باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2932 
  •    ئىنكاس 
       0 

زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرەيلى

قەۋەت ئاتلاش
sama0994
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16438

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   45 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5 (قېتم)
 تۆھپە:   4  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3
 سائەت
دەرىجىسى:
3 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-06-30
ئاخــىرقىسى:2013-08-28
— بۇ يازما AnaTuprak تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2013-07-02) —

زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرەيلى
k8i0`VY5Y  
4sfq,shRq  
1/syzHjbY  
    2013- يىلى 4- ئاينىڭ 23- كۈنى مارالبىشى ناھىيىسى سېرىق بۇيا بازىرىدا ئېغىر زوراۋانلىق، تېررولۇق دېلوسى يۈز بەردى. ئەينى ۋاقىتتا بىر توپ توپىلاڭچى ئاھالىلەر ئۆيلىرىگە تەكشۈرۈشكە كىرگەن مەھەللە كادىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئارقىدىن كەلگەن خەلق ساقچىلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، 15 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ ئىچىدە، 10 ئۇيغۇر، 3 خەنزۇ، 2 موڭغۇل بار ئىدى. بۇ توپىلاڭچىلار يەنە ئوت قويۇپ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ۋە ساقچى ئاپتوموبىلىنى كۆيدۈرىۋەتتى. MwL!2r  
     2013- يىلى 6- ئاينىڭ 26- كۈنى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا ئېغىر زوراۋانلىق، تېررولۇق دېلوسى يۈز بېرىپ، بىر قانچە توپىلاڭچى ئۇنسۇر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ لۈكچۈن بازىرى ساقچىخانىسى، ئالاھىدە چارلاش ساقچىسى ئوتتۇرا ئەترىتى، بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە قۇرۇلۇش ئورنىغا ھۇجۇم قىلىپ 24 ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، 16 ئۇيغۇر، ئىككىسى خەلق ساقچىسى. 21 كىشى جۈملىدىن خەلق ساقچىلىرى ۋە ئامما يارىلاندى. \?|^w.  
     بۇ تەشكىللىك، پىلانلىق ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى دېلوسى ھىسابلىنىدۇ. توپىلاڭچىلار ناھايىتى قەبىھ ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنى خالىغانچە ئۆلتۈردى. ئۇلار ئاياللار، ئۆزلىرى بىلەن دائىم يۈز كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان يېقىن قۇلۇم- خوشنىلىرى ۋە يۇرتداشلىرىغا قىلچە رەھىم قىلماي ياۋۇز قولىنى ئۇزاتتى. ئۇلار ئىنتايىن رەھىمسىز ۋە قەبىھ بولۇپ، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەسەبىيلىشىپ كەتكەن،  كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان بۇ قىلمىشلىرى تېررورىزىمنىڭ ماھىيىتىنى ناھايىتى ئېنىق ئاشكارىلاپ بېرىدۇ. }9N-2]  
  زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ پاجىئەلىك، بالايىئاپەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بۇ قەبىھ قىلمىشلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 22 مىليون ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. كۆپچىلىكنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ، بەس- بەستە زوراۋان، تېرورچى ئۇنسۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىپلىدى ھەمدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق تەدبىر ۋە ۋاستە قوللىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلىمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللىدى. sQ&<cBs2  
    زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرى ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايىتى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ياشاش ھوقوقى ۋە تەرەققىيات ھوقوقىغا ئېغىر تاجاۋۇز قىلغانلىق ھىسابلىنىدۇ. ئۇ ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھاياتى، جىسمانىي ۋە روھىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. جەمئىيەتتىكى مال- مۈلۈك زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ، ئىجتىمائىي تەرتىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئۇ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋىجدانى بار، ئىنسانىي تۇيغۇسى بار ھەر قانداق ئادەم بۇنداق زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا ھەرگىز قاراپ تۇرالمايدۇ. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرى ھەر قانداق بىر مىللەت، ھەر قانداق بىر دىنغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش، قانۇن بويىچە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشنى قەتئىي قوللاش، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىغا تىنچ، ئىتتىپاق تەرەققىي قىلىدىغان ۋە ياشايدىغان مۇھىتنى قايتۇرۇپ بېرىش شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلق ئاممىسنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە ئورتاق ئارزۇسى. Q=Q&\.<  
    زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشتىكى رىيال ئېھتىياج. تەرەققىيات چىڭ قائىدە. تەرەققىيات بولمايدىكەن جەمئىيەت ھاياتىي كۈچىنى يوقىتىپ قويىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ ۋە ياخشىلانمايدۇ. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇدا يېڭى بىر بالداققا يۈكسىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا يېڭى ئۆرلەشلەر بولدى. ھەر مىللەت خەلق ئاممىسنىڭ تۇرمۇشىدا تارىخىي خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، كىشىنىڭ دېققىتىنى تارتىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بايلىقنى كۆزلەش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش، مۇقىملىق، ئىناقلىقنى ئارزۇ قىلىش شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مىلودىيىسى بولۇپ قالدى. ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ئىناق- ئىتتىپاق ياشايدىغان، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، ئىناق تەرەققىي قىلىدىغان تەسىرلىك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. ئەمما، زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇرلار ئىناق شىنجاڭنى، تەرەققىي قىلغان شىنجاڭنى كۆرۈشنى خالىمىدى. ئۇلار دائىم پۇرسەت ئىزدەپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇكى، مۇقىملىق بولمايدىكەن ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ. زوراۋان، تېررۇرچى ئۇنسۇلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەرمىگەندە، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولۇش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم، خوشال- خورام تۇرمۇش كۆچۈرۈشى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ. @RCZ![XYWg  
    زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تەلىپى. ئۇزۇندىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچلەر»«شەرقىي تۈركىستان» قۇرۇش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تۈرلۈك زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇلارنىڭ سىياسى مۇددىئاسى، «قوراللاشقان، زوراۋانلاشقان» ۋاستە بىلەن دۆلەتنى پارچىلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، سوتسىيالىزىمنىڭ يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشتىن ئىبارەت. ئۇلار بۇ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، تۈرلۈك ۋاستىلاردىن پايدىلىنىپ، دىن بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دىنغا ئىشىنىدىغان ئاممىنىڭ مىللەت، دىن تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي تەلۋىلىككە قۇترىتىپ، مىللىي زىددىيەت، مىللەتلەر ئارازلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىزنىڭ زوراۋان، تېررورچى ئۇنسۇلار بىلەن بولغان كۆرۈشىمىز ھەرگىزمۇ مىللەت مەسىلىسى ئەمەس، دىن مەسىلىسمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت ۋەتەننىڭ بىرلىكنى قوغداش بىلەن ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش. ھايات- ماماتلىق سىياسىي كۆرەش. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى تىنچلىقنى سۆيىدۇ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايدۇ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، دۈشمەن كۈچلەر بىلەن قەتئىي ئېلىشىپ، مۇستەھكەم قورغان قۇرۇپ، زوراۋان، تېررۇرچى ئۇنسۇلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ، گۈللەنگەن، باي ئىناق، مۇقىم سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-07-01, 19:30