باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       557 
  •    ئىنكاس 
       0 

بالىلار ئىزدەۋاتقان ئائىلە مۇھىتى.

قەۋەت ئاتلاش
dunyamin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10785

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   269 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16947 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1700 (قېتم)
 تۆھپە:   1699  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4304
 سائەت
دەرىجىسى:
4304 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-10
ئاخــىرقىسى:2013-09-08

بالىلار ئىزدەۋاتقان ئائىلە مۇھىتى. Awj`6GeJ  
ئائىلە – ئەر – ئايال، پەرزەنتنىڭ بىرىكمىسىدىن تەشكىل تاپقان، ئەر – ئاياللىق مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغان، ئاتا – ئانىلىق بۇرچىنى ھېس قىلدۇرىدىغان، ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى چىڭىتىدىغان، پەرزەنتلەرنىڭ قەلبى مېھىر – مۇھەببەت بۇلاقلىرىدىن سۇغىرىلىپ، ئەخلاق مىزانلىرىدىن دەرس ئالىدىغان، ئەرنى تۇلپارغا، ئايالنى نازىنىغا، پەرزەنتنى شۇڭقارغا ئايلاندۇرىدىغان مۇقەددەس ۋەتەندۇر. ئائىلە – بىر كېمە، ئەر – ئايال بۇ كېمىنىڭ موتورى ياكى پالاق ئۇرغۇچىسىدۇر. پەرزەنت بۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ ئالەمنى كەزگۈچى، دۇنيانى بىلىش ئىستىكىدە يولغا چىققان كەلگۈسىنىڭ ئالىمىدۇر. ئاتا – ئانا بولغۇچى يۈرەك قېنى بىلەن بۇ كېمىنىڭ موتورىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، نىشاننى توغرا بەلگىلەپ بالا بىلەن ئەتراپتىكى شەيئىلەردىن ھوزۇرلىنىشى، شۇ ھەقتە ئورتاق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشى، شىددەتلىك دولقۇنلاردا كېمىنى غەرق قىلىۋەتمەي ئامان ئۆتكۈزۈشى، بالىنى بوران – چاپقۇن، يامغۇر – يېشىنلاردىن مۇداپىئە قىلىشى ۋە ئانچە – مۇنچە چىنىقتۇرۇشى، بالا بۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ بەختتىن ھوزۇرلانغۇچى بولۇپلا قالماستىن، ئاتا – ئانىسىنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلىشى، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىدىن ھەم ھوزۇرلىنىشى، ھەم تەسىرلىنىشى، بەزىدە پالاق ئۇرغۇچىغىمۇ ئايلىنىشى كېرەك. بىر قېسىم ئاتا – ئانىلار بۇ كېمىنى چۆكتۈرۋەتمەي ھەيدەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بالىلار ئۇلارنىڭ دەتالاشلىرىنى، بىر – بىرىنى ئەيبلەشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇرۇشىۋاتقانلىرىنى كۆرۈپ بۇ كېمىدىن خاتىرجەمسىزلىنىدىغان، باشقىلارنىڭ كېمىسى ئۆزلىرىنىڭكىدىن بىخەتەردەك، ئۇلارنىڭ پالاق ئۇرغۇچىلىرى تەدبىرلىكتەك تۇيۇلىدىغان، كېمىگە چىققۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالماقتا. 4-TM3Cw`d&  
ئائىلە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بولۇپ، بالىلار بۇ مۇھىتتا ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشى، بۇ مۇھىت بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس تەسىراتلارنى قالدۇرۇشى كېرەك. بەزى ئائىلىلەر ھەشەمەتلىك زىننەتلەنگەن، ئائىلىدىكى ئەر – ئايال زامانغا لايىق كىيىنىپ ياسانغان بولسىمۇ، ئۇلاردا ئەر – ئاياللىق، ئاتا – ئانىلىق ساپا تۈزۈك يېتىلمىگەن بولغاچقا، بالىلارغا كېرەكلىك ئائىلە مۇھىتى ھازىرلاپ بېرەلمەيۋاتىدۇ. ئەر – ئاياللارنىڭ جەڭگى – جىدەللىرى، ئائىلە بىلەن كارى بولماي سىرتتىكى ئىشلارغا بېرىلىشى، بالىنىڭ ماددىيلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەنىۋىيلىكىگە سەل قارىشى بالىلارنى تۈرلۈك پىسخىكىلىق كېسەللىكلەرگە، پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە دۇچار قىلماقتا. بىز ئائىلە مۇھىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى سەۋەبلىك پىسخىكىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلارنىڭ دەردلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. $FAl9  
… مېنىڭ ئەستە ساقلا ئىقتىدارىم شۇنداق تۆۋەن، دەرس ۋاقتىدا ئۈگەنگەن مەزمۇنلارنى دەرستىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىمەن، بۇنىڭغا دادام بىلەن ئاپامنىڭ توختىماي جىدەل قىلىشلىرى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. كېچىك ۋاقتىمدا دادام دائىم ھاراق ئېچىۋېلىپ ئاپامنى ئۇراتتى. بىز دادامنى توسساق بىزنى تىللايتى. مەن ئۇلارنىڭ ھوجرىسىغا كىرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايتىم. ئۇلار بىلەن سىردىشىشقىمۇ پۈرسەت مەرمەيتتى. ئاپام بۇرۇن ئاجرىشىپ كېتىمەن دېگەننى ئويلىغان بولسىمۇ، بىزنى دەپ ئاجراشماي سۈكۈت قىلىپ كەلگەندى… 6Us#4 v,  
مۇشۇنداق ئائىلە مۇھىتى تۈپەيلىدىن دەرسخانىدا دىققىتىم چېچىلىپ كېتىدۇ. ھەر قانچە دىققىتىمنى يىغىپ دەرس ئاڭلاي دېسەممۇ، يەنە خىياللىرىم ئائىلىدىكى ئىشلارغا كېتىدۇ. ئۆيگە قايىتقۇممۇ كەلمەيدۇ، سىنىپتىمۇ باشقا بالىلار بىلەن ئارىلاشقۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى… !6kLg1  
مانا بۇ ئوغلۇم بىلەن بىللە دەرس تەكرارلايدىغان، دەرىستە ئارقىدا قالغان بىر سەبىي بالىنىڭ ئىيتقانلىرى… # wG}T.*  
ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى بىر – بىرىگە ئىشەنمەسلىك، باشقىلاردىن ئالالمىغان دەردىنى ئائىلە ئەزالىرىدىن ئىلىشتەك بىر قاتار سەۋەبلەر ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۋېتىپ، ۋاقىت، سورۇن تاللىماي جېدەللىشىدىغان قىلىپ قويغان. ئەر – ئاياللارنىڭ بىر – بىرىگە يول قويماي جېدەللىشىشى ئۇلارنىڭ ئىناقلىقىنى بۇزىدۇ. بۇ خىل سوغۇق ئائىلە مۇھىتى بالىلاردا ئۆزىنى شۇ ئائىلىدە ئارتۇقچە ئادەمدەك ھېس قىلىشقا، ئاتا – ئانىسىنىڭ بالىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ، بالىنىڭ يۈزىنى قىلماي كۆز ئالدىدىلا ئۇرۇشۇپ كېتىشلىرى بالىلارنىڭ غورۇرىغا تېگىپ ئاتا – ئانىسىغا باشقىچە نەزەردە قارايدىغان بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالغان. ئەر – ئاياللار بىر – بىرىگە غۇم ساقلاپ، قېيدىشىپ يۈرسە بالىغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇشى ناتايىن. شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاتا – ئانىدىن ئېرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرگە ئىگە بولالماي، ئائىلىدىن بىزار بولىدىغان، ئۆيگە قايتماي تورخانىلارغا، باشقا ياقلارغا قاترايدىغان بولۇپ قالىدۇ. :+u?A  
Kj'uTEM  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-04-27, 12:03
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى