bfUKh%!M 
[]
f*V^HfiQb 5T"h7^}e ھەممىدىن شەپقەتلىك، مەرھەمەتلىك ۋە ئايىغۇچى، كۆيۈنگۈچى رەببىم ﷲنىڭ نامىنى ياد ئېتىش بىلەن باشلايمەن.
{OQ)Np! {y|.y~vW داۋاملاشقۇچى چەكسىز مەدھىيە-ماختاش، ياخشى تەرىپلەر، ئىلاھى قۇدرەتنى ئىدراك-ئىنكاس قىلغۇچى بارلىق مەنىۋىيەت-ئالەملەرنىڭ رەببى،ئىگىسى-پەرۋىشچىسى ۋە شۇ مەنىۋىيەت-ئالەملەر ئىچىدىكى ئەڭ مۇكەررەم-ھۆرمەتلىك بولغان ئالەم - ئادەملەرنىڭ رەببى، ئىگىسى-پەرۋىشكارى ﷲ ھەق سۇبھەنەھۇۋەتائالاغا خاستۇر.
\{(cz/]G/ سانادىن كېيىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىمىزنىڭ يول باشچىسى، كالامۇللانى ئۆز ھاياتى بىلەن بەرپا قىلىپ، قۇلچىلىق-ئىبادەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئەندىزىسىنى تىكلەپ، ئۇممەت ئۈچۈن مۇھەببەت مۇساپىسىنى ئۇلاپ بەرگەن، رەبتائالانىڭ ھەق ۋەدىسى بىلەن ئۈممەتكە سائادەت تېڭىنى يورۇتقان سۆيۈملۈك نىجاتكارىمىز، شاپائەتچىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەمگە ۋە تاكى قىيامەتكىچە شۇ زاتى مۇبارەكنىڭ يولى-سۈننىتىدە مېڭىپ ﷲنىڭ زىمىندىكى ئادالىتىنى بەرپا قىلىشقا ئاتلانغان مۇھسىن-مۇخلىسلارغا رەببىم ﷲنىڭ رەھمەت، مەغفىرەت ۋە سالاملىرى بولغاي. ئامىن!
'e>'JZR ھايات مۇساپەمنىڭ بىر مەنزىلىدە مۇقەددەس مەككە مۇكەررەم، ھەرەمدە بىر مەزگىل ئىستىقامەت قىلدىم. پۇتۇن ئۈممەتنىڭ ھەقىقى مەئەرىفەت چىرىغى ئۆچكەن، يوللار ئۈزۈك، دىللار ئۈزۈك، مۇھەببەت ئۈزۈك،ئادالەت ئۈزۈك، تەۋھىد-ئىمان ئۈزۈك بولغان بۇ غېرىپ دەۋىرنىڭ ئېغىر تىنىقلىرىدا سىقىلغان قەلبىم بىلەن بەيتۇللانىڭ بوسۇغىسىغا ئېسىلغىنىمدا، كۆز يېشىم كەئەبىنىڭ تېمىدا سىرغىپ، يۈرۈگۈمدىكى ئەسىرلىك پىغان دۇا بىلەن كۆككە ئۆرلىدى.
?t;,Nk`jx جەبەلنۇرنىڭ ئۈستىدىن مۇھەببەت ۋە ئىشتىياق بىلەن باققىنىمدا بۇ مۇقەددەس ماكان كۆزلىرىمگە سىڭىپ كەتتى، غارى ھىرادا رەسۇلۇللانى سېغىندىم، رەببىم ﷲقا سېغىندىم. بەيتۇللانى باغاشلاپ، زەمزەمگە قېنىپ روھىم تەسكىن تاپقان كېچىلەرنىڭ بىرىدە تاقىتىم بىلەن ھىساپلاشماي قولۇمغا قەلەمنى ئېلىپ، رەببىمگە تەۋەككۈل قىلدىم...
pNHL &H\ جەبەلنۇرغا چىقتىم، ئالدىمدا مۇقەددەس مەككە، زېھنىمدە ئۇنىڭ شانلىق تارىخى، خىيالچان ئۆتمۈش-بۈگۈنى ۋە ئۈمۈدلىك، پارلاق ئەتىسى نامايەن قىلاتتى.
OK@yMGz1I تولۇن ئاي سۈتتەك ئاق نۇرلىرى بىلەن بۇ قەدىمى، مۇبارەك شەھەرنىڭ تىمتاس كېچىسىنى يورۇتۇپ، ساناقسىز يۇلتۇزلار ئارىسىدا ئاجايىپ بىر جەلىپكار سىياقى بىلەن قەلبلەرنى لەرزان ۋە يۈكسەك ئوي خىياللارغا باشلايتتى.
3E @ & قانچىلىغان كېچىلەرنى كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزىۋەتتىم. بولۇپمۇ ئاي تولغان نۇرلۇق كېچىلەردە تەپەككۈر تۇلپارىم تەسەۋۋۇر قاناتلىرىنى قېقىپ ھىدايەتنىڭ سامائى - كۆكىدە شۇ قەدەر يىراقتىكى قايسى بىر مەنزىللەرگە يەتكىنىمنى كىملەرمۇ بىلەر؟
(6)|v S سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ئىزلىرى قالغان بۇ مېھرى ئىللىق ۋادىنىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن، ھارارەتلىك ھەر بىر تىنىقلىرىدىن مۇقەددەس سۈرە-ئايەتلەرنىڭ ساداسى ئەكىس ئېتىپ تۇرغاندەك قىلاتتى...
7*+tG7I @ {ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقىغىن1. ئۇ ئىساننى لەختە قاندىن ياراتتى2. ئوقىغىن، رەببىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر3. ئۇ قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۈگەتتى4. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۈگەتتى5.}-سۈرە ئەلەق
q)"yP\ {شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋې زىمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرىشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئەلۋەتتە روشەن دەلىللەر بار190.} سۈرە ئال ئىمران
tB0f+ wC {ﷲ ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر..117... ئايەتلىرىمىزنى جەزمەن ئىشىنىدىغان(يەنى ھەقىقەت ئىزدەيدىغان) قەۋىم ئۈچۈن ھەقىقەتەن بايان قىلدۇق118} سۈرە بەقەرە
-9 |)O: ئەقىل-ئىدراك، ھىس-تۇيغۇلارئۆز خاسىيىتىگە، ئۆز ماھىيىتىگە يۈزلەنگەن مانا مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك مىنۇتلاردا كالامۇللادىن باشقا بىر ياخشى ھەمراھ بولارمۇ؟
9*a"^ {ساڭا بىز كىتاپنى(يەنى قۇرئاننى) ھەممە نېرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، (دىللارغا) ھىدايەت، (بەندىلەرگە) رەھمەت، مۇسۇلمانلارغا مەڭگۈلۈك سائادەت بىلەن خوش خەۋەر يەتكۈزىدىغان قىلىپ نازىل قىلدۇق89.}- سۈرە نەھىل
g s%[Cv {قۇرئاننى بىز ھەقىقەت ئاساسىدا نازىل قىلدۇق، قۇرئانمۇ ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا نازىل بولدى105.}- سۈرە ئىسرا
s8*Q@0 ياراتقۇچى، ئۇلۇغ رەببىمىز ﷲ ئۆز ئىلمى ئىلاھىيىسى بىلەن بىزگە مەرھەمەت قىلىپ،
T#YJ5Xw {بىلمەمسىلەركى، اللا ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى ھەممىنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن(يەنى ماددى ۋە مەنىۋى) نئمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى20.}-سۈرە لوقمان. دەپ كۆرسەتكىنىدەك، بىزنى ئەڭ چىرايلىق جىسمانى قىياپەت، مۇكەممەل مەنىۋىيەت بىلەن مۇكەررەم ئەقىل-ئىدراك ساھىبى قىلىپ ياراتتى. بىلىش ۋە ئىختىيار قىلىش ئىمكانىيىتىنى بىزگە ئاتا قىلدى.
2 o5u02x {ھەقىقەتتىن قالسا گۇمراھلىقتىن غەيرى نەرسە مەۋجۈت ئەمەس32.}- سۈرە يۈنۈس
NE?tfj {ھەر ئادەم (ھىدايەت ۋە گۇمراھلىقتا) ئۆز يولى بويىچە ئىش قىلىدۇ84.}- سۈرە ئىسرا
a;G>56iw مانا شۇنىڭدەك بىزنى روھى ۋە جىسمانى تاقىتىمىز ئاساسىدا شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن سىناپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەخىت-سائادەتنى قولغا كەلتۈرىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئىمتىھان دۇنياسىنى ياراتتى.
xQs._YY {بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان(ئىش)قىلا تەكلىپ قىلىمىز...62.} سۈرە مۆئىمىنۇن
fp$U%uj رەبتائالا چەكسىز ئىلمى-قۇدىرىتى ۋە نۇقسانسىز ئىختىيار-خاھىشى بىلەن ئەلمىساقتا بارلىق روھلارنى ياراتتى ۋە ئۇ روھلارنى ئۆز نۆۋىتىدە ئىلاھى قۇدىرىتىگە دالالەت قىلىدىغان ھەر خىل يوللار بىلەن بۇ سىناق دۇنياسىغا ئاپىرىدە قىلدى. بۇ پانى-ماددى دۇنيانىڭ سىناق-ئىمتىھان ئىكەنلىكىنىڭ بىردىن بىر ئىپادە ئالامىتى ئۇنىڭ بىر باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشقا باغلىنىپ تۇرغانلىقى شۇنداقلا ماددى مەۋجۈتلۈكنىڭ ئۆزىدىن تۇغۇلغان سوئالغا ئۆزىدىن جاۋاپ چىقماسلىقىدا. سوئال بولغانىكەن چوقۇمكى جاۋابى بولىدۇ، ئەمىسە جاۋاپ نەدە؟
<OGXKv@ بىز بۇ دۇنيانىڭ باشلىنىشىنىڭ ۋە مەۋجۈتلىكىنىڭ تېشىدىكىنى يەنى ئۇ دۇنيانى بىۋاستە سېزىمىمىز بىلەن بىلەلمەيمىز. بەلكى ئىلاھى مەئەرىفەت، ھىدايى-ئىدراك بىز ئىزدەۋاتقان شۇ جاۋاپنىڭ، بۇ بۈيۈك ئىمتىھان- سىناقتىن ئۆتۈشنىڭ بىردىن بىر يولىدۇر.
q!) nSD {لېكىن بىز قۇرئاننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز. شەك-شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن.(52)} سۈرە شورا
M^y5 Dep {ﷲ پاكىتلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ82.}-سۈرە يۈنۈس
IoxdWQ4]A {ئېيتقىنكى، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ9}- سۈرە زۈمەر
"tU,.U ھالا پىكىر- تەپەككۈرى ھىدايەتتىن مەھرۇم ھالدا ماددى دۇنيانىڭ كۆرۈنۈش ھالىتىدىلا چەكلىنىپ، ماھىيەت-ھەقىقەتنى تونۇمىغانلار ھەقىقەتكە، ئىلاھى ئىنئامغا كۇپۇرلۇق قىلغانلار بولۇپ، ئۇلار دۇنيا ئاخىرەتتە خارۇ- زەبۇنلاردۇر.
,z|g b]\ {ئۇلار ھاياتى دۇنيانىڭ تاشقى كۆرىنىشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن غەپلەتتىدۇر7.} سۈرە رۇم
C<q@C!A {ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ...30.} سۈرە نەجم
\r&9PkHWo ئۆزىمىزنىڭ نىمە ۋە كىم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىش ھەقىقەتەن چوڭ مەسىلىدۇر. جىسمانى شەكلى، تۇرۇقى ئوخشاش، چىراي-شەكلى ئوخشىمايدىغان نەچچە مىلياردلىغان ئادەملەر دۇنياغا نىمە ئىش بىلەن كەلدى كەتتى؟ نىمە ئىش قىلىپ يۈرىدۇ؟ نەدىن كەلدۇق؟ نەگە كېتىۋاتىمىز؟
j<-YK4.t {ئىنسان ئۆزىنى بىكار قويۇپ بېرىلىدۇ،(شەرىئەت ئىشلىرىغا تەكلىپ قىلىنماي مەيلىگە قويىۋېتىلگەن ھايۋانغا ئوخشاش) دەپ ئويلامدۇ؟36} سۈرە قىيامەت
XjJ[7"hs* ياق! ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. ئەقىللەرگە ئۇيغۇن ۋە ئايانكى، ھەرقانداق بىلىشتىن بىر مەسئۇلىيەت ئاپىرىدە بولغىنىدەك، رەببىمىز ﷲ ھەقسۇبھەنەھۇۋەتائالا ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالامنى روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن پاك، بېجىرىم يارىتىپ، ئۇنىڭغا شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى(ئىلىمنى) بىلدۈرگەندىن باشلاپ ئادەم ئەۋلادىغا ھەققە ئىمان ئېيتىش مەسئۇلىيىتى يۈكلەنگەندۇر.
y(=$z/ {ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە(:(مەن يەر يۈزىدە خەلىفە-ئورۇنباسار)يارىتىمەن) دىدى...30 اللا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئادەمگە ئۈگەتتى...31.} سۈرە بەقەرە
nCdxn#| مانا شۇ بۈيۈك ئىنئام ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە بىز ياشاۋاتقان بۇ مەخلۇقات ئالىمىنىڭ ماددىيلىغى، نىسبىيلىكى توغۇرىسىدا، بارلىق بىلەن يوقلۇق، روھ ۋە جىسىم توغىرىسىدا پىكىر -تەپەككۈرگە يۈزلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ نىمىلەرنى ھىس قىلىپ يەتتىڭىز؟ مۇئەللەق تۇرىۋاتقان ئالەم، ئۇنىڭدىكى ئاجايىپ ھەرىكەتلەرنىڭ ئىجراچىلىرى بولغان چوڭ كىچىك سەييارە پىلانېتىلار، ئۇلار سەيىر قىلىدىغان ئوربېتا -يوللار، ساناقسىز يۇلتۇزلار ۋە بۇرۇجلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ بەھەيۋەت كائىنات ئەقلى-ئىدراكىڭىزنى لال قىلىپ، سىزنى قۇدىرىتى ئىلاھىنىڭ بۈيۈك مۇجىزە ھىكمەتلىرىگە باشلاپ كىرەلىگەنمۇ؟
eGlPi| {ﷲ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زىمىننى(قۇدىرىتى ۋە گۈزەل ھىكمىتى بىلەن) چۈشۈپ كېتىشتىن توختۇتۇپ تۇرىدۇ41.} سۈرە فاتىر
{Nny.@P)H كائىناتتىكى ئارىلىق-مۇساپىلەرنىڭ كاتتىلىغىنى رەبتائالا بىزگە مۇقەددەس ئايەتلىرى بىلەن ئۈگىتىدۇ.
M%1wT9 {يۇلتۇزلارنىڭ جايلىرى بىلەن قەسەم قىلىمەن75.} سۈرە ۋاقئە
^n<o,K4\} {يوللىرى بار ئاسمان بىلەن قەسەمكى7.} سۈرە زارىيات
gSXidh}^ ھالا بۈگۈنكى كۈندىكى ئالى دەرىجىلىك ئېلىكتىرونلۇق تېلېسكوپلار ئىپادىلەۋاتقان ئاستىرونومىيەلىك سانلىق مەلۇماتلارغا رەببىمنىڭ كەلىمە-ئايەتلىرى بىلەن مەھكەم جابدۇنىپ ئاندىن يۈزلەنمىسەك، ئۇ بىزنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمىزنى يىىمرىپ قويىشى مۇمكىن. چۈنكى اللانىڭ قۇدقرقتى-مۇجىزىسى بولغان بۇ ئالەم-كائىنات تولىمۇ كاتتا، بەھەيۋەتتۇر.
M%qHf{ B ئۇقۇملار يورۇتىلىۋاتقان بۇ زامانىۋى دەۋىرنىڭ تۈرتكىسىدە ئاسمان- بوشلۇق، ئارىلىق- مۇساپە، ماددا-جىسىم، قۇۋۋەت- ئېنېرگىيە، ۋاقىت زامان، شەكىل ۋە رەڭلەرنىڭ يارىتىلغان مەخلۇق ئىكەنلىكى توغۇرىسىدا ئاجايىپ بىر تىلسىم ئوي-خىياللارغا پېتىپ باققانمۇ سىز؟
b=Oec%Adx {ﷲ ئاسمانلاردىكى ۋە زىمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋىم ئۈچۈن (ﷲنىڭ قۇدىرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغانروشەن) دەلىللەر بار13.} سۈرە جاسىيە
_jD\kg#LY {ﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى2.} سۈرە فۇرقان
b[`fQv$G {رەببىم شۇنداق زاتتۇركى، ھەممە نەرسىگە(ئۆزىگە مۇناسىپ) شەكىل ئاتا قىلدى50.} سۈرە تاھا
!ui:0_ قېرىندىشىم، مانا شۇ ئوي-خىيال، پىكىرلەرنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ﷲ تائالانىڭ گۈزەل مۇقەددەس ئىسمى-سۈپەتلىرىنى ھاياجان ئىلكىدە يات ئەتكەنمۇسىز؟
;FO( mL ( كالامۇللادا شۇ مەزمۇندىكى سۈرە -ئايەتلەرنى ئوقۇپ قەلبىڭىز لەرزىگە كەلگەنمۇ؟ بىلگەنلىرىڭىز بىلەن ئىمانى خۇرسەنلىك ئىلكىدە ھەقىقى بەخىت-سائادەتكە يۈزلىنىپ باققانمۇسىز؟ شۇ جەريانداچەكسىزلىككە باغلانغان بۇ مۇبارەك ھاياتىڭز ھەققىدە ئۇلۇغ ﷲغا شۇكرى-ھەمدىلەر بىلەن قايتقانمۇسىز؟
fH*1.0f]6 بۇ ماددى دۇنيادىكى ئارىلىق مۇساپىلەر شۇ قەدەر ئۇزۇن، شۇ قەدەر يىراق. لېكىن ياراتقۇچى ئىلاھىمىز ۋە ئۇنىڭ دەرگاھى نەقەدەر يېقىن-ھە؟ خۇددى بىرلىشىپ تۇرغاندەكلا، ئەمەلىيەتتە شۇ قەدەر يېقىن تۇرۇپتىمىز. پەقەت ھالەت ئوخشىمىغانلەقتىنلا بىۋاستە بىلەلمەيمىز، خالاس.
L@>$Aw {ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىدىغان) بىر توسما بولىدۇ100} سۈرە مۇئمىن
5tQZf'pHfd {ئۆلۈمنىڭ سەكىراتى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدى(يەنى ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغۇچى ئاخىرەتنىڭ دەھشىتىنى ئېنىق كۆرىدۇ)19} سۈرە قاف
~"}o^#@DwJ مەۋجۈدىيەت ئالىمىنى ۋە ئۇنىڭ ماھىيەت- مۇرادىنى ئەقىل- پىكىر بىلەن بىلىشكە كالامۇللا نىمە دىگەن ياخشى بىر نۇر، نىمە دىگەن ياخشى بىر يېتەكچى-ھە؟
9A!B|s {بىز قۇراننى بىر نۇر قىلدۇقكى، ئۇنىڭ بىلەن بىز بەندىلىرىمىزدىن خالىغان كىشىلەرنى ھىدايەت قىلىمىز...53} سۈرە شۇرا.
d_aHUmI^" {ھا، مىم.(1)(بۇ) كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.(2)ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار.(3)سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (ﷲ زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانىۋارلاردا (ﷲ نىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار.(4)كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ﷲ نىڭ بۇلۇتتىن (كۆكتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن رىزىقلەندۈرۈپ ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ﷲ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار.(5)} سۈرە جاسىيە
:oO?A بۇ بىئپايان كائىناتنىڭ ئەڭ يىراق ھۇدۇتلىرىدىن تاكى بىز ياشاۋاتقان بۇ زىمىنغىچە، قىسمانى ۋۇجۇتلاردىن ھۈجەيرە-زەررىچىلەرگىچە بولغان بۇ كاتتا مەخلۇقاتلار ئالىمىنى ھەقىقەت ئىزلەش روھى ۋە ئىلىم-ھىكمەت ئىشتىياقى بىلەن كېزىپ باققانمۇسىز؟
"#G`F {ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ (يەنى بىكارغا) ياراتقىنىمىز يوق.(38)ئۇلارنى بىز پەقەت ھەق ياراتتۇق ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ.(39)} سۈرە دۇخان
pRH'>}rtuH {ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ).(24)} سۈرە مۇھەممەد
S\R5SRE {ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن.(43)قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە (ئۇلۇغ) شەرەپتۇر، سىلەر كەلگۈسىدە (بۇ نېمەت ئۈستىدە) سورىلىسىلەر.(44)} سۈرە زۇخرۇف
UWo*%&J ھەر خىل جانلىقلار بىلەن تۈمەنمىڭ خىل مەزمۇنلارغا تولغان ھاياتلىقنىڭ باش ئاخىرى، داۋامىيىتى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت- مۇۋازىنەت، ھەر خىل ئۆزگىرىش نەتىجىلەر توغۇرىسىدا قەلبىڭىزدە قىززىقارلىق ھەم ۋەزنى ئېغىر سوئاللار تۇغۇلغانمۇ؟ جاۋاپ ئىزدەش يولىدا پىكىر-تەسەۋۋۇرلىرىڭىز ئىنساپ كېمىسىگە چۈشۈپ، ھىدايەت يەلكەنلىرى بىلەن ئىلاھى قۇدىرەتنىڭ بەھەيۋەت- بىپايان بەھرى-دېڭىزلىرىدا ئۈزۈپ باققانمۇسىز؟ شۇنىڭ بىلەن مەخلۇقاتنىڭ ھەر بىر تۈرى، سۈپەت خۇسۇسىيەتلىرى، ئورنى ۋە مىقدارى، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە نەتىجىلەر، ئېھتىياج ۋە تەڭپۇڭلۇق قاتارلىق مانا بۇ مۇپەسسەل ئىلمۇ -ھىكمەت قۇرۇلمىسىنىڭ دەخىلسىز، نۇقسانسىز مۇكەممەل ۋە مۇتلەق بىر ئىلاھى ئىرادە خاھىشنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنسىز؟
iph}!3f {بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق.49} سۈرە قەمەر
,Vfjt=6]} بۇ ئايەت كەرىمدىكى ئىلاھى ھىكمەتنى تەپسىلى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن مىسال ئورنىدا ئىنسانىيەت ھاياتىدىكى ماددى تەرەققىيات ئېھتىياجلىرى ۋە ئۇنىڭ يارىتىلىشىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.
$(+#$F<eo+ ئىنسانىيەت تاش قوراللار دەۋرىدىن ئاستا ئاستا تەرەققى قىلىپ سانائەت دەۋرىگە ۋە ئاخىرى كۆز ئوڭىمىزدىكى نۇر دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ يۈكسەك تەرەققىياتنى ئىنساننىڭ ئەقلى ئىقتىدارىدىن باشقا يەنە رەبتائالانىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان ماددى شارائىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
6<mlx' ئويلاپ كۆرۈڭ، سانائەت تەرەققىياتىنى توك، كۆمۈر، نېفىت، يانار گاز ۋە ھەر خىل مېتال-مەدەنلەردىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنمۇ؟ ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسى سانائەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن نەچچە يۈز مىليونلىغان يىللار جەريانىدىكى گىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەر بىلەن شەكىللىنىدىغان كۆمۈر، نېفىت، يانار گاز قاتارلىق قۇۋۋەت مەنبەلىرىنىڭ ئالدىنئالا تەييارلىنىشى، سانائەتنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرى ئۈچۈن زۆزۈر بولغان ىەر خىل مېتال-مەدەنلەرنىڭ سۈپەت ۋە مىقدارىنىڭ تەڭپۇڭ ھالەتتە تەييارلىنىشى ئىلاھى ئىرادە، ئاڭ-مۇددىئانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئوچۇق بىشارەت ۋە پولاتتەك ئىسپات ئەمەسمۇ!؟
8e32NJ^k~ {شۈبھىسىزكى سىلەرنى زىمىندا يەرلەشتۈردۇق. زىمىندا سىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى پەيدا قىلدۇق10.}سۈرە ئەراف.
_"[Ls?tRX مىسال ئۈچۈن ئەڭ ئاددىسى، ئەينەكتىن ئىبارەت بىر تۈرنىڭ ئۆزىنى تۇرمۇشىمىز ۋە سانائەت بىلەن باغلاپ ئويلاپ كۆرۈڭكى، مەۋجۈدىيەت ئالىمىدە بىرەر نەرسە ئارتۇق ياكى كەم يارىتىلغان دىيەلەمسىز؟
| Pi! UZB {ﷲ خالىغان نەرسىنى ئۆلچەم بىلەن چۈشىرىدۇ27.} سۈرە شۇرا
vEw8<<cgg {بىز ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى ئۆلچەملىك ياراتتۇق.(49)} سۈرە قەمەر
sw{e | ﷲ ھەق سۇبھەنەھۇۋەتائالا ئىنسانىيەت ئالىمىنى بۈيۈك ئىلمۇ-ھىكمەتلىرى بىلەن شۇ قەدەر گۈزەل-كۆركەم، قۇسۇرسىز مۇكەممەل ياراتتى. بۇ مۇكەممەل بىر پۈتۈنلىكنى خاس تۈرلەرگە تەۋە بولغان ئىلىملەر بىلەن بېزەپ، ئۇنى ئەڭ ئۇلۇغ نىئمەت تەۋھىد-ئىمانغا يېتىشنىڭ يولى قىلىش بىلەن بەندىلىرىگە پەزلى-مەرھىمىتىنى بېغىشلىدى.
-G(#,rXk {ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.(191)} سۈرە ئال ئىمران
1pAcaJzf ئاستىرونومىيە(پەلەك-يۇلتۇز ئىلمى)، جۇغراپىيە(تەبىئەت ئىلمى)، مېدىتسىنا(تىبابەت ئىلمى)دىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تۈرلۈك ئىلىم باشقا بارلىق پەنلەرنى ئۆزىگە ياندىغان ھالدا ئۇلۇغ رەببىمىزنىڭ مۇقەددەس ئىسمى -سۈپەتلىرىگە باشلىغۇچى رەھنامادۇر.
Cy dV$!&mP {ﷲ ھېكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند-نەسىھەت ئالىدۇ.(269)} سۈرە بەقەرە
4W#DLip9 {ﷲ تەۋھىدكە خالىغان ئادەمنى تاللايدۇ، ﷲ نىڭ (تائىتىگە) قايتىدىغان ئادەمنى تەۋھىدكە باشلايدۇ.13} -سۈرە شورا.
?Wc+J4 رەببىمىز ﷲ ئەقىل-تەپەككۈرگە ئوزۇق بولغۇچى پەننى بىلىملەر بارىسىدا، ئىنساپ بىلەن پىكىر-ئىدراك قىلغۇچى ئىنسان ئۈچۈن، ھەقىقەتكە چىن ئىخلاس بىلەن ئىزدەنگۈچى ئىنسان ئۈچۈن مۇبارەك كالامۇللادا يېتەرلىك بىشارەتلەرنى بايان قىلدى. بۇ بىشارەتلەر شۇ دەۋىر ئومۇمى ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئىنسانى ئىقتىدار ۋە ئىمكانلاردىن ھالقىغان مۇجىزىۋى قىممەتكە ئىگە ئالاھىدە مەزمۇنلار بولۇپ، ئەقىل بىلەن ھىدايەتنى باغلىغۇچى ھىكمەت تۈگۈنلىرىدۇر.
|A\o lffw" ئالەمدۇركى تىلسىم بىر بايان، تەپسىرىدۇر قۇرئان،
C\4d.~C:w3 UA|\D]xe ئادەمدۇركى خالىقۇل ئايان، تەبىرىدۇر قۇرئان.
i+F*vTM2, yi:}UlO ھاياتتۇركى جىھادۇل مەيدان، تەدبىرىدۇر قۇرئان،
1nw\?r2 yj=OR|v ئىلىمدۇركى دېڭىز بىپايان، جەۋھىرىدۇر قۇرئان.
9c%CCZ \B^NdG5Y بۇ ساھەدە ئىزدەنگۈچىلەر ئۆتكەن يېرىم ئەسىر جەريانىدا قۇرئانى كەرىمنىڭ ئىلمى بىشارەتلىرى ۋە مەئەرىفەت روھى بارىسىدا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قپلغا كەلتۈرۈپ، قىممەتلىك ماتىرىياللار بارلىققا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن دۇنيا مىقىياسىدا ئىسلام دىنىغا بولغان خاتا تونۇش ۋە گۇمانلارغا ئۈزۈل كېسىل رەددىئە بېرىلىپ، مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ ئىلمۇ-ھىكمەتلەرگە تولغان شانلىق سەھىپىسى دۇنياغا نامايەن قىلىندى.
na|sKE;{ جالالىددىن ئافغانى رەھىمە ھۇللانىڭ (اللا تائالا ئىككى كىتاپ نازىل قىلدى، بىرسى قولىمىزدىكى قۇرئان، يەنە بىرسى بۇ بىز تۇرىۋاتقان بەھەيۋەت ئالەم-كائىنات. بىر مۇئەللىپ يازغان ئىككى كىتاپ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلىك تەرەپنىڭ بولىشى مۇمكىن ئەمەس) دىگەن مەئەرىفەت جاكاسى ئەسىرلىك زۇلمەت ئاسمىنىدا چېقىلغان چاقماق كەبى مەسۇم دىللارنى قۇرئاننىڭ ئىلمۇ- ھىكمىتىگە باشلىدى.
)E}@h%d {بىز ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان (ئىش) قىلا تەكلىپ قىلىمىز،...62....ئۇلار (ھەق) كالام (يەنى ئۇلۇغ قۇرئان) ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟...68} سۈرە مۆئىمىن
I$MlIz$l v كەمىنە بىر ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇ قىممەتلىك تەجىرىبە ماتىرىياللار ئاساسىدا بەزى مەزمۇنلارغا تولۇقلىما بېرىپ ئۆتمەكچىمەن.
jijwHL يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەرقايسى پەن تۈرلىرىدە مۇجىزىۋى قىممىتى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ، ئادەملەرنىڭ ئەقلى-ھۇشىنى لال قىلدى. بۇ جەرياندا شۇ ئېنىق ئايان بولدىكى، ئاستىرونومىيەگە دائىر ئاسمان، سەييارە-پىلانېتا، پەلەك -ئوربېتا، قۇياش ئاي ۋە يۇلتۇزلار توغۇرىسىدىكى بايانلار، مېدىتسىناغا دائىر تۆرەلمە، جىنس ۋە ئادەم جىسمى توغۇرىسىدىكى بايانلار، جۇغراپىيەگە دائىر يەر-زىمىن، دېڭىز-سۇ، بۇلۇت-يامغۇر، يىل ئاي كۈن ۋە پەسىللەر توغۇرىسىدىكى بايانلار ۋە يەنە بوتانىكا، گئولوگىيە، فىزىكا-خىمىيەگە دائىر پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى سەۋىيىدىكى ئىلمى بايانلارنىڭ شۇ دەۋىر ھىجاز رايونىدىلا ئەمەس بەلكى شۇ دەۋىر دۇنيانىڭ ھىچقانداق بىر يېرىدە كەشىپ قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇ بىشارەتلەرنىڭ ئىلمى مەزمۇنى ئۇ دەۋىر ئادەملىرىنىڭ بىلىش ۋە تەتقىق قىلىش شەرت-شارائىتىدىن ئالاھىدە ئۈستۈن تۇراتتى. ھەتتا بەزى ئىلمى بىشارەتلەرنىڭ مەزمۇنىغا ئىشبۇ زامانىۋى دەۋرىمىزدىمۇ يېتەرلىك تەپسىر قىلىنغىنى يوق. ئىنشااللا دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى يۈكسىلىشى بىلەن قالغان باشقا ئىلمى بىشارەتلەرمۇ بىر بىرلەپ ئۆزىنىڭ نۇرلۇق جامالىنى ئايان قىلغۇسىدۇر.
CfM[<w {ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان-زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ.(53)}
}Z{FPW.QK دىمەك ئىسلام دىنىنىڭ بىردىن بىر ھەق دىن ئىكەنلىكى ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھى ۋەھى-بىشارەت ئىكەنلىكى بۇ يارقىن سۈرە-ئايەتلەرنىڭ ئىسپات-دەلىللىرى بىلەن مۇتلەق ھەقىقەتتۇر.
];lZ:gT ئىنسانىيەت ئۇزۇن تارىخى دەۋىرلەر جەريانىدا ھەر خىل مەقسەت-مۇددىئالار بىلەن بۇ مەۋجۈدىيەت ئالىمىنى ۋە ئۆزىنى چۈشەندۈرمەك ئۈچۈن ھەر خىل غەيرى دىن ۋە نەزىرىيەلەرنى ئىپتىرا قىلىشتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالەم ۋە ھاياتلىق توغۇرىسىدا قانائەتلىنەرلىك ھەق جاۋاپ بولالمىدى، بەلكى ئەكسىچە ئىنسانيەت مەنىۋىيىتىنى، ئارزۇ-ئامانلىرىنى ئۈمۈدسىزلىك ھاڭلىرىغا مەھكۇم قىلدى. خۇددى كۆز ئوڭىمىزدا كۆرىۋاتقان غەرپ ۋە شەرق ئەللىرىنىڭ مەنىۋىيەت كىرىزىسى تىمسالىدەك.
.#-F@0a بۇنىڭ ئەكسىچە پەقەت ئىسلام مەئەرىفىتىلا ئىنسان تەبئىتىگە، مەنىۋىيىتىگە مۇۋاپىق رەۋىشتە ئىنسانيەتنى زۇلمەت قاراڭغۇلىقىدىن يورۇقلۇق نۇرغا، ئۈمۈدسىزلىك، مەنىۋى بەرباتلىقتىن ئارمانغا دەرمان بولغۇچى مەنىېى ھۆرلۈككە باشلىدى.
cdh0b7tjn {ھەقىقەتەن ﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر...19} سۈرە ئال ئىمران
Gw\..O {(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر.(29)} سۈرە ساد
8Y.9%@ {(ئۇ) ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە نەسىھەتتۇر.(54)} سۈرە غافىر
KN[;z2i مۇقەددەس دىننىمىزدا ياكى دىن ئاتالغان باشقا باتىل ئەقىدە- نەزەرىيەلەردە بولسۇن دۇنيا قاراشتىكى ئەڭ تۈپكى- نېگىزلىك مەسىلە- مەزمۇن 1-ئورۇن - بوشلۇق. 2-ۋاقىت-زامان. 3- قۇۋۋەت -ئېنېرگىيە، 4- ماددا- جىسىم. 5- روھ چۈشەنچىسى توغۇرىسىدىكى بايانلاردۇر.
* m^\& دىن-ئەقىدە، دۇنيا قاراشتا بۇ مەزمۇنلار شۇ قەدەر مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى بۇلار مەۋجۈدىيەت ئالىمىنىڭ بەش خىل تۈپكى ئاساسىدۇر.
M:{Aq&. ئىسلامدىن باشقا ھەرقانداق بىر ئىپتىرا قىلىنغان دىن - نەزىرىيەلەرنىڭ بۇ توغۇرىسىدا توغرا چۈشەنچە، ھەق جاۋاپ بېرىش ئىمكانى ۋە سالاھىيىتى يوق. چۈنكى مەۋجۈدىيەت ئىلمىگە ئائىت بۇ ئەڭ تۈپكى مەزمۇنلار پەقەت تەۋھىد بىلەنلا شەرھىلىنىدۇ. تەۋھىد بولسا ھەق دىننىڭ ئاساسىدۇر.
as!a!1 { ﷲ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدۇ.11} سۈرە رۇم
W.?/p~ {ﷲ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ تۈرلىرىنى ياراتتى...12} سۈرە زۇخرۇف
(or"5}\6- تۆۋەندە مەخلۇقات ئالىمىنىڭ ئاساسى بولغان بۇ بەش تۈرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
|Ia9bg'1U F{!pii5O9 1. بوشلۇق-ئورۇن:
w|-3X بوشلۇق بولسا مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن رەبتائالانىڭ دۇنيادىكى بارلىق مەخلۇقاتلىرى تۇرغان ئورۇن ۋە بۇ دۇنيانىڭ بارلىق دائىرىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنى توۋەندىكىدەك شەكىلدە چۈشەنسەك مۇۋاپىق بولىدۇ. كۆز ئالدىمىزدا بىر جىسىمنى ئورنىدىن يۆتكىسەك ئۇنىڭ جايى بوش قالغاندەك كۆرىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ جاي تېخى تولۇق بوش ئەمەس، بۇ جايدا ھاۋا بار. ئەمدى بۇ جايدىكى ھاۋانىمۇ سۈمۈرۈپ چىقىرىۋەتتۇق دەپ پەرەز قىلايلى، بۇ جايدا ۋاكوم دەپ ئاتىلىدىغان ھەقىقى بوشلۇق قالدى. بۇ بوشلۇقنى مەخلۇق دەپ بىلىمىزكى ئۇنىمۇ ئورنىدىن يوتكىۋېتىپ پەرەز قىلايلى، ئۇ جايدا نىمە قالىدۇ؟
;//9,x9;t {ئەگەر ئۇلار ئاسماننىڭ بىر پارچىسى چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە: «بۇ توپلاشقان بۇلۇتتۇر» دەيدۇ.(44)} سۈرە تۇر
MCmb/.&wu {ئاسمان يېرىلىدۇ...16} سۈرەھاققە
,M;9|kE* {ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا11} سۈرە تەكۋىر
^0}ma*gi~ {ئاسمان ئېچىلىپ نۇرغۇن ئىشىكلەر پەيدا بولىدۇ19} سۈرە نەبە
=+Fb\HvX{ بۇ ئايەتلەر قۇرئاندا <ئاسمان> دەپ ئاتالغان بوشلۇقنىڭ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
Z|uvrFa 1xW!j!A; 2. ۋاقىت-زامان:
fx5S2%f^ ۋاقىت بولسا مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن رەبتائالانىڭ بۇ دۇنيادىكى بارلىق مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدىكى ھۆكۈملىرىنىڭ ئىجرا بولۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ھەرىكەت شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەملەر ئۇنى مېڭىۋاتقان سىتىرېلكا، ئۆزگۈرىۋاتقان سان-سېفىرلار بىلەن ئىپادىلەيدۇ. ھەرىكەت بولسا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدىغان بىردىن بىر ئامىل. ۋاقىت اللا تائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە ئىنساننىڭ پىكىر -تەسەۋۋۇرىغا ئەڭ تىلسىم بىلىنىدىغان بىر تۈر بولۇپ، ئۇ بوشلۇق ۋە بارلىق جىسىملار بىلەن تولۇق بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. بىز مەخلۇقات ئالىمىنىڭ بىر پۈتۈن ئومۇمىيىتىنىڭ باش ئاخىرىنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆزى ھەم مەخلۇق بولمىش ۋاقىت توغۇرىسىدا ئايدىڭلاشتۇرىۋالىدىغان مەسىلە شۇكى، ئۇنىڭ مەۋجۈتلىكى ۋە تەسىر-ئىپادىسى پەقەت بۇ دۇنياغىلا خاس بولۇپ، ئۇ نىسپىيدۇر. ئۇ مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن يارىتىلغان ھەم ئۆز نۆۋىتىدە يوق قىلىنىدۇ.
5]N0p,f {... ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىكى بىر كۈن سىلەر سانايدىغان مىڭ يىلچىلىكتۇر.(47)} سۈرە ھەج
M\C9^DX{ { بۇ كۈندە ئاسماننى (پۈتۈكچى) نەرسە يېزىلغان قەغەزنى يۆگىگەندەك يۆگەيمىز. مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز. (بۇ) بىز ئۈستىمىزگە ئالغان ۋەدىدۇر، (ئۇنى) چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز.(104)} سۈرە ئەنبىيا
pT]hPuC Uz^N6q 3. قۇۋۋەت-ئېنېرگىيە:
(XO=W+<' قۇۋۋەت بولسا ۋاقىت ۋە ماددىلار بىلەن مۇتلەق ماسلىشىشچانلىقتا يارىتىلغان بىر خىل مەخلۇق بولۇپ، ئۇ بارلىق ھەرىكەتنىڭ سەۋەبىدۇر. زەررە-ئاتومدىن تارتىپ كائىناتتىكى بارلىقسەييارە -پىلانېتىلارغىچە شۇ قۇۋۋەت سەۋەبى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. قۇۋۋەتلەر ھەر خىل ھالەتلەردە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىدۇ. بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە ئۆزگۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئومۇمى ۋە ئالاھىدىسى ماددى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى تەۋە بولغان ئالەملىك تارتىش كۈچىدۇر. سەييارە-پىلانېتىلارنىڭ مۇئەييەن ئارىلىق مۇساپىلەردە جارى بولىۋاتقان ھەرىكەتلىرى، ئورۇن-مەۋقەلىرىدىكى مۇقۇملۇق، جىسىملارنىڭ ۋەزنى-ئېغىرلىقى قاتارلىقلار ئالەملىك تارتىش قۇۋۋىتىنىڭ ئىپادىلىرىدۇر. بۇ توغۇرىسىدىكى چۈشەنچىڭىز ئۈچۈن ماگىنىت تاشنى مىسال ئالسىڭىز مۇۋاپىق بولىدۇ.
_Sr7b#)o {ﷲ ئاسماننى ئېگىز ياراتتى. ئۆلچەمدە زۇلۇم قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن، ﷲ تارازىنى بېكىتتى،(8-7)} سۈرە راھمان
E(r_mF7: تارازا ئالەملىك تارتىش قۇۋۋىتىنىڭ رولىغا ئاساسەن ياسالغانلىقتىن، بۇ ئايەتتە ئاسماننىڭ ئىگىز يارىتىلغانلىقى بىلەن تارازىنى بىر يەردە بايان قىلىشى كالامۇللادىكى ئالەمشۇمۇل كاتتا مۇجىزىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئىككى ئەسىر ئىلگىرى نىئوتوننىڭ بېشىغا چۈشكەن ئىلھام ئالمىسى 14 ئەسىر بۇرۇن كالامۇللا ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىگە چۈشۈپ بولغان ئىدى، مىڭ ئەپسۇسلار بولسۇنكى بۇ ئۈممەت قۇرئانغا ھەق ئىزدەش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى شەخسى جەننىتىنى ئىزدەش ئۈچۈن قارىغاشقا كالامۇللادىن تاكى بۈگۈنگىچە بۇ ئۇلۇغ ھىكمەتلەرنى تاپالماي يۈرمەكتە.
?% 24M\ u?Ffqt9' 4. ماددى جىسىملار:
.5.(S^u مۇئەييەن ھەجىم، شەكىل ۋە رەڭلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ماددى جىسىملار رەبتائالانىڭ مەخلۇقاتلىرى ئىچىدە ئەڭ يارقىن ئىپادىدۇر. ماددى جىسىملارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن پەننى بىلىملەر بارلىققا كېلىدۇ.
Z!"-LQJ {ئۇلار )ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ﷲ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (يۇلتۇز قاتارلىق) نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى،...8 } سۈرە رۇم
\)~d,M}kK {...ﷲ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن(ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى.(2)}سۈرە فۇرقان
|2j, ماددى جىسىملار <كۈنفەيەكۈن>دىن ئىبارەت ئىلاھى قۇدرەتنىڭ بىۋاستە ئىپادىسى بولۇشىغا قارىماي، ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆزى بىلەن كۆرۈپ، قولى بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان بۇ ماددى جىسىملارنىڭ يوق يەردىن يارىتىلغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە مۇئەييەن ۋاقىتتىن كېيىن يوقۇلىدىغانلىغىنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالماي، ئىلاھى قۇدرەتنى تونۇشتىن يىراقلىشىدۇ.
fvC,P#z'| {ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ).(24)} سۈرە مۇھەممەد
d+q],\"R {ئۇلار (ھەق) كالام (يەنى ئۇلۇغ قۇرئان) ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر قىلمىدىمۇ؟...68} سۈرە مۆىئمىن
oP`l)` ئەنگىلىيەلىك ئاستىرو-فىزىكا ئالىمى سىتىفىن خوكىننىڭ <پۈتۈن ئالەم-كائىنات ئەسلى ئەڭ كىچىك زەررىچىدىنمۇ كىچىك بىر ھالەتتىن بارلىققا كەلگەن> دىگەن نەزىرىيىسىنى ئەھلى قۇرئاندىن پىكىر قىلىپ يەتكەن بىرەرسى بارمىدۇ؟
n~I-mR)" {مەخلۇقاتنى دەسلەپتە)يوقتىن) بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى)ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلىدۈرىدىغان ﷲ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) ﷲ غا(ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ﷲ غا خاستۇر، ﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(27)} سۈرە رۇم
HOP*QX8C% 5kiW@{m 5.روھ:
FiUQ2w4 روھ ئىنساننىڭ ھەقىقى مەنىسى ۋە مەۋجۈتلىگىدۇر. روھ بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيانى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ﷲنىڭ دەرگاھىغا قايتىدىغان بىردىن بىر ئەڭ ئالى ۋە مەڭگۈلۈك مەخلۇق.(مەخلۇق دىگەن يارىتىلغان بىر نەرسىنى كۆرسىتىدۇ)
XGl2rX& {ئۇلار: «بىز ئەلۋەتتە ﷲ نىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز (يەنى ﷲ نىڭ بەندىلىرىمىز)، چوقۇم ﷲ نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز»دەيدۇ.(156)} سۈرە بەقەرە روھنىڭ ماھىيىتى بۇ دۇنيادىكى ئىنسانى ئىدراكتىن ئۈستۈن تۇرغانلىقتىن ﷲ تائالا {ئۇلار سەندىن روھنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. ‹‹روھنىڭ ماھىيىتىنى پەرۋەردىگارىم بىلىدۇ›› دېگىن، سىلەرگە پەقەت ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن.85} سۈرە ئىسرا
Cyg2o<O@ دىگەن ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن بىزگە ئۈگىتىدۇ. ئۇ دۇنياغا قايتىدىغان روھىمىزنىڭ ئەھۋالى توغۇرىسىدا رەبتائالا يەنە مۇنداق بىشارەت بېرىدۇ.
w2DC5ei' {ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزلەۋاتقىنىڭلاردەك (يەنى سۆزلىشىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئېنىق بولغىنىدەك) ھەقتۇر.(23)} سۈرە زارىيات
+RooU?Aq ھاسىل كالام{...ﷲ (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان،12 ...}(سۈرە ئەنئىام) لىقتىن مۆئىمىنلەر ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەت قىلىنغان بۇ مۇقەددەس كالامۇللا قۇرئان كەرىمدە بئىپايان مەۋجۈدىيەت ئالىمىدىكى بارلىق مەخلۇقاتلار توغۇرىسىدا ئىلىم-ھېكمەتلەر تولۇق بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدىكى ھەممە ساھەگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇكەممەل مەزمۇنلار ئىلاھى ھىكمەت بىلەن بايان قىلىنغانلىقتىن:
ok:uTeJI mku@n;Hl_ {بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ.(9)} سۈرە ئىسرا
f^F;`;z 7gC?<;\0 6w^P{%ul ھەر شەيئىنىڭ بايانىدا سوئاللارغا جاۋاپ قۇرئان،
=QqH`.3 65govor جاۋابىكى ئەقىللەرگە نۇر-شىپائى ھايات قۇرئان.
FZi@h -#Z df| گەر ئىزدەنسەڭ ھەقىقەتچۈن چىن ئىخلاسۇ ئىنساپ بىلەن،
"jL>P) JEto_&8,C مەنزىلىڭچۈن پەرۋازىڭدا ھارماس-سۇنماس قانات قۇرئان.
Q}AZkZ U6.aoqb% پەقەت ﷲ تائالانىڭ مۇبارەك ئايەتلىرىلا پىكىر -تەسەۋۋۇرلىرىمىزنىڭ بىردىن بىر قۇۋۋەت مەنبەسىدۇركى، ئۇنىڭسىز توغرا يۆنۈلۈشتە بولىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.
a4*v'Xc5 قېرىندىشىم، بىزگە نەسىپ بولغان بۇ ھاياتلىق ۋە ئۇنىڭدىكى پۇرسەت -ئىمكانىيەت ئاددى مەزمۇن ئەمەس، بۇ مەڭگۈلۈك ھايات ئۈچۈن سائادەت ياكى زالالەتنى تاللاشتۇر، رىسالىمىزنىڭ باش قىسمىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىڭىزدەك ئىختىيار-خاھىش بىزگە قالدۇرۇلدى
.QvD603%5 {ھەر ئادەم (ھىدايەت ۋە گۇمراھلىقتا) ئۆز يولى بويىچە ئىش قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭلار كىمنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ .(84)} سۈرە ئىسرا
iH(7.?.r {ﷲ شۇ كىتاب (يەنى قۇرئان) ئارقىلىق رازىلىقىنى تىلىگەنلەرنى سالامەتلىك يوللىرىغا يېتەكلەيدۇ، ئىرادىسى بويىچە ئۇلارنى (كۇفرى) قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا ھىدايەت قىلىدۇ.(16)} سۈرە مائىدە
2`=jKt ئىي قېرىندىشىم، ئەقىل -ئىدراك، پىكىر- تەپەككۈردىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئىلاھى نىئمەت-ئىمكانىيەتنىڭ خەيرى-خاسىيىتىنى تونۇپ يېتىڭكى، ئۇ ھەقنى تونۇش ۋە شۇ ئاساستا مەڭگۈلۈك سائادەتكە ئېرىشىشتىكى بىردىن بىر دەسمايە-بايلىغىمىزدۇر. ئۇ ئىلاھى ئامانەتنى قوبۇل قىلىشىمىزدىكى ھوقۇق- ئىمتىيازىمىزدۇر.
wps/{h, {شۈبھىسىزكى، بىز ئامانەتنى (يەنى پەرزلەرنى ۋە شەرىئەت تەكلىپلىرىنى) ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئالمىدى، ئۇنىڭ (ئېغىرلىقى) دىن قورقتى، ئۇنى ئىنسان ئۈستىگە ئالدى، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىدۇر، ھەقىقەتەن ناداندۇر.(72)} سۈرە ئەھزاب
[> HKRVy قېرىندىشىم، ئىلاھى ئامانەت تەڭلىنىۋاتقان بۇ ئىنسان ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئاددى مەخلۇق، يەنى ۋاستە قىلىنغان مەخلۇق ئەمەستۇر، بەلكى ۋاستە قىلىنغان بارلىق مەخلۇقات، بۇ ئالەم-كائىنات شۇ ئىنسان ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.
-`L`kL< {ﷲ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى (كامالى) پەزلىدىن سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (قۇدرىتى ئىلاھىيىنى) تەپەككۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ﷲ نىڭ قۇدرىتى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) (روشەن) دەلىللەر بار.(13)} سۈرە جاسىيە
dseI~} قېرىندىشىم، بىز يەنى ئىنسانلار شۇ قەدەر ئۇلۇغ بىر نىئمەت-پۇرسەت ئىچىدە يەنى ئىلىم-ھىكمەت، كۈچ-قۇدىرەت، گۈزەللىك، نۇر-يورۇقلۇق ۋە ئۇلۇغلۇق-بۈيۈكلۈكتە چەكسىز بولغان، بارلىقنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن بولغان ۋاجىبۇل ۋۇجۇد، مۇتلەق پادىشاھ، ھەق ئىلاھ ﷲ سۇبھەنەھۇۋەتائالانى تونۇش، ئىدراك قىلىشتىن ئىبارەت ئىمكانىيەت ساھىبىدۇرمىزكى، مەرھەمەتلىك رەببىمىز مانا شۇ ئالى ئاتاسى بىلەن بىز ئىنسانلارنى مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ مۇكەررىمى ۋە ﷲنىڭ زىمىندىكى خەلىفىسى قىلدى.
5%,3)H{;t {شەك-شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم بالىلىرىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق،...ئۇلارنى مەخلۇقاتلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنىدىن ئۈستۈن قىلدۇق.70} سۈرە ئىسرا
YSnh2 Bq ﷲ تائالا ئىنساننى ئۆزىنىڭ زىمىندىكى خەلىفىسىدىن ئىبارەت ئالى ماقامغا تەئىن قىلىش بىلەن بىللە ئۇنى ئىجرا قىلىشتىكى ئىلاھى ھىكمەتلەرنى بىزگە ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە تەلىم بەردى.
$LXa] رەھمان ۋە رەھىم بولغان رەببىمىز ﷲ سۇبھەنەھۇۋەتائالا بارلىق ئىنسانلارغا ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىش بىلەن بىللە، پەزلى-مەرھەمىتىدىن ئەڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەر، ئەڭ مۇكەممەل شەرىئەت، كامىل دىن ۋە ماددى سىررى-ھىكمەتلەر ئېچىلىپ، دۇنياغا، ئالەمگە بولغان تونۇش-چۈشەنچىلەر يۈكسەلگەن بىر يېڭى دەۋىر بىلەن بىزگە مەرھەمەت قىلدى شۇنداقلا ھەققانىيەتكە تولۇق يۈزلىنىشتە، ھەقنى بەرپا قىلىشتا ئۈممەتلەر ئىچىدىن بىزنى تاللىدى. ئۇلۇغ ۋەزىپە، مۇقەددەس بۇرچ زامان ئاخىر ئۈممىتى بولمىش بىزلەرگە يۈكلەندى.
\[G'cE {(ئى مۇھەممەد ئۈممىتى!) سىلەر ئىنسانلار مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسىدىغان ﷲ غا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتىسلەر....110} سۈرە ئال ئىمران
o#m31*o قېرىندىشىم، ئىلاھى ئىنئام بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ نىمە ۋە كىملىكىڭىزنى تونۇپ يېتىڭكى، پۇرسەت-ئىمكانىيەتنىڭ بىردىن بىر ئاچقۇچى بولغان ئەقىل-ئىدراكىڭىزنى ئىشلىتىپ، اللانىڭ ئاغامچىسىغا چىڭ ئېسىلىڭ. قۇتۇلۇشنىڭ ھىچقانداق چارىسى بولمايدىغان قىيامەتتىكى خارلىق-ئازاپتىن ئاگاھ بولۇڭ.
do" m=y قېرىندىشىم، بىز سىزنى تەخمىن قىلىنغان غۇۋا-گوڭگا نەرسىلەرگە ئەمەس، مايمۇن تەلىماتىغا ئوخشاش بىئمەنە سەپسەتىلەرگە ئەمەس، ياكى تاش-ياغاشقا چوقۇنغۇچىلار، ئاتىزىمچىلارنىڭكىدەك باتىل چۈشەنچىلەرگە ئەمەس بەلكى، ئەقلى ۋە نەقلى ئاساسلىرى، دەلىل-پاكىتلىرى مۇپەسسەل بولغان قۇياشتەك پارلاق، تولۇن ئايدەك ئايدىڭ-سۈزۈك، مۇتلەق ھەقىقەت بولغان ئىسلام ئېتىقاتىغا دەۋەت قىلىۋاتىمىز.
h"[B zX {ھەقىقەتەن ﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر.19} سۈرە ئال ئىمران
S1=P-Ao {...كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلار (نى يوقىتىش) دىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم،...3} سۈرە مائىدە
dgVGP_~ قېرىندىشىم، ھەق-ئادالەتكە بولغان پاك ئەقىدىمىزدىن تۇغۇلغان مۇھەببەت بىلەن سىزدىن شۇنداق ئۈمۈد كۈتىمىزكى، بۇ غەنىمەت پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر بىر شەيئى-مەخلۇقاتنىڭ مەۋجۈتلىكى بىر ئۇلۇغ مەقسەت- مۇددىئانىڭ ئىلكىدە بولغان بۇ ھىكمەتلىك ئالەمگە ئىنساپ نەزىرىڭىز، ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن بېقىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلمۇ-ھىكمەت، مۇكەممەللىك ۋە گۈزەللىكتىن بىر كىشىلىك ھەسسىڭىزنى ئالغايسىز ۋە بۇ مۇقەددەس داغدام ئىسلام يولىدا مەڭگۈلۈك بەخىت- سائادىتىڭىزنى تاپقايسىز!.
dS1HA>c)O {ھېكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند-نەسىھەت ئالىدۇ.(269)} سۈرە بەقەرە.
e'mF1al {شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار.(190)} سۈرە ئال ئىمران.
S?v/diK ]J { ئى ئەقىل ئىگىلىرى! نىجات تېپىشىڭلار ئۈچۈن ﷲ دىن قورقۇڭلار.(100)} سۈرە مائىدە
SK}jhm"y {ئۇلارنىڭ قىسسىسىدىن ئەقىل ئىگىلىرى ئەلۋەتتە ئىبرەت ئالىدۇ. (قۇرئان) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس، لېكىن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان(ساماۋى) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر، ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر.(111)} سۈرە يۈسۈف
FG${w.e< {(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ساڭا نازىل قىلىنغان نەرسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئادەم (ھەقنى كۆرمەيدىغان دىلى) كور ئادەم بىلەن ئوخشاش بولامدۇ؟( ﷲ نىڭ ئايەتلىرىدىن) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا پەند-نەسىھەت ئالىدۇ.(19)}سۈرە رەئىد
Le#srr {كىشىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇلۇشى، ﷲ نىڭ بىر ئىكەنلىكىنى بىلىشلىرى، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن، بۇ (قۇرئان) تەبلىغدۇر(يەنى كىشىلەرگە تەبلىغ قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىندى) .(52)}سۈرە ئىبراھىم
6lzjaW5h {(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز-نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر.(29)} سۈرە ساد
cyNE} {سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا (يەنى تەقۋادار بەندىلىرىمگە) خۇش خەۋەر بەرگىن، ئەنە شۇلار ﷲ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر.(17)} سۈرە زۇمەر
|5flvkid { ئى ئىمان ئېيتقان ئەقىل ئىگىلىرى! ﷲ دىن قورقۇڭلار، ﷲ سىلەرگە قۇرئاننى نازىل قىلدى.(10)} سۈرە تالاق
T#*,ME7|m {روھ بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى-يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى،(7)(8)روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(9)نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ.(10)} سۈرە شەمس
!w7/G قېرىندىشىم، روھنى پاك قىلىشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بۇ گۈزەل جاۋاپنى ئاڭلاڭكى، سائادەتنىڭ ئۆزى شۇدۇر:
K qJE?caw روھنى پاكلاش- ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى سۆيۈش، ھەر ئىشتا ئىلىم-مەئەرىفەت، ھەق-ئادالەتنى چىقىش قىلىش، شۇنىڭ بىلەن ياخشىلىق ۋە مۇھەببەتنى بەرپا قىلىش دىمەكتۇر.
GkOk.9Y,5 قېرىندىشىم، سىزگە ئارنالغان دۇئالىرىمنى نامازلىرىمغا قالدۇرۇپ، ئىشبۇ رىسالىنى تاماملىماقچىمەن، ھەر تەرەپتىن ئاجىزلىقىمغا قارىماي، ئىلىمسىزلىكىمگە قارىماي بۇ ئۇلۇغ تېمىغا قەلەم تۇتۇپ قالدىم، بۇ يازمىنىڭ كۆپچىلىككە مەنپەئەتلىك بولىشى ئۈچۈن كۆپچىلىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ، ئىخلاسمەن ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ھىممەت-ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئاللاتائالانىڭ ۋەدىسى ھەقتۇركى:
feXo"J {بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز، ﷲ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.(69)} سۈرە ئەنكەبۇت
FKL4`GEm `GE8?UO- سەدەقاللاھۇلئازىم
A"r<$S6 Um/l{:S -ئابۇ ئابدۇللا دىلقۇت
RV]#Bg*[# YXo?(T.. ھىجىرىيە 1434 يىل 29-رەجەپتە قايتا تولۇقلاپ يېزىلدى.
ta95]|z"j