دۇنياۋى كاتتا قۇرۇلۇش-تاج مەھەل مەقبەرىسى.

.

.

.تاج مەھەل مەقبەرىسى ھىندىستاننىڭ ئاگرا شەھەر ئەتراپىدىكى يامونا دەرياسى بويىغا جايلاشقان. بۇ تولىمۇ ھەشەمەتلىك ۋە نەپس ياسالغان قەدىمىي قەبرە ھىندىستان موغۇل ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ مۇكەممەل گۆھەر بۇلۇپلا قالماستىن ، يەنە دۇنيا مىراسلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇ جاي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان جاي. 1983- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مىراسلىرى دەپ بېكىتىلىپ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
gplrJaH@ تاج مەھەل مەقبەرىسى موغۇل خاندانلىقىنىڭ 5- ئەۋلاد پادىشاھى شاھ جاھان ئامراق خانىشى ئۈچۈن ياساتقان مەقبەرە بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا شاھ جاھان تەختكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى سەرسان – سەرگەردانلىقتا يۈرگەن. ئۇ ئەڭ ئېغىر قىينچىلىقتا يۈرگەن كۈنلەردە، بىر ساداقەتمەن ئايال باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ، ئۇنى قوللاپ ، يېنىدىن ئايرىلمىغان. شاھ جاھان تەختكە چىققاندىن كېيىن ، ياخشىلىقنى ئۇنتۇماي، ئۇنىڭغا تاج مەھەل(ئوردىنىڭ تاجى ) دىگەن گۈزەل نامنى بەرگەن . خانىش تاج مەھەل شاھ جاھانغا 14 بالا تۇغۇپ بەرگەن . 15- بالىسىنى تۇغىدىغان چاغدا بەختكە قارشى قىيىن تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن. شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 38 ياشقا كىرگەن ئىكەن. ئۇ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىكەن، يەنى، مېنىڭ ئۈچ تەلىۋىم بار: بالىلارغا ياخشى قاراڭ، مەڭگۈ ئۆيلەنمەڭ، مەن ئۈچۈن كۆركەم بىر قەبرە قاتۇرۇڭ. شاھ جاھان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ، خانىش كۆز يۇمغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى بىردىنبىر گۈزەل ۋە كۆركەم قەبرىنى ياساتقان ھەم ئۇنى تاج مەھەلنىڭ نامى بىلەن ئاتاشنى بۇيرۇغان ، مانا بۇ ھازىرقى تاج مەھەل مەقبەرىسىدۇر.
l?L s=J* تاج مەھەل مەقبەرىسى موغۇل خاندانلىقىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە ياسالغان. 1632- يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، تۈركىيە، پارس، ھىندىستان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئىنژېنېر ۋە ھۈنەرۋەنلەر كېلىپ ياسىغان. قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان ماتېرىياللار ياۋروپا ئاسىيانىڭ ھەممە يېرىدىن كەلتۈرۈلگەن. ھىندىستاننىڭ سېرىق مەرمەر تېشى، قىزىل قۇم تېشى، پاكىستاننىڭ ئاق مەرمەر تېشى، سىرىلانكىنىڭ كۆك ياقۇتى ، ئەرەبلەرنىڭ قىزىل مارجىنى، ئىراننىڭ سۆسۈن خرۇستالى، رۇسىيەنىڭ يېشىل ھېقىقى ۋە جۇڭگونىڭ خىرۇستاللىرى قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى قىممەتلىك ئۈنچە – مەرۋايىتلار ئىشلىتىلگەن . بۇ كاتتا قۇرۇلۇش 22 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنىپ پۈتۈپ چىققان.
J'k^(ZZ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ، تاج مەھەلنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ئەڭ چوڭقۇر تەسىرى تاج مەھەل بىلەن شاھ جاھان ئوتتۇرىسىدىكى ھايات – مامات گىرەلەشكەن چوڭقۇر مۇھەببەت ھىكايىسىدىن باشقا يەنە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەڭداشسىز سېھرى كۈچى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . تاج مەھەل مەقبەرىسىدىكى نەپس ياسالغان ياپيېشىل گۈللۈك، ھەشەمەتلىك قىزىل ئىشىك، مۇقەددەس بولغان ئاق رەڭلىك قەبرە سۇپىسى، توق كۆك رەڭلىك سالقىن كۆلچەك، ئۆزگىچە قۇببىسىمان ئۆگزە شىپاڭى، قەد كۆتىرىپ تۇرغان تۆت بۇرجەكلىك ئۇچلۇق مۇنار ،كەڭرى ئىبادەت زالى ، ھەيۋەتلىك مەسچىت قاتارلىقلار رەڭدارلىقى بىلەن ئاجايىپ مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، كىشىلەرگە ئىنسانىيەتتىن ھالقىغان گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ .
"x3C3Zu.; تاج مەھەل مەقبەرىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 583 مېتىر، كەڭلىكى 304 مېتىر ، ئەتراپى قىزىل رەڭلىك خىش تام بىلەن قورشالغان، قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 170مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.قەبرە ئوتتۇرىدا بولۇپ، شەرق، غەرپ ئىككى تەرىپىدە قىزىل خىشتىن قوپۇرۇلغان قۇرۇلۇش بار ، بىرى مەسچىت، يەنە بىرى قوبۇلخانا بۇلۇپ، سىممىتىرىك شەكلى ئىنتايىن ماس كەلگەن. قەبرىنىڭ تۆت بۇرجىكىدە ئېگىزلىكى 40 مېتىر كېلىدىغان ئۇچلۇق مۇنار ، ئىچىدە 50 باسقۇچلۇق پەلەمپەي بار، بۇ مۇنار مەخسۇس مەزىنلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئەزان ئېيتىپ، ئاللاغا سېغىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . دەرۋازىدىن مەقبەرىگىچە بولغان يول قىزىل خىشتىن ياسالغان بۇلۇپ،ئىككى تەرىپى پىيادىلەر يولى ، ئوتتۇرىسى كۆلچەك ۋە بۇلاق، كۆلچەككە سايە چۈشۈپ، گۈللەر ، چاتقاللار چىرمىشىپ كۆزنى چاقنىتىدۇ. كارىدورنىڭ ئاخىرىغا قەبرە جايلاشقان . ئاساسى قەبرە ئىگىزلىكى يەتتە مېتىر، ئۇزۇنلىقى 95 مېتىر ئاق مەرمەر تاشنىڭ ئۈستىگە ياسالغان. قەبرىنىڭ ئېگىزلىكى 74 مېتىر، ئىمارەت ئاساسى گەۋدىسى ئاق رەڭلىك مەرمەر تاشتىن ياسالغان . ئۈستى قىسمىدىكى قاتمۇ- قات گۈمبەزلەر كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئاستى سەككىز بۇرجەكلىك ئىمارەت بولۇپ، تۆت تەرەپتە بىردىن ئىگىزلىكى 33 مېتىر كېلىدىغان يوغان ئىشىك بار ، ئىشىك قانىتىغا قارا مەرمەر تاشنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىم ئويۇلغان.
^a1k"|E?f مەقبەرە ئىچىدە يەنە بىر تولىمۇ چىرايلىق ياسالغان ئىشىك بار بولۇپ، مەركىزىي ساراينىڭ ئىچىگە نەقىش ئويۇلغان چوڭ مەرمەر تاش قويۇلغان. ئىچىگە شاھ جاھان ۋە تاج ماھالنىڭ مەرمەر تاشتىن ياسالغان تاۋۇتى قويۇلغان. ئەمما ھەقىقى تاۋۇت يەر ئاستىغا قويۇلغان. تاۋۇتنىڭ ئۈستىگە يېشىل تاش، ھېقىق، خىروستال، مارجان، مالاخىت قاتارلىق 200 نەچچە خىل رەڭگارەڭ گۆھەر تاشلار ئورنىتىلىپ، نەپىس نەقىش شەكىللەنگەن. ئۇنىڭدىكى قول ھۈنەر تولىمۇ ئىنچىكە، رەڭلەر تولىمۇ چىرايلىق، جاھاندا تەڭداشسىز دىيىشكە بولىدۇ .
4`Jf_C تاج مەھەل مەقبەرىسى پۈتۈنلەي ئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان ئۆز ۋاقتىدىكى ئويمىچى ئۇستىلار تام ، ئىشىك قانىتى ، دەرىزە كېشىكلىرىگە گۈزەل نەقىشلەرنى ئويغان . شۇڭلاشقا بىر كۈن ئىچىدىكى سەھەر، چۈش كەچتە ئوخشىمىغان تەسىر بېرىدۇ . قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقى ئوخشىمىغاچقا، تاج مەھەلنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن نۇر ۋە رەڭلەر خىيالىي ئۆزگىرىپ، ئوخشىمىغان تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ . گۈللۈك ۋە كۆلچەكتىكى شولىلار بىرىكىپ خۇددى سانسىزلىغان ئادەملەر ئىكىسكۇرسىيە قىلىۋاتقاندەك ئاجايىپ مەنزىرە پەيدا بولىدۇ. مەنبە : baike.baidu.com .