ئابدۇللانىڭ ۋىدالىشىش خېتى.

. بۇ خەت «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى» مەزگىلىدە، جىڭ ئۇرىشىدا يارىدار بولۇپ قۇربان بولغان جەڭچى ئابدۇللامنىڭ ئۆز ئانىسىغا يازغان خېتى. بۇ خەتنى ئابدۇللام ئېغىر يارلىنىپ پولك دوختۇرخانىسىدا ياتقاندا يوقلاپ بارسام،ئانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ ماڭا تاپشۇرغانىدى.خەتتە مۇنداق يېزىلغان:
*(QH{!-$s «مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان مېھرىبان ئانا،سېنى سېغىنغىنىمنى تىلغا ئالسام قېشىڭغا ھازىرلا قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ بارغۇم كېلىدۇ.لېكىن بىز دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشۇۋاتىمىز،خەلقنىڭ دۈشمىنىنى يوقىتىپ،خەلقنى ئازات قىلماي تۇرۇپ،ئەلۋەتتە بارالمايمىز.جېنىم ئانا،سېنى يالغۇز تاشلاپ قويدۇم،كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپ كەتتىڭ،سېنىڭ ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ،باشلىرىمنى سىلاپ باتۇر بول قوزام،مەن يالغۇز ئەمەس،كۆپچىلىك بىلەن بىرگە،دەپ سۆيۈپ ئۇزاتقىنىڭ كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمەيدۇ.ئانا،مەن بىرنەچچە سەپداشلىرىم بىلەن ئەتە دۈشمەن پوتىيىنى پارتىلتىشقا بارىمەن.جېنىم ئانا،ئۇرۇش دېگەن يا ئۆلۈم- يا كۆرۈم،ئۇرۇش دېگەن قان تۆكۈش،بىزنى چۈشىنىسەن.ئەگەر قايتىپ كېلەلمىسەم،ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ،كۆكسۈڭنى چاك ئېتىپ،چاچلىرىڭنى يۇلۇپ يىغلىما،ئۆزۈڭنى تۇتىۋال.جېنىم ئانا،مەن ئۆلۈپ كەتسەم سەن ئارزۇلىغاندەك باتۇرلۇق بىلەن ئۆلىمەن.بۇ مەن ئۈچۈن بەخت،ئەلىۋەتتە.كۆڭلۈڭنى بۇزما.ساڭا ئاتاپ بىرنەچچە كوپلېت شېئىر يازغانىدىم.بۇ بەلكىم ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدىكى يۈرەك سۆزلىرىم بولۇپ قالار،بۇ شېئىرىم ساڭا تەسەللى بولۇپ قالار:
3fr ^ T UE :HMn6 ئانىجان يادىمدا بار،
{0v*xL_O^ تىنماي ئازاپ چەككەنلىرىڭ.
cpZc9;@IC كېچىلەردە ئۇخلىماي،
1||+6bRP ئاق سۈت بېرىپ باققانلىرىڭ.
a|_p,_ w?y6nTg< ئونسەككىز ياشىمغىچە،
aM=D84@ شەربەت بېرىپ باقتىڭ مېنى.
T*[VY1 رازى بولغىن جان ئانا،
Uh6 '$0 ئەمدى كۆرەلمەيسەن مېنى.
~P*4V]L^ MGpt}|t- چۈنكى مەن دۈشمەن بىلەن،
kOL'|GgK مەيداندا جەڭ قىلغان ئىدىم.
U7@AC}.+ كۆپلىرىنى ئۆلتۈرۈپ،
6xK[34~6 كۆكرەككە ئوق يىگەن ئىدىم.
oqd;6[%G yay<GP? يىغلىما جانىم ئانا،
g|X ;ahTT ھەر جايدا باردۇر بىر ئۆلۈم.
dUrElXbXd چۈنكى ئېچىلماي توزىدى،
f|7\DeY9U ئون گۈلۈمدىن بىر گۈلۈم.
c_grPk2O4 g#]" hn f5*k7fg !^#jwRpeN GYxM0~:$k خەير خوش ئانا،ئۆلۈپ كەتسەم بۇ خېتىم ساڭا بىر ئۆمۈر تەسەللى.ھايات قالسام،ساق-سالامەت كۆرىشەرمىز،ئەمما،مەن ئوغۇللۇق بۇرچۇمنى جەزمەن ئادا قىلىمەن.ئانا،بۈگۈن چۈشۈم بۇزۇلۇپ قاپتۇ.چۈشۈمدە دادام چاقىرغۇدەك،يۈگۈرۈپلا چىقسام،قولۇمدىن يېتىلەپ قاراڭغۇ بىر تار كوچىغا ئەكەتتى.ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدا خەت ئارقىلىق سېنىڭ مېھىر-شەپقەت يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىڭگە سۆيۈپ،
!)"%),>}o Ix@&$!'k خەت يازغۇچى ئوغلۇڭ: ئابدۇللام 1945-يىل7-ئاي
|:[tNs*,O G@FI0\t y.5/?{GL nkxzk$ مېنىڭ بۇ خەتنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىرىم ئىختىيارسىز ھالدا تىتىرەپ كەتكەنىدى.مەن چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتتىم-دە،يانچۇقۇمدىن قول ياغلىقىمنى ئېلىپ كۆزلىرىمدىكى ياشنى سۈرتتىم...«مەن چوقۇم بۇ خەتنى ئابدۇللامنىڭ ئانىسىنى تېپىپ ئۆز قولىغا تاپشۇرىمەن» دېدىم ئۆز-ئۆزەمگە،ئاندىن ئولتۇرۇپ بىر ئورام موخۇركىنى چەكتىم.خىيالىم ئاللىقاياقلارغا كەتكەنىدى...«مەن ئەمدى ئابدۇللامنىڭ ئانىسىغا يازغان خېتىنى ئاپىرىپ بېرىمەن.ئۇ ئانا مېنىڭ بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلايدۇ.بالام قېنى،مېنىڭ قوزام قېنى،ئۇ نېمىشقا سىز بىلەن بىللە قايتىپ كەلمىدى دەيدۇ،مۈرىلىرىمگە ئۇرۇپ،كۆزلىرىمگە تەلمۈرۈپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ تۇرۇپ بالىسىنى سورايدۇ.بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىگە قانداقمۇ بەررداشلىق بەرگىلى بولار؟ ئەي بىچارە ئانا،راست ئۇ سېنىڭ باغرىڭنى يېرىپ تۇغۇلغان پەرزەندىڭ ئەمەسمىدى...»بۇلارنى ئويلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى ئازاپلىق بىر ھېسسىيات چىرمىۋالدى.
fH`P[^N ~7~~S*EQ m }a|FS 4coJRqf= :tIC~GG]_) ~$'\L D3|oOOoG ماناس دەرياسىدىن قايتقاندىن كېيىن...
mRB ,Y3W? <%xS{!'} KIR'$ 6pn~ OB[o2G <0 بىر كۈنى ئابدۇللامنىڭ روتىسىدىن بىر كادىرنى باشلاپ ھېلىقى خەتتە يېزىلغان ئادرىس بويىچە غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىچىدىكى ئايدۆڭ مەھەللىسىگە قاراپ يول ئالدىم.ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ،ئابدۇللامنىڭ ئانىسى ئايمىخان ئانىنىڭ ئۆيىنى تاپتۇق.مەھەللىدىكى جامائەت بىلەن بىرلىكتە«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ ئۆيگە كىرىپ كەلدۇق.ئۆي قاراڭغۇ ئىدى.ئاتمىش بەش ياشلار چامىسىدىكى ئورۇق،ئېگىزرەك،بۇغداي ئۆڭلۈك بىر موماي كىرگەنلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتى-دە،كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ،ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدىيۇ،لېكىن ئورنىدىن ئىتتىك تۇرالمىدى.مەن يۈگرۈپ كېلىپ موماينى يۆلەپ تۇرغۇزدۇم...«ئەلھۆكمىلىللا ئانا» دېگەن سۆزنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكىنىنى سەزمەيلا قالدىم.موماي ئىككى-ئۈچ سېكۇنتقىچە جىم تۇرۇپ قالدى.ئاندىن ماڭا ئېسىلىپ:«جېنىم بالام،كۆزنۇرۇم ئابدۇللام،سەن نېمىشقا باشقا بالىلارغا ئوخشاش قايتىپ كەلمىدىڭ؟ مېنى بۇ جۇدالىقلارغا قانداق چىدايدۇ دېدىڭ.يۈرەك پارەم باغرىم،يالغۇز مۇساپىر ئاجىز ئاناڭنى قانداق تاشلاپ كەتتىڭ» دەپ ماڭا ئېسىلىپ دۈمبىلىرىمنى سىلاپ،بويۇنلىرىمغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى...مەن ئابدۇللامنىڭ ئۆز ئانىسىغا يازغان خېتىنى يانچۇقتىن ئېلىپ ھەم ئۇنىڭ بىر قۇر كىيىمىنى ئىككى قوللاپ ئانىغا سۇنۇپ بەردىم...بىچارە موماي مېنى قۇچاقلاپ:«بالامنى كۆرگەن بالام،بالامنىڭ پۇرىقىنى پۇرىۋالاي،سىز كەتمەڭ» دەپ جانسىز قوللىرى بىلەن ئېسلىۋالدى.بۇ ئارلىقتا پۈتۈن مەھەللىدىكى ئەر-ئايال جامائەت ئانىنى ئاۋايلاپ تۇتۇپ،ئانىنىڭ قوللىرىنى مىڭ تەسلىكتە بوشىتىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى...
+?p.?I {]"]uT# ئاز كۈندىن كېيىن ئابدۇللامنىڭ خېتىدىكى ئانىسىغا ئاتاپ يازغان «يىغلىما جېنىم ئانا» دېگەن قوشاق خەلق ناخشىچىلىرى تەرپىدىن ئىنتايىن مۇڭلۇق،يېقىملىق ئاھاڭغا سېلىنىپ،ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈشكە باشلىدى.
n@ w^V ?"z]A7<Hj k}KC/d9.z ساۋدانوف زاھىر،«ماناس دەرياسىدىن قايتىش»،شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1996- يىل 7- ئاي 1- نەشىردىن ئېلىندى
%pXAeeSY`;