كىرىش سۆز
\ptjnwC^O 21- ئەسىرنى« ئېنىرگىيە ئىنقىلابى دەۋىرى» دەپ ئاتىساقمۇ مىنىڭچە خاتالاشقان بولمايمىز.نۆۋەتتە دىڭىز،قۇرۇقلۇق ،ئاۋئاتسىيە ،ھەربى ئىشلار ۋە باشقا تۈرلەردە ،يەر شارىدىكى ھازىرقى زاماندىكى ئاساسلىق ئىنىرگىيە مەنبەسى بولغان نىفىت شىددەت بىلەن خورىماقتا.ئەگەر نىفىتتىن ئىبارەت ئېنىرگىيە مەنبەسى مۇشۇ سۈرئەت بىلەن خورايدىغان بولسا پۈتۈن يەرشارىدىكى نىفىت ئىنىرگىيە زاپىسى 50يىلغا بارماي تۈگەپ كىتىش مۇمكىنچىلى بار .گەرچە ئالىملار دىڭىز ئاستىنى قىدىرىپ تەكشۇرۇش ئارقىلىق نۇرغۇن نىفىت زاپىسىنى ئىنىقلاپ چىققان بولسىمۇ،دىڭىز ئاسىتى ئىنىرگىيە مەنبەسىنى قىزىپ چىقىش تەننەرقى ،قۇرۇقلۇق ئىنىرگىيە مەنبەسىنى ئىچىش تەننەرقىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇپ كىتىدۇ ،ئەڭ موھىمى ،بۇ ئىنىرگىيە مەنبەسى تەكىرار ھاسىل بولمىغاچقا ،ئۇمۇ بىر كۇنى تۈگەپ كىتىدۇ .لىكىن يەر شارىدا داۋاملىشىۋاتقان ھاياتلىق ،ئىنىرگىيەگە داۋاملىق مۇھتاج بولىدۇ.شۇڭا بىز بىر قەدەم بۇرۇن چىقىپ ،يىڭى بىر ئىنىرگىيە مەنبەسىنى تەتقىق قىلىشىمىز كىرەك .يىڭى ئىنىرگىيە مەنبەسى دىسە كىشلەرنىڭ كاللىسىغا دەرھال قوياش ئىنىرگىيەسى ،شامال ئىنىرگىيەسى ،ئاتۇم ئىنىرگىيەسى قاتارلىقلار كىلىدۇ ،لىكىن بۇ ئىنىرگىيە مەنبەلىرى يۇقىرى تېخنىكا ،ئالاھىدە ئۈسكىنە،پەۋقۇلئاددە زور ئىقىسادى سىلىنما تەلەپ قىلغاچقا ،يىقىن مەزگىلدە ئائىلىللەرگە كىرىپ ،كىشلەرنىڭ ئىھتىياجنى قامدىشى تەس بولىدۇ.ئۇنداقتا بۇ يەردە تىلغا ئىلىنماقچى بولغان «يىڭى ئىنىرگيە مەنبەسى »نىمىنى كۆرسىتىدۇ ؟.ئەگەر بىز سۇنى نىفىتنىڭ ئورنىدا يىقىلغۇ قىلالىساق ،يەر شارى يۈزىنىڭ 72٪نى ئىگەللىگەن مىقىدارى مول ،ئىرىشىش ئوڭاي ،پىششقىلاپ ئىشلەش ئاددى بولغان بۇ ئىنىرگىيە مەنبەسى ،يەر شارىدا «ئىنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ پادىشاھى »بولۇپ قالىدۇ.
o?a3hD مەن تۆۋەندە ئۆز بىلىملىرىمگە ئاساسەن بىر «سۇنى يىقىلغۇ قىلىدىغان » دېۋىگاتىلنى لاھىيلىگەن .بۇ لاھىيلەش جەريانىدا بىلىم سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن خاتالىقلار كىلىپ چىققان بولىشى مۈمكىن ،كونىلاردا «ئۈچ ياماقچى جۇگېلىياڭنى بىسىپ چۈشۈپتۇ » دەيدىغان گەپ بار.شۇڭا تورداشلار ۋە ئۇستازلارنىڭ بۇ تىمىغا تەنقىدى پىكىر ،كۆرسەتمە ،تولۇقلاش ئىلىپ بىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن .مىنىڭ بۇتىمىنى يىزىشتىكى مەقسدىم قانداقتۇر ئۆزۈمىنى كۆرسىتىپ داۋراڭ سىلىش ،ياكى ئاتالمىش يىڭى تۈر دەپ باشقىلارنى مەبلەغ سىلىشقا قىززىقتۇرۇپ ئالداش ئەمەس .مەن بۇ تىمامدىن ھىچقانداق ھوقۇق تەلەپ قىلمايمەن ،تورداشلىرىم مەن بىلەن بىرگە ،ياكى ئۆز ئالدىغا ،مۇشۇ ئاساستا داۋاملىق ئىزدىنىپ ،ئىنسانىيەتنىڭ ئىنىرگىيە ئىھتىياجى ۋە موھىت بۇلغۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئازراق تۆھىپە قوشالىساق مەن شۇنىڭغا خوش.
_G25$%/LU 1.سۇنىڭ خۇسۇسىيتى
I:UDEoQo سۇنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيتى :سۇ رەڭسىز ،پۇراقسىز،تەمسىز ،تىنىق(سۈزۇك) بولغان سۇيۇق جىسىم بولۇپ 0سىلتسىيە گىرادۇستا مۇزلايدۇ.100سىلىتسىيە گىرادۇستا قاينايدۇ ئادەتتە زىچلىقى 1گىرام سانتمېتر ھەر كۇپ بولۇپ .4سىلىتسىيە گىرادۇستىكى زىچلىقى ئەڭ چوڭ بولىدۇ .
rcY &n^: سۇنىڭ خىمىيىلىك خۇسۇسىيتى :ساپ سۇ زەھەرسىز سۇيۇقلۇق بولۇپ، ئۇ بىر دانە ئوكسىگىن مالىكۇللىسى بىلەن ئىككى دانە ھىدروگىن مالىكۇللىسىنىڭ خىميەلىك بىرىكىشىدىن تۇزۇلگەن .خىمىيەلىك خۇسۇسىيتى ئىنتايىن تۇراقلىق بولۇپ .ساپ سۇدا ئەركىن ئىكتىرونلار بولمىغانلىقى ئۈچۈن توك ئۆتكۈزمەيدۇ.(ئىچىملىك سۇ سۈزۈك بولسىمۇ، ساپ سۇ ھىساپلانمايدۇ )ساپ سۇ پەقەت ئىنتايىن يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا، ئاندىن پارچىلىنىپ ھىدروگىن ۋە ئوكسىگىننى ھاسىل قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ساپ سۇغا ئازراق كىسلاتا ،ئاساسلار ياكى تۇزلارنى قوشساق ئەركىن ئىلىكتىرۇن ھاسىل بولۇپ توك ئۆتكۈزىدۇ.ئەگەر تۇراقلىق توك بىرىلسە ،ئىلىكتېر قۇتۇپلىرىدىن ئوكسىگىن ۋە ھىدروگىن گازى ئاجىرلىپ چىقىدۇ .ھىدروگىن گازنىڭ ھاۋا بىلەن ئارلاشمىسى ئوت ئۇچقۇنىغا يولۇقسا كۈچلۈك پارتىلايدۇ ،پارتىلاش كۈچى ئارلاشما گازدىكى ھىدروگىننىڭ قويۇقلىىقىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
R-1MD 
M:iH7K يۇقارقى تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپ بىلىملىرىدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى .سۇدىن ھىدروگىندىن ئىبارەت بىر يىقلغۇ گازنى ئايرىپ ئىلىشقا بولىدىكەن .ئۇنداقتا ھىدروگىننىڭ خۇسۇسىيتى قانداق؟
'U0W ھىدروگىننىڭ خۇسۇسىيتى:ھىدروگىن رەڭسىز ،زىچلىقى ھاۋادىن ئىنتايىن كىچىك بولغان گاز بولۇپ ،بىر كۇپ گازنىڭ ماسسى ئاران 0.0899كىلوگىرام كىلىدۇ. ئادەتتىكى ئاتمۇسفىرا بىسىمدا نۆلدىن تۆۋەن 252.87سىلىتسىيە گىرادۇستا سويۇقلىنىدۇ.سويۇق ھالىتىدە بىر كۇپ مىتېرى 70.77 كىلوگىرام بولۇپ .سۇيۇقلانغاندا ھەجمى تەخمىنەن787ھەسسە كىچىكلەيدۇ. ھىدروگىن ئوكسىگىندا كۆيگەن چاغدا تولۇق كويۈپ 141.6مىگاجۇئۇل ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. بىر كىلوگىرام بىنزىن تولۇق كۆيسە 47.3 مىگاجۇئۇل ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ.
B<,7!:.II ئۇنداقتا قانچىلىك سۇدىن قانچىلىك ھىدروگىن ئالغىلى بولىدۇ؟
b`^Q ':^A سۇنىڭ مول ماسسىسى 18بولىدۇ .يەنى ئاتۇم ئىغىرلىقى 16بولغان 1دانە ئوكسىگىن ئاتۇمى ئاتۇم ئىغىرلىقى 1 بولغان 2دانە ھىدروگىن ئاتۇمى بىركىپ سۇنى ھاسىل قىلىدۇ.يەنى 18ئۈلۈش سۇنى ئىلىكتىرولىزلىساق 2ئۈلۈش ھىدروگىن گازىغا ئىرشىمىز ،يەرلىك تىل بىلەن ئىيىتقاندا 18كلوگىرام سۇنى ئىلىكتىرولىزلاش ئارقىلىق 2كىلوگىرام ھىدروگىن گازىغا ئىرشىمىز.ئادەتتە گاز چىقىرىش مىقدارى 1.8 بولغان سانتانا ماشىنا 2كىلوگىرام بىنزىن بىلەن 20-25كىلومىتېرغىچە يول يۈرەلىسە ،18كىلوگىرام سۇ بىلەن بۇ ماشىنا 60كىلومىتېردىن 75كىلومىتېرغىچە يول يۈرەلەيدۇ.(چوقۇم ھىدروگىن يىقىلغۇسىغا ماسلاشتۇرۇلغان موتۇر بولىشى كىرەك ،ئاخرىدا سۆزلىنىدۇ)
[+xsX*+ ئۇنداقتا سۇنى ئىلىكتىرولىزلاپ ھىدروگىن گازى ئىلىشتا ،قانچىلىك توك كىتىدۇ؟
D>HbJCG4^ ئادەتتە سۇنى ئىلىكتورۇلىزلاپ گاز ئىلىشنىڭ خىمىيىلىك فۇرمۇلىسى مۇنداق بولىدۇ
pIYXYQ=Z ↑2 O +↑2H2 توك ئۆتكۈزۈشH2O2 بولىدۇ .تىخمۇ چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن بۇنىمۇ قىتىپ يازاي ھە 2e e =O-2 -2 + +H2 توك ئۆتكۈزۈشH2O2 بولىدۇ .بۇ تەڭلىمىنى مۇنداق چۇشەندۇرەي ،سۇدىن تۇراقلىق توك ئۆتكۇزسەك ،مىنۇس 2 ۋالىنتلىق ئوكسىگىن ئىئونى ،مەنپى زەرەتلىك ئىلىكتىر ئىقىمى تەسىرىدە ئەڭ سىرىتقى قەۋىتىدكى 2دانە مەنپى زەرتلىك ئىلىكتىروننى قويىۋىتىپ ،ئۆزىگە ئەڭ يىقىن بولغان 2دانە مەنپى زەرتلىك ئىلىكتىروننى يوقاتقان ،يەنە بىر ئوكسىگىن ئاتۇمى بىلەن بىلەن باغ ھاسىل قىلىپ ئوكسىگىن مالىكۇللىسىغا ئايلىنىپ ،مۇسىبەت ئىلىكىتېر قوتۇبىدىن گاز ھالەتتە ئوچۇپ چىقىدۇ.ئوخشاش ۋاقىتتا، بىر ئوكسىگىن ئاتۇمى ئۆزى تۇتۇپ تۇرغان 2 دانە ھىدروگىن ئاتۇمىنى قويۋىتىدۇ .بۇ ئىككى دانە مۇسبەت زەرەتلىك ھىدروگىن ئاتۇمى، سىرىتتىن ئىقىپ كىرىۋاتقان ئىلىكتېر ئىقىمىدىن 2دانە مەنپى زەرتلىك ئىلىكتىروننى يۇتىۋىلىپ دەرھال ئۆز ئارا خىمىيىلىق باغ ھاسىل قىلىپ ھىدروگىن مالىكۇللىسىغا ئايلىنىپ مەنپى ئىلىكىتېر قوتۇبىدىن گاز ھالەتتە ئوچۇپ چىقىدۇ.ئەمدى سۇنى ئىلىكتىرولىزلاپ ھىدروگىن گازى ئىلىشتا ،قانچىلىك توك كىتىدىغانلىقىنى ھىساپلاپ كۆرەيلى.
_nxH;Za ئاۋۇگادىرو تۇراقلىق ساندىن بىلىشكە بولىدۇكى بىر مول ھىدروگىن ئاتۇمىدا1017×1.04دا مۇسبەت زەرەتلىك پىروتۇن بار .بىر پۈتۈن ئاتۇمنىڭ نىتىرال تۇرۇشى ئۈچۈن 1017×1.04دانە مەنپى زەرەتلىك ئىلىكتىرون بولىشى كىرەك .ئەمدى بىر ئامىپىر توك دىگىنىمىز مەلۇم بىرخىل ئۆتكۈزگۈچنىڭ توغرا كەسمە يۈزىدىن ،بىر سېكونېت ئىچىدە 1022×6.24146دا زەرەت ئىقىپ ئۆتكەننى كۆرسىتىدۇ.ئۇنداقتا بىر ئامپىر توك بىلەن 25000 مۇل ھىدروگىن گازىنى (گازلار ئاتۇم ھالىتىدە مەۋجۇت بولالمىغاچقا 50000مۇل ھىدروگىن ئاتۇمىنى2گە بولۈپ ھىساپلايمىز ) نۇرمال شارائىتتا بىر مول گاز 22.4لىتېر ھەجىمىنى ئىگەللەيدۇ. (ئارلىقتىكى ھىساپلاش يولى قالدۇرۇلدى)بىر ئامپىېر توكتا سۇدىن 1.006كىلوگىرام ھىدروگىن گازى ئالغىلى بولىدۇ.ئەگەر يىقىلغۇ تۇڭىغا سىقىپ قاچىلىساق 1.42لىتېر سۇيۇق ھالەتتىكى يىقىلغۇ گازغا ئىرىشكىلى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا ،بىز ئىرىشكەن بۇ ھىدروگىن گازى يەنىلا ئوكسىگىندا كۆيۈپ سۇ ھاسىل قىلغاچقا ،يىلقىلغۇ سۇنى تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
1+XM1(|c` گازئىلىش قۇرۇلمىسىنىڭ كونكىرىتنى قۇرۇلمىسى قانداق بولىدۇ ؟تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك بولىدۇ
DZ\K7-
c:>&YGmhu سۇ ساندۇقىغا سۇ قاچىلاش:
TO"Md["GI سۇ ساندۇقىغا دىستىرلەش قۇرۇلمىسىدىن ئۆتكەن ساپ سۇ قۇيۇلىدۇ.سۇ سۇ ساندۇقى ئاستىدىكى كىلاپاندىن ئىلىكتىرولىز قاچىسغا ئىقىپ كىرىدۇ .سۇ ئورنى لەيلىگۈچ ئارقىلق كونتۇرۇل قىلىندىغان بولغاچقا ،ئىلىكتىرولىز قاچىسدىكى سۇ مىقىدارى نىسبى مۇقۇم بولىدۇ.ئەگەر ساپ سۇ قۇيۇلمىسا ،مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن سۇ ساندۇقى ۋە ئېلىكتورۇلىز قاچىسى ئىلىتىرولىد قۇتۇپلىرىدا قاتتىق ماددىلار ھاسىل بولۇپ قۇرۇلما نۇرمال ئىشلمەيدۇ.
hwJ>IQ1 ساپ سۇدىن توك ئۆتكۇزگەندە توك ئۆتمەيدۇ ،شۇڭا ئۇنىڭغا ئاز مىقىداردا ناتىرىي ھىروكسىد سالىمىز .شۇنىڭ بىلەن سۇ شۇنداق بىر ياخشى ئۆتكۇزگۇچكە ئايلىنىپ گاز ئىشلەپ چىقىرىشقا باشلايدۇ،شۇنداقلا سۇ باكىدىكى سۇ مۇزلىمايدۇ .سىز قىشتا تۇز مۇزلاپتۇ دىگەننى ئاڭلىمغان بولىغيتىڭىز .سىز مەيلى قانچىلىك سۇنى ئىلىكترولىزلاڭ ،بىز قۇيغان ناتىرىي ھىروكسىد مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ،لىكىن ناتىرى ھىدرووكسىد ،كۈچلۇك ئاساس بولغاچقا ،ئەينەك ،مىتال قاتارلىقلارنى ئىرتىۋىتىدۇ.شۇڭا ئىلىكتىرولىد قاچىسىنىڭ ئىچىگە بىر قەۋەت ئېمال(ساپال سىر)يالىتىلىدۇ.
zp<B,Ls ئىلىكترولىد قاچىسدا ھاسىل بولغان گازلارنىڭ ئارلىشىپ پارتىلاپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇچۇن ،ئىلىكترولىد قاچىسنىڭ ئىچى تەتۇر قويۇلغان كونۇس شەكلىدە ياسىلدۇ ،گازلار ساپ ھالدا گاز چىقىش ئىغىزىدىنلا چىقىلايدۇ.سۇدىن توختىماستىن توك ئۆتۈپ تۇرغاچقا ،ۋە سۇمۇ مۇئەييەن قارشىلققا ئىگە بولغاچقا سۇ نىڭ تىمپىراتۇرسى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ يۇقىرلايدۇ ،ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 90 سىلىتسىيە گىرادۇسقا يىتىدۇ.گەرچە سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسغا قاتتىق تەلەپ قويۇلغان بولسىمۇ ،ئىشلەتكۈچىلەر ماشىنا پېروبۇر تاختىسىدىكى سۇ تىمپىراتۇرسىغا دىققەت قىلىش كىرەك ،بولىمىسا ئارلاشما گاز ئىلىكترولىد قاچىسدا ئوت ئىلىپ كىتىپ ئويلىمغان ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.
v:yU+s|kN گاز بىسىمىنى كونتۇرۇل قىلىش:
,$>l[G;Bm ئىلىكترولىد قاچىسغا كىرىۋاتغان توكنىڭ ئاجىز كۈچلۈكلىگى،ماتۇرنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ۋە باشقا ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن، ئىلىكترولىد قاچىسدا ھاسىل بولۇۋاتقان گاز مىقدارى ئوخشاش بولمايدۇ ،ئادەتتەئىلىكترولىد قاچىسنىڭ گاز بىسىمى 1مىگا پاسكالدىن 1.5مىگا پاسكالغىچە بولسا نۇرمال بولىدۇ .ئەگەر ئىلىكترولىد قاچىسنىڭ گاز بىسىمى 1.5مىگا پاسكالدىن ئىشىپ كەتمەكچى بولسا ،ئاپتۇماتىك بارومىتېر دەرھال گاز كىلاپاننى ئاچىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتۇماتىك پومپىنى قوزغىتىپ ،يىغىلغان گازنى يىقىلغۇ تۇڭىغا سىقىپ كىرگۈزىۋىتىدۇ،ماشىنا گاز خورىتىش ھالىتىدە بولمىغان ئەھۋالدا، يىقىلغۇ تۇڭىغا سىقىپ كىرگۇزۇلگەن گازنىڭ بىسىمى ئىشىپ ،گاز سۇيۇقلىنش ھالىتگە ئۆتىدۇ. يىقىلغۇ تۇڭىنىڭمۇ گاز بىسىمى ئىشىپ كەتسە، سىستما ئاۋازلىق ئەسكەرتمە بىرىش بىلەن بىرگە ، ئىلىكترولىد قاچىسغا كىرىۋاتقان توكنى ئاپتۇماتىك ئۈزىدۇ.
QeuM',6R