باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       673 
  •    ئىنكاس 
       5 

ھارماس تۆھپىكار،تەرجىمە ئۇستازى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات

قەۋەت ئاتلاش
karguli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.253

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   248 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11132 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   756 (قېتم)
 تۆھپە:   709  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1967
 سائەت
دەرىجىسى:
1967 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-25
ئاخــىرقىسى:2013-09-14

ھارماس تۆھپىكار،تەرجىمە ئۇستازى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات
ئاپتۇرى : ئايگۈل ئابدۇكېرەم
P{AJH1  
wO6`Apt1:  
:OC`X~}Rc  
R:7j`gHJ|9  
شان-شەرەپ ئىزدەنگۇچىلەرگە مەنسۇپ.مەيلى قانداق كەسىپ،قانداق ساھەدە بولسۇن،قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىزدەنگەندىلا ئۇتۇق ۋە شان-شەرەپكە نائىل بولغىلى بولىدۇ.شىنجاڭ رادىئو-كىنو تېلېۋىزىيە تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئالىي تەرجىمانى،خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئەنە شۇنداق ھارماس ئىزدەنگۇچىلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا تۆھپىكارلىمىزنىڭ بىرى. '5V2{k$4U  
ئاتاقلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە تەتقىقاتچى ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1951-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۇنى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1958- يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان .1970-يىلىدىن 1981-يىلى 2-ئايغىچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانىدا قايتا تەربىيە ئالغان ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان .1981-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ 1984-يىلىغىچە ‹‹شىىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى›› تەھرىر بۆلۈمىدە،كېيىن شىنجاڭ ئۇنۋىرسېتىتى قارمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنسىتىتۇنى ‘‘24تارىخ” ماتېرىياللىرى تەرجىمە –تەھرىر ئىشخانىسىدا ئىشلىگەن.بۇ مەزگىلىدە يەنى 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ ئىشتىن سرتقى تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنىپ ،1986-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەن .1984-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نارازىتىگە يۆتكىلىپ،1990-يىلىنىڭ ئاخىرغىچە مۇھەررىر ۋە تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن،شۇ يىلنىڭ ئاخىرى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ‹تەڭرىتاغ › كىنو ئستۇدىيەسىگە يۆتكىلىپ،كىنو سىنارىيىسىنى تەرجىمىچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان.1998-يىلىنىڭ بېشىدا ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا يۆتكىلىپ ،ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 2006-يىلى پېنسىيەگە چىققان. ھازىر تەرجىمە فىلىملەرنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا. ?zwPF;L*  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1981-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەنزۇتىلىنى ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىشكە باشلىغان ھەم تەرجىمانلىق ساھەسىگە قەدەم قويغان.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ئاتىسى ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىي بولۇپ ،ئۇ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە تىنماي ئۆگىنىش ئادىتىنى يىتىلدۇرگەن.ئۇ ئەينى يىللاردا ئاتىسىغا ياردەملىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل –يېزىق كومىتېدا‹‹ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى›› نى ئىشلەش خىزمىتىگىمۇ بىر كىشلىك ھەسسە قوشقان.شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنسىتىتۇتىدا ئىشلەش جەريانىدا‘‘تارىخىي خاتىرىلەر”،‘‘ئالدىنقى خەننامە”،‘‘كېيىنكى خەننامە”قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ،كېيىنكى تەرجىمانلىق ھاياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغان. Xj:?V;  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ 1984-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە ئەدلىيە نازارىتىنىڭ تەشۋىقات باشقارمىسىدا ‘‘ئەدلىيە كەسپىي”ژۇرنىلىدامۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلدە قانۇنشۇناسلىققا ئائىت 22پارچە كىتابنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىك خىزمىتىگەقاتناشقان. 2"(vjnfH  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ1990-يىلىدىن بۇيان ھازىرغىچە ‹‹بۈيۈك ھەل قىلغۇچ جەڭ››،‹‹لىياۋشېن ئۇرۇشى››،‹‹خۇەيخەي ئۇرۇشى›› ،‹‹پڭجىن ئۇرۇشى›› ،‹‹كۇزلۇك يىغىم قوزغىلىڭى ››،‹‹مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋر ››،‹‹جىڭگاڭشەن››،‹‹ئۇرۇشتىن كېيىن››،‹‹قىزىل قۇياش›› ،‹‹جىياۋلۇ›› ‹‹ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قسسە››،‹‹سۇ بويىدا›› ، ‹‹غەرىبكە ساياھەت ››،‹‹دوك ۋەزىر لىيۇيوڭ ››،‹‹يۇڭجىڭ خاندانلىقى››،‹‹كاڭشى خاندانلىقى››،‹‹تەيپىڭ تىيەنگو›› ،‹‹چىڭگىزخان›› ،‹‹تاڭ پادىشاھى شۇەن زۇڭ››،‹‹شەھەرىستاندا زاۋال›› ،‹‹كاڭشىنىڭ ئەل ئىچىدە خۇپىيانە زىيارىتى››، قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەھرىرلىكىنى قىلغان. ‹‹ئۇچقۇرئەجدىھا››،‹‹تۇلپار››،‹‹ساماۋى كۆۋرۈك››،‹‹تەڭرىتاغ ئەدەبىيات -سەنئەت مۇكاپاتى›› قاتارلىق نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. sWp]Zy  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ چوڭ ھەجىملىك كلاسسىك تارىخىي فىلىملەرنى تەرجىمە قلىشقا ماھىر، تىلغا باي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ھازىرغا قەدەر تەرجىمە قىلغان كلاسسىك فىلىملەرنىڭ ھەممىسى تىل جەھەتتىكى ئالاھىدە ئۆزگىچىلىكى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.بىز بۇلاردىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىكىنى ھېس قىلالايمىز. q.L0rY!  
كىنو-تېلېۋزىيە تىياتىرى تىلى-كىنو ۋە تىياتىرى ئىجايىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. كىنو ۋە تېلېۋزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكى-پۇتكۈل تەرجىمە خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ،ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق باشقا يېزىق ۋە ئېغىز تەرجىمىسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال تەرجىمىدۇر. 0m?v@K' l  
كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك تېمىلاردا ئىشلىنىدۇ.فىلىمدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يەنە بىر مىللەتنىڭ تىلىغا ماس كەلتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش –كىنو ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىچىلىكىدىكى بىر سەنئەت. <5*cc8  
ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا،كىنو ۋە تىياتىرلىرىدا قەدىمكى زامان تىللىرىدىن تارتىپ ،ھازىرقى زامان تىللىرىغىچە ،سانائەت،يېزا ئىگىلىكى .ماقال-تەمسىللەر ،دىنىي ئاتالغۇلار،تۇراقلىق ئىبارىلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ.مانا مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇش ماھارەت ھېسابلىنىدۇ.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ مانا مۇشۇنداق ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرگەن ئاتاقلىق تەرجىمان. j'lfH6_')e  
بىر تەرجىماننىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش جەھەتتە بۇنداق يۇقىرى سەۋىيەگە يەتمىكى ئاسان ئەمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن تىنماي ئۆگىنىشكە،ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىمە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۇرۇش ئۈچۈن تەرجىمىسى ياخشى چىققان ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››،‹‹سۇ بويىدا››،‹‹ئۇچ پادىشاھلىق ھەققىدە قسسە››قاتارلىق تارىخىي،كلاسسىك ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنگەن.قەدىمكى نام-ئاتالغۇلارنى ئەينى دەۋرگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپپەسىنى ئۆگەنگەن،ئۇ شۇ دەۋىرنىڭ تارىخىنى ئاساسىي تېما قىلىپ تەرجىمە قىلغان.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تېلېۋىزىيە تەرجىمىسىدىن باشقا،‹‹جۇڭگونىڭ ئۇمۇمىي تارىخى››نى تەرجىمە قىلغان.مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ‹‹مېنىڭ ئىسمىم قىزىل››(تۇركىيەنىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىسى ئورخان يامۇكنىڭ ئەسىرى) تەھرىرلىكىنى قىلىپ بەرگەن. 7[ )4k7  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ قەيەرگە بارسۇن، شۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۇپ،قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلغان.تەلەپچان ئۇستازدىن قابىلىيەت ئگىسى چىقىدۇ،دېگەندەك ئۇنىڭ ئەجرىمۇ بىكارغا كەتمىگەن.ئۇنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشپ چىققان تەرجىمانلار شۇ بۆلۆمىنىڭ غوللۇق خادىملىرىغا ئايلانغان. ,]e!OZ[$m  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ قارىشىچە،ئادەتتىكى سۆزلۇك لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققىلى بولمايدىكەن.تەرجىمە ھەر قايسى ساھەدىكى مەسىلىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا،قورال كىتابلار كۆپ بولۇشى كېرەككەن.مۇشۇنداق بولغاندىلا تەرجىمىنى تىلى راۋان،چۇشىنىشلىك، ئاممىباب قىلىپ خەلقنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغىلى بولىدىكەن. |n-NK&Y(o  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمان بولۇپلا قالماستىن،مېھرىبان كۆيۈمچان ئانا.ئۇ ئۈچ بالىسىنى قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن تارتمىغان جاپالىرى ،كۆرمىگەن كۇنلىرى قالمىغان. ئۇ بالىلىرىنى يەسلىگە بېرىش ھەم ئوقۇتۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن خىزمىتىنى ياخشى قىلىشتىن سرت ،بەزى نەشىريات ئورۇنلىرىدىن كىتاب ئېلىپ تەرجىمە قىلىپ ،ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ قويغان تىككۈچىلىك ھۇنىرى بىلەنمۇ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىساد مەسىلىسىنى ھەل قىلغان .ئوغۇللىرىنى تەربىيلەش جەھەتتە مۇنداق ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقى ئانىلارنى پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۆرنەك ئېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. BwO^F^Pr?k  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئوغۇللىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى يامان ئىش ۋە يولدىن چىققان بالىلارغا ئارلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ،ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ،ئوغۇللار قىززىقىدىغان گېتتار ،شاھمات،رادىئو،تېلېۋىزور قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ بالىلىرىنىڭ يامان يولغا كىرىپ قىلىشىدىن توسقان.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئاشۇنداق كۇنلەرنى باشتىن كەچۇرسىمۇ ۋايسىمىغان قەيسەر ئايال.ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ھاياتىنى بالا ھەم كەسىپكە ئاتىغان ھايات دېيىشكە بولىدۇ.ئۇ ئوغۇللىرىنى شۇنداق جاپا تارتىپ تەربىيلىگىنىگە تۇشلۇق ئۈچىلىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ھەم خىزمەتكىمۇ چىققان. nU$;W  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 30يىلدىن بۇيان،تەرجىمە ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۇرۇپ،تەرجىمە نەزەرىيەسىگەدائىر ماتىرياللارنى يەكۇنلەپ ،تەرجىمە نەزەرىيەسىنى بېيىتىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان.ئۇ ھازىرغا قەدەر تۇرلۇك گېزىت-ژۇرناللاردا تەرجىمە ۋە تىل ھەققىدە يېزىلغان 10نەچچە پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان .بۇلاردىن ‹‹تەرجىمە فىلىملىرى ۋە تەرجىمە تىلى توغرىسىدا››،‹‹تەرجىمە سۇپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللار ››،‹‹ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا چەتئەل تىللاردىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ تىل ئەمەلىيىتىدە قوللىنىشى ››،‹‹تارىخىي فىلىملەر تەرجىمىسى››قاتارلىق تۆت پارچە ئىلمىي ماقالىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر رادىيو -تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمىئىيتى ئۆتكۇزگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجلىك مۇكاپاتقا ،‹‹شىنجاڭنىڭ مىللىي كىنوچىلىقى ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرچىلىقىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى توغرىسىدا››،‹‹ئۇنۋان ئىلمىي ماقالىسىنى قانداق يېزىش كېرەك ؟››قاتارلىق ئىككى پارچە ئەسىرى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. fk%r?K6K  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ يەنە ھەر قايسى ۋە خاندانلىقلاردا قوللىنىلدىغان مەنسەپ،ئۇنۋان ،مەرتىۋە ناملىرى ھەم ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى توغرىسىدا ئىلمىي ماقالە يېزىپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرغان ھەم بۇ ئىلمىي ماقالىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 3QSP](W-(  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئالىدىغان ئەڭ ياخشى چاغلىرى چەت ياقا يۇرتلىرىدا چېنىقىپ ئۆتكەن بولسىمۇ،ئۇنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۇنگەن ئاتاقلىق ھەم ئىجتىھاتلىق تەرجىمانغا ئايلاندۇرغان.مۇۋەپىقىيەت ئىزدەنگۇچىلەرگە تەييارلىقى بارلارغا مەنسۇپ .ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ھەر بىر مىنۇتىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆتكۇزۇپ ،ئاخىر ھەممە كىشى ئېتراپ قىلىدىغان ئاتاقلىق تەرجىمان بولۇپ 2004-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئاياللار ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا << ئايال ئەدىب >> شەرەپ مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. >W[8wR  
ماھىنۇر ھاجى ياقۇپنىڭ ئاتىسى تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيە ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى شەھىرە بورسادا تۇغۇلغان بولغاچقا ،ئاتىسىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ،2003-يىلىدىن باشلاپ ئانات تەخەللۇسىنى قوللانغان. =s"_! 7  
بىر ئايال ئۈچۈن كەسىپتە ھەم پەرزەنت تەربىيەسىدە ئۇتۇق قازىنىش ئاسان ئەمەس .ئەمما ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات ئاشۇنداق قىلالىدى ۋە بىر ئۆمۇر ‹‹تىرىشىش ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق.تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىمەن دەيدىكەنمىز تىنماي تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.مۇشۇنداق قىلغاندىلا باشقىلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ››دېگەن ھىكمەتنى ئۆزىگە مىزان قىلدى. "#x<>a )O\  
بىز ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئاناتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ،تېنىنىڭ سالامەت بولىشىنى ئۇمۇد قىلىمىز. d *ch.((-  
"\bbe@  
ماقالە مەنبەسى: شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە گېزىتى . F)KUup)gc  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-06-12, 12:21
 
tawpik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.311

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   170 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12025 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1025 (قېتم)
 تۆھپە:   995  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4253
 سائەت
دەرىجىسى:
4253 سائەت 87 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-30
ئاخــىرقىسى:2013-09-04
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 06-12

سۈرىتى بولسا يوللاپ قويساڭلار بوپ تىكەن.
yarkol
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16041

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   715 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   86 (قېتم)
 تۆھپە:   85  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2063
 سائەت
دەرىجىسى:
2063 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-06-10
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات خانىمنى تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت. ياخشى يېزىپسىز .
yarkol
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16041

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   715 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   86 (قېتم)
 تۆھپە:   85  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2063
 سائەت
دەرىجىسى:
2063 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-06-10
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات خانىمنىڭ سۇرتى تولۇقلىنىپ ، تېمىڭىز تىخىمۇ مۇكەممەللىشىپتۇ..
komul0902
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14347

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   435 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   46 (قېتم)
 تۆھپە:   45  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 977
 سائەت
دەرىجىسى:
977 سائەت 63 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-02-28
ئاخــىرقىسى:2013-08-22
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-12

ماھىنۇر ھاجى ياقۇپ ئانات خانىمنىڭ جەمىيەتكە ھەم ئائىلىسىگە قوشقان تۆھپىسى بەكمۇ چوڭكەن .  ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە  ئەرزىيدۇ.
zulpikar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7461

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   269 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   13848 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1389 (قېتم)
 تۆھپە:   1389  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5041
 سائەت
دەرىجىسى:
5041 سائەت 229 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-04
ئاخــىرقىسى:2013-08-17
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-13

ھايات چەكلىك، تۇھپە چەكسىز تىنىڭىزنىڭ ساق سالامەت بۇلىشىنى ئۇمۇت قلىمىز
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى