باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1242 
  •    ئىنكاس 
       3 

ئىمان ھالاۋىتى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقە

قەۋەت ئاتلاش
yawuzbag

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2506

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1453 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3413 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4163 (قېتم)
 تۆھپە:   3969  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 27002
 سائەت
دەرىجىسى:
27002 سائەت 738 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2014-03-24

ئىمام ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ: q+4dHS)x  
«ئىمان كۈچەيگەن ۋە ئىمان نۇرى قەلبتە زىيادە بولغانسېرى، ئىنسان ئۆز قەلبىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئېچىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تۇيغۇلىرىنىڭ بارغانسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئىمان نۇرىنىڭ كىشى قەلبىگە سىڭىشى قانچىكى چوڭقۇرلاشسا، ئىمان دائىرىسىمۇ ئۇنىڭدا شۇنچىكى كېڭىيىپ بارىدۇ ۋە ئاستا-ئاستا تەدرىجى شەكىلدە ئىماننىڭ قەلبكە كېڭىيىشىدىكى كۆلىمى باشقىغا قارىغاندىكى كۆلىمىدىن نەچچە ھەسسە كەڭرى ھالەتكە كېلىدۇ. ئەنە شۇچاغدا ئىنسان ئۆز مەنىۋىيىتىدە مۇھىم بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆمۈر لەھزىلىرىدىن شۇنداق بىر سائادەت لەھزىلىرىنىڭ قەلبىدە نامايان بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ بولسىمۇ كىشىنىڭ قەلب ھەركىتى بىلەن تەڭ يۈرىكىدە تېز ۋە ئەنسىز سوقۇشلارنىڭ پەيدا بولىشىنى ھېس قېلىشى بولۇپ، بۇلار ئادەتتە «ھايات قەلبنىڭ دۇنياغا كېلىشى» ۋە ياكى بولمىسا «قايتا تۇغۇلۇش» دەپ ئاتىلىدۇ. <m^a?q^  
سەلەف سالىھلاردىن بىرى بۇخىل تۇيغۇنى تەسۋىرلەپ شۇنداق ئىيتقان: «بىر كۈنى بامدات نامىزىدا سەجدە قىلغان ھالەتتە ئىدىم، سەجدىدىن كىين ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكەن بولساممۇ، ئەمما قەلبىمنىڭ ھېلھەم ئۆز سەجدىسىدىن باش كۆتۈرمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.» QHja4/  
يەنى دېمەكچىكى، بۇخىل لەھزەلەردە ئۇ خىل قەلب ئېگىسى ئۈچۈن ئاللاھقا بولغان خۇشۇئ، ئىتائەت، ئۇنىڭ دەرگاھىغا يېقىلىش ۋە ئۆزىنى سەجدىگە باغلاش قاتارلىقلار ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، بۇخىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ تېنى گەرچە سەجدىدىن تۇرۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبى تېخىچە ئاشۇ سەجدە ھالىتىدىن ئايرىلماي تۇرىدۇ. ئۇ ئەنە شۇنىڭدىن كىين تاكى ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق نامىزىغا ۋە ياكى زىكرىگە، ۋەياكى مۇناجاتىغا ۋەياكى تەپەككۇرىدىكى ئاشۇ لەھزىلەرگە ئۇلاشقانغا قەدەر ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئى ھالىتىگە قايتىپ تۇرىدۇ. ھەمدە بۇخىل ئەھۋال ئىنساننىڭ ئۆز ئىرادىسىغا باقمىغان ھالدا دائىم تەكرار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.» M@7U]X$g  
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ ئىزاھاتى شۇكى، ئىنسان قەلبى ئاشۇ خىل تۇيغۇلارنى ھاسىل قىلىشتىن ئېلگىرى ئۆزى بىلەن ئاللاھقا قۇلچىلىق كۆرسىتىش ئارىسىنى توسۇپ قويۇۋاتقان بىر قاتار نەرسىلەرگە باغلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ نەرسىلەر بەندە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا كۈن ئۆتكۈزىدىغان تۈرمىنىڭ ۋەياكى بولمىسا ئۇنى مەھكەم باغلاپ تۇرغان كىشەننىڭ ئورنىدىدۇر. قاچانكى ئىمان ئۇنىڭ قەلبىدە يۈكسەلسە، ئۇنىڭدىكى كىشەن ۋە باغلارمۇ ئاجىزلاشقا، بوشاشقا باشلايدۇ. تاكى ئۇنىڭ قەلبى ئاشۇ باغ ۋە كىشەنلەردىن پۈتۈنلەي خالاس بولۇپ سائادەتلىك لەھزىلەرگە ئۇلاشقىنىدا ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ رەببىگىلا باغلىنىدىغان ئازاد بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئەنە شۇ سەۋەپتىن سەن ئۇنىڭ ئاللاھنى ئەسلىگەن، ئاڭا مۇناجات قىلغان ۋە ئۇنىڭغا زار-تەزەررۇلەر قىلغان ئانلىرىدا قورقۇش، ئىتائەت قىلىش ۋە قەلب لەرزىگە كېلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ ئۇنىڭ روھىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقايسەن. so1  
ئىمام ئىبن قەييىم ئۆز سۆزىنى تولۇقلاپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: ZvQZD=,F  
«ئىنسان روھىنىڭ بۇ ئالەمدە ئىككى خىل تەۋەللۇتى بولىدۇ. بىرى ھەممە بىلەن ئورتاق بولغان تەبىئى تەۋەللۇت. يەنە بىرى روھى جەھەتتىكى قەلبى تەۋەللۇتىدۇر. بۇخىل تەۋەللۇت ئارقىلىق ئۇنىڭ روھى قەلبى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ ۋە خۇددى ئۇنىڭ تېنى دۇنياغا كەلگەندە قورساقتىكى ھەمرىيىدىن ئاجرىغىنى كەبى، ئۇزىنىڭ تەبىئەت ھەمرىيىدىن ئاجرايدۇ.» >TM{2b,(p  
ئىبن قەييىم يەنە يۇقىرىقى سۆزىگە تولۇقلىما قىلىپ شۇنداق ئېيتىدۇ: «مەن شەيخۇل ئىسلام ئىبن تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ شۇنداق ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئەنە شۇلار بولسا، روھ ۋە قەلبلەرنىڭ ئۆز تەنلىرىدىن دۇنياغا كىلىشى، ھەمدە روھ ۋە قەلىبلەرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىن ھالقىشى بولۇپ، بۇ گويا ئىنسان تېنى باشقا بىر تەندىن تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئاجرىغىنىغا ئوخشاش بىر ھالەتتۇر.» \!jz1`]&{  
ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە پەزلى بىلەن قەلبنىڭ ئۇشبۇ تەۋەللۇتى يۈز بەرگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى باسقۇچلىرىدىن يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم ئالىدۇ-دە، ئۇنىڭ ئىزنالىرى ئۇشبۇ قەلب ساھىبىنىڭ ئەمەلىيىتىدە روشەن ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسان نەسىھەتلەر تېزلا تەسىر قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ زىكىرى بولغاندا دەرھال تەۋرىنىپ ئالاقزادە بولىدىغان يۇمشاق قەلب ئېگىسىگە ئايلىنىدۇ: «پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر »[ئەنفال سۈرىسى 2-ئايەت] h?;03>6A&]  
+~YoP>  
cZ!$XXA`  
ئىمانى يۈكسىلىش ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقە 4 ;)t\9cy_  
T`j {2  
6C<GYzzo  
ھەر بىرىمىز باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئالاقىدىن خالى ئەمەسمىز. بۇ ئالاقىلەر ئادەتتە كۈچلۈكلۈك ۋە ئاجىزلىقتا، ئەمەل ۋە مەرتىۋىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىق ۋە ھەرخىل بولىدۇ. بەزىلەر بۇ ئالاقىدە بىرىنچى مەرتىۋىدە يەر ئالسا، يەنە بەزىلەر 10- مەرتىۋىدىن، يەنە بەزىلەر 50- مەرتىۋىدىن يەر ئالىدۇ. ھالبۇكى بۇخىل پەرقلىق دەرىجىلەرنىڭ تەرتىپلىنىشى مۇئامىلە قىلغان شۇ شەخىسنىڭ تۈرلۈك ئەمەلى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا مۇكەممەللىشىپ بارىدىغان بولۇپ، بەلكى بۇخىل بىر-بىرىدىن پەرقلىق مەرتىۋە-دەرىجىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ كىشىنىڭ پائال تىرىشچانلىقلىرى، ئىشەنچى ۋە ئىچكى تۇيغۇلىرىنىڭ نەتىجىسى دېيىش مۇمكىن. !mWm@ }Ujg  
شۇنداقلا بۇ مەرتىۋىلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز غەيرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە كۆرۈنۈشلىرى ھەم بار بولۇپ، ئىنسانغا نىسبەتەن بىرىنچى مەرتىۋە ساھىبى بولغان كىشىگە قارىتا ئىلىپ ئېيتساق، ئۇ بۇخىل مەرتىۋىدە ئۆز ھەمراھىغا قارىتا سىرلىرىنى ئاسانلا بېرىۋىتىدۇ، ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ئىچكى تۇيغۇلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭغا يېقىن تۇرالىغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىۋېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق پۇرسەتنى چېڭ تۇتىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشتىن ئۆزىنى بەختىيار ھېس قىلىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتداشلىقىنىڭ قانچىلىك ئۈزۈن سۈرگەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر؛ ئارىلىرىدىكى سۆھبەتتىن ھېچ زېرىكىش ھېس قىلمايدۇ. 6vTnm4  
ئەمما مۇناسىۋەت دەرىجىسى 50- مەرتىۋىدىكى كىشىگە كەلسەك، ئۇنىڭدا ئىش تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ge%QbU1J  
شۇنداق، گەرچە ئۇ قارشى تەرەپنى كۆرگىنىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىدىن خۇشاللىق ئالىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېچقاچان بىرىنچى مەرتىۋە ئېگىسىدەك بولالمايدۇ. eJn_gKWb  
خوش، ئۇنداقتا ناۋادا ئارىمىزدىن بىرى ئۆز ئۆزىگە: «رەببىڭ بىلەن بولغان ئالاقەڭ قايسى دەرىجىدە؟ سەن بۇ ئالاقىدە قانچىنچى مەرتىۋىنى قولغا كەلتۈردۈڭ؟»-دەپ سۇئال قويغۇدەك بولسىچۇ؟ ?IS[2 v$   
ئېنىقكى، بىز بۇ ئالاقىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئەمەلى كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھېچبىرىنىڭ بىزدە مەۋجۇت بولمىغانلىقى تۈپەيلى بىرىنچى مەرتىۋىدە ئەمەسلىكىمىزدىن چۆچۈمەي قالمايمىز. بۇنداق بولىشىدا بىرى: بىز ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىشقا قارىتا ئۆزىمىزدە جىددى ئىشتىياقنى، ۋەياكى ئۇنىڭ مۇناجاتى ئۈچۈن سېغىنىشنى، ۋەياكى ئۇنىڭ بىلەن خىلۋەتتە بولغانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزدە مەمنۇنىيەتنى ھېس قىلمايمىز. eHGx00:  
يەنە بىرى: ئۇنى زىكىر قىلىپ ئەسلەپ تۇرۇش نېمىتىنى قولدىن بىرىپ قويۇۋاتىمىز. 90Sras>F  
مانا بۇلارنىڭ بەرى ئىمانىمىزنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ سۇسلىقى سەۋەبىدىندۇر. J(~1mIJjC  
قاچانكى قەلبتە ھەقىقى ئىمانى مەۋقە يېڭىلىنىدىكەن، ھەمدە ئىمان كۈچىيىپ ماڭىدىكەن، ئەنەشۇ چاغدا ئۇشبۇ ئالاقە تەدرىجى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ ۋە بىر مەرتىۋىدىن ئۇنىڭدىنمۇ يۈكسەكرەك يەنە بىر مەرتىۋىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ ماڭىدۇ. 2*cc26o  
قاچانكى ئىمان تاكى ئۇ بىرىنچى مەرتىۋىدىن ئورۇن ئالغانغا قەدەر قانچىكى زىيادە بولۇپ كۈچىيىپ ماڭغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان رىغبىتى، ئاڭا بولغان رازىلىقى، ھەمدە ئۇنىڭ جانابىغا بولغان يېقىنلىقى ۋە ئۇنىڭ زىكرىدىن ئالىدىغان ھالاۋىتى، شۇنداقلا ئۇ زاتنىڭ كالامىنى تىلاۋەت قىلغاندىكى ھۇزۇرى، ۋە ئۇزات بىلەن ئۆتكۈزىدىغان خىلۋەت ۋە مۇناجاتقا ئۆزىنى بېرىشى شۇقەدەر ئارتىپ ماڭىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ. =+?OsHv  
مانا بۇلار خۇددى ئىمام ئىبن رەجەب ھەنبەلى ئېيتقىنىدەك: دۇنيادا ئاللاھقا يېتىشنىڭ مەنىسىدۇر. ئۇ زات شۇنداق ئىيتىدۇ: 3m4 sh~  
«ئاللاھقا يېتىش ئىككى تۈرلۈكتۇر. ئۇنىڭ بىرى دۇنيادا، يەنە بىرى ئاخىرەتتىدۇر. دۇنيالىقتا ئاللاھقا يېتىش دېگىنىمىزدە، چۈنكى قەلىبلەر ئۇنى تونۇش مەرىفىتىگە ئېرىشىدۇ. ھەمدە قاچان قەلب ئۇنى تونۇسا، ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە باشلايدۇ ۋە ئۇنى سېغىنىپ ئۆتىدۇ. بۇھەقتە بەزى ئەسەرلەردە شۇنداق كەلگەن: «ئى ئادەم بالىسى! مېنى ئىزدىسەڭلا چوقۇم تاپىسەن. ناۋادا مېنى تاپقۇدەك بولساڭ، بىلگىنكى سەن ھەممە نەرسىنى تاپقان بولىسەن. ئەگەردە مەن ساڭا پەرۋا قىلمىغۇدەك بولسام، بىلىپ قويكى ساڭا ھېچ نەرسە پەرۋا قىلمايدۇ.»  @e\@EW  
ئەمدى ئاخىرەتتە ئاللاھقا يېتىشقا كەلسەك، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز ئەۋلىيالىرىنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن تەييارلىغان جەننىتىگە كىرىشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى ئاللاھقا يېقىن بولۇشتا جەننەتتىكىلەرنىڭمۇ دەرىجە-مەرتىۋىلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، بۇخىل پەرقلەر ئۇلارنىڭ قەلبىلىرىنىڭ ئاللاھقا بولغان يېقىنلىقىدىكى پەرقلەر ئاساسىدا تۈرلۈك دەرىجىلەرگە ئايرىلغاندۇر. «(ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر. ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر.»[ۋاقىئە سۈرىسى 10-11-ئايەتلەر]» ?UIW&*h}  
Z-_Xt^N  
<-G3Qgm  
ئاپتور: ئەمەتۇللاھ ئەلفاروق. YSfJUB!I  
مەۋلانا تەرجىمىسى SD8>,  
 xI#rnx*  
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=56988#lastpost
تېما تەستىقلىغۇچى : sansiz0903
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2014-02-01, 13:17
ھايات ھاقارەتلىك ئۆتسىمۇ،ئىككى كۈزىمىز پارقىراپ تۇرسىلا بۇلىدىغان بولدى.
sultan88

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7857

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   912 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1143857 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4365 (قېتم)
 تۆھپە:   4365  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 18715
 سائەت
دەرىجىسى:
18715 سائەت 185 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-14
ئاخــىرقىسى:2014-03-28
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 02-02

يوللىغان تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر ، اللاھنىڭ رەخمىتى  ھەممە مۇسۇلمانلارغا بولسۇن  .
ئەسسالامى ئەلەيكۇم  .مۇنبەرداشلار
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   428 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22581 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2022 (قېتم)
 تۆھپە:   1971  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 20150
 سائەت
دەرىجىسى:
20150 سائەت 640 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2014-03-28
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-04

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ئېزىز قېرىندىشم! Tsdgg?#  
ناھايىتى قىممەتلىك تېما يوللاپسىز!
ئانا تىلىم -- جان تىلىم
arqa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13646

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   130 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6295 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   634 (قېتم)
 تۆھپە:   634  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5804
 سائەت
دەرىجىسى:
5804 سائەت 136 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-01-19
ئاخــىرقىسى:2014-03-18
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 02-05

اللاھنىڭ رەخمىتى  ھەممە مۇسۇلمانلارغا بولسۇن  .     qx*N-,M%k(  
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. قىممەتلىك تېما يوللاپسىز
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى