باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1449 
  •    ئىنكاس 
       9 

قان ئىچىدىكى پاكلىق

قەۋەت ئاتلاش
muslim0996
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16898

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   21 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   415 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   44 (قېتم)
 تۆھپە:   42  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 184
 سائەت
دەرىجىسى:
184 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-08-02
ئاخــىرقىسى:2013-08-16
— بۇ تېمىنى kizilnur شىنجاڭ خەۋەرلىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2013-08-08) —

ئۇلارمۇ نۇرغۇنلىغان رىۋايەت - چۆچەكلەردىكى شاھزادە بىلەن مەلىكىدەك ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ شېرىن لەززىتىدىن پاك قەلبىگە ئۆچمەس ھەم كۆچمەس مۆھۈرلەرنى باسقانىدى. JO90TP$  
    شۇ كېچە ئىككى ياشنىڭ بىرىنىڭ ھاياتىنى پاك تېنى بىلەن ئاللانىڭ دەرگاھىغا ئۇزىتىپ قويدى، يەنە بىرىنى قانداق قىلغانلىقىنى بىز پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمما ئاللادىن باشقىلىرىمىز بىلىشكە ئاجىزمىز k,f/9e+#  
    تىمتاس كېچە. پەقەت چېكەتكىلەرنىڭ ئاۋازىلا ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، چوڭ  يولدىن يۈز قەدەمچە نېرىسىدىكى ئېتىزلىق. تولۇنئاي بىر جۈپ گىرەلەشكەن بەدەننىڭ شېرىن پىچىرلاشلىرىغا تويماي كۈلۈمسىرىگەچ بارلىق نۇرىنى باشقا كۈنلەردىكىدىنمۇ بەكرەك سېخىيلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى. يۇلتۇزلار بىر - بىرىگە كۆز قىسىشىپ بەزىلىرى بۇ بىر جۈپنى مازاق قىلىشاتتى، بەزىلىرى ھەۋەس بىلەن كۆزىنى چىمچىقلىتىپمۇ قويماي ئۇلارنىڭ ئوتلۇق سۆيۈشۈشلىرىگە، خۇددى شامدەك ئېرىپ بىر - بىرىگە سىڭىپ كېتىۋاتقان ھالىتىگە قاراپ مۇڭلۇق خىيالغا چۈشۈپ كەتكەنىدى. بوش شىۋىرلاۋاتقان سالقىن ياز شامىلى قىزنىڭ قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرىنى يېنىك تەۋرىتىپ قىزنىڭ سۆيگۈ ئاتا قىلغان لەززەتتىن مەستخۇش يۇمۇلغان كۆزلىرىگە يۈزىنى يېقىپ ئۇلارغا بەخت تىلەيتتى. يىگىت قىزنىڭ خۇشبۇي تىنىقلىرىدىن ئۆزىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتقان ئىدى. ئۇنى باغرىغا كىرگۈزىۋالماقچى بولغاندەك بارغانسېرى چىڭ قۇچاقلايتتى. يېنىك - يېنىك تىنىشلەر، تېزلىشىۋاتقان نەپەسلەر ئۇلارنىڭ ئەس - ھوشىنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇپ كەتكەنىدى. jp^Sw|  
    توساتتىن ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ قارىشىپ تۇرغان چاشقانلار قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىشىپ ئەتراپقا تېز - تېز كۆز يۈگۈرتتى. بىر جۈپلەردىن يىگىرمە - ئوتتۇز قەدەم نېرىسىدىكى سوقما تامدا بىر نەچچە قارا كۆلەڭگە پەيدا بولدى. ئايمۇ نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى سەزگەندەك ھازىرلا يۈز بېرىدىغان بىر مەيدان پاجىئەنى كۆرۈشنى خالىماي بۇلۇت كەينىگە مۆكتى. يۇلتۇزلار ئارقا - ئارقىدىن كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىشتى. قارا كۆلەڭگىلەر بىر جۈپلەر بىلەن ئون قەدەمچە ئارىلىق قالغاندا چىپپىدە توختىشىپ باشلىرىنى بىر يەرگە ئەكېلىپ بىر نېمىلەرنى سۇكۇلداشتى. تۈن قاراڭغۇسىدا بىر نەچچە باشنىڭ بىر يەرگە كېلىپ سۇكۇلداشقىنى شامالنىڭمۇ كەيپىنى ئۇچۇردى. شامال بۇ پاجىئەنى توسۇپ قالماقچى بولغاندەك قوناق شاخلىرىغا، ئېتىز قىرلىرىغا ئېغىر ئۇرۇلاتتى. قىزنىڭ چاچلىرىنى كۈچەپ تارتىپ ئۇلارنى بۇ يەردىن كېتىشكە ئۈندەيتتى. لېكىن بىر جۈپلەر تېخىچە مەستخۇش. s{j A!T}  
    قارا كۆلەڭگىلەر سوقما تامنىڭ يېنىدىن چىقتى. بىر نەچچە ياققا بۆلۈنۈپ بىر جۈپنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چوڭ - چوڭ قەدەملەر بىلەن ئوت - چۆپلەرنى دەسسەپ كېلىشتى. يىگىت ئاياغ تىۋىشلىرىدىن ئۆزىگە بىر شۇملۇقنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى سېزىپ كۆزىنى ئاچتى. قىزمۇ دەررۇ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ يىگىتنىڭ كۆكرىكى ئاستىغا يوشۇرۇندى. يىگىت تەمكىن قىياپەتتە ئۇلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋېتىپ قىزنىڭ بىلىكىدىن تۇتۇپ تۇرغۇزدى - دە، ئارقىغا بۇرۇلدى. ik;F@kdm`  
   _ يەنە بىردەم سۆيۈشۈڭلار EbVva{;#$;  
ئەمما ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇلارغا قاراپ تۇرغان قولىدا پىۋا بوتۇلكىسى تۇتۇۋالغان بىر قارا كۆلەڭگىنىڭ خىرقىراق چىققان ئاۋازى ئۇلارنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ قويدى. يىگىت ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمەي ئۇنىڭدىن سورىدى: G#^0Bh&  
    _ سىلەر كىم؟ 3JkdPh  
    _ جېنىڭدا تۇرامسەن، مۇھەببىتىڭدىمۇ؟ Bx#=$ka  
       قارا كۆلەڭگىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يىگىتنىڭ يۈرىكى كۆكرەكلىرىگە ئۇرۇلۇپ - ئۇرۇلۇپ سوقۇشقا باشلىدى. ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى سەزگۈسىنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلىپ قىزغا قاراپ: bovAFdHW  
    _ سەن كېتىپ تۇر. بۇلار مېنىڭ ئاغىنىلىرىمتى، ئازراق دېيىشىدىغان گەپ بار _ دېدى. qMA-#  
      ئەمما ئەقىللىق قىز ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى. QCE7VV1Rw  
    _ سىزنى تاشلاپ كەتمەيمەن، بىللە كېتىمىز _ دېدى قىز يىگىتنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ قەتئىيلىك بىلەن. ws^Ne30R  
       ئاڭغىچە يەنە بىر قارا كۆلەڭگە كېلىپ يىگىتنىڭ قولىدىن تارتىپ: NY.* S6  
     _ يې سولتەك، سەن كىمىڭنى كۆزگە ئىلمايسەن ھە؟ سوئالىمغا جاۋاب بەرمەيسىنا؟ _ دېدى. &>E gKL  
       يىگىت ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ قارا كۆلەڭگىدىن سورىدى: N'R^gL  
    _ جېنىمدا تۇرسام قانداق بولىدۇ، مۇھەببىتىمدە تۇرسامچۇ؟ GZNN2'  
       قارا كۆلەڭگىلەردىن بىرى زورىغا كۈلىۋېتىپ جاۋاب بەردى: v$Hz)J.01  
     _ جېنىڭدا تۇرساڭ ماۋۇ بۇزۇق قالىدۇ، سەن كېتىسەن. . . $T^q>v2u  
       ئۇنىڭغا ئۇلاپ يەنە بىر قارا كۆلەڭگە: nReld:#T  
     _ بۈگۈنكى گۈزەل ئاخشامنى بىز بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، _ دەپ سۆز قىسۇردى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ مەنالىق سۆزىدىن سۆيۈنۈپ باشقا ھەمراھلىرى بىلەن قاقاقلىشىپ سەت كۈلۈشۈپ كەتتى. | |awNSt  
       يىگىتنىڭ مۇشتلىرى تۈگۈلدى، كۆزلىرى چەكچەيدى، چىشلىرى غۇچۇرلاپ كەتتى. / Xb4'Qj  
        قىز قورقۇپ كەتكەنلىكتىن دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان يۈرىكىنى يىگىتنىڭ يۈرىكىگە چىڭ چاپلىدى. شامال ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ باشقا ياقلارغا، گۈزەل يايلاقلارغا، سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان، ئەتراپى گۈل - چېچەكلەر بىلەن تولغان دەريا بويلىرىغا ئەكەتمەكچى بولغاندەك بىر جۈپنىڭ بەدىنىگە بايىقىدىنمۇ بەكرەك ئۇرۇلۇۋاتاتتى. يىگىت چىشىنى چىڭ چىشلەپ قايتا سورىدى: ]rH[+t-  
      _ مۇھەببىتىمدە تۇرسامچۇ؟ _lwKa, }  
      قارا كۆلەڭگە ئىككىلەنمەستىنلا جاۋاب بەردى: *qy \%A  
     _ تاياقنى بولۇشىغا يەيسەن، بەلكىم مەڭگۈلۈك مېيىپ بوپ قېلىشىڭ ياكى ئۆلۈشۈڭ مۇمكىن. لېكىن ماۋۇ بۇزۇق ئوخشاشلا بىزگە ھەمراھ بولىدۇ. _#:7SsJ  
قىز ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھاقارەت ئاڭلىغىنىدىن سەسكىنىپ قاتتىق ئاۋازدا: c]aU}[s1  
     _ ئاغزىڭنى بۇزۇشما بىز سىلەرگە نېمە يامانلىق قىلدۇق؟ بىز يا تونۇشمىساق، يولۇڭلارغا ماڭساڭلار بولمامدۇ؟ بىز مۇھەببەتلەشسەكمۇ بولمامدىكەن؟ سىلەرمۇ ئادەمما؟. . . _ دەپ ۋارقىرىدى. rSJ!vQoCb  
     _ ۋارقىرىما بۇزۇق f(D'qV T{  
     »چاڭ« L,yq=%h|  
     قارا كۆلەڭگە قىزنىڭ يەنە دېمەكچى بولغان گەپلىرىنىڭ نىيىتىدىن ياندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ نۇرغۇن قېتىم بۇلغانغان قولىنى قىزنىڭ يۇمران، پارقىراپ تۇرىدىغان، ھەرۋاقىت كۈلكە كەتمەيدىغان يۈزىگە تەگكۈزدى. تەگكۈزدىيۇ تۇيۇقسىز كەلگەن پەشۋادىن كەينىگە تىك موللاق چۈشتى. يىگىت قىزغا قاراپ كەسكىنلىك بىلەن: XNJZ~Mowb  
    _ سەن قاچ _ دېدى - دە، ئوڭ تەرىپىدىكى قارا كۆلەڭگىگىمۇ بىر پەشۋا ئاتتى. قارا كۆلەڭگىنىڭ قولىدىكى پىۋا بوتۇلكىسى يەرگە چۈشۈپ ئۇمۇ كەينىگە موللاق ئاتتى. قىز «ياق» دەپ بولغۇچە باشقا قارا كۆلەڭگىلەر غەزەپ بىلەن ئورنىدىن تۇرغان قارا كۆلەڭگە بىلەن بىرلىشىپ يىگىتنىڭ قۇندۇز چاچلىرىدىن تۇتۇپ قارا - قويۇق تەپتى. يىگىت كۈچەپ يۇلقۇنۇپ باقتى. مۇشت - پەشۋالار ئارىسىدىن قىزنىڭ «ئۇرماڭلار» دېگىنىچە قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ دۈمبىسىگە شاپىلاقلاپ ئۇرغاچ يىغلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئاجىز كېلىپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈندى. قايتىدىن غەيرەتكە كېلىپ بىر كۈچەپلا يۇلقۇنۇپ چىقتى - دە، بازغاندەك مۇشتلىرى بىلەن قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ ئېڭەك، پېشانە، كۆز، ئاغزىلىرىغا بارلىق كۈچىنى يىغىپ ئۇردى. لېكىن يىقىلىپ كەتكەن قارا كۆلەڭگىلەر ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىپ، كەينىدىكىلىرى بېلىدىن قۇچاقلاپ ئۇنى يەرگە يىقىتتى. يىگىت يەرگە «گۈپپىدە» يىقىلغاندا قىزنىڭ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىشكە ئاز قالدى. يىگىتنىڭ بۇنداق ئاسان بوشىشىپ قالمايدىغانلىقىنى سەزگەن قارا كۆلەڭگىلەر ئۇنىڭدىن يېگەن مۇشت - پەشۋالارنىڭ ئەنىتىنى ئالماقچى بولۇپ تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ يەردىكى تاش، داڭگاللار بىلەن يېنىدىكى توقماقلار بىلەن يىگىتنىڭ يۈز - كۆزلىرىگە، كۆكرەك، بىلەك ھەتتا پاچاقلىرىغا ئۇردى. يىگىت يەنىلا بوشاشمىدى. تىركىشىپ يۈرۈپ بىر قارا كۆلەڭگىنىڭ چېچىدىن سىقىمداپ يەردە ياتقىنىچە ئۇنىڭ چىرايىغا تېپىۋەردى. قىز بىردەم ماۋۇ قارا كۆلەڭگىنىڭ دۈمبىسىگە شاپىلاقلاپ ئۇرسا بىردەم ئاۋۇ قارا كۆلەڭگىنىڭ بويۇنلىرىنى تاتىلايتتى. قىزنىڭ ئەنسىز چىرقىراپ يىغلاۋاتقان ئاۋازى يىگىتنى بەل قويۇۋەتمەسلىككە ئۈندەيتتى. لېكىن قارا كۆلەڭگىلەر قىزنى بىر شاپىلاق بىلەنلا دومىلىتىۋېتىشتى. قىز ئورنىدىن قوپۇپ يەنە ئۇلارنى شاپىلاقلاپ، تىللىدى. بىر قارا كۆلەڭگىنىڭ كۆزىگە قولىنى تىقىۋىدى قارا كۆلەڭگە قاتتىق ۋارقىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ قىزنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ بىر نەچچىنى تېپىپ يەردىكى تاشنى ئېلىپ قىزنىڭ كەينى مېڭىسىگە بىرنى قويدى، قىزنىڭ ئاۋازى بېسىقتى. يىگىت كۆرەلمىگەن بولسىمۇ قىزنىڭ ئاۋازىنىڭ بېسىقىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئالدىدىكى قارا كۆلەڭگىنى تېخىمۇ كۈچەپ تەپتى. غەزەپتىن چىشلىرى تېخىمۇ كىرىشىپ كەتتى. يىگىتنىڭ سىرتمىقىغا كىرىپ قالغان قارا كۆلەڭگە تىلىغا بىر نەچچە قاتتىق تاشتەك نەرسە ئۇرۇلغانلىقىدىن بىر نەچچە تال چىشى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدى - دە، ياندىكى غىلىپىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ يىگىتنىڭ يوتىسىغا ئاچچىقتا بىرنى ئۇردى. يىگىت پىچاقنى سەزمىدى، پەقەت قاتتىق بىر نەرسىنىڭ يوتىسىغان كىرگەنلىكىنى بىلەلىدى. قارا كۆلەڭگە پىچاقنى بىر تولغىۋىدى يىگىت زەئىپ ئاۋازدا «ئا» دەۋەتتى. قارا كۆلەڭگە پىچاقنى «شارتتىدە» سۇغۇرۇۋالدى. يىگىتنىڭ قولى بوشاشتى، پۇتلىرىمۇ تىترەپ كەتتى. قارا كۆلەڭگە تۈز قاراڭغۇسىدا يىگىتنىڭ يوتىسىدىن پىچاقنى تارتىۋالغاندا ئوقتەك ئېتىلىپ چىققان قاننى كۆرمىدىمۇ ياكى چۈشۈپ كەتكەن چىشىنىڭ ئەنىتىگە چىدىمىدىمۇ پىچاقنى كۆتۈرۈپ يىگىتنىڭ يەنە بىر يوتىسىغا ئۇردى. يىگىت ئاغرىق ئازابىدىن ئەمەس ئۆزىنىڭ ئاجىز كېلىپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈنۈپ تولغىنىپ كەتتى. ئاڭغىچە ئوڭ يېنىدىكى قارا كۆلەڭگە كاللىدەك تاشنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يىگىتنىڭ سول مۈرىسىگە كۈچەپ ئۇردى. «قارس» قىلغان ئاۋاز بىلەن يىگىتنىڭ سول يېنىدىكى يەنە بىر قارا كۆلەڭگە تېخىمۇ ئەسەبىيلەشتى. باشقىلاردىن قالماسلىق ئۈچۈن بايا قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن پىۋا بوتۇلكىسىنى قولىغا ئالدى - دە، يىگىتنىڭ بېشىغا كۈچەپ ئۇردى. «پارس» قىلغان ئاۋاز بىلەن بوتۇلكىنىڭ ئاغزى تەرىپىدىن ئالىقانچىلىك يېرى قارا كۆلەڭگىنىڭ قولىدا قالدى، باشقا بوتۇلكا پارچىلىرى يىگىتنىڭ بېشىدىكى قارامتۇل، بۇلدۇقلاپ ئېقىۋاتقان قانلارنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن ئېتىز قىرلىرىغا كىرىپ كېتىشتى. يىگىتنىڭ قايتا ئاۋازى چىقمىدى. شامال بۇ بىر مەيدان ئېلىشىشتىن قاتتىق غەزەپلىنىپ قىزنى بولسىمۇ ئۇچۇرۇپ باشقا يەرلەرگە ئېلىپ كېتىش بار كۈچى بىلەن ئازابلىق ھوۋۇلدايتتى. قارا كۆلەڭگىلەر يەنە بىر مۇنچە ئۇرۇپ - تېپىپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشقاندىن كېيىن بىردەم دېمىنى ئېلىۋېلىشتى. تاش، توقماق، داڭگال، پىچاق، بوتۇلكا بولمىغان بولسا ئۆزلىرىنىڭ يىگىتنى بويسۇندۇرالمايدىغانلىقىغا ئىچىدە ئىقرار بولۇپ بىر - بىرىگە ئەندىكىش ئىچىدە بېقىشتى. چىشى چۈشۈپ كەتكەن قارا كۆلەڭگە ئېرىقتىكى شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇدا يۈز - كۆزلىرىنى يۇيغاچ يىگىتنى توختىماي تىللىدى. باشقىلارمۇ كېلىپ يۈزلىرىنى يۇيغاچ قىزنى قانداق قىلىش توغرىلىق مەسلىھەتلەشتى. l_Lz9k  
     _ ئېتىزلىقنىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىگە كىرىپ قىلايلى _ دېدى بوتۇلكا بىلەن يىگىتنى ئۇرغان قارا كۆلەڭگە ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋېتىپ، _ ئاۋۇ سولتەك تېخى ھايات، سەل تۇرۇپ ھوشىغا كېلىپ قالسا يەنە بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق. [+dCA  
ئۇنىڭ پىكرىگە ھەممەيلەن قوشۇلدى. باياتىن بېرى بوش شىلدىرلاپ قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ قىزغا بولسىمۇ چېقىلماسلىقنى تىلەۋاتقان ئېرىق سۈيى زەردە بىلەن چايقىلىپ كەتتى. شامال تولا كۈچەپ ھالىدىن كەتتى بولغاي ئەمدى تەلپۈنۈشلىرىنى، ئارزۇلىرىنى، مەدھىيەلىرىنى، قايغۇلىرىنى... يېشى بىلەن ئىپادىلىدى... xOj#%;  
يامغۇر ئاسماندىن ھەدەپ كۈچەپ چۈشۈپ يىگىتنىڭ پېشانىلىرىگە، كۆزلىرىگە، يۈزلىرىگە، ئېغىز - بۇرۇنلىرىغا ئۇرۇلۇپ ئۇنىڭ قارامتۇل قانغا بويالغان چىرايىنى يۇيۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرىنى، پېشانىلىرىنى سىيلاپ، كۆزلىرىگە سۆيۈپ ئۇنى ھوشىغا كېلىشكە دەۋەت قىلاتتى. بىر پاك قىزنىڭ ئىپپىتىنىڭ ئاشۇ نىجىس قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ قولىدا ۋەيران بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىپ يىگىتنىڭ قۇلاق تۈۋىلىرىدە سىرغىغاچ نالە قىلاتتى... Yu_*P-Ja6  
     قارا كۆلەڭگىلەر قىزنى يەردىن موككىدە كۆتۈرۈپ ئېلىپ مېڭىشىغا قىز ھوشىغا كېلىپ خۇما كۆزلىرىنى تەستە ئاچتى. بېشىنىڭ پارتىلاپ كېتىدىغاندەك ئاغرىشلىرىدىن ئاران ئېسىگە كېلىپ ئۆزىنىڭ بىرىنىڭ قۇچىقىدا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدى - دە، يەنە يىگىتنىڭ ئىسمىنى ئەنسىز توۋلاپ كۈچەپ تىپىرلىدى. قارا كۆلەڭگىلەر قايتىدىن غەزەپكە كېلىپ قىزنى يەرگە تاشلىدى - دە، ئۆزىمۇ تەڭلا قىزنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى... AYfOETz  
     يىگىت يامغۇرنىڭ نىدالىرىنى گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇدا ھېس قىلدى.            يامغۇر سۈيى ئۇنىڭ بارماقلىرىنى سىلكىپ، سۇغا ئايلىنىپ دۈمبىلىرىگە سوغۇق ئۆتكۈزۈپ ئۇنى كۆتۈرۈشكە، ئورنىدىن دەس تۇرغۇزۇشقا كۈچەيتتى... m 1; Htw  
     يىگىت ئەڭ ئاۋۋال بارماقلىرىنى بوش مىدىرلىتىپ، ئاندىن كۆزىنى غۇۋا ئاچتى. كالپۇكلىرىغا چۈشىۋاتقان يامغۇر تامچىلىرىنىڭ قاتتىق شارقىراشلىرىدىن ئېسىگە كېلىپ بايىقى ئىشلارنى دەقىقە ئىچىدە كاللىسىدا پەيدا قىلدى. قىزنىڭ ئەنسىز چىرقىراشلىرى، كىملەرنىدۇ تىللاشلىرى ئاۋۋال يىراقتىن كېلىۋاتقاندەك بىلىندى. بىراق نەچچە سېكۇنتتىن كېيىنلا غايەت زور كۈچنىڭ تەسىرىدە ئېسىگە كەلدى. قاتتىق تاشتەك قېتىپ ئاغرىۋاتقان بېشىنى ئاۋاز چىقىۋاتقان تەرەپكە بۇراپ قىزنىڭ قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ ئاستىدا توختىماي تىپىرلاۋاتقانلىقىنى، قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ يۈز - كۆزلىرىنى تاتىلاۋاتقانلىقىنى، قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ قاتتىق سەت چىقىرىشىپ كۈلۈشۈپ، قىزنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆردى... M11\Di1  
يىگىتنىڭ كۆز چاناقلىرىدىكى يامغۇر سۈيى ياكى كۆز يېشى ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان تامچىلار ئۇنىڭ ئالدىدا بىر قەۋەت تۇمان پەيدا قىلىپ قويدى. يىگىت كۆزلىرىنى قايتىدىن يوغان ئېچىپ قىزنىڭ قېشىغا بارماقچى بولدى. لېكىن ئىككىلا پۇتىنى باشقۇرالمايدىغانلىقىنى، سول قولىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەستەكلا بوپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ تاش، كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇلۇپ ھۇررەك - ھۇررەك ئىشىپ كەتكەن ئوڭ قولى بىلەن يېنىدا تۇرغان پىۋا بوتۇلكىسىنىڭ سۇنۇقىنى ئالدى - دە، قىز تەرەپكە بىر قولى بىلەن سىلجىدى. چاقماقمۇ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ كۈچەپ چېقىپ ئۇنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىۋاتاتتى، گۈلدۈرماما ئۇنىڭغا بوغۇق ئاۋازدا مەدەت بېرىۋاتاتتى. يىگىت چاقماق ھەربىر چاققاندا قىزنى ھەم قىزنىڭ ئەتراپىدىكى قارا كۆلەڭگىلەرنى ئېنىق كۆردى. قارا كۆلەڭگىلەر قىزنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى يىرتىۋەتتى. oLKliA=q  
يىگىتنىڭ چىشلىرى توختىماي چىكىلدايتتى. سەللا بوشىشىپ كەتسە ئاۋازى چىقىپ كېتەتتى. شۇنداقتىمۇ بارلىق كۈچىنى يىغىپ توختىماي سىلجىدى. قارا كۆلەڭگىلەر سەت كۈلۈشكىنىچە قىزنىڭ يوپكىسىنىمۇ پىچاق بىلەن كېسىپ تاشلىدى. ئەمدى قىز پەقەت ئىچ كىيىمى بىلەنلا تىپىرلايتتى. توختىماي ئاللاغا نىدا قىلاتتى، يىگىتنىڭ ئىسمىنى چاقىراتتى... XYWyxx5`  
     يىگىت بارلىق كۈچىنى يىغىپ سىلجىغىنىچە قىزغا تۆت - بەش قەدەم قالغاندا ئاغرىق ئازابىدىن بوش ئىڭرىۋەتتى. قارا كۆلەڭگىلەرنىڭ ئاڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن گۈلدۈرماما يىگىتنىڭ ئىڭرىغان ئاۋازىنى ئۆزىنىڭ بوم ئاۋازى ئارىسىغا ئېلىۋالدى. يىگىت قان، يامغۇر، ياش ئارىلاش كۆزلىرىنى يېرىم يۇمغىنىچە قىز بىلەن ئۆتكەن شېرىن مىنۇتلارنى ئەسلەپ بوتۇلكا سونۇقىنى تېخىمۇ چىڭ سىقتى... :k1?I'q%  
      قارا كۆلەڭگىلەر قىزنىڭ ئۈستۈنكى ئىچ كىيىمىنى پىچاق بىلەن كېسىۋەتتى. يىگىت چاقماق يورۇقىدا قارا كۆلەڭگىنىڭ بارماقلىرىنى ئۆز سۆيگۈنىنىڭ يۇمران، دىڭگىيىپ تۇرغان كۆكسىگە ئۇزاتقانلىقىنى ئېنىق كۆردى... 7wx=#  
      شۇ چاغدا قىزمۇ بېشىنى ئۇيان - بۇيان ئېلىپ قېچىپ تۇيۇقسىز يىگىتنى كۆرۈپ قالدى. قىز بىلەن يىگىتنىڭ كۆزى ئۇچراشتى. لېكىن ئەزەلدىن بۇنداق ئۇچرىشىپ باقمىغاچ يىگىت قولىدىكى بوتۇلكا سۇنۇقىغا قاراپ قويۇپ كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ پېشانىسىنى يەرگە ئۇردى. قىز يىگىتنىڭ قولىدىكى بوتۇلكا سۇنۇقىنى كۆرۈپ كۆڭلى بىر نەرسىنى سەزدى. ئاندىن قەتئىيلىك بىلەن: u>lt}0  
    _ مەن سىزدىن رازى _ دەپ توۋلىدى. )mm0PJF~q  
     يىگىت قايتىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ كۆزلىرىدىن قەتئىيلىك نۇرىنى چېچىپ بوتۇلكا سۇنۇقىنى ئاخىرقى قېتىم چىڭ سىقىمدى -دە، ئەڭ زور غەيرەتكە كېلىپ غايەت زور كۈچنىڭ تەسىرىدە ئورنىدا تىزلىنىپ تۇردى، ئاغرىقتىن پۇتلىرى قاتتىق تىترەپ كەتتى. باشقا قارا كۆلەڭگىلەر «ماڭا رازىكەن» دېسە «ماڭا رازىلىق بەردى» دېيىشىپ ئەمدى يىگىتكە بۇرۇلۇپ قارىشىغا يىگىت بارلىق كۈچىنى يىغىپ سول پۇتى بىلەن يەرنى بىر تەپتى - دە، ئېتىلىپ بېرىپ بوتۇلكا سۇنۇقىنى قىزنىڭ سول چېكىسىگە ئۇردى. }qECpKa0  
      شۇھامان قىزنىڭ چېكىسىدىن قىپقىزىل ئوقتەك قان ئېتىلىپ چىقىپ يىگىتنىڭ يۈز - كۆزلىرىگە ئۇرۇلدى. قىزنىڭ كۆكسى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ ئاستا - ئاستا پەسلىدى، بېشى يىگىت تەرەپكە قىسيايدى. يىگىت قاتتىق ئاغرىق ئازابىدىن سۇ ئاستىغا شۇڭغۇغاندەك بولۇپ كۆزلىرىنىڭ يۇمۇلۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەتراپنىڭ بارغانسېرى قاراڭغۇلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالىدى. قىزنىڭ كۆزى يۇمۇلمىدى... >JE+j=  
يىگىتنىڭ قولى بوشاشتى. ئۇنىڭ قىزنىڭ قېنى بىلەن بويالغان چىرايىدىن بىلىنەر - بىلىنمەس خاتىرجەملىك، رەھىمسىز دۇنياغا بولغان ئۆكۈنۈش چىقىپ تۇراتتى. يامغۇر سۈيى يەردىكى قانلار بىلەن ئارىلىشىپ كەتتى... vEg%ivj3  
     قارا كۆلەڭگىلەر ھودۇقۇشتى. ئالمان - تالمان كىيىملىرىنى قولىدا كۆتۈرۈشۈپ ئېتىزلىقنىڭ ئىچىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كىرىپ كېتىشتى... rk1,LsZVS  
      يامغۇر تېخىمۇ شارقىراپ ياغماقتا ئىدى. يامغۇرنىڭ بۇنچە كۈچەپ يېغىشىنىڭ قىزنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالغان يىگىتنى تەبرىكلەۋاتقانلىقىنى ياكى بۇ بىر جۈپنىڭ پاك، سەمىمىي مۇھەببىتىنىڭ ئەزىمەس <كۆلەڭگىلەرتەرىپىدىن نابۇت بولغانلىقىغا ئېچىنىپ، ئۇلارنىڭ تراگېدىيىسىگە قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى... bfz7t!A)A  

تېما تەستىقلىغۇچى : kizilnur
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-08-08, 14:35
 
Anonymous Hacker
hapsini
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11950

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   16 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   720 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   74 (قېتم)
 تۆھپە:   74  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 435
 سائەت
دەرىجىسى:
435 سائەت 5 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-09-27
ئاخــىرقىسى:2013-09-10
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 08-08

  خۇدايىم بۇ لارنىڭ كۆرگەن كۈنىنى    باشقا ئاشىق مەشۇقلارغا كۆرسەتمىسۇن
گۇناھم كۆپتۇر  كەچۇر ئاللا
sansiz01
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4489

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   89 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1015 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   102 (قېتم)
 تۆھپە:   102  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 18
 سائەت
دەرىجىسى:
18 سائەت 2 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-06
ئاخــىرقىسى:2013-08-08
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-08

ياخشى تېمىكەن
يوق
ansardin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15639

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   135 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4585 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   495 (قېتم)
 تۆھپە:   493  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 39
 سائەت
دەرىجىسى:
39 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-05-18
ئاخــىرقىسى:2013-08-25
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-09

ھەي، ئشقى ھەۋەس، پەيلى شە يتاننىڭ يامانلىقدىن ساقلىغايسەن،
temtas290
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16967

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   95 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   17 (قېتم)
 تۆھپە:   16  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 137
 سائەت
دەرىجىسى:
137 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-08-07
ئاخــىرقىسى:2013-08-13
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-09

ياخشى يىزپسىز   قولىڭىزغا  دەرت كەمىسۇن
aski000
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17054

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   35 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5 (قېتم)
 تۆھپە:   4  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-08-09
ئاخــىرقىسى:2013-08-09
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-09

بۇ تىمىدىكى يىگىتنىڭ ھەقىقەتەن غورورى باكەن قول قويدۇم
dunyamin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10785

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   269 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16947 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1700 (قېتم)
 تۆھپە:   1699  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4304
 سائەت
دەرىجىسى:
4304 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-10
ئاخــىرقىسى:2013-09-08
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-10

ياخشى يىزپسىز   قولىڭىزغا  دەرت كەمىسۇن.بۇ تىمىدىكى يىگىتنىڭ ھەقىقەتەن غورورى باكەن قول قويدۇم . MQ8J<A Pf-  

nurJahan
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16831

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   90 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   12 (قېتم)
 تۆھپە:   11  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 655
 سائەت
دەرىجىسى:
655 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-07-30
ئاخــىرقىسى:2013-08-20
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-11

جېنى ئۈچۈن ئەمەس، بىرەر پەشۋادىن قورقۇپ قىزدوستىنى نامەرتلەرگە تاشلاپ بىرىپ تىكىۋېتىدىغان بىرقىسىم يىگىتلەر ئۈچۈن ، ھەممە ئۈچۈن بۇئەركەكنىڭ غۇرۇرى  ھەرۋاقىت ياخشى ئۈلگە بولسۇن..........ياخشى تىمىكەن........شۇنداق ياخشى يېزىپسىز!
eqiniman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12500

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9793 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   950 (قېتم)
 تۆھپە:   950  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1161
 سائەت
دەرىجىسى:
1161 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-10
ئاخــىرقىسى:2013-09-08
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-11

مۇنداق يىگىتلەرمۇ باكەن ھە
atwa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15601

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   45 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1604 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   169 (قېتم)
 تۆھپە:   168  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 494
 سائەت
دەرىجىسى:
494 سائەت 46 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-05-15
ئاخــىرقىسى:2013-09-04
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-03

ئېھ     ئۇلۇق  ئاللا   بۇ بېر جۇپ   ئاشىق مەشۇقلانڭ بېشغا كەلگەن كۇن  باشقا   ئاشىق مەشۇقلانڭ بېشغا  كەلمېگەي  .    ئاللا  رەخمەت قېلسۇن .    ئامىن .           بەك ياخشي  تىمېكەن   رەخمەت سزگە . {B 34^H:  

تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى