-
تىزىم نۇمۇرى:15846 -
- تىزىم ۋاقتى:2013-05-30
- ئاخىرقى كىرگىنى2013-06-27
- تور ۋاقتى:30سائەت
-
- تېمىسى9
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى0
- مۇنبەر پۇلى1174
- شۆھرىتى118
- تۆھپە117
- كۈمۈش تەڭگە118
- ياخشى باھا117
- بىلوگدوستلاشقورال
| — بۇ يازما zulpikar تەرپىدىن يورۇتۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى (2013-05-31) — | | | | - يىلى 11 –ئاينىڭ 4 – كۈنى ئەتىگەندە « تاڭ – تۇڭ » قىلغان ئوق ئاۋازى غۇلجا خەلقىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى . بۇ غېنى باتۇرنىڭ بىر نەچچە ئادىمى بىلەن توپىدەڭ تۈرمىسىدىكى پاتىخنىڭ خوتۇن بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا گومىنداڭچىلار بىلەن ئاشكارە توقۇنۇشقان كۈنى ئىدى . S>N/K ئەتىگەنلىك چېيىمنى ئىچىپلا توپىدەڭگە باردىم . بۇ مەھەللىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەر ئاز ئىدى . مەن بۇ يەردە ياتقان بىر قىرغىز ئايال بىلەن بىر ئاتنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپلا مەھەللىگە قېچىپ كىرىۋالدىم . ھەر ئىككىسى قورسىقى باداڭدەك كۆپكەن ھالەتتە ئۆلۈپ ياتاتتى . .0ExHcr مەھەللىمىزدە ئىمىنكام دەپ بىر كىشى بولىدىغان ، شۇ كىشى مېنى كۆرۈپ : w`a(285s)i - مەيەرگە كېلىڭە ئاسىبپاي ، – دەپ چاقىردى . n| [RXpAp3 - نەگە بېرىپ كەلدىڭىز ؟ s<`54o , - توپىدەڭگە . +1(L5Do} - نىمىنى كۆردىڭىز ؟ 5IfyD ]< بىر قىرغىز ئايال قورسىقى كۆپۈپ باداڭدەك بولۇپ يېتىپتۇ ، يەنە بىر ئات ….. r[votdFo كاچىتىمغا تەككەن بىر تەستەك بىلەن گېپىمنىمۇ يۇتېۋېتىپ مەڭدەپ قالدىم . k2t#O%_f - ئۆلگىڭىز كەلدىمۇ ؟ مۇندىن كېيىن چوڭلاردىن بىسوراق ئۇياقلارغا بارغۇچى بولماڭ ! {I"`( + + + [T>a}}@ شۇ يىللاردا ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى ( ھازىرقى ئىلى ئوبلاستلىق پوچتىخانىنىڭ ئۇدۇلىدا ) نىڭ ئىچىدە چوڭ بىر تۈرمە بار ئىدى . بىر كۈنى شۇ ياققا كېتىۋاتسام جالالىدىن يەھياروپ ئاكا ( 1944- يىلنىڭ بېشىدا تېرە ئىسكىلاتىدىن ئاجرىۋالدىم ، جالالىدىن ئاكىمۇ خىزمىتىدىن ئاجرىغان ئىدى ) ئۇچراپ قالدى . ئۇ : TLC&@o: - جۈرە …… ئەمدى بىز بىلەن بەيتۇلمال ( ئىگىسىز مال – مۈلۈكلەرنى يىغېۋېلىش ئورنىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى ) دا ئىشلەيسەن ، – دېگىنىچە مېنى ئەگەشتۈرۈپ ھېلىقى سودا ئىدارىسى ئىچىدىكى گومىنداڭچىلار چوڭ تۈرمەن قىلغان ھويلىغا باشلاپ كىردى . كېيىنچە راستىنلا بەيتۇلمالدا ئىشلەپ قالدىم . بەيتۇلمالغا كىرگەندە ئاۋال كۆزۈم ھويلىغا پەۋەس دۆۋىلىەۋەتكەن مالغا چۈشتى . بۇ قاچقان ، مۆككەن ، ئىگىسىز قالغان گومىنداڭچىلارنىڭ دەپنە – دۇنيالىرى ئىدى . باشقىلارنىڭ بۇلاپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن بەزى دۇكانلار پېچەتلەنگەن ئىدى . بولۇپمۇ شەرقىي شىمالدىن كەلگەن ئەجنەبىلەشكەن باي سودىگەرلەرنىڭ تاشلاپ قاچقان دۇكانلىرىدىكى كىيىملەرنى شۇ چاغدا ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئالاھىدە رەھبەرلىرىمۇ كىيەلمىەيتتى . مەن ئەنە شۇ يەردە ئىسكىلاتچىلىق قىلىپ كېچە – كۈندۈز ئىشلەيتتىم . مانا بۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى ئەمگەك مىۋىلىرىنى قولغان كەلتۈرىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى . fD:>cje مەن مۇشۇ ئىسكىلاتتا غېنى باتۇرنى كۆردۈم . شۇ چاغدا بىز گومىنداڭ بىلەن چېتىشلىقى بار بىر يارىدارنى ئىسكىلاتقا يوشۇرۇپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن غېنى باتۇردىن ناھايىتى سەت ھاقارەت ئاڭلىدۇق . كېيىن بەيتۇلمال سودا ئىدارىسىنىڭ تارمىقىغا ئۆتكۈزىۋېلىندى . شۇندىن باشلاپ بىر مەزگىل تاشلەپكە بازىرىدىكى مۇسابايوۋلارنىڭ سودا ئىدارىسىدا كاسسىر بولدۇم . ئايدۇرۇمدىكى « ھەربىي مەتلۇبات » ( ھەربىي رايونلارنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات پونكىتى ) پۈتكۈل ھەربىي تەمىنات يەنى يېمەك – ئىچمەك ، كىيىم – كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەش ، باشقۇرۇشنى دائىرە قىلغان ئىسكىلاتچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى . مەزكۈر ھەربىي مەتلۇبات قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ چوڭ ئىسكىلاتتا خىزمەت قىلدىم . ئورنۇم ئارقا سەپتە بولغاچ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمتىنىڭ رەھبەرلىرىنى پات – پات كۆرۈش نېسىپ بولمىسىمۇ يەنىلا شۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ياشايتتىم . بولۇپمۇ غېنى باتۇر مەندە ئالاھىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ئىدى . S`v+rQjW بۇ غېنى باتۇر خىزمەت كۆرسىتىپ ھەربىي سوتنىڭ باشلىقى بولغان چاغلار ئىدى . ئۇ چاغدا غېنى باتۇرنىڭ بىلىنوپ دېگەن بىر رۇس مۇئاۋىنى بار ئىدى . غېنى باتۇر رۇسلارنى « تۈگمەنچى » دەپ چاقىراتتى . بىر كۈنى غېنى ئىشخانىسىغا كىرىپ قارىسا تۆت تام قۇرۇق ، بىر ئۈستەل – ئورۇندۇق ۋە بىر چەينەك ھەم پىيالىلەردىن باشقا كۆزگە چېلىققۇدەك ھېچنىمە يوق تۇرغىدەك . 2ij/! - ھەي ، تۈگمەنچى نىمە قىلىۋاتىسەن ؟ X1GpLy)p - نىمە بولدى …. ئولتۇردى ، – دەپتۇ بىلىنوپ BMlu>, - ئىشخانىدا ئوغرى ئالغىدەك ھېچنىمە يوق تۇرسا تۆت تامنى بېقىپ ئولتۇرىۋېرەمسەن ؟ – دەپتۇ غېنى باتۇر تېخىمۇ كەيپى ئۇچۇپ . YLO/J2[' بىرگە يوق …… دەپتۇ بىلىنوپ ئۇيغۇرچىغا يامىداپ $GcVI;a غېنى باتۇر يوغان چاپىنىنى كىيگەچ كونا خۇيى بويىچە ئاغزىنى بۇزۇپ « ۋاي ، ******* ….. تۈگمەنچى ، نەرسە ئۆزى مېڭىپ كېلەتتىمۇ ؟ يوقنى بار قىلمامدۇق …» دېگىنىچە بىر نەچچە چاپارمەننى ئەگەشتۈرۈپ ، سەرخىل ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ ھەر تەرەپكە يول ئاپتۇ دە ، قەدىمى يەتكەنلىكى كومىتېت – ئىدارىلەرنىڭ كۆزگە چىرايلىق تاشلىنىدىغان نەرسىلىرىنى سورىماي ئالىۋېرىپتۇ …… ، ھايالسىز بىز ئۇنىڭ بىز تۇرۇۋاتقان « ھەربىي مەتلۇبات » قا قاراپ يول ئالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق . \XI9 +::% « مەتلۇبات » ئىمىزنىڭ باشلىقى سابىق سوۋېت ئىتتىقاقىدا ئوقۇپ مالىيەنى ئوقۇپ كەلگەن ئەسھەدۇللا ئىسىملىك ئۆزبېك ئادەم ئىدى . غېنىلار ئىسكىلاتىمىزغا كەلگىچە ئەسھەدۇللا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ بولدى . SSh=r - ھەي ، ئەسھەدۇللا ….. پاھ ، سەن مۇشۇنداق كاتتا ئىشخانىلاردا ئولتۇرىدىكەنسەن – ھە ! بىز جەڭ قىلىپ ، قۇربان بېرىپ ھەجەپ سەن كۆرگەن راھەتنى كۆرمىدۇققۇ ؟ – دەپ ھەيۋە قىلىپ ئۇنى بېرىسەن ، بۇنى بېرىسەن ، دەپ خالىغىنىنى سوراپ تۇرىۋالدى . ئەسھەدۇللا : oy?>e1Sy* - باتۇرۇم مەن خوش بولاي ، قېنىڭىزنى قىزىتماڭ …. قېنىڭىزنى قىزىتماڭ ، – دەپ يالۋۇرغىلى تۇردى . Edi`x5"l غېنى باتۇر يەنىلا گەپ يورغىلىتىپ : :Ky*AI - بىز دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ ، سەن خەققە مۇشۇ يەرلەرنى ئازاد قىلىپ بەردۇق . سەن خەق نىمە ئىش قىلىشتىڭ ؟ سەنلەر ھەممە نەرسىدىن خالىغانچە پايدىلىسەنۇ ، ئەجىبا بىز !…… دېگىنىچە ماڭە ھۆركىرىدى ، – ماڭە ، ئىسكىلاتىڭنى ئېچىپ دېگىنىمدىن ئېلىپ بەر !…. Q'mLwD3> ئەمەلىليەتتىمۇ غېنى باتۇر ئۈچ ۋىلايەت ئىنىلابىينىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ئاجايىپ زور ئىدى . خەلق ئىچىدىمۇ « غېنى باتۇر ئۇرۇشقا كىرسە ئوق ئۆتمەيدىكەن ، كەچقۇرۇن چاپىنىنى سالسا ئوقلار توكۇرلاپ چۈشىدىكەن !» دېگەندەك ئەپسانىۋىي ھېكايىلەر كۆپ ئىدى . بىز شۇ قېتىمقى جىدەلدە غېىنى باتۇرغا نائىلاج قىسمەن مەنقۇلاتلاردىن بېرىپ قۇتۇلغان بولدۇق . ju= +!nGUa ئىلگىرى تېرە زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان چېغىمدا بىزنى تەشكىللىك ئېلىپ بارىدىغان گومىنداڭنىڭ يىغىنلىرىدا ۋىجىك ، ئورۇق كەلگەن ئابدۇكېرىم ئابباسوپنىڭ تەرجىمانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆرگەن بولسام ، مانا ئەمدى ئىسكىلاتچىلىقنىڭ راپاۋىتىدە ئۇنىڭ بىلەن قېرىنداش ئاكا – ئۇكىلاردەك يېقىن بولۇپ كەتتىم . ئۇ پوزۇر ياسىنىپ مەدەنىي يۈرۈشكە بۆلەكچە ئامراق بولغاچ ھەر قېتىم بىز تەرەپكە كەلسە ماڭا : *~0Ko{Avc -ۋاي ، جېنىم ئۇكام ، سادىغاڭ كېتەي ئۇكام ….. دېگەندەك تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ئىسكىلاتتىكى سەرخىل خۇرۇم كىيىم – كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىپ كېتەتتى . 4\6-sL?rW X%>Sio ئىنقىلاب رەھبىرى يىتىملارنىڭ غەمگۈزارى uDZ$'a - ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئۇچرىشىش SB3=5"q xq2,S گومىنداڭغا قارشى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىلى دارىلتام ( يىتىم بالىلارنى بېقىش ، تەربىيەلەش ئورنى ) ۋە ئىلى دارىلئاجىزىن ( ياشانغانلارنى بېقىش ئورنى ) قۇرۇلدى . ( ئورنى ھازىرقى دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چوڭ قورۇ ئىچىدە ئىدى ) |4F3Gu 49 – ، 50 – يىللىرى مەن شۇ دارىلتامدا تەربىيىچى بولۇپ ئىشلىدىم . يېڭىلا قۇرۇلغان ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر بولسىمۇ ، دارىلتام قۇرۇلۇشىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلدى . ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ، جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم تەرەققىپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقى ھەم قوللاپ يار – يۆلەك بولۇشى بىلەن دارىلتامدىكى يېتىم – يېسىرلار جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم ئائىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ ياخشىراق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولدى . P=j89-e دارىلتامدىكى بالىلار بەش ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان جەمىئىيەتتىكى يېتىم – يېسىرلار ۋ ھەربىيلەرنىڭ ئىنقىلابتا يېتىم قالغان پەرزەنتلىرى ئىدى . ئۇلار ناھىيە ، يېزا ۋە مەھەللىلەردىن ئاساسىي قاتلاملارنىڭ تونۇشتۇرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرى ئورگانلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، تەربىيلىنىپ ، يېشى توشقانلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىناتتى . دارىلتامنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يېرىم ھەربىيلەشكەن تۈزۈم بولۇپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمىناتى ، شارائىتىمۇ ھەربىيلەر ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئىمتىيازلارغا لايىقلاشقان ئىدى . #''q :^EQ ھەر كۈنى ئەتتىگەن تاماقتىن كېيىن بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتكەنلىرى بىرخىل ، رەتلىك ، كىيىملىرى بىلەن سەپكە تىزىلىپ كوماندا بېرىلىش بىلەن تەڭ مەشىققە دەسسەپ ( مەكتىپى سىرتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ) دارىلتام دەرۋازىسىدىن چىقىپ ، كېيىن كوماندا بويىچە سىنىپلارغا بۆلۈنۈپ كېتەتتى . دەرستىن چۈشكەندىمۇ شۇ بويىچە ياتاقلىرىغا تارقىلاتتى ياكى مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە ماشىنىچىلىق ، ياغاچچىلىق ، سېستىرالىق ، تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ باراتتى . ئىختىيارى دەم ئېلىش پائالىيەتلىرىن ئېلىپ باراتتى . بەزىدە شۇ ئەتراپتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزەتتى . گەرچە بالىلارنىڭ تامىقى ، كىيىم – كېچىكى مۇنتىزىم ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭكىدەك يېتەرلىك بولسىمۇ يېتىم – يېسىرلار ئوقۇيدىغان سىنىپ ، پارتا مەسىلىلىرى دارىلتامنىڭ بىرلا ياتاق بىناسى بولغانلىقى ئۈچۈن تولۇق ھەل بولمىغان ئىدى . بۇ قىيىنچىلىقلار ئاخىرى يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى « مۇرات مەكتەپ » ( ھازىرقى 19- باشلانغۇچ مەكتەپ ) نىڭ مۇدىرى قۇربانجان نىزام ۋە مەكتەپتىكى بالىق ئوقۇتقۇچى يولداشلارنىڭ ، مەكتەپ ئاتىلار كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن ھەل قىلىندى . يەنە ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي قىسىمدىكى تۇرسۇن ۋاھىدى بىەن پىراپورچىك تۇرسۇن دەريا ئۆزلۈكىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كېلىپ بالىلارغا تەنتەربىيە مەشىقلىرىنى ئۈگىتەتتى . A?q9(n|A" پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئىبراھىم ئەپەندى ( ئىبراھىم ماشىنىچى ) بالىلارغا سەنئەت نومۇرلىرى ۋە بىر قىسىم سېرىك نومۇرلىرىنى ئۈگىتەتتى . ھېيت – بايرام ، خاتىرە كۈنلىرىدىكى كونسېرت كېچىلىكلىرىگە قاتناشتۇراتتى ، يېتەكچىلىك قىلاتتى . بۇندىن باشقا خەلق ئىچىدىكى تەرەققىپەرۋەر كىشىلەردىن ئۇلارغا خەير – ئېھسان ئورنىدا قوي ، كالا ، گۈرۈچ ، ماي ، نەق پۇل ، توپ – توپ رەخت ، كىيىم – كېچەكلەر كېلىپ تۇراتتى . N1LZ XXY{ كېيىنكى يىللاردا ئوغۇللارغا سۈپىتى ياخشى ئاق رەخىتتىن بىر يۈرۈش قىلىپ ماتروسچە كىيىم ، بېشىغا زەر يىپ بىلەن خەت يېزىلغان ماتروس شەپكىسى ، قىزلارغا كوپتا – يوپكا ۋە ئوخشاش قىلىپ باش كىيىم تىكتۈرۈپ بېرىلدى . بالىلار بۇ كىيىملەرنى كېيىپ تىزىلىپ ماڭسا ھەممىنىڭ زوقىنى قوزغايتتى . ET&Q}UO E ھېيىت – بايرام كۈنلىرى دارىلتامدىكى بالىلار تېخىمۇ جانلىنىپ كېتەتتى . بەك ئەتىگەن تۇرۇپ تەق بولۇشاتتى . چۈنكى بۇ كۈنى شەپقەتچى ئاتىسى ئەخمەتجان قاسىمى كېلەتتى . ئۇ بالىلارنى ئەركىلىتىپ ئۇلار بىلەن قىزغىن مۇڭدىشىپ كېتەتتى ۋە ئۇلاردىن « بالام ، سەن چوڭ بولغاندا نىمە ئىش قىلىسەن ؟ دوختۇر بولامسەن ؟ ئېنژىنىر بولامسەن ؟ ياكى ليۇدچىك بولۇپ ئايرۇپىلان ھەيدەمسەن ؟ سەنچۇ ؟ تانكا ھەيدەمسەن ؟ ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇپ بالىلارنى ئوقۇتامسەن ؟ » دەپ سورايتتى . بالىلار بەس – بەستە چۇرقىرىشىپ جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن ، « ھوي – ھوي ، مانا – مانا بىزدىن تېخى ھەربىي ئالىملارمۇ ، مۇتەخەسىسلەرمۇ ، گېنېراللارمۇ چىقىدىكەن تېخى !.. » دەپ كىچىك بالىلاردەك خوش بولۇپ كېتەتتى . كەلگۈسىنىڭ ھەر بىر ئىستىقباللىق ئەزىمەتلىرىدىن ھېسابسىز ئۇمىتلەرنى كۈتەتتى . *1Lkde@|{ 1949 – يىلى ياز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كەچقۇرۇنلۇقى كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت بولۇپ ، قىزغۇچ شەپەق نۇرى ۋە ئوچۇق ھاۋا ، سالقىن شامال جانغا ھوزۇر بېغىشلايتتى . دارىلتامنىڭ دەرۋازىسىدىن بىلىم يۇرتىنىڭ ئارغىماق ئېتى قوشۇلغان تىراشبانكا ھارۋىسىدا چىراىىدىن خۇش تەبەسسۇم تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئۈچ كىشى كىرىپ كەلدى . ھارۋىكەش بېشىغا ئالما چېچىكى گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا كەيگەن كىشى ئىدى . مېھامانلار ھارۋىدىن چۈشۈپ ئاتنى باغلايدىغان چاغدا ھارۋىكەش بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ھارۋىغا قېتىلغان ئاتنى « مەن باغلاي » دېسە ، « مەن باغلاي » دەپ تالاش – تارتىش بولۇپ كەتتى . گۈللۈك دۇخاۋا دوپپىلىق كىشى « ھارۋىكەش ئۆزى باغلايدۇ » دېسە ، مەن « ساھىپخان مېھماننىڭ ئېتىنى ئالىدۇ » دەپ تالىشاتتىم . توغرىسى ئاتنى ساھىپخانغا باغلىتىش ھېچقانچە ئوڭايسىزلانغىدەك ئىش بولمىسىمۇ يارىشىملىق گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا كىيگەن بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ چىرايىدىن ئېتىنى دارىلتامدىكى مېھنەتكەش تەربىيەچىلەرگە باغلىتىش سەل ئەدەپسىزلىكتەك بىلىنىۋاتقانلىقى سېزىلىپ تۇراتتى . ئۇنداقتا ساھىپخاننىمۇ تەڭقىسلىقتا قويۇپ قويىۋاتقان بۇ گۈللۈك دۇخاۋا دوپپىلىق ئادەم كىم ؟ ئۇ مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دېدارلىشىشقا تەقاززا بولىۋاتقان سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى ئىدى . JERWz~n} ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق مېھمانلار بالىلارنىڭ ياتاقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى . ئۇلار كىشىنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ ، ئامراقلىقىنى كەلتۈرگىدەك پاكىزە ، رەتلىك ياتاقلارنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ ، سۆيۈنۈپ كېتىشتى . بالىلار ھويلىدا تاماق يەۋاتقاندا ، ئەخمەتجان قاسىمى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار بىلەن خالىراق يەردە سۆھبەتتە بولدۇق . `+!GoXI ئەخمەتجان قاسىمى دارىلتامنىڭ باشلىقى قاسىم مۇسايوفتىن : بېشىدا چاقىسى بار بالىلارنىڭ يارىسىنى قانداق داۋالاۋاتىسىلەر ؟ – دەپ سورىدى . )7e[o8O_6 - ئۆزىمىزنىڭ دوختۇرى بىر خىل يەرلىك دورىنى بالىلارنىڭ بېشىغا سۈركەپ داكا بىلەن ئوراپ تېڭىپ ، ھەپتە ئۆتكەندە ئالماشتۇرۇپ داۋالاۋاتىدۇ . ئۈنۇمى يامان ئەمەس ، – دەپ جاۋاپ بەردى قاسىم مۇسايوف . ZjE!?'(ef - بايقاڭلار ، دورا بالىلارنىڭ « كۆز » ئىگە دەخلى قىلمىسۇن يەنە ! – دېدى ئابباسوف ، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى . ئابدۇكېرىم ئابباسوف گەپ ئارىلىقىدا سۆزنى ماھىرلىق بىلەن چاقچاققا بۇراپ ، ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ سەل – پەل قىيسىقراق بىر كۆزىنى چېقىۋالغان ئىدى . ?\QEK - راست بايقاڭلار « كىچىك بالا » ئەمەسمۇ ، « قولى » بىلەن تاتىلىۋەتمىسۇن !… دېدى ھازىر جاۋاپلىق بىلەن ئەخمەتجان ئەپەندى . توغرىسى بۇ چاقچاقمۇ « بىر قاققا بىر قاق » دېگەندەك دەل جايىغا تەككەن ئىدى . ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق . ئەخمەت ئەپەندىم ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ياشتا كىچىكلىكىنى « كىچىك بالا » غا ، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەيىبناق بارمىقىنى شۇ « كىچىك بالا » نىڭ جىم تۇرماس « قولى » غا ئوخشىتىپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش مەقسىدىگە يەتكەن ئىدى . بىردەم يېرىمدەم ئەنە شۇنداق ئىلمىي ئەمما قىزىق چاقچاقلار بولۇپ ئۆتتى . ئەخمەت ئەپەندىم قايتىدىغان چاغدا مېنىڭ قولۇمغا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ سوملۇق قەغەز پۇلىدىن يۈز پارچىنى ( پېچەتلەنگەن ) تۇتقۇزدى : n%Vt r - ئەتە ھېيت ئىكەن . مېنىڭ مۇھىم ئىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارنى يوقلاپ كېلەلمەيدىغان ئوخشايمەن . بۇ مېنىڭ بالىلارغا ھېيتلىقىم بولسۇن تارقىتىپ بېرەرسىزلەر !…. دېدى . axl!zu* بىز بىرقانچە بالىلار بىلەن ئەخمەت ئەپەندىملەرنى ئۇزۇتۇپ دەرۋازا تۈۋىگە چىقتۇق . بۇ كۈننىڭ قاندەك قىزارغان ھاياجانلىق پەيتى ئىدى . تىراشبانكا ھارۋا ئەخمەت ئەپەندىملەرنى ئېلىپ بىردەملىك قىزغىن سۆھبەتلەرنى مەڭگۈ ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھېكايىگە ئايلاندۇرپ ئۇزاپ كەتتى . بىز دەرۋازا ئالدىدا ئەخمەت ئەپەندىملەر يەنە قاچان كېلەر دېگەنلەرنى كۆڭلىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ ، خېلى ئۇزۇنلارغىچە ئۇلار ئۇزاپ كەتكەن يولغا ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ تۇردۇق . 2/9P&c-r | |