باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       329 
  •    ئىنكاس 
       0 

بالا چۈشۈرۈشنىڭ يۇشۇرۇن ئاپىتى

قەۋەت ئاتلاش
dunyamin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10785

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   313 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17437 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1764 (قېتم)
 تۆھپە:   1761  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5502
 سائەت
دەرىجىسى:
5502 سائەت 98 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-10
ئاخــىرقىسى:2014-03-19

بالا چۈشۈرۈشنىڭ يۇشۇرۇن ئاپىتى .2. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى يۆتكىلىش: نورمال ئەھۋال ئاستىدا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى بالىياتقۇ ئىچكى دىۋارىنى شەكىللەندۈرىدۇ.  ئەگەر بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى باشقا جايدا،  مەسىلەن:  تۇخۇمدان،  بالىياتقۇ تېنى تارمۇشى،  مەقئەت-جىنسىي يول ئارىلىقى،  بالىياتقۇ –مەقئەت ئويمىنى،  دوۋساق ھەتتا ئۆپكە قاتارلىق ئورۇنلارغا يۆتكىلىپ قالسا بۇ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ يۆتكىلىشى دېيىلىدۇ،  يېقىنقى يىللاردىن بويان كلىنىكىدا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى بىلەن بالا چۈشۈرۈشنىڭ مەلۇم مۇناسىۋىتى بارلىقى بايقالدى،  بالا چۈشۈرگەندە بالىياتقۇ مەنفى بېسىمدا تۇرغاچقا،  بېسىم تۇيۇقسىز ئاجىزلىغاندا ئاجرىغان بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قاننىڭ ئېقىشىغا ئەگىشىپ،  قورساق بوشلۇقىغا ئېقىپ كىرىدۇ،  شۇنىڭ بىلەن لىمفالار  بىۋاسىتە ياكى قورساق بوشلۇقىدىكى قانلار بىلەن  قورساق بوشلۇقىدىكى ئەزالار  ۋە باشقا ئەزالارغا كۆچىدۇ.  شۇ سەۋەبتىن ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش،  ھەيز قالايمىقانلىشىش،  جىنسىي مۇناسىۋەتتە  ئاغرىش،  قان قۇسۇش،  قان سىيىش،  تۇغماسلىق  قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.   3. بالا ھەمرىينىڭ كۆچۈشى:  بالا ھەمرىينىڭ كۆچۈشى  يەنە بالا ھەمرىيىىنڭ چاپلىشىپ قېلىشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ،  ئۇ بالا ھەمرىيى بىلەن بالىياتقۇ تېمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە چاپلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئاجراتقىلى بولمايدىغانلىقىغا قارىتىلغان بولۇپ،  ئارقا-ئارقىدىن بالا چۈشۈرگۈچىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.  كۆپ قېتىم بالا چۈشۈرگەندە بالىياتقۇ شىللىق پەردىسى ياخشى ئەسلىگە كەلمەي،  نېپىزلاپ كېتىدۇ.  قايتا ھامىلىدار بولغاندا بالا ھەمرىيىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئورۇنلىشىشى جەريانىدا بالىياتقۇ ئۈنۈمسىز بولغانلىقتىن،  ئورگانىزم ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى قامداش ئۈچۈن،  بالا ھەمرىيىنىڭ يىلتىزى بالىياتقۇ مۇسكۇل قەۋىتىگە چوڭقۇر ئورناپ،  بالا چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،  ئورگانىزمنىڭ بۇ خىل مۇداپىئە رولى بالا ھەمراھىنىڭ كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.  بالىياتقۇنىڭ كۆچۈشى بالىياتقۇنىڭ تارىيىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ،  ئوڭايلا تۇغۇتتىن كېيىنكى  قانسىراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،   ئانىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ،  بۇنىڭ بىلەن بالا ھەمرىيىنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئاجرىتىپ چىقىرىش ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ،  ئەمما،  بۇ پۈتۈنلەي كۆچكەن بالا ھەمراھىغا تەسىر قىلمايدۇ،  بۇ خىل ئەھۋالدا پەقەت  بالىياتقۇنى ئېلىۋېتىپ ئانىنىڭ ھاياتىنى قوغداشقا توغرا كېلىدۇ.  4. بالىياتقۇ بوينى چاپلىشىپ قېلىش: يېقىنقى يىللاردىن بويان بالا چۈشۈرۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ بالا چۈشۈرۈشتىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇ بوينى چاپلىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ كۈنسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى،  بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرى:  سۈمۈرۈش نەيچىسى سۈمۈرگەندە بالىياتقۇ بوينىنىڭ مۇسبەت بېسىمى ئىنتايىن يۇقىرلاپ كېتىدۇ.  سۈمۈرۈش نەيچىسىنىڭ رۈجەك تەرىپى ئۆتكۈر بولۇپ،  كۆپ قېتىم سۈمۈرۈپ قىرغاندا ياكى مەنفى بېسىملىق سۈمۈرۈش نەيچىسى قايتا-قايتا بالىياتقۇغا كېرىپ-چىقىش جەريانىدا،  بالىياتقۇ شىللىق پەردىسىنىڭ ئاساسىي قەۋىتىنى زەخمىلەندۈرۈپ،  چاپلىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ،  بولۇپمۇ بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئىچكى ئېغىزى ئىنتايىن ئىنچىكە بولغاچقا،  ئوڭايلا زەخمىگە ئۇچرايدۇ؛ ناۋادا ئوپېراتسىيە قىلغۇچىنىڭ ھەرىكىتى قوپال بولسا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى تېخمۇ ئېغىر زەخمىگە ئۇچراپ،  كېسەل بولۇش نىسبىتى ئۆرلەيدۇ،  ئوپېراتسىيەدىن كېيىن بالىياتقۇ ئىچىنىڭ ياللۇغلىنىشى–بالىياتقۇ بوينىنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي سەۋەبدۇر.  بالىياتقۇ بوينى چاپلىشىپ قېلىشنىڭ يېنىكلىرىدە ھەيز دەۋرى قالايمىقانلىشىش،  ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش،  ھەيز توختاش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ،  ئېغىرلىرىدا ھەيز  قېنى بالىياتقۇدا توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،  بالىياتقۇ بېسىمى  بەك يۇقىرىلاپ كەتكەندە،  ھەيز قېنى تەتۈر ئېقىپ قورساق بوشلۇقىغا ئېقىپ كىرىپ،  قورساقنىڭ تۆۋەنكى قىسمى قاتتىق ئاغرىيدۇ،  بۇ بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇشقا بەكمۇ ئوخشايدۇ،  بالىياتقۇ بوينى چاپلىشىپ قېلىش،  ئادەت خاراكتېرلىق بويىدىن ئاجراش ۋە تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ. 5. ئىككىلەمچى تۇغماسلىق: بالا چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى كەلتۈرۈپ چىقارغان  ئىككىلەمچى تۇغماسلىقنىڭ سەۋەبى ئىككى خىل بولۇپ،  بۇنىڭ بىرى: بالا چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسنىڭ بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى زەخمىگە ئۇچرىتىشىدىن بولىدۇ،  تېخىمۇ مۇھىمى ياش قىزلارنىڭ بالا چۈشۈرۈشى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئۆزىنى تولۇقلاپ  قايتا ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ،  بولۇپمۇ،  قايتا-قايتا بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى نېپىزلىتىپ، بالىياتقۇ تېنىنىڭ يېتىلىشىنى زىيانغا ئۇچرىتپ،  بالىياتقۇنىڭ تولۇق يېتىلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چېقىرىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇق توشۇش نەيچىسى راۋان بولسىمۇ،  تۇخۇمدان تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقارسىمۇ،  ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىگە كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇنلىشالماي تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يەنە بىرى،  ئەگەر بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىدە بالىياتقۇ ياللۇغلىنىپ قالسا،  بۇ ياللۇغ بالىياتقۇ ئىچىدىن تۇخۇم نەيچىسىگە،  ھەتتا تۇخۇمدانغىچە تارايدۇ،  شۇڭا،  تۇخۇمدان تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرالماسلىقى مۇمكىن،  تۇخۇم ئىشلەپچىقارغان تەقدىردىمۇ تۇخۇم نەيچىسى چاپلىشىپ قالغانلىقتىن ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ بېرىكىش يولىنى توسۇيدۇ،  شۇڭا بۇنداق ئاياللار ھامىلىدار بولمايدۇ.
تېما تەستىقلىغۇچى : arman
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2014-02-07, 20:51
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى