-
تىزىم نۇمۇرى:10740 -
- تىزىم ۋاقتى:2012-08-08
- ئاخىرقى كىرگىنى2013-08-15
- تور ۋاقتى:445سائەت
-
- تېمىسى34
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى0
- مۇنبەر پۇلى2151
- شۆھرىتى216
- تۆھپە216
- كۈمۈش تەڭگە220
- ياخشى باھا220
- بىلوگدوستلاشقورال
| | | | | 9 %4:eTcp ماتىتەي ۋە ئانارخان پاجىئەسى 7<;oz30G!L Pap6JR{7 ئىمىر ھۆسىيىن قازىھاجىم `w\P- q Q]/%Y[%| كىرىش سۆزى k-=LD ]{\ttb%GX مىلادىيە 1911 - يىلى شۈن جۇڭشەن جانابلىرى رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن مەملىكىتىمىزدە پادىشاھلىق تۈزۈمى ئاخىرلىشىپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى بولغان يۈەن داخۇا 1912 - يىل 6 - ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، ئورنىنى ياڭ زىڭشىنغا بوشاتتى. ئۇ ، 1914 - يىلى مافۇشىڭنى قەشقەرگە تىتەي قىلىپ بەلگىلىدى. مافۇشىڭنىڭ قەشقەرگە تىتەي قىلىپ تەيىنلىنىشىدىكى سەۋەبلەر بىر قانچە تۈرلۈك بولۇپ ، ئاسالىقى شۇكى ، ئۇ ياڭ زىڭشىن بىلەن يۇرتداش ، ئۇنىڭدىن قالسا ، ياڭ زېڭشىننىڭ شىنجاڭنىڭ باش ھەربىي - مەمۇرىي ئەمەلدار بولۇشىغا مافۇشىڭ ئۈچۈرۈمچىدە تۇرۇپ تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ ، جامائەت پىكرى تەييارلاپ ئاكتىپ خىزمەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، ياڭ زىڭشىننىڭ قارىشىشىچە ، ما فۇشىڭ ۋەزىيەتكە قىزىقمايدىغان سىياسىي كور، كونىلىققا مەھكەم ئېسىلىۋالدىغان قالاق، بىلىمسىز ۋە نادان خاراكتېرلىك شەخسىيەتچى ئادەم ئىدى. ; s/<wx-C ئاڭلىشىمچە ، مافۇشىڭ يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ خۇاپىڭ ناھىيىسىىدىن بولۇپ ، 1866 - يىلى خۇيزۇ دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ، بالا ۋاقتىدا چامباشچىلىق ماھارىتى ئۆگىنىپ، يۈننەندە تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېر بولغان، كېيىن خېنەن ئۆلكىسىنىڭ مەسلىھەتچى سانغۇنلىقىغا تەيىنلەنگەن ۋە گۇناھ ئۆتكۈزۈپ شىنجاڭغا پالانغان . ما فۇشىڭنىڭ 1914 - يىلىدىن 1924 - يىلىغىچە بولغان 10 يىل جەريانىدا ، قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلىقىغە سالغان زۇلۇملىرى توغرىسىدا ئۆز دەۋرىدىكى قەشقەر خەلىقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تارىخىي خاتىرىلەر قالغان. كىشىلەر ئۇنى 《يۈننەن ما تىتەي》 دەپ ئاتاشقان. uI/wR! مەن بۇ ئەسەرگە كىرگۈزگەن تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ بىر قىسىمىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ، بىر قىسمىنى ئاشۇ تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ۋە شېڭ شىسەي دەۋرىدە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك ئـۇيـغـۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، يېڭىشەھەر قىچچىلىق مۇھەممەتبەگ دېگەن كىشى تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن. ما تىتەي ئوردىسىنىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەن ئانارقىزنىڭ پاجىئەسىنى ئۆز ۋاقتىدا ما تىتەي ئوردىسىدا خىزمەت قىلغان ، ھازىر قەشقەر شەھىرى ئەبرىشىمكا كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق كىيىم تىككۈچى كېرەم مەككە دېگەن كاسىپنىڭ سىڭلىسىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ، تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرغان ئىدىم، بۇ ۋاقىت 1929 - 1931 - يىللار ئىدى. بۇ ئەسەردە بايان قىلىنغان تارىخىي ۋەقە ۋە كەمىنە مۇئەللىپ تۈزۈپ ، كىرگۈزۈلگەن نەزملەرەد يېتەرسىزلىك ھېس قىلىنغان مەزمۇنلار بولسا، جامائەتنىڭ ئەپۇ نەزىرىدە تولۇقلاپ كېتىشىنى سورايمەن. r.\L@Y< u6ULk<<\ بىرىنچى باب ما فۇشىڭنىڭ قەشقەرگە تىتەي بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى ۋە مەنسەپكە ئولتۇلغانلىقىنىڭ بايانى }r5yAE Z%qtAPd مىلادىيە 1914 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى ياڭ زېڭشىن ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان خۇيزۇ باتالىيون باشلىقى ما فۇشىڭ ئىسىملىك كىسىنى چاقىرتىپ ، ئۇنى قەشقەر ۋىلايىتىگە تىتەي قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئاندىن ما فۇشىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسىي قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ، مۇشۇ بويىچە ئىش كۆرۈشىنى قاتتىق جېكىلەپ، ئۇنى قەشقەرگە يولغا سالغان. lFyDH{! مافۇشىڭ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، چېڭسەن دارىن دېگەن كىشىدىن تىتەيلىك تامغىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، رەسمىي تىتەيلىك مەنسىپى بىلەن يېڭىشەھەردىكى ئوردىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۆزىگە قاراشلىق ھەربىي قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كىيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق سىياسىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى ، قەشقەردە تۇرۇشلۇق چاررۇسىيە ، ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى چاقىرىپ، كاتتا زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالدى. ئۇ ، زىياپەتتە سۆز قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن قەشقەرگە 《تىتەي 》 لىككە بەلگىلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى سىياسىي كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىپ ، بۇرۇنقىلار ماڭغان يولدا ماڭىدىغانلىقى ، ياڭ زېڭشىننىڭ سىياسىتىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ توختىلىپ ئۆتتى. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ماتىتەي قەشقەر شەھىرىدىن نوپۇزلۇق ئاخۇن، ئىشان، باي، سودىگەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى باشلىقلىرىنى يېڭىشەھەردىكى ئوردىسىغا چايغا چاقىردى ۋە كاتتا زىياپەت بەردى. ما تىتەي خۇيزۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە بېشىغا ئاق داكا سەللەپ يۆگەپ ، ئۇچىسىغا قەدىمكى ئۇزۇن چاپوزە كەڭرى چاپان، پۇتىغا مەسە - كالاچ كىيىپ، يەنە سەككىز نەپەر مۇھاپىزەتچىگە سەللە ئوراتقۇزۇپ ۋە ئۇلارنى قوراللاندۇرۇپ ، زىياپەتتىكى كىشىلەر ئالدىغا 《ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم》 دەپ كىرىپ كەلدى. ئۇ، قەشقەر شەھىرىدىن چىققان ئاخۇنلار بىلەن قول بېرىپ كۆرۈشتى، ئارقىدىن باي ، سودىگەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ چىقىپ، كۆپچىلىككە قاراپ: 《ئارىڭىزلاردا قارىي بولسا قۇرئان تىلاۋەت قىلسۇن》 دېدى. ئاپپاق خوجا جامەسىنىڭ قارىيىسى مىرزا قارىي يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قىرائەت قىلغاندىن كېيىن ، ما تىتەي ئورنىدىن تۇرۇپ ئاخۇنلاردىن دۇئا ئالدى. njaMI8|Pa -- ھەربىرلىرىگە ئۆلكە باشلىقى ياڭ دارىن جياڭجۈن جانابلىرىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن ھەربىرلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى سوراپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، - دېدى ما تىتەي مېھمانلارغا قاراپ، - مېنىڭ ئىسمىم يۈننەن ما فۇشىڭ ، ئەرەبچە ئېيتقاندا مۇھەممەد يۈنۈس ، مىللىتىم خۇيزۇ ، ئىسلام دىنىدىكى ھەنەپىل مەزھىبىدە ، چوڭ مەسچىت خۇيزۇ ئېتىقادچىلىرىدىن بولىمەن . ئۇلۇغ ئىلتىپاتلىق ياڭ جياڭجۈن دارىن جانابلىرى مېنى ھەربىر پۇقرا - خەلىقنىڭ تىنىچلىق ئىچىدە تۇرمۇشلىرىنىڭ پاراغەتتە ئۆتۈشى ئۈچۈن خىزمەتكە ئەۋەتتى. jfY7ich ماتىتەي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: !B}9gT -- قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قايسى رايونىدىكى دوتەي ، شەنگەنلەر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان بولسا، ئېغىر ئالۋان - ياساق سالسا ، ساڭلاردىكى ئاشلىقلارغا خىيانەت قىلدىغان بولسا ، سىلەر ئۆز ۋاقتىدا كېلىپ ماڭا ئەھۋالنى ئېيتىپ قويۇڭلار . ھەممە ئىشنى ئادالەت بىلەن سورايمەن. قىمارۋازلىق، پاھىشىۋازلىق، پارىخوزلۇق، مۇشتۇمزورلۇق ئىشلارغا يول قويمايمەن؛ ئەپيۇن ، نەشە چەككۈچىلەرنى قاتتىق جازالايمەن. Mz(Vf1pi% زىياپەت زالىدا ئولتۇرغانلار بىردەك : 《ئۇلۇغ ئىلتىپاتلىق جياڭجۈن دارىننىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن، دۆلەت - ھۆرمىتى زىيادە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۆمرى ئۇزاق ، ئىقباللىرى يۇقىرى بولسۇن》 دەپ توۋلىشىپ ، مۇبارەكلەش تەنتەنىسى باشلىنىپ كەتتى. zl|z4j'Irc ما تىتەي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە شۇنداق دېدى: #4msBax4 -- مەن ئۈچ خىل ئىشنى قىلماقچىمەن. بىرىنچى ،مەسچىت ياسايمەن، ئىككىنچى، كۆۋرۈك سالىمەن، ئۈچىنچى ، چۆل - باياۋان ، بىنەم يەرلەرگە دەرەخ تىكىپ ، پۇقرالارغا ئاسان بولۇش ئۈچۈن تۈگمەن - سوقىلارنى قۇرۇپ چىقىمەن. "0P`=n بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان يۇقىرى ئەمەللىك ئالۋان - ياساق چاپقۇچىلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ : 《بىزلەر ھەممىمىز ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇلۇغ دانا ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەمدە بولىمىز》 دەپ ۋەدە قىلىشتى. 3S:Lce'f سۆز تۈگىگەندىن كېيىن كەڭرى داستىخان سېلىنىپ، قۇيماق بىلەن چاي قويۇلۇپ، ھەر خىل يېمەكلىك بىلەن زىياپەت بېرىلدى. زىياپەت ئاخىرىدا ئاخۇنۇملارغا بىر قىشتىن قارىچاي، بايلارغا بىر كىيىملىكتىن ماسكا تاۋار رەخت قويۇلدى. No'?8 +i زىياپەت ئاخىرلاشقاندا ، ما تىتەي : 《مەن بۇ ھەپتە ئاپپاق خوجا مازىرى بىلەن ھېيتگاھ جامەسىنى كۆرۈپ چىقىمەن》 دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان قەشقەردىكى كاتتا باي -- ئۆمەرباي دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ : 《مېنىڭ ئۆيۈم ئاپپاق خوجامغا بارىدىغان يول ئۈستىدە . شۇڭا، جانابلىرىغا مالال كەلمىسە ، ئۆيۈمگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئۆتسىلە ، كۆپ خۇرسەن بولار ئىدىم》 دەپ ماتىتەينى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زىياپەت ئاخىرلىشىپ مېھمانلار ئۇزاپ چىقتى. go uU مېھمانلار يېڭىشەھەردىن يانغۇچە ئۆزئارا : 《 ماتىتەي ناھايىتى ياخشى مەنسەپدار ئىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىگە مۇشۇنداق ئەمەلدارنىڭ كېلىشى ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى》 دېيىشىپ ، خۇشال ھالدا قەشقەر شەھىرىگە قايتىپ كىرىشتى. v3I^81 يېڭىشەھەر تىتەي ئوردىسىدىكى زىياپەتتىن قايتقان قەشقەر شەھىرىدىكى يۇقىرى قاتلام ھەر ساھە كىشىلىرى ما تىتەينىڭ قەشقەر شەھىرىگە كىرىشىنى كۈتۈپ تۇرىدىغان بولدى. ئارىدا بەش كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ما تىتەينىڭ ئاپپاق خوجا مازىرىغا كېلىش خەۋىرى ئاڭلاندى. بارلىق باي، سودىگەرلەر ، ئاخۇنلار ئۆمەرباينىڭ چايخانىسىغا يىغىلىپ مەسلىھەتلىشىپ ، ماتىتەينى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، قىزىل دەرياسىنىڭ بويىدىكى 《سەككىز تاش》 دېگەن يەرگە كېلىپ ، ماتىتەينىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. بىر ھازادىن كېيىن، ما تىتەي نۇرغۇن ھەربىي قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھىمايىسىدە كاناي چېلىپ ، جاراڭ - جۇرۇڭ ئاۋاز بىلەن سېرىق ماكازا تاۋار چاپان كىيگەن ھالدا تەيفۇنجا(بىخەتەر قومۇش مەپە) مەپىدە ئولتۇرۇپ يېتىپ كەلدى. باي ، ئاخۇنلار ماتىتەينىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام قىلىپ ، ھۆرمەت بىلدۈرگەن ھالدا ، بىرلىكتە قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ ، ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا توختىدى. aixX/se ما تىتەي باشلىق بارلىق كىشىلەر ھېيتگاھ جامەسىگە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بولغاندا ، ما تىتەي ئۆمەربايدىن : 《 بۇ جامەنى كىم ياسىغان؟》 دەپ سورىدى. ئۆمەرباي ھېيتگاھ جامەسىنىڭ بىر قانچە قېتىملىق ياسىلىش تارىخىنى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، ما تىتەي : 《بۇ جامەنىڭ ياسىلىشىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. مەن يېڭىشەھەردىمۇ چوڭ جامەدىن بىرنى ياسىتىمەن》 دېگەندە ، ئەتراپىدا تۇرغان باي - ئاخۇنلار ما تىتەينىڭ سۆزىنى قۇۋۋەتلەپ ، 《بىزمۇ ياردەم قىلىمىز》 دەپ ۋەدە بېرىشكەن بولدى. z~cW, ما تىتەي ھېيتگاھ جامەسىدىن يېنىپ ئاپپاق خوجا مازىرىغا راۋان بولدى. ئاپپاق خوجا مازىرىغا بارغاندا ، مازار قارىغۇچىسىغا ئىشىكنى ئاچقۇزۇپ ، مازار ئىچىدىكى قەبرىلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، مازار شەيخلىرى بىلەن مازاردىكى تىلەمچىلگەرگە 50 سەر داچەننى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ قايتتى. `t~jHe4!Y ماتىتەي ئاپپاق خوجا مازىرىدىن قايتىپ، يول ئۈستىدە ئۆمەر باينىڭ نەزەرباغدىكى تۈمەن دەريا بويىغا سېلىنغان باغ ھويلىسىغا كېلىپ چۈشتى. ما تىتەي ئۆمەرباينىڭ باغ ھويلا گۈلزارلىقىنى ئايلىنىپ چىقتى. ئۆمەرباي باشلىق قەشقەر شەھىرىدىكى بارلىق بايلار، ئاخۇنلار ما تىتەينىڭ شەنىگە كاتتا زىياپەت ئۇيۇشتۇردى. ما تىتەي كېتەر ۋاقتىدا ئۆمەرباي 15 پارچە چوڭ قىزىل گۈللۈك خوتەن گېلىمى ، 100 جۈپ بېيجىڭ خەيۋەن چىنىسى قاتارلىق ئېسىل بۇيۇملارنى ماتىتەيگە سوۋغا قىلدى. #Vq9 =Q2 Lnr9*dm6q ئىككىنچى باب ماتىتەينىڭ ئوردا - راۋاق سالدۇرغانلىقى ۋە سوخو قەلئەسىنى بىنا قىلدۇرغانلىقىنىڭ بايانى !GqFX+!Ju /T w{JO#Q ماتىتەي بارلىق مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ ، بۇ ئورۇنلارغا ئۆزىگە سادىق، ئىشەنچلىك ئادەملەرنى بەلگىلىپ، بۇرۇنقى ئەمەلدارلارنى ئورنىدىن ئېلىپ تاشلىدى. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەربىر ئورۇنغا يېڭىدىن ئەمەلدار تەيىنلىدى. بۇلار بەگ، يۈز بېشى ، پاششاپ، چەكادە (ئامانلىق - تازىلىق خادىمى) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى. مەسىلەن، شاپى موللا، فەن لۇڭگەن ، لۇ شىجاڭ ، نۇجيا ، ما پىلاڭ، ھاۋاخان بەگ … قاتارلىقلار. ئۇلار ئالدى بىلەن يېڭىشەھەر ئەتراپىدىك خۇيزۇ دېھقانلارنىڭ مال - مۈلۈكىنى 《دارىنغا لازىم》 دەپ تارتىپ ئالدى. بۇندىن باشقا ، دېھقان - چارۋىچىلارغا ئالۋان - ياساق قويدى، بېرەلمىگەنلەرنى ئۇرۇپ قامىدى. ئېغىر ئالۋان - ياساق دەستىدىن نۇرغۇنلىغان كەمبەغەللەر ئۆي - ماكانىنى تاشلاپ، ياقا يۇرتلارغا قېچىپ كەتتى. بەزى قېرى، مېيىپ كىشىلەرنىڭ ئالۋان - سېلىققا بەرگۈدەك ھېچ نەرسىسى قالمىغاچقا ، نارەسىدە قىز - ئوغۇللىرىنى ھىندىستانلىق جازانىخورلارغا سېتىپ، ئالۋان - سېلىقنى تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. بۇ كشىلەرنىڭ بالىلىرىنى سېتىۋالغانلاردىن قەشقەر كونىشەھەر بورا خىلتاي(ھازىرقى بۇلاقسۇ يېزىسى) رايونىدا بىر قانچە ھىندى خازانىخور بولۇپ، بۇلار سوپى باي ھىندى، باي موللا ھىندى، پارس باي، چەندان باي ، جەندىرالى باي ھىندى دېگەنلەردىن ئىبارەت. 70 ياشقا كىرگەن باي موللا ھىندى بورا خىلتاي رايونىنىڭ چارەك كەنتىدىكى كەمبەغەل دېھقان سالماق دېگەن كىشىنىڭ سۇلتانخان ئىسىملىك 12 ياشلىق قىزىنى 25 سەر كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان بولۇپ، بۇ نارىسىدە قىزنى ئۆزىگە خوتۇن قىلىپ بىر قانچە پەرزەنت كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. سۇلتانخاندىن تۇغۇلغان دەۋلان، مۇتىرام ئىسىملىك بالىلىرىنى ئېلىپ ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن . ئاشۇ ھىندىلار ئېلىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ بار. k{}> *pCU ماتىتەينىڭ ئەمەلدارلىرى خەلققە سالغان ئالۋان - ياساق ھېسابىغا بېيىپ كەتتى. ما تىتەي قول ئاستىدىكى ھەربىر چېرىك باشلىقى بەش - ئالتىدىن قىز - ئاياللارنى نىكاھىغا كىرگۈزۈپ خوتۇن قىلىش بىلەن ئۇلارنى خارلاپ، قىمار ، نەشە، ئەپيۈن چېكىشتەك يامان ئادەتلەرگە ئۆگەتتى، كېچىلىرى پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوغرىلىققا چۈشۈشكە مەجبۇرلىدى. مەسىلەن ، ماتىتەينىڭ چېرىكلىرىدىن 50 چېرىكنىڭ باشلىقى بولۇۋالغان نامەت شىجاڭ سەككىز ئايالنى يۇقىرىقىدەك ناشايان ئىشلارغا سالغان . ئۇنىڭ روزىۋانەك ، ھەمرا بارماق دېگەن خوتۇنلىرى بىرقانچە ئوغرىلار بىلەن بىرلىشىپ ئەسكى ئىشلارنى قىلغان. ما تىتەينىڭ قول ئاستىدىكى بارلىق چېرىك ۋە كۇۋەندەيلەر ( نازارەتچى ) پۇقرالارنى ئۆزى خالىغانچە ئۇرۇپ - سوقۇپ، قىمارۋازلىق، پاھىشىۋازلىق، ئەپيۈنكەشلىك ، پارىخورلۇق، ئوغرىلىق قاتارلىق ناشايان ئىشلار ئەۋجىگە چىققان. ئۆز ۋاقتىدا بۇ ھەقتە تۆۋەندىكىچە نەزم توقۇلغان: EhcJE;S) R6+)&:Ab{R چېرىك يېتىلەپ يۈرگەن بەش - ئالتىدىن ياڭگاڭزە (خوتۇن)، :GXF=Df نان دېسە سۈرۈپ قوغلاپ ئۆلگۈچە ئۇرۇپ گاڭزە (جازا قورالى)، 6Y9N=\` سوغۇقتا توڭۇپ ئۆلگەن جۇگان بالا باڭگازە(پەتەك ، كىچىك ئايال)، T8XrmR&?PX سوپاڭدا ئىچىپ ياتقان كۇبرۇسى بىلەن لاڭگازە (ھاراقنى تۇڭى بىلەن كۆتۈرۈپ ئىچىپ، يۆلىنىپ ئولتۇرۇش)، {q-&!l| ھەر كۈندە چېكەر ئەپيۈن خوتۇنى بىلەن بەش باڭزە(چېكىشكە تەيارلىغان بەش پىلتە ئەپيۈن). 0a~t B~p%pTS+ بۇ خىلدىكى ھايات ئەندىزىسىدىن خاتىرجەم بولغان ماتىتەي ئۈرۈمدىكى ئوغلى ما جىۋونى قەشقەرگە يۆتكەپ كىلىپ، 1918 − 1919 - يىللىرى ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىچكى تىنچلىق ساقلاش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارلىقىغا نىتەي(برىگادا قوماندانى دەرىجىلىك ئەمەل) قىلىپ بەلگىلىدى . ما تىتەي يەنە ئۆز قىزى داشۇجيانى يۇقىرى مەمۇرىي مەنسەپكە بەلگىلىدى. d54iZ` ما تىتەي ھېچقانداق ئەمەلدارغا ئەمەلىي ھوقۇق بەرمەي، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يەرلىك مەئەلدارلارنىڭ ھوقۇقىنىمۇ ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈۋالدى. ئىقتىسادىي ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان دېھقان، تىجارەتچى، چارۋىچى ، ئاخۇنۇم ۋە ئىشانلارغا 100 − 200 يامبۇ (50 سەر كۈمۈشكە تەڭ) غىچە پۇلنى مەجبۇرىي بېرىشنى بۇيرۇپ، بۇ پۇللارنى يىغىۋالدى. پۇل بېرەلمىگەن ياكى ئارقىغا سوزغان كىشىلەرنى قامىدى. مەسىلەن، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىدىكى بارىن يېزىسىنىڭ موللىسى ئەمەت ئاخۇن خەلپىتىمنى قاماپ، 100 يامبۇ، 5000 سەر كۈمۈش تەڭگە ئالغاندىن تاشقىرى، ماتىتەينىڭ قىزى داشۇجيا 1000 سەر كۈمۈش ، 20 يامبۇ ئېلىپ ، ئاندىن قاماقتىن چىقاردى. بۇ خىلدىكى ئەھۋاللار كۆپ بولغان ئىدى. sy: xA w بۇ ئىشلاردىن سىرت، ماتىتەي ئۆزىگە تەۋە ناھايىتى كاتتا، ھەشەمەتلىك ئوردا - ساراي سالدۇرۇشقا پەرمان ئېلان قىلغان. ئۇ ، يېڭىشەھەرگە ئوردا - ساراي سالدۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى بارلىق ھۈنەرۋەن - كاسىپلارنى يىغىپ، ئوردىغا كېرەكلىك ياغاچ - تاشلارنى خەلققە سېلىق قىلىپ چېچىپ، ئوردا سېلىشقا كىرىشكەن. ئوردا غايەت زور ۋە كاتتا بولۇپ، ئوردا ئىچىگە راۋاق ياسىتىپ چىققان. بۇ ئوردىغا تىتەي يامۇلىدىن كەلگۈچە 1500 مېتىر ئارىلىققا كۆۋۈرۈكلۈك يول ياساپ شەھەر ئۈستىدىن ئۆتكۈزگەن. بۇ ئاسمان كۆۋۈرۈككە غايەت زور تۈۋرۈكلەرنى ئىشلەتكەن. كۆۋۈرۈكلۈك يولدا ما تىتەي ئوردىسىدىن يامۇلغا، يالمۇلدىن ئوردىغا قايتقۇچە تۆت چاقلىق ئورۇس ھارۋىسىغا چىقىپ كەلگەن ۋە كەتكەن. بۇ ئوردىغا 《لۇ》(قەيتۇر ، راۋاق) دەپ نام بەرگەن. ئوردا ئچىىدە ئالىي دەرىجىلىك يەتتە ئۆي بولۇپ، ھەممىسى ھەشەمەتلىك ياسالغان. ;J%:DD ماتىتەي 500 تۈگمەن ياساتقۇزغان، تۈگمەن تاشلىرىنى نەچچە مىڭ ئادەم تاغدىن توشۇپ ئېلىپ كەلگەن. تۈگمەن ياساش چىقىمىنى خەلقتىن ئالغان. نامرات خەلق ياتىتەينىڭ ھاشار - سېلىقلىرىغا تۇتۇلۇپ، ئىشلەش جەريانىدا مۇنداق قوشاقلارنى توقۇغان: :gVUk\) E }L Hp ئىشلە ، بالىلار ئىشلە ، جاننىڭ بارىچە ئىشلە، HI.*xkBXl& ئىشلەپ ئاشنى بىز تاپساق ، داشۇجيا خېنىم چىشلە. }A)\bffH "#Rh\DQ يىللار بويى ئىشلەيمىز سوقا بىلەن تۈگمەنگە ، I2Xd"RHN بىر ئاز ئارام ئالساق بىز، ئۇرىدۇ چېرىك - بەڭگە(ئەپيۈنكەش چېرىك). x~5uc$ MpV<E0CmE كېچىلەردە يول يۈردۇق، قار - يامغۇر، شىۋىرغاندا ، V6]6KP#D ئانام كۆرۈپ يىغلايدۇ پۇتلىرىم قاپارغاندا. R9J!}az' E C#0-,z تۈگمەن تېشى كۆتۈرۈپ، ھاردۇق يەتسە چوڭ سايدا(يېڭىسارنىڭ غەربىدىكى چوڭ ساي)، .u-a+ac< ھامان ئۇرغىنى ئۇرغان پۇت - قولۇمغا بازغاندا(كالتەك). f ULt4 Ge^`f<f بۇرنۇم قانىدى دوستلار خا ياغاچ كۆتۈرگەنچە، JEUU~L; ھەيدەپ ئۇرار كۇۋەندەي قوۋۇرغام كۆكۈرگۈنچە. 9&+]YYCS- .. `I<2 يىغلاپ يالۋۇرۇپ تۇرساق 《ئۇششۇق - مۇتتەھەم》 دەيدۇ، a6{Zp{"Y رەھمە ئەتكىلى چېچكىم يوق، بېگىم پارىنى يەيدۇ. uwe#& | |