باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1428 
  •    ئىنكاس 
       7 

ھەزىرتى زۇبەيدە خىنىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى

قەۋەت ئاتلاش
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1573 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   59558 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   8557 (قېتم)
 تۆھپە:   8462  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14136
 سائەت
دەرىجىسى:
14136 سائەت 164 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-10

رەسىم: xtK}XEhG!  
$ZlzS`XF7  
{EJ+  
ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ ئايالى، ئابباسىيە خەلىپىلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەبۇ جەفەر مەنسۇرنىڭ نەۋرىسىدۇر. 0ubf]Z  
ئۇنىڭ ھەقىقى ئىسمى ئەمەتۇل ئەزىز بىنتى جەفەر مەنسۇر ھاشىمىيەدۇر. ئۇنىڭ بەدىنى قاتتىق ئاق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى قېتىققا ئوخشىتىپ، زۇبەيدە دەپ كۇنيە قويغان. qRXHaQi@9  
ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم ئابباسىيە خەلىپىلىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە ئەڭ مۇھىم ئايال ئىدى. ئۇ ئاكىسى مەئمۇننىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىشەنچلىك خەلىپەنىڭ ئانىسىدۇر. ئۇنىڭ خەلىپىلىكتىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولغاندۇر. بۇ يەرە "ھەر قانداق بۈيۈك ئەرنىڭ ئارقىسىدا بىر ئايال بار" دېگەن مىسال ئەقىلگە كېلىدۇ. 6kO+E5;X  
خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ ئارقىسىدا ئىككى ئايال بار ئىدى. بىرى ئانىسى خەيزران خېنىم، ئىككىنچىسى ئايالى زۇبەيدە خېنىمدۇر. بىز ھازىر ھاياتىنى ئوقۇماقچى بولغان زۇبەيدە خېنىم بولسا، ناھايىتىمۇ گۈزەل، سۆزگە ئۇستا، ئۆتكۈر ئەقىللىق، توغرا پىكىرلىك، پاساھەت ۋە بالاغەتتە ئۇستاز ئايال بولۇپ، شېئىر يازاتتى، ئەرلەر بىلەن ئىلىم - مەرىپەتنىڭ ھەر ساھەسىدە مۇنازىرىلىشەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى چىرايلىق ۋە ئېسىل ئەخلاقلىق ئىدى. خەلىپە ھارۇن رەشىد ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى، شۇڭا ئۇنىڭغا چوڭ نۇپۇز بەرگەن ئىدى. ئۇ ھارۇن رەشىدنىڭ ئاياللىرىنىڭ بىرىنچىسى ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ نۇرغۇن مۇناسىۋەتلەردە ئېرىگە يول كۆرسىتەتتى ۋە ۋەقەلەردە ئۆتكۈر پىكىرلىرى ئېرىگە ياردەمچى بولاتتى. ھەقىقەتتە ئۇ ئايال دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىدا تۇتاتتى. Awe'MGp%  
ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم شېئىر - ئەدەبىيات ۋە ئىلىمگە بەك ئەھمىيەت بېرەتتى. بۇ يولدا نۇرغۇنلىغان مال مۈلكىنى تۆكۈپ تاشلىغان، باغداتقا يۈزلەرچە شائىر، ئەدىب ۋە ئالىملارنى توپلاپ، ئۇلارنىڭ بارلىق ئىھتىياجلىرىنى ۋە تەتقىقات ماتىرىياللىرىنى تولۇقلاپ بەرگەن ئىدى. شۇ چاغدا مەشھۇر بولغان داڭلىق شائىرلار: ئابباس ئىبنى ئەھنەف، ئەبۇ ناۋاس، مۇسلىم ئىبنى ۋەلىد، ئەبۇل ئەتاھىيە، ھۇسەين ئىبنى دەھھاك قاتارلىقلار ئىدى. ھىكايە ۋە روماندا، خەلەف ئەھمەر، نەسىر ئەدەبىياتى پىشىۋاسى جاھىز، تىل ئالىملىرى: خەلىل ئىبنى ئەھمەد، سىبىۋەيھ، ئەخفەش ۋە ئەبۇ ئەمر ئىبنى ئەلائ قاتارلىقلار، دىنى بىلىمدە، ئىمام ئەئزەم ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام ئەۋزائى، ئىمام مالىك قاتارلىقلاردۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن. بۇنىڭدىن باشقا مېدىتسىنادا كۆپلىگەن دوختۇرلار، ئىلىم - پەننىڭ ھەر ساھەسىدە يېتىشكەن داڭلىق ئالىملار كۆپ ئىدى. ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم - پەندە تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن ھىساپسىز مال دۇنيا سەرپ قىلغاننىڭ سىرتىدا، باغداتنى ئىلىمنىڭ قىبلىسى ۋە ئالىملارنىڭ مەركىزى قىلىش ئۈچۈن خەزىنىلىرىنىڭ ئىشىكىنى ئاخىرىغىچە ئېچىۋەتكەندۇر. Ct]? /  
ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم ھارۇن رەشىدنىڭ ھەقىقىي دوستى ۋە سىردىشى بولۇپ، داۋاملىق ئېرىگە ياخشى ۋە پايدىلىق پىكىرلەرنى بېرىپ، كىشىلەرگە ئۇ پىكىرلەرنى ئېرى خەلىپىنىڭ پىكرى قىلىپ كۆرسىتىپ، ئېرىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى يۈز ئابرۇيىنى يۇقىرى كۆتۈرەتتى. j]m|}n  
ئۇ ئالاھىدە ئايال ئىدى: 0aGAF ]  
ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم خەلىپىنىڭ سەپەرلىرىدە يېنىدا بولۇپ، خىزمىتىنى قىلاتتى. تارىخچىلار: خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ كۆپ ھەج قىلىدىغانلىقىنى، باغدات بىلەن مەككەنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن يولنى پىيادە بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى، ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىمنىڭ بۇ ھەج سەپىرىنىڭ بىرىدە ئېرى بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى، ھاجىلارنىڭ سۇ تاپالماي قىينالغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇ چاغدا بىر قاچا سۇنىڭ بىر دىنارغا سېتىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال سۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا كىرىشكەنلىكىنى يازىدۇ. H>wXQ5?W;  
بۈيۈك تارىخچى ئەبۇل فەرەج ئىبنى جەۋزى مۇنداق دەيدۇ: ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم مەككىدىكى سۇ قىيىنچىلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئۇستىلارنى توپلاپ، مەككە مۇكەررەمەگە تىز سۈرئەتتە سۇ ئېلىپ كېلىش ئىشىنى تەتقىق قىلىشنى بۇيرىدى. ئۇستىلار: بۇ ئىشنىڭ ناھايىتى قىيىنلىقىنى، ئونلارچە مىل مۇساپىنى كولاپ، تاغلارنى تىشىپ قانال ئېچىش كېرەكلىكىنى ۋە بۇ ئىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان چىقىم كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 9#a/at]  
ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم ۋەكىلىنى چاقىرىپ بۇ پىلاننى دەرھال ئىجرا قىلىشنى، بىر كەتمەن سېلىش ئۈچۈن بىر دىنار كەتسىمۇ بۇ ئىشنى پۈتتۈرۈشنى بۇيرىدى. ئاندىن مالىيە مەسئۇلىنى چاقىرىپ، ئۇستىلارنىڭ تاغ باغرىدىكى سۇ مەنبەلىرىگە بېرىپ مەككىگە سۇنى ئۇلاشتۇرغىچىلىك كېتىدىغان پۈتكۈل چىقىملىرىنى مۇكاپاتلىرى بىلەن قوشۇپ بېرىشنى بۇيرىدى. مۇشۇنداق قىلىپ، ئون مىللارچە يىراق تاغلارنىڭ ئارقىسىدىن، قورام تاشلارنىڭ تىگىدىن كارىز كولاپ، ئېرىق ئېچىپ، تاغ - داۋانلارنى ئېشىپ، پايانسىز چۆللەردىن ئۆتكۈزۈپ، مەككە مۇكەررەمەگە سۇ ئېلىپ كەلدى. ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىمنىڭ ئاچتۇرغان بۇ سۇ قانىلى ھازىرمۇ مەۋجۇد بولۇپ، "زۇبەيدە ئۆستىڭى" دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مەككىدە بىر نەچچە يەردە قۇدۇق قازدۇردى. ئۇ قۇدۇقلارمۇ كۈنىمىزغىچە "زۇبەيدە قۇدۇقى" دەپ ئاتىلىپ كەلدى. بۇنىڭدىن باشقا مەككە بىلەن باغدات يولى ئارىسىدا كۆپلىگەن يەردە قۇدۇق كولاتتى، ئۆيلەر سالدۇردى ۋە فابرىكىلار قۇرغۇزدى. ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم باغداتتا بىر نەچچە مەسجىد ۋە ساراي ياساتتى. Ni#y=cb  
ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىمنىڭ ھېلىقى ھەجدە 60 كۈندە ئاللاھ يولىدا بىر مىليون تەڭگگە چىقىم قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم ھەر كۈنى مىڭلارچە تىللا چىقىم قىلاتتى ۋە "ئاللاھنىڭ ساۋابى ھېساپسىزدۇر" دەيتتى. ^+Njz{rpG  
خەتىب: "باغداتنىڭ تارىخى" دېگەن كىتابىدا ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىمنى ماختاپ مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ياخشىلىق يولىغا، پەزىلەتلىك كىشىلەرگە ۋە ئەھلى ئىلىملەرگە ياردەم بېرىش، نامرات - مىسكىنلەرگە خەيرى ئىھسان قىلىش بىلەن تونۇلغاندۇر. ئۇنىڭ مەككە يولىدا ياساتقان فابرىكىلىرى كۆپتۇر. ئۇ مەككە يولىدا كۆپلىگەن يەرگە كۈنىمىزدىكى مىھمان كۈتۈشكە ئوخشايدىغان سارايلارنى ياساتقان. مەلۇمكى، ئۇسساپ قالغان بىر ئادەمنى، ياكى بىر ھايۋاننى سۇغا تويغۇزۇش ياكى قۇدۇق كولاش، ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ناھايىتى ساۋاپلىق ئىشتۇر. مۇسۇلمانلارنى بۇنداق ياخشى ئىشقا ئۈندەيدىغان ۋە مۇشۇنداق پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدىغان ھەدىسلەر كۆپ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى زەررىچىلىك بىر ياخشىلىق قىلسا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ. كىمكى زەررىچىلىك بىر يامانلىق قىلسا، ئۇنىڭ جازاسىنى كۆرىدۇ." [زەلزەلە سۈرىسى: 7- 8- ئايەتلەر] n"<'F4r  
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: "بىر ئادەم بىر يولدا كېتىۋاتقاندا ئىسسىقتىن قاتتىق ئۇسساپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يولدا بىر قۇدۇق ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭغا چۈشۈپ سۇ ئىچىپ چىقىشىغا بىر ئىتنى كۆردى. ئۇ ئىت قاتتىق ئۇسساپ كەتكىنىدىن توپىنى چىشلەپ، ھالسىراپ تۇراتتى. ئادەم ئۆز ئۆزىگە: بۇ ئىت مەن ئۇسساپ كەتكەندەك قاتتىق ئۇسساپ كېتىپتۇ، دېدى - دە، قۇدۇققا چۈشۈپ ئۆتۈكىنى سۇغا تولدۇرۇپ، ئۇنى ئاغزىدا چىشلەپ، قۇدۇقتىن چىقىپ ئىتنى سۇغاردى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدى." ساھابە كىراملار: يا رەسۇلەللاھ! ھايۋانلارغا ياخشىلىق قىلىشتىمۇ ساۋاپ بارمۇ؟ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم "ھەر قانداق جان ئىگىسىگە قىلغان ياخشلىقتا ساۋاپ بار" دېدى. [ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]     a KIS%M#Y  
     $}P>_bq  
ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى ۋە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىگە چىن قەلبىدىن ئەمەل قىلغان ھەزرىتى زۇبەيدە باغدات بىلەن مەككە مۇكەررەمە ئوتتۇرىسىدىكى يولنى تۈزىتىپ يولۇچىلار بىلەن ھاجىلارغا خىزمەت قىلىپ، يول بويىچە سۇ، تاماق ۋە ياتاق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان. ھەتتا يوللارنى ياساپ يولۇچىلار قىنالماي ماڭىدىغان قىلغان. ئەگەر ئۇنداق قىلمىغان بولسا، بۇ يوللار ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، مېڭىش بەك قىين بولاتتى. ئەنە شۇ يوللارنىڭ بىرى بولغان كۇپە - مەككە يولى ھازىرمۇ زۇبەيدە يولى دەپ تونۇلىدۇ. 9HAK  
x)T07,3:  
ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىمنىڭ كىشىلىكى: ]o`FF="at  
ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم ساغلام تەبىئەتلىك زاتتۇر. ئىبنى بەردى مۇنداق دېگەن: "زۇبەيدە، ئۆز زامانىسىنىڭ دىندا، نەسەبتە، گۈزەللىكتە، ئەقلىنىڭ ئۆتكۈرلىكىدە ۋە مەشھۇرلۇقتا ئەڭ چوڭ ئايال ئىدى. زۇبەيدە ھەقىقەتەن ئۇلۇغ، سېخى، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات قۇرلۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەدىبلەرگە، دوختۇرلارغا ۋە شائىرلارغا ياردەم قىلغان زاتتۇر. ئابباسىيە دەۋرىدە ئاياللار كىيىمىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا كۆپ ھەسسە قوشقاندۇر. g$mqAz<  
مەلۇم بولىشىچە، ھەزرىتى زۇبەيدە ھىندىستان ۋە تۇركىستاندىن ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قىممەتلىك تاشلار بىلەن بىزەلگەن ئەڭ ياخشى ژىپەك رەخلەرنى ئەكەلدۈرەتتى. رەخلەرنىڭ رەڭگىنى ناھايىتى تاللاپ ئەڭ چىرايلىقىنى ئالاتتى. ئۇ چاغدىكى ئاياللار بۇرۇن ھېچقانداق بىر ئايال كىيىپ باقمىغان كىيىملەرنى كىيەتتى. ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم ئاياللارنىڭ خوتۇنلۇق ۋە رەھبەرلىك جەھەتتىكى ئورنىنى كۆرسىتىشتە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئۈلگۈ بولغاندۇر. ئېرى خەلىپە ھارۇن رەشىدنىڭ ھاياتى ئىشلەش، ئىبادەت ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش بىلەن تولۇپ تاشقان ئىدى. بۇمۇ زۇبەيدە خېنىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغاندۇر. Q]-r'pYr  
ھارۇن رەشىد ئىلىم - مەرىپەتكە ئىنتىلىدىغان، ئالىملارنى سۆيىدىغان، جىسمانىي ۋە ئەقلى تەربىيەگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشى بولغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئىبادەتلەرگە، پەرز ۋە سۈننەتلەرنى ئادا قىلىشقا كۆپ ۋاقىت ئايرىياتتى. ئۇ قۇرئان ئوقۇغاندا ۋە ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتىنى ئوقۇغاندا شۇنداق يىغلاپ كېتەتتى. ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىممۇ ئېرىگە دۆلەت ئىشلىرىدا، ئۆي ئائىلە ئىشلىرىدا ھەمدەم بولۇپ، ئۈلگە كۆرسەتكەن ئىدى. تارىخ كىتابلىرىدا زۇبەيدە خېنىم تىلغا ئېلىنسا، ئۇنىڭ زامانىدا ئابباسىيە خەلىپىلىكىنىڭ قانچىلىك تەرەققى قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. )`zfDio-1V  
خەتىب باغدادى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكتىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: مەن چۈشۈمدە زۇبەيدەنى كۆردۈم، ئۇنىڭغا: ئاللاھ سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟ دەپ سورىدىم. مەككە يولىدا چېپىلغان بىرىنچى كەتمەن ئۈچۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلدى، دەپ جاۋاپ بەردى. @fd{5 >\  
cQ/T:E7$`  
ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىمنىڭ ۋاپاتى: -ha[xM05  
ئاللاھ تائالا بۇ ئۇلۇغ ئايالغا رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇ ھاشىم جەمەتىنىڭ قىزلىرىدىن بولمىسىمۇ، ئابباسىيە سۇلالىسىنىڭ ئەڭ مەشھۇر خەلىپىسىنى تۇغدى. ئۇنىڭ خىزمەتلىرى ئۆز زامانىسىدىكى ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ بارلىق زېمىنلىرىغا ئومۇملاشتى. ھەزرىتى ئۇبەيدە خېنىم ئېرى خەلىپە ھارۇن رەشىد ۋاپات بولغاندىن كېيىن 32 يىل ياشىدى. ھىجرىيەنىڭ 216- يىلى، مىلادىيەنىڭ 831- يىلى دۇنيادىن ئۆتتى. ئۇ ئېرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن خەلىپە مەئمۇننىڭ ھىمايىسىدە، خۇددى دادىسىنىڭ ھىمايىسىدە ياشىغاندەك ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن ياشىدى. خەلىپە مەئمۇن ئۇنى ئانىسىدەك كۆرۈپ، ھۆرمەتلەيتتى. كۆپ ۋاقتىدا دۆلەت ئىشلىرىدا ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سوراپ، ئۇنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئىش قىلاتتى. بەزىدە زۇبەيدە خېنىمنىڭ قارىشى ئۆزىنىڭ شەخسىي قارىشىغا زىت بولسىمۇ، زۇبەيدە خېنىمنىڭ قارىشىنى قوبۇل قىلاتتى. بەسرىلىك چوڭ شائىر مۇسلىم ئىبنى ئەمر زۇبەيدە خېنىم ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا مەرسىيە يازغان. ھەزرىتى زۇبەيدە خېنىم بۇ دۇنيادىن كۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئابباسىيلارنىڭ كۆڭلىدە ھايات ئىدى. ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، ئالىي بىلىمى ۋە قىلغان چەكسىز خىزمەتلىرىنى ھەر دائىم ئاسلەپ، ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا نەقىل قىلاتتى. IO?6F@(  
مانا بىزمۇ ئۇنىڭ ۋاپاتىغا 1300 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنى ئەسلەپ، ئىش ئىزلىرىنى قىسقىچە خاتىرلەپ ئولتۇرىمىز. ياخشىلىق قىلغان كىشى دۇنيادىمۇ ئاخىرەتتىمۇ ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ. ئاللاھ بۇ ئۇلۇغ ئايالدىن رازى بولسۇن، ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن. كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمان ھەدە - سىڭىللىرىمىزنىمۇ مۇشۇنداق ئاياللارنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىپ، ئاللاھ يولىدا، دىن ۋەتەن يولىدا ياخشى خىزمەتلەرنى قىلغىلى نېسىپ قىلسۇن، ئامىين. <(Ktf0'__  
قەدىرلىك دوسلار! بۇ مۇبارەك ئايالنىڭ تەرىپى ۋە ئىش ئىزلىرى كۆپتۇر. بۇ ھەقتە ئالاھىدە كىتاپ يېزىلغان. بىز بۇ يەردە قىسقارتىپ دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. m`8tHHF  
'8fL)Zk  
سۇنغۇچى: نۇرىلەم ياسىن
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-05-15, 22:31
 
MAZLUM
sultan88

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7857

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   846 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2265526 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4299 (قېتم)
 تۆھپە:   4299  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14438
 سائەت
دەرىجىسى:
14438 سائەت 402 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-14
ئاخــىرقىسى:2013-09-16
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 05-16

خەلىپە رەشىدى ھارۇن ( مىڭ بىر كېچىدە) كۆپ سۆزلىنىدۇ ، ئايالى زۇبەيدەمۇ  شۇنداق . بۇ ئايال  ھەقىقەتەن  بىلىملىك . ئەخلاقلىق ، تەقۋىدار ئايال ،بۇ  سالىخ ئايالنىڭ مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتكەن ئەجرى كۆپ ،   p4sU:  
نېمى سەۋەپتىن ئاكىسى مەئىمۇن بۇ ئايالنى ئۆلتەگەن بولغىيتى  ؟ ........
ئەسسالامى ئەلەيكۇم  .مۇنبەرداشلار
alhux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   409 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26190 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2620 (قېتم)
 تۆھپە:   2620  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5656
 سائەت
دەرىجىسى:
5656 سائەت 284 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-06-16
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-16

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  sultan88 كە 2013-05-16 01:25ئەۋەتىلدى  : &&;ex9  
خەلىپە رەشىدى ھارۇن ( مىڭ بىر كېچىدە) كۆپ سۆزلىنىدۇ ، ئايالى زۇبەيدەمۇ  شۇنداق . بۇ ئايال  ھەقىقەتەن  بىلىملىك . ئەخلاقلىق ، تەقۋىدار ئايال ،بۇ  سالىخ ئايالنىڭ مۇسۇلمانلارغا كۆرسەتكەن ئەجرى كۆپ ،   c Qld$  
نېمى سەۋەپتىن ئاكىسى مەئىمۇن بۇ ئايالنى ئۆلتەگەن بولغىيتى  ؟ ........   Js/N()X  
p`$fTgm  
M9gOoYf,~  
Zw+=ng.q?  
سىز دىگىنىڭىز قايسى مەئمۇن بولغىيدى .تىمىدا خەلىپە مەئمۇن ئۇنى ئانىسىدەك ھۆرمەتلەيتتى دىيىلىپتۇغۇ ...مەن قايتا بىر ئۇقۇپ باقاي بولمىسا ...
ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل،كەينىڭگە قاراپ شۈكرى قىل!
alhux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10661

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   409 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26190 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2620 (قېتم)
 تۆھپە:   2620  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5656
 سائەت
دەرىجىسى:
5656 سائەت 284 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-04
ئاخــىرقىسى:2013-06-16
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-16

ھەقىقەتەن ئۈلگە ئالغۇدەك بىر زاتكەن .مەرھۇمغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .
ئالدىڭغا قاراپ پىكىر قىل،كەينىڭگە قاراپ شۈكرى قىل!
arqa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13646

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   124 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6265 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   628 (قېتم)
 تۆھپە:   628  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4725
 سائەت
دەرىجىسى:
4725 سائەت 225 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-01-19
ئاخــىرقىسى:2013-09-15
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

مەرھۇمغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . 5M_Wj*a}7  

dunyamin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10785

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   272 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17007 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1706 (قېتم)
 تۆھپە:   1705  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4304
 سائەت
دەرىجىسى:
4304 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-10
ئاخــىرقىسى:2013-09-16
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-25

مەرھۇمغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . 1'? 4m0W1  
hpU2  

ankajan123
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15743

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   47 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2576 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   263 (قېتم)
 تۆھپە:   262  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 243
 سائەت
دەرىجىسى:
243 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-05-24
ئاخــىرقىسى:2013-06-12
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-25

تىمىڭىزغا تەشەككۈر بىلىۋالدىم  
uyughur yigiti
ruhsar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2429

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1093 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   38492 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3261 (قېتم)
 تۆھپە:   3225  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 13184
 سائەت
دەرىجىسى:
13184 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-18
ئاخــىرقىسى:2013-09-05
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-26

اللە رەھمەت قىلسۇن مەرھۇمغا  ئۇ ئايال بىزنىڭ ئۈلگىمىز بولغۇسى
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى