روبېرت تۇردىيېف-ئۇيغۇرلاردىن چىققان دەسلەپكى
41P4?"O دىپلوماتلارنىڭ بىرى (1)
O>)n*OsS
+9=@E E.5*Jr=J 2014-01-30
muqfSF سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلاردىن يېتىلىپ چىققان دەسلەپكى دىپلومات ۋە تەرجىمانلارنىڭ بىرى روبېرت تۇردىيېف سوۋېت دۆلىتىنىڭ مۇھىم ۋە مەسئۇلىيەتلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر سىياسىي ئەربابلىرى بىلەن يېقىندىن ئارىلاشقان ئىدى. ئۇ ھايات بولغان بولسا، ھازىر 75 ياشقا كىرەتتى.
PV Q#>_~5 روبېرت شاكىر ئوغلى تۇردىيېف 1939- يىلى ھازىرقى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيىسىگە قاراشلىق پودگورنىي يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى شاكىر تۇردىيېف «كوممۇنىزم تۇغى» (ھازىرقى ئۇيغۇر ئاۋازى) گېزىتىدە خادىم ۋە «قازاق ئېلى» نەشرىياتىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ، ئالماتادا رۇس مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، موسكۋادىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، ئۇنى 1964- يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تۈگىتىدۇ. ئۇ دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئىشلەپ، ئاندىن يەمەن، مىسىر مەملىكەتلىرىدىكى سوۋېت ئەلچىخانىلىرىدا ئىشلەپ، 1973- يىلى ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا تەرجىمانلىق قىلدى.
%^Q@*+{:f ر. تۇردىيېف 1979- يىلى بولسا، دىپلوماتىيە ئاكادېمىيىسىدە كاندىدات دوكتورلۇق ئىلمىي دىسسېرتاتسىيىسىنى ئۇتۇقلۇق ياقلاپ چىقىدۇ ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەركىبىدىكى يېقىن شەرق توقۇنۇشلىرىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش بۆلۈمىنى باشقۇرغان. ئۇ سوۋېت ۋەكىللىرى قاتارىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر نەچچە يىغىنلىرىغا، ئا ق ش، ئۇلۇغ برىتانىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسارىيە قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن ئۆتكەن رەسمىي ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەرجىمان ۋە دىپلومات ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلدى. ر. تۇردىيېف 1993- يىلى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا يېقىن شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. 1995- يىلى قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسىغا بىنائەن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئالاھىدە تاپشۇرۇقلار بويىچە ئەلچى بولۇپ ئىشلىدى. ر. تۇردىيېف ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋامىدا مۇھىم لاۋازىملارنى ئىشلەش جەريانىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، پادىشاھنىڭ ئوغلى سەئىد بېن فايسال، مەزكۇر ئەلنىڭ ئا ق ش دىكى ئەلچىسى باندېر بېن سۇلتان، لىۋىيە رەھبىرى مۇئاممەر كازافى، پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات ۋە باشقىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولدى.
\'}/&PCkr softfjl&l ئۇيغۇر دىپلومات روبېرت تۇردىيېفنىڭ ياسىر
{Q#Fen;y| ئارافات بىلەن دوستلۇقى (2)
F$sF'cw OyG_thX سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە يېتىلىپ چىققان ئۇيغۇر دىپلومات ۋە تەرجىمان روبېرت تۇردىيېف تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا، يەمەن، مىسىر مەملىكەتلىرىدىكى سوۋېت ئەلچىخانىلىرىدا ئىشلەپ، 1973- يىلى ئەرەب دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا تەرجىمانلىق قىلدى.
>? A `C!i تۇردىيېف ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمىتى جەريانىدا پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولدى.
I/e2, فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رابىك ئىسمايىلوف تۇردىيېفنىڭ ياسىر ئارافات بىلەن دوستلۇقى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى.
an[3vKb Ilt L@]e مەنبەسى، تور دۇنياسى
}77=<N br