1-ئىيۇن بالىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە چۈشەنچە .

.

.بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرىمىز، بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن ھەممىلا يەر قاينام-تاشقىنلىققا تولۇپ كەتتى، تۆۋەندە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە قىسقىچە توختالماقچىمىز.
w'E&w)Z] 1939-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى گىتلىر گىرمانىيىسى تاجاۋۇزچىلىرى چىخىسلوۋاگىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا فاشىسىتلار ھۆكۈمرانلىغىغا قارشى تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى قىرغان بولۇپ شۇ چاغدا توققۇز ئوقۇغۇچى ئۆلتۈرۈلگەن، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تۇتۇلغان. 1940-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارقا-ئاقىدىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ پىراگا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەققانىي كۆرىشىگە مەدەت بەرگەن. 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كىيىن 1946-يىلى پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئوقۇغۇچىلىرى يىغىنىدا 11-ئاينىڭ 17-كۈننى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بايرىمى كۈنى قىلىش قارار قىلىنغان.
T9N][5 \ 1949-يىلى 11-ئايدا خەلقئارا دىموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى موسكۋادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئەمگەكچى ئاياللار ۋەكىللىرى جاھانگىرلارنىڭ بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان جىنايىتىنى پاش قىلغان، بالىلارنىڭ ھاياتلىق ھوقوقى، ساغلاملىق ھوقوقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاساسى ھوقوقلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى خەلىقئارا بالىلار قىلىپ بەلگىلىگەن.
tGv5pe*r 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرى ئىشلار كېڭىشى بۇيرۇق چىقىرىپ ھەر يىلى 1-ئىيۇن كۈنىنى ئېلىمىز بالىلىرىنىڭ بايرىمى قىلىشنى بەلگىلىگەن شۇنىڭدىن بۇيان بۇ كۈنى بالىلار ئۈچۈن ھەرقانداق ھېيت-بايرامدىنمۇ ئەھمىيەتلىك بىلىنىدىغان بىر كۈن بولۇپ قالدى، بۇ كۈندە ئاتا-ئانىلار مەخسۇس بالىلىرى ئۈچۈن بىر كۈنىنى ئاجرىتىپ، بالىلىرىنى باغچىلارغا ئېلىپ بارىدۇ، ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ياكى مەكتەپ ياكى ھەرخىل كۇرۇسلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ ئاتا-ئانىلىرىغا سوۋغا قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بالىلارنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ سەرخىللىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. بۈگۈن بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بارلىق بالىلارنىڭ جۈملىدىن، ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە ئازاب ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان، چەت-ياقا يېزىلاردا ئاچ-توق، يېرىم-يالىڭاچ يۈرىۋاتقان بالىلارنىڭمۇ بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز. بۇ كۈن پەقەت تىنچ-خاتىرجەم، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بالىلارنىڭلا ئەمەس، ھەممە بالىلارنىڭ بايرىمى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭمۇ بۇ بايرامدا خوشال-خورام ئويناش ھوقۇقى بار. بۇ كۈندىلا ئەمەس، ھەممە كۈندە بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى بەختىيارلىق ۋە غەم-غۇسىسىز مىنۇتلار بىلەن توشقۇزۇشقا ھەقلىق.
r&6X|2@ yh~*Kt]9Ya Q{FK_Mv< 1-ئىيۇن خەلقارا بالىلار بايرىمىنى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە ھەر يىلى ئاپرىلىنىڭ 4-يەكشەنبە كۈنى بولغان «دۇنيا بالىلار كۈنى»نىمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئورتاق ئۆتكۈزىلىدىغان بالىلار بايرىمىدىن سىرت ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆتكۈزىلىدىغان بالىلار بايرىمى كۈنىلىرىمۇ بار، بۇلار تۆرەندىكىچە:
;w0|ev6| 1-پايۇنىيە بىر يىلدا ئۈچ قېتىم بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ، يەنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى قىزلار بايرىمى، 5-ئاينىڭ5-كۈنى ئوغۇللار بايرىمى، 357 بايرىمى (يەنى 3 ياش، 5 ياش، 7 ياشلىق بالىلارغا بېغىشلانغان بايرام)
4h% G %>j 2-كولۇمبىيە : 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
x -CTMKX 3-بىرازىلىيە : 8-ئاينىڭ 15-كۈنى
iF0x>pvJ@ 4-كورىيە : 5-ئاينىڭ 5-كۈنى
cP8g.+ 5-شىۋىتسىيە : 8-ئاينىڭ 7-كۈنى
s}3g+T\l1w 6-رۇسىيە : 6-ئاينىڭ 1-كۈنى
B<^yT@Wc 7-ھىندىستان : 11-ئاينىڭ 14-كۈنى
\.!+'2!m 8-ئىسلام دۆلەتلىرى : رامزاننىڭ 14-كۈنى
`4GEq2% 9-سىنگاپور : 10-ئاينىڭ 1-كۈنى
!Q/ojQ 10-ئەنگىلىيە : 7-ئاينىڭ 14-كۈنى
@q(sig00nr 11-ھىندونىزىيە : 7-ئاينىڭ 23-كۈنى
TPE1}8p17 12-كوبا : 7-ئاينىڭ 6-كۈنى
([g[\c,H 13-تۈركىيە : 4-ئاينىڭ 23-كۈنى
3rdrNc 14- تايلاند : 1-ئاينىڭ ئىككىنچى شەنبىسى
'sII/sq`( W%&gvZre.