باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1029 
  •    ئىنكاس 
       1 

يەتتە قىزنىڭ ئىسمى !!!

قەۋەت ئاتلاش
uyunqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15846

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1174 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   118 (قېتم)
 تۆھپە:   117  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 30
 سائەت
دەرىجىسى:
30 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-05-30
ئاخــىرقىسى:2013-06-27
— بۇ يازما zulpikar تەرپىدىن يورۇتۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى (2013-05-31) —

يەتتە قىزلىرىم مازىرى ئۇچ تۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ مۆلجەر تاغ باغرىنىڭ شىمالى يان باغرىغا جايلاشقان بۇلۇپ ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى ياغاچ رېشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . تارىخى مەنبەلەردىن قارىغاندا چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى چىيەنلۇڭنىڭ 30 – يىللىرى ( مىلادى 1765 – يىلى ) زۇلۇمغا قارشى ئۇچتۇرپاندا يۇز بەرگەن ئاكا – ئۇكا رەخمەتۇللا ۋە ئەسمەتۇللا باشچىلىقىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى ( جىگدە يېغىلىقى ) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرەسىدۇر . n%7A;l!{  
U@1#!ZZ6  
,ivWVsN*]  
ئۇچتۇرپان دېھقانلىرى رەھمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە يىرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئىلىشىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ ۋە قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئىنقىلابچىلارنىڭ ئۇچتىن بىرى قىرغىن قىلىنىدۇ ، 10 مىڭدەك كىشى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ ، بارلىق بالايى ئاپەت يۇرتتا قالغان قىزلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ . ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭ ۋە ھاكىمبەگ ئابدۇللا ۋەكىللىكىدىكى مانجۇ ھۇكۇمرانلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۇستىدىن دەھشەتلىك يۇرگۇزۋاتقان زۇلۇمغا چىدىمىغان بىر تۇركۇم ئەر – ئايال ئاخىرى رەخمەتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخاننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ تاغ ، جىلغا ، ئۇرمانلىقلاردا يۇشۇرۇن چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىدۇ . مانا بۇ تارىختىكى مايسىخان جىڭى ئېيتىلىشچە بۇقىتىمقى جەڭ ئۇچ ئاي داۋام قىلىپ ، مايسىخان بىلەن غۇنچە قىز باشچىلىقىدىكى يەتتە نەپەر ئايال دۇشمەننىڭ قۇرشاۋىدا قىلىپ ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بىلىدۇ . كىيىن كىشىلەر بۇ يەتتە نەپەر قەھرىمان قىزلىرىمىزنىڭ خاتىرىسى ئۇچۇن مۇلجەر تىغىنىڭ غەربىي شىمالىغا يەتتە قىز مەقبەرىسىنى ياساتقان ئىكەن . CUAg{]  
\9&YV;Ct  
1942 – يىلى ئۇچتۇرپانغا ھاكىم بۇلۇپ تۇرغان لۇجى ( ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە قۇربان بۇلغان ) يازغان ئۇچتۇرپاندىكى ئاسارى – ئەتىقىلەر ۋە جۇڭگۇ – رۇسيە چىگرىسى تۇغرىسىدا ئىزاھات دىگەن ماقالىسىدە : يەتتە قىزىم مەقبەرىسى مۇسۇلمانچە ياسالغان ، ئۇستى يىپىقلىق ، بۇ مەقبەرنى ئۇيغۇرچە يەتتە قىزلىرىم دەپ ئاتايدۇ ، مەقبەرەنى بىر شەيىخ ساقلايدۇ ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر كىشلىرى كىلىپ مال ئۇلتۇرۇپ نەزىر بېرىدۇ . ئاياللار دۇئا تىلاۋەت قىلىپ يىغا – زارەnbsp قىلىشىدۇ ، بۇ ئۇچتۇرپاندىكى مۇھىم ئاسەر ئەتىقىلەرنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن .دىمەك يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى 20 – ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپكار ۋە زىيارەتگاھ بۇلۇپ كەلمەكتە ، بۇ تاۋاپكار ناھىيە دەرىجىلىك مۇھىم قۇغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكار ئورنى قىلىپ بىكىتىلگەن . PM#$H  
^sr:N5~z`  
يەتتە قىزنىڭ ئىسمى : مايسىخان ، غۇنچە قىز ، دىلبەر قىز ، زۇھرە گۇل ، قەمبەرنىسا ، گۇلئايىم ، ئەختەرنىسا . 8u7K$Q  
'@3a,pl  
يەتتە قىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن نۇچىسى يەنە مايسىخان . قەلەمىي ۋە ئەلەمىي ئىشلارغا ماھىرلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ھىچكىم يەتمەيدۇ . قايماقتەك سۇزلەپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىچ – باغرىنى مۇمىيادەك يۇمشىتىۋىتىدىغان غۇنچە قىز ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ زۇۋاندازلىرىدىن ، چىچەنلىك ۋە ھازىر جاۋاپلىقتا ئۇ ھەممىنى بىسىپ چۈشىدۇ . كۇپ ۋاقتىنى گۇزەل خىياللارنى سۇرۇش بىلەن ئۇتكۇزىدىغان ئۇيچان قىز دىلبەرنىڭ شائىرلىق ماھارىتىگە ھەممەيلەن تاڭ قالىدۇ . ئۇ ئۇيغا پاتقان چاغلىرىدا يىگىتلەرنىڭ كۇزىگە باشقىچە ئۇماق كۇرىنىپ كىتىدۇ .چىرايىدىن تاڭدىكى چۇلپاندەك نۇر تۇكۇلۇپ تۇردىغان زۇھرە گۇل تەققى – تۇرقى تۇپتۇز ئۇسكەن شەمشاتنى ئەسلىتىدىغان زىلۋا بۇيلۇق قەمبەرنىسا . بۇلاقتەك كۇزلىرى يىگىتلەرنى چۇكتۇرۇۋېتىشكە ئاران تۇرىدىغان شەھلا كۇزلۇك گۇل ئايىم ، دىللارنى چاڭ كەلتۇرۇپ ناخشا تۇۋلاپ تايچاقتەك قىيغىتىپ ئۇيناشقا ئادەتلەنگەن بۇيى ئۇسسىمۇ بالىلىق مىجەزى ئۇسمىگەن ئەركە قىز ئەختەرنىسالارنىڭمۇ ھەر بىرىنىڭ ئۇز ئارتۇقچىلىقلىرى بار
تېما تەستىقلىغۇچى : zulpikar
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-05-31, 18:16
 
sedef
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8312

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   136 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6708 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   670 (قېتم)
 تۆھپە:   670  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3471
 سائەت
دەرىجىسى:
3471 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-26
ئاخــىرقىسى:2013-07-26
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 05-31

مەقبەرىنىڭ ھازىرقى قوغدىلىش ئەھۋالى قانداقتۇ؟
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى