باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       347 
  •    ئىنكاس 
       1 

مېنىڭ يۇرتۇم

قەۋەت ئاتلاش
altunboxuk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4011

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   230 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   12590 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1191 (قېتم)
 تۆھپە:   1160  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3459
 سائەت
دەرىجىسى:
3459 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-21
ئاخــىرقىسى:2013-09-02

XeD9RMT  
     يېقىندىن بېرى بالىلار تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە پارچە ھېكايە يېزىپ باققان، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەزەنتلىرىنى چۈشۈنىشى ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەشتە ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە مۇنبەرگە يوللىدىم. h_K(8{1  
+.N3kH  
مېنىڭ يۇرتۇم h+e Oe}  
ھېكايە
^h+,Kn0@  
OhmKjY/}  
كەچلىك تاماقتىن كېيىن تاپشۇرۇق ئىشلەشكە ئولتۇردۇم. ماتىماتىكا تاپشۇرۇقىدىن كېيىن ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ يەنە ماقالە يېزىشنى تاپشۇرغانلىقى ئېسىمگە كەلدى. تاپشۇرۇقتا يېزا تۇرمۇشى تېما قىلىناتتى. قولۇمغا قەلەم ئېلىپ نېمە يېزىشنى، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمەي بەك قىينالدىم. ھەرقانچە ئويلىساممۇ سەھرالىقلارنىڭ چىرايىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرىدىغان نامرات ھالىتىدىن باشقا كۆرۈنۈشىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم. گېزىت-ژورناللاردىن مۇشۇ ھەقتە ئاز-تولا بىر نەرسە تېپىپ ۋەزىپەمنى ئادا قىلماقچى بولدۇم. لىكىن شۇنچە ئىزدەپمۇ ھىچقانچە بىر نەرسىگە ئېرىشەلمىدىم. ئاخىرى زەردە بىلەن: *')g}2iB  
-بىز يا سەھرالىق بولمىساق، نېمە دەپ بۇ تېمىدا ماقالە يازدۇرىدىكىنە، يازىدىغانغا ھىچ نەرسە تېپىلمىغاندەك،-دېگىنىمچە دەپتەر-قەلەملىرىمنى ئۈستەلگە ئېتىپ ۋاقىراپ كەتتىم.   M_tY:v  
ياندىكى ئۆيدە تۇرۇپ مېنىڭ غودىراشلىرىمنى ئاڭلىغان دادام قېشىمغا چىقتى: RZm}%6##ZC  
-نېمە بولدۇڭ، نېمىشقا بۇنچە ئاچچىقلايسەن؟ V[-4cu,Ph^  
-مەن ھېلىقى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزدىن خاپا بولىۋاتىمەن. ھېلى ئۇنى ياز دەۋاتقان، ھېلى بۇنى ياز دەۋاتقان. ئەمدى قوپۇپ:«<مېنىڭ يېزام> دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىڭلا» دەيدۇ، خۇددى بىز بىر سەھرالىقتەك. QUL^]6$  
-ھاي، ھاي، سەن سەھرالىق بولمىغان بىلەن مانا مەن سەھرادا تۇغۇلغان، ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەھرادا ياشىغان. ئەسلىمىزنى ئۇنۇتساق گۇناھ بولىدۇ، بالام. مۇئەللىمىڭنىڭ ماقالە-ئەسەرلەرنى كۆپ يازدۇرۇشى يەنىلا سىلەرنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىڭلارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟ سەھرانىڭمۇ ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغۇدەك نۇرغۇن گۈزەل تەرەپلىرى بار. ھەجىبا، شەھەرلىكلەر سەھرا توغرىسىدا يازسا بولمامدىكەن؟ سەھرا توغرىسىدا يېزىش يازىدىغان نەرسە تېپىلمىغاندا قىلىدىغان ئىشمىكەن؟ `Tt}:9/3  
دادامنىڭ ۋەزىنلىك گەپلىرى ۋە كۈچلۈك سۇئاللىرى ئالدىدا تەمتىرەپ قالدىم. BKDs3?&  
-ياق... مەن شۇ، سەھرانى چۈشەنمىگەندىن كېيىن... J+f.r|?  
-ھە، ما گېپىڭنىڭ ئاساسى بار. ناتونۇش شەيئىنى يازماق ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس. aY8"Sw|4  
-شۇ ئەمەسمۇ، بولمىسا يېزا تۇرمۇشى ھەققىدىكى تەسىراتىڭنى سۆزلەپ بېرەمسەن-يا؟ Rk2V[R.`S  
دادام سەل ئويلىنىۋېلىپ: 8<(qN> R  
-ئۆز تەسىراتىڭ بولمىسا مەن سۆزلەپ بەرگەن بىلەنمۇ ياخشى يازالماسلىقىڭ مۈمكىن، ئالدىمىزدىكى دەم ئېلىش كۈنى مەن سېنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان ئاشۇ سەھراغا باشلاپ باراي، سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرۈپ ئاندىن ماقالاڭنى ياز،-دېدى. yX%T-/XJ  
خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتتىم. چۈنكى بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم سەپەرگە چىقىشىم ئىدى. [(v?Z`cX\  
نەچچە كۈندىن كېيىن دادام بىلەن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ يولغا چىقتۇق. شۇ كۈنى قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. يول بويى دېرىزىدىن بېشىمنى چىقىرىۋېلىپ ئەتراپقا زوق-ئىشتىياق بىلەن تويماي قارايتتىم. دادامدىن:« ئاۋۇ نېمە؟ بۇ قەيەر؟» دەپ توختىماستىن سورايتتىم. بوستانلار، ئىدىرلىقلار، تاغلارنى كۆرگەندە ھاياجانلىنىپ ۋاقىرايتتىم، كۈلەتتىم. ناخشا ئېيتاتتىم. قىسقىسى كەيپىياتىم تولىمۇ چاغ ئىدى. ,i>u>YNZ  
ئىككى سائەتتىن ئارتۇقراق يول يۈرگەندىن كېيىن، قاتمۇ-قات تاغلاردىن ھالقىپ كەڭرى بىر ئويمانلىققا-ياپيېشىل بىر دۇنياغا چىقىپ قالدۇق. قاقاس تاغ بىردىنلا يېشىللىق دۇنياسىغا ئايلىنىپ قالدى. بۇ خىل تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈشنى كۆرۈپ يۈرىكىم قەپىزىگە پاتماي ئويناقلاپ كەتتى. تاغدىن پەسكە ساڭگىلىغاندىكى ساي توپ-توپ جىغان، سۆزگەن، قارىقاتلار بىلەن تولغان بولۇپ شۇنداق پاكىز، شۇنداق ساپ بىر خىل ھاۋا بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. سايدىن چۈشكەندىن كېيىن شورلۇق تۇپراق باشلىنىپ ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر: يۇلغۇن، كۆۋرۈك، سۆكسۆك، ئازغان، يانتاقلار بىلەن بۇيا، چىغ، قومۇش، قامغاق، شاپ...لار گىرەلىشىپ كەتكەن تەبئىي ئورمانلىق بىزنى قىزغىن قارىشى ئالدى. يۇلغۇنلار ئارىسىدا بوتىلاقلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ئوتلاپ يۈرگەن تۆگىلەر، يوغان بىر تۈپ چىغنىڭ كەينىدە قۇلاقلىرىنى دىڭگايتىپ بىزگە قاراپ تۇرغان توشقان، قومۇشلۇقلار ئارىسىدىن تۇيۇقسىز قاناتلىرىنى قېقىپ يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن قىرغاۋۇل، كەكىلىكلەر مېنى تېخىمۇ ھاياجانغا چۆمدۈردى. WAPN,WuW  
بىز چوڭ يول بىلەن مەھەللە يولى كېسىشكەن تۆت كوچا ئېغىزىدا ئاپتوبۇستىن چۈشتۇق. قارىماققا بۇ يۇرت ئادەمگە ئۆزگىچە بىر مىھىر بېغىشلاپ تۇرىدىكەن. تۈپ-تۈز يوللار، يول بويىدا بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن رەت-رەت ئۆيلەر، قاتار-قاتار تېرەكلەر، جىگدىلەر، سۆگەتلەر، مەجنۇنتاللار؛ سالا-سالا ئېتىزلار، ئېتىزلاردا لەرزان دولقۇنلىنىۋاتقان بۇغدايلار؛ ئېرىق-ئۆستەڭلەردە شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈپسۈزۈك سۇلار؛ ھەر خىل مىۋىلىك دەرەخلەرگە تولغان باغلار... مىسالى سۈرەتتەكلا گۈزەل بىر ماكان. قەيەردىندۇر كاككۇكنىڭ شاد ناخشىسى ئاڭلانماقتا. لەرزان چىقىۋاتقان مەيىن شامال دېمىغىمغا ۋايىغا يېتىپ پىشقان ئۈرۈك ھىدىنى ئېلىپ كەلدى. oh+Q}Fa:  
مەن خوشلۇقتىن قىن-قىنىمغا پاتمايتتىم، دادامدىن توختىماستىن سۇئال سورايتتىم: nR)/k,3W  
-دادا، بۇ يەر راستىنلا سېنىڭ يۇرتۇڭما؟ سەن راستىنلا مۇشۇ يەردە تۇغۇلغانما؟ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار قەيەردە ئىدى؟ RUcpdeo  
-شۇنداق، مەن راستىنلا مۇشۇ يۇرتتا تۇغۇلغان، قارا، بىزنىڭ ئۆي ئاۋۇ قارا سۆگەتنىڭ يېنىدا ئىدى. بىز شەھەرگە ماڭىدىغان چاغدا ئۇنى سېتىۋەتكەن. ئۇ يەرگە ھازىر باشقىلار ئۆي ساپتۇ. c$?(zt ;  
دادام مېنى يېتىلىۋېلىپ ئۆينىڭ ئەتىراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقتى. بىزنىڭ ئۆيى ئەتىراپىنى ئايلىنىپ يۈرگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ 70ياشلارغا كىرگەن، تەمبەل بىر بوۋاي ئالدىمىزغا چىقتى. ئۇ دادامنى كۆرۈپ: zfvMH"1  
-ھوي، سەن مامۇت سۇچىنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ؟ داداڭغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەنسەن،-دەپ ۋاقىرىغىنىچە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى ۋە بىزنى ئۆيىگە باشلىدى. gL%%2 }$  
بوۋاي پۈتۈنلەي مىللىيچە ئۇسلۇپتا نەقىش چىقىرىپ بېزەلگەن كەڭ پىشايۋان ئاستىغا داستىخان سېلىپ بىزنى مىھمان قىلدى. تاماق يېگەچ دادام كېلىش مەقسىدىنى ئېيتىۋىدى، بوۋاي: }{>)2S  
-بەك ياخشى بوپتۇ. تۇغۇلغان يۇرتىنى سېغىنىش ئادەمنىڭ تەبىئىتى. دادىڭىز بىلىملىك، ياخشى ئادەم ئىدى. يۇرتىمىزدىن ئەڭ دەسلەپ چىققان زىيالى ئىدى. سۇ ئىنژېنېرى بولغاچقا كىشىلەر ئۇنى مامۇت سۇچى دەپ ئاتىشىۋالغان. لىكىن ھەممە ئادەم ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى. كېيىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەرگە كۆچۈپ كەتتىڭلار، شۇ چاغدا سەن بەش ياشتا ئىدىڭ. مانا ھەش-پەش دېگۈچە 35يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. سەنمۇ چوپ-چوڭلا ئادەم بولۇپ كېتىپسەن،-دەپ ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلەپ كۆز يېشى قىلدى. 4yhan/zA  
تاماقتىن كېيىن ئۇ بىزنى باشلاپ باغلىرىنى، ئېتىزلىقلىرىنى كۆرسەتتى، خوشنىلىرىنى باشلاپ كىرىپ، بىزنى ئۇلارغا تونۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن چوڭ دادامنى بىلگەن، تونىغانلار بىزنى بەس-بەستە ئۆيلىرىگە چاقرىپ مىھمان قىلىشتى. نېمە دېگەن مولچىلىق، نېمە دېگەن باياشاتچىلىق. تەبىئەت بۇ زىمىنغان ھەممە نەرسىنى ئايىماي بەرگەنىدى. خەلقىگە چەكسىز ئەقىل-پاراسەت،  ئاقكۆڭۈللۈك، مىھماندوستلۇق، كەڭ قوساقلىق ئاتا قىلغانىدى. مەن بۇ يەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. بۇ يەر مېنىڭ ئانا يۇرتۇم. مەن بۇ يۇرتنى سۆيىمەن! ئۆزۈمنىڭ بۇ يۇرتلۇق بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن! ACQc0:q  
X0<qG  
نورۇزدىكى دەرس #+)AIf  
(ھىكايە)
!u@XEN>/  
سومكىسىنى ئالماي بىرلا كىتاپ كۆتۈرۈپ مەكتەپكە ماڭغان زەرىپە بۈگۈن باشقىچە چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ بېشىغا چىمەن دوپپا، ئۇچىسىغا زەر رەڭلىك ئەتلەس كۆينەك كىيگەن بولۇپ قىرىق تال قىلىپ ئۆرىۋالغان چاچلىرى ئىنچىكە بېلىدە ئويناپ تۇراتتى. كەيپىياتىمۇ خۇددى ئېقىن سۈيىدەك ئويناق، شوخ ۋە تېتىك بولۇپ، تۇرۇپ تايچاقتەك يۈگۈرسە، تۇرۇپ ناخشا ئېيتاتتى، شېئىر دېكلىماتسىيە قىلاتتى: \Eq,4-q  
بۈگۈن نورۇز، بۈگۈن ئۇيغۇرچە چاغاندۇر، p=F!)TnJN  
بۈگۈن نورۇز-باھار ھەرياندا سەيلاندۇر، I'&#pOB  
بۈگۈن نورۇز شىپاسى جانغا دەرماندۇر، H CKD0xx  
چېچەك-چوكان، پۇتاق-شاخلاردا سەيلاندۇر، !|!k9~v!  
بۇ نورۇز يىل بېشى، قىش ئەمدى سەرساندۇر. }yQ&[Mt  
شۇنداق، شۇ تاپتا تەبىئەتمۇ باشقىچە ئىدى. ئاسمان مەرۋايىتتەك سۈزۈك. مەيىن شامال يۈزلەرگە لەرزان ئۇرىلاتتى. دەرەخلەر پوتلا چىقىرىپ، ئېتىز-قىرلاردا كۆك، چىملار باش كۆتۈرگەن. تال-چىۋىقلارنىڭ چېچەك-چوكانلىرى، ئېرىقلاردىكى ئەگىز سۇلىرىنىڭ شىلدىرلاشلىرى، باغلاردىكى باھار چىچەكلىرى ئادەمگە ئۆزگىچە ھوزۇر ئاتا قىلاتتى. XY1D<  
زەرىپە باھار پەيزىدىن ھوزۇرلانغاچ مەكتەپ دەرۋازىسىغا قەدەم قويدى. بىراق مەيداندا تازىلىق قىلىۋاتقان ساۋاقداشلىرىنى كۆرۈپ خوشاللىقى قاياققىدۇر غايىپ بولدى. X.~z:W+  
«ھىم، يېڭى كىيىملىرىم بىلەن تازىلىق قىلامدىمەن! ساراڭ ئەمەس مەن، مۇشۇ تۇرقۇم بىلەن توپا-چاڭنىڭ ئىچىدە يۈرىيدىغان! ساۋاقداشلىرىمغا كۆرۈنمەي غىپپىدە سىنىپقا كىرىۋالايچۇ.» O~3<P3W  
زەرىپە بىرقانچە ساۋاقدېشى بىلەن سىنىپقا سولىنىۋېلىپ ئۆگىنىش قىلغان بولۇپ ئولتۇرىۋالدى. لىكىن، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرمۇش ھەيئىتى ئالدىراپ سىنىپقا كىردى-دە: m |K"I3W$  
-مۇئەللىم، ھەممەيلەن مەيدانغا چىقسۇن، دەيدۇ. بىر سائەت تازىلىق قىلىدىكەنمىز،-دېدى. JQ5E;8J>  
-بايرامدىمۇ تازىلىق قىلامدىكەنمىز، تازا بىر ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپ...-دېدى زەرىپە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ. Xe;Eu  
-زەرىپە، نېمىشقا ئىچىڭ پۇشۇدۇ، ئاداش،-دېدى تۇرمۇش ھەيئىتى،- بايرامدا پاكىز تۇرساق ھەممىمىزگە ياخشى ئەمەسمۇ؟ 4:umD*d 3E  
-ئۇغۇ شۇ،-دېدى زەرىپە تۇرمۇش ھەيئىتىگە يېقىنچىلىق قىلىپ،-بىراق قارا ئاداش، بۈگۈن بايرام دەپ يېڭى كىيىملىرىمنى كېيىۋاپتىكەنمەن... بولمىسا، مەن قېلىپ سىنىپنى تازىلاي... b2L9%8h  
-يېڭى كىيىم كىيگەن ئادەم تازىلىق قىلسا بولمامدىكەن،-دەپ گەپكە ئارىلاشتى ساۋاقدېشى پەرىدە. w&c6iFMd0  
زەرىپەنىڭ غۇژژىدە ئاچچىغى كەلدى: gMXs&`7P  
-ھوي... ساڭا كىم گەپ قىلدى، ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى قىلە ماڭ! خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي... l=|>9,La  
-ھە... سەن نېمىشقا تازىلىق قىلمايتىڭ ئەمىسە،-پەرىدەمۇ بوش كەلمىدى،- سەن بىر ئاسماندىن چۈشكەن كۆك مۇنچاقمىدىڭ-يا؟ ئادەمنىڭ قوۋۇرغىسىنى  ئېگىپ، يېڭى كىيىم كېيىۋاپتىكەنمەن، دېگىنىنى تېخى... EY$Dtb+g8  
-قوۋۇرغىلىرىڭ ئېگىلىپ كېتىۋاتامدۇ، چىداڭ تازا،-دېدى زەرىپە پەرىدەگە ھۆرپىيىپ،-مەن شۇنداق ئاسماندىن چۈشكەن كۆك مۇنچاق، قانداق؟ =*0KH##%$  
-بولدى، بولدى، زەرىپە سىنىپتا قالسۇن!-دېدى تۇرمۇش ھەيئىتى بۇيرۇق تەلەپپۇزدا،-قالغانلار مەيدانغا چىقىمىز. ;2#9q9(  
-ھىم... ئۇششۇقنىڭ جاھانى ئەمەس بۇ، مۇئەللىمگە دەيمەن،-دېدى پەرىدە چىقىپ كېتىۋېتىپ. [zC1LTXe  
-تىزراق بېرىپ دەڭ!-زەرىپە قولىنى شىلتىپ ۋاقىرىدى،-مۇكاپاتىنى تەييار قىلىپ قويۇپتۇ، دەيدۇ. &7\=J w7w  
بىرەر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تازىلىقمۇ تۈگىدى. قوڭغۇراق چېلىنىپ ئوقۇغۇچىلار سىنىپلارغا كىرىشتى. زەرىپە بايىقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئويلاپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ سىنىپقا كىرگەنلىكىنىمۇ تۇيماي قالدى. /"+CH\)E  
مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا بىر قۇر نەزەر تاشلىۋەتكەندىن كېيىن: (6}[y\a+  
-ساۋاقداشلار، بۈگۈن قانداق كۈن؟-دەپ سورىدى. ئوقۇغۇچىلار بىردەك: hqXp>.W  
-بۈگۈن نورۇز بايرىمى،-دەپ جاۋاپ بېرىشتى. =l)D$l  
-ياخشى،-دېدى مۇئەللىم تەبەسسۈم بىلەن،-ئۇنداقتا نورۇز بايرىمى قانداق بايرام؟ Ir\P[A  
ساۋاقداشلار بەس-بەستە جاۋاپ بېرىشكە باشلىدى. 40e(p/Qka  
-يېڭى يىل بايرىمى. *5QN:  
-تەبىئەت بايرىمى. ybC0Ee@  
-گۈزەللىك بايرىمى. l`bl^~xRo  
...... sck.2-f"  
-شۇنداق،-دېدى مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىنى تەستىقلاپ،-نورۇز ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنجى كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان قەدىمىي، ئەنئەنىۋى بايرام. بۇ بايرام سىلەر ئېيتقاندەك يېڭى يىل بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، گۈزەللىك بايرىمى بولۇپلا قالماي ئەڭ مۇھىمى يەنە ئەمگەك بايرىمى، ئىتتىپاقلىق بايرىمى. خەلقىمىز مۇشۇ خاسىيەتلىك بايرام ئارقىلىق بىر يىللىق ئەمگىكىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. مۇشۇ قۇتلۇق بايرام ئارقىلىق ئاغرىق-ئاداۋەتلىرىنى يۇيۇشۇپ ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى پورەكلەتكەن ۋە ئىجتىمائىي كۈچ بولۇپ ئۇيۇشقان. شۇڭا ھازىر مەن ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدىكى كۆڭۈل ئاغرىتىپ قويغان يەرلىرىم ئۈچۈن سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن. مېنى كەچۈرۈڭلار! tP:ER  
-مۇئەللىم، سىزمۇ بىزنى كەچۈرۈڭ!-دەپ ۋاقىراشتى بالىلار. مۇئەللىم: 4<j7F4  
-بولىدۇ، ئەمىسە سىلەرگىمۇ ھەم بەش مىنۇت ۋاقىت بېرىمەن. ئۆزئارا پاراڭلىشىپ، ھەر خىل كۆڭۈل ئاغرىق، دىل چىگىشلەرنى ھەل قىلىۋېلىڭلار،-دەپ سىنىپتىن چىقىپ كەتتى. s||c#+j"8  
زەرىپە مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئازاپلىنىپ كەتتى. ئۇ:«مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بايرامدا ئەمگەكتىن قاچقىنىمنى، ساۋاقداشلىرىمنىڭ دىلىنى رەنجىتكىنىمنى قارا! توپا-چاڭ دېگەننى يۇيىۋەتسە چىقىپ كېتەتتىغۇ؟ كۆڭۈلگە چۈشكەن داغنى يۇيۇپ چىقارغىلى بولارمۇ!؟ پەرىدەدىن كەچۈرۈم سورىسام، مېنى كەچۈرەرمۇ؟»دېگەنلەرنى ئويلاپ پەرىدەگە قارىدى. دەل شۇ چاغدا پەرىدەمۇ ئۇنىڭغا قارىغانىدى، ئىككىسىنىڭ كۆزى ئۇچرىشىپ قالدى. زەرىپە خىجىل بولغىنىدىن شەلپەردەك قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى. S`Xx('!/|  
ئويلىمىغان يەردىن پەرىدە ئورنىدىن تۇرۇپ زەرىپەنىڭ قېشىغا كەلدى-دە: Ak dx1h,  
-زەرىپە، ئەتتىگەن ئىچى تارلىق قىلىپ كۆڭلۈڭگە ئازار بېرىپتىمەن. مېنى كەچۈر،-دېدى. OcE,E6LD  
-ياق، مەن سەندىن كەچۈرۈم سورىسام بولىدۇ،-دېدى زەرىپە ئورنىدىن تۇرۇپ،-مەن شەخسىيەتچىلىك قىپتىمەن. تاشقى گۈزەللىككە بېرىلىپ، نېمىنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىك، نېمىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. مېنى كەچۈر! \>\_OfY1W  
ئىككەيلەن گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ئىچىدە قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. نورۇزدىكى بۇ دەرس ھەممەيلەننىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى. ri2`M\;gt  
S^x?<kYQau  
ئۆكۈنۈش C"0vMUZ  
ھېكايە
c :2w(BVi  
sd _DG8V  
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شەھەردىكى بىر نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەجىرىبە سىنىپىغا قوبۇل قىلىندىم. ئاتا-ئانام يېزىدىكى ئۆي، يەر، مال-چارۋا، تىنچ تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ شەھەرگە كۆچۈپ كىرمەكچى بولدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قارارغا كېلىشى پۈتۈنلەي مېنى ياخشى شارائىتلارغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. ئۆي ئىزدەپ يۈرسەك دادامنىڭ بىر تونۇشى ئۇچراپ قالدى. ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئۆيىنىڭ بارلىقىنى، ئىجارىسىنىڭمۇ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بىزمۇ خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدۇق. بىراق دادام:« ئۆي بىلەن مەكتەپنىڭ ئارلىقى سەل يىراقكەن»دەپ ئارىسالدا بولدى. ;LC?3.  
-يىراق بولسا نېمە بوپتۇ. مەن مەكتەپكە ۋېلسىپىت بىلەن بارساملا بولدىغۇ. 6 u1|pX8  
مېنىڭ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ئاتا-ئانام خاتىرجەم بولدى ۋە ئەتىسىلا ماڭا «توز»ماركىلىق ۋېلسىپىتتىن بىرنى ئېلىپ بەردى. iOtf7.@  
شۇنداق قىلىپ مەكتەپكە ۋېلسىپىتتە بېرىپ كېلىدىغان بولدۇم. ئاتا-ئانام ھەر كۈنى: يولدا ئىھتىيات قىل، ئوڭ تەرەپ بىلەن ماڭ، قاتناشقا دىققەت قىل... دەپ تاپىلاپ تۇراتتى. مەنمۇ ۋېلىسىپىتنى ناھايىتى ئاۋايلاپ، ئالدىرىماي ھەيدەيتتىم. كېيىن سىنىپىمىزدىكى كامران ئىسىملىك بالا بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۆيىمۇ بىز تۇرغان بىنادا ئىدى. ئۇمۇ مەكتەپكە ۋېلسىپىت بىلەن باراتتى. ئىككىمىز مەكتەپكە تەڭ ماڭاتتۇق، تەڭ ياناتتۇق. پاراڭ بىلەن مەكتەپنىڭ يىراقلىقى بىلىنمەيتتى. ئاستا-ئاستا قورودىكى شۇ مەكتەپكە بارىدىغان باشقا بالىلار بىلەنمۇ تونۇشتۇق. :rU,7`sE/  
شۇنداق قىلىپ مەكتەپكە بىز بىلەن بىرگە بارىدىغان بالىلار كۆپەيدى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى مەكتەپكە بېرىپ كەلگىچە ھەر خىل قىلىقلارنى چىقىرىپ ماڭاتتى: ۋېلىسىپىتنى تىز ھەيدەش، سەپ تۈزىپ مېڭىش، رولنى تۇتماي ھەيدەش، ئۈچ چاقلىق ھارۋا ياكى تەرەكتۇرلارغا ئېسىلىۋېلىش...ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ئادىتى ئىدى . كامىران بۇنداق يول مېڭىشقا قارىشى ئىدى، مەن بولسام قورقاتتىم، شۇڭا ئىككىمىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تاماشا كۆرۈپ ماڭاتتۇق. ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۆزۈممۇ بىلىپ بىلمەي بۇ خىل ھەركەتلەرگە قىزىقىپ قالدىم، بىرقانچە قېتىم تەۋەككۈل قىلىپ ۋېلىسىپىتنىڭ رولىنى قويۇپ بېرىپ ھەيدەپ باقتىم. بەدەن بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالىساملا ھەيدەپ كېتەلەيدىكەنمەن. ZUakW3f  
بىر كۈنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتا مەكتەپتىن قايتىۋېتىپ: s~m]>^?8MR  
-كامىران، بىزمۇ رولنى تۇتماي ھەيدەشنى ئۆگىنەيلى،-دېدىم.  6lL^/$]  
كامىران بېشىنى چايقاپ: *mkVk7]c  
-ئەنقەر، ئۇنداق قىلما! ئۆز ھاياتىڭ بىلەن ئويناشما! يەنە كېلىپ بۇ ئىش قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ،-دېدى. BdP+>Ij  
مەن ئۇنىڭ گەپلىرىگە پىسەنت قىلمىدىم. ئەكسىچە ئۇنى دەيدەيگە سېلىپ: {(l,Uhxl""  
-كامىران، سەنمۇ سىناپ باق، بۇ بەكمۇ ئاسان. قارا، مۇنداق،-ئۇنىڭغا رولنى تۇتماي ھەيدەپ كۆرسەتتىم. 8H,k0~D  
بىراق ئۇ جاھىللىق قىلىپ: ,Fn-SrB:  
ياق، ئۇنداق قىلمايلى! بۇ دېگەن شەھەر يولى، قاتناش كۆپ. «كوزا كۈندە سۇنماس، كۈنىدە سۇنار» دەپ بىرەر ھادىسە چىقمىسۇن،-دەپ زادى ئۇنىمىدى. }tQ^ch;Q  
-ۋۇ، قورقۇنچاق، توخۇ يۈرەك، -دەپ ئۇنى زاڭلىق ئارىلاش ئەيىپلىدىم،- سېنىمۇ ئوغۇل بالا دېگىلى بولامدۇ. ,'n`]@0?\  
شۇنداق دېگىنىمچە ئۇنىڭدىن يىراقلاشتىم. ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ باتۇرلۇقۇمنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولۇپ، رولنى قويىۋەتتىم. ئىككى قولۇمنى كەڭ ئېچىپ بىخارامان مېڭىشقا باشلىدىم. بىراق ماڭغانچە سۈرئىتىم تىزلەشتى. سۈرئەت ئاشقانسىرى ۋېلىسىپىتنى كونترول قىلالماي قالدىم. بايىقى باتۇرلۇقۇم قاياققىدۇر يوقىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل ۋەھىمە چۇلغىۋالدى. ئالاقىزادە بولۇپ دەرھال رولغا يېپىشتىم ۋە كۈچەپ تورمۇز قىستىم. تىز كېلىۋاتقان ۋېلىسىپىت جىددى تورمۇز قىلىنغاچقا ئېنىرىتسىيە تۈپەيلىدىن موللاق ئېتىپ نەچچە مىتىر يەرگىچە سۆرىلىپ باردى. قىزىقچىلىقتا ئۆزۈمنىڭ قانداق يىقىلغانلىقىمنى بىلەلمىدىم. ئېسىمگە كەلسەم ۋېلىسىپىتنىڭ تېگىدە يېتىپتىمەن. قول-پۇتلىرىم سۈرۈلگەن، بۇرنۇمدىن ئوقتەك قان ئېقىۋاتاتتى. ھېلىمۇ ياخشى كامىران تىزلا يېتىپ كەلدى. ئۇ مېنى يۆلەپ، توپىلىرىمنى قېقىشتۇرۇپ، يولنىڭ چېتىگە ئېلىپ چىقتى. ئىككىمىز بىر ئاماللارنى قىلىپ قاننى توختاتتۇق. ۋېلىسىپىتنى يول بويىدىكى بىر رېمۇنتخانىغا بېرىپ قويۇپ كامىراننىڭ كەينىگە ئولتۇرۇپ ئۆيگە قايتتىم. ئەپتىمنى كۆرۈپ دادام تۇرغان جايىدا قېتىپلا قالدى. ئانام بىچارە يۈرەكلىرىنى پارە-پارە قىلىپ، باش-كۆزلىرىمنى سىلاپ يىغلاپ كەتتى. مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي پاڭڭىدە يىغلاپ تاشلىدىم. X%T%N;P  
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن دادام مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. دوختۇرلار مېنى تەكشۈرۈپ:«بۇرۇن سۆڭىكى سۇنۇپتۇ، ئوپىراتسىيە قىلىمىز» دېيىشتى. بىرقانچە خىل تەكشۈرۈشلەرنى تاماملاپ، ئەتىسى ئوپىراتسىيەگە ئېلىپ چىقتى. يېرىم ناركوز قىلغاچقا ھەممىنى بىلىپ تۇردۇم. بولۇپمۇ بۇرنۇمغا بىر نەرسىنى سېلىپ سۇنغان سۆڭەكنى ئورنىغا كەلتۈرگىچە بەك قىينىلىپ كەتتىم. داد-پەريادىم ئوپىراتسىيەخانىنى بىر ئالدى. dl(!{tZ#  
ئەتىسى چۈشكىچە ماڭا ئاسما ئېسىلمىدى. دادام تاقەتسىزلىنىپ ياندىكى كېسەلنىڭ دورىسىنى ئالماشتۇرغىلى كىرگەن سېستىرادىن سەۋەبىنى سورىۋىدى. سېستىرا: R\-]$\1D  
-قەرز بوپ قاپسىلەر، شۇڭا دورا بەرمەپتۇ،-دېدى. X6BOB?  
-نېمە، تۈنۈگۈن ئوپىراتسىيەدىن چىقىپ 5000يۈەن تاپشۇرغانغۇ،-دېدى دادام ئالدىراپ. Z)f?X  
-ئۇنى ئۇقمايدىكەنمەن، بەلكىم پۇلۇڭلار يەتمىگەندۇ،-دېدى سېستىرا. ,b:~Vpb1I  
ئاتا-ئانام بىر-بىرىگە قارىشىۋېلىپ ئۈن-تىنسىز ھالدا سىرتقا چىقىپ كەتتى. l h6N3d  
بۇ ئىش چىققاندىن بېرى ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىگە قارىيالماي يۈرەتتىم، سېستىرانىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكمۇ بىسەرەمجان بولدى. «دىھقان ئادەمدە قانچىلىك پۇل بولماقچىدى، مەن دادامنىڭ يانچۇقىنى قۇرۇغداپ قويىدىغان بولدۇم. بۇنىڭ ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم، مېنىڭ كاساپىتىم! نېمىشقىمۇ شۇنداق قىلغان بولغىيتىم! نېمىشقىمۇ ئاتا-ئانامنىڭ، دوستۇم كامىراننىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندىمەن! ئەجىبا، ئاتا-ئانامنىڭ مەندىن كۈتكىنى شۇمىدى؟ مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجىرىگە بەرگەن جاۋابىم مۇشۇمۇ؟! » دېگەنلەرنى ئويلاپ قاتتىق ئۆكۈندۈم، ئازاپلاندىم. كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياشلار تۆكۈلدى. S|fb'  
شۇ ئەسنادا ئانام سىرتتىن كىرىپ قالدى. ئۇ مېنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ: v3G$9 (NE;  
-بالام، نېمە بولدۇڭ، نېمىشقا يىغلايسەن؟-دەپ ياشلىرىمنى ئېيتتى. N( f0,  
-ئانا مەن ئەسكى، مەن يارىماس، مەن سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمەن،- دېگىنىمچە ئانامنىڭ باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. de;CEm<n  
qj4jM7  
مەنبە: قەلەم >x6)AH.  
yE~D0%Umq  

تېما تەستىقلىغۇچى : yawuzbag
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-05-06, 21:07
 
گۇمران
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9870

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   133 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6700 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   670 (قېتم)
 تۆھپە:   670  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-20
ئاخــىرقىسى:2013-05-12
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 05-10

ماۋزۇدا خاتالىق بار!
يوقلۇق دالاسى يوقلۇققا لىق تولۇپ كەتكەن تۇرسا ئۇ يەردە يوقلۇق ھۆكۈم سۈرمەي يەنە نېمە بولسا بولاتتى؟
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى