كېسەللىكلەرنىڭ ئالەمەتلىرىنى بىلىۋىلىڭ
sJoi fl7 bY~ v0kg ئوشۇق بوغۇمىنىڭ ئىششىشى بەلكىم قەنت كېسەللىكى ، رېماتىزم كېسەللىكى ، بۆرەك زەخمىلىنىش ياكى پەي زەخمىلىنىشتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن .
>#?: x*[ تېرىلەرگە كىچىك قاپارتما ، يىرىڭلىق قاپارتما چىقسا ياكى تېرىنىڭ مەلۇم ئورنى قىزىرىپ قىچىشسا ، بولۇپمۇ پۇت زامبۇرۇغ كېسەللىكى كۆرۈلسە ، بۇ قەنت سىيىش كېسەللىكىنىڭ جىددىي سىگنالىدۇر .
Bx-,"Z \ پاقالچاقنىڭ ئىششىشى بۆرەك ياكى جىگەرنىڭ زەخمىلەنگەنلىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن ، ئۇندىن باشقا يۈرەك زەئىپلىشىشمۇ پاقالچاقنىڭ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
'I]"=O, تىز ئاستى پاقالچاق سۆڭىكىنىڭ ئىششىشى قالقانسىمان بەز فۇنكىسىيىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن .
)|R9mW=k9P تۇيۇقسىز ئاقساش يۈز بەرسە ۋە پاقالچاق مۇسكۇلى كۈچسىزلەنسە ، بۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان قېتىش كېسەللىكىنىڭ خەتەرلىك سىگنالى .
UwkX[u چات يېرىقىدا قولغا ئۇرۇنىدىغان قاتتىق مۇنەكچىلەر بولسا ( 2 ھەپتىدىن ئاشقان بولسا ) ، بۇ شۇ ئورۇندا ياللۇغلىنىش بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، بەزىدە ھەتتا راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىق خەۋپى بولۇشى مۇمكىن .
#@^w>D6W جىنسى ئەزادىن يىرىڭ ياكى قان ئاقسا ، جىنسىي كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ بەلگىسى ، ئەگەر چىدىغۇسىز قىچىشسا كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى .
/\cu!yiX تۆۋەنكى قورساق داۋاملىق كۆپسە ۋە قاتتىق ئاغرىسا ، قارىغۇ ئۈچەي ياللۇغى ۋە ئۈچەي يارىسىغا گىرىپتار بولغانلىقنىڭ بېشارىتى .
jHH قورساق قاتتىق كۆپسە ۋە بۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋاملىق يەل يۈرۈشسە ، بۇ تۇخۇمدان راكى ياكى ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولغانلىق خەتىرىنى ئىپادىلەيدۇ .
Us,[x Q ئەمچەكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە قاتتىقلىقى تۇيۇقسىز ئۆزگەرگەن بولسا ياكى تېرىسىدە ئۆزگىرىش بولسا ( قىزغۇچ سېرىق رەڭگە كىرسە ) ، بۇ ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولغانلىق بېشارىتىدۇر .
@O}j:b چاچنىڭ سارغىيىشى ۋە پارقىرىماسلىقى تۆمۈر ۋە ۋە ۋىتامىن Bنىڭ كەملىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . چاچنىڭ تۇيۇقسىز چۈشۈپ كېتىشى بولسا ئىممۇنېتىت خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ( مەسىلەن ، ئەيدىز كېسىلى )گە گىرىپتار بولغانلىقنىڭ ئالامىتى .
Dh No +"!z قولنىڭ داۋاملىق نەم تۇرۇشى قالقانسىمان بەز فۇنكىسىيىسى ئېشىپ كېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن . قولنىڭ سىرقىرىشى ياكى قىچىشىشى ۋىتامىننىڭ كەملىكىدىن ياكى قەنت سىيىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقتىندۇر .
xg,]M/J مۈرە قىسمىنىڭ مايماق بولۇشى سۆڭەك يىگىلەش ( سۆڭەك ماددىسى شالاڭلاش ) كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
8UT%:DlxQ جەينەك قىسمىدا كىچىك مۇنەكچىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ، جەينەك بوغۇمى بىلىنەر - بىلىنمەس ئاغرىشى كۆپىنچە رېماتىز كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى .
?w37vsN قول تىرنىقىدا تېيىز ئويمان ، بىر قەدەر چوڭ ئويۇق ياكى ئەگرى - بۈگرى ئىزلار بولسا ، بۇ كۆكەرتكۈچى باكتېرىيە كېسەللىكى ياكى تەڭگە تەمرەتكە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
$Cd ;0gdv ئەگەر قول - بىلەكلەر تۇيۇقسىز كۈچسىزلىنىپ سېزىمى يوقاپ كەتسە ياكى ھەرىكەتكە كەلمىسە ، يېنىك سەكتە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن .
=j+oKGkoCa بويۇننىڭ ئىششىشى تۇبېركۇليۇز قالقانسىمان بەز كېسەللىكى ۋە لىمفا راكىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
GGc_9?h يوتا بوغۇمى تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىسا بوغۇم ياللۇغى ياكى يوتا بوغۇم ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ ، بەزىدە يەنە سۆڭەك يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق ئېھتىماللىقىنىمۇ بىلدۈرىدۇ .
b^,Mw8KsO ( < شىنجاڭ ياشلىرى > ژۇرنىلىنىڭ 2000 - يىللىق 1 - سانىدىن ئېلىنغان )
2r}uE\GN I0w@S7 ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىن ئېلىندى