ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ .

. پەن – تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتماقتا، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھاسىل قىلغان ھەرخىل چاستوتىدىكى ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانلىرىمۇ تۇيدۇرماستىن تۇرمۇشىمىزغا ‹‹سىڭىپ›› كىرمەكتە. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى مۇھىتىمىزدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.
Mj?`j_X ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى مۇھىتتىكى ئېلېكتىر مەيدانلىرى بىلەن ماگنىت مەيدانلىرىنىڭ ئۆزئارا تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغان ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرىنىڭ مۇھىتتىكى تارقىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. نۆۋەتتە ئېلېكتىرلىك ئۈسكۈنە ۋە ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار (مەسىلەن، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، يان تېلېفون، كومپيۇتېر ۋە تېلېۋىزور) لارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە ئەتراپىغا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى تارقىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا مۇھىتتىكى ئىنفرا قىزىل نۇر، ئۇلترا بىنەپشە ۋە كۆرۈنىدىغان نۇرلارمۇ ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى دائىرىسىگە كىرىدۇ.
7P5)Z-K[ ئادەتتە، تەبىئىي مۇھىتتىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. گەرچە ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرى مۇھىتتىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنى ئاشۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ھېچقانچە تەسىر پەيدا قىلمايدۇ. بىراق ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى نىسبەتەن كۈچلۈكرەك مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت ياشىغاندا، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ ناچار تەسىرى ئېلېكتىر رادىياتسىيەسىنىڭ كۈچىنىشى، چاستوتىسى ۋە كىشىلەرنىڭ تەن ساپاسىدىكى پەرق قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
VUGmi]qd يۇقىرى كۈچىنىشتىكى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى، مەسىلەن، مىقدارى كۈچەيتىلگەن ئىنفرا قىزىل نۇر ۋە ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار ئورگانىزملارغا بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ. كۈچلۈك ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدە ئۇزاق مۇددەت ياشىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى نېرۋا، ئىممۇنىتېت، قان ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى قاتارلىقلار بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرايدۇ. شۇڭا، كۈچلۈك ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ زەربىسىگە ئۇزاق ۋاقىت ئۇچرىغان كىشىلەردە باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. تېببىي تەجرىبىخانىدا تەكشۈرگەندىمۇ قان بېسىمى مۇقىم بولماي بەزىدە يۇقىرى، بەزىدە تۆۋەن بولۇش، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى بەزىدە ئۆرلەپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، يۈرەك تەكشۈرگەندىمۇ يۈرەك سېلىش ۋە يۈرەك سوقۇش قالايمىقان بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇنداق مۇھىت ئۇزاققىچە ئۆزگەرتىلمىسە، ئورگانىزم خاراكتېرلىك ئېغىر كېسەل ياكى راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
YnS#H" بەزى كىشىلەر ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىگە ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ، ئاجىز ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىدە قىسقا مۇددەت تۇرسىمۇ يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ مېدىتسىنادا ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى زىيادە سەزگۈرلۈك ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى (EHS) دەپ ئاتىلىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ خىل ھادىسە كىشىلەر ئارىسىدا ئانچە كۆپ كۆرۈلمىسىمۇ، بىراق خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا يەنىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
#ut بىر قىسىم سۈنئىي داۋالاش قوشۇمچە ئۈسكۈنىلىرى: مەسىلەن، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى، يۈرەك قوزغاتقۇچ (پاتسېماكېر)، ياردەمچى ئاڭلىغۇچ (ئوتوفون) قاتارلىقلار سىرتقى ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرايدۇ، بۇ كاشىلىلار چاستوتا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ، ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا، بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەندە، ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلاش ياكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ئورۇنسىز زىيانلاردىن ساقلىنىش كېرەك. مەسىلەن، يۈرەك قوزغاتقۇچ (پاتسېماكېر) سەپلەنگەن ئاغرىقلار يان تېلېفون ئىشلەتكەندە، يان تېلېفوننى ئامالنىڭ بارىچە كۆكرەكتىن يىراقراق تۇتۇش لازىم. ئادەتتە، تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلغاندا، ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسىنىڭ زىيىنىدىن ساقلانغىلى ياكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ:
=tn)}Y.<e ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە مەركەزلەشتۈرۈۋالماسلىق ياكى تەڭلا ئىشلەتمەسلىك، بولۇپمۇ تېلېۋىزور، كومپيۇتېر ۋە توڭلاتقۇ قاتارلىقلارنى ياتاق ئۆيگە يىغىۋالماسلىق كېرەك، بولمىسا ئۇلار تارقىتىدىغان رادىياتسىيە مىقدارى بەك ئېشىپ كېتىپ، زىيىنى چوڭ بولىدۇ.
1..+F0U ھەر خىل ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرى، كۆچمە تېلېفون قاتارلىقلارنى ئۇزاق مۇددەت ئىشلىتىشتىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلىنىش، مەسىلەن، تېلېۋىزور ۋە كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى ئۇزاقراق ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، چوقۇم ھەر سائەتتە بىر قېتىم ئۇلاردىن يىراقلىشىپ يىراقلارغا قاراش ياكى كۆزنى يۇمۇۋېلىپ رادىياتسىيەنىڭ كۆزنى چارچىتىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش؛
EIAc@$4 ھەرخىل ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەندە، چوقۇم بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاش، مەسىلەن، كۆز بىلەن تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ ئارىلىقى ئادەتتە ئېكران كەڭلىكىنىڭ بەش ھەسسىسى ئەتراپىدا بولۇش، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئىشلەتكەندە ئارىلىق بىر مېتىردىن كەم بولماسلىق، ھامىلىدارلار بىلەن كىچىك بالىلار مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتىن ئامالنىڭ بارىچە يىراق تۇرۇش؛
tBWrL{xLe يان تېلېفون ئىشلەتكەندە، ئۇنى ئامال بار باشتىن يىراق تۇتۇش، ئەڭ ياخشىسى تىڭشىغۇچ ۋە مىكروفون ئىشلىتىش. يان تېلېفون ئۇلانغان پەيتتە ھەم زەرەتلىنىۋاتقاندا سۆزلەشمەسلىك (بۇ چاغدا رادىياتسىيە ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ)، ئەڭ ياخشىسى يان تېلېفون ئۇلىنىپ بىر – ئىككى سېكۇنتتىن كېيىن ياكى ئىككى قېتىم سايراش ئارىلىقىدا ئېلىش مۇۋاپىق.
u8g~ ياسىن ئىبراھىم تەييارلىغان.
}W8;=$jr .مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى.