-
تىزىم نۇمۇرى:16312 -
- تىزىم ۋاقتى:2013-06-24
- ئاخىرقى كىرگىنى2013-07-03
- تور ۋاقتى:220سائەت
-
- تېمىسى2
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى0
- مۇنبەر پۇلى50
- شۆھرىتى6
- تۆھپە5
- كۈمۈش تەڭگە18
- ياخشى باھا17
- بىلوگدوستلاشقورال
| | | | | ھۆرمەت، قىممەت ۋە ھىممەتكە يانداش خىياللار 6\)8mK Hz!U_? f2R+5`$ [`Qp;_K?t مۇتەللىپ ئىقبال VAF:Z V!kQuQJ> y ? {PoNI 1 _>_ y@-b S7#^u`'Q_^ خۇدانىڭ ئىلتىپاتى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم راھىلە داۋۇتنىڭ ھىممىتى بىلەن چەتئەلگە چىقىش ئارزۇيۇم ئاخىرى ئەمەلىيەتكە ئايلاندى. ئەسلىدە بۇنداق تاساددىبىي پۇرسەتلەرنىڭ ماڭا نىسىپ بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئەمما تەڭرىنىڭ ئىرادىسى بىزنىڭ ئوي-خىيالىمىز ۋە تەپەككۇرىمىزنىڭ سىرتىدا يۇشۇرۇن رەۋىشتە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىكەن ۋە ھاياتىمىزنىڭ چېغىرلىرىنى سىزىپ تۇرىدىكەن. dZ]\1""#H i-"h"nF" T0np<l]A چەتئەل ماڭىلا ئەمەس، نۇرغۇن ئوت يۈرەك كىشىلىرىمىز ئۈچۈن بىر چۈش. يىقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەلگە چىقىپ كۆرۈپ بېقىش، ئوقۇش، ئىش تېپىپ ئىشلەش قاتارلىقلار بىر قاتار مەقسەتلەر بىلەن نۇرغۇن كىشىلىرىمىز چەتئەل تۇرمۇشىنى بېشىنى ئۆتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا غايىۋى بىلىنىپ كەلگەن چەتئەلدىكى تۇرمۇش كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى نامايان قىلغاندىن كېيىن، يەنە «جاھاننىڭ ھەممە يىرىدە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت» ئىكەن دېگەن ماقال-تەمسىلىمىز كىشىلەرنىڭ ئېغىزىغا ئېلىنىشقا باشلىدى. بەزى مەتبۇئات ۋە تىلىۋېزىيە نومۇرلىرىدا بۇ ھەققە نوپۇزلۇق كىشىلەر سۆزلىگەن، چەتئەلنىڭ چۈش ئەمەس، بەلكى ئالدىراپ چىقىشقا بولمايدىغان جاي ئىكەنلىكىدەك قاراشلار ئىلگىرى سۈرۈلگەنمۇ بولدى. بۇ خىل قاراشنىڭ رىئاللىقتا مەلۇم دەرىجىدە ئاساسى بار بولۇپ، مۇتلەق ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايتتى. چۈنكى ھەققىقىي يۇسۇندا چەتئەل تۇرمۇشىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان بەزى كىشىلىرىمىز چەتئەلدە ماددى جەھەتتىن تەڭ قىسلىق تارتقان، روھىي جەھەتتىن تەنھالىقتا قالغان ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇ ھەرقانداق بىر سەپەرگە چىققان كىشىنىڭ سەپەر جەريانىدا ياكى نىشان-مەنزىلىدە ئۇچرايدىغان ھادىسە ئىدى. ماددى جەھەتتىكى تەڭ قىسچىلىق ۋە روھي جەھەتتىكى غېرىبلىق ھەرگىزمۇ ھازىرقى دەۋرگىلا خاس ھادىسە ئەمەس. چەتئەل تۇپرىقىغا قەدەم باسقان كىشى ئەلۋەتتە بىرەر يىلغىچە يىڭى تۇرمۇشقا كۆنەلمەسلىك تۈپەيلى ھەر جەھەتتىن قىينىلىدۇ. بەزى ماتېرىياللاردىن بىلىشىمچە، چەتئەلگە چىققانلار ئەركىنلىككە ۋە ئىنسانىي ھۆرمەتكە ئېرىشىدىكەن، ئەمما ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىق، يۇرت، دوستلۇق مىھرىدىن كىچىدىكەن. يەرلىكتە ياشاۋاتقانلار مەلۇم دەرىجىدە پاراغەتتە، مېھرى-مۇھەببەت قۇچىقىدا ياشايدىكەن، ئەمما ئىنسانىي خاسلىقى تازا نەزەرگە ئېلىنمايدىكەن. بۇ چەتئەلدىكى بىر نۇپۇزلۇق ژۇرنالدىكى تەتقىقات ماقالىسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى ئىدى. ''\cBM! QF.wtMGF& v_1JH<GJ- يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرىشى تۈپەيلى، بالىلارنى چەتئەلگە چىقىرىدىغان خاھىش ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە يىڭىلىق بۇلۇشقا باشلىدى. ئەمما بالىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىرىدىغانلار پۇللۇق كىشىلەر بولۇپ، دەسلەپكى بىر-ئىككى يىلدا بالىلارنىڭ چەتئەلدىكى بارلىق چىقىملىرىنى ئۆز يېنىدىن قامداپ بىرەتتى. ئەگەر مەلۇم بىرەيلەن ئامېرىكىدا ئوقۇماقچى بولسا ئوقۇش ۋە خىراجەت ئۈچۈن يىلدا 300مىڭ يۇەن ئەتراپىدا پۇل كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكىدا قۇيۇلغان مەلۇم مىقداردىكى پۇلمۇ، چەتئەلدىكى مەكتەپنىڭ ئۇقتۇرۇش قەغىزىمۇ بۇلۇشى كېرەك. مۇشۇنداق بىر خاھىشنىڭ تۈرتكىسى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تولۇق كۇرس سەۋىيىسىدە ئوقۇۋاتقان بەزى بالىلار ناھايىتى ياخشى ئوقۇغان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزىلەر ئاتا-ئانىسىنىڭ تەييار مال-دۇنيالىرىنى بۇزۇپ چېچىپ، ئاتا-ئانىلىرىنى خاراب قىلماقتا. بۇنىڭ بىلەن چەتئەل راستىنلا جەننەتمۇ دېگەن سۇئال پۇت باسماس نەرسىگە ئايلىنىشقا باشلىدى. !i"9f_ pg}DC0a i]^*J1a تىمىغا قايىتىپ كەلسەك، ئوقۇش مۇكاپات بىلەن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن ئىبارەت بىر ئىستەك بىلەن تىرىشىۋاتقان كۈنلىرىمىنىڭ بىرىدە چەتئەلگە چىقىش، چىققاندىمۇ خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىشتەك تەقدىر ماڭا نىسىپ بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ تەقدىرىنىڭ نىسىپ بۇلىشىدا ئۇستازىم راھىلە داۋۇتنىڭ ھىممىتى ۋە ئەنگلىيە لوندۇن ئۇنىۋېرسىتى شەرق، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات مەركىزى(SOAS)دىكى راچېل خاررىس(Rachel Harris) خانىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن تۇلۇق ئىشقا ئاشتى. ئەمەلىيەتتە بۇنى ئۇستازىمنىڭ مىنىڭ كەلگۈسىمگە بولغان ئۈمىدىنىڭ سىرتقا پارتلاپ چىقىشى دېسەك توغرا بۇلاتتى. چۈنكى راھىلە داۋۇت مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان مۇئەللىملەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھە دىسىلا بىزگە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقىمىزغا ئېرىنمەي ئەۋەتىپ تۇراتتى. مەن بۇنىڭدىن تۇلىمۇ خۇشال ئىدىم. بۇ قېتىم ئۇستازىم چەتئەلدىكى بىر نەچچە يىغىنلارنى رەت قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا چەتئەلدىن يىغىنغا قاتنىشىپ توغرىلىق كەلگەن چاقىرىقلار ئۇنىڭ ۋاقتىنى ھە دەپ تالىشىۋاتاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇستازىم بۇ يىغىنلارنىڭ ۋاقتىغا قارىتا مۇرەسسە قىلدى ۋە ئەنگلىيىدىكى يىغىنغا قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بىلەن مىنى ئەۋەتىش قارارىغا كەلدى. ئەسلىدە ئۇ ئامېرىكىدىكى يىغىندىن قايتىپ ئەنگىلىيەگە بارسىمۇ يىغىنغا يەنە ئۈلگۈرەلەيتتى. ئەمما ئۇ:«سىز بېرىپ كۆرۈپ كېلىڭ، ئۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار، دوكتور يىتەكچىلىرى قاتنىشىدۇ، ئۇلار بىلەن سۆزلىشىپ، كەلگۈسىدىكى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىڭىز ئۈچۈن ئاساس سېلىپ كېلىڭ.» دەپ بۇ پۇرسەتنى ماڭا ئۈتۈنۈپ بەردى. مەن مۇئەللىمنىڭ بۇ خىل ئالىيجانابلىقىدىن چەكسىز سۆيۈندۈم ۋە ئىپتىخار ھېس قىلدىم. ئەنگىلىيەدە يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە ئەنگىلىيە مەنچېستىر ئۇنىۋېرسىتىدا ئىشلەيدىغان ئابلىمىت باقى ئاكىمىزمۇ مۇئەللىمنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن سۆيۈندى ۋە ئالاھىدە تەرىپلىدى. ['N#aDh.? "d^lS@~ s)7`r6w ئادەتتە چەتئەلدە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلماقچى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم سەۋىيەسىگە ۋە دەسلەپكى تەسىراتىغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ. شۇڭا مەن بۇ پۇرسەتنى ئۈزۈمگە كەلگەن ئامەت دەپ بىلىپ سەپەر ۋە يىغىن ماقالىسى تەييارلىقىنى قىلىشىقا باشلىدىم. راچىل خانىمغا مىنىڭ تەرجىمىھالىم(CV) ۋە يىغىن ماقالىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى ئەۋەتىپ بەردىم. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىيتىم تەسسىقلىنىپتۇ. چۈنكى ئۇلار يىغىندا ئوقۇلىدىغان ماقالىلەرنىڭ تەسىرى ۋە ئەھمىيىتىگە بەكرەك قارايتتى. بۇ يىغىن «مەركىزى ئاسىيانىڭ مۇزىكىلىق جۇغراپىيىسى»، يەنى (Musical Geographies of Central Asia) دېگەن تىمىدا ئىدى. مەن «ئۇيغۇر خەلق داستانلىرىنىڭ ئورۇنلىنىش سەنئىتى» توغرىسىدا دېگەن تىمىدا ماقالە تەييارلىدىم. يىغىندا ئوقۇيدىغان ماقالەمنى ناھايتى ئوڭايلا پۈتكۈزىۋالغان بولساممۇ، ئەمما مىنىڭ ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش ئىلتىماسىم ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. $m%/veD k ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇنلا لوندون ئونۋېرسىتېتى مۇزىكا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىكى سەئىدە (Saida Daukeyeva) بىلەن بىر نەچچە قېتىم ئېلخەت ئالاقىسى قىلىپ ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا، بېيجىڭدىن لوندۇنغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ بىلىتىمۇ ئالدىن زاكاز قىلىنىپ بولدى. ئەمما مىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسمىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئالدى-كىينلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بېلەت مۇقىملاشتۇرۇلمىغان ئىدى. 5bqYi WZO0u RV @(& | |