باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       428 
  •    ئىنكاس 
       2 

: بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟

قەۋەت ئاتلاش
UYOL
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13526

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4379 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   441 (قېتم)
 تۆھپە:   441  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4103
 سائەت
دەرىجىسى:
4103 سائەت 237 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-01-11
ئاخــىرقىسى:2013-07-25

[align=center]بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟ am}zOr\  
ئابدۇقادىر جالالىدىن
      <ئانا> - ئۇيغۇرلارغا نىسپەتەن ھەرگىزمۇ ئاددى ئۇقۇم ئەمەس.   <ئانا> - ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بارلىق كىلىپ چىقىشنىڭ سىمۋولى. :9<5GF(  
     ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئانىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ ۋە ئانىغا باغلانغان ھالدا ياشايدۇ.ئاخىرى يەنە ئانىغا قايتىدۇ.ئانا مەنە بۇلىقى،ئۇيغۇرلار دۇنيا ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى   <ئانا>  ئۇقۇمىدىن خالىي ھالدا ئېلىپ بارالمايدۇ.ئۇلار ئۈچۈن ئانا - ئالەم، ئانا-بىلىم ۋە تەپەككۇرغا سەلتەنەت بېغىشلايدىغان سۇبىستانسىيە.مېنىڭچە،ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتقاد ۋە تەپەككۇر تاراىخىنى   <ئانا> لاردىن مۇستەسنا ھالدا يۇرۇتقىلى بولمايدۇ ۋە يازغىلى بولمايدۇ.ئۇيغۇرلار   <ئانا>  نى مەركەز قىلىپ،بىر ئائىلىنىڭ شەجەرىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.ھەتتا ئانىنى سۈپەت قىلىپ پۈتۈن بىر ۋەتەننىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقىدۇ.ئانا-ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ كىندىكى. "P6MLf1  
      <ئانا>  دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنە قاتلىمى مۇنداق بولسا كېرەك:   <ئانا> - ھاياتنىڭ كىينكى ھالقىللىرىنى تۇغقۇچى.بۇ جەھەتتە   <ئانا> ئۇقۇمى بارچە شەيئىگە ئورتاق بۇلۇپ،بىر تۈپ ياۋا ئوتمۇ ئانا،ئۇمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا ئۆزىنىڭ كىيىنكى ۋۇجۇدىنى يېتىلدۇرىدۇ.مېكيانمۇ ئانا،ئۇمۇ چۇجىللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ تاپقان تەگەنلىرىنى شۇلارغا بېرىدۇ.بىزدىمۇ   <ئانا>  ئۇقىمىنى < تۇغۇپ قويغۇچىدىنلا ئىبارەت> دەپ چۈشىندىغانلار تالاي.بۇنى بىز بيولوگىيەلىك ئانىلىق دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ،ۋەھالانكى،ئىسان بۇنداق ئانىلىق بىلەن <ئىنسان > بۇلۇش شەرىپىنى ئۆتىيەلمەيدۇ.  <ئانا>  يەنىە مېھىر-مۇھەببەت تۇپرىقى ۋە ئۈن-تىنسىز بەدەل،بۇ يەنىلا ھەممە مىللەتكە ئورتاق.ئەگەر تەڭرى ئىشسانلارغا < مېھىر> دىىن ئىبارەت بۇ گۈزەل تەبىئەتنى بەرمىگەن بولسا،ئانىلار ئۆز باللىرىنىڭ تۆگىمەس جەبىر-جاپاسى تۈپەيلى ئۆز بالىلىرىنى تۇنجۇقتۇرۋەتكەن بولاتتى.ئانىلار ئۆز پەرزەنىتلىرى ئالدىدا دەل مۇشۇخىل مۇھەببەت تۈپەيلى  ئۆمۈرلۈك مالاي.نۇھەببەت بىرخىل مالايلىققا شۇنداق قىممەت ئاتا قىلغانكى،ئانادەل مۇھەببەت ئارقىلىق تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئۇلۇغۋار مەنىگە ئېرىشتۈررەلىگەن.ئەگەر دۇنيادا ئانا مۇھەببىتىدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي مۇھەببەت بولمىغان بولسا،دۇنيا قاباھەت بىلەن تولغان كۇھقاپقا ئايلانغان بۇلاتتى.شۇنىڭدەك ئانا مېھرىدىن بەخرىمان بولمىغان پەرزەنىتمۇ باغرى تاش جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ <ئانا>  ئۇقۇمى ئەنە شۇ مۇھببەت باسقۇچىدا ئەللەيلىنىپ ياشايدۇ.ئۇلار ئانىلارنىڭ مېھىرلىك قىياپەتلىرىنى ئاق كۆڭۈللۈكلىرنى،بەرگەن قۇربانلىرىنى،پەرزەنىت ئالدىدىكى پەيۋەنىدلىكلىرىنى،ھازا ئىچىدىكى مىسكىن ئۆلۈمنى ناخشا-قۇشاققا ئايلاندۇرۇپ ،تېلۋىزۇر ئېكرانىغا ئېلىپ چىقىشتى.mtv قىلىپ ئىشلەپ بازارغا سېلىشتى.لېكىن ئانىلىكنىڭ تېگى-تەكتى ۋە پەرزەنىتلىك مەسئۇليىتى ھەققىدە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولمىش پاراسەتلەرنى ئىشلەپ چىقالمىدى.بۈگۈنكى كۈندە شائىرلار ئانا ھەققىدە كۆپ يازدى،ناخشىچىلارمۇ ئانا ھەققىدە كۆپ كۆيلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئانىنىڭ شەپقىتىگە بېقىندى بۇلۇپ كەتكەن مىشچان ئەۋلادلارنىڭ قەلىب ساداسى.ئۇنداقتا بۇنداق بېلى بوش ئەۋلادلار نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بۇ يەنىلا مېھىر-شەپقەتتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيدىغان ساددا،ئاقكۆڭۈل ئاتا-ئانىلارنىڭ مەھسۇلى.قەدىمكى ئۇيغۇرلاردىكى ئانىلار ئەرلىرى ۋە ئوغۇللىرىنى جەڭگاھتا ئۇزىتىۋىتىپ ئىپتىخار قىلىشاتتى.ئۇلار ئەرلىرى ياكى ئۇغۇللىرىنىڭ شېھىت بولغىنىنى ئاڭلىغاندا كۆزلىرىنى مىت قىلمايتى،بەلكى ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلاتتى. ھازىرقى كۆپلىگەن ئانىلار بولسا باللىرىنى يىراق شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقانلىرىدا،ئۆرتىنىپ يىغلاپ كىتىشىدۇ. قارىغۇچىلارچە مېھىر-شەپقەت -- بۇلۇمسىز ئەۋلادلارنى يېتىشتۇردىغان بۈشۈك.ئۇيغۇرلارنى دۇنيا قارشى تەسەۋۋۇپ بىلەن سۇغۇردىغان خەلىق.ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ- كىچىك ساھەلىرىگە نەزەر سالساق،بۇ خەلىقنىڭ تەسەۋۋۇپ روھىنى ئاممىۋى مىقىياسىدا كېڭەيتىۋەتكەن خەلق ئىكەنلىكى مەلۇم بۇلىدۇ.جۇملىدىن ئۇيغۇرلاردىكى   <ئانا>  ئۇقۇمىمۇ تەسەۋۋۇپ خاھىشىدا راسا پىشۇرۇلغان. بۇھال مەشرەپ شېئىرلىرىدا بىر قەدەر روشەن ئەكس ئېتىدۇ: /vu7;xVG  
"ئانا رازى خۇدا رازى،مۇھەممەت مۇستاپا رازى". >_@J&vC  
    دىققەت قىلىش كېرەككى،ئاتالمىش ئانىلارنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلسىلا خۇدا رازى بۇلۇپ كەتمەيدۇ،بەلكى خۇدانىڭ بۇيرۇقىنىى چۈشەنگەن ۋە ئىجرا قىلغان ئانىلارنى رازى قىلغاندىلا،ئاندىن خۇدا رازى.مەشرەپنىڭ دېگىنىمۇ ئەنە شۇ ئىدى. ئەمما،بۇ پېرىنسىپ شېئىرلاشتۇرلۇپ ئېيتىلغاچقا،قۇيۇق ھېسسىيات تۈسىگە ئىگە.پىرىنسىپلارنى ھېسسىياتلاشتۇرۇش شېئىرىي مىللەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى \?j(U8mB>  
تەسەۋۋۇپمۇ ماھىيەتتە شېئىرىي قايناق.كۆيۈم-ئانىلاردىكى ئىنسانىي سغپەتنىڭ يارقىن  ئىپادىسى.ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار  ئانالىنقنىڭ ئۆلچىمىنى <كۈيۈم> بىلەنلا چەكلىگەن.شۇ دائىرىدە تەلقىن قىلغان. }{$@|6)R   
   <ئانا> دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۈچىنچى ،مەنىسىمۇ بار،بۇنى ئانىلىقنىڭ تاكاممول ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ.ئانىلىق پەرزەنىكە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى ئېتقاد يۈكسەكلىكىگە كۈتۈرەلىگەندىلا،پىداگوگىك مەنىگە ئىگە بولىدۇ.ئانا پەرزەنىتلىرىگە مەلۇم بىر ئېتقادنى چۈشەندۈرەلىگەندىلا ۋە قۇبۇل قىلالىغاندا،ئۇلارغا كۈيۈنگەندە،ئېتقادنى پىرىنسىپ قىلالىغاندا، ئۇلارنى جازالىغاندىمۇ ئېتقادنى مىزان قىلالىغاندا،بۇنداق ئانا ئۆزىدىكى ئانىلىق تەبىيەتنى مۇقەددەس پەللىگە يەتكۈزەلەيدۇ.بۇنداق چاغدا ئانا ئۆزىدىكى ئىنسانىي ھېسسىيانىڭ ۋاكالەتچىسى بۇلۇپلا قالماستىن،ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇقەدەسلىكنىڭمۇ ئەلچىسىگە ئايلانغان بۇلىدۇ. /O9z-!Jz  
   ھېكايەت: بىر ئايالنىڭ بىر ئوغلى بار بولغان ئىكەن.ئۇ يىراق بىر شەھەرگە كېتىپتۇ.بي ئارىدا ئۇنىڭ ۋەتىنى ياۋلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپتۇ.ئايال ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلسا،ئۇنىڭ سودا قىلىپ يۇرگىنى مەلۇم بوپتۇ.غەزەپلەنگەن ئانا ئوغلىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ۋە ھېچئىككىلەنمەستىن ئوسلىنى قەتىل قىپتۇ.كېيىن ئۇقسا ئانا ۋەتىنىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا سودا قىلغان ئىكەن.بۇنىڭدىن ئۆكۈنگەن ئانا ئوغلىنىڭ روھىغا دۇئا قىپتۇ ۋە ئوغلىنىڭ بۇرچىنى زىممىسىگە ئاپتۇ.شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ <ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك>دېگەن داستانىدىمۇ ياۋغا تەسلىم بۇلۇپ،ئۇلارغا مالايلىق قىلغان ئوغلىنى ئۆز قولى بىلەن قەتىل قىلغان بىر ئانا تەسۋرلەنگەن x`4">:IA  
بۇنداق تېما ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدىن كۆپلەپ تېپىلىدۇ.ئانا بىر ئىنسان بۇلۇش سۇپتى بىلەن ئۆز پەرزەنتىنى تولىمۇ سۆيىدۇ %NvY~,  
دۇنيادا بالىسىنى سۆيمەيدىغان ئانا بولمىسا كېرەك.لېكىن،بۇ سۆيگۈنى شەخسىيەتچىلىكتىن ھالقىغان ھالدا .ئالىيجاناپ سۆيگۈگە ئايلاندۇرغان ئانىلار ھەممىلا يەردە ئۇچراۋەرمەيدۇ. i]P]o)  
   تۇمارىس --- ئانىلىق پەزىلەتكە ۋەكىللىك قىلدىغان تارىخى ئانىلارنىڭ بىرى.كەيخسىراۋ ماساگىتلارنىڭ ۋەتىنىگە بېسىپ كىرگەندە،تۇمارىس ئوغلىنى جەڭگە ئەۋەتىدۇ،ئارقىسىدىن ئۆزى بېرىپ كەيىخسىراۋنى مەغلۇب قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن ئوغلىنىڭ قىساسىنى ئالىدۇ.بۇنداق ھەيۋەتلىك سىيمالارنى بۈگۈنكى دەۋېر بىلەن سېلىشتۇرغاندا،ئانىلاردا بۇلۇشقا تېگىشلىك روھنىڭ قانداق بۇلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىمىز.ئانىلاردا باتۇرلۇق بۇلۇش بىلەن بىرەگە زامانغا لايىق پاراسەت،ئەخلاقىي چېرىكلىككە قارشى تەقۋالىق بۇلىشى كېرەك بولماقتا. dI`b AP;\  
   ئۇيغۇرلاردا < بالاڭنى ئايىساڭ بالاغا قالسەن> دېگەن گەپ بار.ۋاپاسىز بالىلار __ ئانىلىقنى نۇقۇل كۈيۈنۈش دەپ چۈشەنگەن،ئاتا-ئانا قېشقدا ئۈنگەن شۇم بۇيا. GE|V^_|i  
   ئاددى ئانىلار ۋە مەشھۇر ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئانا.ئانىنىڭ ئاددىلىقىدا بەزىدە ئالەمچە ھېكمەت بۇلىدۇ.ئەسلىدە ئانىلارنىڭ بىر تامچە سۈت ھەققى ئۆمۈرلۈك ۋاپاغا ئەرزىيدۇ.لېكىن بالىق سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەتزەنىتلىرىنى ئېتقاد ۋە دۇنيا قاراش بىلەن تەربىيلەشنى بىلىدۇ.مانا بۇ ئىنساننىڭ جاپاسى ۋە شان شەرىپى.شۇنداق بولغاچقىلا،ئانىلىق- سۈت بىرىش ۋە مېھىر ئاتا قىلىش ئەمەس بەلكى پەرزەنىتلىرىنى خاتىرجەمسىز مۇھىتتا تىز پۈكمەي ياشىيالايدىغان قىلىش.  0y?bwxkc  
    بالىلىرىمىز مەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋىردە ياشاۋاتىدۇ.بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر-شەپقەتنى غەپلەت بۈشۈكىگە ئايلاندۇرۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس،بەلكى ئۇنى يۈكسەك ئېيقاد ئېستىراگىيىسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك. -LUKYGBK  
   ئانا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا مەڭگۈ قەرىزدار. {<V{0s%  
                                                                                                           2004 يىل يانۋار   ئۈرۈمچى )Zox;}WK+  
ئەسكەتىش:مېنىڭ ئاپام بىر ئاددى خەلق ئوقۇتقۇچىسى.ئۇ ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيدۇ.مەن بۇ يىل ئانىلار بايرىمىدا ئۇنىڭغا ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ < ئىنساني سۈپەت مەنزىلى> ناملىق كىتابىنى سوۋغا قىلدىم. ئۇ تولىمۇ خۇشال بولدى.ئۇ ماڭا بۇ تېمىنى تورغا يوللاپ قۇيۇشنى .ئېيىتقاچقا يوللاپ قويدۇم.پايدىنىلارسىلەر.ئاپتۇرنىڭ تەستىقىنى ئالمىغان بولساممۇ، ئابدۇقادىر جالالىدىىن چۇقۇم رازى بۇلىدۇ.چۈنكى .ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىز ئۈچۈن بىباھا ئەڭگۈشتەر. $%ps:ui~X  
DcU$sf*  

تېما تەستىقلىغۇچى : yawuzbag
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-05-12, 19:28
 
salam0098
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14403

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   159 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6023 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   633 (قېتم)
 تۆھپە:   633  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3142
 سائەت
دەرىجىسى:
3142 سائەت 98 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-03-02
ئاخــىرقىسى:2013-08-11
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 05-14

مەنمۇ ب ئەسەرنىڭ ئاۋازلىقىغا بەكمۇ ئامراق ئىدىم ،كېيىن يۇيلۇپ كەتكەن ئىدى ، or#]![7N  
ئۇنىڭدىن كېيىن پەقەت تاپالمىدىم، z4=OR@ h  
مۇشۇنداق ئېسىل تېمىنىڭ يالغۇز قالغىندىن تولمۇ ئەپسۇسلاندىم ، ھەي
ھۆكۈمراننىڭ زالىملىقى ئاۋامنىڭ قۇلچىلقىدىن كەلگەن،
قۇلچىلىق نادانلىق بىلەن قوش كېزەك.
akida1
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7848

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   24 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1554 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   154 (قېتم)
 تۆھپە:   154  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 55
 سائەت
دەرىجىسى:
55 سائەت 35 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-13
ئاخــىرقىسى:2013-09-12
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-18

ناھايتى ياخشى تىما ئىكەن،
سالام دوسلار
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى