نۆۋەتتىكى قايناق، تېز تۇرمۇش رىتىمىدا نۇرغۇن خىزمەتچىلەر ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ناشتىغا سەل قارايدۇ. ناشتىلىق كېچىلىك ئۇيقۇدىن كېيىنكى تۇنجى غىزا بولۇپ، ناشتا قىلىش ناھايىتى مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانچە ئالدىراش بولغان تەقدىردىمۇ ناشتىنى چوقۇم ياخشى قىلىش كېرەك. لېكىن، بەزى يېمەكلىكلەرنى ناشتىدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. 1. ئاشقان تاماق
ناشتىدا ئاشقان تاماق، قورۇمىنى شۇ پېتى ياكى قورۇپ يېيىشكە، ئاشقان تاماق، قورۇمىلارغا چۆپ سېلىپ پىشۇرۇپ يېيىشكە بولمايدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىراشلىقتا ئاخشىمى تاماقنى كۆپرەك ئېتىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە قورۇپ يەيدۇ ياكى ئاشقان تاماق، قورۇمىلارنى ئىسسىتىپ يەيدۇ. بۇنداق ناشتىلىقنى تەييارلاش ئاسان، مول بولغانلىقتىن كىشىلەر ناھايىتى قۇۋۋەتلىك غىزالىنىش، دەپ قارايدۇ.
باھا: تاماق، قورۇمىلار بىر كېچە تۇرۇپ قالسا، كۆكتاتتا نىتروئۇس كىسلاتا پەيدا بولىدۇ. ئۇنى يېگەندە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىدۇ!
2. غەربچە تېز تاماقلار
ناشتىدا ھامبۇرگ بولكىسى، مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ قاتارلىق ھەر خىل غەربچە تېز تاماقلارنى ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
غەربچە تېز تاماقلار ئەزەلدىن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان دائىملىق يېمەكلىكلىرى. ھازىر نۇرغۇن تېز تاماقخانىلار ناشتىلىققا ھامبۇرگ بولكىسى، قەھۋە ياكى سۈت، قىزىل چاي قاتارلىقلارنى تەييارلايدىغان بولغانلىقتىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنداق يېمەكلىكلەر بىلەن ناشتا قىلىدۇ.
باھا: ناشتىدا بۇ خىل يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك تاماقلارنى يېگەندە ئاسانلا سېمىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار تەكشىسىز بولۇپ، دائىم يېگەندە ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، تالا ماددىسى قاتارلىق ئوزۇقلۇقلارنىڭ كەملىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش سالامەتلىككە زىيانلىق.
3. ئادەتلەنگەن ناشتىلىق
پىلتە قۇيماق ۋە پۇرچاق سۈتىنى ناشتىدا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر بوۋا، مومىسىنىڭ ئەتىگەنلىك غىزالىنىش ئادىتىنىڭ تەسىرىدە پۇرچاق سۈتى ۋە پىلتە قۇيماق ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلىنىپ قالغان.
باھا: پىلتە قۇيماق قىزىق مايدا پىشۇرۇلىدىغان يېمەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ماي قازان نېنى، قورۇما جۇۋاۋا قاتارلىقلارغا ئوخشاش يۇقىرى بولىدۇ. يېمەكلىكلەر قىزىق مايدا پىشۇرۇلغاندا ئوزۇقلۇق تەركىبلەر خوراپلا قالماستىن، يەنە راكنى شەكىللەندۈرگۈچى ماددىلار پەيدا بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق يېمەكلىكلەرنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.
4. ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىكلەر
پېچىنە، شاكىلات قاتارلىق ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ناشتىدا يېيىشكە بولمايدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئۆيىدە زاپاس تەييارلاپ قويىدۇ. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا ئالدىراشچىلىقتا تەييار ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر بىلەن ناشتا قىلىدۇ.
باھا: پېچىنە قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىق تەركىبى دانلىق زىرائەت بولۇپ، بۇلارنى يېگەندە ۋاقتىنچە قورساق تويغاندەك قىلسىمۇ، قورساق بىردەمدىلا ئېچىپ، چۈشكە يېقىن قان شېكىرى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا ناشتىدا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يېگەندە ئاسانلا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، سالامەتلىك ناچارلاش ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ، بەدەننىڭ ئىممونىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.
مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى