باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       164 
  •    ئىنكاس 
       1 

ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيتى

قەۋەت ئاتلاش
维吾尔族
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7549

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   13 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1067 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   100 (قېتم)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3
 سائەت
دەرىجىسى:
3 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-14
ئاخــىرقىسى:2013-08-03
— بۇ تېمىنى AnaTuprak تور ئەسەرلىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2013-07-29) —

'KM@$2tK^q  
                               ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇلىيتى 8CwgV  
i!sKL%z}  
    بالزاك ئانا توغرىسىدا توختالغاندا: مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئانىلارنىڭ قولىدا دېگەنىدى. بۇ، ئانىنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت، ھەتتا بىر پۈتۈن مىللەت ئۈچۈن ناھايىتى زور مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداق، ئانا-مىللەتنىڭ ھازىرىنى تەۋەللۇت قىلىپلا قالماي، بەلكى مۇھىمى مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرغۇچى ئىنساندۇر. شۇڭا ئانا ھەر دائىم ئۇلۇغلىنىشى، قەدىرلىنىشى، ھۆرمەتلىنىشى كېرەك. لېكىن بۇنداق ئۇلۇغلىنىشقا ئانا بولغۇچى پەقەت ئانىلىق ۋەزىپىلىرىنى تولۇق ئورۇندىغاندىلا ئاندىن ئېرىشەلەيدۇ. ئانىلىق بۇرچى دېگىنىمىز، ئانىلارنىڭ بىلىشكە ۋە ئۇلارنىڭ رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ئەخلاقىدۇر . lHr?sMt  
      قېيىنئانا، قېيىنئاتا، ئۆز ئاتا – ئانىڭىزنى، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى، قولۇم-قوشنىلارنى ھۆرمەتلەڭ. ئېرىڭىزگە ساداقەتمەن بولۇڭ، ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلماڭ. ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن جېدەللەشمەڭ، چىرايىڭىزنى تۈرمەڭ. بولۇپمۇ ياخشى يامان كۈنلەردە، خۇشاللىق ۋە قايغۇدا سىرداش، مۇڭداش، تەقدىرداش بولۇڭ. ئېرىڭىز ئىشقا ماڭسا ئاللاھقا ئامانەت دەپ تەبەسسۇم بىلەن ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ قويۇڭ. ئىشتىن كەلسە ھارمىغايسىز دەپ قولىدىكى نەرسىنى ئېلىڭ. ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك ئۆتۈلسە مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ سادىقلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ. ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلماڭ. ئۇنىڭدىن ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋېلىشنى ئويلىماڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى ھەرقانداق ياخشىلىقنىڭ ئەۋۋىلى ۋە ئەۋزىلى ھۆرمەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەگەر بەندىلەرگە سەجدە قىلماق شەرىئىتىمىزگە ئۇيغۇن بولسا، ئاياللارنى ئەرلەرگە سەجدە قىلىشقا بۇيرار ئىدىم. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرلىرىگە ئىتائەت ۋە ھۆرمەت قىلىش ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر. بۇنداق ئاياللار ئېرىنىڭ قەدىرلىشىگە، ئەل جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ob-z-iDz  
      تېجەشلىك بولۇڭ. ئىسراپچىلىق، بەتخەجلىك قىلماڭ. ئاددىي نەرسىلەردىنمۇ پايدىلىنىشنى بىلىڭ. ئېرىڭىزنىڭ جاپا تارتىپ تاپقىنىنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى ئىقتىساد قىلىپ ساقلاپ قويۇڭ. بارىغا قانائەت قىلىڭ. تاقەتسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشىدۇر. خوتۇننىڭ ئېرىگە بولغان مېھرىبانلىقى پەرزەنتنىڭ ئاتىغا بولغان مېھرىبانلىقىنى پەيدا قىلىدۇ دەيدۇ كۆپنى كۆرگەن ئۇلۇغلار. پەرزەنت تەربىيىلەشتە ئانىنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدۇ. شۇڭا پەرزەنتلەرنى ئەدەپ ئەخلاقلىق ۋە بىلىملىك قىلىش ئۈچۈن ئۆزىڭىز زۆرۈر بىلىملەرگە ئىگە بۇلۇڭ . ^%*%=LJm  
        پەرزەنتلەرنى راستچىل، مۇلايىم بولۇش، ئەمگەكنى سۆيۈش، ئۆزىدىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسراش، ھورۇن بولماسلىق، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئېلىۋالماسلىق، چامى يەتكەن ئىشلارنى ئۆزى قىلىش، باشقىلارغا ياردەمدە بولۇش، پاكىز يۈرۈش، تاماق تاللىماسلىق، چېقىمچى، غەيۋەتخور بولماسلىق، ئىككى يۈزلىمىچى بولماسلىق، جۈرئەتلىك بولۇش توغرىلىق تەربىيىلەڭ ۋە ئۈلگە بولۇڭ. ئۈلگىنىڭ كۈچى چەكسىزدۇر. ocGqX Dg3  
      ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن. ئانىلار، بىلىپ قېلىڭلار: ئائىلىنىڭ بەختى، مىللەتنىڭ تەقدىرى سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا …. RE7 I"  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-07-29, 01:16
watan
wisaliya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12553

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   59 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2930 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   296 (قېتم)
 تۆھپە:   296  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 226
 سائەت
دەرىجىسى:
226 سائەت 44 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-11-16
ئاخــىرقىسى:2013-07-31
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 07-30

تېمىڭىزدىن سۈيۈندۈم ، ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى مەسئۇليىتى دېمىسىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىر . ئەرنىڭ ، بالىنىڭ ، شۇنداقلا ئەرنىڭ ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىسا ، ئائىلىدە ئۇششاق جېدەل تۈگۈمەي قالىدۇ . ئەمما ئەرلەرگىمۇ شۇنى دېگىم كېلىدۇ : J)._&O$  
ئائىلىدىكى ۋە ئىككى چوڭ ئۆي ئوتتۇرسىدىكى ئىنچىكە مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتا ، ئەرنىڭ رولى ئەڭ چوڭ بۇلىدۇ . بىر ئايال مىڭ كۈچىگەن بىلەن ئەر بۇنىڭغا مۇۋاپىق ماسلاشمىسا ، ئاياللار چېچىنى سۈپۈرگە قىلىلغان بىلەنمۇ يەنىلا بەزى تەرەپلەردىن ئويلىغان مەسىللەر كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالىدۇ . uG=~k O  

تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى