شىھىتيارقەدىمكى شەھىرى تارىخى توغۇرسىداقىسقىچە تەتقىقات
66+]D4(k ئابدۇكىرەم قاسىم
t*6C?zEAU مەن بىلسەم ھازىرغىچە شىھىتيارقەدىمكى شەھىرى تارىخى توغۇرسىدا ماتىرىيال يوللانماپتۇ ھەم يىزىلماپتۇ ،شۇ ۋەجىدىن مەن ئازراق بولسىمۇ بۇ شەھەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ ماتىرىيال يوللىماقچى بولۇپ ماتىرىيال تەييارلاپ چىقتىم.
(4`Tf*5hHa قەدىمكى يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت گۈزەل شەھەردىيارىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدە بۇنىڭدىن 1500يىل ئىلگىرىكى مەدەنىيەت بۆشىكى بولغان ،نامى يىزاق-يىقىنغا تارالغان،سىياسى،ھەربىي،ئىقتىساد،يىزائىگىلىك جەھەتتە،تەكلىماكان بويىدىكى ھەرقايسى قەبىلە-قەۋىملەرئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان،بىرقەدىمى سىرلىق شەھەرئۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى ھىيۋەت قىياپىتى ھىلىھەممۇ ساقلانغان ھالاتتە قەدكۆتۈرۈپ تۇرماقاتا.
5"q{b1 مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىمدە مۇشۇ شەھەرنى قىسقىچە تەتقىق قىلىپ ئۆتكەن بولغاچقا ھازىر ئۈگەنگەن بىلىملىرىم ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىمنى كەڭ تورداشلارغا سۇنماقچىمەن،بىلىمىمنىڭ ۋە تەتقىقات دائىرەمنىڭ چەكلىك بولغانلىقىدىن بىزىكەمچىلىكلەردىن خالى بولالمىدىم،كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە تارىخ ساھاسىدىكى قىرىنداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرى بولسا ئايىماي بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
]#q$i[Y شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنى قەشقەرۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيىسى لوق يىزىسىنىڭ 6-كەنىتىنىڭ شەرقى جەنۇپ تەرىپىدە داڭلىق بولغان «شېھىتيار شەھىرى»قەدكۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
,p\*cHB9 «شېھىتيار»دىگەن ئىسىمنى خەنزۇچە تەرجىمىسى بويىچە ئالساق «مەڭگۈيوقالمايدىغان تىك قىيا»دىگەن مەنىدە،«جەلىپكارقاغىلىق »دىگەن كىتاپتا چۈشەندۈرىلىشچە «شىھىتيارقەدىمكى شەھىرى» 11-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قۇرۇلغان.تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا قاراخانىيلارسۇلالىسى دەۋىرىدە قاراخانىيلار خاندانلىقىنىڭ قاغانى(پادىشاھى)ئۇدۇن رايۇنى ۋە تىبەتلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن ھەمدە چىگىرنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھازىرقى قاغىلىقنى مەرگەزقىلىپ بىرشەھەرقۇرۇشنى پىلانلىغان دەيدىغان كۆزقاراشلارمۇ بار.مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇشەھەر ئىستىراتىگىيلىك ئورنى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەۋزەللىككە ئىگە.
U^-J_yq شەھەرئىچىدىن قارىغاندا ئىنتايىن رەتلىك لاھىيلەنگەن خارابىيلىكنى ئىنىق ئۆلچىگەندە ئومومىي ئايلانمىسى 5كىلومىتىر ،غەرىپ تەرپىدە بىرئىگىزلىك بار.تۆت ئەتىراپى ساپال بويۇملارنى قىزىش خىزمىتى ئىلىپ بارغاندا ئازراق كولانغان.
`<Hc,D; p شەھەرئىككى قىتىم ئىغىربۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرغان 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربى لىياۋ سۇلالىسى بىرقىتىم بىسىۋالغان،بولۇپمۇ مۇشۇ قىتىملىق مۇڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىدا شەھەرخەلىقى چىچىلىپ شەھەرمۇ ئاساسى جەھەتتىن ۋەيران بولغان.
Th~pju 1900-يىلى ئەنگىلىيىلىك ئىكىسپىدىيىچى سىتەيىن تەرپىدىن بىرقىتىملىق چوڭ قىزىلغان ھەمدە جۇڭگۇ مەدەنىيىتى سىڭگەن قەدىمكى پۇل،قەدىمكى يىزىق پۈتۈكلىرى ۋە قەدىمكى بۇددىنىزىم مەدەنىيىتىنى ئۆرنەك قىلغان.نۇرغۇن بويۇملارشايى-يىپەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۆزدۆلىتىگە ئىلىپ كەتكەن.
F1`mq2^@ ئەينى چاغدا بۇشەھەرنىڭ تۆت ئەتىراپى پاپيىشىل ئىتىزلىق ۋە ئورمانلار بىلەن قاپلانغان ئىدى،بۇغداي ،تىرىق قاتارلىق زىرائەتلەركەڭ كۆلەمدە تىرىلغان،كۆممە قوناقمۇ ئازمىقداردا بارئىدى.
K:pG<oV|} نوپۇسنىڭ بارا-باراكۆپىيىشىگە ئەگىشىپ سودىمۇ راۋاجلانغان ،چاي-يىپەك ئاشلىق،ساپال بويۇملاربازاردا ئاساسلىق مەھسۇلات بولغان.
~$Z_#,|i? ھەربى جەھەتتە ،شەھەرسىپىلى مۇھتەھكەم ھەم كەڭ بولۇپ شەھەرسىرتىغا مۇدائىپە خەندىكى كولانغان.ھازىرپەقەت بىرقىسمىلا قىلىپ قالغان.
Vr&v:8:wb سىياسى جەھەتتە،بىرپادىشاھ ۋەلى ئەھدى ۋە ھەرقايسى تۈرلەرگە مەسئۇل بەگلەربىكىتىلگەن بولۇپ خىلى مۇكەممەل ئىدى.
2"Y=*s ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ماقالىنى مۇشۇ يەردە توختىتىمەن ،كەڭ تورداشلارنىڭ بىلىۋىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
!A_KCM:Ym (ئاپتۇر:ئابدۇكىرەمجان قاسىم.خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تىخنىكۇمى تارىخ ئىلمى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ،ھازىر قاغىلىق تاش يول باشقۇرۇش ئىدارىسى يۇلغۇن ساي شۆبە ئىدارىسىنىڭ سىياسى باشقارمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ،ئۆزكەسپى بويىچە ئىزدىنىپ تارىخى تەتقىقات ئىشلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىۋاتىدۇ)
?/p."N:]H رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكىمەسلىكىڭىزنى ئەمگەك مىۋىمىزنى ھۈرمەتلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
_)#~D*3 يوللىغۇچى :مەخمۇتجان مەمەت
`7',RUj|D 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى
['0^gN$:e مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر
Zo,]Dx
s|"4!{It 








/B