سۈنئىي ئەقلى ئىقتىدار ۋە سۈنئىي تۇيغۇ ھەققىدە QB{rVI>mI!
'ktHPn,K
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
(jWss V1 8nNsrat بىزگە ئېنىق بىلىنىدىغان نۇقتا شۇكى، ئىنسان قەرەللىك بېرىلگەن ھايات سەپىرىدە رىيازەت ۋە مۇناسىۋەتنىڭ كۆرۈمسىز قۇلى. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كائىنات سىرلىرى ھەققىدە ئىزدەنگۈچى، ئۆزگە شەيئىلەر ئارقىلىق ئۆزىنى قايتا ياراتقۇچى كارامەت ئېگىسىدۇر.چەكسىزلىكتىن پىكىر تىزمىلىرىنىڭ ئۇچلىرىنى يىغىپ،قۇياش سېستىمىسىدىكى بۇ گۈزەل پىلانت – يەرشارىنىڭ ئۇمۇمىي تارىخىغا نەزەر سالغاندا يۇقىرىقى كەلىمىنىڭ تۇلۇق بولمىغان ئىسپاتىغا يالتتىدە ئېرىشكەندەك بولۇش بىلەن بىرگە،ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىدا ئۈزۈلمىچىلىك،تۇلۇقلىمىچىلىق،نۇپۇزتاجاۋۇزى،تىركىشىش ۋە تەڭ گۈللىنىشتەك زىددىيەتلىك ئېقىملارنىڭ ئىنسان بالىلىرىنى بۈگۈنكى بىلىش يۈكسەكلىگە قانداقلارچە ئېلىپ كەلگىنىنى ھېس قىلالايمىز. مەيلى قانداق بولسۇن،ھەربىرشەخىس ۋە ئۇنىڭ زامانداش-ماكانداشلىرىنىڭ ئورتاق بىر زامان ۋە ماكان ئىېنتىرۋالى ئىچىدىلا ھېسسىي ۋە ئەقلىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنالايدىغانلىقى راست،بۇ مەنىدىن پۈتكۈل ئىنسان بالىلىرىنىڭمۇ مەلۇم زامان-ماكان كەسمىسى بولىدۇ،ئۇلار شۇ كەسمىدە تۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئىپادىلەيدۇيائىپادىلىمەيدۇ، ئۆزلىرىنى يۈكسەلدۈرىدۇ ياكى چېكىندۈرىدۇ،تاشلىۋېتىدۇ ياكى كۈچەيتىدۇ،دەپ ھۆكۈم چىقىرالايمىز. نۆۋەتتىكى يەرشارى ۋە ئۇنىڭ قوشنا پىلانتلىرى ئىنسان ئەقلى كۈچىنىڭ «مېۋىلىرى»گە تولۇپ تۇرۇپتۇ! ھالبۇكى،بۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېسىمچىلىق بۆھرانى بۇرنىمىزغا پۇراپ تۇرغىنىمۇ يالغان ئەمەس.«مېۋە» يىغىش ياخشى ئىش ھەم تەبىئىتىمىزگە ئۇيغۇن،ئەمما مۇشۇ مېۋىلەرنىڭ ھەغداسى بولمىش ئۆزىمىز توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمىزنى يېتەرلىك بولدى،دېيەلمەيمىز.بەلكىم، بىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تېمىنىڭ ئاخىرى چۆرگىلەپ بېرىپ بىزنى «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار»دىن ھەقىقىي ئەقلىي چېكىمىزنى بايقىۋالغانغا ئوخشاش،«سۈنئىي تۇيغۇ»دىن ھەقىقىي ئىنسانلىق تۇيغۇمىزنى تېپىۋېلىشىمىزغا يېتەكلىشى مۇمكىن،دەپمۇ ئويلايمىز.
/\d$/~BFi ;GHvPQc_ ئۆز تېمىمىزغا كەلسەك،سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار دېگىنىمىز،سۈنئىي ۋاستىلەرئارقىلىق ئىنساننىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا تەقلىد قىلىش،ئىنسان ئەقلى ئىقتىدارىنى ئۇزارتىش ۋە كېڭەيتىشنى كۆرسىتىدۇ.سۈنئىي تۇيغۇنىڭ ئۆزىمۇ دەل سۈنئىي ۋاستىلەربىلەن ئىنسان ھېس-تۇيغۇسىغا تەقلىد قىلىپ،ئىنسان تۇيغۇسىنى ئۇزارتىپ ۋە كېڭەيتىپ ماشىنىنى ئىنساننىڭ ھېس-تۇيغۇ ئىقتىدارىغا يېقىنلىشىدىغان پەرىقلەندۈرۈش،چۈشىنىش ۋە ھېسيات ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.ھېس-تۇيغۇ بىرخىل ئالاھىدە ھەم تېخىمۇ چۇڭقۇر بىلىش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇرەككەپلىك ۋە ئۆزگىرىشچانلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.شۇڭلاشقا ئۇچۇقۇم بەلگىلىك سەۋىيىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىشى كېرەك.سۈنئىي تۇيغۇنىڭ جەريانىنى ئارىفمېتىكىلىق ھېسابلاش، مۇرەككەپلەشكەن ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش،لوگىكىلىق دەلىللەش،مۇتەخەسسىس سېستىما،مودېلنى پەرىقلەندۈرۈش، تۇيغۇنى ھېسابلاش،تۇيغۇنى چۈشىنىش قاتارلىق يەتتە ئاساسىي باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنقى بەش باسقۇچ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى.كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا،ھېسيات بىرخىل يۇقىرى دەرىجىدىكى بىلىش شەكلى،ئىرادىمۇ بىرخىل ھېس-تۇيغۇ.كەڭ مەنىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار- سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سۈنئىي تۇيغۇ،سۈنئىي ئىرادە قاتارلىق ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا بىز بۇيەردە تىلغا ئالغان سۈنئىي تۇيغۇنىڭ جەريانى ئەمەلىيەتتە كەڭ مەنىدىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىيات جەريانىدۇر.
Z'v-F^ d.<~&.-$ تۆۋەندە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان سۈنئىي تۇيغۇنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرىنى بىرمۇ-بىر چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمىز:
F1azZ( p#d+>7 بىرىنچى،ئارىفمېتىكىلىق ھېسابلاش جەريانى
_Tm0x>EM d4^`}6@ 1614-يىلى شوتلاندىيىلىكلەردىن جون.نەپىر(John Napier) بىر پارچە ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ تۆت ئەمەل ۋە كۋادرات يىلتىزىنى تېپىشنى ھېسابلىيالايدىغان قۇرۇلما كەشىپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.1623-يىلى ۋىلخام . سىكارت (Wilhelm Schickard) ھەرىكەتچان چىشلىق چاق ئارقىلىق ئالتە خانە ئىچىدىكى سانلارنى ھېسابلىيالايدىغان ھەم نەتىجىسىنى قوڭغۇراق ئارقىلىق ئۇزىتالايدىغان «قوڭغۇراقلىق ھېسابلىغۇچ» ياساپ چىقتى.1625-يىلى ۋىليام .ئوتارد (William Oughtred) ھېسابلىغۇچ گەزنى كەشىپ قىلىدى.1642-يىلى فىرانسىيىلىك پەلسەپە ۋە ماتېماتىكا ئالىمى بلېيز.پاسكال (Blaise Pascal) تۇنجى ھەقىقىي مېخانىكىلىق ھېسابلىغۇچ-سىيرىلما شەكىلدىكى قوشۇش ئەمىلىنى بېجىرىش ئەسۋابىنى كەشىپ قىلدى.بۇ ئەسۋابنىڭ سىرتقى كۆرۈنىشىدىن ئالتە دانە چىشلىق چاق بولۇپ،ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئون،يۈز،مىڭ،ئون مىڭ،بىرمىليۇن قاتارلىقلارغا ۋەكىللىك قىلاتتى.پەقەت ۋاقىت سىترىلكىسى بويىچە ئايلاندۇرسىلا قوشۇش ئەمىلىنى بېجىرگىلى بولاتتى،ۋاقىت سىترىلكىسىنىڭ ئەكسى بويىچە ئايلانسا ئېلىش ئەمىلىنى بېجىرگىلى بولاتتى.بۇ ئەسۋابنىڭ پىرىنسىپى قول سائىتىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ،ھازىرقى كومپيۇتېرلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي «بوۋىسى» دەپ قاراشقا بولىدۇ.1668-يىلى ئەنگىليىلىك ساموئىل مورل(Samuel Morl) پۇل ساناشقا ئىشلىتىلدىغان غەيرى ئونلۇق سېستىمىدىكى قوشۇش ھېسابلىغۇچىنى كەشىپ قىلدى.1671-يىلى گېرمانىيىلىك ماتېماتىك گوتفىرت.لېيبنىز(Gottfried Leibniz ) ئاخىرقى نەتىجىسى 16خانىغىچە كېڭەيگەن كۆپەيتىش ماشىنىسىنى لايىھىلەپ چىقتى.1822-يىلى ئەنگىليىلىك چارلېز.بەببىج (Charles Babbage) ئايرىمىلىق پەرقنى ھېسابلاش ۋە تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ماشىنىنى لايىھىلەپ چىقتى.ئۇنىڭ لايىھىسى تولىمۇ ئىلغارلىققا ئىگە بولۇپ،شۇدەۋردىن 100يىل كېيىنكى ئىلىكترونلۇق كومپيۇتېرنىڭ لايىھىسىگە يېقىنلىشىدۇ.بولۇپمۇ ئۇنىڭ كارتۇچكا ئارقىلىق پروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزۈش ئىدىيىسى كېيىنىكىلەرنىڭ پايدىلىنىشىدا زورقىممەتكە ئىگە بولغان.1834-يىلىغا كەلگەندە بەببىج ساقلاش ئىسكىلاتى،ھېسابلاشخانىسى،كىرگۈزۈش-چىقىرىشنى ئۇزىتىش قۇرۇلمىسى باربولغان تۆت ئەمەلنى ھېسابلىيالايدىغان ئاممىباپ ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ئۇنىڭ قىياسىدىكى بۇ قۇرۇلمىدا ھازىرقى كومپيۇتېردىكى كىرگۈزۈش،كونتروللاش،ھېسابلاش،ساقلاش ۋە چىقىرىشتىن ئىبارەت بەش بۆلەك ھازىرلانغان بولۇپ،ئۇ بۇنىڭ بىلەن ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان «كومپيۇتېرئاتىسى»بولۇپ قالغان.1848-يىلى ئەنگىليىلىك ماتېماتىك جورجى.بوللى(George Boole) ئىككىلىك سېستىمىدىكى ئالگېبرانى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئالدىن بىرئەسىردەك بۇرۇن ھازىرقى ئىككىلىك سېستىمىدىكى كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يول ئاچتى.1890-يىلى ئامېرىكا نۇپۇسنى ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تارماقلىرى نۇپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن
wzcai0y* ;-mdi/*g ھېسابلاش ماشىنىسىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتقاندا،خېرمان. خوللىرىس (Herman Hollerith ، كېيىنچە ئۇنىڭ شىركىتى IBMشىركىتىگە تەرەققىي قىلدى) باببىجنىڭ كەشپىياتى ئاساسىدا تۆشۈك تېشىش كارتىسى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ھەم ماشىنىنى لايىھىلەپ چىقىپ ئادەم كۈچىگە تاينىپ قىلسا 10يىل كەتكۈدەك نۇپۇس سىتاتىسكىلاش خىزمىتىنى شۇنچىلىك ئېنىق قىلىپ ئالتە ھەپتە ئىچىدىلا تاماملىدى.ئارىفمىتىكىلىق ھېسابلاش ئاساسلىقى مېخانىك ئۇسۇل ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
h\[\\mO v@C,RP9 ئىككىنچى،مۇرەككەپلەشكەن ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش باسقۇچى مېخانىك ئۇسۇلدا ھېسابلاش ئېلىپ بارىدىغان ھېسابلىغۇچ بارلىققا كېلىپ 100يىلدىن كېيىن،ئىلىكترون تېخنىكىسىدىكى مۇۋەپپىقيەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە ھېسابلاش ماشىنىسى مېخانىك قورۇلمىدىن توكلۇق (ئىلىكترونلۇق) قۇرۇلمىغا يۈزلەندى.ئىلىكترون،ئىلىكتىر-ماگىنىت ۋە توكچىلىق ئىلمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە ۋاكئوملۇق ئىككى قۇتۇپلۇق،ئۈچ قۇتۇپلۇق لامپىلارنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن بارا-بارا ئىلىكترونلۇق زاپچاسلار ھېسابلاش ماشىنىسىدا ئاساسى ئورۇنغا ئۆتتى.1906-يىلى ئامېرىكىلىق لى دې فورست(Lee De Forest) ئىلىكترون لامپىنى كەشىپ قىلىپ،كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى.1924-يىلى2-ئايدا IBMشىركىتى قۇرۇلۇپ،كومپيۇتېرتەرەققىياتىدىكى دەۋربۆلگۈچ بىر شىركەت مەيدانغا كەلدى.1935-يىلى IBMشىركىتى IBM601نى ياساپ چىقتى.بۇ بىرخىل سىكونت ئىچىدە كۆپەيتىش ئەمىلىنى بېجىرەلەيدىغان تەشمە كارتۇچكىلىق ھېسابلاش ماشىنىسى.1937-يىلى ئەنگىليە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى Alan M.Turing ئىلمى ماقالىسىنى نەشىر قىلىپ،كېيىنكىلەر تەرىپىدىن تۇرىن ماشىنىسى دەپ ئاتالغان ماتېماتىكىلىق مودېلنى ئوتتۇرىغا قويدى.شۇ يىلى يەنەBell تەجرىبىخانىسىدىكىGeorge Stibitz رېلى ئارقىلىق ئىككىلىك سېستىمىنى ئىپادىلەيدىغان قۇرۇلمىنى كۆرگەزمە قىلدى.گەرچە بۇ بىر كۆرگەزمە بۇيۇمى بولسىمۇ ئەمما تۇنجى ئىككىلىك سېستىمىدىكى كومپيۇتېر ئىدى. 1940-يىلى مۇشۇ تەجرىبىخانىدىكىStibitz بىلەن
m 40m<@ Samuel Williamsئىككىلىك سېستىمىدىكى مۇرەككەپ ھېسابلاشلارنى بېجىردەلەيدىغان كومپيۇتېرنى ياساپ مۇۋەپپىقيەت قازاندى.بۇ ماشىنىغا نۇرغۇنلىغان رېلى ئىشلىتىلدى ھەم تېلفۇننىڭ بىرقىسىم تېخنىكىلىرىدىن ئۆرنەك ئالدى ھەم شۇنداقلا ئىلغاربولغان كودتۈزۈش ئۇسۇلى قوللىنىلدى.1941-يىلى Atanasoff ۋە ئوقۇغۇچى Berry سىزىقلىق ئالگېبرالىق تەڭلىمىنى يېشەلەيدىغان كومپيۇتېرنى تاماملىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئىسمىنى «ABC»دەپ ئاتىدى،بۇ ماشىنىدا كوندېنسا تور ساقلىغۇچ ئورنىدا،تەشمە كارتۇچكا«كۆيدۈرۈپ»تۆشۈك قالدۇرۇش ئارقىلىق قوشۇمچە ساقلىغۇچ ئورنىدا ئىشلىتىلدى.ئۇنىڭ سائەت چاستوتىسى60گېرتىس بولۇپ،بىرقېتىملىق قۇشۇش ئەمىلىنى بېجىرىشىگە بىرسىكونت كېتەتتى.1946-يىلى ئامېرىكا پىنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى مورئىنىستىتوتى ياساپ چىققان چوڭ تىپتىكى توكلۇق-رەقەملىك ئېنتىگرال ھېسابلاش ماشىنىسى
j}HFs0<L (ENIAC)ئەڭ دەسلەپ مەخسۇس باشقۇرۇلدىغان بومبىنىڭ ئوربىتىسىنى ھېسابلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.بىرقانچە قېتىملىق ئۆزگەرتىشتىن كېيىن ھەرخىل ئىلمىي ھېسابلاشلارنى ئېلىپ بارالايدىغان ئاممىباپ كومپيۇتېرغا ئايلاندى.بۇ مەخسۇس ئېلىكترون توك يۇلى ئىشلىتىلگەن ئارېفمېتىكىلىق ھېسابلاش ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى بېجىرەلەيدىغان شۇنداقلا يەنە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان كومپيۇتېر رېلىلىق ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ سۈرئىتىنىڭ 1000ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى.كىشىلەر بۇ كومپيۇتېرنى دۇنيادىكى تۇنجى ئېلىكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى دەپ ئاتاشتى.1945-يىلى،ماتېماتىك(John Von Neumann) جون ۋون نيۇمەن (خەنزۇچە约翰.冯.诺依曼دەپ ئېلىنىدۇ) ئېلىكترونلۇق تارقاق ئۆزگەرگۈچى مىقدار ئاپتۇماتىك ھېسابلاش ماشىنىسى (EDVAC)لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.1949-يىلىغا كەلگەندە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا تەجرىبىخانىسى بۇ لايىھەنى ئەڭ دەسلەپ ئىشقا ئاشۇردى.
>O`l8tM nn~YK شۇنىڭ بىلەن بىرگە ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ماس قەدەمدە ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتىۋالدى.20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە فىزىكا مىقداربەلگىلەش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرىۋاتاتتى.ھەرخىل فىزىكىلىق جەريانلارنى تەسۋىرلەشتە ئىلگىرىكى ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەر بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاجىزلىق قىلاتتى.شۇڭا سانلىق قىممەت ئانالىزى (كومپيۇتېرئارقىلىق ماتېماتىكىلىق مەسلىلەرنى يېشىش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ماتېماتىكىنىڭ بىر تارماق ئىلمى) كۆپرەك قوللاشقا ئېرىشتى.سانلىق قىممەت ئېنتىگرالى ۋە دېفرىنسىئالى شۇنداقلا دېفرىنسىئال تەڭلىمىلەرنى سانلىق قىممەت ئانالىزى بويىچە يېشىش ئۇسۇلى جەريانىدىكى تەتقىقاتلار مۇرەككەپ ھېسابلاش جەريانىنى نۇرغۇنلىغان ئاددىي ھېسابلاش جەريانىغا ئاجرىتىپ ھازىرقى زامان كومپيۇتېرىنىڭ سانلىق قىممەت ئالگورىفمى (ھېسابلاش ئۇسۇلى) سىغا ئاساس سالدى.
Ibr%d2yS= !AN^ ,v]D جەمئىيەتنىڭ ئىلغار ھېسابلاش قورالىغا بولغان ھەرتەرەپلىمە ئېھتىياجى ھازىرقىدەك ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.20-ئەسىرگە قەدەم باسقاندىن كېيىن،ئىلىم-پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ۋە تېخنىكا ساھەسىدە ھېسابلاش ئىشلىرىدا ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ،ئىلىم-پەننىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا بولۇپمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى – كەينىدە ھەربىي ئىشلارتېخنىكىسىدا ھېسابلاشقا بولغان ئېھتىياج تولىمۇ كۈچلۈك بولدى.مەلۇم مەنىدىن،ئۇرۇش يېڭىچە ھېسابلاش ماشىنىسى كومپيۇتېرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى.
`$;+g , eb:A1f4L ئۈچىنچى،لوگىكىلىق ئەقلىي يەكۈن باسقۇچى
fjz) Gp JNU/`JN9f 1950-يىلى تورىن «كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي ئىقتىدار»نامىدىكى دەۋربۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمىي ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.ماقالىدە ئادەم مېڭىسىنىڭ خىزمەت قۇرۇلمىسىغا ئوخشاش ماشىنىنى ياساشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ،جاھاننى زىلزىلىگە سالغۇدەك ئىش بولدى.1956-يىلى ئامېرىكا دارتموس (Dartmouth)ئۇنىۋېرسىتېتى تەسىرى چۇڭقۇربولغان زورتارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىرقېتىملىق يىغىن چاقىردى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ياش ئالىملارنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ماتېماتىكا،پىسخولوگىيە، نېرۋافىزىئولوگىيسى،ئۇچۇرنەزەرىيىسى،كومپيۇتېر ئىلمى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان بولۇپ،ئالىملارئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان نۇقتىدىن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى مۇنازىرە قىلىشتى.مۇشۇ قېتىملىق يىغىندا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار(AI)ئاتالغۇسى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ،بۇ ياش ھەم يېڭى پەننىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى جاكارلاندى.سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارئىلمىنىڭ ھەل قىلىدىغان تۈپ مەسلىسى شۇكى،كومپيۇتېرنى ئادەمگە ئوخشاش ئاڭلاش، سۆزلەش، ئوقۇش، يېزىش، پىكىرقىلىش، ئۆگىنىش، مۇھىت ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ۋە بىرقىسىم ئەمەلىي مەسلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىش.
!rL<5L HxwlYx,4 لوگىكىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش بولسا ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇھىم تەرىپى بولۇپ، ئىندۇكسىيلىك خۇلاسە،دېدوكسىيلىك (ئىندۇكسىيلىك خۇلاسىگە نىسبەتەن ئېيتىلغان) خۇلاسە،مۇجمەل خۇلاسە قاتارلىق بىرقانچە شەكىللىرى بار.سۇنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى شۇكى،مۇشۇخىل ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش شەكىللىرىنى تەقلىدلەش ئاساسىدا كاشىلىغا دېئاگنوز قۇيۇش،ماتېماتىكىلىق تېئورىما ئىسپاتى،مەسىلىگە ھۆكۈم قىلىش ۋە يېشىمىنى تېپىش،قورشاۋ شاھمات ئويۇنى(game playing 博弈، ھازىرقى زامان ماتېماتىكىسىدا «قورشاۋ شاھمات نەزەرىيسى»دېگەن مەزمۇن بار) قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش.شۇڭلاشقا،لوگىكىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىشنىڭ ئۆزى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارتېخنىكىسىدىكى يادرولۇق مەزمۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىدا لوگىكىلىق خۇلاسە ئىقتىدارى ھازىرلانغاندىلا ئادەتتىكى ماشىنىغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق ھالدامەسلىگە قارىتا تەھلىل ۋە بىرتەرەپ قىلىشلارنى ئېلىپ بارالايدۇ ھەم ئۆزگىرىشچان،مۇرەككەپ مۇھىتقا ماسلىشالايدۇ.
x"B'zP Buc_9Kzw<+ 1956-يىلى،نىئور(纽厄尔)،ھېربىت(赫伯特)،سىمون(西蒙) قاتارلىقلار بىرلىشىپ «لوگىكىلىق نەزەرىيە ماشىنىسى» دەپ ئاتالغان ماتېماتىكىلىق تېئورىمىنى ئىسپاتلاش پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ماشىنا لوگىكىلىق خۇلاسە چىقىرىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى.كارنىك مېللون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر تەجرىبىخانىسىدا نىئور بىلەن سىمون كۆپ قېتىملىق تەجرىبە ئەمەلىيتى ئارقىلىق كىشلەرنىڭ ماتېماتىكىلىق مەسلىلەرنىڭ يېشىمىنى تاپقاندا يىغىنچاقلاش ئۇسۇلىنى كۆپرەك ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلىدا بارلىق ئېھتىماللىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىرمۇ-بىر كۆرسەتمەستىن لوگىكىلىق خۇلاسە ئارقىلىق مەسلىنىڭ دائىرىسىنى كىچىكلىتىپ (چەكلەپ) خۇلاسە چىقىرىش شەكلىنىڭ ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار پارچىلاش،ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىرقىسىم تېئورىما،فورمىلا ۋە مەسىلە يېشىش قائىدىلىرىنى يىغىنچاقلاپ چىقىدۇ.ئاخىرىدا بۇ پروگرامما (ماشىنا) ئارقىلىق داڭلىق ماتېماتىك روسسېل (Bertrand A.W. Russell,1872—1970)نىڭ«ماتېماتىكا قائىدىلىرى» دېگەن كىتابىنىڭ 2-بابىدىكى 38 تېئورىما ئىسپاتلىنىدۇ.
m2bDHQ+ 440FhDMj 1963-يىلى، بۇ پروگرامما قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، مەزكۇر كىتابتىكى 52 تېئورىمىنىڭ ھەممىسىنىلا ئىسپاتلاپ چىقىدۇ.ئارقىدىنلا ئامېرىكا روكفېللىر ئۇنىۋېرسىتېتى (洛克菲勒大学) نىڭ پروففىسورى ۋاڭ خاۋ ئۆزىنىڭ «ۋاڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى» نى ئىجاد قىلىپ،سۈرئىتى ئانچە يۇقىرى بولمىغان IBM704كومپيۇتېردا تۇنجى بولۇپ 9مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مۇشۇ كىتابتىكى بارلىق تېئورىمىنى ھېسابلاپ چىقىپ«ماتېماتىكا قائىدىلىرى»دىن ئىبارەت بۇ نۇپۇزلۇق كىتابقا يەنە بىر قېتىم جەڭ ئېلان قىلىدۇ.بۇۋاقىتتا كىرىستال لامپا ياكى ئاددىي توپلاشتۇرما توك يولى ئاساسى ئورۇندا ئىدى.
'x%x'9OP n'w,n1z7 تۆتىنچى، مۇتەخەسسىس سېستىما
m#@_8_ M .KA V) So" 05e>\}{0 ئېدۋارت.فېيگىنبوم (爱德华·费根鲍姆) نىڭ 1977-يىلى 5-نۆۋەتلىك خەلقئارا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار چوڭ يىغىنىدا «بىلىم قۇرۇلۇشى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى AIتەتقىقاتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەقلىي خۇلاسىنى ئاساس قىلىشتىن بىلىمنى ئاساس قىلىشقا ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.يىغىندا ئۇ ئۇلار تەتقىق قىلىپ چىققان تۇنجى «مۇتەخەسسىس سېستىما»نى كونكېرت تۇنۇشتۇردى ھەم مۇتەخەسسىس سېستىما توغرىسىدا مۇنداق كۆرسەتمە بەردى: «مۇتەخەسسىس سېستىما بىلىم ۋە ئىقتىدار بېرىلگەن كومپيۇتېر پروگراممىسى بولۇپ،بۇ پروگراممىلارنىڭ رولى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سەۋىيسىگە يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ خىل مۇتەخەسسىس سەۋىيسى تىببى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىئاگنوز قۇيۇش ۋە داۋالاش سەۋىيسىگە،ئالىي ئېنژىنېرلارنىڭ تېخنىكا ۋە تەتقىقات سەۋىيسىگە،ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس ئۆتۈش ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات سەۋىيسىگە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن.مۇتەخەسسىس سېستىمىنىڭ ئوبيېكتىپ نىشانى بولسا، ئىنساننىڭ ئەقىل -پاراسىتىگە ماشىنىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى چېتىپ،ئىنسان ئەقلىگە ماشىنىنى ياردەمچى قىلىش. مۇتەخەسسىس ئادەمنىڭ بىلىمى كىتاۋى بىلىم ۋە تەجرىبىۋى بىلىم دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قىممەتلىكى شۇ مۇتەخەسسىسنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگەن بىلىمىدۇر. »
oK+Lzb\d{M فېيگىنبوم تەتقىق قىلىپ چىققان تۇنجى مۇتەخەسسىس DENDRAL- خېمىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس بولۇپ،ئۇنىڭغا خېمىيۋى مولېكولا تەڭلىمىسى،ماسسا سپېكتر رەسىمى قاتارلىق ئۇچۇرلار كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن،ئۇ تەھلىل ئارقىلىق ئورگانىك بىرىكمىنىڭ مولېكولا تۈزۈلىشىنى بېكىتىپ چىقالايدۇ.ئۇنىڭ تەھلىل ئىقتىدارى بىرقىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سەۋىيسىگە يېقىنلىشىدۇ ياكى ئۇنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ. بۇ سېستىما AIنىڭ تەرەققىياتىغا بىر ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيتى سېستىمىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتىدىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدۇ.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ھەربىي ئىشلار،مائارىپ،يېزا ئىگىلىكى،بىئولوگىيە،كان قېدىرىپ تەكشۈرۈش،قانۇنچىلىق...قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇنلىغان مۇتەخەسسىس سېستىما(ماشىنا مۇتەخەسسىسلەر)لار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. بۇ خىل سېستىما زور كۆلەملىك توپلاشتۇرما توك يولى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
bKz{wm% szq+@2: بەشىنچى، مودېلنى پەرقلەندۈرۈش باسقۇچى
78Y@OL_$ h}Ygb-uZ مودېلنى پەرقلەندۈرۈش بولسا يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىچىدىكى بىر تارماق ئىلىم.ئەمما، زادى نېمىنىڭ مودېل دېيىلىدىغانلىقى ياكى ماشىنا(ئادەمنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) پەرق ئېتەلەيدىغان مودېل ئىكەنلىكى ھەققىدە تا ھازىرغىچە توغرا بولغان ئېنىقلىما يوق.كومپيۇتېر مودېل پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئەڭ دەسلەپ رەسىم پەرقلەندۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن كېلىپ چىققان.ساقچى تەرەپ رەسىمگە قاراپ شۇنچە كۆپ ئادەم ئىچىدىن جىنايەتچىنى تېپىپ چىقىدۇ؛ دوختۇر مىكروسكوپ ئاستىدىكى باكتېرىيەنىڭ رەسىمىدىن كېسەللىك ئەھۋالىغا بىرنېمە دەيدۇ...ۋەھاكازالار.
:t$A8+A+0 avNLV 1973-يىلى چاقىرىلغان مودېل پەرقلەندۈرۈش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاساسىدا خەلقئارالىق مودېل پەرقلەندۈرۈش جەمئىيتى (IAPP)قۇرۇلدى.يىغىندا بىر مۇتەخەسسىس مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «مودېل پەرقلەندۈرۈش مۇشۇ ئەسىردىكى ئەڭ سالماقلىق پەن،بۇنىڭغا كومپيۇتېر ئالىملىرى،ماتېماتىكلار،بىئولوگىيە ئالىملىرى، پەلسەپە،پىسخولوگىيە ۋە سوتسىئولوگىيە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار بىرگە كۈچ چىقىرىشى كېرەك».
esq<xuZM4 $h[Yz l ئەگەر ئېلىكترونلۇق مېڭە(كومپيۇتېر) بولماي ئادەم مېڭىسى بولسا كۆرۈش ئەزالىرى قوبۇل قىلغان ئۇچۇرلارنى قانداق بىرتەرەپ قىلىپ كائىناتتىكى شەيئىلەر (رەسىم) نى بىر-بىرىدىن قانداق پەرقلەندۈرۈش مۇمكىن؟ بىرخىل ئېھتىماللىق شۇكى،رەسىمدىكى ھەربىر نۇقتىغا بىر نېرۋا ھۈجەيرىسى بىرگە بىر ماسلىق بويىچە «مەسئۇل بولۇپ» ئاخىرىدا ئۇمۇمىي گەۋدىنى پەرق ئېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.ئەمما،بۇنداق بولغاندا بەكلا قىسمەن ھەم قىياسەن بولۇپلا قالماي نېۋرونلارنىڭ سانىمۇ قاپلاپ بولالمايدۇ،بۇ ئەمەلىيەتتىن بەكلا چەتنەيدۇ.يەنە بىرخىل لايىھە بىرئاز ئەقىلگە مۇۋاپىقراق.يەنى،چوڭ مېڭىنىڭ تۇنۇيدىغىنى رەسىمنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق نۇقتا بولماستىن، ئۇنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىلىرىدىن كېسىك،گىرادۇس،ياي،سېلىشتۇرما نىسبەت،رەڭ قاتارلىقلار.مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئۆتمۈش ئەسلىمىلەر،تەجرىبىلەر قوشۇلىدۇ ۋە مۇناسىپ بىلىملەر ئاساسىدا تەھلىل ۋە پەرقلەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئالاھىدىلىكىنى تۇتۇۋېلىش-مودېل پەرقلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىل.
/bcY6b=: ,U=E[X=H رەسىم پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئىچىدىكى قوللىنىشچانلىق جەھەتتىن نىسبەتەن مۇۋەپپىقيەتلىك ساھە يېزىقنى پەرقلەندۈرۈشتۇر.ئەگەرئۇيغۇرچە ھەربىر ھەرپنى كىچىك بىر شەكىل دەپ ئالساق، قېلىپ بويىچە ئۇدۇللاش ئۇسۇلىنى تەبئىي ھالدا يېزىق پەرقلەندۈرۈش ساھەسىگە يۆتكەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە باسما يېزىقنى پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دېتالى تاۋارلىشىش باسقۇچىغا كىردى(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىق قىلىپ چىققان ئۇيغۇر باسما يېزىقىنى پەرقلەندۈرۈش سېستىمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى سېتىلىش ئەھۋالىمۇ ياخشى بولماقتا).بۇ سېستىما ئادەتتە OCR
h6QWH (ئوپتىكىلىق ھەرپ پەرقلەندۈرۈش يۇمشاق دېتالى) دېيىلىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قاتتىق دېتال ئاساسى غايەت زوركۆلەملىك توپلاشتۇرما توك يولىدۇر.
[x_s/"Md; Mq+<mX7 ئالتىنچى،تۇيغۇنى ھېسابلاش باسقۇچى
9ECS,r*B 1n3$V:00 كىشىلەرتېخىمۇ ئىندىۋىداللاشقان،ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ.مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن كومپيۇتېرغا مەشغۇلات قىلىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ ئادەمگە پۇت-قول بولالايدىغان ئەڭ ياخشى ياردەمچىگە ئېرىشىمىز ھەم ئادەم كومپيۇتېرنىڭ ئەتراپىدىن كېتەلمەسلىكتىن كومپيۇتېر ئادەمنىڭ ئەتراپىدىن كېتەلمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.ھەم بۇنىڭلىق بىلەن كومپيۇتېر ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىپتىن بىۋاستە سېزەلەيدىغان تىپقا ئۆتىدۇ.تۇيغۇنى ھېسابلاش تەتقىقاتى بولسا ئادەمنىڭ ھېسسى بىلىش،ئىدراك قىلىش، چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن ھەتتا ھېسيات ئۆزگىرىشىگىچە سېزىپ مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرالايدىغان ماشىنىنى ياساپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
^x3EotQ\ ZNy9_a:dX 1985-يىلى ئامېرىكا ماسساچۇسىتىس تەبئىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى(Massachusetts Institute of Technology) نىڭ مەلۇم پروففىسورى تۈزگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق جەمئىيەت (脑智社会) دېگەن كىتابىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى:«مەسىلە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىدا ھېس-تۇيغۇنىڭ بار-يوقلۇقىدا ئەمەس،بەلكى ھېس-تۇيغۇ بولمىغان ماشىنىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىقىدا».شۇنىڭدىن كېيىن ھېس-تۇيغۇ ئىقتىدارىغا ئىگە كومپيۇتېرتەتقىقاتى كومپيۇتېر ئالىملىرى ئىچىدە قىزىق تېما بولۇپ قالدى.
=uc^433. 8MQbLj'H تۇيغۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك فىزىئولوگىيىلىك تەركىبى بار: (1) سۇبيېكتىپ كەچۈرمىش.يەنى،يەككە تەنچىنىڭ ئۆزىدىكى ئوخشىمىغان تۇيغۇ ھالىتىنى سېزىشى.(2) سىرتقى ئىپادىسى.يەنى تۇيغۇ ھالىتىدە بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسمىدا يۈزبەرگەن ھەرىكەتلەرنى مىقدارلىق بېكىتىش( يۈز،گەۋدە،ئاۋاز ئىپادىلىرى)قاتارلىقلار.(3) فىزىئولوگىيلىك ئويغىتىش. يەنى تۇيغۇ شەكىللىنىشتىكى فىزىئولوگىيلىك ئىنكاس كۈچىنىشى (يۈرەك رېتىمى،قان بېسىمى،نەپەس، تېرە ئېلىكتىرىك پائالىيتى،قارچۇق رادىئوسى،مېڭە ئېلىكتىر دولقۇنى ئانالىز ئەھۋالى).تۇيغۇ ھېسابلاش دېگەندە،تۇيغۇنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك فىزىئولوگىيلىك تەركىبىلىرىگە ئۆلچەش ۋە ھېسابلاش ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.يەنى،تۇيغۇ سېزىم كۈچىنىشىنى ئۆلچەش، تۇيغۇ ئىپادىلىنىش كۈچىنىشىنى ئۆلچەش ھەم فىزىئولوگىيلىك قوزغىتىش كۆرسەتكۈچىنى ئۆلچەش قاتارلىقلار.ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى ھەرىكەتچان تۇيغۇ ئۇچۇرلىرىنىڭ پەيتلىك قىممەتلىرىگە ئېرىشىش ۋە مودېلىنى تۇرغۇزۇش.كۆپ مودېللىق،تەرتىپلىك ئالاھىدىلىكلەر ئاساسىدا تۇيغۇنى پەرقلەندۈرۈش ھەم چۈشىنىش، شۇنداقلا بۇ ئۇچۇرلارنى بىرىكتۈرۈش ھەققىدىكى نەزەرىيىۋى بىلىملەر ۋە ئۇسۇللارنى كۆرسىتىدۇ.بۇنىڭدىن سىرت يەنە ھېس تۇيغۇنىڭ ئاپتۇماتىك شەكىللىنىش نەزەرىيىسى، كۆپ مودېللىق تۇيغۇ ئىپادىلەش،فىزىئولوگىيلىك ئالاھىدىلىك ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا زور كۆلەمدىكى ھەرىكەتچان تۇيغۇ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى چوڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى تەجرىبىخانىلىرى تۇيغۇ ھېسابلاش توغرىسىدىكى تەتقىقاتنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ «مۇھىت پەرقلەندۈرۈش»،«ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە»،«ئوكسېگىن قۇرۇلۇشى»،«ھېس تۇيغۇلۇق مائۇس»،«شىۋىتسىيە ھەربىي پىچىقى»...قاتارلىق ناملاردىكى تەتقىقات تۈرلىرىدە يېڭى سەھىپىلەرنى ئاچتى.
gMay iiN?\OO^~ يەتتىنچى، تۇيغۇنى چۈشىنىش باسقۇچى
T#N80BH[ hU+#S(t>b نەزەرىيىنىڭ تەرەققىياتى ھەمىشە تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى بەلگىلەيدۇ.ئەقلىي ئىقتىدارلىقلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ھازىرقى ئەنئەنىۋى نەزەرىيىلەربىلەنلا باشقا تېخنىكا تۈرلىرىدىن ھالقىپ ئۆتىمەن دېسە،بۇ تازا رىئال بولمىغان ئەھۋال. ئەنئەنىۋى تەپەككۇر ئەقلىي ئىقتىدار مەسلىلىرىنىنىڭ قىسمەنلىرىنى ھەل قىلسىمۇ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان بەدەل بەك كۆپ بۇلۇپ كېتىدۇ.مۇھىمى ھەرگىزمۇ قانچە خىل ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە تور تۈزۈلىشى ئەمەس، بەلكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىغا ماس كېلىدىغان فىزىكىلىق،ماتېماتىكىلىق بىلىملەرنى تېخىمۇ چۇڭقۇر تەتقىق قىلىش.ھازىرغىچىلىك AIتېخنىكىسى ئۆزىنىڭ چوققا نۇقتىسىغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ تېخىمۇ چۇڭقۇر قاتلامدىكى نەزەرىيىۋى مەسلىلەر ھەل قىلىنمىسا ئىنسان تىپىدىكى «ھېس –تۇيغۇ»لۇق ماشىنىنى كەشىپ قىلىش قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ ياكى بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى تۇيۇق يول،خالاس. دېمەك، بۇ جەھەتتىىكى تەتقىقات نەزەرىيدە بۆسۈش ھاسىل قىلمىغۇچە،تېخنىكدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالىشى تەس.
ck~ '`<7 |rFJ*.nD ئۇنداقتا بۇيەردە ئېيتىلىۋاتقان تېخىمۇ چۇڭقۇر قاتلامدىكى نەزەرىيە زادى نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بۇلار: ھېس-تۇيغۇنىڭ پەلسەپىۋى ماھىيتى نېمە؟ ئىنسانىيەتنىڭ ھېس-تۇيغۇغا ئىگە بولۇشىنىڭ ئوبيېكتىپ نىشانى نىمە؟ ئىنساندىكى تۇيغۇ،ئىدراك،ئىرادە ئۆز-ئارا قانداق تەسىرلىشىدۇ؟ تۇيغۇنىڭ قەۋەتسىمان تۈزۈلىشى ۋە ھەرقايسى قەۋەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت زادى قانداق؟ھېس-تۇيغۇنى ئاساسىي تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى قانداق، ئوبيېكتىپ ئاساسلارنېمە؟ ھېسياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل نېمە؟ ھېسياتنىڭ ماتېماتىكىلىق مودېلىنى تۇرغۇزغىلى بولامدۇ-يوق؟ ھېسياتقا قارىتا لوگىكىلىق تەھلىل ۋە ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلارنى قانداق ئېلىپ بارىمىز؟ تۇيغۇنى ئىجرا قىلىدىغان ئاساسى پروگرامما قانداق بولىدۇ؟ تۇيغۇنىڭ ئاساسى قانۇنىيتى قايسىلار؟...قاتارلىق بىريۈرۈش مەسلىلەردۇر. ئىنسانىيەت بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن،نۇرغۇنلىغان ئالىملار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىدىكى كېيىنكى بۆسۈش ئېغىزىنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە سۈنئىي ھېسيات تەتقىقاتى دەپ قاراشماقتا. تۇيغۇنىڭ ئىنسان تەپەككۇرىدىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھەرىكەت پائالىيتى ۋە تەپەككۇر پائالىيتىنى كونترول قىلىپ ھەم يېتەكلەپ ئۇنىڭغا ئاساسىي رامكا ، ئۇمۇمىي يۆنىلىش بەلگىلەيدۇ. ئەگەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى ئىشقا ئاشۇرۇلدى دەپ پەرەز قىلىنسا،كومپيۇتېر ۋە ئادەم ئوتتۇرىسىدا دوستانە ھەم ئادىمىيلەشكەن دىئالوگلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە كومپيۇتېرنى ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش سۈرئىتى،مۇستەقىل قارار چىقىرىش،تىزگىنلەش ئىقتىدارى(ھەرىكىتىنى) قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈشلەرگە ئىگە قىلىش مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتقا بارغاندا، لوگىكا نۇقتىسىدىن ئادەم بىلەن ماشىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق پەرق قالمايدۇ. بىردىنبىر پەرق ئۇنىڭ گەۋدە تۈزۈلىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى(ياسالغان ماتېرىيالىنىڭ ئوخشىماسلىقى) بولۇپ قالىدۇ.مانا بۇ ئۈمىدۋار ئالىملارنىڭ بۇ تەتقىقاتتىن كۈتكەن نەتىجىسىدۇر.
oVreP ULck 2011-يىلى12-مارت،ئۈرۈمچى.
`>y[wa>9r