرىنىشى» M]8>5Zx.  
RqROl!6  

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۇخلار
ياكى قۇل بولۇپ ئويغۇنار
yawuzbag

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2506

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1453 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3413 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4163 (قېتم)
 تۆھپە:   3969  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 27002
 سائەت
دەرىجىسى:
27002 سائەت 738 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2014-03-24
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-07

شائىرنىڭ ھاياتى: HF*~bL  
kW+>"3  
نىزامىددىن ئەلىشىر نەۋائىي ھېجىرىيە 844-يىلى رامىزان ئېيىنىڭ 17-كۈنى (مىلادىيە 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى) ھىرات (ھازىرقى ئافغانىستاندا)شەھىرىدە تۇغۇلغان. ھىرات شەھىرى 15-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى ئەمىرتېمۇر ئاساس سالغان بۈيۈك سەلتەنەتنىڭ ئىككىنچى پايتەختى، تېمۇرنىڭ كەنجى ئوغلى شاھرۇخ مىرزىنىڭ قول ئاستىدىكى ئاۋات مەنزىللەردىن بىرى ئىدى. oCwep^P(v  
1447-يىلى پادىشاھ شاھرۇخنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن ئەلدە مالىمانچىلىق يۈز بىرىپ، تەخت تالىشىش كۆرىشى باشلىنىدۇ. مالىمانچىلىق كۆپلىگەن ئائىلىلەرنى يۇرتىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر قىلىدۇ. ئەلىشىر ئائىلىسىدىكىلەرمۇ يۇرتىنى تەرك ئېتىدۇ. شۇ كەتكىنىچە ئىككى يىل ئۆتۈپ ئاندىن ھىراتقا قايتىپ كېلىدۇ. 1452-يىلى شاھرۇخنىڭ نەۋرىسى ئوبۇلقاسىم بابۇر ھىراتتا تەختكە ئولتۇرغاندىن كىيىن، ئەلىشىرنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن كىچىك سەبزەۋار شەھىرىگە ھاكىم قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. لېكىن ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، غىياسىدىن كىچىك ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئەلىشىر ئەمدىلا 12 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئوبۇلقاسىم بابۇر ئەلىشىر ۋە ئۇنىڭ دوستى ھۈسەيىننى ئۆز تەربىيەسىگە ئالىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىرگە مەشھەدكە ئېلىپ كېتىدۇ. كېيىنچە، ھۈسەيىن ئەلەم يولىنى، ئەلىشىر قەلەم يولىنى تاللاپ، زامانىسىنىڭ «مەلىكۇل كالامى»(سۆز شاھى) مەۋلانە لۇتفىينىڭ تەھسىنىگە سازاۋەر بولغان ئېستىدات ساھىبى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. %AV3eqghCg  
ئەلىشىر 10-12 ياشتىن تارتىپلا شېئىر يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېستىداتىدىن مەمنۇن بولغان مەۋلانە لۇتفىي ئەلىشىرنىڭ: dyqk[$(  
^`-Hg=d  
«ئارەزىن ياپقاچ كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش، qoan<z7  
بۇيلەكىم، پەيدا بولۇر يۇلدۇز نىھان بولغاچ قۇياش.» zv1,DnkqF  
F0m[ls$  
مەتلەئى بىلەن باشلىنىدىغان بۇ غەزەلىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، «ئەگەر مۇيەسسەر بولسا ئىدى، ئۆزۈمنىڭ پارس ۋە تۈركىي تىلدا يېزىلغان 10-12 مىڭ بېيىتىمنى شۇ غەزەلگە تىگىشكەن بولار ئىدىم...» دېگەن. ئەلىشىر 15 يېشىدا يۇرتتا شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان ئىدى. YU87l  
تەقدىر نەۋائىينى زامانىسىنىڭ ئۇلۇغ ھەم شەرەپلىك كىشىلىرىگە يېقىن دوست قىلىدۇ. شائىرنىڭ 1466-1468-يىللىرىدىكى ئۆمرى ئاساسەن سەمەرقەندتە ئۆتىدۇ. سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ھىراتنى ئىگەللىگەندە، نەۋائىي 28 ياشقلىق نەۋقىران يېگىت بولۇپ، مۇكەممەل بىلىم ساھىبى، يۇرتقا تۇنۇلغان شائىر ۋە تەجرىبىلىك دۆلەت ئەربابى بولۇپ يېتىشكەن ئىدى. Pi&\GMzd  
1469-يىلى نەۋائىي سۇلتان ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئىلتىماسى بىلەن سەمەرقەندتىن ھىراتقا قايتىدۇ ۋە روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دوستىغا ئاتاپ يازغان «ھىلالىيە» قەسىدىسىنى ھۈسەيىن بايقاراغا تەقدىم قىلىدۇ. ھۈسەيىن بايقارا ئەلىشىرنى ئوردا مۆھۈردارى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەلىشىرنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارلىشىشى باشلىنىدۇ. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەي، ئۇ مۆھۈردارلىقىنى يېقىن دوستى ۋە مەسلەكدىشى ئەمىر شەيخىم سۇھەيلىگە تاپشۇرىدۇ. Z\-Gr2k  
1472-يىلى ھۈسەيىن بايقارا دوستى ئەلىشىرنى دۆلەتنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا «ئەمىر كەبىر»(ئۇلۇغ ئەمىر) ئۈنۋانىنى بېرىدۇ. نەۋائىي بۇ مەنسەپكە تەيىنلەنگەندىن كىيىن، زېھنىنى دۆلەتنىڭ تىنچلىق ۋە ئاسايشلىقى، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا قارىتىدۇ. ھىرات بۇ دەۋردە ناھايتى ئاۋات ۋە كۆركەم تۈسكە كىرىدۇ. خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىپ، شېئىرىيىەت، سەنئەت ئىشلىرى راۋاجلىنىدۇ. hO3C _}  
ئەلىشىر نەۋائىي ۋەزىر بولغاندىن كىيىن، مەدەنىيەت ۋە سەنئەتنىڭ ھامىيسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ. ھىراتتا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن «ئىخلاسىيە» مەدرىسەسى، دەرۋىشلەر ئۈچۈن «خالاسىيە» خانىقاسى، بىمارلار ئۈچۈن «شىپاھىيە» شىپاخانىسى، تالىپلار ئۈچۈن «دارۇل ھۇففاز» قارىيخانىسى قۇرۇلىدۇ. نەۋائىينىڭ كۈتۈپخانىسىدا     70 تىن ئارتۇق خەتتات ۋە رەسسام قوليازمىلارنى ئاققا كۆچۈرۈش ۋە سەنئەتلىك بىزەش بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. بۇ دەۋردە، يەنە ھىراتتا «نىزامىيە»، مەرۋىدە «خۇسرەۋىيە» مەدرىسەسى قۇرۇلىدۇ. OOsd*nX/  
نەۋائىي مەدرىسە، شىپاخانىلارنى قۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنى ئۆز لايىقىدا بېزەش، كۈندىلىك خىراجەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋەخپە يەرلەرنى ئاجرىتىپ بېرىش، مۇدەررىس، تېۋىپ ۋە باشقا خادىملارنى تەيىنلەش، ئۇلارغا مائاش، ئۇزۇق-تۈلۈك، كىيىم-كېچەكلەرنى يەتكۈزۈپ بىرىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى ۋە كىتابلىرىغىچە بولغان بارچە ئىشلىرىغا ئۆزى بىۋاستە ئارىلىشىدۇ. شائىر ئۆز ھۇزۇرىغا شېئىرىيەت، ئىلىم ۋە سەنئەت ئەھلىنى پات-پات چاقىرتىپ، سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ياش ئېستىدات ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ، ئۇلارغا ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. خاندەمىر، بېھزاد، ۋاسفىي ۋە باشقا شۇ دەۋر مەدەنىيىتىنىڭ نەچچە ئونلىغان نامايەندىلىرى ئەنە شۇ تەربىيەگە نائىل بولغانلاردىندۇر. I#yd/d5^  
بۇ دەۋردە، ھېراتتا ئەدەبىي ھايات ئاجايىپ جانلانغان بولۇپ، پۈتكۈل خۇراسان مەنىۋى ھاياتنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇراھمان جامى بىلەن ئەلىشىر نەۋائىي ئوتتۇرسىدىكى ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ. شائىر ئۆزىنىڭ تۈركىي تىلدا پۈتكەن تۇنجى قەسىدىسى «ھىلالىيە»نى دوستى سۇلتان ھۈسەيىن بايقاراغا بېغىشلىغان بولسا، پارس تىلىدا يازغان تۇنجى يىرىك ئەسىرى «تۇھفەتۇل ئەفكار»(1476-يىلى) قەسىدىسىنى ئابدۇراھمان جامىيغا بېغىشلايدۇ. bF@iO316H  
مانا شۇ دەۋردە، يەنى 1470-يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا نەۋائىي ئۆزىنىڭ تۈركىي تىلدا يازغان شېئرلىرىدىن تەركىب تاپقان تۇنجى دىۋانى «بەدايىئۇل بىدايە»نى تۈزىدۇ. بۇ دىۋاندا ئۇنىڭ ياشلىق پەيتلىرىدە يازغان 8000 دىن ئارتۇق شېئىرى جەملەنگەن بولۇپ، بۇ شائىر ئىجادىيىتىنىڭ تۇنجى باسقۇچىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. zpcm`z  
ئەلىشىر نەۋائىي مەنسۈپ بولغان ئەدەبىي ھاياتتا شېئىرىي ژانىرلاردىن غەزەل، قەسىدە، بولۇپمۇ مۇئەمما يېزىشقا قىزىقىش ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ. نەۋائىي ئۆزىنىڭ پارس تىلىدىكى دىۋانىغا 373 مۇئەمما كىرگۈزگەن. مانا شۇ قىزىقىشلار تۈپەيلى 1485-يىلى ئۇ مۇئەمما يېزىش قائىدىلىرى ھەققىدە «مۇفرەدات» ئەسىرىنى يېزىپ چىقىدۇ. -}JRsQ+rgM  
نەۋائىيدا ياشلىقىدىنلا تۈركىي تىلدا «خەمسە» يېزىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. شائىر بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا 1483-يىلى كىرىشىپ، ئۆزىنىڭ بۈيۈك «خەمسە» ئەسىرىنى يېزىشنى باشلايدۇ ۋە ئۈچ يىلدا، يەنى 1485-يىلى تاماملايدۇ. بەش داستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كاتتا بەدىئىي قامۇس 50 مىڭ مىسرادىن ئارتۇق بولۇپ، نەۋائىينىڭ پۈتكۈل شېئىرى ئەسەرلىرىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدۇ. *u<@_Oa  
1487-يىلى، نەۋائىي ئاستىرابادقا ھاكىم قىلىپ تەيىنلىنىدۇ. بۇ ھال شائىرنىڭ نازۇك تەبىئىتى ئۈچۈن مۇئەييەن دەرىجىدە ئازارلىق تۇيۇلسىمۇ، «شاھ ئەمىرى ۋاجىپ» دەپ بىلگەن نەۋائىي ئاسترابادقا بارىدۇ. تۆۋەندىكى مىسرالار شائىرنىڭ مانا شۇنداق قەلىب ئىزتىراپلىرى بىلەن بىۋاستە باغلىنىش بولۇشى مۇمكىن: 8j%lM/ v  
%hzNkyD)Y  
گاھى تاپتىم فەلەكىدىن ناتەۋانلىغ، fI(H:N  
گاھى كۆردۈم زاماندىن كامرانلىق. ~RW6;  
بەسى ئىسسق-ساۋۇق كۆردۈم زاماندە، [26([H  
بەسى ئەچچىق-چۈچۈك تاپتىم جەھاندە. }oTac  
D#9W [6  
بۇ ئارىدا شائىرنىڭ يېقىن كىشىلىرىدىن سەييىد ھەسەن ئەردەشىر(1482-يىل)، ئابدۇراھمان جامى(1492-يىل)، پەھلىۋان مۇھەممەد(1493-يىل) ئارقا-ئارقىدىن دۇنيادىن كۆز يۇمىدۇ. نەۋائىي ئۆزى ئۈچۈن قەدىردان بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلاپ «ھالاتى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر»، «خەمسەتۇل مۇتەھەييىرىن»(بەش ھەيرەت)، «ھالاتى پەھلىۋان مۇھەممەد» قاتارلىق ھەسبىھال(تەرجىمھال) تۈرىدىكى ئەسەرلەرنى يازىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاستىرابادتا يېزىشقا باشلىغان «تارىخى مۈلكى ئەجەم»(ئەجەم پادىشاھلىرى تارىخى) ئەسىرىنى تاماملايدۇ. IF*kLl?  
1490-يىلى نەۋائىي ئۆزىگە زامانداش شائىرلار ھەققىدە جامىينىڭ «باھارىستان»، دەۋلەتشاھ سەمەرقەندىينىڭ «تەزكىرەتۇش شۇئەرا» ئەسەرلىرىنىڭ شەكلىدە «مەجالىسۇن نەفائىس» تەزكىرىسىنى تۈزۈشكە كىرىشىپ، 1492-يىلى تاماملايدۇ. يەنە شۇ يىللاردا، شائىر ئۆزىنىڭ ئارۇز ۋەزنى ھەققىدىكى «مىزانۇل-ئەۋزان»(ۋەزىنلەر ئۆلچىمى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى يېزىپ تۈگىتىدۇ. 1494-يىلى تۈركىي تىلدىكى مەكتۇپلىرىنى توپلاپ «مۇنشائات»(مەكتۇپلار) توپلىمىنى تۈزىدۇ. 1495-يىلى ئابدۇراھمان جامىينىڭ «نەفاھاتۇل ئۇنىس» ئەسىرىنى «نەسايىمۇل مۇھەببەت»(مۇھەببەت شاماللىرى) نامى بىلەن تەرجىمە قىلىپ، تولۇقلاپ ئىشلەپ بېيىتىدۇ. شۇڭا بۇ ئەسەر نەۋائىينىڭ ئىجادىي ئەسىرى دەپمۇ قارىلىدۇ. @{n2R3)kB  
نەۋائىي 1491-1492-يىللاردىن باشلاپ تۈركىي تىلدا يېزىلغان شېئىرلىرىنى توپلاپ، دىۋان تۈزۈشكە كىرىشىدۇ. بۇ ئىش 1498-1499-يىللىرىدا ئۆز نىھايىسىگە يېتىدۇ. بۇ دىۋاننىڭ ئومۇمىي نامى «خەزائىنۇل مەئانى»(مەنالار خەزىنىسى) بولۇپ، مۇستەقىل تۆت دىۋاندىن تەركىب تاپقانلىقى ئۈچۈن، خەلق ئارىسىدا «چاھار دىۋان»(تۆت دىۋان) دەپ ئاتىلىدۇ. دىۋان شائىرنىڭ پۈتكۈل ھاياتىدا يازغان شېئىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلاردا ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى كەيپىياتى، دۇنيا قارىشى، ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇ يىللاردا، شائىر يەنە پارس تىلىدا يازغان شېئىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان «دىۋانى فانى»نى ۋە پارس تىلىدىكى قەسىدەلەر توپلىمىنى تۈزىدۇ. aI8K*D )@  
ئەلىشىر نەۋائىينىڭ شېئىرى تالانتى 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تېخىمۇ جۇش ئۇرىدۇ. ئۇ 1497-1498-يىللىرى ئىككى يىرىك ئەسەر «لىسانۇت تەيىر»(قۇشلار تىلى) داستانى بىلەن «مۇھاكىمەتۇل لوغەتەيىن»(ئىككى تىل مۇھاكىمىسى) ناملىق ئىلمىي ئەسىرىنى يازىدۇ. شائىر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يەنە «مەھبۇبۇل قۇلۇپ»نى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ ئەسەردە، شائىرنىڭ ئۆزىنىڭ باشتىن كەچۈرگەن جاپا-مۇشەققەتلىرى ۋە يەكۈنلىگەن ھايات ساۋاقلىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇ شەرق ئەدەبىيات تارىخىدا شەيىخ سەئىدىنىڭ «گۈلىستان»، كەيكاۋۇسنىڭ «قابۇسنامە»، نىزامى ئارۇزى سەمەرقەندىينىڭ «چاھار ماقالە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان بۈيۈك ئەسەردۇر. = %7:[#n  
1500-يىللارغا كەلگەندە، شائىرنىڭ سالامەتلىكى ناچارلىشىشقا باشلايدۇ. شۇ يىلى سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئىسيان كۆتۈرگەن ئوغلى مۇھەممەد ھۈسەيىن بىلەن سۈلھى تۈزۈپ، ھىراتقا قايتىدۇ. ئەلىشىر نەۋائىي ھۆكۈمدار دوستىنىڭ ھوزۇرىغا چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىۋاتقاندا ھوشىدىن كېتىپ، قايتا ئورنىدىن تۇرالماي، 1501-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى 60 يېشىدا مەڭگۈ كۆز يۇمىدۇ. پۈتكۈل ھىرات خەلقى ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك شائىرى بىلەن ۋىدالىشىشقا كېلىدۇ ۋە يۇرت بويىچە يەتتە كۈن ماتەم تۇتىدۇ.
ھايات ھاقارەتلىك ئۆتسىمۇ،ئىككى كۈزىمىز پارقىراپ تۇرسىلا بۇلىدىغان بولدى.
dunyamin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10785

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   313 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17437 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1764 (قېتم)
 تۆھپە:   1761  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5502
 سائەت
دەرىجىسى:
5502 سائەت 98 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-10
ئاخــىرقىسى:2014-03-19
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-13

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! 5 b( [1*  
ھۆرمەتلىك ياۋۇز بەگ!   iXqc$!lTH  
ناھايىتى قىممەتلىك ئەسەر يوللاپسىز! مۇشۇنداق ياخشى ياز،ىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز...! "O<JVC{m  
   |g}!F-  
@ZK#Y){  
{ KE[8n  
U#gHc:$  
   T?I&n[Y|  
hY7Q$B<  
yb2*K+Kv  

تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى