باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       90 
  •    ئىنكاس 
       0 

تولىستوي خانىمنىڭ تۈگىمەس ھېكايىسى

قەۋەت ئاتلاش
uyghurqamusi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   70 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6704 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   660 (قېتم)
 تۆھپە:   660  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5837
 سائەت
دەرىجىسى:
5837 سائەت 103 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-08
ئاخــىرقىسى:2013-04-24

تولىستوي خانىمنىڭ تۈگىمەس ھېكايىسى D2060ze  
لۇلەن CDNh9`  
بارىجان زەپەر تەرجىمىسى
Vb_W&Nwd  
+d$l1j  
1910- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى لېف تولىستوي ئايالىغا بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ، قارلىق كېچىدە دوختۇرى بىلەن قىزىنىڭ ھەمراھلىقىدا پەيتونغا ئولتۇرۇپ، ئايالىغا تۇيدۇرماستىن ئاستىلا ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى. شۇ يىلى سەكسەن ئىككى ياشقا كىرگەن بۇ بوۋاي سەپەردە تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، ئاخىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى، ئىلاجسىز پەيتوندىن ۋاز كېچىپ، ئىسمىنى يوشۇرۇپ پويىزغا ئولتۇردى. ئاخىرىدا ئاسدابوف ۋوگزالىدىكى ۋوگزال باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىدا، يەنى بىر قىزىل ئۆيدە يېتىپ قالدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر، دوست - بۇرادەرلىرى، ساقچىلار، ئوقۇرمەنلەر، دېھقانلار بەس - بەستە بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشتى، ئوقۇغۇچىلارمۇ كەلدى. كۆپچىلىكنىڭ ئەس - يادى تولىستوينىڭ ئەھۋالىنى بىلىشتىلا قالغانىدى.                                       w 2o% {n\L  
كىچىككىنە ۋوگزالدىكى بىر پويىزنىڭ ۋاگونىدا ياشانغان بىر خانىمنىڭ تۇرۇۋاتقىنىغا خېلى كۈنلەر بولغانىدى. بۇ خانىم پات - پات پويىزدىن چۈشۈپ قىزىل ئۆينىڭ يېنىغا كېلەتتى، ئەپتىدىن ھارغىنلىق، ئېزىلەڭگۈلۈك چىقىپ تۇراتتى، قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەيتتى. ئۇ لېف تولىستوينىڭ خوتۇنى سوفىيە ئىدى. بىر  قانچە كۈننىڭ ئالدىدا ئېرىنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ، بىر مەھەل روھىي تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغانىدى. ئۇ بۇ يەرگە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دوختۇر بىلەن قىزى ئۇنىڭ ۋوگزال باشلىقى ئىشخانىسىغا كىرىشىنى رەت قىلغانىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، لېف تولىستويغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئىلاجسىز قىزىل ئۆينىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ، پات - پات دېرىزىنى چېكىپ قوياتتى، قىزى ئۆيدىن چىقسا، ئېرىنىڭ ئەھۋالىنى سورايتتى. ‹‹ يېڭى دەۋر گېزىتى ›› ئەينى چاغدا بۇ ھەقتە : ‹‹ لېف تولىستوينىڭ خوتۇنى كىشىگە كېسەل بولغاندەك سولغۇن كۆرۈنەتتى. سۆزلىگەندە پۈتۈن ۋۇجۇدى لاغىلداپ - تىترەيتتى، ھاياجانلىناتتى، ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى. ئۇ يىغلايتتى. ئۇنىڭغا كىشىنىڭ ئىچى - ئىچىدىن ھېسداشلىقى قوزغىلاتتى. ئۇ خۇددى ئۆز ئۇۋىسىغا كىرىشكە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئامراق جۈپتىنى كۆرۈشكە تەشنا بولۇپ تىترەپ - تېنەپ تۇرۇۋاتقان كىچىككىنە قۇشتەك لېف تولىستوي ئارام ئېلىۋاتقان ئۆينىڭ تېمى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرەتتى ›› دەپ خەۋەر بەرگەنىدى. تولىستوي سەكراتقا چۈشۈپ، خۇدىنى بىلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغاندىلا، ئاندىن روھى سۇنۇپ تامدەك تاتىرىپ كەتكەن ئايالىنىڭ ئۇنىڭ قېشىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغانىدى.  سوفىيە بىلەن تولىستوي ئىككىسى قىرىق سەككىز يىل ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرگەن ئەمەسمىدى !                 2I8 RO\zR  
ئېرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، سوفىيە تەنھا تۇرمۇش كەچۈردى. يالغۇزلۇق، زېرىكىشلىك ئىچىدىكى كۈنلەر ئۇنىڭغا قايتا ئويلىنىش پۇرسىتى بەردى، ئۇ بىر نەرسە دېيىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ ئەمدى سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەرمەسلىك، ئۆز ھاياتى ھەققىدە ئەسلىمە يېزىش يولىنى تاللىدى. ئەسلىمە يېزىپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش ئىدى. ‹‹ مېنىڭ ھاياتىم ›› ناملىق بۇ خاتىرە مىڭ بەتكە يەتكەن بولۇپ، 1919- يىلى سوفىيە ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەزى بابلىرىلا رۇسىيەدە تارقاق ھالەتتە ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ زور ھەجىملىك ئەسەر سوفىيە بىلەن تولىستوينىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى، تۇغقانلىرى ۋە دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن يېزىشقان خەتلىرىگە ئاساسەن ۋاقىتنى يىپ ئۇچى قىلىپ رەتلەپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بارلىق ئەسلىي ماتېرىياللار يەنىلا مۇكەممەل ھالدا ساقلانغانىدى. مول ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئەسەر دۇنياغا كېلىشى بىلەن شۇئان جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت - ساداقەتلىك بىلەن سىلىق - سىپايە تۈستە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى ئەينەن سۈرەتلەپ بېرىلگەن. ئۇ تەقدىرگە نىسبەتەن بەلگىلىك تونۇش ھاسىل قىلغان، شۇنداقلا ئايال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلىدىكى مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىشكە ئىنتىلگەنىدى. ئۇنىڭ ئەمەلىيەتكە سادىق بولغانلىقى ھەتتا سىزنى چىداپ بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇ ئازابلانغان ھالدا : ‹‹ بىز ئۆي ئايرىپ تۇرغانىدۇق ›› دەپ يازغانىدى. لېكىن، ئۇ ئېرىنىڭ يېنىدا تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىدىن پەخىرلىنەتتى. ئۇ : ‹‹ بۇ مېنىڭ بۇرچۇم، مېنىڭ تەقدىرىم، مېنىڭ مەقسىتىم ئىدى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى ئىدى ›› دەپ يازغانىدى.   سوفىيەنىڭ ھاياتى قانداق ھايات؟   ئۇ ھاياتىدا جەمئىي ئون ئۈچ بالا تۇغقان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە قېتىم بويىدىن ئاجراپ كەتكەن، ھەتتا قىرىق ئۈچ يېشىدىمۇ قورساق كۆتۈرگەن بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. ئون ئۈچ بالىدىن سەككىزى ئەي بولغان، ئۇ بەش بالىسى چاچراپ كېتىشنىڭ ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەنىدى. ‹‹ مەن ئازاب چەككەن تەقدىردىمۇ بالىلىرىمنى چىن قەلبىمدىن سۆيىمەن ›› دېگەنىدى ئۇ. ئۇنىڭ ھاياتى تولىستوينىڭ پۈتمەس - تۈگىمەس ئارگىناللىرىنى كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتكەن، خۇددى مەڭگۈ تولدۇرغىلى بولمايدىغان تۈۋى يوق چېلەكتەك بۇ ئارگىناللارنىڭ ئايىغى چىقمايتتى. ‹‹ ‹ ئۇرۇش ۋە تىنچلىق › نى قانچە قېتىم كۆچۈرگەنلىكىمنى بىلمەيمەن. ›› ئۇنىڭ ھاياتى ئەتىگەندىن كەچكىچە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش، قورۇقنىڭ تۈگىمەس ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇش بىلەن ئۆتەتتى، مەيلى يېقىنغا، مەيلى يىراققا بارسۇن، تومپايغان قورسىقىنى سۆرەپ ۋاقتىدا قايتىپ كېلەتتى؛ ئۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بالىلارنى تەربىيەلەيتتى؛ ھارۋىكەش، ئاشپەز، مۇلازىم قاتارلىق يىگىرمە نەچچە خىزمەتكارلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نارازىلىق ۋە ئىختىلاپلارنى بېسىقتۇراتتى؛ يەنە ئېرىنىڭ كىيىم - كېچىكىنى تىكىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى تولىستوي سىرتتا تىكىلگەن كىيم - كېچەكلەرنى ئەزەلدىن كىيمەيتتى. بالىلىرى بارغانسېرى كۆپەيگەچكە، ئۇلارغا كېتىدىغان خىراجەتمۇ بارغانسېرى ئېشىپ باراتتى. ھالبۇكى، بۇ ئاقسۆڭەك ئائىلىسى ئۆزلىرىگە تەۋە كەڭرى يەرلەرگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدەك ئۇنچىۋالا باي ئەمەس ئىدى، قەلەم ھەققىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرۈشكە، مېھماننى ھەمىشە بەرەڭگە بىلەن كۈتۈشكە توغرا كېلەتتى. ئېرى بولسا كۆڭۈل خۇشى قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تېنىگىلا كۆڭۈل بۆلەتتى، ئەمما ئۇنىڭ روھىي دۇنياسى، ئۇنىڭ كېسىلى، بالىلارنى بېقىش، تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى دېگەنلەر بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى.                                                                             B9Ha6kj  
سوفىيە ئوردا تېۋىپىنىڭ قىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىچىكىدىن تارتىپ كېرىمېل سارىيىدا چوڭ بولغان، پادىشاھ سارىيىدىكى  يۇقىرى تەبىقە جەمئىيىتىدىكىلەر بىلەن ئارىلىشىپ يۈرەتتى. توي قىلغاندىن كېيىن توساتتىن سەھراغا قەدەم قويۇپ، كىچىككىنە بىر بەگلىكتەك تۆت يۈز ئون يەتتە گېكتار كېلىدىغان بىر زېمىنغا كىرىپ قېلىپ، ئۆزىنى ئادىشىپ قالغاندەك سەزدى. ئۇ ناھايىتى تېزلا مۇنداق سەھرا تۇرمۇشىنىڭ ئۆزى كۈتكەن تۇرمۇش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. شۇغىنىسى، ئۇ رېئاللىققا يۈزلىنىشى، ئاياللىق ۋە ئانىلىق بۇرچىنى ھېچبىر باش تارتماستىن ئادا قىلىشى كېرەك ئىدى.                               " ,qcqG(  
( داۋامى كېلەركى ساندا ) 'ot,6@~x>  
تەرمىلەر 2013-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى A`H&" A  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-04-23, 00:24
 
http//:www.uyqamus.com
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى