باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       295 
  •    ئىنكاس 
       1 

مىنىڭ دەلدۈش ئانام

قەۋەت ئاتلاش
haliqa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15144

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   62 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2195 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   229 (قېتم)
 تۆھپە:   228  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1182
 سائەت
دەرىجىسى:
1182 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-04-23
ئاخــىرقىسى:2013-08-08

                                            مېنىڭ دەلدۈش ئانام &AbNWtCV+G  
                                                         $6iX   
ئاخشامقى كىنونىڭ فانتازىيلىك جەريانلىرىدىكى قىزىقارلىق كۆرنۈشلىرىدىن تېلىۋىزورنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتىپ قاچان ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.كېچىدىكى ئەنسىز جىرىڭلىغان تېلىفون قوڭغىرىقى مېنى خېلى ئۇزاققىچە ئويغۇتالماپتۇ.بىر ۋاقىتتا قۇلاق تۇۋىمدىكى بۇ مەخلۇقنىڭ زۇۋانىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن،بېسىۋەتمەكچى بولۇپ قولۇمنى سوزۇشۇمغا تېلفون يەرگە چۈشۈپ كەتتى.ئۇيقۇچىلىقتا كارۋىتىمنىڭ تېگىنى سىلاپ يۈرۈپ تېلفوننى تاپتىم.تېلفون ئىكرانىدا كۆرنىۋاتقىنى تېلفوننىڭ ئويغىتىش قوڭغىرىقى بولماستىن،جەنۇپتىكى تۇققانلارنىڭ نومۇرى ئىدى. يېرىم كىچىدە قايتا-قايتا ئۈرۈلغان تېلفون مېنى خىلى سەگىتىۋەتتى-دە،چۈچۈپ تېلفوننى ئېلىشىمغا قارشى تەرەپتىن بىر مۇنچە ئاياللارنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. ;P%1j|7  
-ۋەي كىمۇ؟ۋەي.. گەرچە ئۇرۇلغان تېلفوننىڭ نەۋرە ئاكامنىڭ ئىكەنلكىنى بىلسەممۇ،بىر شۇملۇقنى سەزگەن يۈرۈكۈم قالايمىقان سېلىپ،كىمۇ؟كىمۇ؟ دىگەن سۆزنىلا تەكرارلىيالىدىم.بىردەمدىن كىيىن نەۋرە ئاكامنىڭ يىغا ئارىلاش<ئانام بىزنى تاشلاپ كىتىپ قالدى ئۇكام>دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،سەكرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. XBu"-(  
-نېمە؟تېلفون تۇتقان قوللىرىم بوشوشۇپ،بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بوپ قالدىم. nwRc%C``UK  
ئانا!جىنىم ئانا!مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك،ئەڭ گۈزەل ئانام. مېنى تاشلاپ مۇشۇنداقلا كېتىپ قالدىڭىزمۇ جېنىم ئانا!خېلى بىر ھازاغىچە يىغلاپ ئۆزۈمنى پەقەت تۇتىۋالالماي قالدىم.كۆرۈشمىگىلى ئۈچ يىل بولغان ئاشۇ رەھمەتلىك مېھرىبان ئانامنىڭ بىرەر قېتىم بولسىمۇ قوللىرىغا سۆيۈپ،قورۇق باسقان يۈزلىرىنى كۆزۈمگە سۈرتىۋالالمىغانلىقىم ئۈچۈن مىڭلارچە پۇشايمان.بىر نەچچە يىلدىن بېرى يىغىلىپ قالغان ياشلىرىم بولسا كېرەك،ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس.ھىقىقداپ يىغلىغان پېتى ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇمدە،تاھارەت ئېلىپ ۋاقىتسىز كېتىپ قالغان ئاشۇ سۆيۈملۈك ئانامنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇشقا باشلىدىم.قۇرئاننى ئوقۇغانسېرى يىغا بېسىپ پات-پات ياش پەردىلىرى كۆزۈمنى خىرەلەشتۈرەتتى.مېھرىبان ئانامنى بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلمىغىدەك بېقىۋالالمىغانلىقىم،بىزنى ۋاقىتسىز تاشلاپ كېتىپ قالغانلىقىدىن بەكرەك ئۆكۈنۈشكە سالاتتى. UIN<2F_  
بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىمىز يۇقىرقى قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ،ئۈچ يىلغىچە دىدارىنى كۆرۈشكە پۇرسەت چىقىرالمىغان بۇ ۋاپاسىزنىڭ ئۆلگەندە <سۈرە ياسىن >ئوقۇغاننىڭ نېمە پايدىسى دەپ ئويلاۋاتقاندۇ.شۇنداق،مەن ھەقىقەتەن ۋاپاسىز ،ھەقىقەتەن تاش يۈرەك،جېنىم ئانا ۋاپاسىز ئوغلىڭىزدىن رازى بولغايسىز. MH9q ;?.J  
بۇ يەردە ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ۋاقىپ قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى،يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر <ئانا>مېنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئۆز ئانام بولماستىن،دادامنىڭ بىر تۇققان سىڭلىسى گۈلنىساخان ئانام ئىدى(ئەلۋەتتە تۇغۇشتىن باشقا ھەممە ئىشتا بۇ ئانىنىڭ ھەسسىسى ساناقسىز).ئىكران يۈزىدە ئاشۇ ئانىنىڭ بىر ئۆمۈر تارتقان جەۋرى-جاپالىرىنى دوستلار بىلەن ئەڭ قىسقا شەكىلدە ئورتاقلىشىشىمىز ئۈچۈن گەپنى يەنىلا بالىلىقتىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ. 3>`mI8 $t  
W^LY'ypT  
مەن ئېسىمنى بىلسەممۇ چاچلىرى چۇۋۇق،گۈللىرى ئۆچكەنلىكتىن ئەسلى رەڭگىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان كونا ياغلىقىنى ئالدىدىن چىگىۋىلىپ،گەپ سورىمىسا بىر كۈن-بىر كۈن زۇۋان سۈرمەيدىغان ئاشۇ دەلدۈش ئانامنى ئائىلىمزنىڭ بىر ئارتۇق ئەزاسى سۈپىتىدە كۆرەتتىم.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئادەم بار يەردە ئۇنى چاقىرىشتىن خېجىللىق ھىس قىلاتتىم.لىكىن بۇ ئاناممۇ قېرىشقاندەك،مەكتەپكە سومكامنى ئېسىپ ماڭغىنىمدا ئەگىشىپ كەينىمدىن چىقسا،دەرىستىن چۈشكىنىمدە بولسا قىلغىلى باشقا ئىشى يوقتەك يىراقتىن كىلىشىمنى ساقلاپ تۇراتتى.بۇ قىلىقىدىن تولا زېرىكىپ كىيىنكى كۈنلەردە ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە قايتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماس بوپ قالدىم.شۇنداقتىمۇ دوستلۇرۇمنىڭ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشلىرى،ساراڭ خوتۇننىڭ بالىسى دەپ توختىماي تېرىكتۈرىشى،مېنى ئانامغا ،ئانامنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ قىلىۋەتكەنىدى.بولۇپمۇدەرىسكە كېچىكىپ قالىمەن دەپ چالا-بۇلا ناشتا قىلىپ سومكامنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكەن كۈنلىرىمدە،بىرەر سائەت بولا-بولمايلا كەينىمدىن تاماق كۆتۈرۈپ كېلىپ،ھىڭگاڭ چىشلىرىنى سەت چىقىرغىنىچە ماڭا قاراپ ھىجىيىپ تۇرىشى مېنى سىنىپتا بارمۇ-يوق قىلىۋېتەتتى. مۇئەللىمنىڭمۇ بىرنى ئالىيىپ قويۇپ:-<ئەلى ناشتىلىقىڭىز>دەپ قويىشى بىلەن بالىلارنىڭ پاراققىدە كۈلۈشلىرى قوشۇلۇپ،سىنىپنىڭ ئىچىدىن چوغ ئۈستىگە دەسسىەەندەك شۇنداق تەستە چىقىپ كىتەتتىم.نەچچە قېتىم سىنىپتىن چىقىپلا تىللىغانلىرىم،يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا بۇندىن كىيىن تاماق ئەكەلمەڭلار دېگەنلىرىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. چۈنكى ھېچكىمنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بۇ ئانامدەك بېغەرەز،جاھىل ئەمەس ئىدى.مەكتەپكە تاماق توشۇيدىغان ئىش پەقەت بىزنىڭ ئۆيدىلا تەكرارلىنىدىغان ئىش بولغاچقا،مەكتەپتە ھەممىگە تونۇشلۇق ئىدىم.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مېنى بالىلارنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قويىدىغان قىلىقلىرى بۇ ئانامغا بارغانسېرى ئۆچ قىلىۋەتكەچكە،ئۇنى ئالدىدىمۇ ساراڭ،دەلدۈش،توكۇر خوتۇن دەپ تىللايتتىم. تىللاش بىلەنمۇ تۈگىمىگەن ئەنتىمنى نەرسىلىرىنى ئېلىپ قېچىش،ھەتتاكى يەۋاتقان تامىقىغا بىر نەرسىلەرنى تاشلاش قاتارلىق ئۆزۈم ئىجاد قىلغان ئۇسۇللار بىلەن چىقىرىۋالاتتىم. [H^z-6x:0  
بىر كۈنى كونا كىيىملىرىنى ياماش ئۈچۈن يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزىۋاتقىنىدا يىپنىڭ بىر ئۇچىدىن تارتىپلا بەدەر قاچتىم. gS]@I0y8.  
-ئەكەل،ھەي يىپنى ئەكەل دەپلا كەينىمدىن قوغلاشقا باشلىدى. گۈلنىساخان ئانام ئاقساپ ماڭغاچقا قانچىكى تىز ھەرىكەت قىلسا شۇنچە دوڭغاقلاپ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشىمگە پۇرسەت تۇغىلاتتى.لىكىن بۇ قېتىم ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولمىدى.يىپنى ئېلىپ بىر نەچچە قەدەم يۈگۈرۈپلا،ئىشىكنىڭ بۇسۇغىسىغا پۇتلىشىپ شۇنداق قاتتق چۈشتۈم.يىقىلغان يېرىمدىن قوپماستىن ئاغىزىمنىڭ كاماردەك قالغىنىنى كۆرگەن گۈلنىساخان ئانام يۆلىگىلى قېشىمغا كىلىشىگە،يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلاپ سىرتقا چىققان ئانام مېنى گۈلنىساخان ئانام يىقىتىۋەتتى دەپ ئويلىدى بولغاي،نېمە بولغىنىنى سۈرۈشتۈرمەستىنلا:<ۋاي گۈلنىساخان يەنە  نېمە بولدى؟كىچىككىنە  بالىغا ئۆزلىرىنى تەڭ قىلمىسىلا نېمە بولىدۇ؟ >دەپ چالۋاقاشقا باشلىدى.ئانامنىڭ بۇ ئاۋازى يىغامغا تەڭكەش كېلىپ:<ئانا بۇ مېنى يىقىتىۋەتتى>دەپ دەرھال بارلىق گۇناھنى گۈلنىساخان ئانامغا ئارتىپ قويدۇم. 9YQb &  
-قوپە بالام،بۇخوتۇننىڭ جىنلىرى يەنە كەلگەن ئوخشايدۇ.ئانامنىڭ بىر ھازا بەزلەشلىرى بىلەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.ئۇ كۈننى تېزىمنىڭ ئاغرىقىغا گۈلنىساخان ئانامنى نەچچە مىڭنى قارغاش بىلەن كەچ قىلدىم. ئاخىشىمى دادمنىڭ ئىشتىن قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ توختاپ قالغان يىغام ئۆي ئىچىنى يەنە بىر ئالدى. j<jN05p  
-نېمە بولدى ئوغلۇم سېنى كىم بوزەك قىلدى؟مەكتەپتە بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشتۇڭمۇ يە؟ئادەتتەگۈلنىساخان ئانامنى تېرىكتۈرۈپ،تىللايدىغان ۋاقىتلىرىم دادامدىن خالى،چوڭلار يوق چاغدىكى مەخپى دىئالوگلار ئىدى.چۈنكى دادام ئۆز سىڭلىسى بولغان بۇ ھاممامغا نېرۋىسى ئاجىز بولغاچقىمىكىن بەكلا كۆڭۈل بۆلەتتى.دائىم گەپ-سۆزلىرىنى ئېغىر ئالماسلىقنى،كاجلىقى تۇتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسىنى بۇزىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئاچچىقلىماسلىقنى ئانامغا بەك تەكىتلەيتتى.شۇڭلاشقا باشقا يەرلەردە تىللىساممۇ ئاتا-ئانام بار يەرلەردە تىللاشقا جۇرئەت قىلالمايتتىم.لىكىن بۇ قېتىم ئانامنىڭ مەن تەرەپتە تۇرۇپ گۈلنىساخان ئانامغا ۋارقىرىغانلىقتىن قوللاش كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە دادمغا:- ماۋۇ توكۇر مېنى ئۇرۇپ ئىتتىرىۋەتتى -دەپ ساپتىمەن. (U_ujPD ?  
-نېمە دىدىڭ؟دادامنىڭ شۇئان تۈرۈلگەن قوشۇمىسى،كۆز-چاناقلىرى ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكۈدەك بولغان كۆزلىرى مېنى ئەيمىندۈرۈپ ئەتىگەنكى يىغامنىڭ ئاخىرىنى چىپپىدە توختاتتى. YPK(be_|I  
-يەنە بىر دېگىنە مەن ئاڭلاپ باقاي؟ھۇ ئەدەپسىز ،ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاناڭنىڭ ئورنىدا. ;jvBF4Lb>  
-ئۇ دەلدۈش مېنىڭ ئانام ئەمەس.دادامغا كىيىنكى سۆزلىرىم بەك ئېغىر كەلدىدى بولغاي قولىنى شىلتىپ ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇپلا كاچىتىمغا بىرنى سالدى. lC("y'::  
-بولدى دادىسى،سىڭىللىرىنى دەپ ئوغلىمىزنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەيلى يەنە..شۇنداق دېگەچ ئانام دادامنى توسۇۋلدى. \lf;P?M^  
-ئەستەغپىرۇللا،ئۇرسام قولۇم بوش تەگمەيدۇ ساڭا ،خەپ سېنى. _j/<{vSy  
دادامنىڭ تىتىرەپ تۇرغان ساقاللىرىنى قاماللاپ تۇرۇپ دېگەن سۆزلىرى بىلەن بۈگۈنكى جىدەل شۇنداق قىلىپ بېسىقتى. i6tf2oqO7  
دادامنىڭ ئادەتتە خاپا بولۇپ قالغان چاغلىرىدا بىر-ئىككى كۈن گەپ قىلماسلىق بىزنى جازالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئىدى.بۇ نۆۋەتمۇ دادام ماڭا باتناپ ئىككى كۈنگىچە چىرايىمغىمۇ قارىمىدى.ئاخىرى ئانامنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن دادامدىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن ئالدىغا بېرىپ يۈكۈندۈم ۋە:-دادا مېنى كەچۈرۈڭ ،سىزنى ئەمدى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن.گۈلنىساخان ئانامغىمۇ ھەرگىز تىللىمايمەن-دەپ يىلىنىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدىم.دادم ماڭا ئاستا قارىدى-دە،ھامماڭغا قىلىنغان ھەر بىر ھاقارەت ماڭا بېرىلگەن ئازار،ئۇ سېنىڭ ئاناڭلا ئەمەس،پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ بەختى.سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاشۇنداق پۇتى مېيىپ،ئاجىز ئەمما دۇنيادىكى تەندۇرۇس ئانىلارغا ئۈلگە بولالىغۇدەك بىر ئاناڭنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىشىڭ كېرەك.بوپتۇ كەچۈرىۋىتەي،بۇندىن كىيىن بۇنداق ئىشلار تەكرارلانمىسۇن.دادام شۇنداق دېدى-دە،<دائىم ياخشى ئوقۇ،تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئەستايىدىل ئىشلە> دېيىش بىلەنلا چەكلىنىپ ئەزەلدىن سۆزلەپ بەرمەيدىغان ئائىلە شەجەرىمىزنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەشكە باشلىدى. so)[59M7  
گۈلنىساخان ئاناڭ ئەسلى باشقا نورمال بالىلارغا ئوخشاش ئەقىللىق ھەم چىرايلىق ئىدى. تاغاڭ(دادامنىڭ ئېنىسى)بىلەن ئىككىمىز كىچىك سىڭلىمىزغا بەكلا ئامراقتۇق.تالىشىپ تۇرۇپ بېقىپ قۇچىقىمىزدىن پەقەت چۈشمەيتتى.شۇنداق قىلىپ ھامماڭ 16 ئايلىق بولغان ۋاقىتتا،دادام گومېنداڭنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قازا قىلدى.ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ يىتىملىك ھاياتىمىز باشلىنىپ،كۈنلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە تەسلىشىشكە باشلىدى.ئۇ دەۋىرلەردە غۇربەتچىلىك،يىغا-زارە ھەممە ئائىلىلەردە ئومۇملىشىپ قالغان ئەھۋال ئىدى.شۇ كۈننى كەچ قىلالىساق،ئەتىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ دېگەندەك دادامنىڭ بىزنى تاشلاپ كەتكىنىگە ئىككى يىلدىن ئاشقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،<ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك> دېگەندەك تۆت ياشقا كىرەي دەپ قالغان ھامماڭ بالىلار بىلەن بىلەن ئويناۋىتىپ،ئېھتىياتسىزلىقتىن يىڭى ئوتى ئۆچۈرۈلگەن ھاك خۇمدىنىغا چۈشۈپ كېتىپ،تاغاڭنىڭ ئانامنى چاقىرىپ ئەكەلگىچە بولغان ئارىلىقتا قىززىق خۇمدان ئىچىدە قىلىپ،پۇتلىرى كۆيۈپ ئېسىنى بىلگەندىن باشلاپ دادىسىز يېتىم،بىر ئۆمۇر مىيىپلىقى بىلەن مانا بۇگۈنگىچە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. EZy)A$|  
دادام كۆز-چاناقلىرىدىكى ياشنى سۈرتىۋېتىپ،خۇددى ئاشۇ چاغدىكى چوڭ ئانامنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك،نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.ئانا دېگەن شۇنچىلىك ئۇلۇغكەنكى،قىززىق ئوت ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ھۇشىدىن كەتكەن يۈرەك-پارىسىنىڭ نېمجان ھالىتىنى كۆرۈپ ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى خۇمدانغا ئۆزىنى تاشلاپ،ھامماڭنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. T/Gz94c  
-دادا ئۇ چاغدا سىز نەدىتىڭىز؟ئويلانمايلا سورىغان سۇئالىم دادامنى سەل ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى بولغاي،بېشىنى پەس قىلىپ تۇرۇپ: &Gn 2tr  
-داداڭ شۇ نەق مەيداندا چوڭ ئاناڭنىڭ پىداكارلىقىغا شاھىد بولۇپ،گەرچە ئوغۇل بالا بولسىمۇ ئاشۇ ئامراق سىڭلىسىنى قۇتقۇزۇشقا ئاجىز كېلىپ قاراپ تۇرغان ئوغلۇم.داداڭنىڭ شۇ قېتىمقى توخۇ يۈرەكلىكى ئۇنى بىر ئۆمۇر پۇشايمان ئوچىقىدا كۆيدۈردى. چۈنكى ھامماڭنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتا،ئانام رەھمىتىنىڭمۇ پۇتۇنىڭ بارماقلىرى كۆيۈپ بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كەتكەنىدى.ئۇ دەۋىرلەردىكى دورا-ئوكۇللارنىڭ كەمچىللىكى سەۋەپلىك،ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى داۋالاشلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگىچە بۇ ئىككەيلەننىڭ قانچىلىك قىينالغانلىقلىرىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. بۇرۇندىنلا كېسەلچان ئانام مۇشۇ ياتقىنىچە باشقا كېسەللىرى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ،شۇ ۋەقەدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ،بىر كۈنى سەھەر بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋېدالاشتى.شۇندىن كىيىن بىز ئۈچ بالىغا بوۋام ئىگدارچىلىق قىلدى.ئەمەلىيەتتە بوۋام دادام تۈگەپ كەتكەندىن باشلاپ بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى. ھامماڭ شۇ ياتىنىچە بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا يېتىپ ئاخىر ماڭغىدەك بولدى.بۇ جەرياندا بېچارە بوۋامنىڭ بىز ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىنى پەقەت بىر ئاللاھلا بېلىدۇ.بوۋام بولسا مەرىپەتپەرۋەر،يۇرت ئىچىدە ئابرۇيلۇق كىشى بولۇپ،ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بەك ھۆرمىتىنى قىلاتتى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قانچىلىك جاپا تارتىشىدىن قەتئىنەزەر بىلىمسىز قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ھەممىمىزنى ساۋاتلىق قىلغانىدى.بولۇپمۇ مېنى يۇرتىمىزدىن14 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتتى. شۇ دەۋىرلەردە بۇنداق يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە كىشىلەر يېزىمىزدا ساناقلىقلا ئىدى.مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇيدىغان بولغاچقا،ئادەتتە ئۆيگە10-15كۈنلەردە بىر قېتىم باراتتىم. ئۆيگە قايتقانلىرىمدا بولسا كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولغان يىراقتىكى تۇققانلىرى بىلەن دىدارلاشقاندەك بىر ئائىلە كىشىلىرى چەكسىز بەخىتكە چۈمەتتۇق.دەم ئېلىشىم ئاخىرلىشىپ مەكتېۋىمگە قايتقىنىمدا بولسا،جەمەتىمىزدىكى ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۇزىتىش ئۆمىكى زاغرا نان،سوقماق،مېغىزلاردىن تەييارلىنىپ  ئۆزلىرى ئاچ بولسىمۇ يېيىشكە كۆزى قىيماي ساقلاپ قويغان ئەڭ چوڭ سوۋغىلىرىنى ماڭا يوللوق تۇتۇشۇپ،مەھەللىدىن قارام يوقالغىچە قول پۇلاڭلىتىپ خوشلىشىپ قالاتتى.يەنە شۇنداقتىمۇ بەللىرى قىسماقتەك ئېگىلىپ قالغان بوۋام ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ھەر ھەپتىدە مەكتىۋىمگە بېرىپ،تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەتتى.ھەر قېتىم ئوقۇش ئەھۋالىمنى سۈرۈشتۈرۈپ،ئالغان ياخشى نەتىجىلىرىمنى كۆرگىنىدە چىرايىدا ئالەمچە خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ بېشىمنى يىنىش-يىنىشلاپ سىلاپ كېتەتتى. m!4ndO;0vh  
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بوۋامنىڭ تەن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ،ئۆينىڭ ئېغىر ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن تاغاڭ مەكتەپتىن توختاپ قالدى ھەمدە  مەكتەپكە بوۋامنىڭ ئورنىدا يوقلاپ بېرىپ،ئۆزىنىڭ ھەر قانچە ئېغىر جاپالارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى،خاتىرجەم ھالدا ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرىشىمنى ئېيتىپ خوشلىشاتتى.ئېنىمنىڭ چوڭلارغا ئوخشاش بەرگەن بۇ تەسەللىلىرى مېنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇشقا ئۈندەپ،ئىزچىل سىنىپتىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇدۇم. WJndoB.f[2  
بىر قېتىم خورجۇننى مۆرىسىگە ئارتىپ يوقلىغىلى ھامماڭ ئۆزى كەپتۇ.مەن بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ نېمىش بولغانلىقىنى سورىسام: {3p4:*}  
-ئاكا مەن پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتتىم،يەنە تېخى مەكتەپكە يوقلاپ بېرىش نۆۋىتىنى تالىشىپ،ئاكام بىلەن سوقۇشۇپمۇ كەتتۇق.ئاكامنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلىرىمۇ كۆپ،شۇڭلاشقا بۇندىن كىيىن لازىمەتلىكلەرنى سىزگە مەن ئەكىلىپ بېرەي بولامدۇ؟ #*uL)2nR  
-ياق سىڭلىم ھازىر سىز باشقا ئىشلارنى قويۇپ مەكتەپتە ئوقىشىڭىز كېرەك،يەنە كېلىپ سىزنىڭ پۇتىڭىز ...دىيىشىمگىلا ۋار قويۇپ يىغلاپ: *_{j=sd  
-ئاكا سىزمۇ مېنى توكۇر دېمەكچىمۇ؟مەكتەپتىمۇ مېنى بالىلار ئاتا-ئانىسى يوق يېتىمەك،توكۇر دەپ تىللايدۇ.سىزمۇ مېنى مىيىپ دەپ كۆزگە ئىلمايۋاتامسىز يە؟گەرچە ئاقساپ ماڭغىنىم بىلەن،خېلى يىراقلارغىمۇ قىينالماي ماڭالايمەن. ناۋادا ساۋاقداشلىرىڭىزدىن نۇمۇس قىلىپ قالسىڭىز،مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىنلا قايتىپ كېتەي.تەلىپىمگە قوشۇلۇڭ بۇندىن كىيىن سىزنى مەنلا يوقلاپ كىلەي.سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن مەكتەپتىن توختاپ قالساممۇ، قانچىلىك قىينالساممۇ مەيلى ...  &)Tdc  
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ كۆيۈك دەستىدىن بارماقلىرى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ،خۇددى بىر پارچەگۆشنى يەملەپ قويغاندەك كۆرىنىدىغان ئاشۇ بىر جۈپ پۇت مەن ئۈچۈن،ئاكاڭ ئۈچۈن،كىچىك ئاكاڭ ئۈچۈن ھەتتاكى ساڭا قەدەر مەكتەپكە ئاش-نان توشىدى ئوغلۇم.بەلكىم سەن مەكتەپتە ساڭا ئېلىپ بېرىلغان شۇ تاماقتىن زارلانغانسەن.ئەمما ھېلىقى توكۇر پۇت بىرەر قېتىممۇ،يېرىم قېتىممۇ زارلانغىنى،قاقشىغىنى يوق بالام.شۇنىسى ئېسىڭدە بولسۇنكى،پۈتۈن بىر ئۆمرىنى ئاتا-ئانا،ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ماڭغان ئاشۇ مىيىپ پۇت،يەتتە ئەزايى ساق تۇرۇپ بۇزۇق-ناشايان يوللارغا ماڭغان بېجرىم پۇتلاردىن نەچچە مىڭ ھەسسە سۆيۈملۈكتۇر. WZejp}x  
دادام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە،بىردىنلا ئاۋازى ئۆزگۈرۈپ يىغىسىنى تۇتىۋالالماي قالدى.بوۋام-دەپ سۆزىنى باشلىدى دادام يۈزلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ياشلىرىنى سۈرتكەچ-بىركۈن ساقايسا،ئىككى كۈن ئاغرىپ دېگەندەك،كىيىنكى كۈنلەردە كېسەلدىن پەقەت نېرى بولالمىدى.مەن قانچە قېتىم ئوقۇشتىن توختاپ ئائىلىدىكى ئىشلارنى ئۈستۈمگە ئېلىپ،بوۋامنى داۋلاتقاچ،ئۇكىلىرىمنى ئوقۇتۇشنى تەلەپ قىلغان بولساممۇ ھەممەيلەننىڭ بىردەك قارشىلىقىغا ئۇچرىدىم.چۈنكى بوۋامنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان كېسىلى،ئۇكىلىرىمنىڭ تارتىۋاتقان جاپالىرى مېنى يۇقىردىكى خىياللارغا كېلىشكە مەجبۇرلىغانىدى. Ae^~Cz1qz  
ئوقۇشۇم تۈگىگىلى ئىككى ئاي قالغان چاغ ئىدى.بىر كۈنى تۇيۇقسىز سىنىپنىڭ ئىشىكى چىكىلدى.سىنىپ مەسئولىمىز سىرتقا چىقىپ كېتىپ بىر ئازدىن كىيىن ئىسمىمنى چاقىردى.سىرتتا بېلىگە ئاق بەلۋاغ چىگىۋالغان تام قوشنىمىز زەيدىنكام تۇراتتى.كۆڭلۈم بىر شۇملىقنى سېزىپ: H8^(GUhyp  
-زەيدىنكا،نېمىش بولدى ؟بىرەر ئىش بولدىما؟-دەپ ئالدىراپ سورۈدۈم.زەيدىنكام دەيدىغان گېپىنى تاپالماي تىلى كالامپايلىشىپ: +I:Unp  
- ئا،ئابلاكام كېسىلى ئېغىرلىشىپ بۈگۈن ئەتىگەندە نەپەستىن قالدى. PbgP\JeX  
شۇئان كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ،زېمىن چۆرگىلىگەندەك بولۇپ يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن.بىردەمدىن كىيىن قۇلاق تۈۋىمدە زەيدىنكامنىڭ< ئۇكام نېمە بولدى؟ كۆزىڭىزنى ئېچىڭ،كۆزىڭىزنى ئېچىڭ> دېگەن ئاجىز بىر تىۋىشى ئاڭلاندى.يۈرۈكۈم لەختە-لەختە پۇچۇلۇپ ئۆيگە قايتتىم.ئۈچ قېرىنداشنىڭ يىغا-زارى ئىشىك ئالدىدا ئۇچراشتى.ھاياتىدا شۇنچە مۇشكۈلاتلارنى تارتىپ،يۈرەك-قېنىنى بالىلىرى ئۈچۈن ئاقتۇرغان كۆيۈمچان بوۋام كېسىلى قاتتىق ئېغىرلىشىپ قالغان ۋاقىتلاردىمۇ،ئوقۇشۇمغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن خوشلاشماي ئۈن-تىنسىزلا كېتىپ قالغانىدى.شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئوقۇش ھاياتىم سىنىپنىڭ ئىشىكى چىكىلگەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈنلەي توختىدى.بۇ چېكىلىش سىنىپنىڭ ئىشكىگىلا ئەمەس،غەمسىز ئوقۇش مەزگىللىرىمنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا قويۇلغان چېكىت ۋە شۇنداقلا سىرتتىكى مېنى كۈتۈپ تۇرغان تېخىمۇ كۆپ ھەرەج-كۈلپەتلەرنىڭ قوڭغىرىقى ئىدى. c|B('3h  
جان قۇشى باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان بوۋامنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كىيىن،بىز ئۈچ قېرىنداش قانىتى سۇنغان قۇشتەك قېقىلىپ-سوقۇلۇپ،ئىنسان بالىسى تارتىدىغانلىكى خاپىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تارتىپ ئاخىرى قاتارغا قېتىلدۇق.ھاماڭ 14 ياشقا كىرگەن يىلى يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئېگە بولىشى بىلەن ئاددى-ساددا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولدۇم.مانا شۇ كەمگىچە ماڭا مەنېۋى بايلىق،روھى ئوزۇق بولۇپ مېنى قوللىغان،مەدەت بەرگەن تايانچىلىرىمنىڭ بىرى دەل مۇشۇ سەن ھاقارەت قىلىدىغان،ئۆچ كۆرىدىغان ھامماڭ گۈلنساخان ئوغلۇم. R)( T^V`{  
دادامنىڭ سۆزلىرىنى داۋاملىق ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي: j'<<4.(  
-كەچۈرۈڭ دادا،مەن گۈلنىساخان ئانامنى ناھەق تىللاپ ئەيىپلەپتىمەن.بۇندىن كىيىن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن. قىلغانلىرىم ئۈچۈن گۈلنىساخان ئانامدىن كەچۈرۈم سوراي.مېنى كەچۈرۈڭ دادا-يىغلاپ تۇرۇپ مۇشۇ گەپلەرنى ئاران دىيەلىدىم.چۈنكى قان-ياشقا تولغان قىسمەتلەرنىڭ داۋامىدىن ئازراق خەۋىرىم بولغاچقا،ۋاقتىدا كەچۈرۈم سوراش گۇناھكارلىق تۇيغۇمنى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىتىش ئۈچۈن ئىدى. ) 0W{]2  
-بولدى ئوغلۇم،سەن ھەرقانچە كەچۈرۈم سورىساڭمۇ ئۇ بىلمەيدۇ.لىكىن ئۇنى بىلمەيدۇ دەپ ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلساق ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھ راۋا كۆرمەيدۇ.بۇندىن كىيىن ئۇنى ئۆز ئاناڭدەك ھۆرمەتلىگىن!ئاسرىغىن!گەرچە ئۇنىڭ جىسمى كۆيگەندەك قىلغان بىلەن ئاتا-ئانىسى،بالىلىرى ئۈچۈن يۈرىكى كۆيۈپ تۈگىدى. x8\?}UnB  
ئاشۇ كۈندىن باشلاپ گۈلنىساخان ئانامنى ھۆرمەتلەيدىغان،سۇنۇق دىلىغا ئازار بەرمەيدىغان بولدۇم.چۈنكى دادامنىڭ ھېلىقى كۈندىكى <بالىلىرى> دېگەن سۆزى نوقۇل بىزنىلا كۆزدە تۇتماستىن،دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارغا ئوخشاش ئاچچىق تولغاق يەپ تۇققان ئۆز بالىلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،داۋامى مەن بىلىدىغان قىسىملىرى ئىدى. Uh4%}-;  
ئەسلىدە گۈلنىساخان ئاناممۇ بويىغا يېتىپ 17 ياشقا كىرگەن يىلى مەھەللىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى تەقدىر-قىسمەتلىرى ئوخشىشىپ كىتىدىغان قادىر ئىسىملىك بىر بالىغا چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن توي قىلىپ تۇرمۇش قۇرغانىكەن.دادام بۇ ئېنى-سىڭىللىرىغا ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ،ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىپتۇ.شۇنداق قىلىپ يىتىملىكنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان بۇ بېچارىلەرمۇ بىردىن ئىللىق ئائىلىنىڭ ئېگىدارلىرىدىن بوپتۇ.بۇ ئانا تۇرمۇشنىڭ كىيىنكى 10نەچچە يىلىنى غورىگۈل بولسىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ،ئابدۇراخمان،گۈلقىز ئىسىملىك ئىككى بالىغا ئانا بوپتۇ.ئەمما بۇ ئانىغا بېرىلگەن بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئۆمرى تولىمۇ قىسقا بولۇپ،بارا-بارا يولدىشى قادىر دائىم يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئۇرۇپ-تىللايدىغان،ھە دېسىلا مىيىپلىقىنى پەش قىلىپ ھاقارەت قىلىدىغان بولىۋاپتۇ. كىچىكىدىن ئازار-كۈلپەتلەرنى يەتكىچە تارتقان ھاممام ھەممىگە چىشىنى-چىشلەپ،ھەممىگە كۆز-ياشلىرى بىلەن تەسەللى تېپىپ ئۆتكۈزىۋىتىپتۇ.باشقىلارنىڭ بۇنداق خورلۇق تارقىچە ئاجرىشىپ كېتىشكە بەرگەن تەكلىپلىرىگە ،<يىتىملىك دەردى مەن بىلەنلا كەتسۇن،بالىلىرىمنىڭ تىرىك يېتىم بوپ قىلىشىنى كۆرگۈم يوق>،دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن.لىكىن يولدىشىنىڭ زۇلۇملىرى كۈندىن-كۈنگە چەكتىن ئېشىپ،نىكاھىدا تۇرۇپلا ئۆيىگە باشقا خوتۇن ئەكىرىۋاپتۇ.گەرچە شۇنچىلىك خورلۇقلارنى تارتسىمۇ بەرداشلىق بېرىپ،كۆز ياشلىرىنى يالغۇز يەرلەردە تۆكۈپ،ھېچنىمە بولمىغاندەك يۈرىۋىرىپتۇ.چوڭلارنىڭ نەچچە قېتىم ئاجرىشىپ كېتىش توغرىسىدىكى نەسىھەتلىرىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ،مىش-مىش پاراڭلارغا ئالدانماسلىقىنى ،بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرى كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرۈپ يىغلاپ بويۇن قىسىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ چىڭ تۇرىۋاپتۇ. rjAn@!|:+  
ھەر قانچە قىلىپمۇ قۇتۇلالمىغان بۇ زالىم ھەر خىل باھانە-سەۋەپلەر بىلەن كۈندە دېگۈدەك ئۇرۇپ-تىللاپ روھى جەھەتتىن بەكلا تۈگەشتۈرىۋىتىپتۇ.<كوزا كۈندە سۇنماس،كۈنىدە سۇنار>دېگەندەك بۇ زالىمنىڭ زۇلمى چېكىگە يەتكەن بىر كۈنى ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان ھاممامنى ئىشنى ئاستا قىلدىڭ دەپ،قولىدىكى كەتمەننىڭ سېپى بىلەن بېشىغا بىرنەچچىنى ئۇرۇپ، بۈگۈنكىدەك دەلدۈش،ساراڭ ئاتالغۇلىرىنىڭ سەۋەپكارى بولغانىكەن. a=1@*ID  
بەش ياش چاغلىرىمدىكى شۇ ئىش غۇۋا ئېسىمدە.بىر كۈنى ئانام بىلەن بىر تويغا بارماقچى بولۇپ،دەرۋازا ئالدىغا چىقىشىمىزغا يىراقتىن بىرسىنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.ئانام دەرھال دەرۋازىنى ئېچىپ سىرتقا چىقىۋىدى.چاچلىرى چۇۋۇق،يۈز-كۆزلىرى قانغا بويالغان بىر ئىنسان ئالدىمىزدا پەيدا بولدى.ئانام بۇ ئىشتىن قاتتىق ھەيران بولۇپ نېمىش بولغانلىقىنى سورىغاندا،ھاممام بىر كۈلۈپ-بىر يىغلاپ چۈشىنىكسىز سۆزلەر بىلەن ھىلى ئۆينى-ھىلى سىرتنى كۆرسىتەتتى.دېمەك ھاممام ئاشۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈنلەي ساراڭ بولۇپ قالغانىدى.ئوقۇرمەنلىرىمىز بەلكىم ھېلىقى ئادىمى ھايۋاننىڭ قىلمىشلىرىغا غەزەپلىك مۇشتلىرىنى تۇگۇپ،ئاخىردا قانۇننىڭ ئۇنىڭغا قانداق ھۆكۇم چىقارغانلىقىغا ئالدىراۋاتقاندۇ.شۇنداق،ئۇ قانخۇر ھەقىقەتەن قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى.ئەمما بۇ جازا ھەر ئىككى بالىنى دادىسى ئۆزى بېقىش،ئۆينىڭ يېرىمى،تۆت قوي ،ئۈچمىڭ يۇەن نەق پۇل بىلەن تاماملاندى. لىكىن ئۇ ئۆينىڭ يېرىمىنىلا ئەمەس،دۇنيانىڭ يېرىمىنى بەرسىمۇ ئەسلىگە قايتمايدىغان بىر داغنى قالدۇرۇپ قويغانىدى.ھاممام 10نەچچە يىل ئىلگىرى خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتىلغان ئۆيگە يىغا بىلەن قايتتى. Zw9FJ/Zn@  
ھاممام ئۆز ھاجىتىدىنمۇ تولۇق چىقالمايدىغانلىقى ئۈچۈن،خۇددى كىچىك بالىغا قارىغاندەك بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا قارىشىى،سىرتقا ماڭغاندا باشقا يەرگە كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەرۋازىنى مەھكەم تاقىۋىتىشى كىرەك ئىدى.ئاپارمىغان دوختۇرخانا،كۆرسەتمىگەن داخان-باخشىلارمۇ قالماي،ئاخىرقى ھېسابتا تەقدىرگە تەن بېرىپ بىر كۈنلەردە كېسىلىنىڭ شىپالىق تېپىشىنى ئاللاھتىن تىلەش بىلەن كۇپايىلەندۇق.3-4ئايدىن كىيىن تەن سالامەتلىكى خېلى ياخشىلانغان بولسىمۇ،نېرۋىسى يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەنىدى.گەپ قىلمىسا بىر كۈن-بىر كۈن گەپ قىلمايتتى.قىلغان سۆزلىرىمۇ بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى تەكرارلاش ئىدى. rmm0/+jY  
شۇ ئىش يۈز بېرىپ ئالتە ئايدىن كىيىن تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە،ئۆيىمىزدىكى بار-يوق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك سېتىپ،يۇرتىمىزدىن تولىمۇ يىراق بىرشەھەرگە ئائىلىمىز بويىچە كۆچۈپ كەتمەكچى بوپ قالدۇق.ئاتا-بوۋىمىز ياشاپ ئۆتكەن ئانا تۇپراقتىن ئايرىلىپ،مۇساپىرچىلىق قەدىمىنى بېسىش مېنىڭ سەبىي قەلبىمگىمۇ قاتتىق ئېغىر كەلگەنىدى. ئەلۋەتتە ماڭا قارىغاندا چوڭلار نەچچە ھەسسە بولىشى مۇمكىن.(تېما مەزمۇنىدىن قىيىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن نېمە سەۋەپتىن كۆچكەنلىكىمىز توغىرسىدىكى بايانلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەك)نېرۋىسى ئاجىز بولسىمۇ ئاخىرقى قېتىم بالىلىرى بىلەن خوشلىشىۋېلىش تەلىپىمۇ رەت قىلىنىش بىلەن ئاساسى جەھەتتىن سەپەر تەييارلىقىمۇ پۈتۈپ قالغانىدى. JPUW6e07o  
يۇرتىمىزدىن ئايرىلىدىغان ئاخىرقى كۈنى ئەتىگەن تاغام ئېشەك ھارۋىسىغا يۈك-تاقىلرىمىزنى بېسىپ،مەھەللىمىزنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى سايلىقنى كېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەت تشيولىغىچە بىزگە ھەمراھ بولۇپ چىقتى.يولدا چىققۇچە تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن ئانا تۇپرىقىدىن ئايرىلىش ئازابىدا،خۇددى گەپ قىلسىلا يىغلاپ سالىدىغاندەك ھېچكىم ئېغىز ئاچمىدى. IGQFtO/x  
-سىلەردىن قەتئىي ئايرىلغۇم يوق،ھەممىدىن ئايرىلدىم،ئەمدى بىردىن-بىر تۇققىنىم،يۆلەنچۈكۈم بولغان ئىككىڭلاردىن ئايرىلىشقا پەقەت كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ قېرىنداشلىرىم.مۇشۇ كەتكەنچە قاچانمۇ يۈز كۆرىشەرمىز ئاكا؟-دېدى تاغام تۇيۇقسىز ئارىمىزدىىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.تاغامنىڭ بوغۇلۇپ چىققان ئاۋازى بىلەن ھاممام بىلەن مەندىن باشقا ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى نەمدەلگەنىدى.ماشىنىمۇ كەلدى. EwT"uL*V;  
-خوش ئاكا،خوش سىڭلىم،يەڭگە مەندىن رازى بولۇڭلار ئاللاھقا ئامانەت. :#ik. D  
-خوش ئۇكام كۆرۈشكىچە ئامان بول،مېنىڭ ئورنۇمدا ئاتا-ئانىمزنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتما ئاللاھقا ئامانەت.تاكى ئادەم ئاتىنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ خوخا-يۇلغۇن،يامغۇر-يېشىندىن باشقىنى كۆرمىگەن تاقىر ساي ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى ئۇلارنىڭ خوشلىشىش ئالدىدىكى كۆز-ياشلىرىدىن كۆرىۋالدى. IdYt\^@>  
ھاممام ئاپتۇبۇس دېرىزىسىدىن ئۆزىنىڭ نېمىگە چىقىپ،قەيەرگە كېتىۋاتقانىقىدىنمۇ خەۋەرسىز ئۆزىدىن قەدەممۇ-قەدەم  يىراقلىشىپ،قايغۇ-ئەلەملىك كۈنلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئانا يۇرتىنىڭ تۇپرىقىغا ئۇزىتىش ئىلكىدە قارايتتى. پايانسىز چۆللۈك ئىچىدە بولسا ئېنسان،ھايۋان،ھارۋىدىن ئىبارەت ئۈچ جىسىم بارغانسېرى كىچىكلەپ،ئاستا-ئاستا مەۋجۇتلىقىنى يوقاتتى. vWv"  
hH 3RP{'=  
بىز كۆچۈپ كېلىپ بىر يىلدىن كىيىن،ئىجارە ئالغان ئۆينى ئۆتكۈزىۋىتىپ،شەھەر سىرتىدىن ھويلىسى خېلى ئازادە بىر قورۇنى سېتىۋىلىپ،مۇساپىر بولساقمۇ بىر ئۆينىڭ ئىگىسىگە ئايلاندۇق.كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن يۇرت سېغىنىشلىرى ھەممىمىزگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.ھاممامنىڭ دائىم تەكرارلايدىغان<ئابدۇراخمان،گۈلقىز>دىن ئىبارەت ئىكى ئاتالغۇسىمۇ كۈنسېرى ئاۋۇپ قالغانىدى. zxl@(h d  
مەن شۇ يىلى كۈزدە بىرىنچى يىللىققا قوبۇل قىلىنىپ،ئوقۇش ھاياتىمنىڭ تۇنجى پەللىسىنى ئىككىنچى يۇرتۇمدا باشلىدىم.يالغۇزچىلىقتىكى،ناتونۇش چىرايلار ئارىسىدىكى سىقىلىشلىرىم بارغانسېرى سۇسلىشىپ،بىرگە ئوينايدىغان،بىرلىكتە تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان دوستلۇرۇم كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى.لىكىن ئىلگىرى ئىيتىپ ئۆتكەندەك،ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدىكى ئىناۋىتىمگە گۈلنىساخان ئانامنىڭ دائىم كوچا دوقمۇشىدىكى ساقلاشلىرى توسالغۇ بولاتتى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن بۇ ئانىنى ھەر قېتىم ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا كۆرگىنىمدە،بالام دەپ ئىيتقان سۆزلىرىگە ئىشەنمەسلىكنى،ئۆزۈمنىڭ بولسا بۇ دەلدۈش ساراڭ خوتۇننىڭ بالىسى ئەمەسلىكىمنى ئىزاھلاپ ئۈلگۈرەتتىم.ۋۇجۇدىدىكى بالىلىرىغا بولغان سېغىنىش مېنى كۆرگەندە تېخىمۇ كۈچەيسە كېرەك،قانچە قېتىملاپ تىللاش ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئېتىرازلىرىممۇ كار قىلمايتتى. P>D)7 V9Hh  
كىيىنچە گۈلنىساخان ئانامنىڭ <ئابدۇراخمان، گۈلقىز> دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىسىلا جىددىيلىشىپ ھەر تەرەپنى ئىزدەيدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ،مەھەللىدىكى بالىلار ئارىسىدا <ئابدۇراخماننى ياكى گۈلقىزنى كۆردۇم>دىيىش ئارقىلىق بۇ ئاجىز ئانىنى تېنىمسىز ئىزدىتىپ ئەخمەق قىلىش ئويۇنى ئارىمىزدا ئىجاد قىلىنىپ مۆكۈ-مۆكۈلەڭنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى. !;{7-~  
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سېغىنىش پىغانلىرى يۈرەك-پارىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش بىلەنلا توختاپ قالماستىن،بالىلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ دىدارىغا قېنىشقا تەرەددۇدلاندۇرۇپ،بىر كۈنى بۇ ئانا تۇيۇقسىز غايىپ بولدى.ئۆيدىكىلەر قاتتىق ئەنسىرەپ ھەر تەرەپكە چېپىشتۇق.ئاخىرى قاش قارايغان مەھەلدە،قوشنىمىز باراتنىڭ خىش توشۇيدىغان تراكتۇرىغا ئەگىشىپ،7-8كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خىش زاۋۇت تەرەپكە كەتكەندە،بارات تراكتۇرىڭىز بىلەن مېنى بالىلىرىم قېشىغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ دەپ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىغا يالغاندىن ماقۇل بولۇپ،تراكتۇرغا چىقىرىپ ئۆيگە ئەكەپتۇ.ئۆزىنىڭ بالىلىرىدىن، تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن گۈزەل ئانا يۇرتىدىن قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بۇ بىچارە ئانا بارلىق ئۈمىدىنى ئاددى قاتناش قۇرالى بولغان ھېلىقى تراكتۇرغا باغلىغانىدى. -3 *]G^y2  
ھەر قېتىملىق سېغىنش ئوتلىرى يۈرىكىنى كۆيدۈرگەندە،بۇ ئانىنى مەھەللىمىزنىڭ 10كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدىن تېپىۋىلىش ئادەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى.دادامنىڭ باشتىكى چىرايلىق نەسېھەت قىلىپ چۈشەندۈرۈشلىرى،داۋاملىشېۋەرگەن بۇ خىل يوقاپ كېتىشلەرگە قاتتىقراق مۇئامىلە قىلىش،ۋارقىراپ قورقۇتۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنىدى.بىزمۇ بۇ يوقاپ كېتىشلەرگە بۇرۇنقىدەك ئەنسىرەپ،ئالاقىزادىلىشىپ كەتمەيدىغان بوپ قالدۇق.تېخى بۇ ئىش مەن ئۈچۈن قىزىقارلىق بىلىنپ ھەر قېتىم يوقاپ كەتكەندە،تەستە بىر قولغا كىلىدىغان دادامنىڭ ۋارقىراپ قورقۇتۇشلىرىدىن پۇخادىن چىققۇچە تاماشا قىلىۋالاتتىم.بۇ غېرىبانە ئانا بالىلىرىنى،يۇرتىنى قاتتىق سېغىنسا كېرەك،بەزى كۈنلىرى ئۆزىچە ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتەتتى.بۇنداق چاغلاردا ئالدىدا زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يىغلاشلىرىنى دوراپ،بارماقلىرىم بىلەن چىرايىمنى پۈرۈشتۈرۈپ توختىماي زاڭلىق قىلاتتىم.شۇڭلاشقا ئاشۇ كۈنىمۇ گۈلنساخان ئانامنى بوزەك قىلىش،زاڭلىق قىلش ئارقىلىق كۆڭلۈمگە خۇشاللىق تاپماقچى بولغانىدىم. v{N`.~,^  
         "+nRGEs6  
#gN&lY:CFn  
مىڭلارچە پۇشايمانكى ئەسلىدە مەن بۇ ئانىنىلا ئەمەس،بىر قولىدا بۆشۈكنى،بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىۋاتقان ئاشۇ كۆيۈمچان بارلىق ئانىلارنى زاڭلىق قىپتىكەنمەن.شۇ ئىشلىرىم ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى بالىلىرىغا ئاتاپ بىر ئۆمۇر مىننەتسىز ئەجىر قىلىۋاتقان ئاشۇ مېھنەتكەش ئانىلاردىن ئېھتىرام بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. Qd{CMm x  
ec;o\erPG  
ئانىسىدىن ئايرىلىپ تىرىك يىتىم بوپ قالغان ھېلىقى ئىككى بىر تۇققاننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپ،ئۆگەي ئانىنىڭ خورلىقىنى يەتكىچە تارتىپ ئاشقان ئاش،سەدىقە كىيىملەر بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەنلىكى،ئۆگەي ئانىنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان دادىسىنىڭ بولسا بالىلىرى بىلەن پەقەت كارى بولمايدىغانلىقى،ھەتتا ئوغلى ئابدۇراخماننىڭ ئانىسىنى تېپىش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىدە ئېسىپ قويۇپ ئۇرغانلىقى ،بوينىغىچە كۆمۈۋىتىپ كۈن-كۈنلەپ ئاچ قويغانلىقىدەك ئىنسان قىلىپىدىن چىققان بۇ رەزىل ئاتىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى پات-پات يىراقتىكى سەھرادىن قۇلاققا يىتىپ تۇردى. Ge@{_  
ھەر كۈنلۈك ئادىتى بويىچە مەھىللە دوقىسىدىكى تاش ئۈستىدە ئولتۇرۇپ،بالىلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئانىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى ئېچىشماي قالمايتتى.بەلكىم شۇ تاپتا سىز مەندىن نېمىشقا بىرەر قېتىممۇ شۇ بالىلىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە نائىل قىلالمىغان سەنلەردىكى قانداق يۈرەك  دەپ سورىغىڭىز كېلىۋاتقاندۇ.توغرا،نەچچە قېتىم ئويلىغان بولساقمۇ بۇ ئانىنىڭ بالىلىرىنى كۆرسىمۇ تونىيالماسلىقىغا قىلىنغان گۇمان بۇ خىياللىرىمىزدىن تىزلا ۋاز كەچتۈرەتتى.تۇغۇلۇپ ئانا مېھرىگە قېنىپ باقمىغان ئاشۇ يىتىم نارىسىدىلەرنىڭ ئانىسىنى ئىزدەپ تېپىش ئۈچۈن قىلغان كۆرىشى كىشىگە ئىختيارسىز ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدەش يولىدىكى سەرگۈزەشتىلىرىنى ئەسلىتەتتى. Wvh#:Z  
+\]\[6  
يىل-ئايلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ،ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرىنى ئىزدەش كۆرىشى 18-يىلغا قەدەم قويدى . تالاي كىشىلەرنىڭ تىل-ئاھانەت،تاپا-دەشناملىرىنى ئىشتىپ،ئۇرۇپ-سوقۇلغان ھېلىقى يىتىمەكلەرمۇ قانات-قۇيرىقى يېتىلىپ ئاخىرى ئانىسىنىڭ قېشىغا يېتىپ بارالىغۇدەك بولغانىدى.چاچلىرىغا ئاق كىرىپ ياشاڭغۇراپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدە قېرىلىقنىڭ سىماسى ئەكىس ئېتىپ تۇرغان بۇ موماينىڭ ئەمدى بالىلىرىنىڭ قېشىغا بارالىغۇدەك ماغدۇرىمۇ،نەچچە قېتىملاپ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ تەن بەرمەس جاسارىتىمۇ قالمىغانىدى.ئەمما ھامان بىر كۈنى بالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ تاپالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسى تەۋرەنمەيتتى. t =iIY`Md%  
«بۈگۈن ساڭا ،ئەتەماڭا»دېگەندەك بىر ئانىنىڭ ھاياتىنىڭ قان-زەرداپ بىلەن پۈتۈلىشىگە،بالىلىرىنىڭ تىرىك يىتىم بولۇپ،ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلەرگە بىلەن ئۇچرىشىشىغا سەۋەپ بولغان ھېلىقى دادا بولسا قىلغانلىرىنىڭ جازاسىنى بۇدۇنيادىلا تارتىپ،ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قاقسەنەم بولغىنىدا يەنە ئىككى بالىسىنى تېپىپ كۈنلىرىنى تەستە ئۆتكۈزىۋاتاتتى. Sz`,X0a  
ئوغلى ئابدۇراخمان بولسا موزدۇزلوق ھۆنىرىنى ئۆگىنىپ ،يىزا بازىرىنىڭ بىر بۇلىڭىدا موزدۇزلۇق كەسپى بىلەن جان بېقىپ،ھەر تەرەپتىن سۇنۇلغان ساخاۋەتلىك قوللارنىڭ ياردىمىدەئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغان،ئوخشاشلا گۈلقىزمۇ قوشنىسى تۇراخان ئانىنىڭ ئىگە بولىشى بىلەن تالالىق قىلىنغانىدى.ناۋادا يىللادىن بېرى كۆرۈشكە مۇشتاق بولغان ئاشۇ مېھرىبان ئانىسى بالىلىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك چوڭ ئىشى بولغان شۇ توي مۇراسىمىدابولۇپ،يېنىدا مۇبارەكلەپ پىشانىسىگە سۆيەلىگەن بولسا قانچىلىك خوشال بولاتتى-ھە!لىكىن ئۇ ئانا ھېلىمۇ  مەھەللە دوقمۇشىدىكى ھېلىقى تاش ئۈستىدە. @,+5y\]C  
ئاز-ئازدىن تېجەپ يىغىلغان پۇللار كۆپىيىپ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى بىلەن ئاخىرى ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىش پۇرسىتى پىشىپ يىتىلىشكە ئاز قالغانىدى.ھېجرانلىق كۈنلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرمەكتە. cV6D<,)  
بىر كۈنى تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تېلفون ئاۋازى بىلەن ئابدۇراخماننىڭ ئانىسىنى ئىزدەپ قېشىغا بېرىش ئۈچۈن سورالغان ئادرىس ھەممەيلەننى خوشاللىققا چۈمدۈردى.ئۇ بۇرۇنمۇ بىر نەچچى قېتىم تېلفون قىلغان.لىكىن ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشنى تەلەپ قىلغىنىدا،گۈلنىساخان ئانامنىڭ تېلفون ئىچىدە ئابدۇراخمان يوق دەپ تۇرۇپكىنى تۇتقىلى ئۇنىمىغانلىقى بىلەن توختاپ قالغانىدى. مانا ئەمدى بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ چوقۇم ئانىسىنىڭ قېشىغا بېرىپ،ئاۋازىنى ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلايدىغانلىق خوش-خەۋىرىنى بېرىۋاتاتتى.ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئەتە يولغا چىقىدىغانلىق خەۋىرىدىن خوشال.نەچچە يىللاردىن بېرى ئابدۇراخمان كىلىدىكەن،ياكى گۈلقىزنى كۆردۈم دېگەن يالغان سۆزلەرنى تولا ئاڭلاۋېرىپ ئىشەنمەس بولۇپ قالغان گۈلنىساخان ئانام بالىسىنىڭ ھىدىنى يىراقتىنلا پۇرىدىمۇ قانداق بۈگۈن باشقىچە جىددىيلىشىپ يولدا بىرەر ماشىنا توختىسىلا بېرىپ قاراپ باقاتتى. مېنوت-سىكونتلار شۇنداق ئاستا ئۆتمەكتە.يېتىپ كىلىدىغان كۈنى ئەتىگەندەدادام بىلەن ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتىگە نۇرغۇن يىللاردىن بېرى ئىسمىنى تەكرارلاپ تۇرساممۇ،چىرايىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان بىر نەۋرە ئاكام ئابدۇراخماننىڭ ئالدىغا چىقتۇق.بۇخىل كەيپىياتنى بەلكىمئۇزۇنيىللاردىن بېرى كۆرۈشۈشكە بەكمۇ ئىنتىزار بولغان ئادىمىنى تىت-تىتلىق بىلەن ساقلاپ باققانلار بېلىشى مۇمكىن. bAqA1y3=  
ئاپتۇبۇس ئاخىرى يىتىپ كەلدى.ئاپتۇبۇس ئىچىدىكى چۈشۈشكە تەمشىلىۋاتقان يولۇچىلار ئارىسىدىن ئورۇق ئىگىز بويلۇق كەلگەن بىر بالا ماشىنا ئەينىكىدىن بىزگە قول پۇلاڭلىتىۋاتاتتى. ~<bZ1TD   
-بالام،قارا ئاكاڭ ئابدۇراخمان. دادام ھىلى قول پۇلاڭلىتىۋاتقان ئاكام ئابدۇراخمان تەرەپكە،ھىلى ئاپتۇبۇسنىڭ ئىشكى تەرەپكە مېڭىپ بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدى.بىر-بىرلەپ چۈشىۋاتقان يولۇچىلار ئارىسىدىن ئاخىرى ئاكام ئابدۇراخمانمۇ چۈشتى.يىغا ئارىلاش قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشلەردىن كىيىن ئۆيگە قاراپ ماڭدۇق. {VRf0c  
بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن باشلاپ تىل-تاياق،يىغا-زار بىلەنلا ئۆتكەن بۇ ئىنساننىڭ مانا ئەمدى كۈلىدىغان،دۇنيادا ئۆزىنى ئەڭ بەخىتلىك چاغلايدىغان مېنۇتلىرى كېچىكىپ بولسىمۇ ئۆمرىدە بىر قېتىم كەلگەنىدى. va@Lz&sAE%  
ئابدۇراخمان ئاكام يولدا كېتىۋىتىپ بىر تەرەپتىن ھال-ئەھۋال سوراشقاچ،بىر تەرەپتىن  ئادەملەر توپى ئارىسىدىن ئانىسى چىقىدىغاندەك  سىرتقا قارايتتى.مەھەللە دوقمۇشىغا50مېتىردەك قالغاندا ئابدۇراخمان ئاكام خۇددى بۇرۇن كېلىپ باققاندەك،ئانىسى بار تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.قاتتىق تاياق زەربىسىدىن خاتىرىسىنى يوقىتىپ،بىراۋنىڭ كەتكەن-كەلگىنى بىلەن كارى بولمايدىغان بۇ ئانا يۇرتىدىن ئايرىلغىنىدا ئەمدىلا 7-8ياشقا كىرىپ، 18يىلدىن بېرى يۈز كۆرۈشمىگەن يۈرەك-پارىسىنى يىراقتىنلا تونۇۋالغانىدى. _G@GpkSe>  
-ئانا! XRi8Gpg  
-بالام،جېنىم بالام! Xx:"4l.w.  
ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي مىيىپ پۇتىنى سۆرەپ يىقىلىپ-قوپۇپ بالىسى تەرەپكە يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان ئانا،پۈتۈن كۈچى بىلەن ئانىسى تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان بالا، كىشىگە يۈسۈپ-زۈلەيخا قىسسىسىدىكى دادىسى ياقۇپ پەيغەمبەر بىلەن يۈسۈپ ئەلەيھىسالامنىڭ ئۇچراشقاندىكى كۆرنۈشىنى ئەسلىتەتتى. h2R::/2.  
گەرچە بىر-بىرىنىڭ چىرايى ئېنىق ئېسىدە بولمىسىمۇ بۇلار يەنىلا تونۇشاتتى.خۇشاللىقىدا ھۇشىنى يوقىتىپ قوياي دەپ قالغان ئانا بالىسىنى كۆزىگە سۈرتەتتى،يىغلايتتى..ئاھ خۇدا،بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلكەن.گەرچە ئۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلمىسىمۇ،گاچىغا تىل ساراڭغا ئەقىل ئاتا قىلالايدىكەن.(بۇنداق دېيىش ئارقىلىق قانداقتۇر بۇ مېھرىبان ئانامنى ھەقىر كۆرگەنلىكىم ئەمەس.چۈنكى بۇ ئانام نەچچە يىللاردىن بېرى بىرەر قېتىممۇئوڭ گەپ قىلىپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن،مەھەللىدىكى ئاياللار ئىسمىنى بىلسىمۇ ساراڭ ياكى دەلدۈش خوتۇن دەپ ئاتايتتى)بۇ ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى يىغا ئۆيگە كىرىپمۇ خېلى بىر كەمگىچە داۋاملاشتى.گەرچە يىغا بۇكىشىلەرگە ئانچە ناتونۇش بولمىسىمۇ،ئۆمرىنىڭ تولا قىسمىنى يىغلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇ قېتىمقىسى ئىلگىركىلىرىگە زادىلا ئوخشىمايتتى.بەلكى بۇ ياشلار شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئاققان قايغۇ-ئەلەم ياشلىرىنىڭ خاتىمىسى ئىدى.  qX{+oy5  
ئابدۇراخمان ئاكام ئۆيگە كېلىپ ئانىسىدىن كېچىلىرىمۇ-كۈندۈزلىرىمۇ بىر دەم ئايرىلمىدى.گۈلنىساخان ئاناممۇ 10نەچچە يىلدىن بېرى يىغىلىپ قالغان سۆزلىرىنى بالىسىغىلا دەپ بېرەتتى.نەۋرە ئاكام كېلىپ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن بىر قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلىدى.گۈلنىساخان ئانام ئەتىگىنى ئىشقا ماڭغان ئوغلىنى ئۇزاتسا،چۈش بولا-بولمايلا ئىشىك ئالدىغا نەچچە قېتىم چىقىپ بالىسى كەلگىچە كۆزى تۆت بولاتتى. كەچتە ئوغلىنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ بىردەم جىم تۇرمايتتى.بۇنداق يىڭىلقلار 18يىلدىن بېرى ئائىلىمىزدە زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان.دېمەك  بۇ ئانىنىڭ خاتىرىسى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كىلىشكە باشلىغانىدى. H.MI5O(Q  
ئابدۇراخمان ئاكام ئىككى ئايدەك تۇرۇپ يۇرتقا قايتماقچى بولدى.سىڭلىسىنىڭ تېلفوندا قايتا-قايتا تاپىلىشى،ئابدۇراخمان ئاكامنىڭ ئېلىپ كىتىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرى ئۆيدىكىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى.نېمە ئۈچۈن دېگەندە ئاكا-سېڭىل ھەر ئىككىلىسى يىڭىدىن تۇرمۇشقا چىققاچقا ۋە شۇنداقلا ئېلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا شۇ زالىم «دادا»بىلەن بىللە تۇرۇشقا توغرا كىلەتتى. 26h21Z16q  
-بالام،تىنچ-ئامان كۆرۈشتۈڭلار ،بۇندىن كىيىم سىلەرمۇ يوقلاپ تۇرارسىلەر،تېلفوندا بولسىمۇ ئىزدىشىپ تۇرايلى-دېدى دادام خوشلىشىش ئالدىدا.ئابدۇراخمان ئاكام ئوغلىغا قانماستىن قاراپ تۇرغان ئانىسىغا: FZn w0tMq  
-ماقۇل ئانا،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!بۇندىن كىيىن سىزنى دائىم يوقلاپ تۇرىمەن.سىزنى پات يېقىندا چوقۇم ئېلىپ كىتىمەن-دەپ ئانىسىنى باغرىغا باستى-دە،ئاستا سومكىسىنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا تەمشەلدى.ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي قاراپ تۇرغان ئانا بىردىنلا قويۇن يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ،بالىلىرىنىڭ قېشىغا بېرىش ئۈچۈن ساقلىغان،رەڭگىلىرى ئۆچۈپ نەچچە پۇللىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر نەچچە ۋاراق پۇلنى چىقاردى-دە، 1yhDrpm  
-ئوغلۇم بۇ پۇلنى ماشىنا كىراسى قىلىڭ،مەن ئەمدى قېرىپ كەتتىم.سىلەرنىڭ قېشىڭلىغا بارالمىغاندىكىن ماڭا ئەمدى كېرىكى يوق.كېلەر قېتىم سىڭلىڭىزنىمۇ ئالغاچ كېلىڭ-دەپ ئوغلىغا تەڭلىدى.بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەمىنڭ يۈرىكى ئېچىشاتتى.چۈنكى پۇل بولسىلا بالىلىرىم قېشىغا بارالايمەن دەپ ئويلىغان بۇ ئانا 18يىلدىن بۇيان يىغىپ ساقلىغان3.8كوي پۇلنى بالىسىغا يوللۇق تۇتىۋاتاتتى. \9T7A&  
-رەھمەت ئانا،سىز بەرگەن بۇ پۇلنى مەڭگۈ ساقلايمەن-دېدى ئاكام يىغلاپ تۇرۇپ-«ئانا سىزمۇ ئاددى كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلغايسىز»دەپ 200 يۇەن پۇلنى قولىغا تۇتقۇزدى. M\BRcz  
-رەھمەت بالام،مەنمۇ مەڭگۈ ساقلايمەن. ;$g?T~v7  
ECmW`#Otb)  
ئاكام كېتىپ گۈلنىساخان ئانامنىڭ كۈنلىرىنى جىمغۇرلۇق بىلەن ئۆتكۈزىشى يەنە باشلاندى.نېمىلا بولمىسۇن يۈرەك-پارىلىرىنىڭ يەنە بىرى بولغان قىزى گۈلقىز بىلە ن تېخى يۈز كۆرۈشمىدى ئەمەسمۇ؟!ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوغلى ئەكەلگەن چاپان بىلەن ياغلىقنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈپ قاتلاپ قويۇش،بۇ ئانىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغانىدى.ئوغلىنى كۆرۈپ خېلى روھلۇق،تېتىكلىشىپ قالغاچقىمۇ،كىيىنكى كۈنلەردە بالىلىرى تېلفون قىلسا بىر-ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىدىغان بولدى.ھەتتا بەزى كۈنلىرى ئوغلىنىڭ ئىيتقان سۆزلىرىنى پات-پات تەكرارلايتتى.ئەسلەش،سېغىنىش ئىچىدىكى بۇ تەكرارلاشلار ھەش-پەش دېگۈچە ئۈچ ياز-ئۈچ قىشنى ئۇزاتتى. h<QY5=S F  
بۇ جەرياندا ئاكام ئابدۇراخمان بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ،قوۋرۇغا-بەل سۆڭكلىرى سۇنۇپ،خېلى ئۇزۇن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ.گۈلنىساخان ئانامنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بولمىغاچقا،«سىزنى دائىم يوقلاپ تۇرىمەن،پات يېقىندا چوقۇم ئېلىپ كىتىمەن»دېگەن ئوغلىنىڭ ئاشۇ ئىككى كەلىمە سۆزلىرىنى ھەر كۈنى دېگۈدەك تەكرارلاپ،بالىلىرىنىڭ يوللىرىغا تەلمۈرەتتى. )^hbsMhO  
ئىنشائاللاھ بۇ جۇدالىقنىڭ ئاخىرلىشىپ،بېچارە ئانىنىڭ بىر ئۆمۈر ساقلىغان يۈسۈپلىرى بىلەن جەم بولىدىغان كۈنلىرىگە ئاز قالدى.چۈنكى بۇ خوش-خەۋەرنىڭ ئەلچىسى بولغان تېلفون،قىزى گۈلقىزنىڭ ئانىسىنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۈچۈن ئۆزى بارىدىغانلىقىنى ئىيتقانىدى.ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى،يىللاردىن بۇيان قىلغان-ئەتكەنلىرىگە تۆۋە قىلغان ھېلىقى «ئاتا»ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ موماينىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ۋىجدان ئازابىنى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىتىش ئۈچۈن،قىزى بىلەن بىللە يولغا چىقماقچى بولغانىدى. s eJ^s@H5l  
-قايسى يۈزى بىلەنمۇ كىلەر؟نۇمۇسسىزلىقىنى بۇ ئەبلەخنىڭ-دېدىم دادامغا كىلىشىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن ئاھاڭدا.دادام: 8z\xrY  
-ياق بالام،ھەركىم قىلسا ئۆزىگە،گەرچە ئۇنىڭ ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدىغان قىلمىشلىرى ساناقسىز بولسىمۇ،ئۆيىمىزگە كەلگەنىكەن بىزگە مېھمان،ھۆرمىتىنى قىلىپ لايىقىدا ئۇزىتىپ قويايلى.-دېدى دادام بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ. _yR^*}xJb  
يېتىپ كىلىدىغان كۈنى ئەتىگەن يولۇچىلار بېكىتىگە چىقىشىم كېرەكلىكىنى بىلسەممۇ،يىللاردىن بېرى تولا تىللاپ،تەسەۋۋۇرۇمدا دېۋە سۈپەت مەلئۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ ئادەمنى بىر ئاز بولسىمۇ ساقلىتىپ،ئىزتىراپ ئىچىدە كۈتۈشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن ئازراق دەرىس بېرىپ قويۇش مەقسىتىدە،ئەتەي ئالدىغا ئۈچ سائەت كېچىكىپ چىقتىم.كىچىككىنە ئۈچ سائەت ئىچىدە ئۇرۇلغان تېلفوننىڭ سانى،ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇرۇلغان تېلفوننىڭ قېتىم سانىدىن ئېشىپ كەتتى.مانا بېكەتكىمۇ يېتىپ كەلدىم.مىغ-مىغ ئادەملەر توپى ئارىسىدىن تىت-تىتلىق ئىچىدە ھەر تەرەپكە قاراۋاتقان،ئاددى-ساددا كىيىنگەن بىر بوۋاي ۋە يىنىدا بالىسنى ئېمىتىپ ئولتۇرغان بىر ئايال ئالاھىدە دېققىتىمنى تارتتى.كۆزلىرىم مېنى ئالدىمىغان بولسىلا پەرىزىم خاتا ئەمەس.ئاستا ئۇلار تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.ئارلىقىمىز 10مېتىرچە قالغاندا،مەن تەرەپكە قاراپ تۇرغان بوۋاي،گۇمانىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى. 1o>xEWt:0K  
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئابدۇقادىراخۇنكام سىلى بولامدىلا؟ [Ch.cE_  
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ھە مەن شۇ ئۇكام.بوۋاينىڭ يىغلاپ كېلىپ قۇچاقلاپ،يۈزلىرىنى يېقىپ تۇرۇپ كۆرۈشۈشلىرى سىڭلىم گۈلقىز بىلەن سالاملىشىۋىلىشتىن توسۇپ قويغىلى تاس قالدى.قىزغىن كۆرۈشۈشلەردىن كىيىن مەھەللىمىزنىڭ كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ ئۆيگە ماڭدۇق. `Q,H|hp;k;  
يەنە شۇ مەھەللە،يەنە شۇ دوقمۇش.ئاپتۇبۇستىن چۈشىۋاتىمىز.قەلبى شىكەستىلەنگەن ئانىنىڭ سۆيۈملۈك يۇرتىدىن،جان-جىگەرلىرىدىن ئايرىلىپ،كېلىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىۋاتقان كۈن دەل 21يىلدىن كىيىن رىئاللىققا ئايلاندى.ئوغلى ئابدۇراخمان بىلەن كۆرۈشكەندىكى ھاياجانلىق دەقىقىلەر يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى.دېمەك موماينىڭ كۈتۈشلىرى بىكارغا كەتمىگەنىدى.ئۇ يۈسۈپلىرىنى ئاخىرى تاپتى.باشقىلار تەرىپىدىن دەلدۈش،ساراڭ ئاتالغان بۇ ئانا ئەمدى ساراڭ ئەمەس.چۈنكى  ئۇنىڭ بارلىق خاتىرىسى ئەسلىگە كەلگەنىدى.باشقىلار قىزىنى كۆرسە تونىيالارمۇ دەپ گۇمان قىلىنغان بۇ ئانا قىزىنىلا ئەمەس،قۇچاقتىكى نەۋرىسىنىمۇ تونۇۋالدى.ئەمما  يېنىدا نېمە دىيىشنى بىلەلمەي بويۇن قىسىپ قاراپ تۇرغان ئابدۇقادىراخۇنلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلىقىنى ئەتراپىدا قاراپ تۇرغانلار توختىماي ئېقىۋاتقان ياشلىرى بىلەن تەستىقلىدى. /Z4et'Lo  
بۇ كۆرۈنۈشلەرگە قاراپ يۈرىكى ئېچىشتىمۇ ياكى ۋىجدان ئازابى شۇنداق قىلىشقا زورلىدىمۇ ئابدۇقادىراخۇن ئۆيگە كىرىپلا داق يەردە يۈكۈنۈپ : Cgc\ah  
-مەندەك بىر ئادىمىي ھايۋاننى كەچۈرسىلە گۈلنىساخان،مەن سىلىگە،بالىلارغا يۈز كىلەلمەيمەن.سىلەرنى بىر ئۆمۈر ئازاپلىدىم.ئەمەلىيەتتە سىلەرنى ئەمەس ئۆزۈمنى ئازاپلاتىمەن.سىلىدىن ئاجرىشىپ تۆت قېتىم ئۆيلەندىم.ھەممىسىدە سىلىگە قىلغانلىرىم 10ھەسسە بولۇپ ئۆزۈمگە قايتتى.مېنى كەچۈرۋەتسىلە.... \73ch  
يىغلاپ ئولتۇرۇپ دېگەن سۆزلەرمۇ،خېلى ئۇزۇن يالۋۇرۇشلارمۇ جاۋاپسىز قېلىپ،ئاخىرى ئۆيدىكىلەرنىڭ قايتا-قايتا تەكلىپ قىلىشلىرى بىلەن بوۋاي ئاستا داستىخانغا كەلدى.بوۋاي ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلغانىدى.دائىم ئۇنىڭ چىرايىدىن ئۆتمۈشىگە ئۈكۈنگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.مەيلى ئۇ قانچىلىك ئۆكۈنسۇن،مەيلى قانچىلىك ۋىجدان ئازابى تارتسۇن،بۇ بەخىتسىز ئائىلىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەمدى مەڭگۈ ئۆزگەرتەلمەيدۇ.چىن ھەقىقەتلەرنى يېزىۋاتقان قوللارنى ھەرگىز تۇتۇپ قالالمايدۇ. ^<AwG=  
ئانا،بالا،نەۋرىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ جەم بولۇش خۇشاللىقىغا غەرق بولغىلىمۇ بىر ھەپتە بولدى.بىر كۈنى ئەتىگەن چاي ئىچكەچ،ئابدۇقادىراخۇن ئاكام بالىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە ئۆزىنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش نىيتىدە،گۈلنىساخان ئانامنى يۇرتىغا ئەكىتىپ،ئاخىرقى ئۆمرىدە بولسىمۇبالا-چاقىلىرى بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئىيتتى.سىڭلىم گۈلقىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قېتىم شۇ مەقسەتتە كەلگەنلىكىنى،جەم بولۇش ئارزۇلىرىنىڭ تىزراق ئىشقا ئېشىشىنى ئۇمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى. =vhm}  
-گۈلنىساخاننىڭ ئەھۋالى مۇشۇنچىلىك-دەپ گەپ باشلىدى دادام-ئەمەلىيەتتە سىلەرنىڭ بۇنچە ئۇزاق ئايرىلىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن يۇرتقا ئاپارساقمۇ بولاتتى.لىكىن ھۇشى تازا جايىدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئويىمىزدىن ۋاز كەچكەن.ناۋادا مۇشۇنداق ئويۇڭلار بولسا، مەن سىلەرنىڭ يەنە ئايرىلىپ تۇرۇشىڭلارنى خالىمايمەن.ئەمما شەرت شۇكى ئاناڭلارنىڭ ئەمدى كۆزىدىن بىر تامچىمۇ ھەسرەت يېشى تېمىپ قالمىسۇن بالىلىرىم،مېنىڭ گىپىم شۇ. U/BR*Zn]*  
-ياق دادا(دادامنى دېمەكچى)،بىز ئانىسىزلىقنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتتۇق.ئاخىرقى ئۆمرىدە بولسىمۇ ئانىمىزنى ياخشى بېقىپ،ئانىمىزنىڭ دۇئاسىنى ئالىمىز-دېدى يىغلاپ تۇرۇپ. ?bu>r=oIO]  
شۇنداق قىلىپ گۈلنىساخان ئانامنىڭ يۇرتقا بېرىپ بالىلىرى بىلەن جەم بولۇش ئىشى مۇئەييەنلەشتى.ئەمما تۇيۇقسىز بۇ پىكىر گۈلنىساخان ئانامنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ،،تالاي يىللار ساقلىغان،ئانا يۇرتنىڭ تۇپرىقىنى كۆزىگە بىرەر قېتىم بولسىمۇ سۈرتىۋىلشنى چۈشلىرىدىمۇ ئارزۇ قىلغان بۇ ئانا،ئەمدىلىكتە ئويىدىن يېنىۋالدىمۇقانداق زادىلا ئۇنىمايۋاتاتتى.بۇنىڭدىن ھەممەيلەن ھەيران قالدۇق.بۇ ئانا بالىلىرىنى،ئۆزىنى مەڭگۈ مۇشۇنداق قىينىماقچىمىدۇ؟ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.قايتا-قايتا سوراشلاردىن كىيىن ئۆزىنىڭ يۇرتقا بارسىمۇ ئابدۇقادىراخۇن بىلەن ئەمەس،بالىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا بارغۇسى بارلىقىنى ۋە ئاخىرقى ئۆمرىگىچە ئىككى بالىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئىيتتى.دېمەك بۇ ئانىنىڭ سۆزلىرى ئابدۇقادىراخۇننىڭ بۇسۇغىسىغا مەڭگۈ دەسسىمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.ئاخىرى بۇ ئىككەيلەننىڭ كېتىۋىرىدغان،ئانىسىنى ئاپارسىمۇ ئوغلىنىڭ كىلپ ئەپكىتىدىغانلىقى بىلەن ئىككى ھەپتە داۋاملاشقان مېھماندارچىلىق شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى. Xha..r  
ئۇلار كېتىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن نەۋرە ئاكام ئانىسىنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلدى.مانا شۇنداق قىلىپ21يىل داۋام ئەتكەن بۇ جۇدالىق ئاخىر ئاياغلىشىپ،2010-يىلى يازدا بۇ بەخىتلىك ئائىلىنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى دىۋوپو ئايرۇدۇرۇمىغا چىقتىم.ھايات مۇساپىسىدە ئىنسان بالىلىرى تارتىدىغانلىكى جاپايى-مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تارتقان بۇ ئانا بەللىرى قىيادەك ئېگىلىپ،چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاقارغاندا بولسىمۇ بەخىتنىڭ نېمىلىكىنى ھىس قىلىۋاتاتتى.ئۇ ئاخىرى يۈسۈپلىرىنى تاپتى ۋە شۇ يۈسۈپلىرىنىڭ يۇرتى كەنئانغا سەپەر قىلىش ئۈچۈن تەييارلانماقتا.ئۇنى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى،بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بالىلىقتىكى دوستلىرى،كېلىن-نەۋرىلىرى تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلىماقتا.ئايرۇپىلان زالىدىكى رەسمىيەتلەرنى ئۆتەپئايرۇپىلانغا چىقىش زالى تەرەپكە ماڭغاندا،بۇ ئانا بىلەن بىر-بىرىمىزگە قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق.ئەپسۇس ھېچكىممۇ بۇ خوشلىشىشنىڭ ئاخىرقى قېتىملىقى بوپ قالدىغانلىقىنى بىلمەيتتى.ئايرۇپىلان ھاۋاغا كۆتۈرلۈپ مۇشۇ ئۇچقانچە جەننەتكە بېرىپ توختايدىغاندەك بۇلۇتلار ئارىسىدا كۆزدىن غايىپ بولدى. sx<%2  
;A!BVq  
دېرىزىدىن چۈشكەن يورۇقلۇق،يىغا ئارىلاش قۇرئان ئوقۇۋىتىپ چۆكۈپ كەتكەنخىياللار دېڭىزىدىن قىرغاققا چىقاردى.تاڭ سۈزۈلۈپ خېلى بىر ۋاقىتلار بوغانىدى.قۇرئاننى ئاستا ياپتىم-دە،ئۆز-ئۆزۈمگە شۇنداق شىۋىرلىدىم: wlmRe`R  
-ئى ئانا خاتىرجەم يېتىڭ،سىز ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاتا-ئانىغا،قەۋىم-قېرىنداشلارغا،ئانا يۇرتقا،پەرزەنتەلەرگە بولغان مېھرى-مۇھەببەتنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلىقىنى پۈتۈن بىر ھاياتىڭىز بىلەن ئىسپاتلىدىڭىز.سىز ئۈچۈن مەنلا ئەمەس،قان-ياشلىق قىسمەتلىرىڭىزگە شاھىد بولغان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋەشىمالىدىكى بارچە تورداش ئوغۇل-قىزلىرىڭىز سىز ئۈچۈن ھازا تۇتماقتا. ~e.L.,4QZ8  
-ئى ئۇلۇغ رەھىمدىل ئاللاھ،ئاشۇ مېھرىبان ئانامغا يۈكسەك ماقام بولغان جەننەتنى ئىنئام قىلغايلا.ئامين! 8HdAFRw  
                                                 تامام. Ecx<OTo  
  
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-08-05, 01:32
ansardin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15639

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   128 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4530 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   486 (قېتم)
 تۆھپە:   484  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 37
 سائەت
دەرىجىسى:
37 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-05-18
ئاخــىرقىسى:2013-08-09
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 08-05

mUx+Y]Ep  
ئاھ، ئۆتكەن كۈنلەر، .ئېى رەببىم، بەندىلەرنىڭ بىلىپ -بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرنى مەغپىرەت قىلغايلا،
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى