كىرزىس ئېڭى«ساۋاتسىز»لىقى 7Cf(y'w^
P vwIO_W
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
; \+0H$ سىزنى شۇنچە ئالدىراش قىلىۋەتكىنى دەل سىزدىكى كىرزىس تۇيغۇسى.
OB22P% ئەتراپىڭىزدىكى شەيئىلەر ئىختىيارىڭىزدا (تەسىرىڭىزدە) بولمىغاندا ياكى ئۆزئەھۋالىڭىزنى ياخشىلاشقا ئىلاجسىز قالغىنىڭىزدا ئۆزىڭىز،سىزكۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەملەر ياكى نەرسىلەردىن ئەنسىرەيسىز،مانا بۇ سىزدىكى كىرزىس تۇيغۇسى!
7g9 ^Jn 'Aj>+H<B كىرزىس ـــ زامان رايىدىن خەۋپسىرەش تۇيغۇسى. شۇنداقلا يەنە ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچ مەنبىيى.كىرزىس تۇيغۇسى ــ كىرزىس ئېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىرئادەم كىرزىس ئېڭىدىن مەھرۇم ئىكەن ،ھازىرقى ئەھۋالىغا شۈكۈر قىلىدىغان بولىدۇ،ئالغا چامداشنى خالىمايدۇ،ئارقىدا قالىدۇ.ئارقىدا قالسا قايسىدۇر بىردانا ئېيتقاندەك ئۇنى كۈتىۋاتقىنى شاللىنىش ھەم «بوزەك بولۇش» قىسمىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.كىرزىس ئېڭى كۈچلۈك ئادەملەر ــــ دەل مەۋجۇتلۇققا ئىنتىلىشى،ئارزۇسى كۈچلۈك ئادەملەردۇر.بۇ ئۆزگىرىشچان ئىقتىسادىي جەمئىيەتتىكى يادرولۇق جان بېقىش ئىقتىدارىدۇر.
R:?vY! 4a!7|}W بىر بالا ئالىي مەكتەپتە بەش يىل ئوقۇپتۇ،مەكتەپتە تاپشۇرۇقلارنىمۇ سۆرەلمىلىك قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا تاپشۇرىدىكەن،ئەتە ئىمتاھان دېگەن كۈنى ئاندىن كىتابنى قولغا ئالىدىكەن،ھەمىشە ئىشلارنى ئەڭ ئاخىرىغا سۆرەپ قىلىشقا ئادەتلىنىپ قاپتۇ.ئاخىرىدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ پراكتىكا مەزگىلى كەپتۇ،ئۇ پىراكتىكا ئورنىغا بارغۇسى كەلسە بارىدىكەن،بارغۇسى كەلمىسە بارمايدىكەن.خىزمەت توغرىسىدىمۇ ھېچنىمىنى نىيەت قىلماپتۇ. «تاپالىسام تاپتىم،تاپالمىسام بولار بىرگەپ» دەپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەن . بىركۈنى يېتەكچىسى ئۇنى چاقىرىپ نەسىھەت قىلىپ شۇنداق دەپتۇ:
;0}2@Q2@ZK \DK*>k ـ نېمىشقا شۇنداق يۈرۈيسىز؟
`gN68:B u^%')Ncp ـ كەچۈرۈڭ،مېنىڭمۇ لاي سۇدەك ئۆتۈۋاتقان كۈنلىرىمگە ئىچىم پۇشىدۇ،ئەمما،ئادەتلىنىپ قاپتىمەن. چوڭ بولغان شارائىتىم شۇنداق. كىچىمدىن يېزامدىلا ئوقۇپ ئۆيدىن ئايرىلىپ باقمىغان،ئەزەلدىن ئېغىرراق جاپا-مۇشەققەتكە دۇچ كېلىپ باقمىغانتىم،پۇل يوق چىشنىڭ كىرىنى شوراپ سېرىقتال يۈرۈشنىڭ دەردىنىمۇ تارتىپ باقمىغانمەن.
Ws)X5C=A /LM مۇئەللىم ئىچىدە ئويلىدى: قانداق شارائىت بولسا شۇنداق ئادەم يېتىشىپ چىقىدۇ،ئەقىللىق ئادەملەر شارائىتنى ئۆزلىرى يارىتىدۇ.ئادەتتىكى ئادەملەر شارائىتقا ماسلىشىدۇ،قاششاق ئادەملەر شارائىت بىلەن قارشىلىشىدۇ. ئاچچىق-چۈچۈكنى تېتىغان بولسىڭىز،بېسىملارغا ئۇچرىغان بولسىڭىز،ئويغىنىپ مەسئۇلىيەتچان بولۇپ ئۆزگىرەر ئىدىڭىز...بۇ يىللاردا پۇل بار كۈنلەر بىلەن پۇل يوق كۈنلەرنى سېلىشتۇرۇپ بېقىشقا ئەقلىڭىز يەتسىلا سىزدە كىرزىس تۇيغۇسى ۋە ئاكتىپ پوزىتسىيەنىڭ ئويغۇنىشىدىن ئۈمىد بار.
i0Q_f!j q-(NZno ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى كېيىنكىلەر باسىدۇ،ئالدىنقىلارنىڭ ئارزۇسىنى كېيىنكىلەر ئىشقا ئاشۇرىدۇ.گەرچە ئالدىنقىلارنىڭ ئارزۇسىدىكى كۈنلەر يېتىپ كەلگەندە كېيىنكىلەرنىڭ بىرمەھەل تېڭىرقاپ،مەڭدەپ قېىلىشى تارىخىي جەريانغا نىسبەتەن نورماللىق بولسىمۇ ئالدىراشلىقتىن،شارائىتتىن ئاغرىنىپ يۈرۈۋېرىش،كىرزىس ئېڭىنىڭ بولماسلىقى ـــ بۇ دەۋىرگە نىسبەتەن يېڭىچە «ساۋاتىسزلىق»بولسا كېرەك. دەرۋەقە، كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ چوڭ كىرزىس ـــ كىرزىس ئېڭىنىڭ بولماسلىقىدۇر.
j%jd@z ]@ `yX+NRi(s مەنبە:تەڭرىتاغ مۇنبىرى