باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1471 
  •    ئىنكاس 
       2 

كېلىن بولماق نېمانچە تەس

قەۋەت ئاتلاش
ablikim6423
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16031

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   145 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   15 (قېتم)
 تۆھپە:   14  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 155
 سائەت
دەرىجىسى:
155 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-06-10
ئاخــىرقىسى:2013-09-21

كېلىن بولماق نېمانچە تەس ZFrK'BvbR  
ئاپتۇر:ئابلىكىم ئابدۇكىرىم (چىش دوختۇر) BAqu@F\):  
جەمىئيتىمىزدىكى بىر قىسىم ئائىلىلەرگە شۇنداق كىلىن كىرىشى بىلەنلا شۇ ئائىلىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۇرمۇش رېتىمى پۈتۈنلەي بۇزۇلىدىكەن ، ئۆيگە كىرگەن كىلىن قەينئاتا، قەيىنئانا ۋە يولدىشىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىغا قارىماي، ئائىلىدىكى باشقا ئەزالار ئۆينىڭ باشقا ئىشى ۋە تۈشۇكلىرىنى شۇ كىلىنگە يۈكلەپ قويۇش بىلەن بىرگە مېنىڭ خىزمىتىمنى ياخشى قىلمىدى،  دەپ  رەنجىشىدىكەن ، توۋا ئاچا –سىڭىللىرىنىڭ قىلىقى چۇ تېخى! ئۇلارنىڭ ھەپتىدە بىر كۈن ئازنىلاپ كەلگىنىدە ئۆيگە كىرىپلا ئاتا-ئانىسىنى كۆرۈپ نېمە بولدۇڭلار؟ جۆدەپ قاپسىلەرغۇ ؟ ئۆينىڭ پۈتكۈل جاپاسى سىلەرگە قالغان ئوخشىمامدۇ دېيىشلىرىچۇ ، كىلىن راسلىغان چاينى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئانىسىنىڭ چارچاپ قالدىڭلار بالام تاماق پىشقىچە بىردەم ئارام ئېلىۋىلىڭلار دەپ ئۇخلىتىشلىرىچۇ ، تاماق تەييار بولغاندىن كېيىن كىلىن ئەتكەن تاماقنى خۇددىي كىچىك بالىغا زورلىغاندەك زورلاپ يىگۈزۇشلىرىچۇ ، ئۇلارنىڭ قوسقى تويغاندىن كېيىن ئانىسىغا ئۇنى ئۇنداق قىلماپتۇ ، بۇنى بۇندا قىلماپتۇ ،سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن ياخشى خەۋەر ئالماپتۇ دەپ ئىنىسىنىڭ قۇلاقلىرىنى تولغاپ بىر چىرايلىق ئائىلىنىڭ خىزمىتىنى قىلۋاتقان،  قەينئاتا، قەيىنئانا نڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلۋاتقان ،كەلگەن-كەتكەن مىھمانلارنىڭ ئالدىغا چىرايلىق داستىخان سىلىپ ئۇزتىۋاتقان ، شۇ ئائىلدىكىلەرنىڭ كىر – قاتلىرىنى يۇيۇپ چىرايلىق كەيگۈزىۋاتقان كۇنلىكى نەچچە ۋاخ تازلىق قىلىپ ئائىلىنى گۈلدەك تۇتىۋاتقان ، كەلگەنلەرنى كەلسە دەپ كەتكەنلەرنى كىتەملا دەپ ئۇزتىۋاتقان كىلىن ئۈستىدىن داتلاپ زىدىيەت ئۇرقىنى چىچىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ قىلدەك ئىشىنىمۇ قىلىپ بەرمەي  ئۇلارنىڭ بىشىنى قايمۇقتۇرۇپ  بازارغا چىقىپ قاتراپ كىرىپ ئۆيدىن ئۆزىگە يارايدىغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ ئىلىپ بۇزغانلىرنى يۇغۇشتۇرماي جايىدا تاشلاپ  ئەسكى كىلىن ئەتكەن كەچلىك تاماقنى يەپ ئالدىراپ ئۆيگە مىڭىشلىرىغا ھەيرانمەن . ?;uzx7@F  
قەنئاتا-قەنئانىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۇلارنىڭ دېگەن يىرىدىن چىقىش ، ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ ئۇلارغا كۆينۈش ناھايىتى چوڭ ساۋاپتۇر ، مۇشۇنداق قىلالىغان كىلىنلەرگە ئاللا ئۆز غەزىنىسىدىن رەھمىتىنى ياغدۇرغاي ، يولدىشىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش، يولدىشىنىڭ پۇتكۈل ھاجىتىدىن چىقىش ، يولدىشىنى ھۆرمەتلەپ يولدىشىغا كۆينۈش شۇ كىلىننىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەجبۇرىيتىدۇر ، ئەر رازى - خۇدا رازى ، لېكىن شۇ ئائىلىدىكى ئۇششاق چۇششەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش بۇ كىلىننىڭ مەجبۇرىيتى ئەمەستۇر ، بويىغا يەتكەن بىر قىزنىڭ كىر– قاتلىرىنى يۇيۇپ ، يوتقان- كۆپىللىرىنى سىلىپ يىغىش  ئەخلاق نۇختىسىدىن ئىيتقاندا شۇ كىلىنگە قىلىنغان ھاقارەت دەپ قارايمەن ، بۇ كىلىن ئوغلۇڭلارنىڭ ئايالى ، پۇلغا سىتىۋالغان قۇل ئەمەس ، ئىنساب قىلىڭ ، قايسى كىتاب قايسى ھەدىستە ئۆيگە كىرگەن كىلىن شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ دېگەن يىرى باركىن مەن ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم . )Q7;)iPY#  
ھۆرمەتلىك قەنئانا-قەنئاتا سىلەرنىڭ قىزىڭلار سىلەرگە قانچىلىك ئەزىز بولسا كىلنىڭلارمۇ ئاتا- ئانىسىغا شۇنچىلىك ئەزىز ، شۇ كىلىننى ئاتا – ئانىسى سىلىگە ئوخشاشلا ئارزۇلاپ يىمەي يىگۈزۈپ كەيمەي كەيگۈزۈپ باققان ، توي قىلىش دېگەن ئاللانىڭ ھۆكىمى ، بۇ ھۆكۈم بولمىغان بولسا ئۆز باغرىنى يىرىپ چىققان ئارزۇلاپ پەپىلەپ باققان قىزىنى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سىىلىپ بىرەرمىتى ، ناۋادا بۇ ئاللانىڭ قانۇنى بولمىغان بولسا شۇ قىزىنى بويى بىلەن تەڭ ئالتۇن بەرسەڭلارمۇ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلىگە سىلىپ بەرمەيتغۇ ، نىكاھنىڭ خاسىيتى بىلەن ھارامنى ھالال قىلىپ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سىلىپ بەردىغۇ ، مەن ئوغۇللۇق دەپ زوراۋان ، ھۆكۇمران بولۋالماڭلا، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن كىلنىڭلارنىڭ يۇركىنى زىدە قىلماڭلار، خوتۇنلىرىڭلارنىڭ قىزلىرىڭلارنىڭ ئارقىغا كىرىپ كىلنىڭلارغا ئازار بەرمەڭلا ، بالا چاقلىرىڭلارغا نەسھەت قىلىڭلار ، ھەممىسى ئۆز ئىشىنى ئۆزى تىپىپ قىلسۇن ، بىكار ئولتۇرۇپ زىدىيەت ئۇرقىنى چاچمىسۇن ، بىكار قالسا كىتاب ئوقۇسۇن ، ئۇگەنسۇن، بىزدىكى مۇشۇ زىدىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇماسلىقتىن ئۇگەنمەسلىكتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ . پىتنە قىلغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ پەرزەنتىڭلارنىڭ تۇرمىشىغا تەسىر يىتىپ قالمىسۇن ، سىلەر كۆپنى كۆرگەن ئۇلار زىدىيەتلىشىپ قالسا چىرايلىق سالماقلىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ ئەپلەشتۇرۇپ قۇيۇڭلار ، ئۇلار تېخى كىچىك كاللېىسى ئاددېي تۇرمۇشنىي تولۇق چۈشەنمەيدۇ ، بىر-ئىككى كۇندە ياكى ئۈچ-تۆت كۈندە ئوڭشۇلۇپ قالىدۇ ، پىتنىڭ ئاچچىغىدا چاپىنىنى ئوتقا سىلىپ كېيىن پۇشايماندا قالمىسۇن ، ئوغلۇڭلارنىڭ،كىلنىڭلارنىڭ بەختىنى ئويلاڭلار ، ئاللادىن نىمىنى تىلىسەڭلار شۇنى بىردىغانلىقىغا ئىشنىڭلار ،يامان نىيەتنى ئويلىماڭلار ، ئۇلارنىڭ ئىناق ، خاتىرجەم ، بەختلىك، ھايالىق تۇرمۇش ئۆتكۇزىشى ئۈچۇن دۇئا قىلىڭلار ، قۇدىباجىلار ئوتتۇرسىدا مەنمەنچىلىك قىلماي ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ ئۆتۈڭلار ئىغىر بىسىق ، تەمكىنلىك بىلەن چىرايلىق پىكىرلىشىڭلار ، ئاللا ھەممەيلەننى باراۋەر ياراتقانغۇ ،ئۇششاق ئىشلارنى دەپ پەرزەنتىڭلار بەخىتسىز بولۇپ قالمىسۇن ، ئۆزۈڭلارنىڭ ئىززەت ئابرويىنى دەپ پەرزەنتىڭلارنىڭ تۇرمىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بۇزۇلسا ئۆزۈڭلارنىڭ ھەرتەرەپتىن سوراق سۇئالغا ئۇچرايدىغانلىقىڭلارنى بىلۋىلىپ ياشاڭلار ، شۇنى ئېنىق بىلۋىلىڭلاركى سىلەرنىڭ كەلگۈسدە چىرىغىڭلارنى ياندۇرۇپ ئولتۇردىغان قىزىڭلار ئەمەس بەلكى دەل شۇ كىلنىڭلاردۇر . NP%ll e,l  
     ھۆرمەتلىك قەنئاتا سىز ئوغلىڭىزنى ئۆيلەيمەن دەپ نۇرغۇن ئىقتىسادنى سەرىپ ئەتتىڭىز ، چارچىدىڭىز ، قىز ئالماق شەھەر ئالماق دىگەندەك ئۇلاردىن باشقا شۇ توينى چىرايلىق ئۇزتىمەن دەپ نۇرغۇن زىھنىڭىزنى ئۇپراتتىڭىز ، شۇ توينىڭ ئالدى-كەينىدە 7-8 كۇن خىزمىتىڭىزگە قاتنىشالمىدىڭىز ياكى دۇككانلىرىڭىزنى ئاچالمىدىڭىز ، ھەرتەرەپتىن ئىقتىسادىڭىز قورىدى ، توي تۇگەپ ھەپتە ئۆتە ئۆتمەي خوتنىڭىزنىڭ، كىلنىڭىز ۋە قۇدىڭىز ئۈستىدىن داتلاشلىرىغا قۇلاق سالغىلى تۇردىڭىز ،كۇندىن-كۇنگە خوتۇنىڭىز بىلەن بىرگە ئۇلار ئۇستىدىن غەۋەتكە چۈشتىڭىز ، تويدىن بۇرۇن سىزنى سۈرۈشتە قىلسا خىلى ئەكەكچىلىكى بار ۋىجدانلىق ئەر دەۋاتاتتى ، ھالبۇكى ئوغلىڭىزنىڭ توي جەريانىدا قىلغان سۆز ھەركەتلىرىڭىزدىن، خوتۇننىڭ سىزىپ بەرگەن جىجىقىدىن چىقالمايدىغانلىقىڭىزنى جامائەتكە ئاشكارلىدىڭىز ، خوتۇنىڭىز ۋە قىزىڭىزنىڭ كىلنىڭىز ئۈستىدىن غاجاشلىرىغا قۇلاق سالدىڭىز ، شەرىتىمىزگە زىت ئەخلاققا ،ئۆرۈپ ئادەتكە مۇخالىپ بولغان ئىشلارنى قىلىمەن دىسە خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ خوتۇن خەقنىڭ ئىشىكەن نېمە قىلساڭلار ئۆزەڭلار بىلىپ قىلىڭلار دەپ ماقۇل بولدىڭىز ، سىرىتلاردا دوست-بۇرادەرلىرىڭىز ئالدىدا يوغان سۆزلىگىنىڭىز بىلەن خوتۇنىڭىز ئالدىدا مۇنداق قىلساق بولمايدۇ بۇ ئىش بىزنىڭ بىشىمىزغا كېلىپ قالمىسۇن دەپ ئەرلىك سالاھىتىڭىز بىلەن ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ خوتۇنىڭىزنى بولمىغۇر ئىشلاردىن توسالمىدىڭىز ، خوتۇنىڭىز نىم دىسە ماقۇل دەپ ئۆزىڭىزنىڭ سايىماخۇن بولۇپ قالغىنىنى بىلمىدىڭىز ، جەمىئيەتتە دوست-بۇرادەر بىر تۇققانلىرىڭىز ئارسىدا ئىززەت ئابرويىڭىزنىڭ كۇندىن-كۇنگە چۈشىۋاتقانلىغىنى سەزمەي يۇردىڭىز ، ھەرخىل مەرىكىلەردە خوتۇنىڭىزنىڭ ئارقىغا كىرىپ بىز دېگەن ئوغاللىق ئۇنى قىلسۇن بۇنى قىلسۇن دەپ ئۆزىڭىزنىڭ ئىززەت ئابرويىنى يەرگە ئۇردىڭىز ، قۇداباجلىق ئوتتۇرسىدا ئەرزىمەس ئىشلار سەۋەپلىك ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋىتىنى قوغدايمەن دەپ ئەركەكچىلىكىڭىز ئىسىڭىزگە كىلۋىلىپ ئوغلىڭىزنى بەخىتسىز قىلدىڭىز ،يوقىلاڭ ئىشلار چويلىدا توختىمايدىغان گەپلەر سەۋەپلىك جەمىئيتىمىزدە نۇرغۇن قىزلارنىڭ بەخىتسىز بولۇپ كوچىلاردا قاتىراپ يۇرۇپ ناشايان يولدا مىڭىشىغا سەۋەپچى بولدىڭىز ، سىز جامائەتچىلىككە ئارلىشىدىغان ۋەزىيەتنى چۈشۈندىغان ياخشى ياماننى بىلدىغان ئادەم بولغاندىكىن كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىپ ئاشۇ يىتىم بولغان بالىلارنىڭ سىلەرگە نەپرەتلىندىغان بولمىسۇن ، ھەركىم ئۆز بالىسىنى ئۆزى باقسۇن ، خوتۇنىڭىزنىڭ قىزلىرىڭىزنىڭ ھەشەمەتچىلىك ، داغۋازلىق ئىشلىرىنى توسۇڭ ، سىز دېگەن ئائىلىنىڭ باشلىقى ئۆينىڭ تۈۋرىكى خوتۇن خەق دېگەن ئاسان ھىسياتلىنىدۇ ،يىڭىلىقنى ناھايىتى تىزلا قوبۇل قىلۋالىدۇ ، يىراققا نەزەر سالالمايدۇ ، پات-پات نەسھەت قىپ تۇرۇڭ ئىزىپ كەتمىسۇن ، شۇنىڭ ئۈچۈن كونىلار ئۇلارنىڭ چېچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دەپ بىكار ئىيتمىغان . ئايالىڭىز نەسھەتىڭىزنى ئاڭلىماي ئۆزى بىلگەننى قىلىمەن دەپ تۇرۋالسا ئەرلىك سالاھىتىڭىز بىلەن قاتتىغراق گەپ قىلىڭ ، قىرىغان چىغىڭىزدا ئۇ خوتۇن سىزنى تاشلاپ كەتمەيدۇ ،بالىڭىزنىڭ تۇرمۇشى بۇزۇلسا جاپا تارتىدىغىنى يەنىلا سىز  بۇنى ئىسىڭىزدىن ھەرگىز چىقارماڭ . سىز دادا بولغاندىن كېيىن باللىرىڭىزغا نەسھەت قىلىڭ ، پۇتكۈل ئۆي ئشلىرىنى كىلنىڭىزگە تاشلاپ قويمىسۇن ، ئۇلارمۇ ئۆزنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆزى ئادا قىلسۇن ، ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلسۇن كىلىن ئۈستىدىن قالايمىقان گەپ تاپمىسۇن ، ئەگەر گەپ تىپىپ قالسا ۋاقتى ۋاقتىدا رەدىيە بېرىڭ ، بالىڭىزغا قانداق كۆيىنىسىڭىز كىلنىڭىزگىمۇ شۇندا كۆينىڭ ، باللىرىڭىز سىزگە قانداق ئەكىلىسە ،كىلنىڭىز سىزگە شۇنداق ئەركىلىيەلەيدىغان بولسۇن ،كۆڭۈلدىكى گەپنى سىزگە دىيەلىسۇن ، شۇنداق قىلالىسىڭىز پەرزەنتىڭىزنىڭ بەختى ئۈچۈن توسالغۇسىز داغدام يول ھازىرلىغان بولسىز ، ئائىلىڭىزنى خۇشاللىققا تولغان بىر جەننەتكە ئايلاندۇرالايسىز .     /Tv<l  
  ھۆرمەتلىك قەنئانا سىز نىمانچە تويماس ، ئاللا سىزگە شۇ  ئوغۇل پەرزەنتنى بەرمىگەن بولسا يەيدىغان رىسقىڭىز كەملەپ قالارمىتى ، نىمىشقا ئۇشكۇر قانائەت قىلمايسىز ، شۇ كىلىننى يۆتكەپ ئەكىلۋىلىپلا قۇدىڭىز تەرەپتىن ئالغىلى يىگىنى تۇرۇپتىڭىز تىخىچە توختىمىدىڭىز ، سىز ئاللادىن قورۇقماي دوست-بۇرادەرلىرىڭىز، مەلە ھەقەمسايىللىرىڭىز، ئۇرۇق تۇققانلىرىڭىز ئالدىدا ئىناۋىتىڭىزنى كۆتۈرمەن دەپ سىزگە قىز بەرگەن گۇناھى ئۈچۈن قۇدۇللىرىڭىزغا ھەرخىل سىلىق سىلىپ ئۇلارنى ھەرتەرەپ تىن سىقتىڭىز ، قىزنى بەرگىنى ئاز كېلىپ شۇ قىزىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرشى ئۈچۈن ئۆي سەرەمجانلىرىنى ئىچىقىپ سىتىپ شەرىيتىمىز ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىمىزگە مۇخالىپ ھالدا سىزنىڭ ھەشەمەتچىلىك ،داغۋازلىقىڭىزغا سەرىپ ئىتىشكە مەجبۇر قىلدىڭىز ، كىلنىڭىز ئاتا –ئانسىنىڭ ئۆيدىن كەچلەپ كەلگىچە شۇ ئۆيدە قازان قايناتماي كىلنىڭىز ئىلىپ كىلدىغان داستىخانغا تەلمۇرۇپ ئولتۇردىڭىز ، توۋەنرەك كېلىپ قالغان بولسا ھەرخىل بانالارنى تىپىپ شۇ كىلىندىن نۇخسان ئىزدەپ يۇركىنى سىقتىڭىز ، ئۆي كۆرسەتسۈن دەپ شۇ كىلىننىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ مېھمان باشلاپ بىرىپ ئالا قويماي يىدىڭىز ، ھېيت ئايەم كەلسە خىجىل بولماي ئىناۋىتىڭىزنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى ئويلىماي بۇ دېگەن قائىدە دەپ ئۆيىڭىزنىڭ داستىخانلىرىنى قۇدىڭىزغا تەييارلاتقۇزدىڭىز ، توي تۆكۈن ۋە ھەرخىل مەرىكىلەردە ئەرزىمەس بىر لاتا پۇتا سەۋەپلىك ياكى تۆر تالىشىپ مىنى كۆزگە ئىلمىدى ، ھۆرمەتلىمىدى دەپ كىلنىڭىزنى يامانلىتىۋىتىپ ئۆز ئوغلىڭىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدىڭىز ، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن كىلنىڭىزگە دوق قىلىپ ئازار بەردىڭىز. قۇدىڭىز سىزگە بىرىپمۇ تويغۇزۇپ بولالمىدى كىلنىڭىز خىزمىتىڭىزنى قىلىپمۇ سىزنى  رازى قىپ بولالمىدى ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزگە يىتىپ ئىشىپ قالدىغان تۇرۇغلۇق ئۇلارغا نىمانچە سىلىق سالسىز ، باشقىلار سىزنىڭ قىلغىنىڭىزنى ئىشىپ كەتتىمۇ دىسە بىر-بىرىمىزنىڭ ئىززىتىنى مۇشۇنداق سورۇنلاردا قىلمىساق نەدە قىلاتتۇق دەيدىكەنسىز ، قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق باشقىلارنى قاخشىتىپ قىلىنغان ئىززەت ھۆرمەتلەر ، قۇدىڭىز سزنىڭ ئىززىتىڭىزنى، ھۆرمىتىڭىزنى قىلىش ئۈچۈنلا يارتىلغانمۇ ، بۇلارنىڭ قىلدىغانغا باشقا ئىشى يوقمۇ ، باشقا باللىرى ئۈچۈن باش قاتۇرماسمۇ ، يۇقارىقى سەۋەپلەر تۈپەيلى جەمىئيتىمىزدە نۇرغۇن بالىلار ئاتا –ئانىسى ھايات تۇرۇپ تىرىك يىتىم بولىۋاتىدۇ ، ئۇلارنىڭ قىيامەتتە گىلىڭىزنىى بوغۇشىدىن قورۇقمامسىز . سىزنىڭ ھەشەمەتچىلىكىڭىز سەۋەپلىك سىز پەيدا قىلغان قائىدە يوسۇننىڭ كۆپلىكىدىن جەمىئيتىمىزدە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلارنىڭ بېشى قىتىپ مەبلەغ راسلاپ بولالماي قىز-ئوغۇللىرىنىڭ توي قىلىش يىشىدىن ئاللاقاچان ئۆتۈپ كېتىپ ئۇلار مېھمان خانىلاردا ھەرخىل بەزمەخانلاردا ھەرقىسىم كىشلەر بىلەن ناشايان ھارام ئىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئاتا-ئانسىنىڭ شەنىگە داغ تەككۇزۇپ ئۆزىگە ھەرخىل كىسەللىكلەرنى يۇقتۇرۋىلىپ ئۇلارنىڭ ياشلىق باھارىنىڭ بىئەجەل توزۇشىغا سەۋەپچى بولىۋاتىسىز ، ئىنساپ قىلىڭ ئاللادىن قورقۇڭ، بۇنىڭ سورقىنى تارتىپ قالماڭ ، يىۋالدىم ،كىيۋالدىم ،ئىززەت بىلەن ياشىۋالدىم دەپ تويماس نەپسىڭىزدىن تىشىپ چىقمىسۇن ، قىزلىرىڭىز، كىلىنلىرىڭىز ئىش ئوخشايدۇ دەپ سىزنى دوراپ سىزگە ئوخشاش دەۋزىخى بولۇپ قالمىسۇن . ئۇلار سىزدىن ئىبرەت ئالسۇن ، سىز ھىلى ھەم كىچىكمەيسىز ،تەۋبە قىلىڭ ، ھەشەمەتچىلىك ،دەغۋازلىق ، مەنمەنچىلىك سورۇنلىرىغا ئارلاشماڭ ، بۇنداق ئىشلاردىن ئۈلپەتداشلىرىڭىزنى توسۇڭ ، ئاددى-ساددا توي ئۆتكۈزۈشنى تەسەببۇس قىلىڭ ، تەشۋىق قىلىڭ،  سىز مۇشۇنداق قىلالىسىڭىز ئاللا سىزنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭىزنى كەچۈرۈپ قالسا ئەجەب ئەمەس . i?*&1i@  
    كىلنىڭىز بىلمىگەننى قىلالمىغاننى ئاستا-ئاستا ئۈگۈتۈڭ قىلالمىدى دەپ ئالدىراپ ئازار بەرمەڭ ، ئۆزىڭىزنىڭ شۇ كىلىندەرەك  كىچىك ۋاقتىڭىزنى ئويلاپ بىقىڭ شۇ چاغلاردا سىز قانداق ئىدىڭىز ، كىلنىڭىز ئاتا-ئانسىنىڭ قىشىدىكى چاغدا ئۇلارغا خۇددى سىزنىڭ قىزلىرىڭىز سىزگە ئەركىلىگەندەك ئەركىلەپ ئۈگەنمىگەن بولسا سىز ئۈگەتسىڭىز بولدىغۇ بۇندىن كېيىن بىر ئۆمۈر ئوغلىڭىزنىڭ ، سىزنىڭ خىزمىتڭىزنى قىلدىغۇ ، ئۇ كىلىنلەر تېخى كىچىك سىزگە ئوخشاش ھەممىنى بىلدىغان بولىشىغا خىلى ۋاقىت كىتىدۇ ، سىزمۇ شۇنچىلىك ۋاقتىڭىزدا ھەممىنى بىلگەن ئەمەس، سىز قانداق تەربىيلىسڭىز شۇنداق يىتىشىپ چىقىپ سىزنى ئوغلىڭىزنى رازى قىلغۇدەك نەمۇنچى كىلىن بولماسمۇ . B%'Np7  
  ھۆرمەتلىك قەنئاچا قەينى سىڭىل سىزمۇ قۇلاق سىلىڭ، سىزمۇ بىر قىز بالا باشقىلارنىڭ ئۆيدە نان يەۋاتىسىز ياكى نان يىيىش ئالدىدا ، ئاتا-ئانىڭىز بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ تاپقان مال دۇنياسىدا سىزنى چىقاردى ئاكىڭىز ياكى ئىنىڭىزنى ئۆيلىدى ، سىز يولدىشىڭىزنىڭ ئۆيدە قانچىلىك خىزمەت قىلىپ ئۇلارنى قايسى دەرجىدە رازى قىلغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ شۇ كىلىن قىلغان خىزمەتنى ياراتماي ئۇلار ئۈستىدىن ئۇزۇن كىيىپتۇ ، قىسقا كىيىپتۇ ، ئانى دېدى ، مانى دېدى ، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارنى ياخشى قىلماپتۇ ، ئۇرۇق تۇققانلىرى ئاندا قىلدى، بىز دېگەن ئوغانلىق تۇرساق بىزگە بۇنداق قىلىش كېرەك ئىدى دەپ ئاتا-ئانىڭىزغا، ئاكا-ئىنىللىرىڭىزگە چاقتىڭىز، زىدىيەت ئۇرغىنى چىچىپ ئۇلارنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى بۇزۇپ جەمىئيتىمىزدە بەخىتسىزلەرنىڭ ئاۋۇشىغا سەۋەپچى بولدىڭىز ، ھۇشىڭىزنى تىپىڭ شۇ كىلىننىڭ   بىشىغا كەلگەن كۈن سىزنىڭ ياكى بالچاقلىرىڭىزنىڭ بىشىغا پات يىقىندا كېلىپ قالمىسۇن، بۇ ئۆتنە جاھان كۆرەڭلەپ ياشىماڭ ئاتا-ئانىڭىز سىلەر ئۇچۇنلا باش قاترۇپ ياشىمىسۇن، خاتىرجەملىك بېرىڭ كىلىن ئۇستىدىن تولا شىكايەت قىلىپ ئۇلارنىڭ بىشىنى قايمۇقتۇرماڭ ، ئۇ كىلىنگە قەنئانىلىق قىلماڭ ،ئاكىڭىز ياكى ئىنىڭىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچرۇش ئۈچۈن شۇ كىلىنگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ ، سىز شۇ ئۆيدە قانداق ۋاقىتتا بولدىكەنسىز ئۆي ئىشلىرىنى بىرلىكتە قىلىڭ ، كىلىن قىلمىغان بولسا تولا بەسلەشمەي سىز قىلىڭ ، شۇ كىلىن كىرمىگەن ۋاقىتتىمۇ ئۆزىڭىز قىلغان ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەرقانداق ئىشىنى ئۆزىڭىز قىلىڭ ، ئۇ كىلىنگە پۇت - قوللىرىڭىزنى ئارتىۋالماڭ ، ئارامچىلىق بېرىڭ ئۇمۇ سىزگە ئوخشاش چارچايدۇ ھارىدۇ ، سىز شۇنى ئېنىق بىلۋىلىڭكى كەلگۈسىدە ئاتا-ئانىڭىزدىن كېيىن قالغاندا بىشىڭىزگە شۇنداق بىر كۇن كەلگەندە سىزگە ياريۆلەك بولدىغان ، ئانىڭىزنىڭ ئورنىدا بىشىڭىزنى سىلايدىغىنى دەل سىز گەپ تىپىۋاتقان ،تۇرمۇشىغا ئارامچىلىق بەرمەيۋاتقان ئاشۇ كىلىن بولىدۇ ، بۇنى ھەرگىز ئىسىڭىزدىن چىقارماڭ ، ھازىردىن تارتىپ شۇ كىلىنگە كۆينىڭ ، قىلالمىغانلىرىنى قىلىشىپ بېرىڭ ،بىلمىسە ئۈگۈتۈڭ ، مۇئامىلىڭىز سىلىق بولسۇن، دۆتكەن دەپ ھاقارەتلىمەڭ ، نۇخسانلىرىنى تۈزتۈشكە ياردەملىشىڭ ، ئىناق سىرداشلاردىن بولۇڭ ، خۇشاللىقى ، قايغۇسى ، كۆڭلىدىكى غەشلىرى بولسا سىز بىلەن سىردىشىپ تۆكەلەيدىغان بولسۇن ، يولدىشى ياكى قەنئانىسىغا دىيەلمەيدىغان ھاجىتى بولسا قولىڭىزدىن كەلسە قىلىپ بېرىڭ ،قىلالمسڭىز چوڭلارغا دەپ قىلدۇرۇپ بىرىڭ كىلىننىڭ كۆڭلى سۇ ئىچسۇن ، سىز بىلەن سىردىشالايدىغان دوست بولۇپ كۆڭلى يايرىسۇن ، شۇ ئائلىگە يولدىشىغا پۇتكۈل ھۇجۇدى بىلەن كۆيۇندىغان بولسۇن . سىز يۇقارىقى ئىيىپلىرىڭىزنى تۇگتۈپ مۇشۇنداق قىلالىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلىمۇ ئازادە بولۇپ قالىدۇ ،ئاللا سىزگە بىردىغان رەھمىتىنى ئايىمايدۇ.                 ~49+$.2  
                                          2013 -8-24   w8> T ~Mv  
                                         قەشقەر         :4)mv4Q  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-09-22, 23:58
marjanbulaq

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4834

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   713 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33271 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3310 (قېتم)
 تۆھپە:   3276  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 17628
 سائەت
دەرىجىسى:
17628 سائەت 62 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-25
ئاخــىرقىسى:2014-04-03
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2013-09-26

    ۋاي بۇ تېمىنىڭ يازغۇچىسى چىش دوختۇرى ئەمەس، يازغۇچى، ئەدىبىياتچى بولسا توغرا بۇلار ئىكەن. [#14atv  
    كىلىن توغرۇلۇق نۇرغۇن مەلۇماتقا ئىگە بولدۇم، رەخمەت.
ئۇخلىغان مىللەت يا ئۇخلار
ياكى قۇل بولۇپ ئويغۇنار
raja
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18264

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   40 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6 (قېتم)
 تۆھپە:   5  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-11-22
ئاخــىرقىسى:2013-11-22
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2013-11-22

     TO   WA   MINIG  BE  XIM  GA   KAL  GAN  IX  LA BU  
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى