ئۇلۇغ ئالىمىمىز ئۆتكۈر ئەپەندىمنى ئەسلەيمىز.مەرھۇم يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ تەرجىمھالى
كۈچلۇك رېئالىزملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر1985- يىلى تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن تارىخىي رومان<<ئىز>>نى ئېلان قىلغاندىن كپيىن،كىتابخانلارنىڭ ئارىسىداكۈچلۇك تەسىر قوزغاپ، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇنبىرىدە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدىغان چولپان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى- ئاخىر<<قەشقەركېچىسى>>،<<ئىز>>، <<ئۆمۈ ر مەنزىللىرى>>، <<ئويغانغان زىمىن>> قاتارلىق كىتابلىرى نەشىرقىلىندى. ئۇنىڭ يەنە <<شېئىر ۋە شائىر>>،<<تۇرپان تەسىراتلىرى>> ،<<قەشقەر كېچىسى>>،<<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>> قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغاتەرجىمە قىلىنىپ <<شېئېرىيەت>>، <<مىللەتلەرئەدەبىياتى>>، <<غەربىي دىيار ئەدەبىياتى>>قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى.
1982-يىلى1-ئايدا <<خەلق گېزىتى>> دە ۋە <<مىللەتلەر ئەدەبىياتى>> تەتقىقاتىغا دائىر ئوبزورلار مەجمۇئەسىنىڭ2- سانىدا<<قەشقەركېچىسى>>ھەققىدە مەخسۇس ئوبزورلار ئېلان قىلىنىپ،بۇ نادىر ئەسەر<<ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈ لزارىدىكى ئاجايىپ ئېسىل گۈ ل>>دەپ مەدھىلەندى.بۇ داستاننىڭ ياپون تىلىدىكى قىسقارتىلغان تەرجىمىسى1985-يىلى ياپونىيدە نەشىر قىلىنغان<<جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى>>نىڭ2-توپلىمىغاكىرگۈزۈ لگەن. خەنزۇچە تەرجىمىسى1988- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن ئايرىم كىتاب بولۇپ بېسىلىغان ، ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. مۇشۇنداق مول نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كىلىۋاتقان ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرپھىم ئۆتكۈر 1923- يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدەدۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا- ئانىسىدىن كپچىكلا ئايرىلىپ، يپتىم قالغان. دادىسى تىلەش بىگىم ئاتۇش تىجەنلىك كىشى بولۇپ،ئالەمدىن ئۆتەر چېغىدا، ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرپھىمنى قۇمۇل مۆتىۋەرلىرىدىن بولغان دوستى ئوسمان ھاجىغا ئوغۇللۇققا بپرىۋەتكەن. ئوسمان ھاجىم كۆپنى كۆرگەن، ئوقۇمۇشلۇق، تەرەققىپەرۋەر كىشى ئىدى.
ئۇ ئۆمۈر بويى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگە بولغاچقا، ئابدۇرپھىمنى ئىنتايىن ئارزۇلاپ ۋە كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن.ئۇنى ئۆزى ئوقۇتۇپ خەت ساۋادىنى چىقارغاندىن كپيىن،دىنىي مەكتەپكە بەرگەن.دىنىي مەكتەپتە دەرىسلىك قىلىنغان كىلاسسىك ئەسەرلەر ئىچىدە<<سوپى ئاللا يار>>دىگەن كىتاب تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك ئاممىباب، گۈزەل، تەسىرلىك بولۇشى ۋە ۋەزنىنىڭ جاراڭلىقلىقى بىلەن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان. شۇنىڭ ئۈ چۈن ئۇ ئىككى مىڭ مىسرادىن ئارتۇق شېئىردىن تۈزۈلگەن بۇكىتابنىڭ كۆپ قىسمىنى يادىلاپ بولغان.
1934 - يىلى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ مەكتەپتە پەننىي بىلىم ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان.ۋە1936-يىلى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلىپ، ئۈرۈمچى بىرىنچى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939- يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن.1942- يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پىداگوگىكا فاكولتپتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ تۇرمۇشى ئابدۇرپھىم ئۆتكۈر ئۈچۈن يېڭى ھايات دەۋرى بولغان.ئۇ ئوقۇش جەريانىدا لىن جىلۇ، لى زىلياڭ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنىڭ، شۇنىڭدەك دۇجۇڭيۇەن ئەپەندى ۋە سوۋپت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن ئايۇپ مەنسۇرى قاتارلىق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەسىرىدە كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىگە ئىگە بولغان.
ئۇ بۇ مەزگىلدە<<گاڭ قانات لاچىن>>،<<دولقۇنلۇق ھايات>>، <<يپڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا>>،<<تامچە قاندىن مىليۇن چېچەكلەر>>، <<چىن مودەن>> (ل.مۇتەللىپ بىلەن بىرلىشىپ يازغان) قاتارلىق شېئىر، داستان، ۋە درامىلارنى <<شىنجاڭ گېزىتى>>، <<يېڭى نۇر>> قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات سېپىگە ئۈمىدلىك ياش كۈچ بولۇپ قوشۇلغان.
1943-يىلى باھاردا، مىللىتارسىت شېڭ شىسەي<<تەرەققىپەرۋەر>> لىك نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئۆزىنى گومىنداڭ قوينىغا ئاتتى. چېن تىيەنچۇ، ماۋزىمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق مۇنەۋۋەر كوممۇنىستلارنى ۋە نۇرغۇن ئىلغار زاتلارنى قولغا ئېلىپ، ئۇلارغا دەھشەتلىك زىيانكەشلىك قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ياش شائىرمۇ بۇ بوراندىن ئامان قالماي1944-يىلى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى .ئۇ1945- يىلىنىڭ باشلىرىدا تۈرمىدىن چىقىپ، نەشىرىيات ئورۇنلىرىدا تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.1946 -يىلى ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى <<يۈرەك مۇڭلىرى>> تاش مەتبەئەدە بېسىلىپ چىقتى. ئازاتلىقتىن كپيىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر خپلى بىر مەزگىل، ئاساسەن تەرجىمانلىق،كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن،جۈملىدىن چەت ئەل تىللىرى ۋەئەدەبىياتنى ئۆگىنىش بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى. لپكىن شۇ چاغلاردا ئۇ <<سول>> لۇشيەنىنىڭ كاساپىتى بىلەن مەتبۇئات ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىپ، ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.
پەقەت پارتىيە11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتىتىنىڭ3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كپيىنلا، شائىر قايتىدىن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئىگە بولدى ۋە تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەتكە كىرىشتى . ئۇ قىسقىغىنا بىرنەچچە يىل ئىچىدە <<ياخشى >>، <<كېرەك بولسا>>، <<ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس>>، <<بوغدا ئانام>>،<<مەن ئاق بايراق ئەمەس>>،<<قەشقەر كېچىسى>>، <<ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>>، <<گۈ ل ۋە ئازغان>> قاتارلىق شېئېر، داستان ۋە باللادىلارنى،<<ئىز>>، <<ئويغانغان زېمىن>> رومانلىرىنى ئېلان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرئەدەبىياتىدىكى ئورنىنى تولۇق نامايەن قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى بۇ ھارماس قەلەمكەش،ئىستىداتلىق يازغۇچى، ئەدەبىياتشۇناس ئالىم ئابدۇرېھىم تىلەشوۋ ئۆتكۈر1995-يىلى10-ئايداكىسەل سەۋەبى بىلەن بىزبىلەن مەڭگۈلۈك خەيرىلەشتى.
ھىدايەتنامە
&Y1`?1;nw x>%joKY[ 4O!E|/`wO }W$8M>l ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،
==N` !+ تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى،
S[mM4et| تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنە يەنە جانلىق پاساھەتنى،
xc;DdK=1X دىلىم ئىستەيتتى ئىزھارغا ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.
H4:ZTl_$ كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى.
2n|CD|V$ux ]p]UTCo!' سۆزۈمنىڭ باشى بىسىمىللاھ بۇ مۆمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
P~RhUKfd سانا يۇ ھەمدلەر ئېيتسام تۈمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ،
.9h)bf+ قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر،
>A}0Ho بۇ دەۋايىمغا بۇرھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر..
y=a V=qD تىلەيمەن رەببىم ئاللادىن قولۇمغا كۈچ ۋە قۇۋۋەتنى ،
?6P.b6m}0 p[v#EyoC تەئەججۈپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلار بۇقەسىدەمدىن.
P)6lu8zQ ئەجەبلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن.
4=[7Em?oLb ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن،
v]"L]/" شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۆڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن.
]lBGyUJn ئىلاھا ئەيلىگىن مەڭگۈ ،ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.
h7yqk4'Lq 4Ysb5m)u تۇغۇلغاچ ئىككى مۆمىندىن ئۆتۈپ ئەللىكتە سەككىز يىل،
s9)8b$t] يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۈرنى ئەمدى ئەستايىدىل.
`>lzlEhKV نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يولۇمغا بولمايىن غاپىل،
1wj:aD?g ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بولۇپ ئېرتىش ۋە ياكى نىل .
O(Jj|Z جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مېنىڭدەك كۆپ نادامەتنى
+A8j@d#: P9Q~r<7n سەھەردە ھەمدلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە،
23\RJpKb نېمىشقا بولمىسۇن بىر ھېس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.
_fk#< ۋەھالەنكى ئادا بولماي ھېسابسىز قەرز بۇ زىممەمدە،
fxcc<h4 ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە ،
tRb]7 z ئۆمۈرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.
'dG%oDHX]P /^SAC%PD باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى ،
3g'S\G@ ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى .
`>Tu|3%\ مۇيەسسەر قىلسا مەقسىتىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى ،
f3V Dv9( ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى .
@}p2aV59 ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنىسىدىن قەترە رەھمەتنى .
lz#GbXn. /n~\\9#3 سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە .
z?/1Kj}xG نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىينەمدە ،
6=4wp? ئۈمىدىم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پېشانەمدە.
XZ&KR.C, جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە .
(Fq5IGs نېسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى .
Tus}\0/i> Wcb7;~K خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق،
=U8a ?0 كېچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق.
Nx{$} قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق ،
o,U9}_|A ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۈمىدىمگە يەنە جىقراق .
(P&4d~)m ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشەققەتنى.
QO"oEgB`+Z f|y:vpd% پىكىر دەرياسىگە قانچە تىرەن چۆمگەنسېرى ھەر تۈن ،
D")_;NLE1 كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ،تارقىدى ئەپسۇن .
kIdn6 Wx, ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ،
)'*5R <# ۋە لېكىن جان كىتابىگە قوشۇلدى تۈمەن مىڭ مەزمۇن .
@ym/27cRE يېقىن كەلتۈرمە ئى رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى .
C7H/N<VAq Y?ez9o:/# تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە .
u_7~TE3W ئەمەستۇر خالى ھېكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە.
Yq(G;mjM ئادەمزات يۈكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە،
7Sz?S_N/j ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە .
4mn&4e ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ - ھېكمەتنى.
*m2=/Sh 3=W!4 بىلىپ يەتكەنسېرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ،
.(Qx{r$ كۆڭۈل روشەنلىشىپ ئاندىن تونار ئۆز زاتىنى خوپراق .
S~]mWxgZ مىسال:قارىغۇ نېچۈك بىلسۇن ،قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق،
b,KcBQ. بىلۇر ئەمما گۆدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل نېچۈك ياپراق .
$ cu00K دېمەككى مەرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.
<9>vO,n 2 1PFR:lP7 تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش ،
6=N`wi ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش .
~ H6r.:] بىراۋلار قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش،
e6_ZjrQf ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش.
&F}"Z(B<wK ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى .
T;L>P[hNn LW:o8ES33 مىسال: بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپ باق ،
flgRpXt ئانا قارنىدا بۇ جايغا ھاۋا بولغاننى ئويلاپ باق .
CQ;]J=|<_ تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلاپ باق ،
{G*A.$-d بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلاپ باق .
lt$zA%`odc شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.
[#YE^[*qK MzIq"3 بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن ،
~"Gf<3^y+ ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن .
^% Q|s#w. بۇڭا ئەۋلادى ئادەمزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە تەلقىن ،
SvvUkQ#1w لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نېچۈك مۇمكىن .
m"c :"I6 ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى .
Q-rL$%~=' Bqws!RM'&@ نېمىشقا ئاياغ ئىككى،كۆز ئىككى ،ئېغىز بىردۇر،
a=GM[{og يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر .
1-ISwd'u نېمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر ،
u}9fj قېنى ئېيتىڭچۇ؟بۇ سىرغا نېچۈك سۆز توغرا تەبىر دۇر .
5T4"j;_.BL تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.
_J?SIm Pn TZ/| ئۆلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ،
nR5bs;gk" تۇغۇلماق سوڭرە ئۆلمەكلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن .
||TtNH لېكىن نەدە، قاچان،قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ،
OKY+M^PP ئېچىلماس سىر بولۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى -دەۋراندىن .
<A~GW'HB ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى .
7u%a/ < GAU!_M5 N ئۆلۈمگە بىر دەۋا ئىزدەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا،
)Xno|$b5Eo ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنە .
]18Ucf ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا ،
;C_ > دېيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا.
thV Tdz دېمەك مۆمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.
@WJf) * 2%oZXF قۇياش،ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساما سەيىر ئېتىپ ھەر كۈن ،
D0KELAcY مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋر ئېتەر ھەر كۈن .
gvK"*aIj بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەب بىر مۇنتىزىم قانۇن ،
8m \;P بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئاشۇ خىلدا تولا مەزمۇن .
|})rt5|f1! يورۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى .
NCp%sGBmG &C\=!r0j^ ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر ،
Al)lWD}j2g ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەب بىر خىلدا ھاياتتۇر.
8|fLe\" بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبرەتتۇر،
cu)@P 0I شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر ،زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر.
h2imsjf تەپەككۇر تاشقىنى يۇتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاھالەتنى .
JI28O8 7*R{u*/e مىسال :پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھېكمەت دۇكىنىنى،
V,99N'o~x ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى .
~xsb5M5 يەنە ھەم ئاشقۇسى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋىنىنى ،
~N)( ^ 4 لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىتى .
,I9][_ ياسالماس ھەر نېچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى .
vIe=wf~D` N2+mN0k; ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان ،
^VM"!O;h{ توخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخۇمدىن چۈجىنى ئاسان .
KNO*)\ ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققىي قىلسىمۇ دەۋران ،
8.q13t!D تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان .
u`L!za7fi دېمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .
mlsvP%[f. @SF")j| نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا ،
?h>%Ix تېرىپ ئۆستۈرمىسە دېھقان ھوسۇل تولمايدۇ خامانغا .
WL]Wu.k ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بولۇپ قالسىدى ئىنسانغا ،
]6i_d زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا
$fj"* دېمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .
vt(}ga o<Rxt*B ھاياتلىق سىرلىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر ،
:+Z>nHe بىلىپ يەتكىنىمىز تامچە ،ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر .
[&]YVn>kj كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھېكمەتلەر ئەھيادۇر،
fi-&[llg كى تۇپراق بولمىدى كىمىيا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر .
RZ,<D I ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبرەتنى.
83 ^,'Z GWkJ/EX مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان
VkP:%-*#v ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان .
5KPPZmO خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى " سۈرە رەھمان."
B6!<@*BI كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە " ما تۇكەززىبان."
YvP"W/5 قۇلۇپلۇق بولمىسا قەلبىڭ قوبۇل ئەيلەر بۇ نىمەتنى.
$E@.G1T [ 8!fAv$g0 تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر،
D!E 9@*Lf نېمىكى دېسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
n YMf[kW بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نېچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر ،
0~L8yMM ئۇنىڭ تەرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىب ،شائىر .
ZYt"=\_ نېسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى .
d.(]V2X.J !rmo*-=^= ئۆتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر،
V`&*%xgGR بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەنەن بولمىغاي تەغيىر .
{_N(S]Z بىراۋلار قەست بىلەن قۇرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر ،
+A3\Hj&W لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرپ،بىرەر ساكىن ياكى زىر.
[#fqyg چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە – كارامەتنى
y(BLin!O. $>37PVVW پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات ،
T:5%sN;#O ئوقۇپ بىر كۈن " ئىقرە بىسمى رەببىكەللەزى "نى ھايھات .
}n8;A;axi تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات ،
p%_:( نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات .
AdW7 vn نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى .
nECf2>Yp v S*@0%|Q4r ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەب بىر ئەسرى ھېكمەتتۇر،
[)c|oh% مۇبارەك تەرجىمىھالى تامامىي پەزلى -خىسلەتتۇر.
H43D=N& رەقىبلەر ئېتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر ،
)C6 7qY[P بۇ زاتنىڭ ئىسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەدتۇر .
,KaWP ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسىرى سائادەتنى.
-2d&Aq4m) !%9I%Ak^ نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىڭ ھالىنى ئەسلەڭ،
P^-9?uBno جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ .
PD4E&k زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ ،
l0)uu4| مىسال :بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ .
c@R6p+ يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى .
]+P&Y: O6]~5&8U. ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دېيىشتى بىر زامان ھۆكمەن،
P+h&tXZn8 ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان .
|#6Lcz7[ ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان ،
5>Q)8`@E نېمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنچى بىر قۇرئان .
r8rR _M{P نىچۈكمۇ ئېتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى .
Ay]5GA!W+ P>|2~YxjU بىراۋلار قىلدىلەر دەۋا، نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا،
V_!i KEU تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر، ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا.
`Nj|}^A يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر،ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا.
:z\STXq جاھاندىن كەتتىلەر لېكىن، بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا.
FWg7e3 تاپالماس چۈنكى باتىللىق،ھەقىقىي شانۇ-شۆھرەتنى.
(Gcl,IW E'Bt1u بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇق مۆجىزە ئەلۋەتتە،
{F j`'0Xu; يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە.
5 F-Q& ئەقىل ساھىبلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق، قانائەتتە،
cQ`,:t#[ ئەگەرچە ياق دېسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە.
;bX{7j ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئادىل ، مەردانە پىكرەتنى.
CVm*Q[5s" 'Gk|&^ خاتىمە.
1n^xVk-G }5K\l بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما،
hYLu نامايەندۇر قۇياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا.
||hd(_W8 قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەنە،
NunT1ved مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن، ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا.
HxjhP( كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.
oZQu&O' d;`JDT ئەقىدەم ھەققە باغلانغان، بۇ يولدا ئەتىمادىم بار،
=cxjb,r شۈكرىكىم،ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە،ئېتىقادىم بار.
Hd :2 ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار،
$%ps:ui~X دېمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق،قىلىشقا نېمە ھەددىم بار.
A\LMmg پىسەنت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەنە -مالامەتنى.
tmKHT m9 1Gc?c جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان،
s^#B* مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر، ۋە ھەتتا ئەركى چىڭگىزخان.
%vUY|3G كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل، جاھانغا بىھېساب كارۋان،
||D PIn] ئۆتەر دۇنيا، كېچەر دۇنيا، پەقەت خەلقلا سۈرەر دەۋران.
6dgwsl~ ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.
9:R3+,ZN Fs"i fn0 بۇ ئالىمىمىزنى ئەسلەش ئۈچۈن يىزىلغان
oz:"wnX )pSA|Qt N تەجەللى بىلۇگى
d~ +(g! مەنبە؛======http://tejelliy.blogbus.com/
[ بۇ يازمىنىtajalliدە2010-08-24 03:12قايتا تەھرىرلى ]