مەن ئالتۇننىڭ بۇ قىتىمقى چوڭ چۇشۇشىنىڭ سەۋەبى توغرۇسىدا كوپ ئىزدەنگەن بولساممۇ ، سوۋەتتە توختىغىدەك تاشقى سەۋەپ تاپالمىدىم ، خەلق ئارالىق ئىختىسادى ئۇچۇرلاردىن پەقەت سىپروسنىڭ بانكا قەرز كىرزىسى سەۋەپلىك ، دولەت زاپاس ئالتۇننى سىتىشنى قارار قىلدى ، دىيىلگەن خەۋەر بولدى .ئۇنداقتا بۇ خەۋەر بازارغا شۇنچە چوڭ تەسىر قىلىشقا كۇچى يەتكىدەك خەۋەرمۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس . سىپروس ياۋرۇپادىكى 7مىليۇن 800 مىڭ نوپۇسى بار ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا كىچىك بىر دولەت. بۇ دولەتنىڭ زاپاس ئالتۇن قالدۇقىمۇ ئاران 13.5 توننا ئىكەن ( دۇنيادا ، ئامىرىكا 8100 توننا زاپاس ئالتۇن قالدۇقى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا ، دولىتىمىز 1050 توننا زاپاس ئالتۇن قالدۇقى بىلەن 5 ئورۇندا تۇرۇدۇ ) ، مۇشۇ 13.5 توننا ئالتۇننى سىتىشى بازارنىڭ مۇشۇنداق چوڭ چۇشۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرالامدۇ ؟ ياق . بۇنچىلىق ئالتۇننى چوڭراق بانكىلارمۇ سىتىۋىلىپ سىتىپ تۇردۇ . مەسىلەن بۇ قىتىم ئالتۇن 1320 گە چۇشكەندىن كىيىن قىسقىغىنە 5 كۇن ئىچىدە ،ھەر قايسى دولەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىللىرى ، تىز سۇرېتتە 536 توننا ئالتۇن سىتىۋالغان ، ئەگەرسىپروسنىڭ 13.5 توننا ئالتۇننى سىتىش بىلەن 1520 دىن 1320 گە تىز سۇرەتتە چۇشتى دىيىلسە ،مەركىزى بانكىلارنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە 536 توننا ئالتۇن سىتىۋىلىشى ، ئالتۇن باھاسىنى 40 ھەسسە ئوستۇرۋەتكەن بولسا توغرا بولاتتى ، بانكىلارنىڭ بۇ سىتىۋىلىشى تىز سۇرەتتە 250 دوللار چۇشكەن ئالتۇننى ، 150 دوللار ئوستۇرەلىدى . ئۇنداقتا ئالتۇننىڭ بۇنداق چوڭ چۇشۇشگە نىمە سەۋەپ بولدى ؟ مىنىڭچە بۇنىڭدا باشقا ئالاھىدە تاشقى سەۋەپ يوق ، بۇ بىر قىتىملىق تىخنىكىلىق چۇشۇش . بۇنداق چوڭ چۇشۇشكە قانداق تىخنىكىلىق تەھلىىل سەۋەپ بولالايدۇ ؟ بۇ تەھلىلىدىكى سانلارغا دىققەت قىلىپ بىقىڭ . ( ھەپتىلىك ھالەت )
uRr o?m<
abLnI =W` u-5{U-^_ [ [i ھەر بىر كوك رەكلىك تۇز سىزىقنىڭ ئاخىردىكى 520 دىن تارتىپ 1920 گىچە بولغان سانلارغا دىققەت قىلدىڭىزمۇ ؟ شىنجاڭدىكى باشلامچى پىرۋوتچىلار 2007- يىللىرى بۇ بازارغا كىرگەن ۋاقىتلاردا ئالتۇن باھاسى 520 -720 دوللار ئارلىقىدا ئىكەن بۇ 720 دوللارلىق يۇقۇرى رىكورت 2006-يىلى 5-ئايدا كورۇلگەن ئىكەن ، بۇ رىكورت 2007-يىلى 9-ئايدا بۇزۇپ تاشلىنىپ قىسقىغىنە 6 ئاي ئىچىدە 300 دوللار ئوسۇپ 1020 دوللارلىق رىكورتنى ياراتقان ، بۇ چاغدا بۇنداق ئوسۇشنىڭ ئورۇنلۇق سەۋەبىنى بىلەلمىگەن ئىدۇق ، ( كىين ئۇقتۇقكى بۇ ئوسۇشنى پۇل مۇئامىلە كىرزىسى كەلتۇرۇپ چىقارغانكەن ) بۇ يۇقۇرى باھادىن 6 ئاي ئىچىدە يەنە 720 دوللارلىق تىرەك نوختىغا قايتقان بۇ 720 -1020 دوللارلىق رىكورتنى 2009- يىلى 10- ئايدا بۇزۇپ تاشلاپ 400 دوللار ئورلەپ 1420 دوللارلىق رىكورتنى ياراتقان ، 2011-يىلى 3-ئايدا 1420 دوللارلىق رىكورتنى بۇزۇپ تاشلاپ 500 دوللار ئوسۇپ 1920 دوللارلىق رىكورتنى ياراتقان ھەممىمىز كورۇپ تۇرۇپتىمىز مانا مۇشۇنداق توختىماي يىڭى رىكورتلارنى يارتىش نەتىجىسىدە 1923 دوللارلىق رىكورتنى ياراتتى ، بۇ رىكورتلارنى يارتىشتا شۇنداق بىر ئالاھىدىلىك شەكىللەنگەنكى ھەر بىر رىكورت ئارلىقى ( كەسپى ئاتالغۇدا دولقۇن ئارلىقى دەپ ئاتايمىز ) 100 دوللاردىن ئىشىپ ماڭغان ، مەسىلەن 520 دىن 720 گە ، 200 دوللار ،720دىن 1020 گە 300 دوللار ،1020 دىن 1420 گە 400 دوللار ، 1420 دىن 1920 گە 500 دوللار ، قاراڭ بۇ دولقۇنلارغا نىمە دىگەن رىتىملىق .
igR";OQk >&5DsV.B ئەمدى ئوز گىپىمىزگە كەلسەك ، بۇ قىتىمقى چۇشۇش تىخنىكىلىق چۇشۇش دىيشىمىزدىكى سەۋەپ ، 211-يىلى7- ئايدا 1480 دىن كوتۇرۇلگەن باھا 7 ھەپتە ئىچىدە 1923 دوللارغا چىقىپ توختىغان ،بۇ ئورۇندا ئۇزۇن تۇرالماي شۇ يىلى 9- ئايدا 4 ھەپتە ئىچىدىلا 400 دوللار چۇشۇپ 1920 دىن 1520 گە قايتقان ، شۇنىدىن بىرى بىر يىرىم يىلدىن كوپ ۋاقىت مۇشۇ 1520 بىلەن 1800 نىڭ ئارلىقىدا تەۋرەنگە بۇ جەرياندا 1520 گە 2011-يىلى 12-ئايدا بىر قىتىم 2012- يىلى 5- ئايدا بىر قىتىم 2 قىتىم ھوجۇم قىلىپ بۇ ئوتكەلنى بوسەلمىگەن ئىدى ، 3 قىتىم ( 2013-يىلى 4-ئاي ) 1580 دىن ھۇجۇم قىلغانچە بۇ مۇيۇم ئوتكەل بولغان 1520 نى ئاخىرى ئۇنۇملۇك بوستى ، بو ئوتكەلنى بوسكەندىن كىيىن 12-چىسلا ( جۇمە ) 1560 دىن 1480 گىچە 80 دوللار چۇشتى ، 15-چىسلا ( دۇشەنبە ) بازار ئىچىلىپلا چۇشكەنچە 1480 دىن 1320 گىچە 160دوللار چۇشۇپ 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چۇشۇش رىكورتتىنى ياراتقان ، دۇنيادا بىرەر چوڭ ئىش يۇز بەرمىگەن شارائىتتا بۇنداق چوڭ چۇشۇش ھىچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن بولغاچقا ، بۇ چۇشۇشنىڭ سەۋەپلىرى ئۇستىدە ئىزدىنىشكە قىزىقىپ قىلىشتۇق ،لىكىن سوۋەتتە تۇرغىدەك تاشقى سەۋەپ تىپىلمىدى .( بۇ ئىككى كۇنلۇك چۇشۇشتە نەخ ئالتۇننىڭ خەلق پۇلى باھاسىمۇ ، بىر گىرامى 316 يۇئەندىن بىراقلا 269 يۇئەنگىچەچۇشۇپ بىر گىرام ئالتۇندا 2 كۇن ئىچىدە 47 يۇئەن چۇشۇش رىكورتى يارتىلدى ).
<yFu*(Q v-_e)m^ سەن نىمىشقا بۇ چۇشۇشنى تىخنىكىلىق چۇشۇش دەيسەن ؟ دىسىڭىز ، مەن يۇقۇردا دەپ ئوتكەندەك 1520 دىكى باھا 2 قىتىملىق ھۇجۇمدىن قوغدىنالىغان كۇچلۇك قورغان ( كەسپى ئاتالغۇدا تىرەك دەيمىز ) ئىكەنلىكىنى ، ئازراقلا تىخنىكا ئۇگەنگەن ئادەم بىلىدۇ ، ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ، دولەت مەركىزى بانكىللىرى ، مەبلەغ سىلىش شىركەتلىرى ، چوڭ گورۇھلار ، باشقا شىركەتلەر خۇسۇسىلار .....قاتارلىق نۇرغۇن ئورگان ۋەشەخسىلەر بار ، بۇ ئورۇنلارنىڭ يۇقۇرى دەرجىلىك ئانالىز خادەملىرى بار ، بۇ خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى مەخسۇس مۇشۇ بازار باھاسىنى ئانالىز قىلىش ، شۇ ئانىلىزىغا ئاساسەن مەبلەغ سىلىش ئورنىنىڭ ئالتۇننى سىتىۋىلىش ۋە سىتىش ئىشلىرغا مەسلەت بىرىش بولۇپ ، بۇلار ئالتۇننىڭ 1520 دوللارلىق باھاسىنىڭ كۇچلۇك تىرەك ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئىنىق بىلىدۇ ، شۇڭا بۇ باھانى بوسكەندىن كىيىن ، بۇ ئانىلىزچىلار ئوز خوجايىنلىرغا قولىدىكى ئالتۇنلارنى تىزدىن سىتىۋىتىش تەكلىپىنى بىرشى ئىنىق ، شۇڭا ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ قولىدىكى ئالتۇنلارنى تىز سۇرەتتە سىتىشى بۇ قىتىمقى چوڭ چۇشۇشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان دەپ قارايمەن ، سىز ئوزىڭىزنى مىسال ئالسىڭىزمۇ ئالتۇنغا ئوتتۇرا- ئۇزۇن مەزگىللىك مەبلەغ سالغۇچى بولسىڭىز 1550 لەرنىڭ ئۇستىدە ئالغان ئالتۇنلىرڭىزنىڭ زىيان باھاسىنى چوقۇم مۇشۇنداق كۇچلۇك توساقلاردىن چۇشۇپ كەتسە سىتىلىشقا توغرىلايسىز ، ئەگەر كاپالەتلىك ئالتۇن سودىسى قىلىدىغان بولسىڭىزمۇ مۇشۇنداق بەلگىلەيسىز ، ئەگەر ئۇنداق بەلگىلمىگەن بولسىڭىز بۇنداق تىز چۇشۇشتە ھىساۋىڭىزدىكى كاپالەت سوممىڭىز يىتىشمەي ئاپتىماتتىك سىتىلىدۇ ( پارتىلايدۇ ).
V%6I\G2/: 3x'|]Ns ئەمدى ئالتۇننىڭ بۇندىن كىيىنكى باھا ئورگۇرشى قايسى يولنۇشتە بولىدۇ ؟ يۇقارقى ئانىلىز سۇرەتكە قارايدىغان بولساق ئالتۇن ھەپتىلىك ھالەتتە ئوسۇش يولنۇش تونىلىدىن چىقىپ كىتىپ ، چۇشۇش تونىلىغا كىرگەن ، دولقۇن نەزىريەسى بىلەن تىخنىكىلىق قۇراللاردىن تونىل قۇرالىنى بىرلەشتۇرۇرۇپ تەھىلىل قىلىپ باقساق .دولقۇن نەزىريەسى بويۇنچە 3 -دولقۇننى تاماملىغان ، ئەمدى 4-دولقۇنغا قەدەم قويۇش ئىھتىماللىقى چوڭ ، ئۇنداقتا 4- دولقۇنغا قەدەم قويسا قانداق بولىدۇ ؟ دولقۇن نەزىريەسىدە ئوسۇش يولنۇشىدە تاق دولقۇنلار ئوسۇش دولقۇنى ، قوش دولقۇنلار چۇشۇش دولقۇنى بولىدۇ چۇشۇش يولنۇشىدە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ ،ئالتۇننىڭ ھازىرقى 4يولنۇشىنى چۇشۇش يولنىشىدە دەپ قارىغان بولغانلىقىمىز ئۇچۇن 4- بولسا ئوسۇش دولقۇنى بولىدۇ . ئۇنداقتا بۇ دولقۇندا ئوسسە قانچىلىك ئوسۇدۇ ؟دولقۇن نەزىريەسىگە ئاساسلانغاندا كىيىنكى دولقۇن ئارلىقى ئالدىنقى قولقۇن ئارلىقىدىن كەم بولمايدۇ ، ئۇنداقتا 2- دولقۇن ئارلىقى قانچىلىك ؟ 2- دولقۇن ئارلىقى 1520-دىن 1800 گىچە 280 دوللار ئەتراپىگىچە بولغان ، بۇنداق بولغاندا ، 4- دولقۇن 1320 گە 280دوللار قىتىلغاندىن كىيىنكى 1600 دوللاردىن كەم بولمايدۇ . تونۇل قۇرالىغا قارايدىغان بولساق بۇ قىتىمقى چۇشۇش ، چۇشۇش تونىلىنىڭ ئاستىنقى تىرەك سىزىقىغا تولۇك تەككەن ، شۇڭا كىيىنكى يولنۇش چۇشۇش تونىلى ئىچىدىكى ئوسۇش تەڭشىلىش بولشى كىرەك ،ئۇنداقتا بۇ تەڭشىلىشنىڭ نىشانى قەيەرگىچە بولىدۇ ؟ بۇ تەڭشىلىشنىڭ نىشانى ۋاقىت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ، ئەگەر گەلگۇسى بىر ئىككى ئاي ئىچىدە تاماملىيالىسا ، دولقۇن ئارلىقىدىكى نىشان بىلەن ئوخشاش 1600-1650 دوللار ئەتراپلىرگىچە بولىدۇ ، قىسمەن ئەھۋاللاردا بۇنداق تونۇل تەڭشىلشىى ، ۋاقىت ئارقىلىقمۇ ئورۇندۇلۇپ قالىدۇ ، بۇ قانداق ئورۇنلۇنۇش ؟ باھادا چوڭ ئوسۇش ياكى چوڭ چۇشۇش بولماي ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرشى بىلەن تونۇل سىزىقىنىڭ بىسىم سىزىقىدىن تىرەك سىزىقىغا بىرىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ ، بۇنى كەسپى ئاتالغۇدا ۋاقىتنى بوشلۇققا ئالماشتۇرۇش دەيمىز.
1Z~FCJz 8C9-_Ng` سۇرەتكە قارايدىغان بولساق تىخنىكىلىق كورسەركۇچلەردىن RSI ۋە MACD كورسەتكۇچلىرنىڭمۇ بىر قىتىملىق تەڭشىلىشكە مۇختاج ئىكەنلىكىنى كورۇمىز .
I75DUJqy] oHnKy[1 خۇلاسە : ئالتۇننىڭ بۇ قىتىمقى چوڭ چۇشۇشى تىخنىكىلىق چۇشۇش . ئالتۇننىڭ كىيىنكى يولنۇشى چۇشۇش يولنۇشىدىكى تەڭشىلىش . يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى تىخنىكىق تەھلىل بولۇپ ، يەر شارىدىكى تۇيۇقسىز يۇز بىردىغان باشقا ئامىللار كوزدە تۇتۇلمىدى .
6.nCV0xA _C[q4? يۇقارقىللىرى پۇتۇنلەي ئوزەمنىڭ شەخسى قاراشلىرى ، شۇڭا پۇتۇنلەي توغرا دەپ كىتەلمەيمەن ، باشقىچە چۇشەنچىسى ۋە قارشى بار دوسلار بولسا ئوز ئارا ئورتاقلاشساق بولىدۇ .
GH:jH]u!V CmWgcw1 UIN<2F_