باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       272 
  •    ئىنكاس 
       1 

«پىنھاندىكى دەردلىك قەلىبلەر ''پۇۋېسىتىدىكى تىراگىدىيىلىك ئاڭ ۋە ئىجتىمائىيىتىمىزدىكى ماھىيى

قەۋەت ئاتلاش
turdiisrail
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15799

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   290 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   32 (قېتم)
 تۆھپە:   31  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1203
 سائەت
دەرىجىسى:
1203 سائەت 147 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-05-28
ئاخــىرقىسى:2013-09-15

«پىنھاندىكى دەردلىك قەلبلەر» پوۋېسىتىدىكى  تىراگىدىيىلىك ئاڭ  ۋە  ئىجتىمائىيىتىمىزدىكى ماھىيەتلىك  زىددىيەتلەر ^?fsJ  
-}TP)/ !,*  
(ئۇبىزۇر) @{qcu\sZ  
*H/)S5  
تۇردى ئىسرائىل دىنارى uD{-a$6z  
A?HDY_u  
ھاياتلىق ئالىمىدە ياشاۋاتقان  ھەر بىر ئىنساننىڭ  قەلبىگە پۈككەن يۈكسەك ئۈمىد-ئارمانلىرى بولىدۇ. ئىنسان  بۇ چەكلىك ھاياتىدا ئەشۇ ئۇلۇغۋار   ئارزۇ-ئارمانلىرىنى رۇياپقا چىقىرىش  ئۈچۈن،ھاياد دەملىرىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا  سەرپ قىلىپ، تېغدەك تىك   تاغلارغا  چىقىشقا، ئوت دېڭىزىغا  شۇڭغۇشقا جۈرئەت قىلىپ   ، ھاياد مەنزىللىرىدە ئۆزلۈكسىزئىزدىنىدۇ،ئىختىرا ۋە كۆرەش قىلىدۇ.   پەقەت   ھەقىقى ئادىمىيلىك  ، غەيرەت -شىجائەتكە ئىگە كىشىلەرلا قەلبىگە پۈككەن   يۈكسەك ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ چاتقاللىق موساپىلىرىدا  ، ئىقبال داۋانلىرىغا   مەغرۇر  ئات  سېلىپ، ۋېسال دەملىرىنىڭ گۈلگۈن شارابى بىلەن تارتۇقلىنالايدۇ.     x!I@cP#O  
ياش  ئايال يازغۇچىمىز   نۇرگۈل ئەبەي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيەت زېمىنىغائۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن  قەلەم تەۋرىتىپ كىرىپ،«تارىم»ژۇرنىلىدا«ئىككى ھېكايە»( 2008-يىل1-سان)،« pDP*3  
ئىككى ھېكايە»( 2008-يىل 8-سان)،«پىنھاندىكى دەردلىك قەلىبلەر »(پۇۋېسىت، 2009-يىل 9-سان)،«ئانا »ھېكايە،( 2010-يىل 1-سان)،«قېرى قىز»،(پۇۋسىت 2010-يىل 7-سان) ….غا ئوخشاش، كىتاپخانلارغا  ئىستىتىك زوق  بېغىشلاپ،ئۇلارنىڭ    قەلىب تارىنى چېكەلەيدىغان بىر تۈركۈم ھېكايە-پۇۋېسىتلارنى ئارقا-ئارقىدىن  ئېلان قىلىپ، يېڭى دەۋر   ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەرەققىياتىغا  بەلگىلىك تۈھپە قۇشىۋاتقان  ئۈمىدلىك  يازغۇچىلىرىمىزنىڭ    بىرىدۇر . =Cf@!wZ^  
بىزگە مەلۇمكى ،رىئالىستىك ئەدەبىياتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى ئادەملەرنىڭ ماھىيەتلىك خاراكتىرىگە كۆ ڭۈل بۆلۈپ، پىرسۇناژلار خاراكتىرىنى  جانلىق  يارىتىش ، پىرسۇناژلار  ئىچكى دۇنياسىنىڭ مول  ۋە ئۆزگۈرۈشچان ئالاھىدىلىكلىرىنى جانلىق   يۇرۇتۇپ بىرىشتىن ئىبارەت.چۇنكى،كىشىلىك ھايات رەڭدار،باي،كەسكىن ،مورەككەپ ۋە زىددىيەتلىك تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى بىلەن تولغان بولىدۇ.  پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى ،ئىچكى دۇنياسى ، كىشىلىك ھاياد  ھەقىقەتلىرى   داۋامىدا ،  گۆزەللىك بىلەن پاسىقلىق، ئادىمىيلىك بىلەن ئەخلاقسىزلىق… ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان  كەسكىن   كۆرەشلەر  داۋامىدا راۋاجىلىنىدۇ  ۋە  نۇرلۇنۇپ،ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. I@N/Y{y#  
ئاپتۇر  ، يازغۇچىلار زېممىسىگە ئالغان بۇ كىشىلىك ئالىمىدە ، ئىنسانلار قەۋىمىنى    ئادىمىيلىك ئەخلاقى  پەزىلەتلىرىنى نامايان قىلىپ،ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ ،چەكلىك ئۆمىرىنى غورۇر-ۋىجدان  بىلەن  ئۆتكۈزۈشكە   ئۈندەيدىعان مەنىۋىي ۋە ماددى  بۇرىچنىڭ  ئىلھامى ئاستىدا  ،يازغۇچى مۇددىئاسىنىڭ دىققەت –ئىتىبارى،  پىرسۇناژلار ئىچكى دۇنياسىنى قېزىش،قان-ياشلىق  ھاياد كەچۈرمىشلىرى داۋامىغا     يۇشۇرۇنغان تۈپكى  زىددىيەت ئامىللىرنىڭ  چۇڭقۇر ماھىيىتى  ئېچىپ بېرىپ،ئوقۇرمەنلەرگە  بەلگىلىك ئىستىتىك زوق بېرىشنى  مەقسەد قىلىپ يېزىلغان  "پىنھاندىكى دەردلىك قەلىبلەر''پۇۋېسىتى ،تارىم گۈلزارلىقىدا  ئۆزگىچە خۇش پۇراق چېچىۋاتقان  نادىر ئەسەرلەر جۈملسىدىندۇر. Ld:-S,2  
پۇۋېسىتتا ،  ساددا دېھخان يىگىتى خالىقنىڭ ، نورمال تۇرمۇش تەرتىپلىرىدە، ئاتا-ئانىلارنىڭ  قىزلىرىمىزدا  يېتىلدۈرگەن  يۈكسەك شەرمى-ھايا، ئار-نومۇس ،مېرى –ۋاپا … رامكىلىرىدىن يېنىكلىك بىلەن چەتنەپ ،ئادىمىيلىك ئەخلاقى –پەزىلەتلىرىنى ئەسكى چاپاندەك چۆرىۋىتىپ ، جەمئىيەت «شاللاق ''لىرىنىڭ  تىپىك ۋەكىلى "ئاينۇر''چە كىشىلەرنىڭ قولى بىلەن ،  زەھەرنىڭ ۋاستىلىق      زىيانكەشلىككە ئۇچىراپ ، ھايادىدىن    ئۈمىد ئۈزۈپ، ئۆزى  ئۈستىدە « دۇنيا خەلقى ئەڭ نەپىرەتلنىدىعان ،ئاڭلىسا قولىقىنى،كۆرسەكۆزىنى ئېتىۋالىدىعان نەپىرەتلىك تەنگە ئايلانغان ئىنسان» دېگەن ئەقلى خولاسىنى ئوتتۇرىغا   قويۇپ ،بۇ پاسىق   ھايادىنى  ئۇزۇل-كېسىل ئاياقلاشتۇرۇش مەقسىدىدە  ، كىيىملىرىگە  ئوت يېقىش ،كۈن-كۈنلەپ تاماق يېمەي،ئۇسسۇلۇق ئىچمەي ، ھاراقنى سۇدەك ئىچىش....كە ئوحشاش  تەپسىلاتلارنى  ئەسەر بايانىنىڭ  مەركىزى نوقتسىعا قويۇپ، جەمىيىتىمىزدىكى ئادىمىيلىك  ئەخلاقى پەزىلەتلىرى كىرىزىسقا ئۇچىراپ ،  ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن بىھۇدە يۇقۇملىنىۋىلىپ،جەھەننەم ئىشىكلىرىدە ئۈچىرەت  كۈتىۋاتقان بىر قىسىم     كىشىلىرىمىزنىڭ قان-ياشلىق ھاياد سەزگۈشتىلىرىنى باش تېمىغا ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈلۈپ،ئاۋامنى بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنى ، دۇنيادا 1-نومىرلىق قاتىل –دەپ ئاتىلىۋاتقان ئەيدىز  كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان ئاساسى مەنبەئە بولغان  زەھەردىن يىراق تۇرۇشقا  ، ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرى  بىلەن  ياشاشقا ئۈندەش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم كىشىلىمىزدە   مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئادىميىلىك ئەخلاقى  پەزىلەتلىرىدىن چەتنەپ ، تېنچ-ئىتىپاق جەمىيەت  تەرتىپىنى بوزىدىغان  تۈپكى   مەنبەئەنىڭ  يەنىلا    زەھەر ئكەنلىكىنى  جەزىملەشتۈرىدۇ ھەمىدە ئەسەرگە  زەينەپ ،سەمەت قاتارلىق يانداشما پىرسۇناژلار  ئىش-ھەركىتىنى  ماھىرلىق سېڭدۈرۈپ ، جەمىيىتىمىزدە  زەھەرنىڭ ۋاستىلىق  زىيانكەشلىكىگە   ئۇچىراۋاتقان  بىر تۈركۈم ياشلىرىمىزنىڭ تىپىك  ۋەكىلى بولغان   خالىق تىراگىدىيىسىنىڭ چۇڭقۇر  ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ  .خالىقنىڭ    ئەيدىز بىمارىعا ئايلانعاندىن كېيىنكى قاباھەتلىك ھايات سەزگۈزەشتىلىرىنى  ئەسەر بايانىنىڭ  مەركىزى نوقتىسىغا  قويۇپ، جەمىيىتىمىزدە يامىراۋاتقان زەھەر سىتىش، ئېلىش،چىكىش،ئەتكەس قىلىش  قىلمىشلىرىنىڭ ياشلىرىمىزغا، بولۇپمۇ تىنچ-ئەمىن  ۋەزىيىتىمىزگە  كەلتۈرىۋاتقان زور بالايى ئاپىتىنىڭ ماھىيىتىنى پاش قىلىدۇ ھەمىدە  جەمىيىتىمىزدىكى زەھەر ئەتكەس قىلىش ، سېتىش،ئېلىش،چېكىش قىلمىشلىرىنىڭ       زىيىنىنى ئۇنچە  ئاددى چاغلاشقا بولمايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئايرىم ياشلىرىمىزدا مەۋجۈت بولۇۋاتقان زەھەرگە  قۇشۇپ چېكىپ تۈگىتىۋەتكەن ، شەرىمى-ھايا،ئادىميلىك پەزىلەتلىرىنىڭ بىرەر شەخىسكە مۇناسىبەتلىك ئاددى مەسىلە بولماستىن بەلكى،دۆلەت ھەم مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىبەتلىك چوڭ  ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ ھەمىدە چۈشكۈن،بېخۇت،عايىسىز ئادەم، ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ  كەلگۈسى تەقدىرىنى ئويلىيالمايدۇ- دىگەن ئەقلى  خولاسىىنى ئوتتۇرىغا  قويۇپ،دۆلىتىمىز ۋە  حەلقئارادا ۋابادەك يامىراۋاتقان يامان سۈپەتلىك  ئۆسمە -   زەھەرنىڭ ئىنسانلار جەمىيىتىگە كەلتۈرىۋاتقان مەنىۋىي ۋە ماددى بالايى ئاپەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،پەقەت ،گېزىت-ژۇرنال ،رادىيۇ-تىلىۋىزىيە ....قاتارلىق ئاحبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەشۋىقات  رولىغا تايىنىپلا،ئاددى ۋە يۈزەكى ئۇسۇللار بىلەنلا  ھەل قىلىپ كەتكىلى  بولمايدىغانلىقىنى، ئاممىنى ئەڭ زور  دەرىجىدە سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلق دىكتاتۇرىسىنىڭ مەجبۇرلاش كۈچىنى ئىشقا سېلىپ،خەلق ئارادا  كۈنسىرى يامانلىشىۋاتقان   زەھەرنى    توسۇش، چەكلەش ،يۇقۇتۇشنى تۈپ مەقسەد قىلغان  ئاممىۋى  خاراكتىرلىك خەلق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ ، جەمىيىتىمىزدە ئۆزلۈكسىز  يامىراۋاتقان  زەھەرلىك   ئۆسمىنىڭ، ئىنسانلار جەمىيىتىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان  زور بالايى ئاپەتلىرىنىڭ  ئاكتىپلىق بىلەن  ئالدىنى  ئالغاندىلا ،  ھالاكەتلىك تەقدىرگە يۈزلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان  بۇ بىر تۈركۈم   ياشلىرىمىزنى قۇتقۇزىۋىلىپ ، ئۇلارنى ئىناق ۋە ھاللانغان سۇتسىيالىسىتىك  دۆلەت قۇرۇش ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ،ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلدۇرۇش مەقسدىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى  مۇراجئەت قىلىدۇ. M| }?5NS  
بىز  دېھخان يىگىتى خالىقنىڭ،سودا –تىجارەت قىلىشتىن بۇرۇنقى  نورمال تۇرمۇش  پائالىيىتى   بىلەن ،  سودا دېڭىزىغا شۇڭغۇغاندىن كېيىنكى  ھاياد   تەپسىلاتلىرىنى ئەسەرنى تەشكىل قىلغان   پۈتۈن بىر  گەۋدە - دەپ قارىساق، خالىق خاراكتىرىنىڭ  ھەقىقىتەن  تەبىئى ۋە چىن يارىتىلعانلىقىنى ھىس قىلالايمىز. ھىسىياتى،خىيالى،ئارزۇ-تىلىكى ،خۇشاللىقى,تۇرمۇش سەزگۅزەشتىلىرى ،ھەتتا ئىچكى ھېس –تۇيغۇلىرىغىچە  بىر تۈز لىنىيە بۇيىچە رىۋاجلاندۇرۇلغان خالىق ئۇبىرازى كەسكىن ۋە زىددىيەتلىك تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ رەھمىسىز  تەقدىرى بىلەن  زىچ باغلىنىپ ، ئەسەر پىرسۇناژلىرىغا يىڭى روھ،يىڭى مەزمۇن ئاتا قىلىدىغان بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە  قىلىنغاچقا ،بىز  حالىق ئۇبىرازىنى بىر قەدەر  مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىلغان ئوبىراز –دەپ ئېيتالايمىز {3os9r,  
ئاپتۇر ،ئەسەردە ئىشلىتىلگەن    زۈرۈر   بەدئىي توقۇلمىلارنى چۈرىدىگەن ھالدا،باش تېمىنى يۇرۇتۇپ بېرىشكە   ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىپ،يېزىلاردىكى تېرىلغۇ يېرى ئاز ،دېھخانچىلىق ئەمگىكىدىن  ئارسالدى ۋاقتلىرى   كۆپىرەك بولغان يېزا-بازارلىرىمىزدىكى   ئېشىنچى  ئەمگەك كۈچلىرىمىزنىڭ، ئىسلاھاد-ئىچىۋىتىشنىڭ  تۆرتكىسى ئاستىدا،سودا دېڭىزىغا شۇڭغۇپ،ئچكىرى ئۆلكىلەردىكى سانائەت ئىگىلىگى تەرەققىي قىلىپ،سودا -تىجارىتى روناق تاپقان ،    دېڭىز بۇيى    رايۇنلىرىغىچە  بېرىپ ، سودا-تىجارىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى  ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ قاينام-تاشقىنللىقا چۈمگەن  سودا بازارلىرىنى تەپسىلى كۈزۈتۈپ،  ئۇچۇر ئىگىلەشكە،ئوبوروت ساھەسىنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرى بىلەن  دادىل تونۇشۇشقا  قارىتىپ   ،ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ،   روناق تېپىپ،بېيىش يولىغا ماڭغان    مىڭلىغان،ئون مىڭلىغان  يەككە تىجارەتچىلىرىمىزنىڭ  تىپىك ۋەكىلى بولغان خالىقنىڭ  نورمال  تىجارەت   داۋامىدا  ، نېمە ئۈچۈن  شۇنچە زور  تىراگىدىيىلىك   قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدۇ؟ جەمىيىتىمىزدىكى  ئاينۇر تىپىغا  ئوخشاش   كىشىلىرىمىزنىڭ،  پۇل ۋە ماددى مەنپەئەت ئالدىدا  ،ئەخلاق رامكىلىرىدىن يىنىكلىك بىلەن چەتنەپ، شەرمى-ھايانى ئۇنتۇپ،ئىپپەت-نومۇسىنى ماددى مەنپەئەت ئۈچۈن قۇربان قىلىۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ،خالىققا ئوخشاش  بىگۇنا كىشىلەرنى  زەھەرنىڭ  ۋاستىلىق  زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرۇتۇپ،خالىقنى   ئائىلە،پەرزەنت،جۈملىدىن  ئەزىز  ھاياتىدىنمۇ   ئۈمىد ئۈزگۈزۈپ، ئىنسانىيەت ئالىمىدىن   نام-نىشانسىز يوقۇلۇشتەك ھاياد   يولىنى تاللىۋىلىشىغا سەۋەپ بولعان   زىددىيەتلىك ئامىللارنىڭ تۈپ ماھىيىتى  زادى    قەيەردە؟! كىشىلىك جەمىيىتىمىزدە حالىق …، تىراگىدىيىسىنىڭ تۈپ ماھىيىتى   نېمىلەردىن ئىبارەت؟! جەمىيىتىمىز  كىشىلىرىنىڭ    ھايات-ماماتىغا   مۇناسىبەتلىك بولۇۋاتقان  بۇ زىدىدىيەت ئامىللىرىنى   ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئازعان   ياشلىرىمىزنى يار لېۋىدىن  تارتىۋىلىشنىڭ    قانداق ئىجابى ئۇسۇللىرى بار  ؟!...دېگەنگە ئوخشاش قاراتمىلىق سوئاللارنى  قويۇش ئارقىلىق  ،ئوقۇرمەنلەرنى ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدا يۅز بېررىۋاتقان  حالىق تىراگىدىيىسىنىڭ  ماھىيتىنى  كۈزۈتۈش،ئانالىز قىلىش ئارقىلىق  ئالغان  بەدئىي زوقىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن   ، ئۆزلىرىگە  ئىھتىياجلىق بولغان  زۈرۈر جاۋابلارنى تېپىشقا ئۈندەشتەك ئاكىتۋال ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق   ،باش تېمىنىڭ  چىنلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە مەركىزى ئىدىينى ئۈنۈملۈك  ئېچىپ بىرىشتىن ئىبارەت  ئىبارەت قوش  ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىدىگە يەتكەن. }nM+"(}  
پۇۋېسىت ئەسەر باش قەھىرىمانى  خالىق  ، ئايالى زۇھرە ، خالىقنىڭ دۇستى ئالىم ھەمىدە ئاينۇر،زەينەپ، سەمەت … قاتارلىق  يانداشما  پىرسۇناژلار ئوتتۇرىسىدىكى مورەككەپ  تۇرمۇش زىددىيەتلىرى   تەسۋىرلەنگەن ئەسەر بولۇپ،ئەسەردە  خالىقنىڭ  قوشنا يېزىدىكى   دۇستىنىڭ  توي مۇراسىمىدا تەساددىپى  تونۇشۇپ قالغان "شاللاق ئايال'' ئاينۇر  ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدە  يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان بىر قېتىملىق  ئەخلاقسىزلىق قىلمىشىنىڭ خالىق تىراگىدىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىۋاسىتە  مەنبەئە – دەپ ،كېسىپ  ئېيتالىمىساقمۇ لېكىن،جەمىيىتىمىزدە  قىزلىق ئىپپىتىنى ئازغىنا  پۇل ۋە ماددى بۇيۇملارغا تېگىشىۋىتىدىغان   ئاينۇر تىپىدىكى   شاللاق  قىز-چوكانلارنى   ھەرگىزمۇ يوق –دەپ  ئېيتالمايمىز. )@ B !  
خالىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردە سودا-تىجارەت بىلەن شۇغۇللۇنۇش داۋامىدا   ،قۇرسىقىنىڭ ئاستى  ئوڭ تەرىپىنىڭ   قاتتىق   ئاغرىپ،بىئارام بولۇشقا   باشلىغاندىن كېيىنلا ،   دۇختۇرغا كۆرۈنۈشكە مەجبۇر بولۇپ، تېببى  دىئاگىنۇزدىن  ئۆزىنىڭ  ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى  بىلگەندىن كېيىن  ،كىشىلىك ھاياتقا بولغان   ياشاش ئارزۇسىنىڭ  كۈچلۈك دەۋىتى بىلەن ،ھايادىدىن  يېنىكلىك بىلەن  ئۈمىد ئۈزەلمەي ،پۇشايمان ياشلىرىنى سەلدەك تۆكۈپ،ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ   چۇڭ شەھەرلىرىدە  سەرسان-سەرگەردانلىقتا  ، تىنەپ-تەمتىرەپ يۅرگەن چاغلىرىدا  ،تەساددىپى تونۇشۇپ قالغان ، قاتناش ھادىسىدە ئېغىر يارىلىنىپ، دۇختۇرخانىدا جىددى قۇتقۇزۇزۇلۇۋاتقان   بىمارغا قان تولۇقلاش زۈرۈرىيىتى بىلەن،  نەۋرە  ئاكىسى  سەمەدنىڭ   ماس كېلىدىغان   قېنىنى سېلىش ئارقىلىق   ئەيدىر ۋېرۇسى  بىلەن يۇقۇملانغان زەينەپنىڭ نەۋرە ئاكىسى - سەمەد قاتارلىقلار ئوتتۇرىسىدىكى،قان-ياشلىق  تۇرمۇش  دېتاللىرىنى ماھىرلىق بىلەن  يانداشتۇرۇپ ، «كۆڭۈلنىڭ ئارقىسىعا كىرمەڭ ،كۆڭۈل ھەر يانعا  باشلايدۇ،سەمەر قەنىد ئالمىسىدەكلا،ئاپىرىپ چۆلگە تاشلايدۇ»-دېگەن  ھاياد ھېكىمەتلىىرىنىڭ پەلسەپىۋىلىك ئىدىيىسىنى  ئالغا سۈرىدۇ ھەمىدە  خالىققا ئوحشاش  بالاغەتكە يەتكەن ياشلىرىمىزدا ئورتاق ئىنتىلىشچانلىققا ئىگە  بولغان    جىنسى ھەۋەسنىڭ  قۇتىرىشى  ئارقىسىدا ، زەھەرنىڭ ۋاستىلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ،ئەيدىز بىمارىغا ئايلانغان كىشىلەرنىڭ   تىپىك ۋەكىلى بولعان ئاينۇرنىڭ     ،ئۉزىنى   چەكلەپ تۇرىدىغان  ئەحلاق رامكىلىرىدىن يىنىكلىك بىلەن چەتنەپ ،حالىققا ئوخشاش نەچچە ئونلىغان  بىگۇناھ ياشلىرىمىزنى  ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ، كىشىلىك ھايادىنى  تۇرمۇشنىڭ قاباھەتلىك يارداڭلىرىغا ئىتتىرىپ  ، چەكلىك ھايادىنى پۇشايمان دارلىرى ئالدىدا  بوزلاپ  ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلىدىغان   ئېچىنىشلىق    ھايات  تىراگىدىيسىنىڭ ماھىيىتى  مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىپ بېرىدۇ Ktuva3=>N  
ئاپتۇر، حالىق تىراگىدىيىسىنى  كەلتۈرۈپ چىقارعان  زىددىيەتلەرنىڭ تۈپكى  ماھىيىتى ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىشنى ئاياقلاشتۇرغاندىن  كېيىن،دېھققەت –ئىتىبارىنى  خالىقنىڭ   ئۆز تېنىدىكى   كېسەللىك   ئاسارىتىنىڭ    سۆيۈملۈك ئايالى  ۋە ئۇماق پەرزەنتلىرىنى يۇقۇملاندۇرۇپ قويىشىدىن شۇنچە ئەنسىرىسىمۇ ،  ئۇ يۈز بىرىشنى  كۈتمىگەن ئىش ئاحىرى  يۈز بىرىپ،نورمال ئائىلە تۇرمۇشى جەريانىدا ،شەرمى-ھايالىق، نومۇسچان ئايالى   زۈھرەنىڭ ،غورۇرلۇق ئېرى  تەرىپىدىن   ئەيدىز ۋېرۇسىى بىلەن يۇقۇملۇنۇپ، ھاياد شامىنىڭ   ئاجىز نۇر چېچىۋاتقان   ئاخىرقى  ھايادلىق دەملىرىدىمۇ ،ھايادقا،حالىققا(حالىق گەرچە  زۇھرەنى  ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرعان جىنايەتكار شەخس بولسىمۇ  )ۋە ئۇماق پەرزەندلىرىگە  بولغان يۈكسەك  ئانىلىق  سۆيگۈسىنى تەرك ئەتمەي  ،جان ھەلقۇمعا كېلىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ،ئۉزنىڭ بارلىقى بولغان، ئۇماق پەرزەندلىرىنىڭ  ھايات ئىقبالى ئۈستىدە باش قاتۇرىدىغان ئادىميلىك  پەزىلەتلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بىرىپ،  حالىق،زۇھرە، زەينەپ ۋە ئاينۇر  تىراگىدىيىلىرىنى   كەلتۈرۈپ چىقارغان   تۈپكى سەۋەب- زەھەر دېگەن ئەقلى خولاسىنى يەكۈنلەيدۇ ھەمىدە   ئىككىلەمچى  قول سېلىۋاتقان زەھەرنىڭ ،ئىنسانلار ھايادىنى نابۇت قىلىۋاتقان بىردىن –بىر  قاتىل ئىكەنلىكىنى ھەمىدە ئەشۇ  ئاز ساندىكى «ئاينۇر» تىپىدىكى كىشىلەرنىڭ ، ئەمىن  ۋە ھاللانغان سۇتسىيالىسىتىك دۆلەت قۇرۇش  ئىشلىرىمىزدا، جەمىيەت  تەرتىپىنى بوزۇپ،  تىنىچىسىزلىق ئامىللىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسى  مەنبەئە ئىكەنلىكىنى  قەيت قىلىدۇ. ھەمىدە خالىق ،زۇھرە، زەينەپ،سەمەد …قاتارلىق بىگۇناھ ياشلىرىمىزنى     ئۉلۈم گىردابىعا ئىتتىرىپ، گۈلدەك ياشلىقىنى نابۇت  قىلىۋاتقان ماھىيەتلىك زىددىيەتنىڭ باشقا بىر سەۋەب –نەتىجە    بولماستىن  بەلكى، جەمىيىتىمىزدە كەلكۈندەك  يامىراۋاتقان  زەھەر  ئېلىش-سېتىش ،چېكىش،ئەتكەس قىلمىشلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان  ماھىيەتلىك زىددىيەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۈ ھەمىدە  ئاۋامنى ئەيدىز بىلىملىرىنى ئۈگىنىش ،ئومۇمىلاشتۇرۇشقا  ئەھمىيەت بىرىپ ،زەھەردىن يىراق تۇرۇشقا،ئەيدىزگە بولعان ھۇشىيارلىقىنى  ھەسسىلەپ ئۆستۈرۈپ،زەھەرگە    ئورتاق قارشى تۇرۇشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. h/aG."U  
3-ئومۇمى يىغىنىنىڭ باھار شامىلى ،دۆلىتىمىزمىقياسىدا   ئىسلاھاد،ئېچىۋىتىش دەۋر بۆلگۈچ  گۈدۈكىنى ياڭراتتى.نەتىجىدە،  30 يىلدىن بۇيانقى بىكىنمىچىلىك ھالىتىدىكى تەڭ تەقسىماتچىلىق تۈزۈمى  ھاكىم موتلەقلىق يۈرگۈزگەن   پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ  مەنىۋى ۋە ماددى   بويۇنتۇرۇقلىرى چېقىپ تاشلىنىپ ،  ئىجتىمائى،ئىقتىسادى  قۇرۇلۇش ساھەلىرى يېڭى تەرەققىياتلارغا يۈزلۈنۈپ ،دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھاد-ئېچىۋىتىش  ئىشلىرى،دېھخانچىلىق مەدىنىيىتىدىن سانائەت مەدەنىيىتىگە ،بىكىنمىچىلىكتىن ئېچىۋىتىشكە ، پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىگىگە،ئەئەنىۋىلىكتىن زامانىۋىلىشىشقا يۈزلىنىشتىن ئىبارەت تارىخى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۈتىۋالدى .داغدۇغلۇق  ئىسلاھات -  ئېچىۋىتىش  ئارقىلىق ،   كىشىلەر ئىدىيىسى    ئازادلىققا ئېرىشىپ،  قاينام تاشقىنلىققا چۈمگەن بازار ئىگىلىكىنىڭ  يېڭى ۋەزىيىتىنى كۈتىۋالدى. L!5="s[}  
ئاپتۇر،حالىق دۇچ  كەلگەن ئاچچىق قىسمەتلەرنى يىزىش ئارقىلىق ،شۇ چاغدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋى ھالىتى،تۇرمۇش قارىشى،پىسخېكىسى،مەنىۋىيىتى ۋە  ھېسىسى بىلىش دەرىجىسى  قاتارلىق سوبىكىتىپ   پائالىيەتلىرىنى كونكىرىتلاشتۇرۇپ، ئىشىك ئېچىۋىتىلگەندىن كېيىنكى يېڭىلىقلار ۋەيۈكسىلىشلەرنى مەدىھىيلەش بىلەن بىللە، بىر قىسىم ياشلىرىمىزدا يۈزلىنىۋاتقان مەنىۋىي جەھەتتىن   بۇلعىنىش ،ماددى جەھەتتىن بوزۇلۇشتەك  ناچار ئىللەتلەرنى قاتتىق سۆكىدۇ  ۋە ئۇنىڭغا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە غەزەپ-نەپىرىتىنى ئىپادىلەيدۇ .   S="\S  
ئومۇمىلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا  ،ئىسلاھاد ئىلىپ بېرىلىپ ،ئىشىك ئىچىۋىتىلگەن دەسلەپكى يىللاردا  بىز مەنىۋىي جەھەتتىن چەتئەلنىڭ ئىلغار  نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلىپ  ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا ،چەتئەلنىڭ سېرىق   نەرسىلىرى دۆلىتىمىزگە تۈرلۈك  نامۇۋاپىق يوللار بىلەن  ئۅسۅپ  كىرىپ ،  كىشىلەر  ئىدىيىسىنى، بولۇپمۇ دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن  يېرىمىدىن كۆپىرەكىنى   ئىگىلەيدىغان ياشلىرىمىز ئىدىيىسىنى    چېرىتىپ،ياشلىرىمىز غايىسىنى  ئاتالمىش غەربنىڭ ئىدۇلۇگىيە قاراشلىرى  بىلەن زەھەرلەپ ،ئۇلارنىڭ   ئۇرغۇپ تۇرغان  ياشلىق جاسارىتىنى  زور دەرىجىدە  چۈشكۈنلەشتۈردى.نەتىجىدە ياشلىرىمىز مەنىۋىيىتىدە غەرپنىڭ  «ھەممىدە ئەركىنلىشىش »تىن  ئىبارەت  چىرىك  ئىدىيۋى   ئېقىمىنىڭ رۇشەن     باش كۆتۈرۈشىگە زېمىن ھازىرلاپ،ياشلىرىمىزنىڭ  يېتىلدۈرگەن  غايە-ئىدىقادلىرىنى،  عەربنىڭ سېرىق مەدەنىيەت   تۇمانلىرى ئارىسىدا بەربات قىلىشقا  ئورۇنسا ، ماددى قارىشىدا،  عەربنىڭ   « ھەممىدە  پۇلغا قاراش» تىن ئىبارەت   ماددى تۇقۇنۇشىنى بازارغا سېلىپ ۋە  كۈككە كۆتۈرۈپ، ياشلىرىمىز ئارسىدا ئىش قىلشتا ماددى مەنپەئەت تۇقۇنۇشىنى  ئۆلچەم قىلىدىغان، «پۇل ھەممىگە قادىر »-دېگەن چىرىك ئىدىيىۋى ئېقىمنىڭ باش كۆتىرىشى ۋە  يامرىشى ئۈچۈن ،«سېرىق چىراغ» يېقىپ بەردى. 0}_1 ZU  
ئاز ساندىكى  ياشلىرىمىز، داغدۇغلۇق ئىسلاھاد- ئېچىۋېتىشنىڭ باھار سەلكىنى ئېلىپ كەلگەن  مەنىۋىي ۋە ماددى  مەنپەئەت ئالدىدا ئېسىنى يۇقۇتۇپ،مەنىۋىيتىدە  چۈشكۈنلىك ئىزنالىرى رۇشەن بىحلىنىپ،ئەىلاق ئېڭىدا  قارىغۇلارچە چەتئەلگە چۇقۇنۇش ئىدىيۋى  –ھالەتلىرى  باش كۆتۈرۈپ،چەتئەلنىڭ داش قايناق     نەرسىلىرىنى  قارىعۇلارچە  ماختاپ،چەتئەلنى،  ئېرىق –ئۆستەڭلىرىدە   سۇ ئورنىغا ماي ئاقىدىغان،  ئاسمىنىغىمۇ     قوش ئاي چىقىدىغان، «ساماۋى  جەننەت » قىلىپ كۉرسەتتى . Fvv/#V^R  
مەن ئەسەرنىڭ    چىنلىقىنى ئاشۇرۇش   مەقسىدىدە ، «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»2010-يىل 17-ئىيۇن سانىنىڭ 2-بېتىگە بېرىلگەن ،  ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ   2010-يىل يانىۋاردىن مايغىچە  بولعان ،ئالدىنقى بەش ئايلىق  زەھەر چەكلەش  حىزمەتلىرى  قەلەمگە ئىلىنعان ، تۅۋەندىكى   ئۇچۇرلارنى قوشۇپ قويۇشنى   مۇۋاپىق دەپ قارىدىم. \ o?  
«ئۆز مۇخبىرىمىز مەھبۇبە مۇنىرىدىن  خەۋەر قىلىدۇ : ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك زەھەر چەكلەش تارماقلىرى بۇ يىل يانىۋاردىن ماينىڭ ئاخرىغىچە زەھەر دېلۇسىدىن 705نى پاش قىلىپ،زەھەرگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن 871نى قولغا چۈشۈردى.بۇ جەرياندا 45.78كىلۇگىرام خېرۇئىن،610.59كىلوگىرام نەشە،13.93 كىلوگىرام مۇزسىمان زەھەر،1045تال زەھەر تابىلېتى،25.18كىلوگىرام خىرلۇرامىن قولغا چۈشۈرۈلدى. Q `h@-6N  
ئۇندىن باشقا ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى زەھەر چەكلەش تارماقلىرى635نەپەر زەھەر  چەككۈچىنى مەجبۇرىي زەھەرسىزلەندۈرۈش ئورنىغا ئاپىرىپ بەردى ،394نەپەر كىشىنى مەھەللە كۇمىتېتلىرىدا زەھەرسىزلەندۈرۈشكە تاپشۇرۇپ بەردى». _rUsb4r  
يۇقۇرقى سانلىق  ئۇچۇرلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولدۇكى:غەربتىكى  دۈشمەن كۈچلەر دۆلىتىمىزگە دۈشمەنلىك نەزىرىدە قىلىۋاتقان مەنىۋىي ۋە ماددى جەھەتتىن يالىرىمىز ئىدىيىسىنى چىرىتىش  ھۇجۇمىنى  بىر كۈنمۇ توختاتقىنى يوق.غەربتىكى بۇ دۈشمەن كۈچلەر ، ياشلىرىمىز   ئىدۇلۇگىيىسىنى مەنىۋىي جەھەتتىن  چىرىتىپ ، ساغلام تېنىنى ماددى جەھەتتىن  نابۇت قىلىدىغان بۇ  زەھەر ئىشلەش ئورۇنلىرىنى  «ئالتۇن ئۈچ بۇرجەك»،«ئالتۇن ھىلال ئاي »…دېگەن  چىرايلىق ناملار  پەدازلىۋىلىپ ، ،دۈشمەنلىشىشنىڭ تىغ ئۇچىنى ئىسلاھاد-ئېچىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جان كۈيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان زور بىر تۈركۈم ئىستىقباللىق   ياشلىرىمىزغا قارىتىپ، مىقدارى كۆپ،زەھەرلەش كۈچى زور، ئىستېمال قىلعۇچىلار  سانى    ئوڭ تاناسىپلىق نىسبەت بويىچە   كۆپۈيۈۋاتقان پاسسىپ   ئامىللاردىن   پايدىلىنىپ   ، زەھەرلىك بۇيۇملارنى     دۆلىتىمىز  چىگرسىدىن يۇشۇرۇنچە كىرگۈزۈپ ،  18-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئەنگلىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئىلىمىزنى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرىۋىلىش قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىدىدە  ئىلىمىزگە قارىتا كۆلىمى  كەڭ،زەھەرلەش كۈچى  زور بولغان    ئەفىيۇن ئۇرۇشى قۇزغىغىنىغا ئوخشاش، 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىمۇ  دەل  شۇ ئەفىيۇن  ئۇرۇشىعا ئوحشاپ كېتىدىغان  زەھەرلىك چېكىملىك   ئۇرۇشى    قۇزغاپ، ئىلىمىزنىڭ   ئىسلاھاد-ئېچىۋىتىش جەريانىدا  قولغا كەلتۈرگەن عايەت زور ئىسلاھاد  نەتىجىلىرىنى بۈشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇپ،   ياشلىرىمىز ئىرادىسىنى بۇشاشتۇرۇپ، كۆتىرەڭگۈ رۇھلۇق  زور ئىسلاھاد  قۇشۇنىنى  مەعلۇبىيەتلىك تەقدىرگە دۇچار قىلىپ ،ئىناقلىق ئاساسىدىكى سۇتسىيالىستىك  دۉلىتىمىزنى ئاعدۇرىۋىتىپ ،دۆلىتىمىزنى   ئۉزلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۋىلىش خام حىيالىدا بولدى. "Bn]-o|r  
يازمامنىڭ ئىھتىياجى بىلەن  ،  ھەممىمىز كۉزىمىز بىلەن  كۉرۈپ،قولىقىمىز بىلەن ئاڭلاۋاتقان ۋە ھەر دەرىجىلىك    ئاحبارات ئورۇنلىرى  تارقاتقان   تۈۋەندىكى  سانلىق مەلۇماتنى قۇشۇمچە قىلاي: 1983 –يىلى شىنجاڭدا  تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالعاندىن باشلاپ، 2009-يىلنى 6-ئايعىچە ،ئاپتونوم رايۇنىمىزدا زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئوچىراپ، ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانعان ئادەم سانى تەحمىنەن 25731  نەپەر   ،بۇنىڭ ئىچىدە ئەيدىز ئاعرىقلىرى 3083نەپەرگە،  ئۉلگەنلەر 2152 نەپەرگە  يىتىپ، دوكىلاد قىلىنعان بۇ  سان پۅتۅن مەمىلىكەت بويىچە 4-ئورۇندا،يۇقۇملىنىش نىسبىتى مەمىلىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇرعان.  ،ئاپتونوم رايۇنىمىزدا  ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە  ئۉلگەنلەر سانىنىڭ، يۈننەن ئۉلكىسىدىن قالسىلا 2-ئۇرۇندا تۇرىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنىدى . 7:)$oH  
بۇ  سان-سېفىرلار  بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلدۇكى،  مېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇپ،كۆزىمىزنى يۇعان ئېچىپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ ، زەھەردىن يىراق تۇرۇشقا،زەھەرگە  بىرلىكتە قارشى تۇرۇشنى   سەمىمى ئەسكەرتىتى . نۆۋەتتە  ئىلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، زەھەرلىك چىكىملىكلەرگە قارشى كۆلىمى زور،قاراتمىلىقى  كۈچلۈك،چېتىشلىق دائىرىسى كەڭ   بولغان  حەلق ئۇرۇشى پىلانلىق،تەشكىللىك ۋە    تەرتىپلىك ھالدا چۇڭقۇر ۋە ئەتىراپلىق   قانات يايدۇرۇلماقتا . m,]h7xx  
عەرپ سېرىق مەدەنىيىتىنىڭ ياشلىرىمىز ئىرادىسىنى بۇشاشتۇرۇپ،    مەنىۋىيتىنى  چۈشكۈنلەشتۈرۈش،ماددى جەھەتتە جاپا –مۇشەققەتتىن قۇرقۇپ ، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش ،  پۇلدىن ئىبارەت ئوبۇرۇت بۇيۇمىنى ھاكىم مۇتلەقلىق ئۇرنىغا چىقىرىىپ،«ھەممىدە پۇلغا قاراش»تىن ئىبارەت ئىدىيىۋى ئىقىمىنىڭ ماھىيىتىگە جىددى قاراپ،عەرپ سېرىق مەدىنىيىتىنىڭ  ئىلىمىز خەلقىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان  ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بالايى ئاپەتلىرىنى  دەل ۋاقتىدا تونۇپ ۋە بۇ قىلمىشلارغا كەسكىن تەدبىر قوللۇنۇپ ، ياشلىرىمىزنى   «غەربلىشىش»تۇمانلىرىنىڭ  چىرىتىشىدىن ئالاھىدە   ھۇشىيار بولۇپ ، ئۇلارنى توغرا دۇنيا،كىشىلىك قاراش بىلەن تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىش  مەقسىدىدە ،مەركەز  ياشلار سىياسى  ئىدىيىۋى   تەربىيە حىزمىتىگە  دائىر بىر قاتار سىياسەت،قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈپ  ۋە ئېلان قىلىپ،   ياشلىرىمىز ئىدىيىسىنى  «غەربلىشىش»نىڭ سېرىق تۇمانلىرى   يۇتۇپ كېتىشىنىڭ جىددى  ئالدىنى ئالدى ھەمىدە  خەلقئارالىق    زەھەر چەكلەشنى مەقسەت قىلغان،   « 26-ئىيۇن خەلقئارا  زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش كۈنى »ۋە «1-دېكابىر ئەيدىز كۈنى»پائالىيەتلىرىنىڭ  كۅچلۅك  تەشۋىقات  رولىدىن  ئۈنۈملۈك  پايدىلىنىپ،ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسۈتۈپ، رايۇنىمىز مىقياسىدىكى زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى  سېتىش،ئېلىش،چېكىش،ئەتكەس قىلىش  قېلمىشلىرىنى  تۈپ يىلتىزىدىن يۇقۇتۇش جېڭىگە  ئاتلانغان  بولسىمۇ ،دۉلىتىمىزگە  زەھەر ئېلىپ كىرىدىغان  زەھەر يۆتكەش يوللىرى  نازارەت قىلىنىپ، تۈپتىن تۇسۇشقا  ئېرىشەلمىگەن  ئاھالىلىرىمىزنىڭ زەھەرنى پەرق ئىتىش، يىراق تۇرۇش ، قارشى تۇرۇش،ئۇنىڭ  كىشىلەرگە ئىلىپ كىلىدىعان  زىيانلىق ئاقىۋەتلىرىنى پەرق ئىتىش ۋە  ئەيدىز بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئېڭىنىڭ بىر قەدەر تۅۋەن بولۇشىدەك بىر قاتار  ئوبىكتىپ سەۋەپلەر تۅپەيلىدىن ،چەتئەللەردىكى بىر ئۇچۇم    يامان غەرەزلىك  كىشىلەر ، ھەر خىل يول ۋە ئۇسۇللار ئارقىلىق ،زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى دۆلىتىمىز چىگرىسى ئىچىگە،جۅملىدىن ئىلىمىز شانلىق  تارىخىدا، بۈيۈك  شەرق ۋە  عەرپ مەدەنىيىتى ھەم،سودا ئالاقىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەمىدە تارىخى بوران-چاپقۇنلاردىمۇ  ئۉز سەلتەنىتىنى يۇقاتماي ،ئېسىل  تارىحى مىراسلىرىمىز شاھىدىعا  ئايلىنىپ،تارىحىمىزغا     ئۅچمەس ئىز سالعان  «يىپەك يولى» ئۉتەڭلىرىدىن بىرى بولعان -شىنجاڭعا  .زەھەرلىك بۇيۇملارنى  يۇشۇرۇن يوللار بىلەن ئېلىپ كىرىپ ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربى دەرۋازىسىغا جايلاشقان ئاپتونوم رايۇنىمىزنى   زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى  سېتىش،ئىلىش ،چېكىش،ئەتكەس قىلىشنىڭ ئارقا سېپىگە ئايلاندۇرىۋالدى… KMkX0+Ao  
رىئال ۋەزىيەتنى سەزگۇرلۈك بىلەن تونۇپ يېتىپ ،مەسىلىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئانالىز قىلغان   تەشۋىقات ئورۇنلىرىمىز  «   شىنجاڭ گېزىتى»ئىدارىسىنىڭ   خىزمەتلەرگە كونكىرىت مەسئۇل بولۇشى بىلەن 90،-يىللارنىڭ باشلىرىدا ،يۇرتىمىز   مىقياسىدا تىزگىنسىز قالغان  كەلكۈندەك يامىراۋاتقان ، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى ئېلىش،سېتىش  چىكىش،ئەتكەس قىلىش  قىلمىشلىرىنىڭ ئىنسانىيەت جەمىيىتىگە،بولۇپمۇ ياشلىرىمىزعا  ئېلىپ كېلىۋاتقان زور  بالايى-ئاپەتلىرىنىڭ زىيىنىنى ئاممىغا  دەل ۋاقتىدا   تونۇتۇپ ،زەھەرنىڭ  ئىنسانلار  ھاياتىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان سان-ساناقسىز دىشىۋارچىلىقلىرىنى تۅپ ماھىيىتىدىن ئېچىپ  بىرىپ، ياشلىرىمىزنى  بىر قىتىملىق زۈرۈر تەربىيىلەشنى   مەقسەد قىلىعان ،«بۇ يولغا ماڭماڭ »تېمىسىدىكى« مۇكاپاتلىق  ئەسەر» قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.  بۇ پائالىيەتتە دەۋىر روھى چاقناپ تۇرىدىغان ،زەھەرنىڭ ئىنسانلار جەمىيىتىگە كەلتۇرىۋاتقان  زور بالايى-ئاپەتلىرىنىڭ ئىچكى ماھىيىتى   ئىستىتىك  ۋاستىلارنىڭ ياردىمى بىلەن كەسكىن پاش قىلىنىپ ۋە   تەنقىتلەنگەن ،ياشلىرىمىزنى  توغرا دۇنيا  ۋە  كىشىلىك قارىشى   بىلەن قۇراللاندۇرۇپ،  ياشلىرىمىزنى    دورۇس ھاياد    يولىعا باشلىيالايدىعان  ،ئەكبەر غولام ئەپەندى  قاتارلىق يازعۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ    ،  «قاردىكى قان ئېزى» …غا ئوحشاش  ،  نەچچە ئونلىغان نادىر ئەسەرلىرى   ئېلان قىلىنىپ، زەھەرنىڭ ئىنسانلار جەمىيىتىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان زور بالايى ئاپەتلىرىنىڭ چۇڭقۇر يىلتىزى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بېرىلىپ،ياشلىرىمىزغا بىر قېتىملىق تەربىيىلىنىش  سورۇنى سورۇنى ھازىرلاپ بېرىلدى.   ياشلىرىمىزنى  پۈتۈن مەمىلىكەتتكىى ھەر مىللەت   ئاممىسى بىلەن زىچ ئىتتپاقلىشڭپ ، ئىناقلىق ئاساسىدىكى  سۇتسىيالىستىك  ھاللىق جەمىيەتنى تىحىمۇ بالدۇرراق    روياپقا چىقىرىشقا   چاقىردى. لېكىن،   شۇ  قېتىمقى    تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ   ۋاقتى  قىسقا   كۆلىمى كىچىك، سەھپىسى تار،ئۇسۇلى جانسىز،  ئۈنۈمى تۈۋەن،كەڭ  ئاممىنىڭ پائالىيەت مەزمۇنلىرىدىن    حەۋەردار  بولۇش نىسبىتى تۅۋەن.... بولۇشتەك بىر قاتار  ئوبىكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تۇنجى قېتىملىق  بۇ تەشۋىقات پائالىيىتى كۉزلىگەن ئۈنۈم ۋە مەقسەدگە يېتەلمىدى. WB|SXto%4D  
ئەنە شۇنداق   مورەككەپ  تۇرمۇش ۋە ھاياد ھەقىقەتلىرى  ئاتا قىلعان مەنىۋىي ئىلھامنىڭ تۈرتكىسى  بىلەن يېزىلغان ، «پىنھاندىكى دەردلىك قەلبىلەر» پۇۋېسىتى، ئىلىمىزنىڭ داغدۇغلۇق  ئىسلاھات –ئېچىۋىتىش ئىشلىرى  يولغا قويۇلۇۋاتقان  بازار ئىگىلىگى مۇھىتىدا  ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىسلاھات،ئېچىۋىتىش ئېلىپ كەلگەن  پايدىلىق   پۇرسەتلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ ،دۉلىتىمىزنىڭ  ئېچىۋىتىلگەن دېڭىز بۇيى رايۇنلىرىغىچە يۈرۈش قىلىپ، سودا –تىجارەت  قىلىش جەريانىدىكى مورەككەپ  تۇرمۇش ۋاقەلىرى بىر قەدەر  جانلىق تەسۋىرلىنىپ  ،پىرسۇناژلار ئىچكى دۇنياسى بىر قەدەر ياخشى ئېچىپ بېرىلگەن ،چۇڭقۇر ئىدىيىۋى خائىشچانلىققا ئىگە، ئىسلاھات-ئېچىۋىتىشنىڭ دەۋىر  نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغان  ، بەدئىي  تەساۋۇرلارغا  باي،ئوقۇرمەنلەرنى كۈچلۈك ھېس-ھاياجانغا  سېلىپ، ئاۋامنىڭ قەلىب تارىنى چېكەلەيدىغان  ياخشى ئەسەر بولسىمۇ ،«ئاينىڭ يۅزىدىمۇ داع بار »دېگەندەك ،ئەسەردە بەزى    سەۋەنلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈشىگىمۇ  يىنىكلىك بىلەن  يول قويۇلغان. Y4/ !b  
بىرىنجى. حالقنى دۇستى ئالىمنىڭ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سودا- تىجارەتكە بېرىشقا    قىزىقتۇرىشى بىلەن  ،خالىقنىڭ ئائىلىسىنىڭ مۇھىم  ئەزاسى بولغان  ئايالىنىڭ   يېلىنىپ –يالۋۇرۇشلىرى ھەمىدە بالىلىرىنىڭ يىراقلارغا  كېتىپ قالماسلىقنى تاپىلاپ، يىغلاپ تۇرۇپ، ياش تۆكۈشلىرىگە قىلچە  پەرۋاسىزلا    ،تەۋەككۈلگە ئات سىلىپ  ،"بارمىغان يەرنىڭ ئوي-چوڭقۇرى بار'' دېگەندەك ،ئەمەلىي تۇرمۇش تەجىربىلىرىگىمۇ سەل قاراپ،  ئۆمىرىدە  بىرەر قېتىممۇ سەپەر قىلىپ باقمىغان  ،سودا –تىجارەت قىلىشتىكى   تىل ئۆتكىلى ،كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى  ئۇزۇقلىنىش ئادەتلىرى تەبىئىي چەكلەپ تۇرىدىغان ناتونۇش  مۇھىدقا يىنىكلىك قەدەم تاشلاپ ،سودا-سېتىققا   تەۋەككۈل قىلغاندىن باشقا يەنە، خالىقنىڭ  ئاتا-ئانىلىرى ۋە قىيىن ئانا-ئاتىلىرى  ،ئەسەر دېھققىتىنىڭ سىرىتىدا قالدۇرۇلغان. بىز خالىقنى نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق جايغا سودا-تىجارەت ئىشلىرى ئۈچۈن يول ئالدى- دەپمۇ تۇرايلى.ئۇيغۇرلاردا ، قوشنا  ناھىيە-شەھەرلەرگە ئۇرۇغ-تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن،«بوسۇغا داۋان»دىن ئاتلاشقا توغرا كەلسىمۇ ،يولغا چىققۇچىنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تېلەپ ،ياغ  پۇرۇتۇپ ئۇزۇتۇپ قويىدىغان ئۆزگىچە ئادەتلىرى  بار. دېمەك، نەچچە مىڭ كىلۇمتېر يىراقلىققا سەپەرگە چىقىدىغان يۈرەك پارىسىنى، ئاتا-ئانا ۋە قىيىن ئاتا،قىيىن ئانا جۈملىدىن خالىقنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى  بولغۇچى زۈھرە  چوقۇم  مىللى خاسلىقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۆرپ-ئادەتلىرى  بويىچە، ياغ پۇرۇتۇپ  ئۇزۇتشى  ،شۇ ئارقىلىق  ئەسەرنىڭ  مىللى حاسلىقنى ئاشۇرىشى     لازىم ئىدى  ۋە بۇ تۇمۇش دىتاللىرىنى ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دەپ قاراپ ،ئەسەرگە ماھىرلىق بىلەن سېڭدۈرىۋىتىشى لازىم ئىدى. "(y|iS$^T  
ئىككىنجى.  كۈندىلىك تۇرمۇشى زۈھرەنىڭ  بىر كىشىلىك مۇئاشىغىلا  قاراشلىق  ئائىلىدى  ،زۇھرەنىڭ ئازعىنە مۇئاشىدىن  ئايمۇ-ئاي تېرىپ-تۈشەپ يىققان 5 مىڭ يۅۋەنچە پۇلنى خالىققا  يوللۇق تۇتۇپ، « كۉزى قىيالمىعان ھالدا ئۇزىتىپ قويىشى »بىلەن،حالىقنىڭ  سودا –تىجارەت سەپىرىگە ئاتلىنىپ ، ئالتە ئايدىن كىيىن،ئائىلىسىنى  تۇنجى قىتىم  يۇقلىغىلى  كەلگەندە  ،«حېلىلا  كۉپ پۇل بىلەن» كەلگەنلىكىنى، سودىسى ئىزچىل  داۋاملىشىپ، «ئۅچ يىل ئۉتە-ئۉتمەيلا ،ئۇ كونا جايىغا ھەشەمەتلىك ئۉيدىن بىر يۅرۅش سىلىۋالدى....ئايالىنىڭ ئۇنىمىعىنىعا قويماي،ھەر حىل قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەتلەرنى ئېلىپ بەردى.ھەر قىتىم كەلگىنىدە:-حالىغىنىڭچە خەژلىگىن -دەپ حېلى جىق پۇل قالدۇرۇپ كىتەتتى»،....«-مەردان،(ئالتۇن چۈش)نى بۈگۈنلا ياڭ لوۋبەنگە ئۆتكۈزىۋىتىپ، پۇلنى ئالدىمعا قوي»،«بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۇ شىنجىندىن جىمجىت ئايرىلدى.گۇاڭجۇدىكى ئۉيىنىمۇ ئېلىشىعا ئۉتكۈزىۋەتتى» ....دىگەندەك   تەپسىلاتلارنى   قەلەمگە ئېلىش   ئارقىلىق ،حالىقنىڭ   سودا- تىجارەت قىلىپ،  ئازغىنا ۋاقىت ئۆتمەيلا داڭلىق  پۇلدارعا  ئايلىنىپ،  «خالىق لوۋبەن» ئاتالغۇسى  بىلەن ئاتىلىپ، سودىگەرلەر ئارىسىدا مەلۇم دەرىجىدە يۈز تاپقانلىقىنى     يازىدىيۇ لىكىن،ئۇنىڭ قايسى ئۇسۇللار بىلەن ،مەسىلەن: يۇرتىمىزنىڭ ھۉل-قۇرۇق مېۋە،يۇڭ-تېرە ياكى قوغۇن-تاۋۇز،پاختا ،…  قاتارلىق ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى دېھخان ۋاستىچى بولۇش ئۇسۇللىرى  ئارقىلىق ،  ئىچكىرى ئۉلكىلەرگە يۅتكەپ سېتىپ،  پۇل تېىپپ ،«حېلىلا پۇللۇق»بولۇپ،سودىگەرلەر ئارىسىدا «حالىق لۇۋبەن» ئاتالغۇسى بىلەن   ئاتالدىمۇ ياكى ، تىجارىتىنىڭ      كىشىلەرگە ئاشكارىلىغىلى بولمايدىعان ئالاھىدە بىر تەرەپلىرى  بارمۇ ؟ ياكى، .... .سودا-تىجارەتتىكى ئۉتكۈرلىكى خالىقنى ،«حالىق لوۋبەن»ئاتالغۇسىعا ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ لېكىن ،خالىقنى « لوبەن»ئاتالغۇسىغا ئېرىشتۈرۈپ، كەسىپداشلىرى ئارىسىدا يۈز تاپقۇزغان     تىجارەت كەسپى  پائالىيەتلىرىدە،خالىقنىڭ تىجارەتتىكى ئۆتكۈرلىكى ھەققىدە، ئوقۇرمەنلىرىمىز ھېچقانداق   ئىشەنچىلىك  تەپسىلاتلىرىغا  مۇستەسنا بولالمايدۇ. G0$,H(]~  
جەمىيەت تەرەققىياتىدا پۇل كام بولسا بولمايدىعان ماددى ئاساس،لىكىن،پۇلعا ماددى بايلىقلارنى سېتىۋالغىلى بولعان بىلەن ،مەنىۋىي بايلىق بولغان بىلىم،بەخت،گۆزەل ئەحلاقى پەزىلەتلەرنى سېتىۋىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەسەردە   دېڭىز بۇيى رايۇنلىرىنىڭ   كەسكىن خىرىس ۋە  رىقابەت بىلەن تولغان بازار ئىگىلىگى  مۇھىدىنى، ئىرىق-ئۉستەڭلىرىدە سۇ ئاقماي،پۇل ئاقىدىعان ،قان-تەر ئاققۇزمىسىمۇ ،فانتازىيىلىك چۉچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىعان «ئىچىل داستىخان»دىكى ماددى بۇيۇملاردەك،يېمەك-ئىچمەك ،نازۇ-نېمەتلەرنىڭ ئىشىپ-تېشىپ  كېلىۋىرىدىغان  «غايىۋى جەننەت»قىلىپ كۉرسۈتۈپ ،كىشىلەرنى ئىچكىرى ئۉلكىلەرگە بىرىپ پۇل تىپىپ،بايۋەتچىلەردىن  بولۇشقاقىزىقتۇرۇپ ،كىشىلەر ئېڭىدا   پۇلعا چۇقۇنۇش ئىدىيىۋى ھالەتلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم  بېخلىنىشىعا«يېشىل چىراغ»   يېقىپ بېرىدۇ.بۇنىڭسىزمۇ ،تالانىتلىق، مەرھۇم  يازغۇچىمىز زۇردۇن سابىر ئەپەندى ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر يازغۇچىمىز   ئابدىراھمان قاھار....  قاتارلىق قەلەم ساھىبىلىرىنىڭ  «تۇمان»،«ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى»..... قاتارلىق  پۇۋېسىت-رومانلىرىدا  ،پۇل تىپىش  مۇددىئاسى بىلەن  باشقا جايلارغا سەپەر قىلىۋاتقان  بىر بۆلۈك ياشلىرىمىزنىڭ،سودا-تىجارەتتىكى تەجىربىسىزلىكى  ،تىل  ئۉتكىلى ،ئۇزۇقلىنىش  جەھەتتىكى مۇئەييەن  قىيىنچىلىق  ،تىجارەت موساپىسىنىڭ ئۇزۇن ،كۉلىمىنىڭ   كېلەڭسىز ، كەسكىن  خىرىس ۋە رىقابەتكە تولعان بازار  ...قاتارلىق تۈپكى سەۋەبلەر   تۈپەيلىدىن  ،  سودا-تىجارىتىدە  زىيان تارتىپ،سودىغا سالغان دەسمىسىدىنمۇ ئايرىلىپ،گەدىنىگە بىر پاتمان قەرزنى  مىقلىۋىلىپ، قاق سەنەم ھالىتىدە، يۇرتىغا ئاقتا ئاتلاردەك باشلىرىنى ساڭگىلاتقان ھالەتتە   قايتىپ كېلىۋاتقانلارنىمۇ  كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، قولىقىمىز بىلەن ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىزغۇ.ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارغان ئەشۇ بىر قىسىم تەجىربىسىز  ئادەملىرىمىز، شۇ جايلاردىكى   ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم  گۇرۇھ بولىۋىلىپ، «قارا جەمئىيەت »  شەكىللەندۈرگەن  ،«توپىلاڭدىن تۇغاچ ئوغۇرلايدىعان»،«سۇنى لىيىتىپ بېلىق تۇتىدىعان » ،«قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالعان بۆرە»سىياقىغا كىرىۋالغان ئاتالمىش  « تىجارەتچى » لەر  تەرىپىدىن  مونوپۇل قىلىنىۋىلىنىپ،ئاتالمىش «لوۋبەن»لىرىنىڭ  يالغان-ياۋىداق سۆزلىرىگە  نادانلارچە ئىشىنىپ ،  سودا –تىجارەت قىلىپ،پۇل تاپماق  تۈگۈل، ھەمىيانىدىكى روزىغارىدىنمۇ ئايرىلغان بۇ بىچارىلار  ،ئۈچ ۋاق قۇرساق ئۈچۈنلا،«لوۋبەن»لىرىنىڭ  ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ،  ھاياتىنى دوغا تىكىپ، ئىسراپىلنىڭ نەرىسىگە  ئۇسۇل ئويناپ ، قۇرساق غېمى ئۅچۅن ، گەدىنىگە يۈكلەنگەن  قەرزلىرىنى ئۈزۈش ھېسابىغا ،ئۆز يۇرتلىرىدىن نارسىدىلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ،ئادەم بىدىكلىرىگە قەرز ھېسابىدا    ئۆتكۈزۈش ،سېتىش ،ئادەم بىدىكلىرىگە ئەگىشىپ، نارسىدىلەرنى   ئوعۇرلىققا سېلىش، قىمار سورۇنى  تەشكىللەش ، ئۇيناش ،  زەھەر ئەتكەس قىلىش ، سىتىش،چىكىش،زەھەرگە  مەجبۇرى  خۇمار قىلىنىش،پۇل ئۈچۈن   بولاڭچىلىق قىلىپ،ئادەم ئۉلتۅرۅش ..... كە ئوحشاش بىر قاتار  يامان ئىشلارنى قىلىشقا  مەجبۇرلىنىش  ئارقىسىدا، قانچىلىعان يىگىت-قىزلىرىمىز  ئۇلارنىڭ قارا  قولى بىلەن  ، ئاق  ئالۋاستىنىڭ توزىقىغا دەسسەپ، ،قاباھەتلىك  قىسمەتلەرگە  دۇچار بولۇپ، قان- زەردابقا تولغان   ھاياد   كەچۈرمىشلىرىنى كۉرمىدۇقمۇ ،ئاڭلىمىدۇقمۇ؟!   tB{O6=q  
ئۅچىنجى. ئاپتۇر ،حالىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سودا –تىجارىتىدە شۇنچە كۉپ پۇل تېپىپ،سودىگەرلەر ئارىسىدا «حالىق لوۋبەن»- ئاتالعۇسىىعا ئېرىشكەن بولسىمۇ  لېكىن،ئۇنىڭ كېسىلى  بىلەن سودا-سىتىققا تۇتقان پۇزىتسىيىسى ئوتتۇرىسىدا رۇشەن پەرق  مەۋجۅت .بۇ نۇقتا   حالىقنىڭ   تۇنجى قىتىم دۇحتۇرعا كۆرۈنگەندىن كېيىن ،«ئاق خالاتلىق پەرىشتە»لەرنىڭ  :-سەن يۇقۇملۇق جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بوپسەن. پەيتنى چىڭ تۇتۇپ ،ۋاقتىدا داۋالانساڭ ساقىيىپ  كېتىسەن… –دىگەن مەزمۇنلاردا قىلغان سەمىمى      ئەسكەرتىشلىرىگە  ئىتىبارسىز قاراپ،كېسەلنى  داۋالىتىشنىڭ ئالتۇن ۋاقتىنى قولدىن بىرىپ قويۇپ، ھاياتى  ئۉلۈم گىردابىغا  بېرىپ قالعاندىلا ، ھايادىدا     ئۉزى ياحشى كۉرىدىعان  بارلىق نەرسىلىرىدىن بىراقلا ۋاز كېچىپ،ئۉلۅم يولىنى تاللىۋالىعانلىقىدەك  بىپەرۋا پۈزىتسىيىسىدىن كۆرۈۋىلىش مۇمكىن.چۇنكى،تىجارەتتىن   تاپقان   پايدىسى  بىلەن      داچى،بىنا ئۉي،ماشىنا...قاتارلىق  شۇنچە جىق  ماددى بۇيۇملارغا ئىگە بولغان   خالىقتەك  بىر پۇلدارغا  نىسبىتەن ئىيتقاندا  ،ئىقتىسادى ۋە   تېببى تەرەققىياتى ماس قەدەمدە  يۈكسۈلۈۋاتقان ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ داڭلىق دۇختۇرخانىلىرىدىكى نامدار  مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئۇنىڭ   كېسىلىگە   دىئاگىنۇز قويۇپ ، بىر مەزگىل بالىنسىتتا يىتىپ داۋالىنىشقا ئورۇنلاشتۇرعان سەممى كۉرسەتمىلىرىگىمۇ   پەرۋاسىزقاراپ ،داۋالىنىشنىڭ ئالتۇن پۅرسىتىنى قولدىن بىرىپ قويۇپ، پۇل قوغلۇشۇدىغان خاراكتىرى،ئۇنىڭ «خالىق لوۋبەن»ئاتالعۇسى بىلەن زىچ ماسلاشقان بولسىمۇبىراق ،بىر تىجارەتچىدە ،بولۇپمۇ  ئىلىمىزنىڭ ئېچىۋىتلگەن  دېڭىز بۇيى رايۇنلىرىدەك سودا –تىجارىتى تەرەققى تاپقان   بازارلاردا، سودا-تىجارەت بىلەن شۇعۇللۇنۇۋاتقان كىشىلەردە      ،  سەگەك كاللا  ،  دۇرۇس ئەقىل،ساغلام تەن،مۇپەسسەل  يەكۈنلەنگەن تەجرىبە-ساۋاق بولمىسا ،  تىجارەت سورۇنلىرىدىكى كەسكىن رىقابەت ۋە  حىرىس ئامىللىرىعا   تاقابىل تۇرۇش ئەسلا  مۇمكىن بولمايلا قالماستىن بەلكى، رىقابەت ،حىرىس تەرىپىدىن ئۇشتۇمتۇت  سىقىپ چىقرىلىپ، تىجارىتىدە پايدا  كۆرۈلۈش تۈگۈل ،سودىغا سالغان  دەسمايىسىدىنمۇ    ئايرىلىپ  قىلىشتەك  يامان ئاقىۋەتلەردىن ساقلانمىقى قىيىن،ئەلبەتتە. `_&7-;)i*\  
ئوقۇرمەنلەر حالىقنىڭ  سودا –سىتىق  قىلىش جەريانىدا ،ئۉزىنىڭ كىسىلىگە نىسبىتەن بىپەرۋا قاراشلىرىدىن،«يۇقۇملۇق جىگەر كىسىلى»نى (ئەمەلىيەتتە ئەيدىز ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانعان)ئۇزۇل-كېسىل داۋالىتىش ئارقىلىق  ساقىيىپ ،تەن دۇرۇس ئەر بولۇپ ، يۈرۈشىۋاتقان سودا-سىتىق ئىشلىرىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇشقا يول  ئاچىدىعان سەگەك ئەقىل   كام- دىگەن ئاقىلانە  حولاسىعا كەلمەي قالمايدۇ. بۇ نوقتائەسەردە ، حالىقنىڭ ئايالى  ۋە بالىلىرىنىڭ  يىعلاپ تۇرۇپ:- كىسىلىڭىزنى ۋاقتىدا داۋالىتىۋىلىڭ.... –دىگەن مەزمۇنلاردا  يىعلاپ ھەم   يالۋۇرۇپ  تۇرۇپ ،تەكىرار يوللىعان ئۇچۇرلىرىعا     پەرۋاسىز   قاراپ، پۇل ئۅچۅن ئەزىز  جېنىنىمۇ سىلىپ بېرىدىعان     پۇلپەرەستلىك  حاراكتىرىدە  رۇشەن ئىپادىسىنى تاپقان….بۇ  ئازغىنا  سەۋەنلىكلەر ئەسەرنىڭ  مەركىزى ئىدىيىسىنى ئېچىپ بېرىشكە نىسبىتەن بەلگىلىك   نوقسان ئېلىپ كېلەلمىسىمۇ  لېكىن،ئادەم  روحسارىنىڭ بىئەپ ئورنىغا    چىققان  خالدەك ئەسەرنىڭ  ئستىتىك گۆزەللىكىگە مەلۇم دەرىجىدە  تەسىر يەتكۈزگەن . -J*jWN!  
21-ئەسىر  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زېمىنىدا  دادىل قەلەم تەۋرىتىۋاتقان يازغۇچىمىز نۇرگۈل ئەبەي   ،ئەدەبىياتنى جېنى،ۋىجدانى ۋە كىشىلىك  ھايادىنىڭ مۇھىم بىر   بىر تەركىبى قىسمى  دەپ بىلىپ ، ئەدەبىياتنى سۆيگۈچىدىن كىتابخانىلارنىڭ    قىزغىن سۆيۈلگۈچىسىگە ئايلىنىشى ئۈچۈن، قەدەمنى  تېخىمۇ چوڭىراق ئېلىپ ،ئوقۇرمەنلەرگە  يەنىمۇ نادىر  ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىشىغا  تىلەكداشمەن  . \XlT  
$nbZ+~49  
بۈگۈر ناھيە باغۋەنچىلىك مەيدان باشلانغۇچ  مەكتىپىدىن: تۇردى ئىسرائىل w;Na9tR  
'|i<?]U  
2010-يىل 15-ئاۋغۇست بۈگۈردە  يېزىلدى /A;!g5Y  
2011-يىل 25-يانۋار تۈزۈتۈلدى. 'Nv*ePz  

تېما تەستىقلىغۇچى : zulpikar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-07-19, 10:19
 
تۇردى ئىسرائىل
turdiisrail
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15799

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   290 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   32 (قېتم)
 تۆھپە:   31  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1203
 سائەت
دەرىجىسى:
1203 سائەت 147 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-05-28
ئاخــىرقىسى:2013-09-15
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 07-23
ئاپتور(turdiisrail) نىڭ تېمىسىغا

تورداشلارنىڭ تېمامغا قارىتا  تەشەببۇسكارلىق  پىكىر- تەكلىپلىرىنى  ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قىزغىن تەلەپ قىلىمەن. xDqJsp=]-  
تېمام 101قېتىم كۆرۈلۈپتۇ ئەپسۇس  كۆرۈرمەنلەردىن بىرەرسىمۇ تېمىدىكى سەۋەنلىك ياكى بولىدىغان تەرەپلىرىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەنمىدۇ ؟ o#Gf7.E8  
مېنىڭ تەۋىسىيەم،تېما كىمنىڭ بولىشىدىن قەتئى نەزەر تورداشلار ،ھەر تېمىغا قارىتا ئاكتىپلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرايلى.  ئىنكاس -تېمىنىڭ جېنىدۇر.
تۇردى ئىسرائىل
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى